ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمكى ئەجدادلىرىدىن بىرى بولغان دىلار ( تۇرالار) بۇنىڭدىن تەخمىنەن 4000 يىل ئلگىرىكى ۋاقىتتىن بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2600 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتقىچە شىمالى جۇڭگودىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە بولغان جايلاردا قەبىلىلەرگە بۆلۈنۈپ ياشىغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھۇن قەبىلىسى ناھايىتى كۈچلۈك قەبىلە بولۇپ،ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2216 يىل بۇرۇن قۇدرەتلىك ھۇن خانلىقىنى قۇرغان. زېمىنى شەرىقتە لىياۋخې دەرياسىدىن غەرىبتە پامىر تاغلىرىغىچە،شىمالدا بايقال كۆلىدىن جەنۇبتا سەددىچىن سېپىلىگىچە بولغان تەخمىنەن تۆت يېرىم مىليون كىۋادىرات كىلومېتىر زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇ دەۋىردە نوپۇسى تەخمىنەن بىر يېرىم مىليون، باشقا قەبىلىلەردىن بولۇۋالغان قۇللارنىڭ سانى 550 مىڭغا يەتكەن.
بۇنىڭدىن تەخمىنەن81450 يىل بۇرۇن، يەنى مىلادىيە 550 -يىلى دىلارنىڭ بىۋاستە ئەۋلادى، ھۇنلارنىڭ بىرئۇرۇقى بولغان تۈركلەر كۈچىيىپ، ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۆتۈكەن تېغى باغرىدا پايتەخت قۇرۇپ، تۈرك خانلىقىنى قۇرغان. كېيىن ناھايىتى كۈچىيىپ زېمىنى شەرىقتە لىياۋخې دەرياسىغىچە، غەربتە كاسپى دېڭىزىغىچە،شىمالدا بايقال كۆلىگىچە، جەنۇبتا ئىچكى مۇڭغۇلغىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
بۇنىڭدىن تەخمىنەن 63 13يىل بۇرۇن ، يەنى مىلادىيە 645 -يىلى تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى بولغان ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرى كۈچىيىپ، يەنىلا ئۆتۈكەن تېغى باغرىدا پايتەخت قۇرۇپ،ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان. كۈچەيگەن مەزگىلدە زېمىنى بۇرۇنقى ھۇنلار ، تۈركلەر نىڭ زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت، يەنىمۇ كېڭەيگەن . نۇپۇسى تەخمىنەن بىر يېرىم مىليوندىن كۆپرەك تۈتۈن ( ناۋادا بىر تۈتۈندە ئوتتۇرىچە بەش جان بار دەپ قارىغاندا،جەمى قانچە بولىدىغانلىقى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم ) بولغان.
بۇنىڭدىن تەخمىنەن 1168 يىل ئىلگىرى ، يەنى مىلادىيە 840 -يىلى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تەبىئىي ئاپەت، ئىچكى نىزا ۋە قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن يىمىرىلىپ، ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرى ئۈچ تارماققا بۈلىنىپ جەنۇبقا ۋە غەربكە كۆچۈپ، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قارا خانىلار خانلىقىنى قۇرغان. گەنجۇ ( ھازىرقى گەنسۇنىڭ جاڭيې ئەتراپى )ئۇيغۇر خانلىقىنى غەربكە كۆچكەن 15 قەبىلە ئەسلىدە بۇجايدا ماكانلاشقان ۋە ئىلگىرى جەنۇبقا كۈچۈپ مۇشۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار بىلەن قوشۇلۇپ مىلادىيە 850 - يىلى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، كۈچەيگەن مەزگىللەر دە زېمىنى شەرىقتە ھازىرقى گەنسۇدىكى تيەنشۈيگە، غەربتە قۇمۇلنىڭ شەرقىگە، شىمالدا ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىگە، جەنۇبتا خېلەنشەن، چىلەنشەن تاغلىرىغىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان( كېيىن ئۇلار تاڭغىتلار تەرىپىدىن يىمىرىلگەن ). ھازىرقى يۇغۇرلار شۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.
ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ غول بىر تارمىقى ئەسلىدىن بۇيەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن قوشۇلۇپ مىلادىيە 860 - يىلى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، كۈچەيگەن مەزگىللەردە زېمىنى شەرىقتە گەنسۇدىكى شاجۇ ( دۇنخۇاڭ ) غىچە، غەربتە كۇچانىڭ غەربىگىچە، شىمالدا جۇڭغار ئويمانلىقىغىچە، جەنۇبتا خوتەننىڭ شىمالىغىچە يەتكەن.
قارا خانىلار خانلىقىنى غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تارمىقى ئەسلىدىن يەتتىسۇ، ئىسسىقكۆل، پامىر ۋە تارىم بويلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر - تۈرك قەبىلىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ مىلادىيە 880 - يىلى قۇرغان بولۇپ ،كۈچەيگەن مەزگىللەردە زېمىنى شەرىقتە كۇچاغىچە، غەربتە كاسپى دېڭىزىغىچە، شىمالدا ئىلى ۋادىسىغىچە، جەنۇبتا خوتەنگىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. كېيىن يۇقىرىدىكى ئىككى خانلىقنى قارا قىتانلار، ئارقىدىن موڭغۇللار بويسۇندۇرغان.
بونىڭدىن تەخمىنەن 494 يىل بۇرۇن ، يەنى مىلادىيە 1514 - يىلى ئۇيغۇرلاشقان موڭغۇللارنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان سەئىدخان يەركەننى پايتەخت قىلىپ سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان. بۇخانلىق كۈچەيگەن مەزگىللەردە ئەمەلىي باشقۇرغان زېمىنى شەرىقتە جيايۈگۈەنگىچە، غەرىبتە پامىرغىچە، شىمالدا بالقاش كۆلىگىچە، جەنۇبتا كەشمىرگىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. كېيىن بۇ خانلىقنى ئاپاق خوجا جۇڭغار قالماقلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئاغدۇرۇپ ، ئۆزى قورچاق خان بولغان. جۈملىدىن سەئىدىيە خانلىقى ئاخىرقى ھېسابتا جۇڭغار خانلىقىغا قارام بولغان. كېيىن مانجۇلار جۇڭغارلارنى يوقىتىپ، پۈتۈن شىنجاڭنى ئۆز ئىدارىسى ئاستىغا ئالغان. شۇنداق قىلىپ پۈتۈن شىنجاڭ رايونى چىڭ سۇلالىسىگە تەۋە بولغان.
ئۇمۇمەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار قۇرغان ھاكىمىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدە شىنجاڭ ئەزەلدىن بۇ ھاكىمىيەتلەرنىڭ مۇھىم بىر زېمىنى بولغان. بولۇپمۇ بۇ ئەھۋال قارا خانىلار خانلىقىدىن كېيىن ئىنتايىن گەۋدىلىك بولغان. ھەر قايسى ھاكىمىيەتلەر باشقا جايلارنى قولدىن بېرىپ قويسىمۇ، شىنجاڭنى، جۈملىدىن جەنۇبى شىنجاڭنى ھەرگىز قولدىن بەرمىگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۇبى شىنجاڭغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، باشقا جايلارغا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان ماكانلىشىش ھالىتى شەكىللەنگەن.
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق : " شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى " .
شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادېمىيىسى تۈزگـەن "شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى " (1 -، 2- ،3 -قىسىم )
No comments:
Post a Comment