2009-07-03

ئانا يۇرت رومانىدىكى مۇھىم جۈملە ۋە ئابزاسلار

ئانا يۇرت 1- قىسىم
ماۋۇ ئىچكىردىن چىققانلار شىنجاڭدەك نەچچە مىلىيوندىن جىق ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرمۇ بار يەردە يۇرت سورايدىغانلار باردۇر دەپ ئويلاپمۇ قويمايدۇ، ھەي ئۇيغۇر ، سەن بىر تېنچ ئوتلاقتا ئوتلاۋاتقان قوي، سىرتتىن بۆرە كەلسىمۇ ، ئېيىق كەلسىمۇ كەلگەنلىكى مەخلۇقنى ئۆزۈڭگە ئوخشاش قوي دەپ ئويلايسەن، ئۇنى يايلاقتا ئوتلىسۇن ، يايلىسۇن دەيسەن، ئۇنىڭ قەستى ئوت - چۆپتە ئەمەس ،سەندە. ئۇ سېنى ئوزۇق قىلماقچى ، ئوتلۇقىڭنى يوقاتماقچى ، سەن بۇنى بىلمەيسەن.

ھوقۇق ئىگىلىرى تامامەن خەنزۇ ، ئۇلارنى باقىدىغانلار بىز خەق ، تۈرمىلەردە ئۆلۈۋاتقان ، ھەممىلا جايدا ئۆلۈۋاتقانلارمۇ بىز خەق.


بىزنىڭ ئۇيغۇرلىمىز قانچە يىل باش پاناھ ئىزدەيدىكىنتاڭ. شېڭ دۇبەنگە تايىنىپ بەخت تېپىش يولى، سابىت داموللىنىڭ يولىنى تۇتۇپ ئىسلام جۇمھۇرىيتى قۇرۇش يولى ، سوۋىت ئىتتىپاقىغا تايىنىپ بايلارنى يوقىتىپ ، كەمبەغەللەر دۆلىتى ---- سوتسىيالىزىم قۇرۇش يولى ، گومنداڭنى ئاغدۇرۇپ ، شېڭ شىسەينى يوقىتىپ يەنئەندىكى ماۋزېدۇڭنىڭ ئەسكەرلىرىنى باشلاپ كېىلىپ كەمبەغەللەرگە ھاكىميەتنى تۇتقۇزۇش يولى...... ؟


نە- نەلەردىن كېلىسەنۇ ، بىزنى باشقۇرىسەن، ئېزىسەن، بىكاردىنلا سولايسەن ، ئۆلتۈرىسەن، سەن بىزنىڭ ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى ھېسابقا ئالمايسەن، بىزدىمۇ ئىنسانىي غۇرۇر بارلىقىغا ئىشەنمەيسەن. مەيلى ئىشەنمە ، ھېچبولمىغاندا بىزنىڭ نەپرەتلىنەلەيدىغانلىقىمىزنى بىلىشىڭ كېرەك . نەپرەتنىڭ ئۆزى كۈچ، غەزەپنىڭ ئۆزى قورال، سەن بۇنى ھېسابقا ئالمىدىڭ. سەن ھوقۇق ، مىلتىق ۋە پوپوزاڭغا ئارتۇقچە ئىشىنىپ كەتتىڭ ، ۋاقتى كەلگەندە ئۇ نەرسىلىرىڭ كارغا كەلمەيدۇ.


بىر مىللەتنىڭ بىر نەچچە يۈز ، بىر نەچچە مىڭ پىداكارلىرى بولغاندىلا ئۇ مىللەت ئويغىنالايدۇ، قوزغىلالايدۇ، ئۆزىنى قۇتقۇزالايدۇ.


ئەسكەرلەر كۇلىدىن پىيادە چىققاندا ئۇلارغا ئەگىشىپ ، يول بويى ئەسكەرلەرنى مىلىچمال بىلەن تەمىنلەپ كېلىدىغان خۇلاڭزىچىلار ( خەنزۇ ئىشلەمچى، تۈۋەن قاتلامدىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ ) بىر سېۋەت بىلەن چىقىپ، ھازىر بۇ يەردە چوڭ باي بولۇپ كېتىشتى ، نەگىلا بارسا تىيەنزىنلىك باي ( تىيەنجىنلىك دېمەكچى ) . ئۇلار يالاڭ ئاياغ چىقىشقان خۇلاڭزىچىلار ئىدى، بايلىق - ئەمەل شۇلاردىن ئاشمايدۇ. كۇلىدا دېۋانىچىلىق قىلىدىغانلىرى بۇ يەرگە چىقىپ چوڭ باي، ئەمەلدار بولىۋالىدۇ. ساراڭ شويمەك ئېلىشىپ قالغانلىرىمۇ بۇ يەرگە چىقىپ دوتەي بولۇۋالىدۇ.

ئانا يۇرت 2- قىسىم

ئۇيغۇرلار مېھماندوست خەلق، تۆت تال خى تا _ي ئۇلارنى سورايدۇ. خى تا -يلارنى ئۇيغۇرنىڭ يېرىگە كىرىۋالدى. يەنە تېخى بۇ يەر بىزنىڭ دەيدۇ. سېپىلنى نېمىشقا قورغاسىقىچە سوقىمىدىڭ؟ شىنجاڭ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى يېڭى چىگرا دېگەن گەپكەن. سېنىڭ بولسا نېمىشقا يېڭى دەيسەن؟ گېنرال كالپاكوۋىسكى غۇلجىنى 10 يىل سورىغاندا نېمىشقا شىنجاڭغا ئەسكەر كىرگۈزۈپ ھەممە يەرنى بېسىۋېلىپ بۇ يەردە ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرمىدى؟ سىلەر ئۇيغۇر خەق سىتالىندىن ئۈمىد كۈتمەڭلار، ئۇ سىلەرگە ھەرگىز دۆلەت قۇرۇپ بەرمەيدۇ.



شىنجاڭنىڭ يېرى ڭەڭ، مۇنبەت، مال - چارۋا دېگەننى قانچە قىلىمەن دېسەڭ شۇنىڭغا ئىمكان بار، مېۋە - چېۋە، كۆكتات ، دەل - دەرەخ ، ئالتۇن - كۆمۈش، نېغىت، تەبىئىي گاز .... نېمە دېسە شۇ بار، لېكىن بۇ يەرنىڭ ، ئانا تۇپراقنىڭ خەلقى نادان ، كەمبەغەل، بىچارە!

******* ____ بىز يەنئەننىڭ غەلبە خەۋىرىنى كۈتۈپ تۇرىدىكەنمىز، ئۆز ئالدىمىزغا ھۆكۈمەت بۇلالمايدىكەنمىزما ؟ ياق؟ ئۇنىڭغا خەلق ئۇنىمايدۇ، بىز مۇڭغۇلىيەدەك بىر سوتىسيالىستىك دۆلەت قۇرىمىز!
_____ سوتسىيالىزىم قۇرمىساق بۇ ئورۇسلار بىزنى بىر كۈنمۇ تۇرغۇزمايدۇ. ئۇنى قىلىمىز، لېكىن دۆلەت بۇلىشمىز كېرەك.
_____ ئۇنىمىسچۇ؟
_____ ئۇنىمىسا شىنجاڭ دېگەن نامنى يوقىتىپ باشقا نام قويۇپ سوۋىت ئىتتىپاقىغا قوشۇلىمىز !
 ____- ئۇنىڭغا سىتالىن ئۇنىمايدۇ.
____ سىلەر مىلتىقنى گومىنداڭغا قارىتىپ ئاتىسلەر ، ۋەزىپەڭلار بىرلا : گومىنداڭنى قوغلاپ چىقىرىش . كەلگۈسىدە قۇرۇلۇدىغان ھۆكۈمەتنى سىتالىن بەلگىلەيدۇ.
_____ زالىملىق،مۇستەبىتلىك، ئۇرۇشنى بىز ئۇيغۇر قىلىمىز، قاننى بىز تۆكىمىز، بۇيرۇقنى سوۋىت ، ئورۇس بېرىدۇ، تەقدىرىمىزنى ئورۇسلار، ياتلار بەلگىلەيدۇ.....


ھەممە ئادەم توغۇلغان جايىدا ياشىسا ، دۇنيادا جېدەلمۇ ، قىرغىنمۇ بولمىسا دەيمەن. خى تا _ يلار كۇلىدىن كەلمىسە شىنجاڭغا ماجرا ، زۇلۇم نەدىن كېلەتتى. يېرىمىزگە كېلىدۇ- دە ، يەرنى دەسسەشنى ياراتماي ، بېشىمىزغا دەسسەيدۇ. مۇنداقمۇ نائىنساپ خەق بولىدىكەن.

« تىرىلىش » دېگەن روماندا :« پۈتۈن روسىيە بىر تۈرمە » دېگەنگە ئوخشاش ، بىزنىڭ بۇ يۇرتىمىز شىنجاڭمۇ ھازىر بىر چوڭ تۈرمىگە تۈرمىگە ،سىياسى تۈرمىگە ئايلاندى.



___ بىراق ،شىنجاڭ 2000يىلدىن بېرى ، جاڭ چىيەن، بەنچاۋلار قەدەم باسقاندىن تارتىپ بىزنىڭ يېرىمىز ئىكەنلىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىتتە.
___ بۇ بىز خەنزۇلارنىڭ كۆز قارشىمىز، چەت ئەللىكلەر ئۇنداق قارىمايدۇ. مىسالى، سەددىچىن سېپىلىنى نېمىشقا شىنجاڭ ئىچىگە سوقمىڭ، شىنجاڭ سىرتىدا قالىدۇ؟ يەنە نېمىشقا بۇ زېمىنغا شىنجاڭ ( يېڭى چىگرا ) دەپ نام قويۇلغان. بۇ نام 1884- يىلى قويۇلدىغۇ ، دېسە تىلىمىز تۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ زېمىندىكى مىللەتلەرنى ئادەم ئورنىدا كۆرمىگەنلىكىمىزمۇ راست، بىزدىكى ھەدىدىن زىيادە مىللەتچىلىك، مىللىي زۇلۇم، مىللىي كەمسىتىش ، خورلاش مۇ بىر پاكىت.


مۇنۇ ئۆتكەنكى قوغلىغان، قاچقانلارنىڭ تەتۈرىچە سەپەر باشلىغان ئەزىمەتلەرنىڭ يېشىل بايرىقى تارىخ بېتىگە نېمىلەرنى يازاركىن. تۈكۈلگەن تەر بىلەن قان ، چۆللەردە قالىدىغان يېگىت سۆڭەكلىرى يېشى قۇرۇماسلارنىڭ ئەسلىمىسى بۇلارمۇ ياكى پەخىرلەنگۈچىلەرنىڭ ئابىدىلىرى بولۇپ قالارمۇ؟


يەرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ، لېكىن ئۇلارنى بىز خەنزۇ خەق سورايمىز، بىز سورىغانكەنمىز، ئېزىمىز ، ھۆكۈمەت ، ئەسكەر، ساقچى ، قانۇن بىزنىڭ . خالىساق ئۆلتۈردۇق، تۈرمىگە سالدۇق. شۇنچە بايلىق ، ماشىنا - ماشىنىدا ئىچكىرگە كېتىۋاتقان ئالتۇن- كۆمۈش ، ئۈنچە - مەرۋايىت ، قاشتېشى ، پۇل - دۇنيانى ئۇلار يارىتىدۇ، بىز ئالىمىز ، بۇ بىر ئادالەتسىزلىك.


شىنجاڭدىكى بۇ توپىلاڭ ( ئۈچ ۋىلايەت ئىنقلابىنى دېمەكچى ) شۇلارنىڭ ئىشى ( كومۇنستىك پارتىيە بىلەن سوۋىتنى دېمەكچى ) . گەرچە بۇ يەرگە يەنئەندىن بىرەر سىياسى رەھبەر كەلمىگەن بولسىمۇ ، بەرىبىر شۇنداق. قىزىل بايراق مەخپىي، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ، ئاق بايراق ئاشكارا ! بولمىسا سوۋېت ئىتتىپاقى قورال، كوماندىر چىقىرىپ باندىتلارنى ( ئۇيغۇرلارنى دېمەكچى ) بۇنچە قوللايتتىمۇ؟


دۇنيادا ۋىجدان ئىگىلىرىگە مىللىي ھاقارەت، مىللىي كەمسىتىشتىنمۇ قاتتىق خورلۇق بولامدۇ؟ شۇڭا بۇنداق رېئاللىقنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قوزغىلىش كېرەك، ئىنقىلاپ قىلىش كېرەك،،!

ئانا يۇرت رومانى 3- قىسىم


دۇنيادا ئۆزىنىڭ دۆلىتى بولمىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە خەلق بولامدۇ؟ بىر مىللەتنىڭ ئەڭ كاتتا مەنپەئەتى ئۇنىڭ دۆلىتى بولغانلىقىدا .
قۇربان بېرىشكە ئۆزىنى ئاتىغان مىڭلىغان ئوغلانى بولمىغان مىللەت مەڭگۈلۈك قۇل.




___ شىنجاڭنىڭ يەر ئاسىتى خىلمۇخىل بايلىق، تۈگىمەس نېفىت، يەر ئۈستى دېھقانچىلىق -چارۋىچىلىققا تولىمۇ پايدىلىق كەڭرى زېمىن، تاغلىرى ئورمان بىلەن تولغان، چۆللىرىمۇ دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان جانلىق، جانسىز بايلىقنىڭ كانى....بۇنداق يەرنى كىممۇ مېنىڭ دەپ تالاشمىسۇن، يالغان تارىخ ياسىمىسۇن؟ _ دېدى رەخىمجان زىياپەتتە ئىچىكەن ھاراقنىڭ كۈچى بىلەن جانلىنىپ ،- جاڭ جىجۇڭ گېنرال يالغۇز سىياسەتچىلا ئەمەس،تارىخچىغۇ ، ئېيتىڭا ، ئەخماتجان ئەپەندىم،شىنجاڭ دېگەن سۆز يېڭى چېگرا دېگەن سۆز دەيدۇ، راستىمۇ؟
_______ مەن تۈرمىدە خەنزۇچە خەت ئۆگەنگەن،- دېدى ئەخمەتجان قاسىمى كۈلۈپ ، - شىن دېگىنى يېڭى دېگىنىكەن، جاڭ دېگىنى چېگرا دېگەن سۆزكەن. قىسقىىسى يېڭى چىگرا دېگەن بولىدىكەن!
_____ ھىم، 2000يىل بۇرۇن بۇ خى -تاي خەقنىڭ بولىدىكەنۇ ،1-دىن ، شىنجاڭ سېپىل سىرتىدا ، 2- دىن، يېڭى چىگرا دەپ نام قويۇدىكەن. ئاڭلىسام بۇ نام 1884- يىلى قويۇلغانكەنغۇ، ھېسابلىساق ئۇ ياقتا 16يىل، بۇ ياقتا قىرىق بەش يىل ، بار يوقى 61 يىل بوپتۇ، بۇ ئىسىم قويۇلغىنىغا، ھا ،،ھا ،،ھا ،،،راست كونىكەن،كونىكەن...
_____ جۇڭگۇ دېگەن تارىخ ئەمەس ، سىياسەت سۆزلىنىدىغان جاي ئەمەسمۇ؟ ، دېدى ئەخمەتجان قاسىمى،_ بىز ۋەزىيەتكە ماسلاشمىساق زىيان تارتىمىز. سوۋىت ئىتتىپاقى شىنجاڭنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى خالىمايدۇ، بىز سوۋت ئىتتىپاقىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلمىساق بولماس رەخمجان سابىرى .




راست ، جۇڭگۇ زېمىنىدا تاڭ يۇرۇماقتا ،يەنئەن غالىپلار سۈپىتىدە بېيجىڭغا كۆچتى. جىجاڭ جيېشى تەيۋەنگە قېچىش ئالدىدا، شەرىقتىكى بۇ بۈيۈك تۇپراقتا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش پەيدا بولدى. جۇڭخۇا مىنگونىڭ ئورنىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى ئېگىلىمەكچى! بۇ زور خۇشاللىق ماڭغۇچىلارنى ( ئەخمەتجان قاسىمى ، دەلىلقان سوگۇربايوف،ئابدۇركېىرىم ئابباسوف .....قاتارلىق ۋەكىللەر ) ئىلىدىكى بارلىق ھۆكۈمەت، ئارمىيە رەھبەرلىرى،خەلق ۋەكىللىرى ئۇزىتىشى كېرەك ئىدى، لېكىن ئۇلار ئالتاينى كۆزدىن كەچۈرۈش نامى بىلەن مەخپى يولغا چىقتى. ماشىنىلار غۇلجىدىن ئالمۇتىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى....
گويا تۆكۈلگەن قانلار پاجىئەنى مەقسەت قىلغاندەك، ئەزىز قۇربانلار تېىرىكلەرنى يانلىرىغا چىللاۋاتقاندەك، ھەممىلا ئادەمنىڭ بۇدۇنيا بىلەن خوشلاشقۇسى كەلگەنئىدى. لېكىن قويۇق ئورمانلا كەينىدىن - كۈنچىقىشتىن ئاستا باش كۆتۈرۈۋاتقان قوياش ئىنسانلارنى ھاياتقا، ياشاشقا- بەختكە چىللىماقتا ئىدى!

ئابدۇقادىر داموللا ھېكمەتلىرىدىن تاللانما

ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى مەيلى ئۇ ياخشى ئەمەلنى ئاز قىلسۇن ياكى كۆپ قىلسۇن، گۈزەل ئەمەلىيتىگە باغلىق.

زاماننىڭ ھاتەلىرى سانىلىدىغان ئەرلەر مۇھتاجلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغان، دەردمەنلەرنىڭ دەردىگە يەتكەن، بىناۋالارنىڭ كۆڭلىنى ئالغان، ھەق
سۆزنى ئېيتقان كىشلەرنى ھىمايە قىلالىغان ئەرلەردۇر.

ئالىملار ئۆز ئىلمىنى ئەتراپقا رىياسىز تارقاتسا، ئۇلارنىڭ ھەربىر لەۋزىدىن قەنت-شېكەر تامسا، ئالەم نۇرغا تولۇپ زاماننىڭ قاراڭغۇسىمۇ يورۇيتتى.

. ئەقىل ئىگىسى بولساڭ، قۇرۇق دېمەي بۇ سۆزگە قۇلاق سال:غەيرەت ئەھلى دائىم قانائەتچان بولسا نېمىدىگەن ياخشى؟ بىر مىسال باركى، كىشىدىن تەمە قىلماق گويا ئۆكۈزدىن سۈت، مۇزدىن ئوت تەمە قىلغان بىلەن باراۋەر.

ئەگەر ئادەم ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئۆزى ئاشكارىلاپ بولۇپ، ئۇنى "يېيىۋەتتى" دەپ باشقىلارنى ئەيىپلىسە، ئۇ ئەخمەقتۇر. چۈنكى، ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئۆز قەلبى سىغدۇرالمىسا باشقىلارنىڭ قەلبى قانداق سىغدۇرالىسۇن؟!

توغرا سۆزگە ئىشەنمەي، خاتا سۆزگە ئىشىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان قەۋم ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىدىن ئۈمىد كۈتۈش قىيىن.

گەرچە لاياقەتسىز يەر بولسىمۇ ياخشىلىق تېرىغىن، ياخشىلار قەيەرگىلا تېرىلسۇن، زايە كەتمەيدۇ. ياخشى ئىشقا گەرچە ئۇزۇن زامان بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھۇسۇلىنى پەقەت تېرىغان كىشىلا كۆرىدۇ.

كىتاپ ئوقۇغان كىشى تەپەككۇرنى ھەمراھ قىلماي، كىتاپنىڭ شەرھ-ئىزاھلىرىغىلائېسىلىۋالسا، گويا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

كىشىلەرنى ھۆرمەت قىل، سەن باشقىلارغا ھۆرمەت قىلساڭلا، ئاندىن باشقىلاردىن ھۆرمەت كۆرەلەيسەن.


چىراينىڭ ھۆسنىگە تولمىقى بىلەن تۆمۈرنىڭ پارقىراق بولمىقى بىلەن
يىگىتنىڭ پەزىلەت شەرتى تولامدۇ؟ يەمەندىن چىققانغا دەلىل بولامدۇ؟

. كىچەيۇ-كۈندۈز مېھنەت بىلەن بولۇپ، ئۆز ئابرويىنى ساقلىسا، مۇنداق كىشى ئەلدىن ئازار كۆرمەيدۇ، ھېچ زامان خار بولمايدۇ.

. پەسەندىلەرگە ھەرگىزمۇ مېھرىبانلىق كۆرسەتمە، ئۇنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ قويىسەن. قوپاللىق قىل، ئىتائەت قىلىپ باش ئەگكەن ھالدا ئالدىڭغا كىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، تۆمۈرنى پەقەت ئوتلا يۇمشىتىدۇ، ئەمما ئۇنىڭغا پۈتۈن دېڭىز سۈيىنى قۇيساڭمۇ يۇمشىمايدۇ.

. ئەگەر سەن سۈيۈڭنى 《ئەخلەت چۈشكەن》 دەپ ئىچمىسەڭ، ئۇسسۇز قالىسەن. قانداق كىشىنىڭ سۈيىنىڭ ھەممىسى ساپ بولغان؟ يەنە قانداق كىشىنىڭ ھەممە ئىشى دۇرۇس دەپ قارالغان؟ كىشىنىڭ ئەيىپلىرىنىڭ سانالغانلىقى ئاشۇ كىشىنىڭ پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنىڭ يېتەرلىك ئىسپاتىدۇر:
ھەرقانداق كېسەلگە تېپىلسىمۇ ئەم،
يوق ھەرگىز ئەخمەقنى ساقايتار مەلھەم.

. نەپس شۇنداق بالادۇركى، ئەگەر ئەقىل ئۇنىڭغا شاھلىق قىلالمىسا، ئۇ ئادەمنى ئىتتىنمۇ پەسلەشتۈرۋېتىدۇ. خۇدا، نەپس بالاسىدىن ساقلىغايسەن.!!!

. بارلىق نەرسىلەرنىڭ تەمىنى قايتا-قايتا تېتىپ كۆردۈم.لېكىن، مەن تېتىغان نەرسىلەر ئىچىدە گادايلىقتىنمۇ تەمى ئاچچىق نەرسە يوقكەن. مېنى قايغۇغا سالغان نەرسىلەر ئىچىدە دۈشمەننىڭ شادلىقىدىن باشقىسنى تاپالمىدىم.

. ئالىم شاگىرتلىرىغا ئىلىم ئۆگەتكەندە، غەرەزدىن خالىي بولۇپ، ئۇلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل قاراتسا، زامان ئەھلى نەزىرى تار موللىلاردىن قۇتۇلىدۇ.

. ئىلىم-مەرىپەتنىڭ قەدىر-قىممىتى بولمىغان جايدا مەرىپەت ئەھلى شۆھرىتى يوقىلىپ، خارۇ-زارلىققا يۈزلىنىدۇ.

. غەپلەتتە دائىم ئۇخلىماق- يوقىلىش ۋە ئۆلۈم يولىدۇر.

. كىشلەرنىڭ ياخشى خىسلەتلىرىنى دائىم ھەجۋىي قىلىدىغان كىشى پەزىلەت ئىگىلىرىنىڭ يۈرىكىنى ھەجۋىي بىلەن يارا قىلىدىغانلاردۇر. بۇنداقلارنىڭ ھەجۋىيسىگە تۈكۈرمەك كېرەك.

. ياخشىلىققا يات، مال-دۇنياغا مايىل بولۇپ، ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى كۆزىگە سۈرتۈپ ئۆتكەن غېنىلەر ياخشى يولدا مېڭىشتىن باش تارتقان جىنايەتكارلاردۇر. ئۆز مېلىدىن ئۆشرە-زاكات ئايرىمىغان بايلار خىيانەتكارلاردۇر. بۇنداقلارنىڭ قولىدىكى مال ئامانەتدارنىڭ قولىدىكى مالغا ئوخشاش ئۆزىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلار ئۆلىدۇ. مېلى قالىدۇ.

. دۇنيادا نىيەت-ئىقبالى دۇرۇس، كۈچ-قۇۋۋىتىمۇ يېتەرلىك نۇرغۇن ئادەملەر ئۆتكەن. ئەمما ئۇلار دائىم ئارزۇلىرىغا يېتەلمىگەن. يەنە نۇرغۇن زەئىپ، ئاجىز كىشىلەرمۇ ئۆتكەن. ئۇلار ئارزۇ-ئىستەكلىرىگە قېنىپ، مۇرادى دېگۈدەك ھاسىل بولۇپ ئۆتكەن.

. سۆز زىننەتتۇر، سۈكۈت بولسا خاتىرجەملىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ سۆزلىمە. مەن سۈكۈت قىلغىنىمغا بىر قېتىممۇ پۇشايمان يېمىدىم. ئەمما، سۆزلىگىنىمگە كۆپ قېتىم پۇشايمان يېدىم.

. ھازىر ۋە كەلگۈسىنىڭ بەخت-سائادەت ۋە شاراپەتلىرى ياخشى نىيەت ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن ھاسىل بولىدۇ.

. بىلىڭلاركى، بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىقنىڭ زامانىسى ئەمەس، ئويغىنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىسىدۇر. جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس، ئىلىم-مەرىپەت دەۋرىدۇر؛ سۇسلۇق ۋە بىكارچىلىق ۋاقتى ئەمەس، تىرىشىش ۋە غەيرەت-ئىجتىھات ۋاقتىدۇر.

. گۈل شۇنچە باراقسان ھەم خۇش پۇراق ئېچىلغان بولسىمۇ، ئاخىرى تۇزۇپ چېچىلىشتىن خالىي بۇلالمىدى. ئادەمنىڭ ئۆمرى شۇ گۈلنىڭ ئېچىلىشىدن توزۇغانچىلىك ۋاقىتتۇر. مۇشۇنچىلىك ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلمەي، كۆڭۈللەرنى ئورۇنسىز رەشىك-ھەسرەت زەردابلىرى بىلەن ئۇپرىتىشتىن بىزگە نېمە پايدا بار؟

. ئىلىم بىلەن نىجات تاپ، مەڭگۈ ياشنايسەن.

. ئىنسانلارنىڭ ياخشىسى كىشلەر ئۈستىدىكى ئېغىرچىلىقنى ئىرغىتىپ تاشلاپ، مەنپەئەت يەتكۈزگەن كىشىدۇر. ئەگەر قادىر بۇلالىساڭ، كىشىلەر ئارىسىدا ياخشى ئىشلاردىن باشقىنى قىلما، بارلىق يىراق ئىشلاردىن يامان بول.

. ھەركىمنىڭ يامان ئاقىۋەتكە قېلىشىغا ئۆزىنىڭ پېئىل-ئېتىبارى سەۋەپچىدۇر.

. ئىتتىپاق-بۆلۈنمەسلىكتۇر. ئىلگىرىلەش-چېكىنمەسلىكتۇر.

. سۇئال: ئىنساننىڭ بەخت-سائادىتى ۋە ئولۇغلۇقى نېمە بىلەن بولىدۇ؟
جاۋاپ: ھەقىقەت ۋە راستچىنلىققا ئەگىشىپ ئەمەل قىلماق بىلەن بولىدۇ.

. كىشىلەرنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرنى تەلەپ قىلغۇچى بولما. دوستلار سەن بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن قورقىدۇ. شۈبھىىسزكى، خارلىق دېگەن كىشىلەردىن بىر نەرسە سورىماقتۇر. گەرچە سېنىڭ سورىغىنىڭ 《يول نەدە؟》دېگەن سۇئال بولسىمۇ.

. تەبىئەت دۇنياسىنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس بايلىقلىرى ھىممەتلىك ئىنسانلارنىڭ ئەمگەكچان قوللىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان. شۇڭا، بىزنىڭ قىلىۋاتقان ۋە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمىزمۇ دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈزەللىكى ئۈچۈن بولىشى كېرەك.

. ھەرقانداق بىر ئىش ياخشى نىيەت بىلەن بولمىسا، ئۇ قىلچە پايدا بەرمەيلا قالماستىن، بەلكى يامان ئاقىۋەتكە گىرىپتار قىلىدۇ.

. سۇئال: مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقىغا سەۋەپ نېمىدۇر؟
جاۋاپ: ئىككى نەرسىدۇر: بىرى، بىلىمسىزلىك ۋە نادانلىق؛ يەنە بىرى، تەپرىقىچىلىك ھەم ئىختىلاپتۇر.

. نىيەت قانچە ياخشى بولسىمۇ، پايدىلىق ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈلمىسە، كامالەتكە يېتەلمەيدۇ.

. قانائەت ئەھلى ئەل ئىچىدە كىشىلەرنىڭ ئەلالىرىدىن سانىلىدۇ. ھەرقانچە ئىززەتلىك، ئېسىلزادە كىشى بولسىمۇ تەمەخور بولسا، ئىززىتى نابۇت بولىدۇ. ئېتى 《ئەنقا》ئاتىلىدىغانلارنى زامانداشلىرىمىزدىن كىم كۆرۈپتۇ؟!... دېمەك، قانائەت ئەھلى ئەنقا كەبى يۈكسەك ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر.

. ئەقىل، بىلىم ۋە ئەخلاق خارلانغان جايدا نەپس نادانلىقنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى مۇقەررەر.

. بىز ئۈچۈن قىممەتلىك نەق بايلىق ھېسابلىنىدىغان ئۆمرىمىز ئەتتىگەندىن كەچكىچە ئايىغى چىقمايدىغان رەشىك-خۇسۇمەتلەر ئىچىدە ئېقىن سۇدەك ئۆتۈپ كەتتى. بىز بولساق، بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرغۇچىلارغا پىسەنت قىلماي، غەپلەت ئىچىدە ياشاۋاتىمىز.

. دۈشمىنىڭدىن بىر قېتىم ئېھتىيات قىلساڭ، دوستۇڭدىن مىڭ قېتىم ئېھتىيات قىل. كۈنلەرنىڭ بىرىدە دوستۇڭ دۈشمەنگە ئايلىنىپ قالسا، زىيان سېلىشتا دۈشمەندىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ چۈشىدۇ.

يۇرتۇم ماڭا زۇلۇم قىلغان تەقدىردىمۇ سۆيۈملۈكتۇر. مېنىڭ خەلقىم ماڭا بېخىللىق قىلغان تەقدىردىمۇ سېخىيدۇر.

. ئەگەر كۆزۈڭ باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كۆرسەتسە، سەن كۆزۈڭگە 《باشقىلارنىڭمۇ كۆزىنى بار》دېگىن. ئەگەر ئەقىل ئىگىسى بولساڭ، باشقىلارنى ئەيىبلىمەيتتىڭ. ئەگەر ئۆزۈڭدىكى ئەيىپنى كۆرەلىسەڭ جىم بۇلاتتىڭ.

. مۇھەببەت ۋاپادارلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. مۇھەببەت ئەھلىگە گۈزەل ئەخلاقلىق، ئېسىل تەبىئەتلىك كىشىلەردىن باشقىسى كېرەك ئەمەس.

. ھەربىر ئىش تىرىشچانلىق ۋە ئىجتىھات بىلەن بەرپا بولىدۇ.

. قوشنىلارغا پىشكەللىك يەتسە، ياردەم بەرمەسلىك قوشنا ھەققىنى ئادا قىلمىغانلىقتۇر:
دوست دېگەندەك ساماندەك سەيلىدە، باغدا
ئايرىلۇر دوست-دۈشمەن ئەڭ قىيىن چاغدا.

. بۇۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان چاغدىكى يىغىىسى دۇنيانىڭ ئۇنىڭغا ئۆزىدىكى نەرسىلەرنى بىلدۈرگەنلىكىدىن بولىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، بۇۋاقنىڭ قورساقتىن كەڭرى جايغا چىقىپمۇ يىغلىغىنىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بالا دۇنيانى كۆرۈپلا دۇچ كېلىدىغان ئازاپلارنىڭ تەھدىتىنى ھېس قىلغاندەك يىغلاپ كېتىدۇ.

. دەۋر بىرخىل ھالەتتە تۇرمايدۇ، بەزىدە ئارقىسىنى قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ سېنى سەن ياقتۇرمايدىغان ئىشلارغا ئۇچراشتۇرسىمۇ سەۋر قىل. چۈنكى دەۋر سەۋر قىلمايدۇ.

. قەلەم ئەھلىنىڭ ئاچكۆز بولغىنى ھەممىدىن يامان. ئۇنداقلار نەپىسنىڭ خاھىشى بىلەن بىرنى يىغلاتسا، بىرىنى كۈلدۈرىدۇ. بۇنداقلاردىن قايتا-قايتا ھەزەر قىلماق كېرەك.

. قەلەم ئەھلىنىڭ ئەدل-ئىنساپلىق بولغىنى (بۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھېچكىمگە ئەلەم يەتمىسە) ھەممىدىن ئەلا.

. بىراۋنىڭ ۋەسفىنى قىلغان شائىر شۇ كىىشنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ھەقىقىي سۈپەتلىرىنى مەدھىيلىگەن بولسا، شۇ شائىر دوستلۇققا يارايدۇ.بۇ خىلدىكى شائىرلار ھەقىقىي ئەقىل ئىگىلىرىدۇركى، ئۆزىنىڭ يازغانلىرىدا ئەيىپ-نۇقسان بار-يوقلۇقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەيىپ-نۇقسانلىرىنى تۈگىتىشنىڭ كويىدا بولىدۇ.

. سۇئال: ئىززەت-ئابروي ۋە كۈچ-قۇۋۋەت نېمە بىلەن بولىدۇ؟
جاۋاپ: ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىش ۋە ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىق بىلەن بولىدۇ:
تەڭرىنىڭ ئىنسانغا كۆپتۇر تارتۇقى، ئىلىمدۇر بىباھا، قازسا پۈتمەس كان.
ئەقىل ۋە ئەدەپتىن يوقتۇر ئارتۇقى. ئىلىمدىن باشقىسى كىمگە ئەسقاتقان.
ئەقىل ۋە ئەدەپ ھەر ياشنىڭ جامالى، ئىلىملار نىجادلىق بىرەر مەڭگۈلۈك،
ئۇنىڭسىز بولماس ھاياتنىڭ كامالى. بىلىملىك ھاياتتۇر، جاھىللار ئۆلۈك.
پەزىلەت كۆپ ئىرۇر بۇ ئالەم ئارا، ئى ياش بىل، جاھىللىق نۇمۇستۇر بىشەك.
ئىلىمدۇر ھەممىدىن ئەلىيۇلئەلا. نادانلىق زۇلمىغا رازىدۇر ئىشەك.

. كىمكى ئۆزىنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلار ئۈچۈن دۇنيانى ماختىسا، قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ ھېچقانچە ئۆتمەيلا ئۆزىنى ئەيىپلەيدۇ. ئەگەر دۇنيانىڭ قولدىن كەتكەنلىكى ئۇنىڭ ھەسرىتى بولسا، كەلگەنلىكى ئۇنىڭ غېمىنى كۆپەيتىدۇ:

بەزىلەر بار 《گەرچە گۇناھ مەندە تورۇپ، خورجۇننىڭ ئالدىنىلا كۆرۈپ، لېكىن
قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي؟》دېمەيدىغان. 《ئارقا كۆز نە بار؟》 دەپ غەم يېمەيدىغان.

. ئەمالارنى 《دۆت》 دەپ ئەيىپلىمە. بۇ مەسىلىدە دانالارنىڭ سۈكۈت قىلىشى توغرىدۇر. سەن قارىغۇلاردىن ھايا كۈتمە. چۈنكى، ئۇنىڭدىكى ھايانىڭ ئورنى خاراپتۇر.

. خار ھاياتتىن ئۆلۈم گۈزەلرەك. چۈنكى، بەزى نومۇسسىز ئىشلارنى ھېچقانداق كىشى ئۆچۈرەلمەيدۇ:
پەيتى كەلسە ياخشى مالدىن كەچسەڭ بىراق،
ئابرويۇڭ مەڭگۈ سېنىڭدىن كەتمەس يىراق.

. ئەگەر مەن بىرەر نەرسىدىن ھەيران قالدىم دېسەم، ياشلارنىڭ قەدىر-قىممەتسىز ئىش ھەرىكەتلىرى مېنى ھەيران قالدۇرغان بولىدۇ.

. بۇۋاقنىڭ تۇغۇلغاندا ئالقىنىنى يۇمۇۋالغانلىقى ھاياتلىقتىكى ھېرىسمەنلىكنىڭ بېشارىتىدۇر. ئۆلەر ۋاقتىدا ئالقىنىنى ئېچىپ قويغانلىقى بولسا، 《ئاگاھ بولۇڭلار مەن دۇنيادىن ھېچ نەرسە ئالماي كەتتىم》دېگىنىنىڭ بېشارىتىدۇر:

باق ئوغلۇم خەلقىڭگە ئىللىق كۆز بىلەن، كىچىككە رەھىم قىل، چوڭىغا ئىززەت،
ھەم كۆرسەت مېھرىڭدىن لۇتفى ئىنايەت. خەلق ئەتكەن ھەققىگە قىلما خىنايەت.

. ئەگەر سەن ئەقلىڭنى توغرا ئىشلەتسەڭ، ياتقان ئورنۇڭ كېچىدىمۇ ئەقىل نۇرى بىلەن دائىم يورۇپ تۇرىدۇ.

. بىر قەۋمدا ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىققا يېتەكلىگۈچى مەنىۋى رەھبەر بولمىسا، بۇ قەۋم كىشىلىرىنىڭ چېچىلغىنى چېچىلغان.

. ئەيىبلىك كىشىلەرنىڭ ئەيىبى بىلەن پەزىلەت ئىگىلىرىنىڭ پەزىلىتىنى خەلق بىلمەمدىكىن دەپ قالما. چۈنكى، خەلق ئەڭ ئادىل نازارەت قىلغۇچى(كۆزەتكۈچى)دۇر.

. ئىنساننىڭ ئەڭ يامان ئىشى ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى ئۇنتۇپ قېلىش ۋە قېرىندىشىدىكى يېپىلىپ قالغان ئەيىبلەرنى تىلغا ئېلىپ يۈرۈشتۇر. ئەگەر ئىنسان ئەقىل ئىگىسى بولغان بولسا، ئۆزىگە قارىسا يېتەرلىك ئەيىبلىرى تۇرغان يەردە باشقىلارنى ئەيىبلىمىگەن بولاتتى.

. دۇنيادا ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ياقىدىن باش چىقارغان ئەل كۆزلىگەن مەقسەتكە مۇقەررەر يېتىدۇ.

. مۇشەققەتلەردىن كېيىن ئارزۇغا يېتىش مۇقەررەردۇر.

. تارىخ قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، بەدەۋىيەتتىن مەدەنىيەتكە، قالاقلىقتىن تەرەققىياتقا، قاباھەتتىن گۈزەللىككە قاراپ راۋاج تاپقان.

. داۋالاش قىىين بولغان كېسەلگە سەۋر داۋا بولىدۇ.

. ئۆمرىدە مېلىغا ئاپەت تەگمىگەن، دۆلىتى زىيادە بولغان سودىگەرلەر ئۆز مېلىدىن ۋاقتىدا ئۆشرە-زاكات ئايرىيالىغان، غېرىبلارنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرالىغان، ئاچلارنى ۋاقتىدا تويغۇزالىغان، يالىڭاچلارغا تون ياپالىغانلاردۇر.

. زامان ئەھلى ھەرقاچان ئاگاھ بولمىقى لازىمدۇر، كىشىنىڭ تېنىدە ئەقىل بىلەن نەپس دائىم ئېلىشش ئۈستىدىدۇر. نەپس ئادەمنى ھۇزۇر-ھالاۋەتلەر، ئەيش-ئىشرەت، كەيپ-ساپالار قىززىپ تۇرغان غاپىللىق يولىغا تارتسا، ئەقىل ئادەمنى زاماننىڭ ناشايان ھالاۋەتلىرىگە بېرىلمەسلىككە، ھەرقاچان غاپىللىقتىن ھۇشيار تۇرۇشقا تارتىدۇ. كىمدە ئەقىل غالىپ بولسا، ئۆمۈر بويى پۇشايمان نادامىتىدىن خالىي ھالدا شاد-خۇراملىققا ھەمراھ بولۇپ ئۆتىدۇ. نەپسى غالىپ بولغان كىشى ئاخىرىغىچە تەمە خارلىقى بىلەن ئۆتىدۇ.

. ياخشىلىقنى ئادەت قىلىش ئۈچۈن ئوچۇق قول بولۇش كېرەك. ئوچۇق قول كىشى ئىززەتتىن نېرى بولالمايدۇ.

. ئەقلىڭدىن مەسلىھەت سورا. ئەقىلدىن باشقىسىنى كېرەكسىز ھېساپلا.

. خارلارنىڭ خار تۇرمۇشىغا رازى بولۇشى ئۇلارنى تېخىمۇ خارلاشتۇرىدۇ.

. دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۇلۇغ كىشى دۇنيادا باشقىلارغا تايانمايدىغان كىشىدۇر.

. دانىشمەنلەر شۇنداق كىشىلەركى، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بىلىدۇ. ئولتۇرۇشلارنىڭ تۆرى ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن زىننەتلەنگەن بولىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەسىلىلەرنىڭ يۈزى غۇۋالىشىپ قالسا، ھەق يولنىڭ يۈزى ئۇلار بەرگەن جاۋاپ بىلەن نۇرلىنىدۇ. ئۇلار سۈكۈتتە تۇرسا، باشقىلارنىڭ سۈكۈتتە تۇرىشىغا ئورۇن قالمايدۇ. گەپ قىلسىمۇ باشقا گەپ قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئورۇن قالمايدۇ.

. مەن قەيەردە بولۇشۇمدىن قەتئىينەزەر كۆڭلۈم خۇشال ياشايمەن. قانداقلا بولسۇن ئاپەت، زىيانلاردىن قورقۇپ قالمايمەن.

. مۇھەببەت ئەھلى بولمىغان كۆپ كىشىلەر مۇھەببەت دەۋاسى قىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار مۇھەببەتتىن بەكمۇ يىراق. مۇھەببەت دېگەن قورقۇنچاق ۋە ئەخمەقلەرگە نەدە تۇرۇپتۇ. سېيماسى تولۇن ئايدەك مەھبۇبقا پەم-پاراسىتى يۇقىرى، ئۆتكۈر پىكىرلىك كىشىلەر ئاشىق بولۇپ، مۇھەببەت دەردىدە ئۆرتىنىدۇ.

. ئاي ئۆزىنىڭ سەۋرچانلىقى بىلەنلا ئۇلۇغلۇققا، ئالىي مەنزىلگە ۋە گۈزەللىككە ئىگە تولۇن ئايغا ئايلانغان.

. سۆزنى گرامماتىكا بىلەن گۈزەللەشتۈر. چۈنكى، سۆز قائىدىسىدىن مەھرۇم بولغان كىشى سۆزنى بۇزىدۇ.

ئورۇننى تاپساڭ، چوقۇم كەڭتاشا سۆزلە. ئەگەر سۆزلەيدىغان ياخشى سۆزنى تاپساڭ، ئايىماي سۆزلە. چۈنكى، كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىلىم ۋە قابىلىيتىگە يارىشا ئۇ سۆزلەردىن توغرا چۈشەنچە ئالىدۇ.

. ناۋادا رازى بولسام، دوستلىرىمنىڭ ئەيىبىنىڭ ھەممىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسىم ئەيىبلىرىنىمۇ كۆرمەيمەن. خۇددى نەپرەت كۆزى ئەيبتىن باشقىنى كۆرمىگەندەك. دوستلۇق كۆزى ئەيبلەرنى كۆرۈشكە ئاجىزدۇر.

. ئۇ ئاشىقلارغا تەبەسسۇم قىلغان پېتى كۆرۈنىۋېدى، پۈتۈن ئىنسانلار ئۇنىڭ گۈزەل جامالىغا ھەيرانۇ-ھەس بولدى. مەن ئۇلارغا زىلەيخانىڭ ئۆزىنى ئەيبلىگۈچىلەرگە قارىتا ئېيتقان:《سىلەر مېنىڭ ئاشۇنداق گۈزەل ئالدىدا ئېزىققانلىقىمنى ئەيىبلىدىڭلار》دېگەن سۆزنى دېدىم.

. ئېرىنىڭ پەرمانىدىن چىقماي ھەم مۇسۇلمانچىلىق، ھەم روزىغار خوتۇنلۇق بۇرچىنى ئادا قىلىش بىلەن بولغان ئاياللارنى ئىنسان ئەمەس، بېھىشنىڭ ھۆرى دەپ بىلمەك كېرەك. بۇ خىلدىكى خوتۇنلارغا ئەر بولغانلارنىڭ ئىقبالى ھەرقاچان يورۇقتۇر.

. قاچانكى، كىشىلەرنىڭ ئەخلاقلىرى بوزۇلسا، ياخشى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا نۇقسان يېتىدۇ. ئىتتىپاقلىق يۇقىلىدۇ. ھۇرۇنلۇق، بىكارچىلىقلار، زۇلۇم ۋە خىيانەتچىلىكلەر كۆپىيىدۇ. ئىلىم-مەرىپەت كېمىيىپ، شان-شۆھرەت خارۇ-زارلىققا ئالمىشىدۇ.

. قايغۇ-ھەسرەت يېقىنقى خۇشاللىقتىن بېشارەت بېرىدۇ.

. بەزىلەر مېنىڭ ئۇ مەھبۇبنى ياخشى كۆرگىنىمنى ئەيىبلەشتى. بۇ مالامەتلەر مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشىق-مۇھەببىتىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. مېنى مالامەت قىلغۇچىلار ئۇ مەھبۇبنىڭ تال-چىۋىقتەك قەددى-قامىتىنى كۆرگەندە، ماڭا ئۆزرە ئېيتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ تەبىئىتى نازۇكلۇقتا ۋە ئەخلاقى ئېسىللىكتە زاماننىڭ تەڭداشسىزىدۇر.

. مەن شۇنداق كىشىمەنكى، سەمىمىيلىك ۋە ئەدەپ-ئەخلاق مېنىڭ تەبئىتىمدۇر. ئارتۇقچىلىق، ئەخلاق ۋە ھىممەتلەر مەندە باردۇر. سېخىيلىقىم كاتتىلىق شەرىپىمنىڭ دەلىلىدۇر. خىسلەتلىرىمنىڭ ئەڭ ئەقەللىيسى خەير-ئېھسان ۋە سېخىيلىق قىلىشتۇر. دانالىق، ئېھتىياتچانلىق، ئىشەنچ، بىلىم ۋە ئىشتىياق، ئىلىم-ئېرپان ۋە ھېكمەتلەرمۇ مېنى تونۇيدۇ.

2009-07-02

ئۇيغۇرلارنىڭ قول سانائىتى

ئۇيغۇرلاردا قول سانائەتمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئارخېئولوگىيىلىك مەدەنىيەت بۇيۇملىرىدىن قارىغاندا ئەجدادلىرىمىزدا ساپالچىلىقتىن باشقا، ئالدى بىلەن توقۇش قول ھۈنىرى مەيدانغا كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ. كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى قەدىمكى قەبرىدىن چىققان سېۋەت ۋە يۇڭ پالاس، تون؛ چەرچەننىڭ زاغۇنلۇقتىكى قەبرىدىن چىققان ئەزەنچە، ئايالچە كىيىم ۋە بوۋاق يۆگىكى، يۆگەك چىگىلگەن كاشما قاتارلىقلار شۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇنىڭدىن قالسا، تېرىچىلىك تەرەققىي قىلغان بولۇشى مۇمكىن، ئەنە شۇ قەبرىدىن چىققان كالا تېرىسىدىن ئەيلەپ ئىشلەنگەن ئۇزۇن قونچىلىق ئۆتۈك شۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
50 - يىللارغىچە بولغان دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قول سانائىتى ئەھۋالىدىن ئالغاندا، قول ھۈنەر توقۇمىچىلىقى، كۆن خۇرۇمچىلىقى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. بۇ ئىككى خىل مەھسۇلات ئۇيغۇرلارنىڭ، جۈملىدىن شىنجاڭدىكى باشقا قېرىنداش مىللەت خەلقىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ كىيىم - كېچەك مەنبەسىنىڭ ئاساسىي بولۇپ كەلگەن.
قول ھۈنەر توقۇمىچىلىقى پاختا يىپ توقۇمىچىلىقىدىن باشقا، يۇڭ (ۋە يۇڭ يىپ ئارىلاش) توقۇمىچىلىقى، يىپەك توقۇمچىلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. قول ھۈنەر توقۇمىچىلىقى ئاساسىدا توقۇلغان ماتا - چەكمەن، ئەتلەس - شايى، بەقەسسەم، رەڭدار پالاس ۋە گىلەم، ھەر خىل ئاياغ كىيىملەر ئۆز دەۋرىدە شىنجاڭ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن تاشقىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنا رايونلارغىمۇ كۆپلەپ چىقىرىلاتتى.
بۇنىڭدىن باشقا زىننەت بۇيۇملىرىنى، كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا كېرەكلىك تۆمۈر، مىس، ياغاچ بۇيۇم قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ تۈرلىرىمۇ ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. كۇچانىڭ قىلىچ، پىچىقىنىڭ تاڭ دەۋرىدىن تارتىپلا مەشھۇرلۇقى شۇنىڭ پاكىتى.
دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش بويىچىمۇ تۈگمەن، جۇۋاز، چىغرىق، يىپ ئېگىرىش، يېپەكچىلىك (مەشۇت يىپ ئېلىش) قول سانائەت تۈرلىرى ئىجتىمائىي كەسىپ سۈپىتىدە تەرەققىي قىلغان.
تۈگمەن: تۈگمەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدە ئۇنق تارتىشقا ئىشلەنگەن يارغۇنچاقنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلغان شەكلى بولۇپ، بەزى يېزا - قېشلاقلاردا تا بۈگۈنگە قەدەر ئۆز رولىنى جارى قىلدۈرۈپ كەلمەكتە، تۈگمەن بىلەن يارغۇنچاقنىڭ پەرقى: تۈگمەن ھەر جەھەتتىن ئىلغار بولۇپ سۇ كۈچى بىلەن ھەرىكەنلەندۈرۈلىدۇ. يارغۇنچاق ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، قول بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈلىدۇ. يارغۇنچاق تەخمىنەن ئۈچ - تۆت سانتىمېتىر قېلىنلىق، 20 سانتىمېتىر كەڭلىكتىكى ئىككى پارچە جۈپلەشتۈرۈش ئارقىلىق ياسىلىدۇ، ئۈستى پاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن تۆشۈك ئېچىلىدۇ، ئاستى پايغا ئۈستى تۆشۈكىگە توغرىلاپ تۆشۈك ئويۇلۇپ، ئۇنىڭغا چىڭ ياغاچتا ئوق بېكىتىلىدۇ. ئوق ئۈستى پاينىڭ تۆشۈكىدىن ئازراق چىقىپ تۇرغۇدەك ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، ئۈستى پاي شۇ ئوققا مىندۈرۈلىدۇ. ئۈستى پاينىڭ گىرۋىكىگە يېقىن بى جايدىن يەنە تۆشۈك ئويۇلۇپ، ئۇنىڭغا ياغاچتىن تۇتقۇچ بېكىتىلىدۇ. تۇتقۇچ بىلەن ئۈستى پاي چۆگىلىتىلىدۇ، تۆشۈكتىن ئۇدۇللۇق دان چۈشۈپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دان يانجىلىپ يۇمشاپ بىر چەتتىن ئاستا بولۇپ چۈشىدۇ. يارغۇنچاق ئۇنى ئادەتتە يىرىكرەك كېلىدۇ، ئۈستى پاي قانچە قېلىن بولسا، ئۇنمۇ شۇنچە يۇمشاق چىقىدۇ. ئۇن چىقىرىش مىقدارىمۇ چەكلىكىلا بولىدۇ.
تۈگمەن يارغۇنچاقتىن خېلى مۇرەككەپ بولۇپ ياغاچ، تاش ۋە تۆمۈر قاتارلىق ئۈچ خىل ماتېرىيالدىن ياسالغان. ئۇن چىقىرىش مىقدارى يارغۇنچاقتىن يۈز نەچچە ھەسسە ئارتۇق. شۇڭا ئۇنى ياغاچتىن ياسالغان «ئۇن زاۋۇتى» دېيىشكە بولىدۇ. تۈگمەنمۇ يارغۇنچاق قائىدىسى ئاساسىدا ياسالغان. تۈگمەن - تۈگمەن تاش، چاقپەلەك، ئوق، پاقىلەك، تەكشىگۈچ، سۈكەن، چىكلەك، نو قاتارلىقلاردىن قۇراشتۇرۇلۇپ مەخسۇس ئۆي ئىچىگە قۇرۇلىدۇ.
تۈگمەن تېشى: تۈگمەن تېشى يارغۇنچاق تېشىدىن ئىككى - ئۈچ ھەسسە چوڭ ۋە ھەر ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تۆشۈك ئېچىلغاب بولۇپ، ئاستى پېيى - ئاستىغا قاتار ياتقۇزۇلغان تاختاينىڭ ئوتتۇرىسىغا مۇقىم قىلىپ بېكىتىپ تاشلىنىدۇ، ئۈستى پېيى ھەرىكەتچان كېلىدۇ.
چاقپەلەك: چاقپەلەكنىڭ شەكلى، چوڭلۇقى مەپە چاقىغا ئوخشايدۇ، ئەمما ئۇلتاڭسىز بولۇپ، گۇڭگىلىرى يەنى قاناتلىرى قويۇق، چاقپالەك بېشىغا قىيپاش شەكلىدە بېكىتىلگەن بولىدۇ.
ئوق: ئوق توملۇقى كەتمەن سېپچىلىك بولغان، بىر يېرىم مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تۆمۈردىن ئىبارەت بولۇپ، تۈگمەن تېشى بىلەن چاقپەك شۇ ئوق ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلىدۇ. ئوقنىڭ بىر بېشى چاقپەلەك بېشىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ ئاستىغا توغرىسىغا ياتقۇزۇلغان ياغاچقا ئورنىتىلغان چويۇن كۆزگە قوندۇرۇلىدۇ. يەنە بىر بېشى ئۈستى پاينىڭ ئاستى يۈزىگە ئورنىتىلغان پاقىلەككە بېكىتىلىدۇ.
پاقىلەك: بۇ ياپىلاق تۆمۈر بولۇپ، ئۈستى پاينىڭ ئوتتۇرىسىغا شۇ شەكلىدە ئويۇلغان چىپ قىلىپ بېكىتىلىدۇ.
تەڭشىگۈچ (قۇلاق دەپمۇ ئاتىلىدۇ): بۇ ئوقنىڭ پاقىلەكتىن چىقىپ تۇرغان ئۇچىغا بېكىتىلگەن چىڭىتقۇچقا قارىتىلغان. ئۇ ئۇننى يۇمشاق تارتىشقا توغرا كەلگەندە ئوڭغا، يىرىك تارتىشقا توغرا كەلسە سولغا بۇرالسا، ئۈستى تاش ئاستى تاش بىلەن چىڭ جىپىسىلىشىدۇ ياكى بوشايدۇ. شۇڭا «تەڭشىگۈچ» دەپ ئاتالغان.
سۈكەن: بۇ ئېغزى كەڭ ئاتسى تۈگمەن بوغۇزىغا توغرىلاپ تورۇسقا ئېسىپ قويۇلىدۇ. بۇنىڭغا تاتىلىدىغان دان قاچىلىنىدۇ.
چىكىلەك: بۇ بىر ئۇچى سۈكەن تۆشۈكىگە كىرگۈزۈلگەن تاياقچىغا بېكىتىلگەن يېسسى ياغاچ پالاق بولۇپ، ئۈستى پاينىڭ ئۈستىگە قويۇقلۇق تۇرىدۇ. ئۇ تاش چۆرگىلەش بىلەن «چىك - چىك» ئاۋاز چىقىرىپ تەۋىنىپ، سۈكەندىن بىر تەكشىلىكتە تۈگمەن بوغۇزىغا دان چۈشۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا ئۇ «چىكىلەك» دەپ ئاتالغان.
نو: بۇ چاقپەك قانىتىنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرىلاپ يانتۇ شەكىلدە پەسكە قارىتىپ ئورنىتىلغان سۇ چۈشۈرگۈچ. ئۇ تەبىئىي كوڭتەي ياغاچ ياكى تاختايدا ياسىلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 3 - 5 مېتىردەك كېلىدۇ. ئۈستى تاش نوردىن چۈشكەن سۇنىڭ چاقپەلەككە قاتتىق ئۇرۇلۇشى بىلەن دەرھال ھەرىكەتلىنىپ چۆرگىلەيدۇ. ي قزمئ
جۇۋاز: بۇ قىن، ئوق، شوتا قاتارلىق ئۈچ بۆلەكتىن قۇراشتۇرۇلغان، ھايۋان كۈچى بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ ياغ تارتىدىغان «ياغاچ ماشىنا».
قىن: بۇ ئوتتۇرىسى ئوخشىمىغان شەكىل، چوڭلۇق، چوقۇرلۇقتا ئويۇلۇپ تەڭ يېرىمىنىڭ يان تەرىپىگە ئېغىز چىقىرىلغان 2.5 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ياغاچ. ئوتتۇرىسى 3 سانتىمېتىر چوڭقۇر، 5 سانتىمېتىر كەڭ يەخسە شەكلىدە يۇمىلاق ئويۇلغان. ئىككىنچى، ئۇنىڭ قاق ئوتتۇرىسى يەنە ئويۇلغان بولۇپ، چىلگىگە ئوخشاش ۋە چىلگە پاتقۇدەك يۇمىلاق كېلىدۇ. دان يانجىيدىغان ئوق بېشى شۇ يەرگە بېكىتىلىدۇ. ئۇ ئىشىك موجۇقىغا ئوخشاش رول ئويناپ بەرگەچكە جۇۋازنىڭ بۇ ئورنى «مۇجۇق» دەپ ئاتالغان. مۇجۇقنىڭ ئاستىدىن ھېلىقى ئېغىزغا توغرىلاپ چېغ توملۇقىدا قىيپاش تۆشۈك تېشىلگەن بولۇپ، ياغ شۇ يەردىن ئېقىپ چىقىدۇ. 
شوتا: جۇۋازنىڭ بۇ بۆلىكىنىڭ ئوينايدىغان رولى ھارۋا شوتىسىغا ئوخشاش بولغاچ شوتا دەپ ئاتالغان. قىن شۇ شوتا ئارىلىقىدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بىر تەرىپى 50 - 60 سانتىمېتىر ئۇزۇن ۋە قىن چوڭلۇقىغا باراۋەر كەڭ بولۇپ، ئۈستىگە بېسىم ھاسىل قىلىدىغان تاش قويۇلىدۇ. شوتىنىڭ ئىككى تەرىپى تەخمىنەن بىر يېرىم مېتىر ئېگىز توغرىسىغا قويۇلغان قونداققا چېتىلغان. ئوقنىڭ بىر بېشى شۇ قونداققا قىيپاش بېكىتىلگەن بولىدۇ. ئوقنىڭ مۇجۇقتا تۇرىدىغان بېشى مۇجۇق ئىچىدە ئايلانغۇدەك چوڭلۇقتا يۇمىلاق كېلىدۇ. جۇۋاز ئايلانغاندا دان ئوق بىلەن مۇجۇق ئارىسىدا قاتتىق سىقىم ئاستىدا يانجىلىپ يېغى چىقىدۇ. شوتىغا ئېشەك ياكى قوشۇلىدۇ. چەت يېزا - قىشلاقلانى ھېسابقا ئالمىغاندا ھازىر جۇۋازنىڭ ھېچقانداق رولى قالمىدى.
ئەجدادلىرىمىزنىڭ قول ھۈنەر توقۇمىچىلىقىدا توقۇلمىلارغا يىپ ھازىلاش بويىچە ئىككى خىل«چاق» ئىشلىتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ بىر خىلى «چاق» يەنە بىر خىلى «يىك چاق» دەپ ئاتىلىدۇ. چاقمۇ پۈتۈنلەي ياغاچتىن ياسالغان بولۇپ، باش، يىك، قانات، قونداق ۋە قانات ئوقى، تۇتقۇچ قاتارلىق بۆلەكلەردىن قۇراشتۇرۇلغان، قول بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان يىپ ئېگىرىش «ماشىنىسى». يىك مەخسۇس ئىرغاي ياكى شۇنىڭدەك چىڭ، تۈز ياغاچتىن قىرغىدا قىرىپ ياسىلىدۇ.
يىك چاق ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، غالتەك ۋە تىك يىكتىن ياسالغان، غالتەك پىيالە ئېغزى چوڭلۇقىدا، يىكى 20 سانتىمېتىر ئۇزۇن بولۇپ ئىككىلىسىلا ئادەتتىكى ياغاچتىن ياسىلىدۇ. دەسلەپتە يىك ئادەم پاقالچىقىنىڭ بولجۇڭىغا تارقىلىپ ئالىقان بىلەن ھىمىرىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن غالىتەك پىرقىراپ سول قولدا تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۈچتىن يىپ سوزۇلۇپ چىقىدۇ. كېيىن غالتەك پىرقىرىتىلىدۇ. غالتەك چاقتا ئاساسەن، پالاس، تاغار قاتارلىق يىرىك توقۇلمىلار ئۈچۈن يىپ (يۇڭ يىپمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ئىگىرىلىپ كەلگەن. غالتەك چاق لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە ناھايىتى ئومۇملاشقان. 90 ياشلاردىن ھالقىغان پېشقەدەملەرنىڭ ئېيتىشىچە، لوپنۇردا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرقى دەۋرىلىرىدە شۇنداق چاقنىڭ تاش غالىتەكلىكلىرىمۇ ئۇچرايدىكەندۇق. بۇنىڭغا ئاساسەن يىك چاقنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ يېڭى قورال دەۋرىدىن كېيىنكى دەۋرلەردىكى قول سانائەت مەھسۇلاتلىرىدىن دېيىشكە بولىدۇ. ھازىر «يىك چاق» ئىستېمالدىن قالدى. بۇلاردىن باشقا يەنە بىر خىل ناھايىتى ئاددىي يىپ ئېگىرىش ئۇسۇلى بولۇپ، ھازىرمۇ چارۋىچىلار شۇ ئۇسۇلدىن يەنىلا پايدىلىنىپ ئارغامچا قاتارلىقلارنىڭ يىپلىرىنى ئېشىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭدا يىپ مۇنداق ئىگىرىلىدۇ: مەيلى پاختا، يۇڭ ياكى كەندىر، چىگە بولسۇن ئالدى بىلەن ئۇزۇن - ئۇزۇن قىلىپ ئۈچ ۋە 5 - 6 سانتىمېتىر ئۇزۇن، بەش بارماق چوڭلۇقىدا سىلىق، تۈز بىر ياغاچ تەييارلىنىدۇ. ئاندىن ئۇچنىڭ بېشى تاياق ئۇچىغا يۆگىلىپ، ئوڭ قولدا تاياق پىرقىرىتىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇچتىن يىپ تارتىلىپ چىقىدۇ، يىپ 7 - 8 سانتىمېتىر بولغاندا بىر - ئىككى قېتىم تولىۋېتىپ ئاندىن ياغاچنىڭ ئوتتۇرىسىغا تۈرمەكلىنىدۇ. يوغان بىر تۈرمەك بولغاندا ئاندىن ئىككىنچى، ئۈچىنچى . . . ياغاچ ئالماشتۇرۇلىدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئۆزى ئىنتايىن ئاددىي، ئەمما يېزا - قىشلاق ۋە شەھەر تۇرمۇشىدا ئىستېمالدىن قالماي كېلىۋاتقان يەنە بىر خىل قول سانائەت قورالى بولۇپ، ئادەتتە ئۇمۇ « چاق ياكى قۇم چاق» دەپ ئاتىلىدۇ. ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان ھەر خىل پىچاق، قايچا، شۇشاڭ كاسىپلار ئىشلىتىدىغان پالتا، كەكە، بىگەن، ئۇستىرا قاتارلىق تىغلار شۇنىڭغا چاقلىنىدۇ. بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بۇ نۇقتىلار ئۇيغۇرلاردا قول سانائەتنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەسىگە سېگۈدەك مۇلازىمەت قىلىدىغان تارماقلىرىغىچە شەكىللەنگەنلىكى، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەھىر ئۇيغۇر تۆرمۈرچى، مىسكەرنىڭ ۋە ئاپتۇۋا، چىلاچى قاتارلىق بۇيۇملاردا گەۋدىلەنگەن ھۈنەر سەنئەتنىڭ نەپىسلىكى ھازىرقى زامان ھۈنەر سەنئىتىدىن قېلىشقمايدۇ. ئۇيغۇر دوپپىسىمۇ ئۆزىنىڭ تۈرىنىڭ تۈرىنىڭ كۆپلۈكى، رەڭدارلىقى، نەفىسلىكى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرۇپ كەلگەن بولسا، ھازىر ئىچكى - تاشقى سورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋولى، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ئەتىۋارلاپ سېتىۋالىدىغان خاتىرە بۇيۇملىرىدىن بولۇپ قالدى.
ئۇيغۇرلاردا قول سانائەتنىڭ شۇ قەدەر يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشى ئۇنىڭ ئۇزۇن ئىجتىماي ئاساسىغا ئىگە بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. Ⅶ ئەسىرلەرگە ئائىت ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆز دەۋرىدىلا ساپالچىلىق، ھەيكەلتىراشلىق، تاشچىلىق، تۆمۈرچىلىك، تامچىلىق (مېمارچىلىق) قاتارلىق قول سانائەت تۈرلىرى مەيدانغا كەلگەن. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى ئوردۇ بالىق (قارا بالغاسۇن) خارابىسىدىن تېپىلغان دېۋىرقاي، مىس پارچىلىرى، برونزا ئەينەك، نەپس ھەيكەل، نەقىشلەنگەن خىش، يارغۇنچاق قاتارلىق مەدەنىيەت بۇيۇملىرى، ئوردا بىنالىرى، 4 مېتىر ئېگىز تۇر قاتارلىقلار ئۆز دەۋرىدە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھسەسىگە دېگۈدەك مۇلازىمەت قىلىدىغان قول سانائەت تۈرى ۋە دۇكانلىرىنىڭ بارلىققا كېلىپ خېلى يۇقىرى تەرەققىيات سەۋىيىسىگە يەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇ دەۋرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىدىن ئالغاندا، قول سانائەت بويىچە شۇنداق تۇرمۇشقا كېرەكلىك بىر قاتار نەپىس بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش دەرىجىسىگە يېتىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە بىر ئەسىر جەريان كېتىدىغانلىقى تەبىئىي. چۈنكى قول سانائەت، جۈملىدىن دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى تۇراقلىق تۇرمۇش شارائىتىدا ئورۇندىلىدىغان مۇرەككەپ ئەمگەك پائالىيىتى. مەلۇمكى، تۇراقىلىق تۇرمۇش تۇراقلىق تۇرالغۇ جاي ئاساسىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا قول سانائەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئىشلەپچىقىرىىش ئەشيالىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ئاساسىي جەھەتتىن بەلگىلىك كۆلەمدىكى سىستېمىلاشقان قول سانائەت تۈرىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىدىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، تۆرمۈرچىلىك، قۇيمىچىلىق، مىسكەرچىلىك، تۈنىكىچىلىك، ياغاچچىلىق، قىرغىچىلىق، ئېگەر - توقومچىلىق، بابكارچىلىق، بوياقچىلىق، گىلەمچىلىك، كىگىزچىلىك، تىككۈچىلىك (كىيىم تىكىش ماشىنىسى ئومۇملاشقىچە مەخسۇس قولدا كىيىم تىكىدىغان كەسپىي ئائىلەرمۇ شەكىللەنگەنىدى)، تۇماقچىلىق، دوپپىچىلىق، جۇۋىچىلىق، كەشتىچىلىك، كۆنچىلىك، موزدۇزچىلىق، تۈگمەنچىلىك، رەۋەندىچىلىك، ئاشپەز - ناۋايچىلىق، قەندالەتچىلىك، ساپالچىلىق، خۇمدانچىلىق، قەغەزچىلىك، پىلچىلىك قاتارلىقلار.
قول سانائەتنىڭ ھۈنەر سەنئىتىمۇ ئۆز دەۋرىگە مۇناسىپ تەرەققىي قىلغانىدى. مەسىلەن، ئۆز دەۋرىنىڭ «ئېغىر سانائىتى» ھېسابلانغان تۆمۈرچىلىك ھەر خىل نەپىس تىغ ۋە خەنجەر، قىلىچ، مىلتىق قاتارلىق ئۇرۇش قوراللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسىگە يەتكەن. يىڭىسار، كۇچانىڭ پىچاقلىرى ئۆزىنىڭ نەپىسلىكى، ئىستېمالچانلىقى، قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئارتۇقچىلىقى بىلەن بۈگۈنمۇ رايونىمىزدىن ئېكسپورت قىلىنىدىغان تاۋارلار قاتارىدىكى ئورنىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

مۇھەممەت تۇرسۇن ئىبراھىمى-قەشقەرنىڭ 30-يىللاردىكى ئاياللار مائارىپى

قەدىمىي شەھەر قەشقەردە كەڭ ئاياللار-قىزلارنىڭ يېڭىچە پەننىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى مەركەز قىلغان يېڭى مائارىپ ھەرىكىتى قوزغىلىپ، يېڭى ئاڭ، يېڭى ئۇسلۇبتىكى ئاياللار-قىزلار مائارىپ دەۋرى باشلانغىنىغا تەخمىنەن 75 يىل بولدى.
دۇنياۋى پەن-تېخنىكا ۋە سانائەت ئىنقىلابىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ۋە " قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى" نىڭ غايەت زور تۈرتكىسىدە 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن ئېتىبارەن پەيدا بولغان ئىدىيە-مەدەنىيەت ساھەسىدىكى يېڭى يۈزلىنىش يۇقۇرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى، مائارىپ ساھەسىدە دۇنياۋى ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلىش، مەكتەپلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىدىيە جەھەتتە دېموكراتىيە- خەلقچىللىقنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ دولقۇنى بىلەن قەشقەردە داغدۇغىلىق ھالدا يېڭى مائارىپ، يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى باشلىنىپ، نۇرغۇن كونا مەكتەپ، كونا مەدرىسلەردە يېڭى ئۇسۇل بىلەن زامانىۋى ئىلىم-پەندىن دەرس ئۆتىدىغان يېڭى ئىلىم مەركەزلىرى قەد كۆتۈردى. خالىس نىيەتلىك، پىداكار، مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپ يېتەكچىلىرى بولدى. كونا مەكتەپلەردىكى سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان ئوقۇغۇچىلار قىسقا مۇددەتلىك مائارىپ كۇرسلىرىدا تەربىيەلىنىپ ئوقۇتقۇچى بولدى. مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى شاگىرتلار بىلەن لىق تولدى.
بۇ مەكتەپلەردە ئالدى بىلەن ئوغۇللار ئوقۇيتتى. ئۇ دەۋردىكى ئىجتىمائى تۈزۈم ، ئەنئەنىۋى قائىدە، ئىدىيە-ئېتىقاد، چۈشەنچە ۋە يەرلىك كۆز قاراشلارنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكى تۈپەيلىدىن مۇنداق مەكتەپلەردە قىزلار، ئاياللارنىڭ ئوقۇشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى. لېكىن دۇنياۋى تەرەققىيات، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېڭى مەدەنىيەت، ئىدىيە ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولغان گېزىت-ژورناللار، ئەخلاقىي تەربىيە رىسالە كىتابچىلىرى، ئىلغار ئالىملارنىڭ دىيارىمىزدىكى زىيارەت، سۆھبەت-بايانلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن كۆپلىگەن ئىلغار سودا-سانائەتچىلەر، چەت ئەللەردە ئوقۇغان، سودا-تىجارەت قىلغان مەدەنىيەت-مائارىپ پىشىۋالىرى، بىر قىسىم جامائەت ۋە جەمىيەت ئەربابلىرى نوپۇسنىڭ زور كۆپچىلىكىنى تەشكىل قىلىدىغان ۋە كەلگۈسىدىكى ياش ئەۋلادلارنىڭ " تەربىيىچى ئانىلىرى " بولىدىغان قىزلارنىڭ يېڭىچە مەكتەپلەرگە بېرىپ، زامانىۋى مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇشىنى چاقىرىق قىلدى. نەتىجىدە دەسلەپ 1934-يىلى قەشقەر شەھرىدىكى << يۇمىلاق شاھەر قورغان>> غا تەۋە تېرەكلىك دېگەن يەردە قەشقەردىكى مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچىلەر، مەشھۇر كىشىلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن << مەھمۇدىيە>> نامىدا بىر مەكتەپ ئېچىلدى.
بۇ مەكتەپتە يۇقۇرى قاتلام كىشىلەرنىڭ بالىلىرى ئوقۇيدىغان بولدى. بۇ مەكتەپكە 40 دەك قىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى، بۇ مەكتەپتە مۇنەۋۋەر خانىم ئاتلىق بىر تاتار ئايال، ئايشەم سايىت ھاجى خانىم ئوقۇتقۇچى بولدى. مۇنەۋۋەر خانىم ھېساب ۋە ئانا تىلى دەرسى، ناخشا دەرسى، لاتىن تىلى دەرسى قاتارلىق دەرسلەرنى بەرگەن. ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدىن تۇرمۇش مەسىلىسى تۈپەيلىدىن قەشقەرگە كېلىپ قالغان بۇ ئايال ئوقۇتقۇچى خانىم تەن سالامەتلىكىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەس، بىر تەرەپ پۇتىنىڭ مېيىپ بولۇشىغا قارىماي، پۈتۈن ئىخلاسى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتكەن. ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا تاتارچە:
ئىشىكنىڭ ئالدى يېشىل گۈللەر،
يېيىپ قويسا كۆتەرمى(كۆتەرمىدى).
ئېركىنلىكتە ئۆسكەنىم،
ئېغىر سۆزلەر كۆتەرمى( كۆتەرمىدى).
بولما ماتۇر( چىرايلىق)، بول بەختلىك،
بەختلىك يۈرسە يەملى.
قاتارلىق تاتار خەلق ناخشىلىرىنى ئۆگىتىپ، ئوقۇغۇچى قىزلارنى ئىستېتىك تەربىيىگە ئىگە قىلغانىدى. بۇ مەكتەپنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش قىزغىنلىقى يۇقۇرى بولۇپ، ھەربىر ئاي، ھەربىر چارەك ۋە مەۋسۇملاردا ياخشى ئۆگەنگەنلەر ئالاھىدە مۇكاپاتلىنىپ تۇرغان. بىراق سىياسى ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولۇپ، مەكتەپ ئېچىلىپ ئالتە ئايدىن كېيىنلا تاقىلىپ كەتكەن.
ۋەزىيەت ئوڭشالغاندىن كېيىن يەنە بىر قىسىم مائارىپپەرۋەر كىشىلەر، مەشھۇر زىيالىلار، تىجارەتچىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاياللار مائارىپى ھەققىدى تەشۋىقاتنى كۈچەيتتى. نەتىجىدە، قەشقەردىكى كەڭ ئامما ھەقىقى سەپەرۋەرلىككە كەلدى. دىنىي زاتلاردىن مەشھۇر ئۆلىما-ئالىم جامال ئاخۇن خەلپىتىم، سودا-سانائەتچىلەردىن مۇھەممەد نىياز مەخسۇم، ئىمىن ھاجىم شىركەت، ئۆزبېك بايلاردىن تىللا قارىم، ئىسرائىل شاڭزوڭ، شېرىپ بەگ، مامۇت ئاخۇن ئولاي، تۇرسۇن ئاخۇن (ئەپەندىم) مەخسۇم، قاسىم ھاجىم ئاچچىقسۇچى قاتارلىق قەشقەردىكى مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر باشلامچى بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بىر-ئىككىدىن قىز پەرزەنتلىرىنى پەننىي مەكتەپلەردە ئوقۇشقا ئەۋەتتى، بۇنىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى جامائەتچىلىك ئارىسىدا تەسىرى ئىنتايىن زور بولدى.
ئۇزاق ئۆتمەي قەشقەر شەھىرى ئەنجان كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق مەرىپەتپەرۋەر بايلاردىن مۆھىددىن جانباينىڭ ھەشەمەتلىك ھويلىسىنىڭ 2-قەۋىتىدە << ئاياللار مەكتىپى>> قۇرۇلۇپ، ئايشەم سايىت ھاجى بۇ يەردىكى مەكتەپكە مۇدىر بولدى. گەرچە سىنىپ بىرلا، ئوقۇغۇچى سانى نىسبەتەن ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قەشقەر تەۋەسىدىكى بىر ئىجادىيەت ۋە يېڭىلىق بولغاچقا، قەشقەر شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-كەنتلەرگە ئاجايىپ كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى.
جەمىيەتتىكى قىزلار-ئاياللارنى يېڭى پەننىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ، زامانىۋى بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش جەريانىدا مەرىپەتپەرۋەر زىيالىلار، نوپۇزلۇق كىشىلەرنىڭ ئاغزاكى تەشۋىقاتى، جۈملىدىن ئەدەبىيات-سەنئەت شەكىللىرى بىلەن سەھنىلەردە قىلىنغان تەشۋىقاتتىن ئىبارەت كۈچلۈك سەپەرۋەرلىكنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە بۇ مەكتەپتە قىزلار بىلەن تولغان يەنە بىر سىنىپ پەيدا بولدى.
مەكتەپ ئورنى ئىككىگە كۆپەيدى. قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە قۇرۇلغان ئىككى ئورۇندىكى تۆت سىنىپلىق قىزلار ۋە ئاياللار مەكتەپلىرىگە قەشقەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان مەرىپەتپەرۋەر تاتار زىيالىلىرىدىن يۈسۈپ مۇزەپپەر ئەپەندىنىڭ ئايالى خەدىچە مۇزەپپەر خانىم، سالاھىدىن داموللامنىڭ ئايالى مۇشفىقە خانىم قاتارلىق پىشقان، ئىجتىھاتلىق، قابىل مائارىپچىلار ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، دەرسلىك جەھەتتىن يېڭىلىق يارىتىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، مەكتەپلەردىكى ئاياللارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاشقا پۇختا ئاساس سالدى. مەكتەپتىكى قىز-ئاياللارغا ئوقۇش، ئۆگىنىش، بىلىم ئېلىش مەزمۇن قىلىنغان، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان مۇڭلۇق ناخشىلارنىمۇ ئۆگەتتى.
ئىلىم-مەرىپەتنىڭ ئانا ماكانى بولغان قەشقەردە تارىختىن بېرى خەلقىمىز ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئىلمىي ۋە ئەخلاقىي تەربىيەت مەسىلىلىرىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. جۈملىدىن قىز پەرزەنتلىرى، ئەھلى ئاياللىرىنىڭ بىلىم ئېلىش، ئوقۇش، ئەخلاقىي تەربىيەدىن بەھرىمەن بولۇش ئىشلىرىغا باش قاتۇرۇپ، ئىمكانىيەت ۋە شارائىت يارىتىپ بەرگەن. بۇ تەربىيەت مۇساپىسى مەھەللىۋى دىنىي مەكتەپلەر، مەشھۇر بۈۋى-خېنىملار ۋە پازىل ئالىم–ئۆلىمالارنىڭ ھوزۇرىدىكى خۇسۇسىي مەكتەپلەردە، مەخسۇس قىز-ئاياللار سىنىپلىرىدا داۋاملىشىپ كەلگەنىدى ھەم بۇ ساھەدە قىز-ئاياللارنى ھىدايەتكە يېتەكلىگۈچى رەھناماللار، نوپۇزلۇق ئايال مۇئەللىملەر بارلىققا كەلگەنىدى. پەقەت يېقىنقى زاماننى ھېسابلىغاندىمۇ، 30-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە قەشقەر دائىرىسىدە ناھايىتى نۇرغۇن مەھەللىۋى دىنىي مەكتەپلەر بولۇپ، ئۇلاردىن مەشھۇرراقلىرى____ قەشقەر نەزەرباغ قۇملۇقتىكى مەشھۇر مائارىپچى زات قاسىم ھاجىم خەلپىتىم يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان مەكتەپ؛ شەھەر ئىچىدىكى ئۆمەر ئاخۇن خەلپىتىم يېتەكچىلىك قىلغان مەكتەپ؛ بۈۋەرىخان بۈۋىم، مەشھۇر بۈۋى خېنىملاردىن بولغان ئۇستاز شەرىخان بۈۋىم، ئىبراھىم خەلپىتىمنىڭ ئايالى بۈۋى خەلىچە خانىم قاتارلىقلارنىڭ ھوزۇرىدىكى مەكتەپلەر.
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغىنى قەشقەر شەھىرى توختى مىراخور كوچىسى( ھازىرقى سۈت-قايماق كوچىسى) دىكى مەرىپەتپەرۋەر زات مۇھەممەد ئەلى شاڭيۇملارنىڭ خۇسۇسىي جايىغا قۇرۇلغان ئىمىن ھاجىم خەلپىتىم باشقۇرۇشىدىكى كونا مەكتەپ بولۇپ، 1885- يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ قەشقەردىكى نۇرغۇن ئىلىم تەشنالىرىنى تەربىيىلەپ كەلگەن. بۇ مەكتەپتە ئىمىن ھاجىم خەلپىتىمنىڭ ئوغلى ئىبراھىم ئاخۇن خەلپىتىمنىڭ ئايالى ئۇستاز بۈۋى خەلىچە خېنىم نۇرغۇن قىز-ئاياللارنى ئۇزۇن زامانلار مابەينىدە تەربىيىلەپ ئوقۇتۇپ كەلگەن، بۇ مەكتەپتە يەنە بۈۋى خەلىچە خېنىمغا ھەمكارلىشىپ خەدىچە مۇزەپپەر ئاتلىق بىر تاتار ئايال مۇئەللىم قىز-ئاياللارغا مەدەنىيەت دەرسلىرىنى ئۆگەتكەن.
قەشقەردىكى يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ تەسىرى ۋە ئىلھامى بىلەن ھەرقايسى يەرلەردە قۇرۇلغان مەكتەپلەردىكى قىز-ئاياللار " دورغا بەگ كۆلبېشى مەدرىسى" گە يۆتكىلىپ، مەكتەپنىڭ سىنىپ سانى كۆپەيگەن. بۇ يەردىكى مەكتەپكە ئىمىن ھاجىم خەلپىتىم باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىمۇ بىرلىكتە يۆتكەلدى. نەتىجىدە قىز-ئاياللار سەككىز سىنىپ، 15 نەپەر ئوقۇتقۇچى خادىم، 250دىن كۆپ ئوقۇغۇچىسى بار بىر مەكتەپكە ئايلاندى. بىراق بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن قىز-ئوغۇللارنىڭ بىر يەردە ئوقۇشى تازا مۇۋاپىق بولمىغاچقا، ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار پاخال بازىرى " تاقىچىلار مەھەللىسى " دىكى يەرگە كۆچۈرۈلۈپ. ئۇ يەردە 12 سىنىپلىق بىر مەكتەپ بىنا قىلىندى.
قەشقەردىكى قىز-ئاياللارنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇش، تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولغاندىن كېيىن، جەمىيەتنىڭ كۆڭۈل رايى، مەكتەپنىڭ ئوخشىمىغان ياشتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش نورماللىقى، مەكتەپنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ، قىزلار بىلەن تۇرمۇشقا چىققان ئاياللار ئارىسىدىكى پەرققە ئاساسەن قىز ئوقۇغۇچىلار بىلەن تۇرمۇشقا چىققان ئوقۇغۇچىلارنى ئايرىپ ئوقۇتىدىغان سىنىپلارنى تەسىس قىلىش تەقەززا قىلىندى، 1937-يىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تۈمەن دەرياسى تەرەپتىكى " پاخال بازىرى " دېگەن جايدا ئولتۇرۇشلۇق مەرىپەتپەرۋەر ئابدۇراخمان باينىڭ خۇسۇسىي جايىغا تەسىس قىلىنغان مەكتەپكە ئاياللارنىڭ سەككىز سىنىپى يۆتكەلدى. بۇ يەردىكى دەسلەپ باشلانغۇچ، كېيىن مەخسۇس ئاياللار ئوقۇيدىغان قىلىنغان مەكتەپ كېيىنكى چاغلاردا خەلق ئارىسىدا << چوكانلار مەكتىپى >> دەپ ئاتالدى. بۇ يەردىكى سىنىپلار قەشقەر ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى. ئەڭ دەسلەپ << چوكانلار مەكتىپى>> گە مۇدىر ۋە مۇئاۋىن مۇدىر بولغان موللا باقى بوتا ھاجىيۇف ئەپەندى، ئۇنىڭ ئايالى مەريەم بوتا ھاجىيۇف خانىم قاتارلىقلار ئەينى دەۋردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن زىيالى، پىشقان پىداگوكلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ياخشى باشقۇرۇشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ، تەلىم-تەربىيە سۈپىتى پەيدىنپەي يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى.

قەشقەردىكى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا مەكتەپتە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان قىز-ئاياللارنىڭ سانى تېز كۆپەيدى. شەھەر ئەتراپىدىكى قوغان، سەمەن، ئاۋات، بەشكېرەم، قازىرىق، توققۇزاق، ئوپال، كوناشەھەر، يېڭى ئۆستەڭ قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇن يېڭى مەكتەپلەر ئېچىلدى. ئەنە شۇنداق تەرەققىيات ۋە ئاياللار مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۈش، ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەشنىڭ جىددى ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئاياللار مەكتەپلىرىنىڭ قارمىقىدا ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىش قارار قىلىنىپ،
" ئاياللارنى ئاياللار ئوقۇتۇش"، " ئاياللارنى ئاياللار باشقۇرۇش " پىرىنسىپىغا ئاساسەن ، مۇددەتلىك ، يەنى بىر يىل، ئالتە ئاي، بىر يېرىم يىل، ئىككى يىل ۋاقىت مۇددىتى بويىچە ئوقۇغۇچى تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىلدى. بۇ يەردە يەنە باشلانغۇچ سىنىپلارمۇ داۋاملىق ئوقۇۋەردى. بۇ مەكتەپلەر كېيىنكى كۈنلەردە ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەشنى ئاساس قىلغانلىقتىن << دارىلمۇئەللىمىن>> دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولدى.
1935-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە قەشقەر شەھەر ئەنجان كوچىسىغا جايلاشقان كونا لىجىڭ يامۇل دېگەن يەردىكى كېرەمزادىلەردىن ئابدۇرەھىم بايۋەتچە ۋە ئابدۇللا بايۋەتچىلەرنىڭ ئازادە ھويلىسىدا ( ھازىرقى قەشقەر شەھەرلىك بالىلار باغچىسىنىڭ ئورنىدا) خېلى بۇرۇنلا ھەرخىل كۇرس، مەكتەپلەر ئېچىلغان بولۇپ، كېيىن شۇ يەردە قەشقەردىكى خانىم-قىزلارنى ئوقۇتۇدىغان بىر مەكتەپ بىنا قىلىندى. مەشھۇر ئۇستاز ئايشەم سايىت ھاجىم ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپ مۇدىرى بولدى. بىرقانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ يەردە ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلغان << دارىلمۇئەللىمات>> تەسىس قىلىندى. بۇ مەكتەپ ياتاقلىق قىلىندى، تەمىنات مەسىلىسىنى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ۋە مائارىپ ئىدارىسى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. مەكتەپكە سىرتقى جايلاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا تاماق مەكتەپ ئاشخانىسى تەرىپىدىن ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلدى، ياتاقتا يېتىپ ئۇقۇيدىغانلارغا يوتقان-كۆرپە ھەقسىز تارقىتىلدى، ھەتتا قەلەم، سىياھ، قېرىنداش، دەپتەر(تىترات)قاتارلىق ئوقۇش ماتىرىياللىرىمۇ ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلدى. مەكتەپكە قەشقەر شەھرىدىن باشقا ، قەشقەرگە قاراشلىق ئاۋات، بەشكېرەم، يېڭى ئۆستەڭ، توققۇزاق، ئاستىن ئاتۇش، ئۈستۈن ئاتۇش، پەيزىۋات، يېڭىسار، مەكىت، مارالۋېشى، يەكەن قاتارلىق جايلاردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىناتتى.
بىرقانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەنجان كوچىسىدىكى << دارىلمۇئەللىمات>>تا، مائارىپ-مەدەنىيەت ھەرىكىتى تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا شەھەر ئىچىدىن ، ئەتراپتىن كېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن مەكتەپ ئورنى تارلىق قىلىپ قىيىنچىلىق پەيدا بولدى. يۇقۇرىنىڭ تەستىقى ۋە مەبلەغ سېلىشى بىلەن بۇ مەكتەپتىكى بەش سىنىپ يەنى 250تىن ئارتۇق خانىم-قىز ئوقۇغۇچى قەشقەر شەھرىنىڭ ئارقا ئوردا دېگەن يېرى( ھازىرقى شىنخۇا كىتابخانىسىبىناسى يېنىدىكى كوچا) دە يېڭىدىن سېلىنغان ئىككى قەۋەتلىك ئازادە مەكتەپ بىناسىغا كۆچۈرۈلدى. مەكتەپ قۇرۇلىشىغا 4 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنغان ئىدى. ئەسلىدىكى لىجىڭدىكى مەكتەپتە قىز ئوقۇغۇچىلار داۋاملىق ئوقۇۋەردى.
1934-يىلى قەشقەر ياۋاغ كوچىسى گۆر مەھەللىسىدىكى " دومباخانا" ئورنى بۇزۇلۇپ<< دارىلئەيتام>> مەكتىپى قۇرۇلدى. مەكتەپنىڭ پەس تەرەپتىكى سىنىپلىرىدا ئوغۇللار، ئۈستى تەرىپىدە قىزلار ئوقۇيتتى، مەخسۇس قىزلار سىنىپلىرى 12 دىن ئارتۇق بولۇپ، 350—400 دەك ئوقۇغۇچى، 20دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى بار ئىدى. دەسلەپ بېلىقىز باھاۋىدىن مۇسابايىۋا خانىم، كېيىن نۇرنىسا ئېلى خانىم قاتارلىقلار مەكتەپ مۇدىرى، سوپۇرا موللا ئەيسا خانىم، خەيرىنىسا ئەمەت خانىم قاتارلىقلار ئىلمىي مۇدىر بولغان. چولپان قادىر خانىم، بېلىقىز جالالىدىن خانىم، نۇرنىسا نىياز، ئائىشە نۇر خانىم قاتارلىقلار ئوقۇتقۇچى بولغان، ئائىشە نۇر خانىم يەنە تەرتىپ مۇدىرى ئىدى.
1937-يىلى ئەسلىدىكى ئەنجان رەستە ئىچىدىكى " سۇللاھ مازار غوجام" قەبرىستانلىقى چېقىلىپ، بىر مەكتەپ سېلىنغان. بۇ مەكتەپ كېيىن << گىراژدانلار مەكتىپى>> دەپ ئاتالغان. بۇ مەكتەپنى قەشقەر ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى مەبلەغ چىقىرىپ قۇرۇپ چىققان بولۇپ، بۇ مەكتەپتە سەككىز سىنىپ، 300 دىن ئوشۇق قىز ئوقۇغۇچى ئوقۇغان. بۇ مەكتەپكە دەسلەپتە بېلىقىز باھاۋىدىن مۇسابايىۋا خانىم، تاش قارى ئەپەندى، پاتىمە ئابدۇلرەھىم قاتارلىقلار مۇدىر بولغان.
يەنە 1934-يىلى قەشقەردىكى مائارىپ دولقۇنىدا قىزىل دۆۋە دېگەن جايدا مەرىپەتپەرۋەر زات توختى ھاجىم ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي جايىدا ئۆز مەبلىغى بىلەن بىر مەكتەپ سالغان بولۇپ، قىزلار ئايرىم ئۈچ سىنىپتا، ئوغۇللار ئايرىم سىنىپتا ئوقۇغان. بۇ يەردە جەمىلە خانىم، ئىمىگۈسۈم خانىم قاتارلىقلار ئوقۇتقۇچى بولغان.
ھەرقايسى جايلاردىكى ئاياللار مەكتەپلىرىنىڭ مۇنداق تەقەززالىق ۋە يۇقۇرى قىزغىنلىق بىلەن كۆپلەپ قۇرۇلۇشى، بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشى ۋە سۈپىتىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈشى بىلەن ، قەشقەردىكى ئاياللار مائارىپى يۈكسىلىپ، يېڭى باسقۇچ، يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشتى. قەشقەردىكى تۇنجى ئاياللار مەكتەپلىرى ۋە قەشقەردىكى ئاياللار مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ تارىخى ئىنتايىن شەرەپلىك بولۇپ، داغدۇغىسى چوڭ، يېتىشتۈرگەن ئىقتىساسلىق خادىملىرى كۆپ، تەلىم-تەربىيە سۈپىتى يۇقۇرى، ئۇنىڭدا نۇرغۇن ئارتۇقچىلىق ۋە ئەۋزەللەك بار:
(1) بۇ مەكتەپلەردە ھازىرقى زامان پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتە ئاساس بولىدىغان دەرسلەردىن ھېساب، " ئانا تىل" نامىدىكى ئۇيغۇر تىلى قائىدىلىرى، ئەدەبىيات، تارىخ، خەنزۇ تىلى، ئەخلاق دەرسلىكى، " يۇرت بەلگىسى" نامىدىكى جۇغراپىيە، تەبىئەت، ئېقىم مەسىلىلىرى، دۇنيا تارىخى، ناخشا، رەسىم، تەنتەربىيە ، " ھېپىزى سەھەت" ( يەنى ھازىرقى " گىگېنا" دەرسى) قاتارلىق دەرسلەر تەسىس قىلىنغان. (2)قەشقەردىكى ئاياللار مەكتەپلىرىدە باشلانغۇچ سەۋىيىدىكى سىنىپ ۋە تولۇقسىز ئۇتتۇرا سەۋىيىسىدىكى ھەرخىل كۇرس، مەخسۇس ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش مەقسىدىدىكى " دارىلمۇئەللىمات" سىنىپلىرى بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش سىنىپلىرىغا " پىداگوگىكا"، " پىسخولوگىيە"، " مېتودىكا" قاتارلىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا دائىر مۇھىم بىلىملەر ئۆگىتىلگەن. (3)مەكتەپتە ئالتە كۈن ئوقۇپ، جۈمە كۈنى دەم ئېلىش كۈنى قىلىنغان. دەرسلەر سائەت ھېسابىدا، ھېساب كۈندە ئىككى سائەتتىن ھەپتىسىگە 12 سائەت، ئەدەبىيات ۋە ئۇيغۇر تىلى دەرسى كۈنىگە ئىككى سائەتتىن ھەپتىسىگە 12 سائەت، خەنزۇ تىلى دەرسى ھەپتىدە ئۈچ -تۆت سائەت، قالغان دەرسلەرمۇ ھەپتىسىگە ئىككى سائەتتىن قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. دەرسلەر چۈشتىن بۇرۇن 4 سائەت، چۈشتىن كېيىن 4 سائەت قىلىپ ئايرىلغان، ھەر بىر دەرس سائىتى 40 مىنۇتتىن 50 مىنۇتقىچە بولغان. مەكتەپلەردىكى دەرسلىك ۋە ئوقۇتۇش تۈزۈمىمۇ ئاساسەن سوۋېتلەردىن كەلگەن ۋە شۇلارغا تەقلىد قىلىنغان. بۇ دەرسلەر مەخسۇس سائەت، مەخسۇس پروگرامما، مۇقىم ئوقۇتقۇچى بولغان ھالدا ئىزچىل ۋە مۇنتىزىم ، تولۇق ئوقۇتۇلغان. (4) ئەينى دەۋردىكى تارىخى شارائىت، خەلقنىڭ ئاڭ-سەۋىيەسى، زامان چەكلىمىسى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، دىنىي ئېتىقاد مەسىلىلىرىنىڭ مىللىيلىق، تارىخىيلىق، ئاممىۋىيلىق، خەلقئارالىق، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىكەنلىكىدەك خۇسۇسىيەتلىرىگە ئاساسەن، مەكتەپنىڭ جەمىيەتتىن، خەلقنىڭ ھىمايىسىدىن ئايرىلىپ قالماسلىقى ۋە ئەخلاق تەربىيەدە ئېتىقادنى يېتەكچى قىلىش ئۈچۈن، مەكتەپلەردىكى دەرسلەر قاتارىدا مەخسۇس دىن دەرسىمۇ تەسىس قىلىنغان. قەشقەردىكى نامى بار ئۇستاز ئۆلىمالاردىن ئۆمەر ئاخۇن خەلپىتىم، ئىسمائىل ئاخۇن خەلپىتىم، شەرىخان بۈۋىم، سائادەت قاسىم، بۇرۇن " دارىلمۇئەللىمات" تا ئوقۇپ ئوقۇتقۇچى بولغان بۈۋەرخان بۈۋىم، تاتار كەرىمە خانىم قاتارلىقلار " قۇرئان كەرىم"، ھەتتا " قۇرئان كەرىم" نى ئوقۇش قائىدىلىرى ھەققىدىكى " ئىلمىي تەجۋىد"كىچە دەرس بېرىپ، بۇ يەردىكى خانىم-قىزلارنى ئىمان-ئېتىقادلىق كىشىلەردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈشكە كۈچ چىقارغان. (5) مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەۋەلىكىنى باشقۇرۇشنى ئالاھىدە چىڭ تۇتقان، مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان قىزلارنى ئاتا-ئانىسى تۇرمۇشقا چىقىرىدىغان بولسا، مەكتەپتىن رۇخسەت سوراش تەلەپ قىلىنغان.ئىلتىماسقا ئاساسەن مەكتەپ ئۇلارغا 15كۈنلۈك توي توي ئىجازىتى بېرىپ، 15 كۈندىن كېيىن يەنە داۋاملىق مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇشىنى تەلەپ قىلغان. 15 كۈندىن كېيىن كەلگەنلەرگە ئالاھىدە قەغەز بېرىلىپ، ئەسلى مەكتەپتىكى ئوقۇش تەۋەلىكى بىكار قىلىنىپ، << چوكانلار مەكتىپى>> گە چىقىپ ئوقۇش رەسمىيىتى بېجىرىپ بەرگەن. شۇڭا قەشقەردىكى ئاياللار مەكتەپلىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ئالاھىدە زور بولۇپ، مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇيدىغان خانىم-قىزلارنىڭ سانى يىلدىن يىلغا كۆپەيگەن.
قەشقەردىكى ئاياللار مەكتەپلىرىنىڭ باشقۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىكى پائالىيەتلىرى قەشقەردىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي قالمىدى. ئاياللار مەكتىپى قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى 43—44-يىللارغىچە بولغان 10 يىل جەريانىدا مەكتەپنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى نىسبەتەن ئىلغار، ئوقۇتۇش سۈپەت-سەۋىيەسى خېلىلا يۇقۇرى، باشقۇرۇش ئىشلىرى مۇكەممەل بولدى، بۇ ئاياللار مائارىپىنىڭ ئىلگىرىلەش دەۋرى ئىدى.
1944-يىلىدىن تارتىپ 49-يىلىغىچە بولغان جەرياندا گومىنداڭ ئاياللار مائارىپ ھەرىكىتىگە نىسبەتەن بۇزغۇنچىلىق رول ئوينىدى، كەڭ ئوقۇتقۇچى خانىملار ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەر خىل سىياسىي پائالىيەتلەر، پىرقە-گۇرۇھلارغا قاتنىشىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى. جەمىيەتتە ئاياللارنىڭ ئورنى يەنە تۆۋەنلەپ كەتتى، مەكتەپلەرنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى ئىزچىل ۋە تەرتىپلىك بولالماي، ئاجىز، قالايمىقان ، چۇۋالچاق بولۇپ كەتتى، جۈملىدىن جەمىيەتتىكى مائارىپنىڭ پەرۋىشكارلىرى بولغان ھەر ساھە ئەربابلىرى تۈرلۈك سىياسىي زىيانكەشلىك تۈپەيلى ئۆلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرىگە بۇرۇنقىدەك قىزغىن ھەمدەمدە بولالمىدى. بۇ چېكىنىش، خاراپ بولۇش دەۋرى ئىدى.
1950-يىللارغا كەلگەندە << دورغىبەگ>> دىكى مەكتەپ خېلى ئۇزاق داۋاملاشتى، << دارىلئەيتام>> دىكى ، << گىراژدانلار مەكتىپى>> دىكى، توختى ھاجىمنىڭ قىزىل دۆۋىدىكى مەكتىپىدىكى، شامالباغدىكى قىزلار سىنىپلىرى دەسلەپ << دورغىبەگ>>كە، كېيىن نوبېشىدىكى 5-مەكتەپكە يىغىلىپ، قەشقەردىكى بارلىق قىزلار شۇ يەردە ئوقۇيدىغان بولدى. 1956-يىلىدىن كېيىن قەشقەردىكى ئاياللار مەكتەپلىرى ۋە قىزلار سىنىپلىرى رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ھەر قايسى مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار قىز-ئوغۇل دەپ ئايرىلماي، بىرلىكتە ئوقۇش يولغا قويۇلدى.
30-يىللاردىن ئېتىبارەن قانات يايغان مەدەنىيەت ھەرىكىتى جەريانىدا قۇرۇلۇپ، تەرەققى قىلغان قەشقەردىكى ئاياللار مەكتەپلىرى، ئاياللار مائارىپى قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن جەنۇبىي شىنجاڭ تەۋەسىدە تۇنجى قېتىملىق بىر ئىجادىيەت ۋە تۇنجى قەدەم ئىدى. قەشقەرنىڭ مىللى مائارىپ تارىخى تەتقىقاتىدا قەشقەردىكى ئاياللارنىڭ تۇنجى پەننىي مەكتەپلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئۇنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلەش، ئۇنىڭغا ئوبىكتىپ ۋە ئىلمىي باھا بېرىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش. بۇ خىل خىزمەت ئەستايىدىللىققا ئىگە ئىلمىي ئەمگەك بولۇپ، قەشقەر مىللىي مائارىپ تارىخىنى تولۇق نامايەن قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىبى قىسىمنىڭ بىرى. قەشقەردىكى ئاياللار مەكتەپلىرىنىڭ شانلىق تۆھپىسى مائارىپ تارىخمىزدا ھەرگىز ئۆچمەيدۇ.

مەنبە: << شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى>> 2007-5-سان

ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ ﻛﺎﻟﯩﻨﺪﺍﺭﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﺎﯞﺍﺕ

ﺋﻪﺭﻩﭘﭽﯩﺪﻩ <<ﮬﯩﺠﺮﻩﺕ>> ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﻛﯚﭼﯘﺵ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ.ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ ﺩﯨﻪﻩﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ ﺋﻪﺷﯘ ﮬﯩﺠﺮﻩﺕ ﺩﯨﮕﻦ ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺧﻪﻟﯩﻔﻪ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﯨﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 622-ﻳﯩﻠﻰ 7-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 16-ﻛﯜﻧﻰ(ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﻪﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﻜﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﮬﯩﺠﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ) ﻧﻰ ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ ﻛﺎﻟﯩﻨﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﻜﺘﻜﻪﻥ. ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺋﺎﻱ ﻛﺎﻟﯩﻨﺪﺍﺭﻯ ﺑﻮﻟﻮﭖ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﮬﯩﻘﯩﺮﯨﻴﻪ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮﻳﯩﻞ 354ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﻮﭖ ،ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ﮬﯩﺴﺎﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 11ﻛﯜﻥ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﻳﯩﻞ 12ﺋﺎﻳﻐﺎ ﺑﯚﻟﯩﻨﯩﺪﯗ. ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ ﻛﺎﻟﯩﻨﺪﺍﺭﻯ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ﻛﺎﻟﯩﻨﺪﺍﺭﯨﺪﯨﻦ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﺑﯩﺸﻰ ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺳﯜﺭﯨﻠﯩﺪﯗ.ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﻪﺗﯩﻴﺎﺯﺩﺍ ﻛﻪﻟﺴﻪ،ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻛﯜﺯﺩﻩ ﯞﻩ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻗﯩﺸﺘﺎ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ﻛﺎﻟﯩﻨﺪﺍﺭﯨﺪﯨﻜﻰ 365ﻛﯜﻧﻨﻰ ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ ﻛﺎﻟﯩﻨﺪﺍﺭﯨﺪﯨﻜﻰ 354ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺑﯚﻟﯩﯟﻩﺗﺴﻪﻙ 1.031 ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﺎﻥ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﮬﯩﻘﯩﺮﻳﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮﻳﯩﻠﯩﻨﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ ﻳﯩﻠﯩﻨﻰ 1.031ﮔﻪ ﺑﯚﻟﯚﭖ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﯖﻐﺎ 622ﻳﺎﻛﻰ 621ﻧﻰ ﻗﻮﺷﺴﺎﻗﻼ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ : ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 1410 -ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ،ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﺎ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﮬﯩﺴﺎﺑﻼﻳﻤﯩﺰ :
1989=622+(1.031ﺑﯚﻟﯘﻧﻤﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ 1410)
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﯩﻨﻰ ﮬﯩﺠﯩﺮﻳﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ:
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ 1970-ﻳﯩﻠﻰ.
1390=1.031 ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ (621-1970)
ﻗﻮﺷﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﻥ 622ﻳﺎﻛﻰ 621ﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﯟﯨﺮﯨﺪﯗ. ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺗﻮﻏﺮﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯩﺮﯨﻢ ﻳﯩﻞ، ﺑﯩﺮﻯ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯩﺮﯨﻢ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.