تارىم مەدەنىيىتى دائىرىسىگە تۆۋەندىكى تارماقلار كىرىدۇ:
(1)لوپنۇر — چەرچەن تارمىقى؛
(2)ئۇدۇن (خوتەن) — گۇما تارمىقى؛
(3)پامىر — ئوپال تارمىقى ؛
(4)ئاقسۇ — كۇچا تارمىقى.
تارىم ئويمانلىقى — تەڭرى تاغلىرى، قاراقۇرۇم (كوئىنلۇن) ۋە پامىر تاغلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. شەرقتىن غەرىبكە ئۇزۇنلۇقى 1500 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 600 كىلومېتىر، تۆت ئەتراپىدىكى تاغلىق رايونلارنى قوشقاندا، ئومۇمىي كۆلىمى 910 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىگە، مەملىكەتنىڭ ئوندىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. شەرق تەرەپتىكى 70 كىلومېتىر كېلىدىغان ئېغىزى خېشى كارىدورى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي قىسمى دېڭىز يۈزىدىن 1300 مېتىر ئېگىز، شەرقى قىسىمىدىكى لوپنۇر رايونى ئۇنىڭدىن 765 مېتىر تۆۋەن تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن 500 مىليون يىل ئىلگىرى بۇ يەر بىپايان دېڭىز ئىچىدىكى قەدىمكى قۇرۇقلۇق بولۇپ، بۇنىڭدىن 2 — 3 مىليون يىل ئىلگىرى يەر شارىدا غايەت زور كۆچلۈك تاغ ھاسىل بولۇش ھەرىكىتى بولغاندا تەڭرى تېغى كۆتۈرۈلۈپ چىققان. يەنە بىر مەزگىلدىن كېيىن قۇرۇم (ۋە قاراقۇرۇم كوئىنلۇن) تاغلىرى شەكىللەنگەن. نەتىجىدە بۇ قەدىمكى قۇرۇقلۇق چوڭ ۋە قاتمۇ قات تاغلار ئوراپ تۇرغان چوڭ <تارىم ئويمانلىقى> غا ئايلىنىپ قالغان. تەكلىماكان قۇملۇقى ئافرىقىدىكى سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە 2 - چوڭ قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. ئۇ قۇم دۆڭلىرىنىڭ ھەر خىللىقى، ئۆزگىرىشچانلىقى، قاتمۇقات قۇم بارخانلىرىنىڭ ئاجايىپ - غارايىپلىقى بىلەن دۇنيادىكى باشقا قۇملۇقلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.
ئۇيغۇر خەلقى بۇ سىرلىق قۇملۇقنى جانلىق ۋە ئوبرازلىق قىلىپ <تەكلىماكان> دەپ ئاتايدۇ. بۇ سۆ <تەكتى ماكان> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تارىم ئويمانلىقى (تەكلىماكان) دىن تېپىلىۋاتقان ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلار، تارىخىي ھۆججەتلەر ۋە ئېغىزدىن، ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن ئەپسانە - رىۋايەتلەر تارىم ئويمانلىقى يەنى ھازىرقى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئەتراپى (بىر نەچچە 100 كىلومېتىر ئىچكىرى جايلار) نىڭ ناھايىتى قەدىم زامانلاردا سۈيى ئەلۋەك، مۇنبەت زېمىن ئىكەنلىكىنى، ئىنسانلارنىڭ بۇيەردە ئولتۇراقلىشىپ تىرىكچىلىك قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. كېيىن تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ئېتەكلىرى ۋە تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدا تەدرىجى مۇھىت ئۆزگىرىشى بولغان، يامغۇر - يېشىن بارغانسىرى ئازىيىپ، سۇ مەنبەسى ۋە مۇزلۇقلارنىڭ دائىرىسى تارايغانلىقتىن، كۆللەر قۇرۇپ، دەريا - ئېقىنلار يۇرتلارغا يېتىپ كېلەلمىگەن. بۇرۇنقى بوستانلىقلار ۋە ئاۋات زېمىنلارنى قۇرغاقچىلىق ۋە قەھەتچىلىك قاپلىغان. نەتىجىدە قەدىمكى رورەن (كرورەن)، مىرەن، نىيە، چەرچەن، كېرىيە، ئاق سېپىل، كۈسەن (كۇچا)، شەھىرى يار (شايار)، چېدىر (بۈگۈر) قاتارلىق نۇرغۇنلىغان قەدىمكى شەھەر - كەنىتلەر قۇمغا كۆمۈلگەن. تەكلىماكان ھازىرمۇ ئارخېئولوگىيە ۋە گېئولوگىيىنىڭ سىرلىق ئامبىرى، يەنى يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قېدىرىش - چارلاش، قەدىمكى شەھەر خارابىلىرىنى قېدىرىش ۋە تارىخىي، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىش ئىشلىرىدا ئاجايىپ مۆجىزىلەر بىلەن تولغان سىرلىق جاي بولۇپ تۇرماقتا.
تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدىكى تەڭرىتاغ تىزمىلىرى، پامىر، قاراقۇرۇم، كوئىنلۇن، ئالتۇنتاغ تىزمىلىرىدىن باشلانغان مىڭلارچە دەريا - ئېقىن، تارماق - تاراملار تارىم ئويمانلىقىغا قۇيۇلۇپ، ئويمانلىقنىڭ <ھاياتلىق مەنبەسى> گە ئايلانغان. ئاساسلىق دەريالاردىن تارىم دەرياسى (2190 كىلومېتىر) خوتەن دەرياسى (1090 كىلومېتىر، قاراقاش ۋە يورۇڭقاش دەريالىرى ئاساس قىلىنىدۇ)، يەكەن دەرياسى (1037 كىلومېتىر)، چەرچەن دەرياسى (725 كىلومېتىر)، قەشقەر دەرياسى (507 كىلومېتىر)، ئاقسۇ دەرياسى (419 كىلومېتىر) ۋەباشقىلار بار. تارىم ۋادىسىغا تەۋە رايونلاردا قەدىمدىن تارتىپ ياۋا تۆگە، ياۋا قوتاز، قۇلان، جەرەن، ياۋا ئېشەك، ئىپار كېيىك، ياۋا توڭگۇز، يىلپىز، مولۇن، تۈلكە، بۆرە، بۇغا، ئارقار، سۈلەيسۈ، ياۋا توشقان قاتارلىق ئەتىۋارلىق ھايۋانات؛ ئۇلار، ياۋاغاز، ئۆردەك، ھاڭگىرت، ئاق قۇ، تۇرنا، قىرغاۋۇل، قارچىغا قاتارلىق ئۇچار قۇشلار؛ كان مەھسۇلاتلىرىدىن ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تاشپاختا، قاشتېشى، كۆمۈر، گەج، تۆمۈر، قاراماي (نېفىت)، چىرىمتال، ھاك تېشى، ئاشتۇزى (ئاق ۋە كۆك رەڭدە)؛ ياۋا ئۆسۈملۈكلەردىن يۇلغۇن، تېۋىلغا، يانتاق، قۇمۇش، توغراق، شىۋاق، يىكەن، جىغان، تەسكەن، چىگە (لوپنۇر كەندىرى) ۋە بىرمۇنچە ئەتۋارلىق دورا ئۆسۈملۈكلىرى، قاتارلىقلارنىڭ بولۇشى بۇ زېمىندا قەدىمدىن ياشاپ كېلىۋاتقان ئىنسانلار بىلەن ھايۋانات دۇنياسىنى زۆرۈر ھاياتلىق شارائىتى بىلەن تەمىن ئەتكەن، شۇڭا، قەدىمدىن مۇشۇ زېمىندا ياشاپ كەلگەن ئەجدادلىرىمىز تەبىئەت بىلەن كۆرەش قىلىپ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبقا ئىگە رەڭگارەڭ <تارىم مەدەنىيىتى> يىغىندىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى
خەزىنىسىگە تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشقان

No comments:
Post a Comment