2009-07-02

ئۇيغۇرلارنىڭ قول سانائىتى

ئۇيغۇرلاردا قول سانائەتمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئارخېئولوگىيىلىك مەدەنىيەت بۇيۇملىرىدىن قارىغاندا ئەجدادلىرىمىزدا ساپالچىلىقتىن باشقا، ئالدى بىلەن توقۇش قول ھۈنىرى مەيدانغا كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ. كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى قەدىمكى قەبرىدىن چىققان سېۋەت ۋە يۇڭ پالاس، تون؛ چەرچەننىڭ زاغۇنلۇقتىكى قەبرىدىن چىققان ئەزەنچە، ئايالچە كىيىم ۋە بوۋاق يۆگىكى، يۆگەك چىگىلگەن كاشما قاتارلىقلار شۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇنىڭدىن قالسا، تېرىچىلىك تەرەققىي قىلغان بولۇشى مۇمكىن، ئەنە شۇ قەبرىدىن چىققان كالا تېرىسىدىن ئەيلەپ ئىشلەنگەن ئۇزۇن قونچىلىق ئۆتۈك شۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
50 - يىللارغىچە بولغان دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قول سانائىتى ئەھۋالىدىن ئالغاندا، قول ھۈنەر توقۇمىچىلىقى، كۆن خۇرۇمچىلىقى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. بۇ ئىككى خىل مەھسۇلات ئۇيغۇرلارنىڭ، جۈملىدىن شىنجاڭدىكى باشقا قېرىنداش مىللەت خەلقىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ كىيىم - كېچەك مەنبەسىنىڭ ئاساسىي بولۇپ كەلگەن.
قول ھۈنەر توقۇمىچىلىقى پاختا يىپ توقۇمىچىلىقىدىن باشقا، يۇڭ (ۋە يۇڭ يىپ ئارىلاش) توقۇمىچىلىقى، يىپەك توقۇمچىلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. قول ھۈنەر توقۇمىچىلىقى ئاساسىدا توقۇلغان ماتا - چەكمەن، ئەتلەس - شايى، بەقەسسەم، رەڭدار پالاس ۋە گىلەم، ھەر خىل ئاياغ كىيىملەر ئۆز دەۋرىدە شىنجاڭ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن تاشقىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنا رايونلارغىمۇ كۆپلەپ چىقىرىلاتتى.
بۇنىڭدىن باشقا زىننەت بۇيۇملىرىنى، كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا كېرەكلىك تۆمۈر، مىس، ياغاچ بۇيۇم قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ تۈرلىرىمۇ ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. كۇچانىڭ قىلىچ، پىچىقىنىڭ تاڭ دەۋرىدىن تارتىپلا مەشھۇرلۇقى شۇنىڭ پاكىتى.
دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش بويىچىمۇ تۈگمەن، جۇۋاز، چىغرىق، يىپ ئېگىرىش، يېپەكچىلىك (مەشۇت يىپ ئېلىش) قول سانائەت تۈرلىرى ئىجتىمائىي كەسىپ سۈپىتىدە تەرەققىي قىلغان.
تۈگمەن: تۈگمەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدە ئۇنق تارتىشقا ئىشلەنگەن يارغۇنچاقنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلغان شەكلى بولۇپ، بەزى يېزا - قېشلاقلاردا تا بۈگۈنگە قەدەر ئۆز رولىنى جارى قىلدۈرۈپ كەلمەكتە، تۈگمەن بىلەن يارغۇنچاقنىڭ پەرقى: تۈگمەن ھەر جەھەتتىن ئىلغار بولۇپ سۇ كۈچى بىلەن ھەرىكەنلەندۈرۈلىدۇ. يارغۇنچاق ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، قول بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈلىدۇ. يارغۇنچاق تەخمىنەن ئۈچ - تۆت سانتىمېتىر قېلىنلىق، 20 سانتىمېتىر كەڭلىكتىكى ئىككى پارچە جۈپلەشتۈرۈش ئارقىلىق ياسىلىدۇ، ئۈستى پاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن تۆشۈك ئېچىلىدۇ، ئاستى پايغا ئۈستى تۆشۈكىگە توغرىلاپ تۆشۈك ئويۇلۇپ، ئۇنىڭغا چىڭ ياغاچتا ئوق بېكىتىلىدۇ. ئوق ئۈستى پاينىڭ تۆشۈكىدىن ئازراق چىقىپ تۇرغۇدەك ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، ئۈستى پاي شۇ ئوققا مىندۈرۈلىدۇ. ئۈستى پاينىڭ گىرۋىكىگە يېقىن بى جايدىن يەنە تۆشۈك ئويۇلۇپ، ئۇنىڭغا ياغاچتىن تۇتقۇچ بېكىتىلىدۇ. تۇتقۇچ بىلەن ئۈستى پاي چۆگىلىتىلىدۇ، تۆشۈكتىن ئۇدۇللۇق دان چۈشۈپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دان يانجىلىپ يۇمشاپ بىر چەتتىن ئاستا بولۇپ چۈشىدۇ. يارغۇنچاق ئۇنى ئادەتتە يىرىكرەك كېلىدۇ، ئۈستى پاي قانچە قېلىن بولسا، ئۇنمۇ شۇنچە يۇمشاق چىقىدۇ. ئۇن چىقىرىش مىقدارىمۇ چەكلىكىلا بولىدۇ.
تۈگمەن يارغۇنچاقتىن خېلى مۇرەككەپ بولۇپ ياغاچ، تاش ۋە تۆمۈر قاتارلىق ئۈچ خىل ماتېرىيالدىن ياسالغان. ئۇن چىقىرىش مىقدارى يارغۇنچاقتىن يۈز نەچچە ھەسسە ئارتۇق. شۇڭا ئۇنى ياغاچتىن ياسالغان «ئۇن زاۋۇتى» دېيىشكە بولىدۇ. تۈگمەنمۇ يارغۇنچاق قائىدىسى ئاساسىدا ياسالغان. تۈگمەن - تۈگمەن تاش، چاقپەلەك، ئوق، پاقىلەك، تەكشىگۈچ، سۈكەن، چىكلەك، نو قاتارلىقلاردىن قۇراشتۇرۇلۇپ مەخسۇس ئۆي ئىچىگە قۇرۇلىدۇ.
تۈگمەن تېشى: تۈگمەن تېشى يارغۇنچاق تېشىدىن ئىككى - ئۈچ ھەسسە چوڭ ۋە ھەر ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تۆشۈك ئېچىلغاب بولۇپ، ئاستى پېيى - ئاستىغا قاتار ياتقۇزۇلغان تاختاينىڭ ئوتتۇرىسىغا مۇقىم قىلىپ بېكىتىپ تاشلىنىدۇ، ئۈستى پېيى ھەرىكەتچان كېلىدۇ.
چاقپەلەك: چاقپەلەكنىڭ شەكلى، چوڭلۇقى مەپە چاقىغا ئوخشايدۇ، ئەمما ئۇلتاڭسىز بولۇپ، گۇڭگىلىرى يەنى قاناتلىرى قويۇق، چاقپالەك بېشىغا قىيپاش شەكلىدە بېكىتىلگەن بولىدۇ.
ئوق: ئوق توملۇقى كەتمەن سېپچىلىك بولغان، بىر يېرىم مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تۆمۈردىن ئىبارەت بولۇپ، تۈگمەن تېشى بىلەن چاقپەك شۇ ئوق ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلىدۇ. ئوقنىڭ بىر بېشى چاقپەلەك بېشىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ ئاستىغا توغرىسىغا ياتقۇزۇلغان ياغاچقا ئورنىتىلغان چويۇن كۆزگە قوندۇرۇلىدۇ. يەنە بىر بېشى ئۈستى پاينىڭ ئاستى يۈزىگە ئورنىتىلغان پاقىلەككە بېكىتىلىدۇ.
پاقىلەك: بۇ ياپىلاق تۆمۈر بولۇپ، ئۈستى پاينىڭ ئوتتۇرىسىغا شۇ شەكلىدە ئويۇلغان چىپ قىلىپ بېكىتىلىدۇ.
تەڭشىگۈچ (قۇلاق دەپمۇ ئاتىلىدۇ): بۇ ئوقنىڭ پاقىلەكتىن چىقىپ تۇرغان ئۇچىغا بېكىتىلگەن چىڭىتقۇچقا قارىتىلغان. ئۇ ئۇننى يۇمشاق تارتىشقا توغرا كەلگەندە ئوڭغا، يىرىك تارتىشقا توغرا كەلسە سولغا بۇرالسا، ئۈستى تاش ئاستى تاش بىلەن چىڭ جىپىسىلىشىدۇ ياكى بوشايدۇ. شۇڭا «تەڭشىگۈچ» دەپ ئاتالغان.
سۈكەن: بۇ ئېغزى كەڭ ئاتسى تۈگمەن بوغۇزىغا توغرىلاپ تورۇسقا ئېسىپ قويۇلىدۇ. بۇنىڭغا تاتىلىدىغان دان قاچىلىنىدۇ.
چىكىلەك: بۇ بىر ئۇچى سۈكەن تۆشۈكىگە كىرگۈزۈلگەن تاياقچىغا بېكىتىلگەن يېسسى ياغاچ پالاق بولۇپ، ئۈستى پاينىڭ ئۈستىگە قويۇقلۇق تۇرىدۇ. ئۇ تاش چۆرگىلەش بىلەن «چىك - چىك» ئاۋاز چىقىرىپ تەۋىنىپ، سۈكەندىن بىر تەكشىلىكتە تۈگمەن بوغۇزىغا دان چۈشۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا ئۇ «چىكىلەك» دەپ ئاتالغان.
نو: بۇ چاقپەك قانىتىنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرىلاپ يانتۇ شەكىلدە پەسكە قارىتىپ ئورنىتىلغان سۇ چۈشۈرگۈچ. ئۇ تەبىئىي كوڭتەي ياغاچ ياكى تاختايدا ياسىلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 3 - 5 مېتىردەك كېلىدۇ. ئۈستى تاش نوردىن چۈشكەن سۇنىڭ چاقپەلەككە قاتتىق ئۇرۇلۇشى بىلەن دەرھال ھەرىكەتلىنىپ چۆرگىلەيدۇ. ي قزمئ
جۇۋاز: بۇ قىن، ئوق، شوتا قاتارلىق ئۈچ بۆلەكتىن قۇراشتۇرۇلغان، ھايۋان كۈچى بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ ياغ تارتىدىغان «ياغاچ ماشىنا».
قىن: بۇ ئوتتۇرىسى ئوخشىمىغان شەكىل، چوڭلۇق، چوقۇرلۇقتا ئويۇلۇپ تەڭ يېرىمىنىڭ يان تەرىپىگە ئېغىز چىقىرىلغان 2.5 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ياغاچ. ئوتتۇرىسى 3 سانتىمېتىر چوڭقۇر، 5 سانتىمېتىر كەڭ يەخسە شەكلىدە يۇمىلاق ئويۇلغان. ئىككىنچى، ئۇنىڭ قاق ئوتتۇرىسى يەنە ئويۇلغان بولۇپ، چىلگىگە ئوخشاش ۋە چىلگە پاتقۇدەك يۇمىلاق كېلىدۇ. دان يانجىيدىغان ئوق بېشى شۇ يەرگە بېكىتىلىدۇ. ئۇ ئىشىك موجۇقىغا ئوخشاش رول ئويناپ بەرگەچكە جۇۋازنىڭ بۇ ئورنى «مۇجۇق» دەپ ئاتالغان. مۇجۇقنىڭ ئاستىدىن ھېلىقى ئېغىزغا توغرىلاپ چېغ توملۇقىدا قىيپاش تۆشۈك تېشىلگەن بولۇپ، ياغ شۇ يەردىن ئېقىپ چىقىدۇ. 
شوتا: جۇۋازنىڭ بۇ بۆلىكىنىڭ ئوينايدىغان رولى ھارۋا شوتىسىغا ئوخشاش بولغاچ شوتا دەپ ئاتالغان. قىن شۇ شوتا ئارىلىقىدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بىر تەرىپى 50 - 60 سانتىمېتىر ئۇزۇن ۋە قىن چوڭلۇقىغا باراۋەر كەڭ بولۇپ، ئۈستىگە بېسىم ھاسىل قىلىدىغان تاش قويۇلىدۇ. شوتىنىڭ ئىككى تەرىپى تەخمىنەن بىر يېرىم مېتىر ئېگىز توغرىسىغا قويۇلغان قونداققا چېتىلغان. ئوقنىڭ بىر بېشى شۇ قونداققا قىيپاش بېكىتىلگەن بولىدۇ. ئوقنىڭ مۇجۇقتا تۇرىدىغان بېشى مۇجۇق ئىچىدە ئايلانغۇدەك چوڭلۇقتا يۇمىلاق كېلىدۇ. جۇۋاز ئايلانغاندا دان ئوق بىلەن مۇجۇق ئارىسىدا قاتتىق سىقىم ئاستىدا يانجىلىپ يېغى چىقىدۇ. شوتىغا ئېشەك ياكى قوشۇلىدۇ. چەت يېزا - قىشلاقلانى ھېسابقا ئالمىغاندا ھازىر جۇۋازنىڭ ھېچقانداق رولى قالمىدى.
ئەجدادلىرىمىزنىڭ قول ھۈنەر توقۇمىچىلىقىدا توقۇلمىلارغا يىپ ھازىلاش بويىچە ئىككى خىل«چاق» ئىشلىتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ بىر خىلى «چاق» يەنە بىر خىلى «يىك چاق» دەپ ئاتىلىدۇ. چاقمۇ پۈتۈنلەي ياغاچتىن ياسالغان بولۇپ، باش، يىك، قانات، قونداق ۋە قانات ئوقى، تۇتقۇچ قاتارلىق بۆلەكلەردىن قۇراشتۇرۇلغان، قول بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان يىپ ئېگىرىش «ماشىنىسى». يىك مەخسۇس ئىرغاي ياكى شۇنىڭدەك چىڭ، تۈز ياغاچتىن قىرغىدا قىرىپ ياسىلىدۇ.
يىك چاق ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، غالتەك ۋە تىك يىكتىن ياسالغان، غالتەك پىيالە ئېغزى چوڭلۇقىدا، يىكى 20 سانتىمېتىر ئۇزۇن بولۇپ ئىككىلىسىلا ئادەتتىكى ياغاچتىن ياسىلىدۇ. دەسلەپتە يىك ئادەم پاقالچىقىنىڭ بولجۇڭىغا تارقىلىپ ئالىقان بىلەن ھىمىرىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن غالىتەك پىرقىراپ سول قولدا تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۈچتىن يىپ سوزۇلۇپ چىقىدۇ. كېيىن غالتەك پىرقىرىتىلىدۇ. غالتەك چاقتا ئاساسەن، پالاس، تاغار قاتارلىق يىرىك توقۇلمىلار ئۈچۈن يىپ (يۇڭ يىپمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ئىگىرىلىپ كەلگەن. غالتەك چاق لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە ناھايىتى ئومۇملاشقان. 90 ياشلاردىن ھالقىغان پېشقەدەملەرنىڭ ئېيتىشىچە، لوپنۇردا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرقى دەۋرىلىرىدە شۇنداق چاقنىڭ تاش غالىتەكلىكلىرىمۇ ئۇچرايدىكەندۇق. بۇنىڭغا ئاساسەن يىك چاقنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ يېڭى قورال دەۋرىدىن كېيىنكى دەۋرلەردىكى قول سانائەت مەھسۇلاتلىرىدىن دېيىشكە بولىدۇ. ھازىر «يىك چاق» ئىستېمالدىن قالدى. بۇلاردىن باشقا يەنە بىر خىل ناھايىتى ئاددىي يىپ ئېگىرىش ئۇسۇلى بولۇپ، ھازىرمۇ چارۋىچىلار شۇ ئۇسۇلدىن يەنىلا پايدىلىنىپ ئارغامچا قاتارلىقلارنىڭ يىپلىرىنى ئېشىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭدا يىپ مۇنداق ئىگىرىلىدۇ: مەيلى پاختا، يۇڭ ياكى كەندىر، چىگە بولسۇن ئالدى بىلەن ئۇزۇن - ئۇزۇن قىلىپ ئۈچ ۋە 5 - 6 سانتىمېتىر ئۇزۇن، بەش بارماق چوڭلۇقىدا سىلىق، تۈز بىر ياغاچ تەييارلىنىدۇ. ئاندىن ئۇچنىڭ بېشى تاياق ئۇچىغا يۆگىلىپ، ئوڭ قولدا تاياق پىرقىرىتىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇچتىن يىپ تارتىلىپ چىقىدۇ، يىپ 7 - 8 سانتىمېتىر بولغاندا بىر - ئىككى قېتىم تولىۋېتىپ ئاندىن ياغاچنىڭ ئوتتۇرىسىغا تۈرمەكلىنىدۇ. يوغان بىر تۈرمەك بولغاندا ئاندىن ئىككىنچى، ئۈچىنچى . . . ياغاچ ئالماشتۇرۇلىدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئۆزى ئىنتايىن ئاددىي، ئەمما يېزا - قىشلاق ۋە شەھەر تۇرمۇشىدا ئىستېمالدىن قالماي كېلىۋاتقان يەنە بىر خىل قول سانائەت قورالى بولۇپ، ئادەتتە ئۇمۇ « چاق ياكى قۇم چاق» دەپ ئاتىلىدۇ. ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان ھەر خىل پىچاق، قايچا، شۇشاڭ كاسىپلار ئىشلىتىدىغان پالتا، كەكە، بىگەن، ئۇستىرا قاتارلىق تىغلار شۇنىڭغا چاقلىنىدۇ. بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بۇ نۇقتىلار ئۇيغۇرلاردا قول سانائەتنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەسىگە سېگۈدەك مۇلازىمەت قىلىدىغان تارماقلىرىغىچە شەكىللەنگەنلىكى، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەھىر ئۇيغۇر تۆرمۈرچى، مىسكەرنىڭ ۋە ئاپتۇۋا، چىلاچى قاتارلىق بۇيۇملاردا گەۋدىلەنگەن ھۈنەر سەنئەتنىڭ نەپىسلىكى ھازىرقى زامان ھۈنەر سەنئىتىدىن قېلىشقمايدۇ. ئۇيغۇر دوپپىسىمۇ ئۆزىنىڭ تۈرىنىڭ تۈرىنىڭ كۆپلۈكى، رەڭدارلىقى، نەفىسلىكى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرۇپ كەلگەن بولسا، ھازىر ئىچكى - تاشقى سورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋولى، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ئەتىۋارلاپ سېتىۋالىدىغان خاتىرە بۇيۇملىرىدىن بولۇپ قالدى.
ئۇيغۇرلاردا قول سانائەتنىڭ شۇ قەدەر يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشى ئۇنىڭ ئۇزۇن ئىجتىماي ئاساسىغا ئىگە بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. Ⅶ ئەسىرلەرگە ئائىت ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆز دەۋرىدىلا ساپالچىلىق، ھەيكەلتىراشلىق، تاشچىلىق، تۆمۈرچىلىك، تامچىلىق (مېمارچىلىق) قاتارلىق قول سانائەت تۈرلىرى مەيدانغا كەلگەن. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى ئوردۇ بالىق (قارا بالغاسۇن) خارابىسىدىن تېپىلغان دېۋىرقاي، مىس پارچىلىرى، برونزا ئەينەك، نەپس ھەيكەل، نەقىشلەنگەن خىش، يارغۇنچاق قاتارلىق مەدەنىيەت بۇيۇملىرى، ئوردا بىنالىرى، 4 مېتىر ئېگىز تۇر قاتارلىقلار ئۆز دەۋرىدە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھسەسىگە دېگۈدەك مۇلازىمەت قىلىدىغان قول سانائەت تۈرى ۋە دۇكانلىرىنىڭ بارلىققا كېلىپ خېلى يۇقىرى تەرەققىيات سەۋىيىسىگە يەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇ دەۋرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىدىن ئالغاندا، قول سانائەت بويىچە شۇنداق تۇرمۇشقا كېرەكلىك بىر قاتار نەپىس بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش دەرىجىسىگە يېتىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە بىر ئەسىر جەريان كېتىدىغانلىقى تەبىئىي. چۈنكى قول سانائەت، جۈملىدىن دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى تۇراقلىق تۇرمۇش شارائىتىدا ئورۇندىلىدىغان مۇرەككەپ ئەمگەك پائالىيىتى. مەلۇمكى، تۇراقىلىق تۇرمۇش تۇراقلىق تۇرالغۇ جاي ئاساسىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا قول سانائەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئىشلەپچىقىرىىش ئەشيالىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ئاساسىي جەھەتتىن بەلگىلىك كۆلەمدىكى سىستېمىلاشقان قول سانائەت تۈرىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىدىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، تۆرمۈرچىلىك، قۇيمىچىلىق، مىسكەرچىلىك، تۈنىكىچىلىك، ياغاچچىلىق، قىرغىچىلىق، ئېگەر - توقومچىلىق، بابكارچىلىق، بوياقچىلىق، گىلەمچىلىك، كىگىزچىلىك، تىككۈچىلىك (كىيىم تىكىش ماشىنىسى ئومۇملاشقىچە مەخسۇس قولدا كىيىم تىكىدىغان كەسپىي ئائىلەرمۇ شەكىللەنگەنىدى)، تۇماقچىلىق، دوپپىچىلىق، جۇۋىچىلىق، كەشتىچىلىك، كۆنچىلىك، موزدۇزچىلىق، تۈگمەنچىلىك، رەۋەندىچىلىك، ئاشپەز - ناۋايچىلىق، قەندالەتچىلىك، ساپالچىلىق، خۇمدانچىلىق، قەغەزچىلىك، پىلچىلىك قاتارلىقلار.
قول سانائەتنىڭ ھۈنەر سەنئىتىمۇ ئۆز دەۋرىگە مۇناسىپ تەرەققىي قىلغانىدى. مەسىلەن، ئۆز دەۋرىنىڭ «ئېغىر سانائىتى» ھېسابلانغان تۆمۈرچىلىك ھەر خىل نەپىس تىغ ۋە خەنجەر، قىلىچ، مىلتىق قاتارلىق ئۇرۇش قوراللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسىگە يەتكەن. يىڭىسار، كۇچانىڭ پىچاقلىرى ئۆزىنىڭ نەپىسلىكى، ئىستېمالچانلىقى، قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئارتۇقچىلىقى بىلەن بۈگۈنمۇ رايونىمىزدىن ئېكسپورت قىلىنىدىغان تاۋارلار قاتارىدىكى ئورنىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

No comments: