2009-06-28

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر-ئايرىلمىغىل!

 ھىممىتىڭدىن،غەيرىتىڭدىن ئۆل،لېكىن ئايرىلمىغىل،
ھەقلىقىن بىلگەن يولۇڭدىن جاننى بەر،قايرىلمىغىل.

مانىئىڭ كۆپ بولسىمۇ،قورقماي ئۈزۈپ ئالدىڭغا باس،
تاغۇ تاش،دەريا،ئۇلۇغ سۆزلەرگە سەن تاڭ قالمىغىل.

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە،يا غەرق بول،تاپ گۇھەر،
شىر نە يولۋاس كەبى باسقان ئىزىڭدىن يانمىغىل.

تۆت تەرەپ ياۋ ھۇۋلىشىپ،سەككىز تەرەپ تىغ تەڭلىسە،
ئېلىشىپ قانغا بويال،نۇمۇسنى ھەرگىز ساتمىغىل.

كىمكى ھەق يولغا قەدەم قويسا ئۇتۇق مۇتلەق شۇنىڭ،
بۇ نىچۈك بولغاي كېيىن دەپ،يوق خىيالغا قالمىغىل.

سەن ۋەتەن،مىللەت دېسەڭ،تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول قەسۇر،ئالىي نىشان،كۆلچەك-بۇلاققا قانمىغىل.

ئابدۇخالىقنىڭ سۆزى دەپ ئېتىبار قىلماي قېلىپ،
ئۇشبۇ ۋىجداننى كىيىن پۇتمەس ئازابقا سالمىغىل.


No comments: