2009-05-05

نەبىجان تۇرسۇن-مۇرات ناسىروف ۋە مەن

ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى باشقا خەلقلەرگە ئوخشاشلا ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلىك شانلىق مەدەنىيەت ۋە سىياسىي تارىخ ئەنئەنىسىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ چىن قەلبىدىن پەخىرلىنىدىغان، سۆيىدىغان ۋە ئۇلۇغلايدىغان سۇلتان سۇتۇق ، مويۇنچۇر ، سەئىدىخان كەبى ئىمپېراتورلىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك سىياسىيون-دۆلەت ئەربابلىرى، مەھمۇت قەشقىرى كەبى ئالىملىرى، ئەلىشىر ناۋايى كەبى يازغۇچى-شائىرلىرى ۋە ئاماننىساخان كەبى سەنئەتكارلىرىدىن ئىبارەت كۆپلىگەن نامايەندىلىرىگە ئىگە بولغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق ۋە سەلتەنەتلىك ئۆتمۈشى ھەم ئەشۇ بۈيۈك نامايەندىلىرى ئۇلارنىڭ مىللىي ئېڭىنىڭ يىلتىزىنى سۇغارغۇچى روھى مەنبە بولغان بولسا، 20 - ئەسىردە مەيدانغا چىققان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئۇلۇغ ئادەملىرى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە كۈچەيتىشنىڭ ئاۋانگارتلىرى سۈپىتىدە تېڭىرقاش ھەم ئۈمىدۋارلىق بىلەن كېلەچەككە قاراپ مەردانە قەدەم تاشلاۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئىلھام بېرىش شۇنىڭدەك چاقىرىق قىلىشتەك شەرەپلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرماقتا. 20-21-ئەسىردىكى ئۇيغۇر مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىشكە ھەسسە قوشۇۋاتقان ئۇيغۇر پىداكارلىرىنىڭ سانى ۋە كەسىپ دائىرىسى كۆپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىمۇ ئاللىقاچان تەكلىماكان ۋە جۇڭغارىيىدىن ئىبارەت ئىككى ئويمانلىقتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ياۋرو-ئاسىياغا جۈملىدىن دۇنياغا يۈزلەندى ھەمدە خەلقئارالىق تۈس ئالدى. ئۇزۇن يىللار بۇ ئىككى ئويمانلىققا دۈملەپ قويۇلغان ئۇيغۇر كىملىكى بۈگۈنكى كۈندە تارىختىكى ئورخۇن دۆلىتىنىڭ ئىگىلىرىلىق سۈپىتى بىلەنلا ئەمەس بەلكى، يېڭى ئۇيغۇر كىملىكى ھالىتىدە يەر شارىغا تونۇلۇشقا باشلىدى. دۇنيا مۇنداق بىر مىللەتنىڭ ھېچقاچان ئۇنتۇلۇپ كېتىلمەيدىغانلىقى، بەلكى ئەجدادلىرىغا ئوخشاشلا يېڭى تارىخ يازىدىغانلىقىغا ئىشەندى ۋەئىشەنمەكتە.

مەن ئەنە شۇ كۆپلىگەن تالانتلىق ۋە پىداكار كىشىلىرىمىز قاتارىدا پەقەت ئاددىي بىر ئۇيغۇر ناخشىچىسى يەنى ئۇيغۇر سەنئەتكارى ھەققىدە ئاساسىي تېما سۈپىتىدە توختالماقچىمەن. ئەمما ئەسكەرتىمەنكى، مېنىڭ نەزىرىمدە ئۆز خەلقى ئۈچۈن جاۋاپكارلىق تۇيغۇسى ھېس قىلغان ھەم مىللىتىنىڭ ئالدىدا نېمىنىڭ نومۇس، نېمىنىڭ شەرەپ ئىكەنلىكىنى ھەس قىلالىغان ئاددىي ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا ئەڭ سۆيۈملۈكتۇر !

رۇسلارنى ئۇسۇلغا سالغان ئۇيغۇر مۇڭى

سۆيۈملۈك دوستلار! شۇنچە شوخ" گۈل ئايىم" ناخشىسى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، ھاياتلىققا رومانتىك مۇھەببەت تۇيغۇسى بىلەن ئۈزۈلمەس شىجائەت بەخش ئېتىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم! بەلكى، بۇ ناخشىنى بىلمەيدىغان بىرمۇ ئۇيغۇر بولمىسا كېرەك؟! ئۇيغۇرنىڭ پاك مۇھەببەتكە، ساداقەتمەنلىككە شۇنداقلا ئەركىن، شاد-خورام ھاياتقا بولغان ئىنتىلىشى بىلەن يۇغۇرۇلغان بۇ ناخشا ئۇيغۇرنىڭ مەنىۋى كۈچ قۇۋۋىتىنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە، ئۇيغۇرنىڭ ئايىغى تەككەن يەرلەرنىڭ ھەممىسىگە يېتىپ بارغان ھەم بارماقتا. مانا بۈگۈنكى كۈنلەردە بۇ ناخشا رۇسىيە سەھنىلىرىنى زىل-زىلىگە سېلىپ، سەنئەتخۇمار رۇس تاماشىبىنلىرىنى ئورۇنلىرىدىن تۇرغۇزىۋەتمەكتە. بۇ ناخشا بىپايان رۇسىيىنىڭ موسكۋا، سانكىت پېتىربۇرگ قاتارلىق كۆپلىگەن چوڭ-كىچىك شەھەرلىرى ھەتتا سىبىرىيە ئورمانلىقلىرىدىكى سوغۇق ئىقلىم قىشلاقلىرىدا، ۋولگا -ئۇرال ۋادىلىرىدا، ئۇكرائىنىيىنىڭ دنېپر دەريالىرى ۋادىلىرىدا، بەلارۇسىيىنىڭ يېشىللىققا پۈركەنگەن تۈزلەنگلىكلىرىدە، مولداۋىيەنىڭ ئۈزۈمزارلىقلىرىدا ياڭراپ، ئۇ يەرلەردىكى كىشىلەرگە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دوستلۇق تىلەكلىرىنى بىلدۈرمەكتە. ئۆمىرىدە ئۇيغۇر دېگەن نامنى ئاڭلاپ باقمىغان كىشىلەر ئۇيغۇرنىڭ بۇ شوخ ناخشىسىنىڭ كۈچلۈك مۇزىكىلىق ئۇدارلىرىغا جۈر بولۇپ ئۇسۇلغا چۈشمەكتە. ئەلۋەتتە، ئۆزىدىن باشقا خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆزىدىن ئۈستۈن كۆرۈش تۇيغۇسى ۋە ئۆزىدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئاھاڭلىرىدىن زوق ئېلىش ئىقتىدارى كەمچىلىك بىلەن تونۇلغان رۇسلارنىڭ ئۇيغۇرنىڭ كىچىككىنە بىر يېزىسى بولغان ئاتۇشنىڭ ئەنئەنىۋى خەلق ئاھاڭلىرىغا ئۇسۇلغا چۈشىشى زور بىر مۆجىزە بولسا كېرەك؟ بۇ مۆجىزە پەقەت مەخسۇس رۇس مۇزىكىلىرىنى ۋە رۇسلارنىڭ مۇزىكا پسىخىكىسىنى ياخشى چۈشەنگەن ئۇيغۇر يىگىتى مۇرات ناسىروف تەرىپىدىن يارىتىلدى.

ئۇنداقتا مەزكۇر ناخشىنى شۇنچە يېقىملىق ئېيتىپ، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقى كىشىلىرىنى ھاياجانغا سالغان بۇ ناخشىچى كىم؟ ئۇ، بۈگۈنكى كۈندە رۇسىيە جۈملىدىن پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىدا مەشھۇر بولۇپ تونۇلغان، ناخشا خۇمار ياشلارنىڭ چوقۇنۇش ئوبيېكتىغا ئايلانغان، ناخشا چولپىنى مۇرات ناسىروفتۇر. مۇرات ناسىروف بۈگۈنكى رۇس ئەسترادلىق ناخشا -مۇزىكىسىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋەكىللىرى ئاللا پۇگاچېۋا، فىلىپ كىركوروۋ، ئولېگ گازمانوپ، ۋالېرى لىئەئونتېۋ ۋە باشقىلار غا ئوخشاش شان-شۆھرەتكە ئەرىشكەن بولۇپ، ھازىرقى زامان رۇسىيە سەنئەت تارىخىدىن پەخىرلىك ئورۇن ئالغان.
ئەلۋەتتە، شوخ ۋە يېقىملىق ناخشا-مۇزىكىلارنىڭ ۋاقتى كەلسە مىللەت ۋە تىل ئايرىمىسى بولمايدۇ، ئەنە شۇنداق ھەممە مىللەت جۈملىدىن ھەممە ئىنسان ئورتاق ھوزۇرلىنالايدىغان، بەھر ئالالايدىغان ناخشا-مۇزىكىلارنى ھەممە مۇزىكانت ئىجاد قىلالمايدۇ شۇنداقلا ھەممە ناخشىچىلار ئېيتالمايدۇ.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىلگىرى كېيىن ئىككى ئۇيغۇر ناخشىسى رۇسلارنى قىسقىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ھەر مىللەت تاماشىبىنلىرىنى ئۇسۇلغا چۈشۈردى دېسەك مۇبالىغە بولمىسا كېرەك، بۇ ئىككى ئۇيغۇر ناخشىسىنىڭ بىرى 70-80-يىللاردا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا تونۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ " ياشلىق " ئانسامبىلى تەرىپىدىن ئورۇنلانغان " ئاپپاق-ئاپپاق توشقانلار" بولسا، يەنە بىرى 90-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ۋە ھازىرمۇ ئېيتىلىۋاتقان "گۈل ئايىم" ناخشىسىدۇر. ھەر ئىككىلا ناخشا ئۇيغۇر خەلق ئىجادىيىتىگە مەنسۇپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىجراچىلىرىنىڭ ئىسىملىرى مۇرات بولۇپ، ئالدىنقىسى قازاقىستان خەلق ئارتىسى، قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ دىرېكتورى مۇرات ئەخمەدى ئىدى. 70-80-يىللاردا " ياشلىق" ئانسامبىلىغا رەھبەرلىك قىلغان ياش مۇرات ئەخمەدى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇنجى قېتىم مەخسۇس گۇرۇپپا تۈزۈپ، ئۇيغۇر چالغۇلىرى بىلەن غەرب ۋە زامانىۋى چالغۇلارنى ھەم مۇزىكا ئۇدارلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە شۇنىڭدەك سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشقا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە رايونلىرىدا ئورۇنلاپ، مىليونلىغان ئىخلاسمەنلەرنى بويسۇندۇرغان ئىدى. ياشلىق ئانسامبىلىنىڭ گۇرۇپپىسى دائىم تېلېۋىزور ئېكرانلىرىدا كۆرۈنۈپ، "ئاپپاق-ئاپپاق توشقانلار" ناخشىسى رادىئو- تېلىۋىزورلاردا دائىم ياڭراپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ توي -تۆكۈنلىرىدە، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا ۋە تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدە بۇ ناخشىنى ئېيتىش ھەم ئۇسۇل ئويناش نورمال ئەھۋالغا ئايلانغان ئىدى.

مۇرات ئەخمەدىنىڭ نامى ئەينى ۋاقىتتا ياشلىق ئانسامبىلى بىلەن ھەم ئەشۇ ئۆزى ئورۇندىغان بىر قاتار ناخشىلىرى بىلە زىچ باغلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىرى تار ئۇيغۇر دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن. بەلكى، مۇرات ئەخمەدى ھازىرمۇ ئەشۇ 20 -30 يىللارنىڭ ئالدىدىكى شۆھرىتى بىلەن ياشاۋاتقان بولسا، كېرەك؟! مۇرات ئەخمەدى دېسە كىشىلەر ئۇنىڭ ھازىرقى ناخشىلىرى ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ياشلىق مەزگىلىدە ئېيتقان " ئاپپاق-ئاپپاق توشقانلار"، " بىرىنچى مۇھەببەت" ۋە باشقا بىر قاتار ناخشىلىرىنى ئەسلىرىگە كەلتۈرىدۇ. قىسقىسى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى نوپۇسى ئاز مىللەت ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇردىن چىققان ئىككى مۇرات ئۇ يەرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى تونۇتتى. كېيىنكى مۇرات بۇرۇنقى مۇراتتىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەنكى، ئۇ موسكۋادەك رىقابەت شەھىرىدە، رۇسلارنىڭ مانا مەن دېگەن چولپانلىرى رىقابەتلىشىپ، ئاخىرى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈكلىرى ۋە تالانتلىقلىرى ئۇتۇپ چىقىدىغان بىر جايدا رىقابەت مەيدانىغا چۈشۈپ، داڭ چىقاردى ۋە شۆھرەت قازاندى. !

ئەلۋەتتە، ھەر بىر ناخشىچىنىڭ دەۋر سۈرىدىغان، شان-شەرەپ قازىنىدىغان، سان-ساناقسىز ئىخلاسمەنلەرنى مەھلىيا قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى مەنىۋى جەھەتتىن بويسۇندىرىدىغان بىر مەزگىلى بولىدۇ شۇنىڭدەك يەنە يېڭى ئەۋلادلارغا ئورۇن بېرىپ، پەخىرلىك نامى ۋە ئاۋازى بىلەن ئۆز ھۆرمىتىنى ساقلاپ قالىدىغان ۋە ياكى ئۇنى يوقىتىپ، بارا-بارا ئىخلاسمەنلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلىدىغان مەزگىلىمۇ بولىدۇ. ئەمما، مۇرات ناسىروف ئالدىنقىسىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆز شۆھرىتىدىن مەھرۇم قالمىدى ھەم تېخىمۇ يېڭى ۋە زامانغا لايىق ئىجادىيەتلىرىنى مەيدانغا چىقىرىپ، ئىخلاسمەنلىرىنىڭ سانىنى ۋە دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتمەكتە ۋە كۆپەيتمەكتە.

دېمەك، مېنىڭ بايان قىلىدىغىنىم كونا مۇرات ئەمەس بەلكى يېڭى مۇرات، يەنى موسكۋا چولپانلىرى تىزىملىكىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالغان، مىليونلىغان ناخشا-خۇمار رۇس ئىخلاسمەنلىرى ئۆزىگە مەھلىيا قىلغان ۋە مەنىۋى جەھەتتىن بويسۇندۇرغان مۇرات ناسىروفتۇر !

