2009-06-22

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر-ئويغانغان زېمىن

ئۇيغۇرلارنىڭ يىقىنقى زامان تارىخى تەسۋىرلەنگەن رومان.جەمئىي ئىككى باب.
بىرىنچى بابتا، شىنجاڭدا 17 يىل جاھالەتلىك سىياسەت يۈرگۈزگەن ياڭ زېڭشىننىڭ قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە يېڭى مۇستەبىت جىڭ شۇرېننىڭ تەختكە قانداق چىققانلىقى سۆزلەنگەن.
ئاپتۇر دەسلەپ تاھىر بەگنىڭ ئۆيىدە پەن ياۋنەن ۋە مەخسۇت مۇھتى، تاھىر بەگ قاتارلىقلارنىڭ سۆھبىتىنى بېرىپ ئاندىن پەن ياۋنەن توغرىسىدا ئىزاھات بېرىدۇ.
پەن ياۋنەن ئەسلى مانجۇ ئەمەلدارى بولۇپ، مانجۇ خانلىقىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ياپۇنىيىدە قانۇنشۇناسلىق بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭدا سوت كوللىگىيىسىنىڭ باشلىقى بولىدۇ. شىنخەي ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئىچكىرىگە قايتىپ كېتىپ 1918-يىلى يەنە ئاقسۇنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. بىراق قوۋ تۈلكە ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭ ئىلغار پىكىرلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ ئۆز يېنىدا ئېلىپ قالىدۇ. دەرۋەقە پەن ياۋنەن ھەقىقەتەن ئىلغار پىكىرلىك بولۇپ ئۇ شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن شىنجاڭدىكى مائارىپ، سىياسى، ئىقتىساد جەھەتتىكى جاھالەتلەرنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قاتتىق نارازى بولىدۇ. ئەمەلدارلارنى تۇڭگۇزغا ئوخشىتىدۇ. ياڭ زېڭشىن بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنى ھەربىي ئىشلار خارجى مەھكىمە باشلىقى، ئۈرۈمچى ۋالىيسى دېگەندەك مەنسەپ بىلەن چۈشەپ قويىدۇ. پەن ياۋنەن ياڭ زېڭشىننىڭ بۇ مەقسىتىنى چۈشەنگەندىن كېيىن شىنجاڭدا ئۆزىنىڭ ھېچ ئىش قىلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يىتىپ ئىچكىرىگە قايتماقچى بولغاندا ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭغا رۇخسەت بەرمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن پەن ياۋنەن جىمغۇرلىشىپ كېتىدۇ. 1928-يىلدىكى شىمال مىللىتارستلىرىغا قارشى ئۇرۇشى نەتىجىسىدە بېيجىڭ مىللىتارست ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغان بولسىمۇ لېكىن جياڭ جيېشى ھوقۇق تارتىۋېلىپ نەنجىڭ مىللى ھۆكۈمىتىنى قۇرغاندىن كېيىن ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭغا ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىتائەت قىلىدۇ ۋە يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەيدۇ، شۇ باھانە بىلەن پەن ياۋنەننى چەتكە قاقىدۇ. پەن ياۋنەن بۇنىڭدىن غەزەبلىنىپ ياڭ زېڭشىنغا قارشى ھەرىكەت باشلايدۇ. ئۇ شۇ چاغدا ئۈرۈمچىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتى ھېسابلىنىدىغان رۇسچە سىياسىي قانۇن مەكتىپىنىڭ (ياڭ زېڭشىن دىپلوماتىك خادىم يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە قۇرغان ۋە ئۆزى پەخرى مۇدىر بولغان) باش مۇپەتتىشى بولۇپ ئىشلەيتتى. مەكتەپ مۇدىرى جاڭ چۇڭشى ھەم ئۇنىڭ سادىق سەپدىشى ئىدى. ئۇ تېخنىكومدا بىرىنچى قاراردا ئۇقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئۇقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا ياڭ زېڭشىننى يۇشۇرۇن ئۆلتۈرۈشنى پىلانلايدۇ. بىرىنچى باب، يەنى رومان دەل مۇشۇ يەردىن باشلانغان. مەخسۇت مۇھتى، تاھىر بەگ، پەن ياۋنەن قاتارلىقلار پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاننىڭ ئەتىسى يەنى يەكشەنبە كۈنى چوڭ ئىش يۈز بېرىدۇ. تېخنىكۇمنى بىرىنىچى قاراردا ئۇقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتقاندا، پەن ياۋنەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرى زىياپەتكە قاتناشقان ياڭ زىڭشىن باشلىق نۇرغۇن ئەمەلدارلارنى قىرىپ تاشلايدۇ ۋە رەئىسلىك تامغىسىنى قولىغا ئېلىپ يىغىن چاقىرىدۇ. لېكىن قىرغىن قىلىنغانلار ئىچىدە مەمۇرىي ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى جىڭ شۇرېن يوق بولۇپ، مۇراسىم جەريانىدا چىقىپ كەتكەنىدى. ئۇ ياڭ زېڭشىننىڭ قەتلى قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دىلغۇل بولۇپ تۇرغاندا ئۇفىتسېر جاڭ پېييۇەننىڭ پەن ياۋنەننى جازالاش ئۈچۈن بىر پولك ئەسكەرنى ھەرىكەتلەندۈرگەنلىكىنى ئاڭلاپ دەرھال ئۆزىنى زىننەتلەپ پەن ياۋنەنچىلەرگە قارشى سۈپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ پەن ياۋنەن قاتارلىقلار تۇرۇۋاتقان جاڭجۇڭ يامۇلىنى شۇ كۈنىلا قورشاپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تاشلايدۇ. ئەتىسى ئۆزىنى شىنجاڭ رەئىسى دەپ جاكارلاپ ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىدۇ ۋە ھەم تۇتقۇن قىلىشنى باشلايدۇ.

ئىككىنچى بابتا،جىڭ شۇرېننىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن غالجىرلىق بىلەن ئېلىپ بارغان تۇتقۇنلىرى، ئۆز ۋاقتىدا پەن ياۋنەننىڭ ھارۋىسىنى ھەيدىگەن ھارۋىكەش ھەسەن دۇلاننىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمى بىلەن ئېچىپ بېرىلگەن. ھەسەن دۇلان قازا قىلغاندىن كېيىن ئۇنى دەپنە قىلىش جەريانىدا ھەيدەر ئەپەندىنىڭ خۇجىنىياز ھاجى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغانلىقى، ئاندىن بۇرھان شەھدى، تاھىر بەگ، مەخسۇت مۇھتى، ھەيدەر ئەپەندى، خۇجىنىياز ھاجى قاتارلىقلارنىڭ سۆھبەتداش بولغانلىقى بايان قىلىنغان.
قۇشۇمچە بايانلار مۇنداق: ھەيدەر ئەپەندى تاتارىستاندىن مەخسۇت مۇھتى چىللاپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى. «ئىز» رومانىدىن مەلۇمكى بۇ كىشى تۆمۈر خەلىپە بىلەن سىرداش ھەم يېقىن دوست ئىدى. تۆمۈر خەلىپىنىڭ زۇلۇمغا قارشى كۆتۈرۈلۈش ئىرادىسىنىڭ پەيدا بولۇشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ئىدى. بۇ بابتا ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئۈرۈمچى بويىچە مىللىي تىلدا ئوقۇتۇلىدىغان بىردىنبىر باشلانغۇچ مەكتەپ نەنلياڭ رايونىدىكى تاتار، ئۆزبىك بايلىرىنىڭ پۇلى بىلەن سېلىغان «نوغاي» مەسچىت مەكتىپىدە ئۇقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
جىڭ شۇرېن گەنسۇنىڭ خېجۇ ناھىيىسىدىن بولۇپ گەنسۇ يۇقىرى بىلىم يۇرتىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا ياڭ زېڭشىنغا مۇرىت ئىدى. 1908-يىلى ياڭ زېڭشىن شىنجاڭدا ئەمەلدار بولغاندا ياڭ زېڭشىننى پانا تارتىپ كەلگەن ۋە ئۈرۈمچى، قەشقەر، كونىشەھەر، ئاقسۇ قاتارلىق ناھىيىلەرگە ھاكىم بولغان. 1918-يىلى مەمۇرىي ئىشلار نازىرلىقىغا كۆتۈرۈلگەن. ياڭ زېڭشىن ئۆلگەندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمدارى بولۇپ قالدى.
بۇ بابتا ئۈرۈمچى مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ:
ياڭ زېڭشىننىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى ئاقىلانە تەدبىرلىرىدىن ھاسىل بولغان تىنچلىق، ئاسايىشلىق ھاۋاسى ئۈرۈمچى شەھىرىنى خۇددى ئەپيۇن ئىسىنىڭ شىرىن كەيپى بىلەن كۆزلىرى خۇمارلىشىپ ئۈگىدەپ ياتقان خامۇش كىشىدەك قىلىپ قويغان ئىدى. مەن مەن دېگەن بايۋەچچىلەرنى خۇددى ئەتىياز كۈنلىرى تۈك تاشلىغان تايلاقتەك يالىڭاچلاپ تاشلايدىغان قارا دەرۋازىلىق ھويلىدىكى ھاياسىز كۈلكىلىرى بىلەن، پاكار-پاكار ئۆيلەردە داپ ۋە دۇتارغا تەڭكەش قىلىنغان شوخ كۇچا ناخشىلىرى؛ مىلەڭزىلىرى يېرىم قايرىقلىق تۇرىدىغان ئۆيلەرنىڭ كاڭ سۇپىلىرىدا يېنىقلىق تۇرغان «شىشە گۈمبەز» ئىسلىرى بىلەن ئەگرى-تۇقاي كوچىلاردىكى ئۆيلەردىن چىقىپ تۇرىدىغان نەشە پۇراقلىرى؛ قىمارخانىلاردا كىچە-كۈندۈز شاراقلايدىغان شىشىخال سادالىرى بىلەن تۆت ئۇشۇق تاۋكالىرىدىكى «دەتتىكام» ئاۋازلىرى؛ ئادەم تۇلا ئاشپەزخانىلاردا ۋە مەيخانىلاردا تىنماي ياڭرايدىغان «گاۋشىڭ، گاۋشىڭ» ۋە «خانلەيلۇن»غا ۋارقىراشلار—مانا بۇ خېلى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قۇلىقىنى پاڭ، كۆزىنى قارىغۇ قىلىپ قويغان ئىدى. ئادەملەر خۇددى ئۆز رىزقىنى ئۆزى تىرىپ يەپ يۈرگەن چۈمۈلىلەرگە ئوخشاش ئەركىن ئازادە يۈرگەن بىلەن ئۇلارنىڭ يۈرىكى بۆشۈككە بۆلىنىپ غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئۇخلايتتى. گۇيا ئۇلار تەبىئەتنىڭ ئىنسانغا بەرگەن ئەڭ چوڭ ئىنئامى_ھېس تۇيغۇ، ئاڭدىن مەھرۇم بولغاندەك... پەن ياۋنەنچىلەرنىڭ تاپانچىسىدىن ئېتىلغان بىر نەچچە تال ئوقنىڭ ئاۋازى بىلەن باشلانغان بۇ پاتپاراقچىلىق بۇ «تىنچ-ئاسايىشلىق»نى بىردەمدىلا بۇزۇپ تاشلىدى. ئەمدى ئۈرۈمچى شەھىرى تۇيۇقسىز غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغانغان ئادەمگە ئوخشاش تىڭىرقاش ئىچىدە قالدى. ئۈچ كۈنلۈك ھەربىي ھالەت داۋامىدا چوڭ-كىچىك ئاشپۇزۇل-مەيخانىلار تاقىلىپ، شەھەر دەرۋازىلىرى ئىتىلىپ قالدى. مىلتىقلىرى بەتلەنگەن چىرىكلەر كوچا-كۇيلارنى چارلاپ يۈرۈشەتتى.

تولۇق ئىككى كىتابنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسى: ئويغانغان زېمىن

No comments: