2009-06-28

لۇتپۇللا مۇتەللىپ-يىللارغا جاۋاب

ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،
يىللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،
يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.


ئوغۇرلاپلا قاچىدۇ ئارقىغا يانماي،
بىر - بىرىنى قوغلۇشۇپ يورغىلىشىپ.
ياشلىق بېغىدا بۇلبۇللار قانات قاقماي،
يۇپۇرماقلار قۇيۇلىدۇ، پولىشىپ.


ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،
تۇلىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق.
يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،
ياشلىق گۈلىدىن تۈكىلىدۇ بىر يۇپۇرماق.


يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ، ئىزلار كۆمۈلىدۇ،
يۇپۇرماقسىز ياغاچ بىچارە بولىدۇ قاخشال ...
يىللار سېخى، قۇرۇق كەلمەيدۇ، ئەكىلىپ بېرىدۇ،
قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال.


بىراق، يىللارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ،
مەيلى ئۆتىۋەرسۇن ئۆزىنىڭ يۇلى ...
ئادەملەرمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدۇ،
چۆللەرنى بوستان قىلغان ئادەملەر قولى.


يىللارنىڭ قوينى كەڭ، پۇرسىتى نۇرغۇن،
تاغدەك ئىشلار يىللار بىلەن ئۈرە تۇرىدۇ.
قاراپ باق،ئاخشامقى بۇۋاق كىچىككىنە تۇرسۇن
تۈنۈگۈن ئۆمىلەپ، ھە ... بۈگۈن مېڭىپ يۈرىدۇ.


كۆرەشچان بالىلار قوغلىشىپ يىللار،
كۆرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ.
ئاخشام بەخت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار
قەۋرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ.


مەيلى ساقال سوۋغا قىلسا قىلسۇن يىللار،
مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا.
ئىجادىم - شېئىرىمنىڭ ئىز تامغىسى بار
ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا.


قېرىماسمەن كۈرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا،
شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا.
ئۆلۈم - پەستە قېلىش كۈرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا،
چىدام - غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ھەردەم يادىمدا.


ئېسىلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا،
يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئاتلىغان يولغا.
كۆرەش باياۋانىدا ھارماسمەن ئەسلا،
يېڭىش بىلەن كېلىپ چىقىمىز كەڭ غالىپ يولغا.


يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقالاپ كۈلمە،
ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.
قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە،
ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قويارمەن ئوغلۇمنى.


يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ،
ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ.
يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقۇتۇپ باقساڭمۇ،
« ئىجات يىللارنى قېرىتىدۇ » دەپ بېرىمىز جاۋاپ!





No comments: