2009-07-01

تۇقۇمچىلىق ۋە بوياقچىلىق

ھۈنەر-سەنئەتكە باي ئۇيغۇر خەلقى يىپەك يولىدىكى سودا ئالاقىسىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە جايلاشقان ،ئۇلار بۇ مۇنبەت جايدا سودا ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىكىگە تايىنىپ تاۋار-دۇردۇن،كىمخاپ،شايى-ئەتلەس ،بەقەسەم،ماتا-چەكمەنلەرنى تۇقۇپ ،يىپەك يۇلى سودىسىنى جانلاندۇرغان .
بۇنىڭىدىن 70-80يىللار ئىلگىرى،ياركەنت،خوتەن،قەشقەر ئۇستىلىرى تۇقۇغان تەتىللا،كىمخاپ،ئاق كالۋۇتۇن،سېرىق كالۋۇتۇن،زەرباب رەختىلەر چەت ئەلگە ئېكىسپورت قىلىنغان ،كېيىنكى ۋاقىتتا شاگىرت تەربىيلىمەسلىك نەتىجىسىدە بۇ كەسىپ ئۈزۈلۈپ قالغان بولسىمۇ ،ئەينى ۋاقىتىكى كىمخاب،تەيتىللالىرى ھازىرغىچە ساقلانماقتا .
ئۇيغۇرلار بىر قەدەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان خوتەن،ياركەنت،قەشقەر قاتارلىق رايۇنلار يىپەكچىلىكنىڭ ئانا يۇرتىلىرى بۇلۇپ ئۇلار ئۇزاق تارىختىن بۇيان يىپەكتىن سېرىق،ئات باغرى،قىزىل ئالا،سېرىق ئالا،ئالا قاغا،قارا قاتارلىق كۆپ خىل ئەتلەس ،تۆمۈررەڭ،يېشىل،يېشىل ئالاقاغا،مۈجەت قاتارلىق 20نەچچە خىل بەقەسەم،ئاق ،سېرىق،ئەت رەڭ،قارا،پوررەرڭ شايى،قوش يىپلىق چەكمەن شايى قاتارلىق رەختىلەردىن ،يىپەك گىلەم،جايناماز،مېھراب ياپقۇ،بەلباغ،ئاياللار ياغلىقى،چۈمپەردە،پەرىجە،ھەتتا ئەلگەك شايىلارنى توقۇغان .
پاختىدىن ھەر خىل كاتەكچە ،ھەيرانى ۋە ئانارگۈلى،يۇلغۇن چېچىكى،توز قۇيرۇقى،يېشىل،نىل رەڭ تولىما،شاتاۋا،ئاق قىرغاق سىماۋى تېرىكە،قوش يىپلىق رەڭمۇرەڭ تېرىكە قاتارلىق 70-80خىل گۈللۈك رەخت،كۆپ خىللىق ماتا-چەكمەن،ھەر خىل گۈللۈك پالاس،گۈللۈك تاغار،گۈللۈك خۇرجۇن،گۈللۈك ئىشتانباغ قاتارلىق 100نەچچە خىل پاختا تۇقۇلىملىرىنى تۇقۇغان .بۇنىڭ ئىچىدە تولانغان يىپتىن تىۋىتلىق تۇقۇپ قىزىل،قاراكۆك ياكى نىل رەڭ بىلەن بويىغان چەكمەنلەر ئالاھىدە ئورۇننى ئىگەللەيدۇ.
ئۇيغۇرلار يۇڭ تۇقۇمچىلققىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن.ئۇلار ساپ تۆگە يۇڭىدىن چەكمەن ۋە تىۋىت ئارلاشتۇرۇپ تۆگە يۇڭىدىن چەكمەن ،تىۋىت رومال،يۇڭ پالاس،كاشا،ئات-ئۇلاغلار ياپقۇسى قاتارلىق كۆپ خىل تۇقۇلمىلار ۋە يۇڭ تاغار ،يۇڭ خۇرجۇن قاتارلىق ئىپتىدائىي يۇڭ تۇقۇلمىلارنى تۇقۇغان .
ئۇيغۇرلار بوياقچىلىققا ماھىر،ئۇلار قىزىل ،نىل،قارا،قاراكۆك،زەيتۇنە،چەيزەرەڭ ،شاپتۇل چېچىكى،ئانارگۈلى،خورمارەڭ،توپا رەڭ،ئەت رەڭ،توق سېرىق،تۇخۇم سېرىقى،پوررەڭ،كاۋا چېچىكى قاتارلىق كۆپ خىل رەڭ ئىشلىتىدۇ ۋە ئارلاشتۇرۇپ تۇرىنى كۆپەيتىدۇ،رەڭلەرنى تەڭشەيدۇ.
تەڭشەلگەن رەڭلەردە يىپەك ،پاختا،يۇڭ رەختلەرنى بويايدۇ،مەشۇت بويايدۇ،ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرى قىزىل رەڭنى ياخشى كۆرىدۇ،بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر يىگىتلىرى قىزىل چەكمەن چاپان كىيىشىنى ئۆزلىرىنىڭ يىگىتلىك غورۇرى ھېسابلايدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ نىل بويىقىنىڭ دۇنياغا مەشھۇر نامى بار.
ئۇيغۇر بوياقچىلىقى مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئىگە،ئۇلار بوياق ئۈچۈن تۇخۇمەك،زاك،زەمچى،ئانار پوستى،يۇلغۇن چېچىكى،ئۆرۈك قوۋزىقى،ياڭاق پوستى،تۆمۈر دېتى،داشقال قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىدۇ.بۇ خىل بوياق ئەسىرلەر بويى ئۆڭمەيدۇ.ئۇيغۇرلاردا توقۇغان كونا رەڭلىك گىلەمنىڭ خەلقئارادا ئەتىۋارلىق بۇلۇشى ئۇنىڭ رەڭ-بوياقلىرىنىڭ ئۆڭمەس خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغانلىقىدا .

No comments: