2009-07-02

ئۇيغۇرلاردا ھېيت پەتىسى

ھېيت پەتىسى ئۇقۇشنىڭ ئەھمىيىتى:ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن داۋاملىق ئۇچرىشىپ تۇرالمىغان يىراق - يېقىندىكى ئۇرۇق - تۇققان، دوست - بۇرادەرلەر ئۆز ئارا يۈز كۆرۈشىدۇ. مۇڭدىشىدۇ، سىردىشىدۇ، ھال - ئەھۋال سورىشىدۇ. ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن قېيدىشىپ قالغانلار بىر - بىرىنى ئەپۇ قىلىش ئارقىلىق ئاداۋەتنى يۇيىۋېتىدۇ. ئىناق - ئىتتىپاق، خۇشال - خۇرام ئىللىق كەيپىيات ئەۋج ئالىدۇ. چوڭلار ۋە بالىلارمۇ روھى كۆتۈرەڭگۈ ھالدا ھېيت خۇشاللىقىغا چۆمىدۇ.

ھېيت پەتىسىنىڭ تەرتىپلىرى:
1. ئالدى بىلەن تۇپراق بېشىغا چىقىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا - ئانا ۋە ئۇرۇق - تۇققانلارغا دۇئا تەگبىر قىلىنىدۇ.
2. نامازدىن يانغاندا جامائەت بىر - بىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا تەبرىكلەشكەندىن كېيىنلا ھەممىسى ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلەيدۇ ۋە ھېيتلىق بېرىدۇ (ھېيتلىق بېرىشتە ئىقتىزادى ئەھۋالىغا قاراپ، ھېيتلىق ئالغۇچىلارنىڭ ياش پەرقى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىغا قاراپ ئاز - كۆپ تارقىتىلىدۇ).
3. تۇنجى بولۇپ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇلارنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلەپ كۆڭلىنى يەتكۈزىدۇ.
4. خوشنا - خولۇملارنىڭ ئۆيلىرىگە ئۆز ئارا پەتە ئۇقۇشىدۇ.
5. شۇ يىل ئىچىدە مۇسىبەتلىك بولۇپ قالغانلارنىڭ ئۆيلىرىگە پەتىلەيدۇ. ھال - ئەھۋال سورايدۇ ۋە خەتمە - قۇرئان ئوقۇيدۇ.
6. قۇدا - باجا، ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللارنىڭ ئۆيلىرىگە پەتىلەيدۇ.
7. يېقىن ئەل - ئاغىينىلەر ۋە ئىشداشلارنىڭ ئۆيلىرىگە پەتىلەيدۇ.

ھېيت پەتىسىنىڭ قائىدىلىرى:
«پەتە ئوقۇش» دېگەنلىك _ سۈرە پاتىھەنى(ئەلھەمدۇ.... سۈرىسى) تولۇق ئوقۇش دېمەكتۇر.
پەتىچى، ئالدى بىلەن پەتە ئوقۇماقچى بولغان ئۆينىڭ ئىشىكىنى يەڭگىل چېكىپ، ئۆي ئىگىسى چىققاندا قىزغىن كۆرۈشۈپ، ساھىمخاننىڭ باشلىشى ياكى قول ئىشارىسى بىلەن، ھېيتلىق داستىخان راسلانغان ئۆيگە كىرىدۇ. كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ پاتىھە سۈرىسى ئوقۇلغاندىن كېيىن ساھىپخاننىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلەپ تەبرىك سۆزلىرى قىلىنىدۇ ۋە ھال - ئەھۋال سورىشىدۇ. ئۆي ئىگىسى قولغا سۇ برىپ مەزەگە تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن خالىغان يېمەكلىككە ئېغىز تېگىدۇ....... ئۇزاش ئالدىدا تاماققا دۇئا قىلىنىپ، شۇ ئۆيدىكىكەرنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ھېيتلاپ بېرىشىنى تەكىتلەپ قويۇپ سالام بىلەن خوشلىشىدۇ.
ساھىپخانمۇ تەييارلىق ھالەتتە تۇرۇپ ئىشىك چېكىلگەن ھامان دەرھال مېھماننىڭ ئالدىغا چىقىدۇ، پەتىگە كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىن كۈتىۋالىدۇ، ئامال بار ھېيت مەزگىلىدە ئىشىك تاقىلىپ قالمايدۇ. بىر يەرگە پەتىگە چىقماقچى بولسىمۇ ئۆيدە بىرەر ئادەمنى قويۇپ قويىدۇ. پەتىچىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تاماق تەييارلايدۇ، ئالدىرايدىغانلارنى بەك چىڭ تۇتىۋالمايدۇ، ئالايىتەندە ۋاقىت چىقىرىپ كەلگەنلەرگە ئۆزى ئەڭ ئېسىل دەپ بىلىدىغان تاماق ياكى قارشى تەرەپ ياقتۇرىدىغان تاماقلارنى ئېتىپ مېھمان قىلىدۇ، ھېيت مەزگىلىدە مېھمانغا كەلتۈرۈلىدىغان تاماقلارنىڭ مىقدارى ئاز بولىدۇ، ئىسراپچىلىق كۆرۈلمەيدۇ، چاينى ئاز ئازدىن قىززىق قۇيۇپ تۇرىدۇ، يەل - يىمىش ۋە مىۋە - چىۋىلەرنى تاماقتىن كېيىن كەلتۈرۈپ ئامال بار ساھىپخان ئۆزى ئاقلاپ بېرىدۇ. مېھمان ئۇزاپ چىققاندا ئالايىتەندە كۆڭۈل ساناپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىلىدۇ.

No comments: