قەدىمىي شەھەر قەشقەردە كەڭ ئاياللار-قىزلارنىڭ يېڭىچە پەننىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى مەركەز قىلغان يېڭى مائارىپ ھەرىكىتى قوزغىلىپ، يېڭى ئاڭ، يېڭى ئۇسلۇبتىكى ئاياللار-قىزلار مائارىپ دەۋرى باشلانغىنىغا تەخمىنەن 75 يىل بولدى.
دۇنياۋى پەن-تېخنىكا ۋە سانائەت ئىنقىلابىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ۋە " قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى" نىڭ غايەت زور تۈرتكىسىدە 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن ئېتىبارەن پەيدا بولغان ئىدىيە-مەدەنىيەت ساھەسىدىكى يېڭى يۈزلىنىش يۇقۇرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى، مائارىپ ساھەسىدە دۇنياۋى ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلىش، مەكتەپلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىدىيە جەھەتتە دېموكراتىيە- خەلقچىللىقنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ دولقۇنى بىلەن قەشقەردە داغدۇغىلىق ھالدا يېڭى مائارىپ، يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى باشلىنىپ، نۇرغۇن كونا مەكتەپ، كونا مەدرىسلەردە يېڭى ئۇسۇل بىلەن زامانىۋى ئىلىم-پەندىن دەرس ئۆتىدىغان يېڭى ئىلىم مەركەزلىرى قەد كۆتۈردى. خالىس نىيەتلىك، پىداكار، مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپ يېتەكچىلىرى بولدى. كونا مەكتەپلەردىكى سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان ئوقۇغۇچىلار قىسقا مۇددەتلىك مائارىپ كۇرسلىرىدا تەربىيەلىنىپ ئوقۇتقۇچى بولدى. مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى شاگىرتلار بىلەن لىق تولدى.
بۇ مەكتەپلەردە ئالدى بىلەن ئوغۇللار ئوقۇيتتى. ئۇ دەۋردىكى ئىجتىمائى تۈزۈم ، ئەنئەنىۋى قائىدە، ئىدىيە-ئېتىقاد، چۈشەنچە ۋە يەرلىك كۆز قاراشلارنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكى تۈپەيلىدىن مۇنداق مەكتەپلەردە قىزلار، ئاياللارنىڭ ئوقۇشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى. لېكىن دۇنياۋى تەرەققىيات، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېڭى مەدەنىيەت، ئىدىيە ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولغان گېزىت-ژورناللار، ئەخلاقىي تەربىيە رىسالە كىتابچىلىرى، ئىلغار ئالىملارنىڭ دىيارىمىزدىكى زىيارەت، سۆھبەت-بايانلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن كۆپلىگەن ئىلغار سودا-سانائەتچىلەر، چەت ئەللەردە ئوقۇغان، سودا-تىجارەت قىلغان مەدەنىيەت-مائارىپ پىشىۋالىرى، بىر قىسىم جامائەت ۋە جەمىيەت ئەربابلىرى نوپۇسنىڭ زور كۆپچىلىكىنى تەشكىل قىلىدىغان ۋە كەلگۈسىدىكى ياش ئەۋلادلارنىڭ " تەربىيىچى ئانىلىرى " بولىدىغان قىزلارنىڭ يېڭىچە مەكتەپلەرگە بېرىپ، زامانىۋى مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇشىنى چاقىرىق قىلدى. نەتىجىدە دەسلەپ 1934-يىلى قەشقەر شەھرىدىكى << يۇمىلاق شاھەر قورغان>> غا تەۋە تېرەكلىك دېگەن يەردە قەشقەردىكى مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچىلەر، مەشھۇر كىشىلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن << مەھمۇدىيە>> نامىدا بىر مەكتەپ ئېچىلدى.
بۇ مەكتەپتە يۇقۇرى قاتلام كىشىلەرنىڭ بالىلىرى ئوقۇيدىغان بولدى. بۇ مەكتەپكە 40 دەك قىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى، بۇ مەكتەپتە مۇنەۋۋەر خانىم ئاتلىق بىر تاتار ئايال، ئايشەم سايىت ھاجى خانىم ئوقۇتقۇچى بولدى. مۇنەۋۋەر خانىم ھېساب ۋە ئانا تىلى دەرسى، ناخشا دەرسى، لاتىن تىلى دەرسى قاتارلىق دەرسلەرنى بەرگەن. ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدىن تۇرمۇش مەسىلىسى تۈپەيلىدىن قەشقەرگە كېلىپ قالغان بۇ ئايال ئوقۇتقۇچى خانىم تەن سالامەتلىكىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەس، بىر تەرەپ پۇتىنىڭ مېيىپ بولۇشىغا قارىماي، پۈتۈن ئىخلاسى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتكەن. ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا تاتارچە:
ئىشىكنىڭ ئالدى يېشىل گۈللەر،
يېيىپ قويسا كۆتەرمى(كۆتەرمىدى).
ئېركىنلىكتە ئۆسكەنىم،
ئېغىر سۆزلەر كۆتەرمى( كۆتەرمىدى).
بولما ماتۇر( چىرايلىق)، بول بەختلىك،
بەختلىك يۈرسە يەملى.
قاتارلىق تاتار خەلق ناخشىلىرىنى ئۆگىتىپ، ئوقۇغۇچى قىزلارنى ئىستېتىك تەربىيىگە ئىگە قىلغانىدى. بۇ مەكتەپنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش قىزغىنلىقى يۇقۇرى بولۇپ، ھەربىر ئاي، ھەربىر چارەك ۋە مەۋسۇملاردا ياخشى ئۆگەنگەنلەر ئالاھىدە مۇكاپاتلىنىپ تۇرغان. بىراق سىياسى ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولۇپ، مەكتەپ ئېچىلىپ ئالتە ئايدىن كېيىنلا تاقىلىپ كەتكەن.
ۋەزىيەت ئوڭشالغاندىن كېيىن يەنە بىر قىسىم مائارىپپەرۋەر كىشىلەر، مەشھۇر زىيالىلار، تىجارەتچىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاياللار مائارىپى ھەققىدى تەشۋىقاتنى كۈچەيتتى. نەتىجىدە، قەشقەردىكى كەڭ ئامما ھەقىقى سەپەرۋەرلىككە كەلدى. دىنىي زاتلاردىن مەشھۇر ئۆلىما-ئالىم جامال ئاخۇن خەلپىتىم، سودا-سانائەتچىلەردىن مۇھەممەد نىياز مەخسۇم، ئىمىن ھاجىم شىركەت، ئۆزبېك بايلاردىن تىللا قارىم، ئىسرائىل شاڭزوڭ، شېرىپ بەگ، مامۇت ئاخۇن ئولاي، تۇرسۇن ئاخۇن (ئەپەندىم) مەخسۇم، قاسىم ھاجىم ئاچچىقسۇچى قاتارلىق قەشقەردىكى مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر باشلامچى بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بىر-ئىككىدىن قىز پەرزەنتلىرىنى پەننىي مەكتەپلەردە ئوقۇشقا ئەۋەتتى، بۇنىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى جامائەتچىلىك ئارىسىدا تەسىرى ئىنتايىن زور بولدى.
ئۇزاق ئۆتمەي قەشقەر شەھىرى ئەنجان كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق مەرىپەتپەرۋەر بايلاردىن مۆھىددىن جانباينىڭ ھەشەمەتلىك ھويلىسىنىڭ 2-قەۋىتىدە << ئاياللار مەكتىپى>> قۇرۇلۇپ، ئايشەم سايىت ھاجى بۇ يەردىكى مەكتەپكە مۇدىر بولدى. گەرچە سىنىپ بىرلا، ئوقۇغۇچى سانى نىسبەتەن ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قەشقەر تەۋەسىدىكى بىر ئىجادىيەت ۋە يېڭىلىق بولغاچقا، قەشقەر شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-كەنتلەرگە ئاجايىپ كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى.
جەمىيەتتىكى قىزلار-ئاياللارنى يېڭى پەننىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ، زامانىۋى بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش جەريانىدا مەرىپەتپەرۋەر زىيالىلار، نوپۇزلۇق كىشىلەرنىڭ ئاغزاكى تەشۋىقاتى، جۈملىدىن ئەدەبىيات-سەنئەت شەكىللىرى بىلەن سەھنىلەردە قىلىنغان تەشۋىقاتتىن ئىبارەت كۈچلۈك سەپەرۋەرلىكنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە بۇ مەكتەپتە قىزلار بىلەن تولغان يەنە بىر سىنىپ پەيدا بولدى.
مەكتەپ ئورنى ئىككىگە كۆپەيدى. قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە قۇرۇلغان ئىككى ئورۇندىكى تۆت سىنىپلىق قىزلار ۋە ئاياللار مەكتەپلىرىگە قەشقەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان مەرىپەتپەرۋەر تاتار زىيالىلىرىدىن يۈسۈپ مۇزەپپەر ئەپەندىنىڭ ئايالى خەدىچە مۇزەپپەر خانىم، سالاھىدىن داموللامنىڭ ئايالى مۇشفىقە خانىم قاتارلىق پىشقان، ئىجتىھاتلىق، قابىل مائارىپچىلار ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، دەرسلىك جەھەتتىن يېڭىلىق يارىتىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، مەكتەپلەردىكى ئاياللارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاشقا پۇختا ئاساس سالدى. مەكتەپتىكى قىز-ئاياللارغا ئوقۇش، ئۆگىنىش، بىلىم ئېلىش مەزمۇن قىلىنغان، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان مۇڭلۇق ناخشىلارنىمۇ ئۆگەتتى.
ئىلىم-مەرىپەتنىڭ ئانا ماكانى بولغان قەشقەردە تارىختىن بېرى خەلقىمىز ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئىلمىي ۋە ئەخلاقىي تەربىيەت مەسىلىلىرىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. جۈملىدىن قىز پەرزەنتلىرى، ئەھلى ئاياللىرىنىڭ بىلىم ئېلىش، ئوقۇش، ئەخلاقىي تەربىيەدىن بەھرىمەن بولۇش ئىشلىرىغا باش قاتۇرۇپ، ئىمكانىيەت ۋە شارائىت يارىتىپ بەرگەن. بۇ تەربىيەت مۇساپىسى مەھەللىۋى دىنىي مەكتەپلەر، مەشھۇر بۈۋى-خېنىملار ۋە پازىل ئالىم–ئۆلىمالارنىڭ ھوزۇرىدىكى خۇسۇسىي مەكتەپلەردە، مەخسۇس قىز-ئاياللار سىنىپلىرىدا داۋاملىشىپ كەلگەنىدى ھەم بۇ ساھەدە قىز-ئاياللارنى ھىدايەتكە يېتەكلىگۈچى رەھناماللار، نوپۇزلۇق ئايال مۇئەللىملەر بارلىققا كەلگەنىدى. پەقەت يېقىنقى زاماننى ھېسابلىغاندىمۇ، 30-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە قەشقەر دائىرىسىدە ناھايىتى نۇرغۇن مەھەللىۋى دىنىي مەكتەپلەر بولۇپ، ئۇلاردىن مەشھۇرراقلىرى____ قەشقەر نەزەرباغ قۇملۇقتىكى مەشھۇر مائارىپچى زات قاسىم ھاجىم خەلپىتىم يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان مەكتەپ؛ شەھەر ئىچىدىكى ئۆمەر ئاخۇن خەلپىتىم يېتەكچىلىك قىلغان مەكتەپ؛ بۈۋەرىخان بۈۋىم، مەشھۇر بۈۋى خېنىملاردىن بولغان ئۇستاز شەرىخان بۈۋىم، ئىبراھىم خەلپىتىمنىڭ ئايالى بۈۋى خەلىچە خانىم قاتارلىقلارنىڭ ھوزۇرىدىكى مەكتەپلەر.
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغىنى قەشقەر شەھىرى توختى مىراخور كوچىسى( ھازىرقى سۈت-قايماق كوچىسى) دىكى مەرىپەتپەرۋەر زات مۇھەممەد ئەلى شاڭيۇملارنىڭ خۇسۇسىي جايىغا قۇرۇلغان ئىمىن ھاجىم خەلپىتىم باشقۇرۇشىدىكى كونا مەكتەپ بولۇپ، 1885- يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ قەشقەردىكى نۇرغۇن ئىلىم تەشنالىرىنى تەربىيىلەپ كەلگەن. بۇ مەكتەپتە ئىمىن ھاجىم خەلپىتىمنىڭ ئوغلى ئىبراھىم ئاخۇن خەلپىتىمنىڭ ئايالى ئۇستاز بۈۋى خەلىچە خېنىم نۇرغۇن قىز-ئاياللارنى ئۇزۇن زامانلار مابەينىدە تەربىيىلەپ ئوقۇتۇپ كەلگەن، بۇ مەكتەپتە يەنە بۈۋى خەلىچە خېنىمغا ھەمكارلىشىپ خەدىچە مۇزەپپەر ئاتلىق بىر تاتار ئايال مۇئەللىم قىز-ئاياللارغا مەدەنىيەت دەرسلىرىنى ئۆگەتكەن.
قەشقەردىكى يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ تەسىرى ۋە ئىلھامى بىلەن ھەرقايسى يەرلەردە قۇرۇلغان مەكتەپلەردىكى قىز-ئاياللار " دورغا بەگ كۆلبېشى مەدرىسى" گە يۆتكىلىپ، مەكتەپنىڭ سىنىپ سانى كۆپەيگەن. بۇ يەردىكى مەكتەپكە ئىمىن ھاجىم خەلپىتىم باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىمۇ بىرلىكتە يۆتكەلدى. نەتىجىدە قىز-ئاياللار سەككىز سىنىپ، 15 نەپەر ئوقۇتقۇچى خادىم، 250دىن كۆپ ئوقۇغۇچىسى بار بىر مەكتەپكە ئايلاندى. بىراق بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن قىز-ئوغۇللارنىڭ بىر يەردە ئوقۇشى تازا مۇۋاپىق بولمىغاچقا، ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار پاخال بازىرى " تاقىچىلار مەھەللىسى " دىكى يەرگە كۆچۈرۈلۈپ. ئۇ يەردە 12 سىنىپلىق بىر مەكتەپ بىنا قىلىندى.
قەشقەردىكى قىز-ئاياللارنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇش، تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولغاندىن كېيىن، جەمىيەتنىڭ كۆڭۈل رايى، مەكتەپنىڭ ئوخشىمىغان ياشتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش نورماللىقى، مەكتەپنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ، قىزلار بىلەن تۇرمۇشقا چىققان ئاياللار ئارىسىدىكى پەرققە ئاساسەن قىز ئوقۇغۇچىلار بىلەن تۇرمۇشقا چىققان ئوقۇغۇچىلارنى ئايرىپ ئوقۇتىدىغان سىنىپلارنى تەسىس قىلىش تەقەززا قىلىندى، 1937-يىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تۈمەن دەرياسى تەرەپتىكى " پاخال بازىرى " دېگەن جايدا ئولتۇرۇشلۇق مەرىپەتپەرۋەر ئابدۇراخمان باينىڭ خۇسۇسىي جايىغا تەسىس قىلىنغان مەكتەپكە ئاياللارنىڭ سەككىز سىنىپى يۆتكەلدى. بۇ يەردىكى دەسلەپ باشلانغۇچ، كېيىن مەخسۇس ئاياللار ئوقۇيدىغان قىلىنغان مەكتەپ كېيىنكى چاغلاردا خەلق ئارىسىدا << چوكانلار مەكتىپى >> دەپ ئاتالدى. بۇ يەردىكى سىنىپلار قەشقەر ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى. ئەڭ دەسلەپ << چوكانلار مەكتىپى>> گە مۇدىر ۋە مۇئاۋىن مۇدىر بولغان موللا باقى بوتا ھاجىيۇف ئەپەندى، ئۇنىڭ ئايالى مەريەم بوتا ھاجىيۇف خانىم قاتارلىقلار ئەينى دەۋردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن زىيالى، پىشقان پىداگوكلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ياخشى باشقۇرۇشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ، تەلىم-تەربىيە سۈپىتى پەيدىنپەي يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى.
قەشقەردىكى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا مەكتەپتە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان قىز-ئاياللارنىڭ سانى تېز كۆپەيدى. شەھەر ئەتراپىدىكى قوغان، سەمەن، ئاۋات، بەشكېرەم، قازىرىق، توققۇزاق، ئوپال، كوناشەھەر، يېڭى ئۆستەڭ قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇن يېڭى مەكتەپلەر ئېچىلدى. ئەنە شۇنداق تەرەققىيات ۋە ئاياللار مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۈش، ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەشنىڭ جىددى ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئاياللار مەكتەپلىرىنىڭ قارمىقىدا ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىش قارار قىلىنىپ،
" ئاياللارنى ئاياللار ئوقۇتۇش"، " ئاياللارنى ئاياللار باشقۇرۇش " پىرىنسىپىغا ئاساسەن ، مۇددەتلىك ، يەنى بىر يىل، ئالتە ئاي، بىر يېرىم يىل، ئىككى يىل ۋاقىت مۇددىتى بويىچە ئوقۇغۇچى تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىلدى. بۇ يەردە يەنە باشلانغۇچ سىنىپلارمۇ داۋاملىق ئوقۇۋەردى. بۇ مەكتەپلەر كېيىنكى كۈنلەردە ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەشنى ئاساس قىلغانلىقتىن << دارىلمۇئەللىمىن>> دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولدى.
1935-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە قەشقەر شەھەر ئەنجان كوچىسىغا جايلاشقان كونا لىجىڭ يامۇل دېگەن يەردىكى كېرەمزادىلەردىن ئابدۇرەھىم بايۋەتچە ۋە ئابدۇللا بايۋەتچىلەرنىڭ ئازادە ھويلىسىدا ( ھازىرقى قەشقەر شەھەرلىك بالىلار باغچىسىنىڭ ئورنىدا) خېلى بۇرۇنلا ھەرخىل كۇرس، مەكتەپلەر ئېچىلغان بولۇپ، كېيىن شۇ يەردە قەشقەردىكى خانىم-قىزلارنى ئوقۇتۇدىغان بىر مەكتەپ بىنا قىلىندى. مەشھۇر ئۇستاز ئايشەم سايىت ھاجىم ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپ مۇدىرى بولدى. بىرقانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ يەردە ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلغان << دارىلمۇئەللىمات>> تەسىس قىلىندى. بۇ مەكتەپ ياتاقلىق قىلىندى، تەمىنات مەسىلىسىنى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ۋە مائارىپ ئىدارىسى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. مەكتەپكە سىرتقى جايلاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا تاماق مەكتەپ ئاشخانىسى تەرىپىدىن ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلدى، ياتاقتا يېتىپ ئۇقۇيدىغانلارغا يوتقان-كۆرپە ھەقسىز تارقىتىلدى، ھەتتا قەلەم، سىياھ، قېرىنداش، دەپتەر(تىترات)قاتارلىق ئوقۇش ماتىرىياللىرىمۇ ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلدى. مەكتەپكە قەشقەر شەھرىدىن باشقا ، قەشقەرگە قاراشلىق ئاۋات، بەشكېرەم، يېڭى ئۆستەڭ، توققۇزاق، ئاستىن ئاتۇش، ئۈستۈن ئاتۇش، پەيزىۋات، يېڭىسار، مەكىت، مارالۋېشى، يەكەن قاتارلىق جايلاردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىناتتى.
بىرقانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەنجان كوچىسىدىكى << دارىلمۇئەللىمات>>تا، مائارىپ-مەدەنىيەت ھەرىكىتى تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا شەھەر ئىچىدىن ، ئەتراپتىن كېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن مەكتەپ ئورنى تارلىق قىلىپ قىيىنچىلىق پەيدا بولدى. يۇقۇرىنىڭ تەستىقى ۋە مەبلەغ سېلىشى بىلەن بۇ مەكتەپتىكى بەش سىنىپ يەنى 250تىن ئارتۇق خانىم-قىز ئوقۇغۇچى قەشقەر شەھرىنىڭ ئارقا ئوردا دېگەن يېرى( ھازىرقى شىنخۇا كىتابخانىسىبىناسى يېنىدىكى كوچا) دە يېڭىدىن سېلىنغان ئىككى قەۋەتلىك ئازادە مەكتەپ بىناسىغا كۆچۈرۈلدى. مەكتەپ قۇرۇلىشىغا 4 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنغان ئىدى. ئەسلىدىكى لىجىڭدىكى مەكتەپتە قىز ئوقۇغۇچىلار داۋاملىق ئوقۇۋەردى.
1934-يىلى قەشقەر ياۋاغ كوچىسى گۆر مەھەللىسىدىكى " دومباخانا" ئورنى بۇزۇلۇپ<< دارىلئەيتام>> مەكتىپى قۇرۇلدى. مەكتەپنىڭ پەس تەرەپتىكى سىنىپلىرىدا ئوغۇللار، ئۈستى تەرىپىدە قىزلار ئوقۇيتتى، مەخسۇس قىزلار سىنىپلىرى 12 دىن ئارتۇق بولۇپ، 350—400 دەك ئوقۇغۇچى، 20دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى بار ئىدى. دەسلەپ بېلىقىز باھاۋىدىن مۇسابايىۋا خانىم، كېيىن نۇرنىسا ئېلى خانىم قاتارلىقلار مەكتەپ مۇدىرى، سوپۇرا موللا ئەيسا خانىم، خەيرىنىسا ئەمەت خانىم قاتارلىقلار ئىلمىي مۇدىر بولغان. چولپان قادىر خانىم، بېلىقىز جالالىدىن خانىم، نۇرنىسا نىياز، ئائىشە نۇر خانىم قاتارلىقلار ئوقۇتقۇچى بولغان، ئائىشە نۇر خانىم يەنە تەرتىپ مۇدىرى ئىدى.
1937-يىلى ئەسلىدىكى ئەنجان رەستە ئىچىدىكى " سۇللاھ مازار غوجام" قەبرىستانلىقى چېقىلىپ، بىر مەكتەپ سېلىنغان. بۇ مەكتەپ كېيىن << گىراژدانلار مەكتىپى>> دەپ ئاتالغان. بۇ مەكتەپنى قەشقەر ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى مەبلەغ چىقىرىپ قۇرۇپ چىققان بولۇپ، بۇ مەكتەپتە سەككىز سىنىپ، 300 دىن ئوشۇق قىز ئوقۇغۇچى ئوقۇغان. بۇ مەكتەپكە دەسلەپتە بېلىقىز باھاۋىدىن مۇسابايىۋا خانىم، تاش قارى ئەپەندى، پاتىمە ئابدۇلرەھىم قاتارلىقلار مۇدىر بولغان.
يەنە 1934-يىلى قەشقەردىكى مائارىپ دولقۇنىدا قىزىل دۆۋە دېگەن جايدا مەرىپەتپەرۋەر زات توختى ھاجىم ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي جايىدا ئۆز مەبلىغى بىلەن بىر مەكتەپ سالغان بولۇپ، قىزلار ئايرىم ئۈچ سىنىپتا، ئوغۇللار ئايرىم سىنىپتا ئوقۇغان. بۇ يەردە جەمىلە خانىم، ئىمىگۈسۈم خانىم قاتارلىقلار ئوقۇتقۇچى بولغان.
ھەرقايسى جايلاردىكى ئاياللار مەكتەپلىرىنىڭ مۇنداق تەقەززالىق ۋە يۇقۇرى قىزغىنلىق بىلەن كۆپلەپ قۇرۇلۇشى، بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشى ۋە سۈپىتىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈشى بىلەن ، قەشقەردىكى ئاياللار مائارىپى يۈكسىلىپ، يېڭى باسقۇچ، يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشتى. قەشقەردىكى تۇنجى ئاياللار مەكتەپلىرى ۋە قەشقەردىكى ئاياللار مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ تارىخى ئىنتايىن شەرەپلىك بولۇپ، داغدۇغىسى چوڭ، يېتىشتۈرگەن ئىقتىساسلىق خادىملىرى كۆپ، تەلىم-تەربىيە سۈپىتى يۇقۇرى، ئۇنىڭدا نۇرغۇن ئارتۇقچىلىق ۋە ئەۋزەللەك بار:
(1) بۇ مەكتەپلەردە ھازىرقى زامان پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتە ئاساس بولىدىغان دەرسلەردىن ھېساب، " ئانا تىل" نامىدىكى ئۇيغۇر تىلى قائىدىلىرى، ئەدەبىيات، تارىخ، خەنزۇ تىلى، ئەخلاق دەرسلىكى، " يۇرت بەلگىسى" نامىدىكى جۇغراپىيە، تەبىئەت، ئېقىم مەسىلىلىرى، دۇنيا تارىخى، ناخشا، رەسىم، تەنتەربىيە ، " ھېپىزى سەھەت" ( يەنى ھازىرقى " گىگېنا" دەرسى) قاتارلىق دەرسلەر تەسىس قىلىنغان. (2)قەشقەردىكى ئاياللار مەكتەپلىرىدە باشلانغۇچ سەۋىيىدىكى سىنىپ ۋە تولۇقسىز ئۇتتۇرا سەۋىيىسىدىكى ھەرخىل كۇرس، مەخسۇس ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش مەقسىدىدىكى " دارىلمۇئەللىمات" سىنىپلىرى بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش سىنىپلىرىغا " پىداگوگىكا"، " پىسخولوگىيە"، " مېتودىكا" قاتارلىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا دائىر مۇھىم بىلىملەر ئۆگىتىلگەن. (3)مەكتەپتە ئالتە كۈن ئوقۇپ، جۈمە كۈنى دەم ئېلىش كۈنى قىلىنغان. دەرسلەر سائەت ھېسابىدا، ھېساب كۈندە ئىككى سائەتتىن ھەپتىسىگە 12 سائەت، ئەدەبىيات ۋە ئۇيغۇر تىلى دەرسى كۈنىگە ئىككى سائەتتىن ھەپتىسىگە 12 سائەت، خەنزۇ تىلى دەرسى ھەپتىدە ئۈچ -تۆت سائەت، قالغان دەرسلەرمۇ ھەپتىسىگە ئىككى سائەتتىن قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. دەرسلەر چۈشتىن بۇرۇن 4 سائەت، چۈشتىن كېيىن 4 سائەت قىلىپ ئايرىلغان، ھەر بىر دەرس سائىتى 40 مىنۇتتىن 50 مىنۇتقىچە بولغان. مەكتەپلەردىكى دەرسلىك ۋە ئوقۇتۇش تۈزۈمىمۇ ئاساسەن سوۋېتلەردىن كەلگەن ۋە شۇلارغا تەقلىد قىلىنغان. بۇ دەرسلەر مەخسۇس سائەت، مەخسۇس پروگرامما، مۇقىم ئوقۇتقۇچى بولغان ھالدا ئىزچىل ۋە مۇنتىزىم ، تولۇق ئوقۇتۇلغان. (4) ئەينى دەۋردىكى تارىخى شارائىت، خەلقنىڭ ئاڭ-سەۋىيەسى، زامان چەكلىمىسى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، دىنىي ئېتىقاد مەسىلىلىرىنىڭ مىللىيلىق، تارىخىيلىق، ئاممىۋىيلىق، خەلقئارالىق، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىكەنلىكىدەك خۇسۇسىيەتلىرىگە ئاساسەن، مەكتەپنىڭ جەمىيەتتىن، خەلقنىڭ ھىمايىسىدىن ئايرىلىپ قالماسلىقى ۋە ئەخلاق تەربىيەدە ئېتىقادنى يېتەكچى قىلىش ئۈچۈن، مەكتەپلەردىكى دەرسلەر قاتارىدا مەخسۇس دىن دەرسىمۇ تەسىس قىلىنغان. قەشقەردىكى نامى بار ئۇستاز ئۆلىمالاردىن ئۆمەر ئاخۇن خەلپىتىم، ئىسمائىل ئاخۇن خەلپىتىم، شەرىخان بۈۋىم، سائادەت قاسىم، بۇرۇن " دارىلمۇئەللىمات" تا ئوقۇپ ئوقۇتقۇچى بولغان بۈۋەرخان بۈۋىم، تاتار كەرىمە خانىم قاتارلىقلار " قۇرئان كەرىم"، ھەتتا " قۇرئان كەرىم" نى ئوقۇش قائىدىلىرى ھەققىدىكى " ئىلمىي تەجۋىد"كىچە دەرس بېرىپ، بۇ يەردىكى خانىم-قىزلارنى ئىمان-ئېتىقادلىق كىشىلەردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈشكە كۈچ چىقارغان. (5) مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەۋەلىكىنى باشقۇرۇشنى ئالاھىدە چىڭ تۇتقان، مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان قىزلارنى ئاتا-ئانىسى تۇرمۇشقا چىقىرىدىغان بولسا، مەكتەپتىن رۇخسەت سوراش تەلەپ قىلىنغان.ئىلتىماسقا ئاساسەن مەكتەپ ئۇلارغا 15كۈنلۈك توي توي ئىجازىتى بېرىپ، 15 كۈندىن كېيىن يەنە داۋاملىق مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇشىنى تەلەپ قىلغان. 15 كۈندىن كېيىن كەلگەنلەرگە ئالاھىدە قەغەز بېرىلىپ، ئەسلى مەكتەپتىكى ئوقۇش تەۋەلىكى بىكار قىلىنىپ، << چوكانلار مەكتىپى>> گە چىقىپ ئوقۇش رەسمىيىتى بېجىرىپ بەرگەن. شۇڭا قەشقەردىكى ئاياللار مەكتەپلىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ئالاھىدە زور بولۇپ، مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇيدىغان خانىم-قىزلارنىڭ سانى يىلدىن يىلغا كۆپەيگەن.
قەشقەردىكى ئاياللار مەكتەپلىرىنىڭ باشقۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىكى پائالىيەتلىرى قەشقەردىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي قالمىدى. ئاياللار مەكتىپى قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى 43—44-يىللارغىچە بولغان 10 يىل جەريانىدا مەكتەپنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى نىسبەتەن ئىلغار، ئوقۇتۇش سۈپەت-سەۋىيەسى خېلىلا يۇقۇرى، باشقۇرۇش ئىشلىرى مۇكەممەل بولدى، بۇ ئاياللار مائارىپىنىڭ ئىلگىرىلەش دەۋرى ئىدى.
1944-يىلىدىن تارتىپ 49-يىلىغىچە بولغان جەرياندا گومىنداڭ ئاياللار مائارىپ ھەرىكىتىگە نىسبەتەن بۇزغۇنچىلىق رول ئوينىدى، كەڭ ئوقۇتقۇچى خانىملار ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەر خىل سىياسىي پائالىيەتلەر، پىرقە-گۇرۇھلارغا قاتنىشىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى. جەمىيەتتە ئاياللارنىڭ ئورنى يەنە تۆۋەنلەپ كەتتى، مەكتەپلەرنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى ئىزچىل ۋە تەرتىپلىك بولالماي، ئاجىز، قالايمىقان ، چۇۋالچاق بولۇپ كەتتى، جۈملىدىن جەمىيەتتىكى مائارىپنىڭ پەرۋىشكارلىرى بولغان ھەر ساھە ئەربابلىرى تۈرلۈك سىياسىي زىيانكەشلىك تۈپەيلى ئۆلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرىگە بۇرۇنقىدەك قىزغىن ھەمدەمدە بولالمىدى. بۇ چېكىنىش، خاراپ بولۇش دەۋرى ئىدى.
1950-يىللارغا كەلگەندە << دورغىبەگ>> دىكى مەكتەپ خېلى ئۇزاق داۋاملاشتى، << دارىلئەيتام>> دىكى ، << گىراژدانلار مەكتىپى>> دىكى، توختى ھاجىمنىڭ قىزىل دۆۋىدىكى مەكتىپىدىكى، شامالباغدىكى قىزلار سىنىپلىرى دەسلەپ << دورغىبەگ>>كە، كېيىن نوبېشىدىكى 5-مەكتەپكە يىغىلىپ، قەشقەردىكى بارلىق قىزلار شۇ يەردە ئوقۇيدىغان بولدى. 1956-يىلىدىن كېيىن قەشقەردىكى ئاياللار مەكتەپلىرى ۋە قىزلار سىنىپلىرى رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ھەر قايسى مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار قىز-ئوغۇل دەپ ئايرىلماي، بىرلىكتە ئوقۇش يولغا قويۇلدى.
30-يىللاردىن ئېتىبارەن قانات يايغان مەدەنىيەت ھەرىكىتى جەريانىدا قۇرۇلۇپ، تەرەققى قىلغان قەشقەردىكى ئاياللار مەكتەپلىرى، ئاياللار مائارىپى قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن جەنۇبىي شىنجاڭ تەۋەسىدە تۇنجى قېتىملىق بىر ئىجادىيەت ۋە تۇنجى قەدەم ئىدى. قەشقەرنىڭ مىللى مائارىپ تارىخى تەتقىقاتىدا قەشقەردىكى ئاياللارنىڭ تۇنجى پەننىي مەكتەپلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئۇنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلەش، ئۇنىڭغا ئوبىكتىپ ۋە ئىلمىي باھا بېرىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش. بۇ خىل خىزمەت ئەستايىدىللىققا ئىگە ئىلمىي ئەمگەك بولۇپ، قەشقەر مىللىي مائارىپ تارىخىنى تولۇق نامايەن قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىبى قىسىمنىڭ بىرى. قەشقەردىكى ئاياللار مەكتەپلىرىنىڭ شانلىق تۆھپىسى مائارىپ تارىخمىزدا ھەرگىز ئۆچمەيدۇ.
مەنبە: << شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى>> 2007-5-سان
No comments:
Post a Comment