ئۇيغۇر روھى بىلەن يۇغۇرۇلغان مۇرات

ھەرقانداق بىر دەۋر سۈرۈپ داڭ چىقارغان شەخسنىڭ مۇئەييەن بىر ئۆسۈپ-يېتىلىش ھەم ئۆز مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئېرىشىش مۇساپىسى بولىدۇ، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بۇ شەخسنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللار ۋە سەۋەبلەر بولىدۇ. مۇراتنىڭ نەتىجە قازىنىشىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس بىر سەۋەبى بار، ئۇ بولسىمۇ، ئۇيغۇر مىللىي روھى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئاتا مىراس سەنئەت روھىدۇر.

مۇرات ناسىروف 1969-يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھرىدە سەنئەتكار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. خۇددى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ، نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدە مەلۇم بىر ئاساسى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان سەۋەپ بولغىنىدەك مۇرات ناسىروفنىڭمۇ مۇنداق مەشھۇر سەنئەتكار بولۇپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيىلىشى، كۆيۈنۈشى ۋە قوللىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، دەسلەپكى ناخشا- مۇزىكا تەربىيىسىنى دادىسىدىن ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى ئىسمائىلناسىروف ئەسلى كەسپىي سەنئەتكار ئىدى.

ئىسمائىلاكا قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، 1940-يىللاردىن باشلاپ قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى سەنئەت گۇرۇپپىلىرىدا ئىشلىگەن. 1945-يىلى 8-ئايدا مىللى ئارمىيىنىڭ پودپولكوۋنىكى سوپاخۇن باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا مۇزارت داۋىنى ئارقىلىق جەنۇبقا چۈشۈپ، ئاقسۇنى قورشاۋغا ئالغاندا، ئىسمائىلاكا مىللىي ئارمىيە سېپىگە پىدائىي بولۇپ قوشۇلۇپ، ئاقسۇ ئەتراپىدىكى جەڭلەرگە قاتناشقان. 1945-يىلى 10-ئايدا مىللى ئارمىيە بۇيرۇق بويىچە شىمالغا چېكىنىپ چىققاندا، ئۇ سوپاخۇن پولكىدا سەنئەت كۇرۇجۇكى قۇرغان. كېيىن، غۇلجىغا يۆتكىلىپ، شەرقىي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدە ۋە مىللى ئارمىيە سەنئەت ئۆمىكىدە خىزمەت قىلغان. ئەينى ۋاقىتتىكى جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سەنئەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن ناخشا-مۇزىكا ئىشلىرىمۇ تەرەققى قىلغان بولۇپ، بىر تۈركۈم ياش مۇزىكانتلار، ناخشىچىلار يېتىشىپ چىققان، روزا تەمبۇر قاتارلىق بىر قىسىم پېشقەدەم سەنئەتكارلارغا "خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىست" دېگەندەك شەرەپلىك ناملار بېرىلگەن ئىدى. ئىسمائىلاكا شەرقىي ھۆكۈمىتىنىڭ يارىتىپ بەرگەن بۇ ئەۋزەللىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، قابىلىيىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈردى.

ئىسمائىل ئاكا 1949-يىلى 12-ئايلاردا شەرقىي ھۆكۈمىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، مىللى ئارمىيە جۇڭگو ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 5-كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەندە، مۇھەممەد ئىمىن ئىمىنوۋ قوماندانلىقىدىكى 13-دىۋىزىيە تەركىبىدە جەنۇبقا چۈشۈپ، قەشقەرگە ئورۇنلىشىپ، ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ چاغدا ئۇ 13-دىۋىزىيە سەنئەت ئۆمىكىدە ئاساسلىق ناخشىچى ۋە مۇزىكانتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولۇپ، مىللىي ئارمىيە 5-كورپۇس ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندا، 13-دىۋىزىيىمۇ قىسقارتىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ھەرەمباغ، جىڭ -شىخولاردىكى قاتتىق جەڭلەردە تاۋلانغان قەھرىمان ئوفىتسېرلار ۋە پېشقەدەم جەڭچىلەر ھەربىي سەپتىن بوشۇتۇلۇپ، ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلغاندا ۋە ئەمگەك مەيدانلىرىغا ئەۋەتىلگەندە، ئىسمائىل ناسىر ئاكىمۇ ھەربىي سەپتىن بوشۇتۇلغان. ئۇ، 1958-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەتكەن ھەمدە ئالمۇتىغا كېلىپ ماكانلىشىپ قالغان. مۇرات مانا شۇ پېشقەدەم سەنئەتكارنىڭ تەربىيلىشىدە ئالدى بىلەن ئىسكىرىپكا ۋە ناخشا ئېيتىشنى ئۆگەنگەن. ئۇ، ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا دادىسى ئۆگەتكەن ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى بولۇپمۇ، مىللىي ئارمىيىنىڭ مارشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنقىلابىي ناخشىلىرىنى ئائىلە سورۇنلىرى ۋە مەكتەپلەردە ئېيتىپ، ئۆز تالانتى بىلەن كىشىلەرنى قايىل قىلغان. مۇراتنىڭ ئانىسى خاتىرە خانىممۇ ئوغلىنىڭ بالىلار باغچىسى، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىدىلا دادىسىدىن كۆپلىگەن ناخشىلارنى ئۆگىنىپ ئېيتقانلىقى ھەتتا ئۆزى سەنئەت گۇرۇپپىسى قۇرغانلىقىنى، دادىسىنىڭ بۇنىڭدىن ھاياجانلىنىپ، ئۇنى پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن تەربىيىلىگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتكەن ئىدى.

مۇرات باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئالمۇتىدا تۈگەتكەندىن كېيىن، 18 يېشىدا ئارمىيە سېپىگە چاقىرتىلىپ، تۈركمەنىستاندا خىزمەت ئۆتىگەن. ئۇنىڭ ئاكىسىمۇ سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ مايور دەرىجىلىك ئوفىتسېرى بولۇپ، ئۇ ئىنىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان ئىكەن. مۇرات ھەربىيدىكى ۋاقتىدىمۇ سەنئەت كۇرۇجۇكى تەشكىل قىلىپ، سەپداشلىرىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن ئىدى. ھەربىي خىزمەتنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ سەنئەت تالانتىغا قايىل بولغان موسكۋالىق رۇس سەپداشلىرى ئۇنى موسكۋاغا بېرىپ، ئوقۇشقا دەۋەت قىلغان. مۇرات تەۋەككۈل قىلىپ، ئۆيىگە قايتماستىن ئۇدۇل موسكۋاغا بېرىپ، ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن گنېسوپ نامىدىكى مۇزىكا ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، ئۇنى 1996-يىلى پۈتتۈرگەن.

موسكۋادىكى ئوقۇش ھاياتى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسانغا چۈشمىگەن بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنى ئىقتىسادىي مەنبە قىلىشنى نومۇس دەپ بىلگەن بۇ ئۇيغۇر يىگىتى بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئېغىر-يېنىك جىسمانىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۇرمۇش راسخودىنى ئۆزى ھەل قىلغان. ئۇ، قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي، تىرىشىپ ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ تالانتى تېزدىنلا مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچىلارنى شۇنىڭدەك ئۇستازلىرىنى قايىل قىلغان.

مۇرات ناسىروف1991-يىلى يالتا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ياشلار فېستىۋالىغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە سازاۋەر بولغان ھەمدە پوپ ناخشا تۈرلىرى بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگەللەپ، ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. يالتىدا قولغا كەلگەن مەزكۇر زور نەتىجىدە مۇراتنىڭ سەنئەت ھاياتىغا ئىلھام بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ موسكۋا سەنئەتكارلىرى ئارىسىدا تونۇلۇشى ھەم ئۇلارنىڭ دىققەت قىلىشىغا يول ئاچقان. مۇرات بىر ياقتىن ئوقۇپ يەنە بىر ياقتىن ئۆزىنىڭ "يېڭى پورت" ناملىق ناخشا-مۇزىكا گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن بىرگە كونسېرتلار ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان شۇنىڭدەك يەنە بەزى كىنو ۋە تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ، ناخشىلىرىنى ئېيتىپ بەرگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئاتاقلىق چولپانلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىشىنىڭ ئاساسىنى ياراتقان ئىدى.

موسكۋادا بىرگە يېگەن لەغمەن


1995-يىلى، مېنىڭ موسكۋادىكى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدا دوكتۇرلۇق دىسسېرتاتسىيەمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياقىلاپ، ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەندىن كېيىن يەنە شۇ ئورۇندا ئىلمىي تەتقىقات پائالىيەتلىرىمنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان كۈنلىرىم ئىدى. نامىنى ئۇزۇندىن بۇيان ئاڭلاپ، ئۇنىڭ "گۈل ئايىم" ناخشىنى موسكۋا تېلېۋىزىيىسىدە ئورۇندىغان قىياپىتىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇشنى ئارزۇ قىلىپ يۈرگەن ئەشۇ كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە ئالمۇتادىكى مەلۇم بىر دوستۇم ئارقىلىق ئۇنىڭ موسكۋادىكى ئۆيىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئالدىم ۋە ئۇنىڭغا تېلېفون بەردىم. مېنىڭ ئۇيغۇرچە ئەھۋال سورىغىنىمدىن ھەيرانلىق ۋە ھاياجانلىق ئىپادىلىرىنى بىلدۈرگەن مۇرات مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە رازى بولدى.
كۆرۇشىشكە پۈتۈشكەن مېترو ئېغىزىدا ئۇنى كۈتۈپ تۇراتتىم، توساتتىن "ئەسسالامەلەيكۇم ! "دېگەن ئۇيغۇرچە ئەھۋال سوراش ئاۋازى ئاڭلاندى. ئالدىمدا ئىگىز بويلۇق، ئۇزۇن چاچلىق، گەۋدىلىك ئوتتۇرا ئاسىيا تىپىدىكى بىر يىگىت كۈلۈمسىرەپ پەيدا بولدى. مەن دەرھاللا ئۇنىڭ مۇرات ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم ۋە مەنمۇ جاۋابەن 'ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، سىز مۇراتمۇ؟ " دېدىم. " شۇنداق" دېدى ئۇ. بىز قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۇق، مەن مۇراتنىڭ ئۇيغۇرچە بىلگەنلىكىدىن خوش بولساممۇ، لېكىن بەزى سۆزلىرىمنى چۈشەنمەي قالمىسۇن دەپ رۇسچە سۆزلەشكە باشلىدىم، مۇرات كۈلۈپ تۇرۇپ، رۇس تىلىدا "مۇمكىن بولسا سىز ھەممە گەپلىرىڭىزنى ئۇيغۇرچە ئېيتسىڭىز، مەن ئۇزۇندىن بۇيان بۇ ئاۋازغا تەشنا ئىدىم، مېنىڭ ئۇيغۇرچەم ياخشى ئەمەس، لېكىن سىزدىن ئۆگىنىۋالاي "دېدى. شۇنداق قىلىپ، رۇسچە بىلەن ئۇيغۇرچىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەشتۇق. بۇ چاغدا مەن مۇراتنى تونۇشسۇن دەپ ياتىقىمغا ۋەتەندىن ساياھەتكە ۋە ئوقۇشقا كەلگەن بىر قانچە ئۇيغۇر دوستلىرىمنى تەكلىپ قىلغان ئىدىم. مەن مۇراتنى ئۆيگە باشلاپ كىرگىچە ئۇلار لەغمەنگە تەييارلىق قىلىپ قويۇپتۇ. سورۇنىمىز قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدى.
مۇرات ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان موسكۋادا ياشاپ، ئۇيغۇرلار بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇپ باقمىغانلىقىنى، مۇنداق ئۇيغۇرچە تۈس ئالغان قاينام تاشقىنلىق مەنزىرىنى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتتى. بولۇپمۇ، ئارىمىزدىكى لەغمەنگە ئۇستا دوستىمىزنىڭ ئىنچىكە تارتقان چۆپلىرى، كېلىشتۈرۈپ قورىغان قورۇمىسى مۇراتقا بەكلا يېقىپ كەتتى، ئەيىبكە بۇيرىماسلىقنى تەلەپ قىلغان مۇرات ئۆزىنىڭ بۈگۈن لەغمەندىن كۆپرەك يەپ قويىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىن لەغمەنگە ئامراق ئىكەنلىكىنى، بىراق لاتىش مىللىتىدىن بولغان ئايالىنىڭ لەغمەن ئېتەلمەيدىغانلىقى سەۋەبىدىن ئانىسى ئېتىپ بەرگەن ئەشۇ لەغمەنلەرنى دائىم سېغىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپ ھەممىمىزنى كۈلدۈرۈۋەتتى. دېمىسىمۇ، ئۇيغۇر لەغمەنسىز ياشىيالمىسا كېرەك، مەن مۇنداق ئۇيغۇر ھاياتىدىن بۇرۇنلا ئايرىلىپ، باشقا بىر مىللەتلەرنىڭ جەمىيىتىگە سىڭىپ كەتكەن بىر قانچە ئونلىغان ئۇيغۇرنىڭ يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ لەغمىنىنى سېغىنىدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى باشقا مىللەت بىلەن تۇرمۇش قۇرغان ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ بولسا ئەشۇ باشقا مىللەتتىن بولغان ئاياللىرىغا ئالدى بىلەن لەغمەن ئېتىشنى ئۆگىنىش تەلىپى قويىدىغانلىقىنى، لەغمەن ئېتەلمىسە، ھېچ بولمىغاندا تەييار چۆپ سېلىپ، لەغمەن يېگەندەك ھېسسىياتقا كېلىدىغانلىقلىرىنى، باشقا مىللەتكە تەگكەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بولسا ئەرلىرىنى لەغمەنگە ئامراق قىلىۋەتكەنلىكلىرىنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم.

ھېس قىلىشىمچە دۇنياغا تېرىقتەك چېچىلىپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئارىسىغا چۆكۈپ كەتكەن ھەمدە باشقا مىللىي مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىككى نەرسىسىنى يەنى بىرى ئۆز ئانا تىلىدىكى مىللىي كىملىكنى ئىسپاتلايدىغان "مەن ئۇيغۇر" دېگەن ئەقەللىي جۈملە بىلەن ئۆز مىللىي تاماقلىرىنىڭ بىرى بولغان لەغمەننى ئۇنتۇپ قالمىغان. مەن بۇنىڭغا بولسىمۇ، شۈكرى دېدىم، ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇمىغىن مىللەتتە يەنىلا ئۈمىد بار ! ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ يامىنى ئۆزىنى ئۇنتۇش ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇشتۇر ! مىللىي كىملىك بىلەن مىللىي روھ زىچ بىرلىشىپ كەتكەن. بىر مىللەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئالدى بىلەن ئۇ مىللەتنىڭ تىلىنى ئۇنتۇلدۇرۇش، ئۇنىڭغا ئۇلاپ، مىللىي روھىنى، ئاخىرىدا بولسا مىللىي كىملىك تۇيغۇسىنى يوقىتىشتىن ئىبارەتتۇر. ئەگەر بىر مىللەت مىللىي تىلى، مىللىي روھى ۋە مىللىي كىملىك تۇيغۇسىنى مۇستەھكەم ساقلاپ قىلالىسا، ھامان ئۆز كېلەچىكىنى تاپىدۇ.

مۇرات بىزگە سەنئەت پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ دائىم قازاق سپونسورىنىڭ (ئىقتىسادىي كاپالەتچىسى)تەلىپى بويىچە ئۆزىنى قازاقىستانلىق دەپ يۈرۈشكە ھەتتا بەزى يەرلەردە قازاق دېيىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ چاغدا مۇرات تېخى كەڭ تونۇلمىغان بولۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللايدىغان كىشىلەرگە مۇھتاج ئىدى. ئۇ، مىڭ تەسلىكتە ئەشۇ قازاق سپونسورنى تاپقان ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە؛ ئۇ ئاخشاملىرى موسكۋانىڭ كەچلىك كۇلۇبلىرىدا ناخشا ئېيتىپ، تۇرمۇش كىرىمىنى ھەل قىلىدىكەن ۋە ئۆزىنىڭ ناخشىلىرىغا سۈرەت كىرگۈزۈش ئارقىلىق تېلېۋىزىيە ئەركانلىرى ئارقىلىق كەڭ تونۇلۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەپ يۈرگەن ئىكەن. zc3S +S-

زور مىقداردا ئىقتىسادىي مەبلەغنىڭ بولماسلىقى ئۇنىڭ تالانتىنىڭ كەڭ تۈردە نامايەن قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا ئىكەن، "ئەگەردە ئۇيغۇرلاردىن ئۆز مەدەنىيىتى ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىدىغان بىرەر باي چىقىپ قالغان بولسا، سىزنىڭ تونۇلىشىڭىزغا پايدىسى تېگىپ قالار ئىدى" دېدىم مەن مۇراتقا. ئۇ، "ئىنشا ئاللا " دەپ جاۋاب قايتۇردى ئۇيغۇرچە قىلىپ. بىز ھەممىمىز ئۇنىڭغا ياخشى تىلەكلىرىمىزنى بىلدۈردۇق. مەن مىسكىن مىللەتلەرنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى ئەشۇنداق بىر-بىرىگە قۇرۇق تىلەك تىلەش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويۇمغا كەلتۈرۈپ خىجىللىق ھېس قىلدىم. ئامال قانچە؟ ئەينى ۋاقىتتا موسكۋادا قازاقىستاننىڭ " ئا- ستۇدىيە" ناملىق بىر گۇرۇپپىسى خېلى نام چىقىرىپ قالغان ئىدى. مۇراتتەك ئاۋازى يوق قازاق ناخشىچىسى باتىرخان پات-پاتلا تېلېۋىزور ئېكرانلىرىدا رۇسىيىنىڭ ئاتاقلىق چولپانلىرى قاتارىدا كۆرىنىپ تۇراتتى. گرۇزىيىلىك، بېلارۇسىيىلىك ۋە ئۇكرائىنىيىلىك بىر قانچە ناخشىچىلارمۇ تېزدىن شۆھرەت قازىنىپ كەتتى. خەلق ئىچىدە بولۇۋاتقان سۆز-چۆچەكلەردە بۇ چولپانلارنىڭ رۇسىيە سەھنىسىدە تونۇلىشىدا ئۆز جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۆز جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئاتاقلىق بايلىرىنىڭ مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان بىچارە مۇراتقا كىممۇ يار –يۆلەك بولسۇن؟ ئۆز كۈچىگە تايانماي نە چارە؟ چۈنكى، ئۇنىڭغا ئىگە بولىدىغان ئۇنىڭ مىللىي جۇمھۇرىيىتى يوق –دە؟ مۇرات شۇ چاغدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرنىڭ تەلەيسىزلىكىدىن بەكمۇ ئېچىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما، ئۇ چولپانلار تېزدىنلا غايىپ بولدى، كىشىلەر ئۇلارنىڭ ناخشىلىرىنى ئۇنتۇپ بولدى.

پاراڭلىرىمىز جەريانىدا مۇراتقا مەن ئانا ۋەتەندىكى ئۇيغۇر سەنئىتى جۈملىدىن مىللىي ناخشا-مۇزىكا ۋە ياشلاردىكى يېڭىچە يۈزلىنىش، ئوتتۇرا ئاسىيا، تۈركىيە ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ زامانىۋى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىغا بولغان تەسىرى ۋە باشقا ئەھۋاللار ھەققىدە سۆزلەپ بەردىم. بىراق، مۇرات ۋەتەندىكى بۇ يېڭىچە تەرەققىياتتىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، ئەمما دادىسى ئېيتىپ بەرگەن كونا ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى ۋە بىر قىسىم ئۆزبېكچە، تۈركچە ناخشىلارنى ئېيتىشنى بىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ كۆپرەك غەربچە بولۇپمۇ، ئىنگىلىزچە ناخشىلارغا ئىشتىياق باغلىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. مۇرات ھەقىقەتەن ئىنگىلىچە ناخشىلارنىمۇ ياخشى ئېيتاتتى. ئۇ، 90-يىللارنىڭ بېشىدا ئالمۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن "ئاسىيا تاۋۇشى" ناخشا فېستىۋالىدىمۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئىنگىلىزچە ناخشا ئېيتقان ئىدى. !

مۇرات بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىمدە مەن ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا يۈزەكى چۈشەنچىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم. بىر قېتىم مەن ئۇنىڭغا " گۈل ئايىم" ناخشىسىدىن باشقا ئۇيغۇرچە ناخشىلارنىمۇ موسكۋا سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىش تەكلىپىنى بەرسەم، ئۇ " ئۇيغۇرچە ناخشا بىلەن داڭ چىقارغىلى بولمايدۇ، مەن "گۈل ئايىم" ناخشىسىدىن باشقا ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتمايمەن. مۇشۇ بىرسى يېتىدۇ" دېگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئىدىيىسىدىن مەن، ئۇنىڭ خۇددى باشقا نۇرغۇنلىغان سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدا مەۋجۇت ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىگە ئېرەڭسىز ۋە ياكى بەرىبىر دەپ قاراشتەك ئورتاق ھېسسىياتنى، قىسقىسى بارلىق دېگۈدەك رۇس ئەمەس مىللەتلەردە مەۋجۇت رۇس مەدەنىيىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرۈش، پەقەت رۇس مەدەنىيىتى ئارقىلىقلا دۇنياغا تونۇلۇشقا بولىدۇ دەيدىغان خائىشلارنىڭ ئېغىرلىقىنى سېزىۋالغان ئىدىم. ئەلۋەتتە، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ خاتالىقى بولماستىن، ئەشۇ دەۋرنىڭ خاتالىقى ھەم دەۋرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان سوغىسى ئىدى. بەلكى بۇ كوممۇنىزم قالپىقى ئاستىدىكى ئۇلۇغ رۇس مىللەتچىلىك ئىدىيىسى يوشۇرۇنغان يەتمىش يىللىق تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئە ئىدى. مەن مۇراتنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۇيغۇر روھىيىتىگە تولۇق قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلدىم ۋە ئىشەندىم. لېكىن، ئۇنىڭ بۇ سۆزىنىڭ يەنىلا مەنتىقىسى بار ئىدى.

نوپۇس ۋە سىياسىي جەھەتتە مۇتلەق ئاجىز ئورۇندا قالغان بىر مىللەتنىڭ پەقەت ئەشۇ ھەر جەھەتتىن ھاكىم مىللەتنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىپ چىقىش ۋە ئۆزىنى تىكلەش ھەم قۇتۇلدۇرۇش يولىنى تاللىشى مەجبۇرىيەتتۇر خالاس ! مۇرات دەل شۇنداق قىلدى ! مەن تاكى 1996-يىلىغىچە ئۇنىڭ بىلەن بىر قانچە قېتىم كۆرۈشتۈم ۋە تېلېفونلىشىپ تۇردۇم. ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئارزۇلىرى ۋە تىرىشچانلىقلىرى 1997-يىلىدىن كېيىن بىردىنلا ئەمەلگە ئاشتى. ئۇنىڭ نامى ھەقىقەتەن بىردىنلا پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىغا كەڭ تونۇلدى. ئۇ، "تامبوۋغا بارماقچى بولغان بالا" ناملىق ناخشىسىنى ئېيتىپ، داڭ چىقاردى. ئۇنىڭ بۇ ناخشىسى رۇسىيە جۈملىدىن پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىدىكى ياشلارنىڭ ئەڭ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ۋە ئاڭلايدىغان ناخشىسىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ ناخشا ئېيتىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرى تەرىپىدىن ھەر كۈندىكىدەك نەچچە قېتىملاپ كۆرسىتىلىپ، ئۇنىڭ ئوبرازى ۋە ناخشىلىرى كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىراتلار قالدۇردى. مۇرات ناسىروف ئارقىدىنلا ئاتاقلىق رۇس ناخشىچىسى ئاپىنا بىلەن بىرگە "ئايدىڭ كېچە" ناملىق ناخشىسىنى ۋە " مەن دېمەك سەندۇر" ناملىق ناخشىسىنى ئېيتىپ، ناخشا ھەۋەسكارلىرىنى يەنە بىر قېتىم زىل-زىلىگە سالدى. ئۇنىڭ بۇ ناخشىسى مەخسۇس كۆرۈنۈشلەر بىلەن كىرۈشتۈرىلىپ، تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىدا كۆرسىتىلدى. ھەتتا، ئۇنىڭ ئاتاقلىق رۇس ناخشا چولپىنى، گۈزەل رۇس قىزى ئاپىنا بىلەن بولغان رومانتىك مۇھەببەت ھىكايىسى كىشىلەر ئارىسىدىكى رىۋايەتلەرگە ئايلاندى. ئەپسۇسكى، بۇنداق ئىش بولمىغان ئىدى.
مۇرات ناسىروف ھەققىدە رۇسىيىدىكى جۈملىدىن مۇستەقىل دۆلەتەر ھەم دوستلۇقىدىكى تېلېۋىزىيە، رادىئو كومپانىيلىرى مەخسۇس پروگراممىلارنى ئىشلەپ تارقاتتى. گېزىت، ئىنتېرنېت سەھىپىلىرى ۋە جۇرناللار بولسا تۈرلۈك ماقالىلارنى ۋە باھالارنىئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىنتېرنەت تورلىرىدىمۇ مۇرات ناسىروف ئۈچۈن مەخسۇس سەھىپىلەر ئېچىلدى.

مۇرات ناسىروف خۇددى بۈگۈنكى كۈندىكى رۇسىيە ناخشا چولپىنى ۋىتاس كەبى چولپانغا ئايلىنىپ، ھەممە كىشى ئۇنىڭ نامىنى بىلىپ كەتتى، تېلېۋىزور ئېكرانىدا رۇسقا ئوخشىمايدىغان، ۋە ياكى كاۋكازلىققا ئوخشىمايدىغان، ئوتتۇرا ئاسىيا تىپىدىكى ياش يىگىتنىڭ مۇڭلۇق ۋە سۈزۈك ئاۋاز بىلەن چاققان ھەرىكەتلىرى بىرلەشكەن كۆرۈنۈشلىرى پەيدا بولغاندا، كىشىلەر بۇ كىم ؟ دېگەن سوئالنى قويماي تۇرالمايتتى. ئۇيغۇر دېگەن مىللەت ئىسىمىنى ئاڭلىغاندا كىتابخۇمار رۇسلارنىڭ ئۆيلىرىدىكى كىتاب ئىشكاپلىرىدىكى كىتابلىرى ئارىسىدىن ۋە ياكى كۈتۈپخانىلاردىن بۇ مىللەتكە ئائىت كىتابلارنى ئىزدەپ ئوقۇپ بېقىش ئىستىكى قوزغالماي تۇرالمايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. بەلكى، ئۇيغۇرلارنى ياخشى بىلىدىغان ئەشۇ پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى ئالىملار، خەنزۇشۇناسلار، رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جۇڭگو ئىشلىرى بويىچە مەسلىھەت بېرىدىغان سىياسەتچىلەر مەزكۇر ئۇيغۇر چولپاننى تېلېۋىزىيە ئېكرانىدا كۆرگەندە، دەرھال تارىختا رۇسىيە ۋە سابىق سوۋېت ئىمپېرىيىلىرى تەرىپىدىن دائىم قۇربان قىلىنغان، دىپلوماتىك ئويۇنلار قەرتى قىلىپ ئوينالغان، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي مەدەنىيەت ياراتقان، رۇس ئېكىسپېدىتسىيىچىلىرىدىن پىرزىۋالسكىي، پېتروۋ، گرۇم گرجىمايلو ۋە باشقا ئونلىغان كىشىلەر زىيارەت قىلىپ، خەرىتىسىنى سىزغان ئەشۇ تۇپراقنىڭ ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى ئەسلىرىگە كەلتۈرۈشۈپ، ئازراق بولسىمۇ خىجىللىق ھېس قىلىشقاندۇ؟

بىر مەزگىل رۇسىيە ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدا "مۇرات ناسىروف !" دېگەن ئىسىم تولىمۇ ياڭراق ۋە يېقىملىق ھالدا ھەممىلا يەردە ئاڭلىنىشتەك تارىخىي سەھىپە ئېچىلدى. قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە باشقا جۇمھۇرىيەتلەردىكى ئۇيغۇرلار بۇ ئىسىم بىلەن پەخىرلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۈنسايىن خاراپلىشىۋاتقان سىياسىي، ئىجتىمائىي ئورنىغا ئازراق بولسىمۇ روھى ئوزۇق بەرگەندەك ھېس قىلىشتى، ئۇلار باشقا ھاكىم مىللەت كىشىلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىدە مۇرات ناسىروف ھەققىدە سۆز بولسا، دادىللىق بىلەن " ئۇ ئۇيغۇر ! مۇرات ناسىروف ئۇيغۇر ! " دەپ ئېيتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى خوش قىلىشاتتى.

ھەقىقەتەن، بۇ مەزگىللەردە مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى ئىچىدە مۇرات ناسىروفتەك كەڭ تونۇلغان ۋە زور شۆھرەت قازانغان ياش ناخشا چولپانلىرى يوق دىيەرلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز جۇمھۇرىيەتلىرى دائىرىسىدىلا چەكلىنىپ قالغان. ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئاز سانلىق مىللەت دەپ ئانچە ئېتىبارغا ئېلىنمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى مۇرات مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەرگە ئېرىشكەن ئۆزبېكلەر، قازاقلار، قىرغىزلار، تۈركمەنلەر ۋە باشقىلارنىڭ چولپانلىرى يېتەلمىگەن ئارزۇلارغا يەتتى. ئۇ، ئالمۇتا ياكى تاشكەنت ئەمەس بەلكى، موسكۋا سەھنىسىنى ئاساس قىلىپ پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىغا كەڭ تونۇلۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىدى ھەم بۇ پۇرسەتنى ئۆز تالانتى بىلەن ياراتتى. چۈنكى، موسكۋا سەھنىسىدە تونۇلالمىغان، ئۇ يەردىكى چولپانلار قاتارىغا كىرەلمىگەن كىشى پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىغا تونۇلالمايدۇ، پەقەت ئۆز دائىرىسىدىلا چەكلىنىپ قالىدۇ خالاس! خۇددى، ئۆزبېكىستاننىڭ ئاتاقلىق چولپىنى يۇلتۇز ئوسمانوۋا ئۆز جۇمھۇرىيىتىدە پادىشاھ كەبى شۆھرەتكە ئېرىشكىنى بىلەن ئۇنىڭ موسكۋا سەھنىسىگە چىقالىشى قىيىن بولغىنىدەك بىر ئىش ! ئەلۋەتتە، ئۆزبېكىستاننى زىل-زىلىگە سالغان، ئۆزبېكىستان ناخشىچىلىقىنىڭ شاھى دەپ تەرىپلىنىۋاتقان يۇلتۇزخان ئوسمانوۋانىڭمۇ ئۇرايىماخۇن ئىسىملىك قەشقەرلىك ئۇيغۇر كىشىنىڭ قىزى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۆزبېكىستانلىق ئۇيغۇرلار گۇۋاھلىق بەرمەكتە. ئۆزبېكىستاندا ئۆزىنى ئۆزبەك دەپ ئاتىۋالغان مۇنداق مەشھۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىلا ساھەدە كۆپلەپ بارلىقى سىر ئەمەس.
مۇرات كومپوزىتور ۋە شائىر

مۇرات ناسىروف ئۆزىگە شان شەۋكەت ئېلىپ كەلگەن مەزكۇر ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئۆزى ئىشلىگەن، سۆز تەكىستىنى ئۆزى يازغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەنە شۇنداق كوپ تەرەپلىمىلىك تالانتى بىلەن رۇسىيە ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدىكى ئەربابلارنى قايىل قىلدى. مۇرات ناسىروف ھازىرغىچە "مېنىڭ تارىخىم"، " ئويغاتقىن مېنى"، " كىمدۇ بىرى ئەپۇ قىلىدۇ"، " بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن بىلەن بولمىغان "، " قالدىم يالغۇز" قاتارلىق بەش كد پلاستىنكىسىمۇ ئىشلەپ چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ پلاستىنكىلىرى كەڭ بازار تاپتى.

موسكۋادىكى ئاتاقلىق ئىنتېرنەت گېزىت لىرىدىن بىرى "لىرىكىس. رۇ"دا " مۇرات ناسىروف دۇنيادىكى ئەڭ ئاتاقلىق ئۇيغۇر" دېگەن ماۋزۇدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ماقالىدە مۇرات ناسىروفنىڭ مۇخبىرغا بەرگەن سۆھبىتى ئېلان قىلىنغان. ماقالىنىڭ ئاپتورى رۇسىيە مۇزىكا ساھەسىدىكى مۇتەھەسسىسلەرنىڭ مۇرات ناسىروفقا بەرگەن باھاسى ئۈستىدە توختىلىپ، "ئۇنىڭ ئاۋازى جاراڭلىق، كىشىگە يېنىك، يېقىملىق تۇيغۇ بېرىدۇ. مۇزىكىلىرى لىرىك ۋە يۇمشاق بولۇپ، كۈچلۈك كەسپىي سەۋىيە ئىپادىلەنگەن" دەپ يازغان ئىدى.

مۇرات ناسىروف مەخسۇس كومپوزىتورلۇق ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ رۇس ناخشىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلمىلىرىنى جۈملىدىن ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستان مۇزىكىلىرىنىڭ قۇرۇلمىلىرىنى ياخشى ئۆگەنگەن ھەم تەتقىق قىلغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۆز ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئۆزى ئىشلەش بىلەن ئۆزىنىڭ ھېسسىياتى بىلەن سۆزىنى ۋە مۇزىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرالىغان. قانداقتۇر، باشقىلار ئىجاد قىلىپ بەرگەن ئاھاڭ بىلەن باشقىلار يېزىپ بەرگەن تېكىستقا ناخشا ئېيتىشتىن ساقلانغان. ئەلۋەتتە، مۇنداق كۆپ قىرلىق تالانتلىق چولپانلار رۇسلار ئىچىدە ۋە دۇنيا يۈزىدە كەم ئۇچرايدۇ.

كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ رۇسىيە ناخشا پادىشاھى ئاللا پۇگاچېۋا، فىللىپ كىركىروپ قاتارلىق كۆپلىگەن چولپانلارغا مۇزىكا ۋە سۆز تېكىستى يېزىپ بېرىشكىمۇ باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئانىسى خاتىرە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە ئاللا پۇگاچېۋا ۋە باشقا چولپانلار مۇراتنى قەۋەت ياخشى كۆرىدىكەن. يېقىنقى ۋاقىتلاردا رۇس ناخشىچىلىقىدا شەكىللەنگەن مىللىيچە پۇراقنى ئارىلاشتۇرۇش ئېقىمىدىن پايدىلانغان مۇرات بەزىدە ئەشۇ ئاتاقلىق رۇس چولپانلارغا مۇزىكا ئىشلەپ بەرگەندە ئازراق ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە پۇراقنى كىرگۈزۈشكە ھەتتا ئۇلارغا ئۇيغۇر ئاھاڭلىرى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە ئۈلگۈرگەن. بەزى ئاتاقلىق رۇس چولپانلىرى مۇراتنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇيغۇرچە لەغمەن ۋە مانتا يەپ كېتىدىغان بولغان. مۇراتنىڭ ئۆيىنىڭ تاملىرىغا تۈرلۈك ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى ئېسىلغان بولۇپ، بۇ يەرگە كەلگەن كىشى خۇددى بىر مۇزېيغا كىرگەندەك بولۇپ قالىدىكەن .

مۇرات ناسىروف ئۆزىنىڭ بەش ئالبومىدىكى ناخشىلارنىڭ تېكىستلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى ئۆزى يازغان، مۇزىكىسىنى ئۆزى ئىشلىگەن. ئۇ، باشقىلارنىڭ يېزىپ بەرگەن مۇزىكىسى بىلەن سۆزىگە ناخشا ئېيتىشنى ياقتۇرمايدۇ.

مىللىي روھقا چوڭ قەدەم بىلەن قايتىش

ئاتا-ئانىدىن، ئەجدادتىن قالغان ئەسلى قان بىلەن مىللىي تۇيغۇ ۋە مىللىي روھ زىچ يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇغان قەھرىمان مىللىي ئارمىيىنىڭ جەڭچىسى، بىر قولىدا راۋاب، بىر قولىدا مىلتىقىنى كۆتىرىپ، ئاقسۇ جەڭ مەيدانلىرىدا قان كېچىپ جەڭ قىلغان، جەڭ تىنجىغاندا بولسا، مىللىي ئارمىيە جەڭچى-ئوفىتسىرلىرىگە روھ بېغىشلايدىغان، ئۇلارنى ئازادلىق، ھۆرلۈك ئۈچۈن جان پىدا قىلىشقا ئۈندەيدىغان ناخشىلارنى ئېيتىپ، مىللىي ئىنقىلابقا ئۆز ھەسسىسىنى قوشقان ئىسمائىلاكىنىڭ مىللىي روھىي دۇنياسى ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرى بەش بالىسىنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغان مۇراتنىڭ تومۇرلىرىدا ھامان خۇددى ئىلى دولقۇنلىرى كەبى مەۋج ئۇرۇشقا نېسىپ بولدى.

مۇرات بارغانسىرى رۇس ناخشىچىسى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ناخشىچىسى بولۇشقا قاراپ يۈزلەندى. مانا بۇ مەرھۇم ئىسمائىلاكىنىڭ ئارزۇسى ئىدى، دېمىسىمۇ، ئۇ ماناس دەرياسىدا مىلتىقى بىلەن راۋابىنى مەھكەم تۇتۇپ، تۆت يىل ياتقان كۈنلىرىنى ئەسلىگىنىدە خۇددى باشقا سەپداشلىرىغا ئوخشاشلا ئازابلىناتتى، ئۆكىنەتتى، " دائىم ھەي –ئېسىت ئەشۇ چاغلار !" دەيتتى. مۇرات موسكۋاغا ماڭغاندا، ئىسمائىل ئاكا " قېنى بار، يىگىت بولغاندىكىن ئۆز يولۇڭنى تاپ ! لېكىن ئۇيغۇرلىقىڭنى ھەرگىز ئۇنۇتما ! مۇمكىن بولسا ئەشۇ كۆك-كۆزلەرنى ياڭراق ناخشىلىرىڭ بىلەن بويسۇندۇر " دەپ جىكىلىگەن ئىكەن. بۇ سۆزلەرنى ئىسمائىلاكا ھايات ۋاقتىدا زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.

مۇرات ئاتا ئارزۇسىنى ئاقلىدى! ئانا سۈتىنى ئاقلىدى ! ئۇنىڭ شۆھرەت قازانىۋاتقان پەيتلىرىدە دادىسى ئىسمائىلاكا بۇ ئالەمدىن خوشلاشتى، بۇ يوقىتىش ئۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق ئازاب بولۇپلا قالماستىن بەلكى، ئۇنىڭ ناخشا-مۇزىكا ئىجادىيىتىنىڭ يېڭى بۇرۇلۇشىنى پەيدا قىلدى. دادىسىنىڭ ئۆلۈمىنى ئاڭلاپ، ئالمۇتىغا يېتىپ كەلگەن مۇرات دادىسىنىڭ نەزىرىنى بەردى، ئۇنى ھەيرانلىق ھەس قىلدۇرغان بىر نۇقتا شۇكى، نەزىردە ئۇ ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغان ناھايىتى زور ساندىكى ئۇيغۇرلارنى كۆردى، ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇنىڭ ئۆيىگە پېتىگە كېلىۋاتقان، تۇشمۇ-تۇشتىن ھال سوراۋاتقان ئۇيغۇرنى كۆردى. بۇ، يۈرىكى ئازابقا چۆمگەن مۇراتقا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتىكى، ئۇ ئۇيغۇر بولۇشنىڭ نەقەدەر شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلۇق دېمەكلىك ئىنسانپەرۋەرلىك، ئۆزارا مۇھەببەت ۋە مېھرى-شەپقەت شۇنداقلا ئىتتىپاقلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. ئۇ، ھەتتا ئۆزىنى ئۇزۇن يىللار موسكۋادا ياشاپ، ئۇيغۇرلۇقىنى يوقىتىپ قويغاندەك، دادىسىدىن مىراس قىلغان ئۇيغۇر روھىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك ھېس قىلىپ، ئۆزىگە بەك ئېچىندى. ئۇ، دادىسىنىڭ نەزىرىدە ئۇنىڭغا ئاتاپ ئوقۇلغان قۇرئان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا، دادىسىنىڭمۇ دائىم نامىزىنى تاشلىمايدىغانلىقى ۋە شۇنداق چىرايلىق خەتمە-قۇرئان قىلىدىغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى. كىچىك ۋاقىتلىرىدا دادىسىنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازدا قىلغان قۇرئان-تىلاۋەتلىرى مۇراتقا بەك كۈچلۈك تەسىر قىلغان بولۇپ، ئۇ دادىسىدىن ئازراق قۇرئان سۈرىلىرىنمۇ ئۆگىنىۋالغان ئىدى.

مۇرات بىر ئۇيغۇرلار ئەمەس، بەلكى بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ناماز ئوقۇشقا باشلىدى. دادىسىدىن ئۆگەنگەن سۈرىلەرنى ئۈنلۈك ئوقۇيدىغان بولدى، ئۇ ئويلىدىكى مۇشۇنداق قىلغاندا، دادىسىنىڭ روھىنى تېخىمۇ خوش قىلالايدۇ، ئۇيغۇر ئۈچۈن پەقەت ئۇيغۇر بولۇشلا يەتمەيدۇ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلۇق مىللىي روھ بىلەن مۇقەددەس بىر ئېتىقاد بولۇشى كېرەك !مانا بۇ ئىككى نەرسە ئۇيغۇرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى ! مۇراتنىڭ دادىسى ئىسمائىل ئاكا ئەلۋەتتە، ناخشىچى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە 30 پارە قۇرئاننى تولۇق يادلىغان كىشى بولغاچقا، ئالمۇتىدىكى دىنىي پائالىيەتلەردە كۆپىنچە ھالدا شۇ كىشى خەتمى قۇرئان قىلىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت ئىدى. ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازلىرى كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.

مۇرات دادىسىنىڭ روھىنى خوش قىلىشنىڭ يەنە بىرى ئۇيغۇرلۇققا قايتىش ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ناخشىچىسى سۈپىتىدە تونۇلۇش ۋە ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى رۇسىيە ھەم دۇنيا سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندى.

ئۇ، دادىسىغا بېغىشلاپ، ئۇيغۇرچە ناخشا ئىجاد قىلىشقا كىرىشتى. بۇ جەھەتتە ئالمۇتا ۋە يەركەتتىكى ئۇيغۇر مۇزىكانتلار بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى، ئۇيغۇر يېزىلىرىغا بېرىپ، ئۇيگۇر ھاياتىنى ۋە ئاھاڭلىرىنى ئۆگەندى. بۇ جەرياندا ئۇ، يەركەتتىكى "يەركەت بۇلبۇللىر" ناملىق گۇرۇپپىنىڭ چالغۇچىسى پولات مۇرات ئۈچۈن كۆپ پىداكارلىق كۆرسەتتى، ئۇ مۇراتقا ئۇيغۇر ئاھاڭلىرىنى ۋە خەلق ناخشىلىرىنى توپلاشقا ياردەملەشتى. ئاخىرى، مۇرات ناسىروف 2004-يىلى دادىسىغا بېغىشلاپ "قالدىم يالغۇز" ناملىق ئۆزىنىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە ناخشا ئالبۇمىنى تەييارلاپ موسكۋا شەھرىدە نەشىر قىلىپ تارقاتتى. بۇ رۇسىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇرچە ئۈن پلاستىنكىسى بولۇپ، مەزكۇر پلاستىنكا موسكۋا ۋە رۇسىيە بازارلىرىدا تارقالدى. مانا ئەمدى، رۇسلار ئۇيغۇرچە ناخشا پىلاستىنكىسى سەتىۋېلىپ ئاڭلايدىغان مەنزىرە شەكىللەندى. ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە پىلاستىنكىسى تارقىتىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن ئۇنىڭ بىلەن تېلېفونلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. يىراق ئوكيان قىرغىقىدىن كەلگەن ئاۋازىمنى ئاڭلىغان مۇرات ماڭا دادىسىغا بېغىشلاپ ئۇيغۇرچە ناخشا ئىجاد قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

مۇرات ناسىروف ماڭا ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ، ئۇيغۇرچە ناخشا ئالبۇمى چىقارغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىپ، بۇنىڭغا دادىسىنىڭ ۋاپاتىنىڭ مۇھىم سەۋەپ بولغانلىقىنى شۇنىڭ بىلە بىر ۋاقىتتا قانداقتۇر بىر روھى كۈچ ئۇنى ئۆز مىللىتىگە قايتىشقا، ئۇنى تېخىمۇ سۆيۈشكە ئۈندەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. مەن مۇراتنى ئۇيغۇرلۇققا قايتۇرغان ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى كۈچەيتكەن ئەشۇ مىللىي روھ ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم. :

بۇنىڭدىن 10 يىللار ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئەمما تېخى ئۇيغۇرلۇققا تولۇق قايتمىغان مۇرات بۈگۈنكى كۈندە ھەممىلا يەردە " مەن ئۇيغۇر !" دەيدىغان، مەيلى چەت' ئەللەردە بولسۇن ۋە ياكى رۇسىيە ھەم باشقا جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ سەھنىلىرىدە بولسۇن چوقۇم ئۇيغۇرچە بىر –ئىككى ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتماي قالمايدىغان شۇنىڭدەك ئەشۇ ئۇيغۇرنى ئاڭلاپ باقمىغان تاماشىبىنلارغا " مەن ئۇيغۇر " دەپ ئۆزىنى ۋە ئۇيغۇرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمىسە كۆڭلى ئۇنىمايدىغان مۇراتقا ئايلانغان ئىدى. رۇسىيە گېزىتلىرىنىڭ مۇرات ھەققىدە ئېلان قىلغان ھەممە ماقالىلىرىدا، ئۇنىڭ "مەن ئۇيغۇر "، "دادام ئىسمائىلسوپى قەشقەردىن" دەپ تونۇشتۇرىدىغان جۈملىلەر ئورۇن ئالغان. مۇرات بىر ئىنتېرنەت گېزىتىنىڭ مۇخبىرىگە مۇنداق دەپ بىلدۈرگەن.

"مەن ئۇيغۇر، دادام رەھمەتلىك ئىسمائىلسوپى ناسىروف قەشقەردە تۇغۇلغان، ئانان خاتىرە غۇلجىدا تۇغۇلغان، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرلۇقىمدىن پەخىرلىنىمەن، مەن موسكۋا ۋە ئالمۇتىلاردا ياشايمەن، باشقا ئەنئەنىلەرنى ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆز ئەنئەنەمنى سۆيۈش بىلەن ياشايمەن." مانا بۇ مۇراتنىڭ يۈرىكىدىن چىققان سۆزلەردۇر 

مۇرات ناسىروف يېقىنقى ۋاقىتلاردا موسكۋادىكى مەركىزىي تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىكى چولپانلارنى تونۇشتۇرۇش سەھىپىسىدە دائىم كۆرۈنۈپ تۇرغان. ئۇ، ئۆزى بىلەن تۈرلۈك ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرىنى بىرگە ئېلىپ چىقىپ، تېلېۋىزىيە كۆرگۈچىلەرگە ئۇيغۇر مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى، ئۇيغۇر سەنئىتىنى ۋە ھازىرقى ھالىتىنى تونۇشتۇرغان، بىر قېتىملىق چولپانلار پروگراممىسىدا ئانىسى بىلەن بىرگە ئۇيغۇرچە لەغمەن، مانتا قاتارلىق مىللىي تاماقلارنى ئېتىشنى كۆرسەتكەن.

مۇراتنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ بىر ئوغۇل، بىر قىزى بار ئىكەن. ئۇنىڭ لاتىش مىللىتىدىن بولغان ئايالى ئۇنىڭ ئەڭ سەمىمىي ۋە ئەڭ يېقىن قوللىغۇچىسى بولۇپ، ئۇ ئايالىغا ئۇيغۇرچە ئۆگەتكەندىن سىرت يەنە ئۇيغۇرچە ناخشىلارنىمۇ ئۆگەتكەن. ئۇلار دائىم سەھنىلەردە ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى جۈر بولۇپ ئېيتىدىكەن. مۇرات ھەتتا ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە تاماقلارنىمۇ تەييارلاشنى ئۆگىتىپ قويغان.



مۇراتتىن تۇغۇلغان ئويلار

مۇرات ناسىروف خۇددى ئۇ ئۆزى موسكۋا مۇخبىرىغا ئېيتقاندەك "دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ئۇيغۇردۇر !". ئۇنى ھېچ بولمىغاندا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىكى 300 مىليون ئەتراپىدىكى خەلق بىلىدۇ، ئۇنىڭ نامى يەنە ياۋروپا مەملىكەتلىرى، ئامېرىكا ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تونۇلغان.

شۇنىڭغا ھەيرانلىق ھېس قىلىمەنكى، بەزىدە ئۇيغۇر مىللىتى ھەقىقەتەن تالانتلىق خەلقمۇ دېگەن سوئالنى قويغۇم كېلىدۇ. ھۆكۈمەت ئىستاتىستىكىلىرى بويىچە ئەينى ۋاقىتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مىللەتلەر ئىچىدە نوپۇس جەھەتتە 60 –ئورۇنلاردا تۇرغان، ئانا ۋەتىنىدىكى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن كەم دېگەندە 30-40 ھەسسە ئاز ھېسابلىنىدىغان شۇنىڭدەك قازاقىستان،ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستانلاردىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدىغان ئۇيغۇرلاردىن نېمە سەۋەب بىلەن شۇنچە تالانتلىق ئادەملەر كۆپلەپ يېتىشىپ چىقالىدى؟ بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستاندىكى مىللەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇرلاردىن مۇرات ناسىروفتىن باشقا يەنە دىلناز ئەخمەدىيېۋادەك ئاتاقلىق ئارتىستلار، "دەرۋىشلەر"كەبى مەشھۇر گۇرۇپپىلار مەيدانغا كەلگەندىن سىرت يەنە زاكىر توختىيېۋ، ھېيتاخۇنوپ، ئابدۇللايېۋ قاتارلىق نەچچە ئونلىغان چامباشچىلىق، تاكۋاندۇ ھەم بوكىس تۈرلىرى بويىچە دۇنيا چىمپىيونلىرى، ياۋروپا چىمپىيونلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە كەڭ تونۇلدى.

ئۇيغۇرلاردىن چىققان ماخمۇت ئومەروپ 50-يىللاردىلا ئىككى قېتىم ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، قارىغا ئېتىش بويىچە بىر قېتىم چىمپىيون يەنە بىر قېتىم يېڭى رېكورت ياراتقۇچى بولغان. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا دۇنيانىڭ ئەڭ ماھىر قارىغا ئاتقۇچىسى ھېسابلانغان ئىدى. ماخمۇت ئومەروپ پەقەت ئولىمپىك چىمپىيونى بولۇپلا قالماستىن بەلكى، لېنىنگراتتىكى ھەربىي مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى بولۇپ، تۇنجى ئۇيغۇر مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتۇرلىرىدىن ئىدى. ئەپسۇسكى، ئۇ 30 نەچچە يېشىدىلا ئالەمدىن ئۆتكەن.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار بوكىس ماھىرى ئابدۇراخماننىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلىقىدىن پەخىرلەنمەكتە، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ماھىرى ماخمۇت ئومەروپ بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر ئىلگىرى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپلا قالماستىن بەلكى، ئولىمپىك چىمپىيونىلىق شۆھرىتىگە سازاۋەر بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئولىمپىك تارىخىنىڭ تۇنجى بېتىنى يازغان ئىدى. ئۇيغۇرلار بۇ نامنى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، جۇڭگونىڭ قارىغا ئېتىش ماھىرى شۈ خەيفېڭ 1984-يىلى جۇڭگو ئۈچۈن تۇنجى ئولىمپىك ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن جۇڭگو ئولىمپىك تارىخىدىكى تۇنجى شەخسكە ئايلانغان ئىدى. دېمەك، ئۇيغۇر ئوغلى ماخمۇت ئومەروپ شۈ خەيفېڭدىن 30 يىللار ئىلگىرى بۇ قەدەمنى باستى.

ماخمۇت ئومەرەپ دۆلەت تەۋەلىكىدىن ئېيتقاندا مەيلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ قازانغان غەلىبىسى ئۆزى تەۋە بولغان دۆلەتكە مەنسۇپ بولسۇن، لېكىن مىللىي كىملىك جەھەتتىن ئۇ ئالدى بىلەن بەرىبىر ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپتۇر، شۇڭا ئۇنىڭ نامى ئۇيغۇر تەنتەربىيە تارىخىدا ئالتۇن خەت بىلەن يېزىلىدۇ خالاس !

شۇنىڭغا ئوخشاش قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يىگىتى سەھىرىدىن يۈسۈپوۋ بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى دۇنيا كىنو پايتەختى ھوللىۋودتا ئۆتكۈزۈلگەن مىللىيچە ناخشا-مۇزىكا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، كونا قەشقەر راۋابى بىلەن ئۇيغۇرچە ناخشا-مۇزىكا ئورۇنلاپ، بىرىنچى ئورۇنغا سازاۋەر بولغان ئىدى. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ نەتىجىسى قازاقىستان دۆلىتىنىڭ بولسىمۇ، ئەمما سەھىرىدىن يۈسۈپوۋ ئالتۇن مېدالنى قازاق مۇزىكىسىنى، قازاق دومبۇراسى بىلەن ئورۇنلاپ ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى، قەشقەر راۋابى بىلەن ئورۇنلاپ ئالدى. ئۇ، ئېتنىك كىملىك جەھەتتىن يەنىلا ئۇيغۇرغا مەنسۇپ بولىدۇ. قىسقىسى ماخمۇت ئۆمەرەپ، مۇرات ناسىروف، قۇددۇس غوجامياروپ، ئەزىز دۇگاشېۋ، سەھىرىدىن يۈسۈپوۋ ۋە دىلناز ئەخمەدىيېۋا قاتارلىقلار شۇنىڭدەك بۇ يەردە ئىسمى ئاتالمىغان ئەشۇ قازاقىستانلىق، ئوزبېكىستانلىق نەچچە ئونلىغان، نەچچە يۈزلىگەن مەشھۇر ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ئوخشاشلا بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مدەنىيىتىنىڭ جەۋھەرلىرىدۇر . ئاتوم-يادرو ئالىمى ئىسكەندەر رەخىموپ ، ئوپتىكا ئالىمى دېمىر ساتتاروپ، ئالەم تېخنىكىسى ئالىمى تېلمان كەرىمبايېۋ ۋە پىلولوگىيە پەنلىرى ئالىمى مۇرات ھەمرايېۋ قاتارلىق نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر ئالىملىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىلا ئەمەس ، بەلكى خەلقارا ئىلىم ساھەسىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان ئىلىم ئەربابلىرىدۇر. مانا بۇ ئالىملارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتىنىدىكى ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىغا ئوخشاش، بۇ سەنئەتكارلار ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى سەنئەتكارلارغا ئوخشاش ئۇيغۇر مىللى روھىنىڭ، ئۇيغۇر تالانتىنىڭ، ئۇيغۇر قابىلىيىتىنىڭ گۇۋاچىلىرى خالاس !

تەخمىن قىلىشىچە ھازىر مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى، جۇڭگو، ياۋروپا ئەللىرى ، ئوتتۇرا شەرق مەملىكەتلىرى) تۈركىيە، سەئۇدى ۋە باشقىلار(، ياپونىيە ھەمدە شىمالىي ئامېرىكا قاتارلىق مەملىكەتلەردە ئىلمىي تەتقىقات قىلغان ھەم قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئالىملىرى جۈملىدىن دوكتۇرلىرىنىڭ سانى 1000 دىن ئاشىدۇ. بىراق ، بۇلارنىڭ تەخمىنەن 80%دىن ئارتۇقراقى چەتەللەردە دېيىشكە بولىدۇ.

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر يىگىت –قىزلىرى قولغا كەلتۈرۈۋاتقان نەتىجىلەر، ئۇلاردىكى ئىرادە ۋە جاسارەت ھەقىقەتەن ئۇيغۇرنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى، ئەسلى روھى كىملىكىنى نامايەن قىلماقتا. مەن بۇلارنى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۈچەيتىلىۋاتقان روھى ئاجىزلىققا قارشى جەڭ ئېلان قىلىش دەپ چۈشىنىمەن. ئۇيغۇرلاردا قوزغالغان دۇنيا جېنىس رېكورتى يارىتىش قىزغىنلىقى كىشىنى تېخىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ. پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇرنىڭ سەنشانى بويسۇندۇرۇش روھىدىن تۇغۇلغان روھ يەنە ئابلا مەجۇن، ئەسقەر شۇنىڭدەك كىچىك ئادىلجان ۋە سەمەت ئىمىن كەبى باتۇرلارنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئادىل ھوشۇر، ئابلا مەجۇن ۋە سەمەت ئىمىن ھەم باشقىلار جۇڭگودىكى بىر مىليارد 300 مىليون ئادەمنىڭ ئىچىدىكى يىگانە باتۇرلار بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، دۇنيادىكى بەش مىليارد ئادەمنىڭ يىگانە باتۇرلىرى ئىدى. بۇنداق باتۇرلۇق تەكلىماكانغىلا بەخش ئېتىلگەن بولۇپ، قېنى كىملەر ھازىرغىچە ئۇلار بىلەن كۈچ سىنىشالىدى؟ قېنى دۇنيا سىياسىي خەرىتىسىگە ئۆز ئورنىنى يازغان ئەزىمەتلەر؟

"بوكس شاھى" دەپ نام ئالغان ئابدۇشۈكۈرمۇ بىر مەزگىل دۇنيا سەھنىسىدە بولمىسىمۇ، ئەمما دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىر قىسىمىنى ئىگىلەيدىغان ئادەملەر ئارىسىدا يەنى جۇڭگودا"شاھلىق " ئالتۇن كەمىرىنى باغلىدى ئەمەسمۇ؟! ئۇنىڭ مۇشتى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرنىڭ مۇشتى ئەمەسمۇ؟ تەكلىماكان مەلىكىسى گۈلزۆھرە ئۇيغۇرنىڭ تەكلىماكانىنى ئۇيغۇر ئۆزى بويسۇندۇرۇش ئىرادىسىنى نامايەن قىلدى. گۈلزۆھرە روھى ئەمەلىيەتتە تارىخىمىزدىكى قەھرىمان خانىم -قىزلىرىمىزنىڭ يەنى ئاماننىساخاننىڭ، نۇزۇگۇمنىڭ، مايىمخاننىڭ ۋە ھەرەمباغ جەڭ مەيدانلىرىدىكى رىزۋانگۈللەرنىڭ روھىنىڭ يېڭى ئىپادىسى بولۇپ، بۇ ئىككى روھنىڭ ئاخىرقى مۇددىئاسى بىر ئىدى. گۈلزۆھرە روھى ئۈرۈمچى ۋە ئىچكىرى جۇڭگو شەھەرلىرىنىڭ قاۋاقخانىلىرىدا، مېھمانخانىلىرىدا يېرىم يالىڭاچ بەللىرىنى تولغاپ، ئۇسۇل ئويناپ، خېرىدار كۈتۈش قىسمىتىگە دۇچار بولغان ئەشۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ روھىيىتىگە ئېلان قىلىنغان جەڭ بولۇپ، ئەسلىدە ئەشۇ قىزلارنىڭ قېنىدىمۇ ۋە روھىيەت قاتلىمىدىمۇ تەكلىماكاننى بويسۇندىرالايدىغان گۈلزۆھرە روھى يوشۇرۇنغان ئىدى. ئەپسۇسكى، ئاچچىق رېئاللىق، ئۆز روھىيىتىنى قۇربان قىلىشتەك روھىي ئاجىزلىق ۋە روھىي ئەسىرلىك مىكروپلىرى ئۇيغۇر قىزلىرىنىلا ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىمۇ كېسەللىككە دۇچار قىلماقتا. گۈلزۆھرەنىڭ كۈرىشى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنى ئۆز ئاياللىرىغا، ئۆز ھەدە-سىڭىللىرىغا ھەم ئۆز ۋىجدانىغا سادىق بولۇشقا چاقىرىپ چالغان ئاخىرقى سىگنال بولسا كېرەك.

ئەنئەنىۋى سەنئىتىمىزنىڭ بايراقدارى سۈپىتىدە ھەر زامان تۇرداخۇننى، پاشا ئىشانى ۋە باشقا يۈزلىگەن نامايەندىلىرىمىزنى ھۆرمەتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا دائىملا ياش ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللانى مۇرات ناسىروفقا ئوخشاتقۇم كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچكىرى جۇڭگو شەھەرلىرىدىكى مۇسابىقىلەردە غالىپ كېلىپ، مىليونلىغان ئىخلاسمەنلەرنى مەنىۋى جەھەتتىن ئۆزىگە مەھلىيا قىلىشى مېنى سۆيۈندۈرىدۇ. ئۇنىڭ "دۆڭ كۆۋرۈك ھەققىدىكى پاراڭلار" ۋە باشقا ناخشىلىرى ئارقىلىق ئۆز كەسىپداشلىرىنىڭ دولاننى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئەتە -ئۆگۈن بولسا، "سادىر پالۋان"، " ئايشەمگۈل"، "ئاللا خالىدەم"قاتارلىقلارغىمۇ ئىگە چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە سادىر پالۋان ۋە ياكى خالىدەم دەپ ئىسىم قويۇۋېلىشىدىن مۇداپىئە كۆرمەكچى بولغان پىداكارلىقى مېنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈردى.

قىسقىسى، ئۇيغۇرغا مىڭلىغان سادىر پالۋانلار، مىڭلىغان مۇرات ناسىروف ۋە ئەركىن ئابدۇللالار كېرەك. سادىر ناخشىسى ئىلى ۋادىسىدىلا ئەمەس بەلكى، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا، پۈتۈن جۇڭگودا، پۈتۈن دۇنيادا ياڭرىشى كېرەك ئىدى، ئەنە شۇ چاغدىلا ئۇيغۇر ئۆز ئىسمى-جىسمىگە لايىق بولالايدۇ خالاس، ئۇنداق بولمايدىكەن تالانتلىق ياش ئارتىست ۋە يازغۇچى راخمانجان يازغان، ئەركىن ئابدۇللا ئېيتقاندەك "دۆڭ كۆۋرۈكتىن كېلىدىغان ھەقىقى ئۇيغۇر ھىدى" بىلەن روھلىنالمايمىز. بەلكى، دۆڭ كۆۋرۈككە كەلگەن كىشىلەرنى خۇددى قەدىمى ئاسارە-ئەتىقىلەرنى ۋە ياكى ئىپتىدائىي بىر قوۋمنى زىيارەت قىلغاندەك ھېسسىياتقا كەلتۈرۈپ قويىمىز خالاس. دۆڭ كۆۋرۈكتىن ئەسلى كېلىشكە تېگىشلىك ھىد، كاۋاب-سېرىق ئاشلارنىڭ ھىدى، دۆڭ كۆۋرۈكتىن كېلىدىغان ئاۋاز، سولغۇن چىرايلىرىنى ئۇپا -ئەڭلىك بىلەن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ۋە قوللىرى سازلىرىنىڭ پەدىلىرىدە بولسىمۇ، ئەمما خىياللىرى باشقا يەردىكى ئەشۇ كۆزلىرىدىن ئەنسىرەش بىلەن چۈشكۈنلۈك سېزىلىپ تۇرغان ناتىۋان سازچىلارنىڭ ناخشا سادالىرى ئەمەس بەلكى، سادىرنىڭ ئارغىمىقى ئاستىدىن چىققان توپا-چاڭ ھىدى بىلەن ئۇنىڭ ياڭراق ۋە مەرت ناخشا سادالىرى بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇس....

مۇرات ناسىروفنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئۆز مىللىتىگە قايتىپ كېلىشى، ئۇنىڭ رۇسىيە چولپىنىدىن ئۇيغۇر چولپىنى بولۇشنى ئەۋزەل كۆرگەنلىكى، مېنى ئويغا سالدى ۋە قولۇمغا قەلەم ئېلىشكە ئۈندىدى. مېنىڭچە ئۆز ئۆتمۈشى ۋە مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇپ، ئۆزىنىڭ ھازىرقى مەۋجۇتلۇقىنى چۈشەنمىگەن بىر مىللەتنىڭ قاراڭغۇلۇقتا، روھىي ۋە ماددىي خارلىقتا قېلىشى تەبىئىي، ئۆز روھىنى ساقلىمىغان ۋە ئۇنى قۇتۇلدۇرمىغان مىللەت بەئەينى ھاسىسىنى يوقىتىپ قويۇپ قاياققا قەدەم بېسىشنى بىلمەي، گاڭگىراپ قالغان ھەتتا باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىن ئايرىلغان ئەما كىشىگە ئوخشايدۇ.

مۇراتنىڭ قايتىپ كېلىشى، ئەسلى تومۇردىكى قانىڭ ۋە قەلبىدىكى روھنىڭ غەلىبىسى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئاخىرقى تاللىشى ئىدى. مۇرات ئۆز خەلقىنى قانچە سۆيسە، ئۆز خەلقى مۇراتنى شۇنچە سۆيدى. ئۆتكەن يىلى ئالمۇتادىكى قازاقىستان ئۇيغۇر بايلىرى كۇلۇبى تەشكىللىگەن "ئىلھام مۇكاپاتى"بېرىش مۇراسىمىدا باھالىغۇچىلار بىردەك ھالدا ئۇنىڭ تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا سەنئەت ۋە ناخشا-مۇزىكا ساھەسى بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك "ئىلھام مۇكاپاتى" بەردى.

مۇرات، قەشقەر پەيزىۋات ۋە مارالبېشىدىكى يەر تەۋرەشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، موسكۋادىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەردە مەخسۇس خەيرىساخاۋەتلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، ۋاپات بولغان ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىغا ماتەم بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇق بۇرچىنى ئادا قىلدى.

ئانا ۋەتەن، ئانا تىل ۋە ئانا مەدەنىيەت روھى


رۇسىيە ناخشا چولپىنى، رۇسىيە ۋە ئۇيغۇر سەنئەت تارىخىدىن پەخىرلىك ئورۇن ئالغان ئۇيغۇر يىگىتى مۇرات ناسىروف ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇلىرىنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تۇپراقلىرىنى كۆرۈش، دادىسى تۇغۇلغان ئەزىزانە قەشقەرنىڭ تۈمەن دەرياسىنىڭ سۈيىنى بىر يۇتۇم ئىچىش، بۈيۈك ئالىم ماخمۇد قەشقىرىڭ قەبرىسىنى تاۋاب قىلىپ، شۇ يەردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ زاتلىرىغا ئاتاپ دۇئا قىلىش، ئەگەر مۇمكىن بولسا، "قالدىم يالغۇز" ناخشىسىنى ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە غۇلجا سەھىنىلىرىدە ئېيتىش ئىكەنلىكىنى ھاياجان بىلەن سۆزلەپ بەرگىنىدە ئۇيغۇرنىڭ مۇساپىرلىق تارىخىغىنى ۋە ئۇيغۇرنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇساپىر بولغانلىقىنى ئەسلىگىم كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا ۋەتەنلىرىدىن ئايرىلىپ، تاشقى دۇنيادا ماكانلىشىپ قېلىش تارىخى خېلى ئۇزۇن. ئەڭ قەدىمقى ۋاقىتلارنى قويۇپ تۇرۇپ، پەقەت يېقىنقى ئۈچ ئەسىردىن سۆز باشلىغىنىمىزدا تاكى ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ چەت مەملىكەتلەرگە كۆچۈش دولقۇنىنى ئالتە قېتىمغا ئومۇملاشتۇرۇش مۇمكىن.

تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار 1759-1760-يىللىرىدا جاۋ خۇي باشچىلىقىدىكى مەنچىڭ قوشۇنلىرى ئۆزلىرىنىڭ فېئوداللىق مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ئورنىتىش جەريانىدا قەشقەرىيىگە باستۇرۇپ كىرگەندە ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىپ، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاھالىلىرى مەنچىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ، قوشنا پەرغانە ۋادىسى، يەتتە سۇ ۋە باشقا جايلارغا قېچىپ بېرىپ ماكانلاشقان ئىدى. ئەنە شۇ يىللاردىن تارتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مەملىكەتلەرگە بولۇپمۇ، قوشنا تۇپراقلارغا كۆچۈپ كېتىپ ماكانلىشىپ قېلىشى ھېچ توختىمىدى. ئىككىنچى قېتىملىق دولقۇن 19-ئەسىرنىڭ دەسلىۋىدىكى جاھانگىر غوجىنىڭ كەڭ كۆلەملىك قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغانغا توغرا كەلگەن بولۇپ، 1825-1830-يىللىرىدا زور ساندىكى قەشقەرىيە ئاھالىسى ئوتتۇرا ئاسىياغا كەتتى. ئۈچىنچى قېتىملىق دولقۇن 19-ئەسىرنىڭ 70-80-يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ. مەلۇمكى، 1864-1865-يىللىرىدا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا مەنچىڭ سۇلالىسىغا قارشى قوزغىلاڭلار پارتلىدى. ئىلگىرى كېيىن كۇچار قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن ئىلى قوزغىلاڭچىلىرى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولۇپ، ئىلگىرى كېيىن ئۇلار ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىدى. ئەمما، 1865-يىلىدىن ئېتىبارەن تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبى ياقۇپ بەگنىڭ باشلامچىلىقىدىكى يەتتە شەھەر دۆلىتىنىڭ تەركىبىگە كىردى. زو زوڭتاڭ 1877-1878-يىللىرى قەشقەرىيىنى بويسۇندۇرغاندا، يەنە بىر قېتىملىق كۆچۈش دولقۇنى قوزغالدى. بۇ ھەقتە ئەينى ۋاقىتتا قەشقىرىيىگە كەلگەن چار پادىشاھ ئەلچىسى گېنېرال كروپاتكىن ۋە باشقىلار ئېنىق مەلۇمات بېرىدۇ.1881-يىلى "جۇڭگو-رۇسىيە ئىلى شەرتانىمىسى" ئىمزالىنىپ، رۇسىيە 10 يىل بېسىۋالغان ئىلى مەنچىڭ سۇلالىسىغا قايتۇرۇلغاندا، ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلاردىن 50 مىڭ ، تۇڭگانلاردىن 5 مىڭ ئەتراپىدا كىشى مەنچىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۆز ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ، كوللېكتىپ ھالدا يەتتە سۇغا كۆچۈپ كېلىپ ماكانلاشتى. بۇ ھەقتە ئىلى خەلقى ئارىسىدا ئاتاقلىق "كۆچ-كۆچ " ناخشىسىمۇ پەيدا بولغان بولۇپ، خەلق ئۇنى تېخى ئۇنتۇلۇپ كەتكىنى يوق.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 4- قېتىملىق كۆچۈشى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بولۇپ، بۇ چاغدىكى كۆچۈشنىڭ خاراكتېرىدا ئازراق پەرقلەر مەۋجۇت. بۇ مەزگىلدە ياڭ زېڭشىڭ قاتارلىق مىلىتارىستلار ئۇيغۇر يەرلىرىنى ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردىن قوشنا ئەللەردىن كۆپ ئارقىدا قالدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ نادان قالدۇرۇپ باشقۇرۇش سىياسىتى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار باشقا خەلقلەرگە قارىغاندا ھەر جەھەتتىن قالاق قالدۇرۇلغان ئىدى. بۇ چاغدا تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبى بولۇپمۇ قەشقەر تەۋەسىدىن ھەر يىلى ياز ئايلىرىدا قوشنا پەرغانە ۋادىسىغا ۋە يەتتە سۇغا بېرىپ، تۈرلۈك مەدىكارچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە تىجارەت قىلىدىغانلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئاشتى. بۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدەملىرى يىراق ياۋروپا شەھەرلىرى ھەتتا موسكۋا، سانكىتپېتىربۇرگقىچە يېتىپ بېرىپ، مەلۇم ساندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى شۇ جايلاردىكى زاۋود، كارخانا قاتارلىق جايلاردا قارا خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى.

سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگىچە بولغان ئارىلىقتا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار رۇسىيە تۇپراقلىرىدا ماكانلىشىپ قالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇ ياقلاردا قېلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەرنىڭ بىرى خېلى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىنقىلابلارغا قاتنىشىشى، شۇنىڭدەك يەنە ئابدۇللا رۇزىباقىيېۋ تەشكىللىگەن ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىپ بارسا، مىللىتارستلارنىڭ ئۆزلىرىدىن ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرىشى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىدا دۇچ كېلىۋاتقان قالاق ۋە مۇستەبىت تۈزۈمنى كۆرۈشنى خالىمىغانلىقى ھەم يەرلىكلەر بىلەن ئۆي-ئوچاقلىق بولۇش ھەم باشقىلاردۇر.

ئۇيغۇرلارنىڭ بەشىنچى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك كۆچۈش دولقۇنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرىدا قوزغالغان بولۇپ، جۇڭگو رەسمى مەلۇماتلىرىدا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەنلىكى سۆزلەنسىمۇ، ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى قىرغىزىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ ك گ ب ئورگىنىنىڭ بىر قىرغىز پولكوۋنىكى ك گ ب ھۆججەتلىرىگە تايىنىپ تۇرۇپ، 1955-يۇلىدىن 1963-يىلىغچە بولغان ئارىلىقتا تەخمىنەن بىر مىليوندىن ئەتراپىدا ئادەمنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى يازىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇتلەق كۆپ ساننى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدىكەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ 6-قېتىملىق چەت مەملىكەتلەردە ماكانلىشىشى دولقۇنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلىنىپ، 90-يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدا يۇقىرى پەللىگە يەتتى. بۇ قېتىمقى دولقۇن ئىلگىرىكىدىن تۈپتىن پەرقلىق بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇرۇنقىدەك ئوتتۇرا، جەنۇبىي ۋە غەربىي ئاسىياغا كۆچۈشتەك ئەنئەنىسىنى ئۆزگەرتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى مەملىكەتلەرگە، شىمالىي ئامېرىكىغا كېلىپ يەرلىشىشكە باشلىدى. ھازىر ياۋروپانىڭ ھەر قانداق بىر يېرىگە بارسىڭىز ئۇيغۇرنىڭ دۇتار ئاۋازىدىن چىقىۋاتقان ئاچچىق ۋە مەغرۇر ئاۋازلىرىنى ئاڭلىيالايسىز، ھېچقاچان ئۇيغۇرنىڭ ئايىغى تەگمىگەن بۇ زېمىنلەردىكى كىشىلەر تەكلىماكاندىن ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان بۇ قارا كۆزلۈك ئىنسانلار توپىغا ھېسداشلىق ئارىلاشقان مېھرىبانلىقلىرىنى ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىر كىشىلىك ئۆز نېنىنى ئۆزلىرى تاپالايدىغان ئىقتىدارىنى ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارغا پۇرسەتلەر يارىتىپ بەردى.

ئەلۋەتتە، بۇ يېڭى دولقۇننى تەشكىل قىلغۇچىلارنىڭ تەركىبى تۈرلۈك بولۇپ، بۇ دولقۇن بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جۈملىدىن تەكىلاماكانغا دۈملەنگەن روھنىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تونۇشلۇق بولمىغان غەرب دۇنياسى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنى باغلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ تونۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ دولقۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان تەكلىماكانغا قاپسىلىپ قالغان ئاۋازىنى يىراق شىمالىي مۇز ئوكيادىن تارتىپ، ئاتلانتىك ئوكيان، تىنچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكيان بويلىرىغىچە يەتكۈزۈشتە ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئۆچىرىلمەس بەتلىرىنى ياراتتى ۋە ياراتماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق كۆچۈش دولقۇنلىرىدا ئىلگىرىكى ئۈچ قېتىملىق دولقۇننىڭ ۋەكىللىرى ھېسابلانغان سانسىزلىغان ئۇيغۇرلار ئۆزى بارغان يەرلەردىكى ئاساسلىق خەلقلەرگە سىڭىپ تۈگىدى. ئەمما، ئەڭ ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ پەرغانە ۋادىسىنىڭ نۇرغۇن شەھەر ۋە يېزا قىشلاقلىرىغا بارسىڭىز، ئۆزىنى ئۆزبەك دەپ ئاتاپ، ئاللىقاچان مىللىي كىملىكىنى ئۆزگەرتكەن كۆپلىگەن ئەشۇ دولقۇننىڭ ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىن ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى سۆھبەتلەر جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى پەخىرلىنىش بىلەن يادلىغاننى ئۇچرىتىسىز. ئەمما، كېيىنكى كۆچۈش دولقۇنلىرىنى تەشكىل قىلغۇچىلار بولسائا، ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قالدى ۋە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن تىرىشماقتا.

ئەلۋەتتە، غەرب مەملىكەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇرچە ئۆگىتىش، ئۇيغۇرچە كىيىندۈرۈش، مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئاڭدىن تەربىيە بېرىشكە ئەھمىيەت بەرمەكتە. بۇ يەردە مەزكۇر تېما ئۈستىدە مەخسۇس توختىلىشنى مۇددىئا قىلمايمەن. ئومۇمەن، دېمەكچى بولغىنىم، بايانىمدىكى باش قەھرىمان مۇرات ئەشۇ كېيىنكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار دولقۇنىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش سانسىزلىغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ۋە ياكى بوۋىلىرى تېخى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا ۋەتەندىن كۆچۈپ چىققان بولغاچقا، ئۇلار قويۇق، ئۇيغۇر مىللىي پۇرىقى ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىشكە، ئاتا-ئانىسى ۋە ياكى بوۋىلىرىنىڭ كىچىكىدىن سىڭدۈرگەن ئۇيغۇرلۇق تۇيغۇسى بىلەن ئوزۇقلىنىشقا مۇۋەپپەق بولالىدى.

كۈچلۈك رۇس سىياسى ۋە مەدەنىيەت مۇھىتى 19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى كۆچۈپ چىققان يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىنىمۇ يوق قىلالامىغان بولۇپ، قازاقىستان تەۋەسىدىكى ئۆزلىرىنى "يەرلىك "لەر دەپ ئاتايدىغان بۇ گۇرۇپپىمۇ ئوخشاشلا ھېچ قاچان ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىدىن تانمىغان ئىدى. سوۋېتلەر يىمىرىلگەندىن كېيىن بولسا، ئۇلاردىكى ئانا ۋەتەن تۇيغۇسى ۋە چۈشەنچىلىرى ئۆزگىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى " سوۋېت ئۇيغۇرلىرى" دەپ پەخىرلىنىدىغان تۇيغۇسىنىڭ ئورنىغا " ئۇيغۇر"لۇق روھىنى دەسسەتتى. ئۇلاردا ئۆزلىرىنى ئانا ۋەتەننىڭ تەقدىرى بىلەن باغلاش، ئانا ۋەتەننى سۆيۈش، ئانا تىلنى سۆيۈش چۈشەنچىلىرى كۈچىيىشكە قاراپ يۈزلەندى. ئۇلاردىكى بۇرۇنقىدەك ئۆزلىرىنى 50-60-يىللاردا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن پەرقلەندۈرۈپ، ئۆزلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ شەرەپلىك، ۋە ئېسىل قىسىمى يەنى" سوۋېت ئۇيغۇرلىرى" دەپ قارايدىغان سۈنىيلىك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يوق بولۇشى بىلەن يوقالدى. 90-يىللاردا كۈچىيىشكە باشلىغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە باشقىلارنىڭ مىللىي كىملىك ھەم مىللەتپەرۋەرلىك ھەرىكىتى تەبىئىي ھالدا، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارغا تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى. نەتىجىدە، دۇنيا يۈزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ۋە ياشىغان يەرلىرى پەرقلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ" ھەممىسىنىڭ تەقدىرى بىر، ھەممىسى بىر ئۇيغۇر، " دەيدىغان چۈشەنچىلەر ئومۇملىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.

دېمەكچى بولغىنىم، دۇنيانىڭ نەرىگە بارسىڭىز، ئۇيغۇرنىڭ ئۆز كىملىكى ئۈچۈن ئورتاق كۈرۈشىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ ئىدىيىلىرىنىڭ بارغانسىرى ئورتاقلىشىۋاتقانلىقىنى شۇنىڭدەك بىر گەۋدىگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. ئۇيغۇرلاردىكى ئانا ۋەتەن، ئانا تىل، ئانا مەدەنىيەت ئىدىيىلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىي ۋەتىنىگە بولغان سۆيگۈسى ۋە ئۇنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن يىغلاش ھەم بەدەل تۆلەش خائىشىنى پەيدا قىلدى.

مۇرات ناسىروف ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئەزىمەتلەر ئەنە شۇ ئۇيغۇرلاردىكى روھنىڭ ھامىسى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پەيدا بولغان ئۇيغۇرلاردىكى جېنىس رېكورتى يارىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان"يېڭىلىق يارىتىش"،"ئالەمشۇمۇل نەتىجە يارىتىش"ھەرىكىتى ئۇيغۇرلاردىكى شەخسىي كىملىك سۆيگۈسى ئەمەس بەلكى ،ئورتاق مىللىي سۆيگۈنىڭ بەدەللىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئادىل ھوشۇر باشلىغان بۇ ھەر ساھەلەردە كۆرۈلۈۋاتقان يېڭىلىقنى دادىللىق بىلەن " ئۇيغۇرلاردىكى بىر يېڭى دولقۇن" دەپ ئېيتساق خاتالاشمايمىز. بۇ ئەمەلىيەتتە، 20-ئەسىرنىڭ 30- ۋە 40-يىللىرىدا قوزغالغان كەڭ كۆلەملىك ئۆزىنى ئازاد قىلىش، روھى قۇللۇق ۋە زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق سىياسىي مىللەت بولۇپ شەكىللىنىش دولقۇنىنىڭ يېڭىچە ۋە ئۆزگىچە ۋارىيانتى خالاس!

خاتىمە

ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ20-ئەسىردە قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىلىرى بىلەن ئۇچرىغان ئېغىر مۇسىبەتلىرىنى ھېچ ئۇنتۇيالمىغان ھالدا 21-ئەسىرگە قەدەم قويدى. 20-ئەسىردە سانسىزلىغان قۇربانلىرى بەدىلىگە ئاخىرقى غايىلىرىگە يېتەلمەي قالغان ئۇيغۇرلار 21-ئەسىردە ئۆز غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالامدۇ يوق بۇ ئالدى بىلەن ھەر بىر ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ھېسابلىغان ئىنساننىڭ روھىي دۇنياسىغا باغلىق، ئۆز ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇش بىلەن كېلەچىكىدىن ئۈمىد ئۈزگەن ئادەملەر بىلەن توشقان ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئوخشاشلا تېخىمۇ ئېغىر بەختسىزلىكلەرگە گىرىپتار بولۇشى مۇقەررەر (خۇدا ساقلىسۇن !)



ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي مۇساپىلىرىدىن قارىغاندا، ھەر بىر ئەسىردە ئۇنىڭغا ھەيۋە قىلغان تەھدىدلەر ھەر خىل شەكىلدە بولغانكى، 21-ئەسىردە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى تېخىمۇ ئېغىر تاللاش ، رىقابەت ۋە كرىزىس خاراكتېرلىق ھەيۋىگە توغرا كەلدى. ئۆزى ياشاۋاتقان بۇ زېمىندا بىر قانچە مىڭ يىللاردىن بۇيان سىياسىي، مەدەنىيەت ، ئىقتىساد ۋە نوپۇس جەھەتتە يۇقىرى سالماقنى ھەمدە باشلامچىلىق ساللاھىيەتنى تەشكىل قىلغان ئۇيغۇرلار 21-ئەسىردە بۇ سالاھىيىتىنى ساقلاپ قالالامدۇ يوق؟

20-ئەسىردە ئۆز ئىستىقبالىنى قولغا كەلتۈرگەن نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر 21-ئەسىردىن تېخىمۇ زور ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە. ئۇلار 21-ئەسىردە ئۆز زېمىنىدىن ۋە ئۆز رايونىدىن ھالقىپ، دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە بولۇش سەۋىيىسىگە يېتىشكە تىرىشىپ، 21-ئەسىرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەسىرى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىماقتا. ئەمما، ئۇيغۇر مىللىي ئەخلاق چۈشەنچىلىرىگە كرىزىس ئېلىپ كەلگەن 21-ئەسىرنىڭ بوسۇغۇسىدىلا 20-ئەسىرنىڭ دەھشەتلىك ۋاباسى ھېسابلىنىدىغان زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن ئەيدىز كېسىلى ھەتتا ئۇيغۇرلار ماكانلاشقان ئەڭ چەت يېزىلارغىچە يېتىپ كەلدى. ئەزەلدىنلا ئىسلام دىنىي ئەخلاقى ۋە مىللىي ئەخلاق قاراشلىرىغا باي بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ لۇغىتىدە بۈگۈنكى كۈندە "ئاق تاماكا" بىلەن "ئەيدىز" دائىم قوللىنىلىدىغان سۆز سۈپىتىدە يەر ئالدى. ئامېرىكا ئالىمى جۇستىن رۇدېلسون ئەپەندىنىڭ تەبىرى بويىچە ئالغاندا، "ئەيدىز بۈگۈنكى كۈندە ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە يوقۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئامىلى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇيغۇر خەلقى ئەگەر ئۆزىنى ساقلاپ قالماقچى بولسا، ئەيدىز بىلەن زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى پۈتۈن ۋۇجۇد بىلەن كۈرەش قىلىشى كېرەك "

21-ئەسىرنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن دەسلەپكى ۋە كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيادا ئورتاق ئەدەبىي تىللىق رولىنى ئوينىغان ئۇيغۇر-تۈركىي تىلى، ئەرەبلەرنىڭ، پارىسلارنىڭ، قىتانلارنىڭ، موڭغۇللارنىڭ ھەمدە مانجۇلارنىڭ ھۇجۇملىرى ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، تەككەممۇللاشقان ھەم زامانىۋى پەن-تېخنىكا تىلى ۋە سىياسەت تىلى بولۇپ، 20-ئەسىردە قايتا قەد كۆتەرگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار خىمىيە، فىزىكا، بىئولوگىيە، ماتېماتىكا قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زامانىۋى پەنلەر ھەم مېدىتسىنا ھەتتا كومپيۇتېر –ئۇچۇر تېخنولوگىيىسىدىن ئىبارەت يېڭى ۋە نازۇك تېخنىكىلىق پەنلەرنىمۇ ئۆز تىلىدا ئۆگىنىش ھەم ئوقۇتۇش، تەتقىق قىلىش شۇنىڭدەك ئىجاد قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى 2000 نەچچە مىللەتنىڭ ئىچىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ يۈز مىللەتنىڭ قاتارىغا كىرىش بىلەن جۇڭگودا ئاز سانلىق مىللەت دەپ قارالسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاساسىي مىللەت، كۆپ سانلىق مىللەت شۇنىڭدەك دۇنيا مىللەتلىرى ئىچىدە يەنىلا كۆپ سانلىق مىللەت ھېسابلانسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر تىلى 21-ئەسىرنىڭ بوسۇغىسىدىلا تارىختا كۆرۈلمىگەن رىقابەت ۋە شاللىنىۋېتىلىش تەھدىدىگە دۇچ كەلدى.

ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئۇيغۇر تىلى-يېزىقىنى بىلىش مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى دەپ قارىلىپ، مەركىزىي ياۋرو –ئاسىيا ئىنسانلىرى بۇ تىلنى بىلگەنلىكىدىن پەخىرلەنگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە بۇ تىلنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزلىرى ئېتىبارسىز قالدۇرماقتا ۋە ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشتىن نومۇس قىلىش كەيپىياتىنى پەيدا قىلماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىللىرىنى قەدىرلىمەسلىكىنى ھېس قىلغان سىياسەتچى ئەربابلار ئاشكارا ھالدا " ئۇيغۇر تىلىدا پەن-تېخنىكا ئۆگىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى، بازار ئىگىلىكىگە تېخىمۇ ماسلاشقىنى بولمايدىغانلىقىنى" تەكىتلىمەكتە، سىياسەت ۋە جەمىيەت خاراكتېرلىق شەكىللىنىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنىڭ رولىنى چۈشۈرۈش دولقۇنى، ماخمۇت قەشقىرىنىڭ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ۋە ئەلىشىر ناۋايىنىڭ شۇنىڭدەك 1944-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرى دائىرىسىدە سىستېمىلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىلىرىنى بەش يىل باشقۇرۇش بىلەن ھەممىگە قابىل ۋە لايىق تىل ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلانغان ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ شۇنىڭدەك بۇ تىلنى قوغداش ئۈچۈن جانلىرىنى قۇربان قىلغان يۈز مىڭلىغان قۇربانلارنىڭ تىلىغا تەھدىد يەتمەكتە.

تىلدىن ئىبارەت مىللەتنىڭ قەلب ئەڭگۈشتىرىدىن ئايرىلىپ قالغان مىللەتنىڭ ئىستىقبالىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، خالىسىڭىز، رۇسلاردىن، ياپونلاردىن، فرانسۇزلاردىن ۋە خەنزۇلاردىن ئۆز تىلىڭىزنى تاشلاپ ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا تىلنى ئىشلىتىشنى، ئۆز تىلىڭىزنى ئۇنتۇشنى خالامسىز دەپ سوراپ بېقىڭ، ئۇلار بەلكى بۇ سوئالىڭىزغا چىرايلىق گەپ بىلەن ئەمەس، بەلكى مۇشتى بىلەن جاۋاب بېرىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، باشقا بىر تىلنى ياخشى ئۆگىنىش بىلەن ئۇ تىلنى ئۆزىنىڭ مائارىپىغا ۋە كۈندىلىك پائالىيەتلىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلدۇرۇشنىڭ پەرقى بار.

21-ئەسىرنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۇيغۇرلار يەنە ئىنتايىن كۈچلۈك بازار رىقابىتى، مەدەنىيەت رىقابىتى ھەم مىللىي ئاڭ ۋە غۇرۇر رىقابەتلىرىگە دۇچ كەلدى. ئۇيغۇرلارغا بۇ رىقابەتلەردە غالىپ چىقىشتىن باشقا چىقىش يولى يوق، ئەگەر ئۇتتۇرسا، ئاقىۋەتنى ھەر قانداق شەكىلدە تەسۋىرلەش مۇمكىن. لېكىن، خۇشاللىنارلىق بىر نۇقتا شۇكى، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئۆزلىرىنى ھېچ كىمدىن كەم سانىماسلىق روھى مىللىي پىشىكىسىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئورۇن ئالغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادىكى باشقا خەلقلەردىن ئارتۇق تۇرىدىغان يېقىندىن بۇيانقى نەتىجىلىرى ئارقىلىق دادىللىق بىلەن " 21-ئەسىر بىزنىڭ ئەسىرىمىز بولىدۇ" دەپ ئېيتىشقا ھەقلىق.

ئۇيغۇر دىيارى جۇغراپىيىلىك جايلىشىش جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شۇنچىلىك مۇھىم ۋە ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە. ئۇيغۇر دىيارى 21-ئەسىردە يېڭى يىپەك يولىنىڭ مۇھىم ئۆتكىلى بولۇش رولىنى ئۆتەيدۇ. جۇڭگونىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان ئېنېرگىيە ئېھتىياجى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى شۇنىڭدەك خەلقئارا ھەربىي-سىياسىي ئىستراتېگىيىسى ئۇيغۇر دىيارى بىلەن زىچ باغلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە، قازاقىستان بىلەن جۇڭگو ئارىسىدىكى نېفىت توشۇش تۇرۇبىسى ئىشقا كىرىشتى. بۇ يول جۇڭگونىڭ نېفىتكە بولغان ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشتىكى ناھايىتى مۇھىم ۋاسىتە. 2011-يىلىدىن ئېتىبارەن گاز ئاقتۇرىلىدىغان رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئارىسىدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئۆتىدۇ.

تۆمۈر يول قاتنىشى جەھەتتىنمۇ، قەشقەر-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولى تۇتاشتۇرۇلسا، ئۇ چاغدا جۇڭگونىڭ بىۋاسىتە ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق غەربىي ئاسىياغا ھەمدە كاۋكازىيە رايونى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىسى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ. ئەگەردە پاكىستانغا تۇتىشىدىغان تۆمۈر يول مەيدانغا كەلسە، جۇڭگو ئۇيغۇر دىيارى ئارقىلىق پاكىستاننىڭ كاراچى پورتىغا ئاندىن كېيىن ھىندى ئوكيانغا چىقىپ، ھىندى ئوكيان بويىدىكى نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى بۇ يول ئارقىلىق قىسقا ۋاقىت ھەم قىسقا مۇساپە بىلەن جۇڭگوغا توشۇپ كېلەلەيدۇ شۇنىڭدەك تاۋار ئالماشتۇرۇشتا ۋە سودىدا يەنە يېڭى مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىدۇ. قىسقىسى ، ئۇيغۇر دىيارى جۇڭگونىڭ غەربىي ۋە جەنۇبىي ئاسىيا جۈملىدىن ياۋروپا بىلەن بولغان تۈرلۈك ئىقتىسادىي ئالاقىلىرىدىكى مۇھىم ئۆتكەل بولۇپلا قالماستىن بەلكى، كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولىدىغان دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم ۋاسىتىلىق رولىغا ئېرىشىدۇ. شۇڭا، جۇڭگو ئىستراتېگىيىچىلىرى " شىنجاڭ گۆھەر زېمىن" دەپ بىكارغا ئېيتمىغان.

ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن تاشقى دۇنيا ئارىسىدىكى شۇنىڭدەك جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بەلۋاغقا جايلاشقانلىقىدەك ئەۋزەللىكىنى ۋە رولىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئەۋزەللىكلىرى ۋە روللىرىدىن قانداق پايدىلىنىش يوللىرىنى تېپىپ چىقالىسا، بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەخت ئېلىپ كېلەلىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، ئارزۇلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن بەدەل تۆلەش كېرەك، ئادىل ھوشۇر سەنشىئا بوغۇزىغا تارتىلغان تۆت يۈز مېتىر ئېگىزلىكتا مېڭىش ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە تەييار ئىدى. چۈنكى، ئۇمۇ خۇددى بىزگە ئوخشاش ئادەم بولغاچقا، ئەشۇ ئېگىزلىكتىن چۈشۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ھېچنېمىسى قالماس ئىدى. ئابلا مەجۈنمۇ خۇددى شۇنداق !

گۈل زۆھرە بەلكى تەكلاماكاندىن يۈگۈرەپ ئۆتۈش ئۈچۈن ئوخشاشلا ئادىل ھوشۇردىن قېلىشمايدىغان خەتەرگە تەۋەككۈلچىلىك قىلدى . ئۇلار ئەنە شۇنداق بەدەل تۆلەش روھى بىلەن ئۆزىنىلا ئەمەس بەلكى مىللىتىنى تونۇتتى، بۇ مىللەتنىڭ دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر ئۆزلىرىنى ئىلغار ۋە بۈيۈك ھېسابلىغان ئىنسانلار توپىدىن قېلىشمايدىغان، ھەممىگە قادىر ۋە لايىق بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى! مانا بۇ ئۇيغۇرغا كېرەك روھ! شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن ئۆز باتۇرلىرى، ئۆز ئالىملىرى، سەنئەتكارلىرى، قىسقىسى ئۆز مىللىتى ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلغان ئادەملىرىنى قەدىرلەشكە ۋە سۆيۈشكە شۇنىڭدەك ئۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بىر خەلقتۇر.

ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۇيغۇرسىز قالغان، يۇرت ئۈچۈن يۇرتسىز قالغان، ئانا تىلى ئۈچۈن تىلسىز قالغان، پاك روھى ئۈچۈن جانسىز قالغانلارنىڭ مۇرات-مەخسەتلىرى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، چۈنكى تارىخ ئەڭ ئادىل سوتچىدۇر! چۈنكى تارىخ ھېچ قاچان كۆز يېشىغا ئىشەنمىگەن ھەم ئىشەنمەيدۇكى، بۇ خۇددى ئادىل ھوشۇرنىڭ پەلەكنى بويسۇندۇرۇش روھى تارىخ ياراتقاندەك بىر ئىش، ئىشىنىمەنكى، ياش تالانتلىرىمىز ئەركىن بىلەن راخمانجانلار خىتاپ قىلغاندەك دۆڭ كۆۋرۈكتىن كېلىدىغان ئۇيغۇر ھىدى ئەبەدىيلىك بولغۇسى ! ھەم بۇ ھىد خۇددى تارىختا سۇلتان سۇتۇقتەك ، باتۇر تەڭرىقۇتتەك، مويۇنچۇردەك قەھرىمان ئەجدادلىرىمىز دۇنياغا يايغاندەك يەنە دۇنياغا يېيىلغۇسى !!

ئۇيغۇر ناخشىلىرىدىن شۇنداق پۇراقلار كەلسۇنكى، ئۇنىڭدا ئاجىزلارنىڭ يىغىسى بىلەن بىچارىلەرچە ئىڭرىشى ئەمەس، بەلكى مەردانە نەرىلەر، جاسارەت ۋە ئۈمىدۋارلىقلار مەۋجى ئۇرسۇن، سەنئەت بىلەن بىرگە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ھامان سەنئەت بىلەن ئۆزىنى تۇيىدۇ ۋە سەنئەت بىلەن ئۆزىنى تەربىيىلەيدۇ. ئۆز ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ۋە يوقاتماسلىق ئاساستا باشقا مىللەتلەرنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئۆگىنىپ ، ئۇنى ئۇيغۇر مۇزىكىسىغا سىڭدۈرۈش كېرەككى، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ مۇزىكىلىرىنىڭ ئەسىرى بولۇپ قالماسلىق كېرەك. قوبۇل قىلىپ پايدىلىنىش بىلەن كۆچۈرىۋېلىشنىڭ ئارىسىدا زور پەرقلەر مەۋجۇت. ناخشا-مۇزىكىدىكى تەرەققىياتمۇ بىر مىللەتنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى تەرەققىيات سەۋىيىسى ۋە راۋاجلىنىش يۆلۈنىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بەلگىلەرنىڭ بىرىدۇر

ئىشىنىمەنكى، مۇراتنىڭ ئىلى ۋە تۈمەن دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىش ئارزۇلىرى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، يالغۇز مۇراتنىڭلا ئەمەس بەلكى، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئون مىڭلىغان، يۈز مىڭلىغان ، مىليونلىغان مۇراتلارنىڭ مۇرات-مەقسەتلىرى چوقۇم رىئاللىققا ئايلىنىدۇ .

No comments: