2009-06-03

ئۇيغۇرلاردا قوش تىل تارىخى

ئىنسانلار ئۆزئارا ئارىلىشىپ ياشاش جەريانىدا يەككە تىل ئىشلىتىشتىن قوش تىل ئىشلىتىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. شۇڭا، قوش تىللىق بولۇش ھادىسىسىنى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، بىر مىللەت كىشىلىرىنىڭ باشقا بىر مىللەت كىشىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش، ئۆزئارا ماددىي بۇيۇم ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، شۇنداقلا بىر - بىرىدىن ئۆگىنىش ئېھتىياجىدىن پەيدا بولىدىغان مۇقەررەرلىك دېيىشكە بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، قوش تىل ھادىسىسى پەقەت تىل ئىشلىتىش مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى ۋە ئىجتىمائىي ھادىسە. ئۇنىڭ خاراكتېرى جەمىئيەت تەرەققىياتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى قاتارلىق ئامىللار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بىر مىللەتنىڭ «قوش تىل» مائارىپى تارىخى بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشۇشقا ۋە ئۇلارنى تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ «قوش تىل» مائارىپى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، ھازىرغىچە بىرقانچە دەۋرنى بېسىپ ئۆتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ «قوش تىل» مائارىپى تارىخىنى مەزمۇنىغا قاراپ «ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە»نى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان «قوش تىل» مائارىپى دەۋرى، «ئۇيغۇرچە - ئەرەبچە(پارسچە)»نى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان «قوش تىل» مائارىپى دەۋرى ۋە «ئۇيغۇرچە - رۇسچە»نى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان «قوش تىل» مائارىپى دەۋرىدىن ئىبارەت ئۈچ دەۋرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
1. «ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە»نى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان «قوش تىل» مائارىپى دەۋرى
بۇ دەۋر ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى «قوش تىل» مائارىپى دەۋرى ۋە دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بولغان «قوش تىل» مائارىپى دەۋرى دەپ ئىككى دەۋرگە بۆلۈنىدۇ.
1) ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى «قوش تىل» مائارىپى دەۋرى
مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 138 - يىلى جاڭ چيەن غەربكە ئەلچىلىككە كېلىپ، ئۇيغۇر تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىنىڭ ئۇچرىشىش مۇقەددىمىسىنى ئېچىپ بەرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشكە باشلىغان. غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە يۇقىرى قاتلامدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خەنزۇچە ئۆگەنگەن. تاڭ، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدە كروران ۋە ئىدىقۇتتا خەنزۇچە ئۆگىنىش مودىغا ئايلانغان. مىلادىيە 7 - ئەسىردىكى شۇەنزاڭ خاتىرىسىدە: «تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىدىقۇت ۋە بېشبالىقتا باشقا تىلدىكى بۇددا نوملىرىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىدىغان تەرجىمە ئورۇنلىرى بولغان» دەپ خاتىرىلەنگەن. ئۇ تەرجىمە ئورۇنلىرىدا سوغدىلار، ئۇدۇنلۇق راھىبلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن راھىبلار بىلەن بىرلىكتە بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ دەۋرىدە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قۇرۇلغان خۇسۇسىي مەكتەپلەرگە بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى قوبۇل قىلىنىپ، خەنزۇ تىلى بويىچە تەربىيىلەنگەن. زو زۇڭتاڭ ھوقۇقنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ھەرقايسى جايلاردىكى خۇسۇسىي مەكتەپلەرگە خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلارنى ئەۋەتىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى خەنزۇ تىلىدا تەربىيىلىگەن. يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە خانلىق مەدرىسە قۇرۇلۇپ، كۆپ تىللىق تەرجىمانلارنى يېتىشتۈرگەن. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، يۇەن دەۋرىدە ئۇيغۇرلاردىن خەنزۇچىنى پىششىق بىلىدىغان 30 ئالىم يېتىشىپ چىققان، ئۇلار خەنزۇچە ئەسەر يازغاندىن باشقا، ئوردىنىڭ تەرجىمە ئىشلىرىغا قاتناشقان. بۇ دەۋردە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ۋە چەت ئەللەردىن كەلگەن ئەلچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇلارغا تەرجىمانلىق قىلىش ۋەزىپىلىرىنى ئۇيغۇرلار ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئۇيغۇر تەرجىمانلارنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ بولغان.
ئەينى دەۋردىكى «قوش تىل» مائارىپى تەربىيىسىدە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تىلنى پىششىق بىلىدىغان ئۇيغۇر ئالىم ۋە تەرجىمانلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىققان بولۇپ، تىپىك ۋەكىللىرى تۆۋەندىكىچە: ئوقۇتقۇچى ۋە تىلشۇناس كوماراجىۋا (344 - 413) سانسكرىت، تاڭغۇت، تۈرك، تۇخار، ئېفتالىت ۋە خەنزۇ تىللىرىنى بىلەتتى؛ ئۇ ئۆمرىدە 32 پارچە، 300 جىلد (بەزى مەنبەلەردە 98 پارچە، 425 جىلد) بۇددا نوم - سۇترالىرىنى تەرجىمە قىلغاندىن باشقا، «جېڭ شىلۇن» («ھەقىقىي ئالەم»)، «كوماراجىۋا تەلىم - بايانلىرى»، «راھىب خۇييۇەننىڭ 18جەھەتلىك سوئالىغا جاۋاب»، «ئەسلىلىك ھېكمەت، چىنلىق ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب»... قاتارلىق ئەسەرلەرنى خەنزۇ تىلىدا يازغان. مائارىپچى، ئالىم پورتىدىن (233 - 348) خەنزۇ تىلىنى ناھايىتى پىششىق بىلەتتى. بۈيۈك ئالىم ۋە ئوقۇتقۇچى پىرخويلان (736 - 820) ھىندى تىلى، خەنزۇ تىلى ۋە باشقا تىللارنى بىلەتتى. ئاراساڭ (1293 - ؟) يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى داڭلىق تەرجىمانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچىنى پىششىق بىلەتتى. پراجناشىرى (1332 - ؟) ئۇيغۇر تىلى ۋە سانسكرىت تىلىنى پىششىق ئىگىلىگەن، كېيىن تۈبۈت ۋە موڭغۇلچىنى ئۆگەنگەن. كارۇناداس (1312 - ؟) سانسكرىت تىلى قاتارلىق بىرقانچە تىلنى پىششىق ئىگىلىگەن، قۇبلاينىڭ تەرجىمانى بولغان. ئارغۇن سالى (1214 - 1307) بىلىمىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە تەرجىمە قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن يۇەن دەۋرىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنى قايىل قىلغان بولۇپ ، ئۇيغۇر، موڭغۇل، خەنزۇ ۋە تۈبۈت تىللىرىنى پۇختا ئىگىلىگەنىدى. سۇلىشى سۇما (4 - ئەسىر) ئۇيغۇر ۋە سانسكرىت تىللىرىنى بىلەتتى. بۇددا سىڭا (232 - 348) ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىللىرىنى بىلەتتى. ۋىيا كۈيچى (589 - 682) ئۇدۇن ۋە خەنزۇ تىللىرىنى بىلەتتى. تۇنيۇقۇق (668 - 788) تۈرك ۋە خەنزۇ تىللىرىنى پىششىق بىلەتتى. ئاپرىنچور تېگىن (9 - 10 - ئەسىر) قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە توخرى تىللىرىنى پىششىق بىلەتتى. قوشۇخان (12 - ئەسىر) تېلى، سوغدى، خەنزۇ تىللىرىنى بىلەتتى. سىكاناندا (652 - 710) ئۇدۇن، سانسكرىت، خەنزۇ تىللىرىنى بىلەتتى. 10 - ئەسىردە ياشىغان مائارىپچى، تىلشۇناس سىڭقۇسەلى تۇتۇڭ ئۇيغۇر تىلىنى پىششىق بىلگەندىن باشقا، يەنە تۇخار تىلى، ئەنەتكەك - سانسكرىت تىلى، خەنزۇ تىلى، تاڭغۇت تىلى قاتارلىق تىللارنىمۇ پىششىق بىلەتتى؛ ئۇ «ئالتۇن يارۇق»، «شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى تاۋغاچ (قەدىمكى خەنزۇ) تىلىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان. ئەنسارى (13 - ئەسىر) يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان مەشھۇر تەرجىمىشۇناس بولۇپ، خەنزۇ، موڭغۇل تىللىرىنى پىششىق بىلەتتى، ئۇ «نەسىرنامە» ناملىق كىتابنى خەنزۇچىدىن موڭغۇلچىغا تەرجىمە قىلىپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان؛ ئۇنىڭدىن باشقا، « جىنگۈەن يىللىرىدىكى مۇھىم سىياسى ئىشلار»، «ئىبرەتنامە»، «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئۆرنەكلەر»، «كۆپ ئۇچرايدىغان قىيىن كېسەللىكلەر دەستۇرى» ۋە «دورا ئۆسۈملۈكلىرى» قاتارلىق كىتابلارنى قەدىمكى خەنزۇ تىلىدىن موڭغۇل تىلىغا تەرجىمە قىلغان. بۇ تۆھپىلىرىگە يارىشا قۇبلايخان ئەنسارىنى مىلادىيە 1293 - يىلى ۋاپات بولغۇچە ئۆز يېنىدا ئالىي مەسلىھەتچى قاتارىدا ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن. گارداناس يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر تەرجىمىشۇناس بولۇپ، خەنزۇچە، موڭغۇلچە، تىبەتچە ۋە سانسكرىتچە تىل - يېزىقلارنى پۇختا بىلەتتى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ۋە دېھقان - چارۋىچىلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى بىۋاسىتە توپلاش ئاساسىدا يېزىپ چىققان «دېھقانچىلىق، پىلىچىلىك ئاساسلىرى» ناملىق كىتابى ئەينى دەۋردە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە داڭق چىقىرىپ، قايتا - قايتا بېسىلغان. يۇقىرىقى ئالىم ۋە تەرجىمانلار ئۆز دەۋرىدە مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش ھەمدە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىشتا زور رول ئوينىغان.
ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى «قوش تىل» مائارىپى ئىككى تۈرلۈك ئالاھىدىلىككە ئىگە: بىرىنچى، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم خەنزۇ تىلى ۋە باشقا مىللەت تىللىرىنى ئۆگىنىپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت - مائارىپىدىكى ئىلغار تەرەپلەرنى قوبۇل قىلىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەن. ئىككىنچى، خەنزۇ ۋە باشقا مىللەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا شەكىللەنگەن زىچ مۇناسىۋەت ئۇيغۇرلاردا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خەنزۇ تىلى ۋە باشقا مىللەت تىللىرىنى ئۆگىنىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن. بىراق، تارىختىكى مىللىي ئېكسپىلاتاتسىيە، مىللىي تىل - يېزىقنى كەمسىتىش ۋە «قوش تىل» مائارىپىدىكى مەجبۇرلاش ۋاسىتىسى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. مەسىلەن، گۇاڭشۈينىڭ ئاخىرقى يىللىرى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شۆتاڭ (خەنزۇچە مەكتەپ)لار قۇرۇلۇپ، قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى پەقەت خەنزۇ تىلى ۋە كوڭزى تەلىماتى بويىچە تەربىيىلىنىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەھكىمىلەردە ئەمەلدار بولغان. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەكتەپكە كىرىشنى پەقەت خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش ئۈچۈنلا دەپ قاراپ، مەكتەپكە كىرىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالغان.
ئازادلىقتىن بۇرۇنقى ئۇزۇن تارىخىي يىللاردا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مىللىي مائارىپى ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ، كۆپلىگەن قوش تىللىق كىشىلەر يېتىشىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق كىشىلەر ئاساسەن يۇقىرى قاتلامدىكى پۇللۇق ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇپ، كەمبەغەل ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى يەنىلا ئوقۇشسىز، ساۋاتسىز قالغان.
2) دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «قوش تىل» مائارىپى دەۋرى
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، مىللىي ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە مىللىي كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىلدى. پارتىيە - ھۆكۈمەت ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا تىل ئۆگىنىشىنى تەشەببۇس قىلدى ھەمدە ئۇنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملىرىغا كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ «قوش تىل» مائارىپى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە بولدى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە 1951 - يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى (ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى)دا مىللەتلەر تىلى فاكۇلتېتى قۇرۇلۇپ، مىللەتلەر تىل خىزمىتى، ئوقۇتقۇچىلىق ۋە تەرجىمانلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر تۈركۈم قوش تىللىق خادىملار تەربىيىلەندى. ئۇلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزىق ئۆزگەرتىش، تىل - يېزىقنى ئومۇملاشتۇرۇش، تەرجىمە، ئوقۇ - ئوقۇتۇش ۋە پەن تەتقىقات خىزمەتلىرىدە تايانچلىق رول ئوينىدى. 1950 - يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدا شارائىتى يار بەرگەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە خەنزۇچە دەرس تەسىس قىلىنىپ، خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش ئەۋج ئالدى. كېيىن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ باشلىنىشى بىلەن مىللەتلەر مەسىلىسى، مىللەتلەر تىل - يېزىقىغا بولغان سولچىل لۇشيەننىڭ تەسىرىدە «قوش تىل» مائارىپى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ، مەكتەپلەردە خەنزۇچە دەرس ئۆتۈش توختاپ قالدى. 1977 - يىلى بىر مەزگىل داۋاملاشقان قالايمىقانچىلىق ئاخىرلىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي مائارىپى يېڭى بىر تارىخىي دەۋرگە قەدەم قويۇپ، «قوش تىل» ئوقۇتۇشى بارا - بارا ئەسلىگە كېلىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ، تېخنىكوم ۋە ئالىي مەكتەپلەردە خەنزۇ تىلى دەرسى ئاساسىي پەنلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. 1980 - يىللاردىن باشلاپ مەملىكىتىمىز دائىرىسىدە «قوش تىل» مائارىپى سىناق تەرىقىسىدە قانات يايدۇرۇلۇپ، بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەلۋەتتە، بۇ سىناق ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەردە باشلاندى. مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا ئېچىلغان تەييارلىق سىنىپلىرىنىڭ تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئىككى يىللىق خەنزۇ تىلى تەييارلىق سىنىپلىرى تەسىس قىلىنىپ، قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئىككى يىل مەخسۇس خەنزۇ تىلىدا تەربىيىلەنگەندىن كېيىن، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە كەسپىي بىلىم ئىگىلەشكە ئەۋەتىلىپ، ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. 1990 - يىللاردىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدا «قوش تىل» مائارىپى يېڭى بىر باسقۇچقا كىرىپ، «قوش تىل»لىق بولۇش دولقۇنى ئەۋج ئالدى. 2000 - يىلىدىن باشلاپ ئىچكىرىدىكى تەرەققىي قىلغان 26 شەھەردىكى 45 مەكتەپتە مەخسۇس شىنجاڭ سىنىپلىرى ئېچىلىپ، تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ۋە ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھازىرغىچە 4000 دىن ئوشۇق ئىختىساس ئىگىسى تەربىيىلەندى (بۇنىڭ %90 ى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى). 2004 - يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى ئۈرۈمچى قاتارلىق سەككىز شەھەردە «رايون ئىچى تولۇقسىز سىنىپ»ى ئېچىلىپ، يېزا - قىشلاقلاردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى؛ 2007 - يىلى بۇ سىنىپقا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 5000 غا يەتكۈزۈلدى. كۆپ قىسىم ناھىيە دەرىجىلىك خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىرلەشتۈرۈۋېتىلدى. ئۇندىن باشقا، ھەرقايسى جايلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە «قوش تىل»لىق تەجرىبە سىنىپلىرى تەسىس قىلىنىپ، باشلانغۇچ مەكتەپ تەجرىبە سىنىپلىرىدا بىرىنچى يىللىقتىن باشلاپ خەنزۇ تىلىنى تىل دەرسى قاتارىدا ئۆگىنىش، ئوتتۇرا مەكتەپ تەجرىبە سىنىپلىرىدا تولۇقسىز 1 - يىللىقتىن باشلاپ ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، ئىنگلىز تىلى قاتارلىق دەرسلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئاڭلاش، باشقا دەرسلەرنى ئانا تىلىدا ئاڭلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. تۈرلۈك تېخنىك مەكتەپلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەردە بولسا ئوقۇغۇچىلار بىر - ئىككى يىل خەنزۇچە ئۆگىنىپ، كېيىنكى يىللىرى كەسپىي دەرسلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى.
2. «ئۇيغۇرچە - ئەرەب (پارسچە)»نى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان «قوش تىل» مائارىپى دەۋرى
«ئۇيغۇرچە - ئەرەب (پارسچە)»نى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان «قوش تىل» مائارىپى دەۋرى 10 - ئەسىردە ئۇيغۇر قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ خانى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ باشچىلىقىدا ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن تارتىپ، 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 10 ئەسىر ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ دەۋرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئۇيغۇر مائارىپى تەدرىجىي ھالدا ئىسلام مائارىپىنىڭ ئىزىغا سېلىنغان. ئالىي مائارىپتا ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، كالېندارچىلىق قاتارلىق ئاساسلىق پەنلەر ئەرەبچە ئۆتۈلگەچكە، ئۇيغۇر، ئەرەب تىللىرىدا كامالەتكە يەتكەن ئالىم، زىيالىيلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىققان. شۇ دەۋردىكى يۇرتىمىزنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بولغان «قەشقەر ساچىيە مەدرىسىسى»، «كۇچا ساقساق مەدرىسىسى»، «مىرزا ھەيدەر مەدرىسىسى»، «مەسئۇدىيە مەدرىسىسى» قاتارلىق مەدرىسىلەردە دەرس ئۆتكەن مۇدەررىسلەرنىڭ ھەممىسى ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا، ئەرەب - پارس تىللىرىغا پىششىق زىيالىيلاردىن بولۇپ، شۇ مەدرىسىلەردە ھەدىس، تەپسىر قاتارلىقلار ئەرەب تىلىدا، «خوجا ھاپىز ئەسەرلىرى» پارس تىلىدا، «نەۋائىي» ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەنگەن. ئەرەب - پارس تىللىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا سىڭىپ كىرىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا قوش تىل ياكى كۆپ تىل بىلەن ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىش ئەنئەنىسى شەكىللەنگەن. ئۇلارنىڭ تىپىك ۋەكىللىرى مۇنۇلار: ئەبۇ ناسىر فارابىي (870 - 950) ئەرەب، پارس، تاجىك، تۈرك، گرېك، پەھلىۋى ۋە سۇرىيە تىللىرىنى بىلەتتى، بەزى تارىخىي مەنبەلەردە ئۇنىڭ 70 نەچچە خىل تىل بىلىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن؛ ئۇ ئىلىمنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرى بويىچە ئەرەب، پارس، تۈرك، گرېك، پەھلىۋى، سۇرىيە تىللىرىدا 160 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يېزىپ قالدۇرغان. مەھمۇد كاشغەرىي 11 - ئەسىردە ياشىغان ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى، تىلشۇناس ۋە ئەدىب؛ ئۇ 15 يىل ئەمەلىي تەكشۈرۈش جەريانىدا توپلىغان تىل ماتېرىياللىرىنى ئىنچىكە سېلىشتۇرۇش ۋە تەتقىق قىلىش ئاساسىدا 1072 - 1074 - يىللىرى ئەينى دەۋردىكى ئەرەب لۇغەتشۇناسلىقىنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرىدىن ئىلغارراق ئۇسۇل بىلەن ئەرەب ئېلىپبەسىنىڭ تەرتىپى بويىچە، تۈركىي تىل بىلەن ئەرەب تىلىنىڭ ئىزاھلىق سېلىشتۇرما لۇغىتى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ۋۇجۇدقا چىقارغان. لۇتفىي (1366 - 1465) ئۇيغۇرچە، پارسچە، ئەرەبچە بىلىدىغان تالانتلىق شائىر بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى ۋە پارس تىلىدا شېئىر يازغان؛ پارس تىلىدا يازغان شېئىرلىرى ئۆز دەۋرىدە پارس تىلىدا شېئىر يازىدىغان ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرسىمۇ، دىۋان شەكلىدە دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن؛ ئۇيغۇر تىلىدىكى شېئىرلىرىدىن بولسا مۇكەممەل دىۋان تۈزۈلگەن ھەم ئۇ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. «گۈل ۋە نەۋرۇز» ناملىق لىرىك داستانى ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. لۇتفىينىڭ «مەلىكۇل كالام» («سۆز پادىشاھى») دېگەن نامى بار. ئۇلۇغ شائىر، ئالىم، مۇتەپەككۇر، تىلشۇناس، دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابى ئەلىشىر نەۋائىي (1441 - 1501) ئەرەب ۋە پارس تىللىرىدا ئۆز ئانا تىلىدەكلا سەۋىيىگە ئىگە بولۇپ، بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى ئەرەب، پارس تىللىرىدا يازغان بولسىمۇ، كۆپ قىسىم ئەسەرلىرىنى شۇ چاغلاردا ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا شەكىللەنگەن «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» بىلەن يازغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە «خەمسە»سى ۋە غەزەللىرىدىن باشقا، تىل - ئەدەبىيات تەتقىقاتىغا ۋە باشقا تېمىلارغا دائىر «مەجلىسۇن - نەفائىس» («گۈزەللەر مەجلىسى»)، «مۇھاكىمەتۇل - لۇغەتەين» («ئىككى تىل ھەققىدە مۇھاكىمە»)، «مەنتىقۇت - تەير» («قۇشلار تىلى») قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ ناھايىتى زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگە. جامال قارشىي (13 −−− 14 - ئەسىر) ئەرەبچە، ئۇيغۇرچە، پارسچە تىللارنى بىلەتتى. ئۇ تۈزگەن ئەرەبچە - پارسچە «سۇراھۇل - لۇغەت» ھەجمى زور ئەسەر بولۇپ، ئاپتور پارس تىلىنىڭ ئەرەب تىلىغا يەتمىگەن نازۇك جايلىرىغا ئۇيغۇرچە سۆز - ئىبارىلەرنى قوشقان. كېيىنرەك ئالىم بۇ ئەسەرنى تولۇقلاش ۋە شەرھلەش ئاساسىدا «سۇراھ لۇغىتىگە تولۇقلۇما» دېگەن ئەسەرنى يازغان. بەزى تارىخىي مەنبەلەردە جامال قارشىينىڭ 1282 - يىلى «ئەل - جەۋھىرى» ناملىق لۇغەتنى ئەرەبچىدىن پارسچىغا تەرجىمە قىلغانلىقى، 14 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرى بۇ ئەسەرگە «مۇلھەقەت» قوشۇمچىسى يازغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ناسىرىددىن رەبغۇزىي (13 −− 14 - ئەسىر) ئۇيغۇر، ئەرەب، پارس تىللىرىنى بىلەتتى؛ جاھانغا مەشھۇر رومانى «قىسسەئى رەبغۇزىي»دىكى يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت، تارىخىي ۋەقەلەر، شۇنىڭدەك چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرلەردىن ئۇنىڭ ئەرەب، پارس تىللىرى ۋە ئەدەبىياتىنى پۇختا ئىگىلىگەن ئالىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مۇھەممەد سىدىق زەلىلىي (17 - 18 - ئەسىر) ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە، پارسچە تىللارنى بىلەتتى. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك يادىكارلىقلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردىن «سەپەرنامە» (1720 - يىلى 46 يېشىدا يازغان 1400 بېيىتلىق داستان)، «تەزكىرەئى چىھىلتەن» (1736 - يىلى 62 يېشىدا يازغان 565 بېيىتلىق رىۋايەت)، «تەزكىرەئى خوجا مۇھەممەد شېرىپ» (1744 - يىلى 70 يېشىدا يازغان 770 بېيىتلىق داستان) قاتارلىقلار دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ئابدۇرەھىم نىزارىي (1770 −− 1848) تالانتلىق ئەدىب ۋە مەشھۇر شائىر بولۇپ، ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە، پارسچە تىللارنى بىلەتتى؛ 1837 - يىلىدىن تارتىپ «رابىيە - سەئىدىن»، «مەھزۇن - گۇلنىسا»، «پەرھاد ۋە شىرىن»، «لەيلى ۋە مەجنۇن» قاتارلىق داستانلارنى يېزىپ، ئۇلاردىن بىر توپلام تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە 1842 - يىلى «دۇرۇل - نەجات» («نىجاتلىق ئۈنچىلىرى») ناملىق ئەسىرىنى تاماملىغان. 18 - ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئاتاقلىق تەرجىمان ۋە ئەدىب موللا مۇھەممەد قەشقەرىي ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە، پارسچە تىللارنى بىلەتتى؛ 1131 - يىلى «كەلىلە ۋە دېمنە» ناملىق ئەسەرنى، كېيىن «ئەخلاقۇل - مۇھسىنىن» («ياخشىلارنىڭ ئەخلاقى») ناملىق ئەسەرنى پارسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. ئاتاقلىق شائىر، خىمىك ۋە تېبابەت ئالىمى تەجەللىي (1850 −−− 1930) ئۇ ئەرەب، پارس، ھىندى ۋە ئۇيغۇر تىللىرىنى بىلەتتى. ئۇنىڭ ئەرەب، پارس، ھىندى ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا يازغان شېئىرلىرىنىڭ بىر قىسمى «بەرقى تەجەللىي ۋە سەبەقى مۇجەللىي» دېگەن نام بىلەن 1869 - يىلى قەشقەردە تاش مەتبەدە بېسىلغان؛ «دىۋانچە تەجەللىي» ناملىق شېئىرلار توپلىمى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇلغارىيىدە ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان؛ يەنە بىر قىسىم شېئىرلىرى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تاشكەنتتە نەشر قىلىنغان «باياز»لاردا ئېلان قىلىنغان. ۋەتەنپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر شائىر ۋە ئەدىب ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇلۋارىس قەشقەرىي (1862 - 1924) ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە، پارسچە بىلەتتى؛ خەلقنى جاھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇش، مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش يولىدا بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان. ئۇنىڭ «سەرف نەھۋى» («مورفولوگىيە ۋە سىنتاكسىس»)، «ئىلمى تەجۋىد» («قىرائەت ئىلمى»)، «ئىلمى ھېساب»، «ئاقائىدى زەرۇرىييە» («زۆرۈر ئەقىدىلەر»)، «تەئلىمى سەبىييان» («گۆدەكلەرگە تەلىم»)، «نەسەھۇل - ئەتفال» («ياش - ئۆسمۈرلەرگە نەسىھەت»)، «نەسىھەتى ئاممە» («ئاممىغا نەسىھەت»)، «مۇپتاھۇل - ئەدەب» («ئەدەبىياتنىڭ ئاچقۇچى»)، «جەۋاھىرۇل - ئىيقان» («ھەقىقەت جەۋھەرلىرى») قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. قۇتلۇق ھاجى شەۋقىي (1876 - 1937) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق نەشرىياتچى ۋە جامائەت ئەربابى. ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە، پارسچە، تۈركچە تىللارنى بىلەتتى. «شەۋقىي» تەخەللۇسى بىلەن شېئىر - ماقالىلەرنى ۋە تارىخقا ئائىت «ۋاقىئى كاشغەر» («قەشقەردىكى ۋەقەلەر») ناملىق كىتابنى يازغان؛ ئۇنىڭدىن باشقا، 1933 - يىلى «ئەركىن ھايات گېزىتى»نى نەشر قىلغان. كېيىن بۇ گېزىت رەزىل كۈچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقى تۈپەيلى بىر مەزگىل توختىتىلغان بولسىمۇ، 1934 - يىلى 23 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ «يېڭى ھايات» دېگەن نام بىلەن نەشر قىلىنغان. ئىنقىلابىي شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر (1896 - 1932) ئەرەب، پارس، خەنزۇ، موڭغۇل، رۇس تىللىرىنى ئۆگەنگەن؛ 20 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدىن باشلاپ قولىغا قەلەم ئېلىپ، نادان خەلقنى خۇراپاتلىقتىن قۇتۇلۇپ، تەرەققىيات ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلىدىغان يالقۇنلۇق شېئىرلارنى يازغان، شۇنداقلا كۆپ خىل تىل بىلىش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئىلغار مىللەتلەرنىڭ دۇنيا قارىشى، ئىلىم - پەن قارىشى ۋە تەرەققىيات قارىشىنى كەڭ تەشۋىق قىلغان.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، سەئىددىن قەشقەرىي (1377 - 1456)، يۈسۈپ سەككاكىي (14 - 15 - ئەسىر)، مىرزا ھەيدەر (1500 −−− 1551)، مۇھەممەد سادىق (1725 −−− 1850) قاتارلىق شائىر، ئالىملارمۇ ئۆز ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇرچىدىن باشقا، ئەرەبچە، پارسچە تىللارنى بىلىدىغان بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ كۆپ خىل تىل بىلىش ئالاھىدىلىكى بىلەن مىللىتىمىزنى باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشۇش، ئۇلارنى چۈشىنىش ۋە ئىلغار تەرەپلىرىنى ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، مەدەنىيىتىمىزنى يۈكسەلدۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.
3. «ئۇيغۇرچە - رۇسچە»نى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان «قوش تىل» مائارىپ دەۋرى
ئۇيغۇرلار 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا رۇسلار بىلەن ئۇچرىشىشقا باشلىغان. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن قالايمىقانچىلىقتىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچى، ئىلى، چۆچەك ۋە ئالتاي قاتارلىق جايلىرىغا كەلگەن رۇس ۋە رۇسچە بىلىدىغان باشقا مىللەت كىشىلىرى شۇ يەردىكى يەرلىك مىللەتلەر بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولغان. گەرچە ئەينى چاغدا شىنجاڭدىكى رۇسلارنىڭ سانى شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ بىر پىرسەنتىگىمۇ يەتمىسىمۇ، مەدەنىيەت - مائارىپ سەۋىيىسى ئۇيغۇرلارنىڭكىدىن خېلىلا ئۈستۈن بولغاچقا، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولۇپ قالغان. رۇسىيىلىكلەر ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قۇرغان. بۇ مەكتەپلەردە ئۆگىتىلىدىغان بىلىملەر ئەينى چاغدىكى ئەڭ يېڭى پەن - تېخنىكا بىلىملىرى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق رۇسلار ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ تارىخىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇلارنىڭ تەربىيىسىدە يېتىشىپ چىققان ئۇيغۇر تىلى ۋە رۇس تىلىنى پىششىق بىلىدىغان قوش تىللىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى شىنجاڭنىڭ شۇ يىللىرىدىكى چەت ئەل تىلى ئوقۇتۇشى (رۇس تىلى)، تەرجىمانلىق، تاشقى ئالاقە ۋە پەن - تېخنىكا خىزمىتىدە تايانچ كۈچ بولۇپ قالغان. ئەينى دەۋردە رۇس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە رۇسچە سۆزلىشىش، رۇس تىلىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇش بىر خىل ئىجتىمائىي مودىغا ئايلانغان. مەكتەپلەردە بولسا سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۈزۈلۈپ نەشر قىلىنغان دەرسلىكلەر ئۆتۈلگەن. 1960 - يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ جۇڭگو - سوۋېت مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن رۇس تىلىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىغا بولغان تەسىرى ئۈزۈلۈپ قالغان.
يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا، يەنە باشقا تىللارنىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگەنگەن ۋە شۇ تىللار ئارقىلىق باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىللە ئۆزلىرىنىمۇ دۇنياغا تونۇتقان، شۇنداقلا ئالەمشۇمۇل ئەسەرلەرنى ياراتقان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ نەتىجىلەر دەل «قوش تىل» مائارىپىنىڭ تۆھپىسى. دېمەك، مىللەتنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلارغا دۇنيانى چۈشەندۈرۈش، شۇنداقلا ئۇلارنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشتا «قوش تىل» مائارىپىنىڭ رولى ئىنتايىن زور.
پايدىلانمىلار:
ۋاھىدجان غوپۇر، ئەسقەر ھۈسەيىن: «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تېزىسلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1988 - يىلى.
دېڭ ۋېنلۇ: «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ۋە ئەمەلىيىتى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2002 - يىلى.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1997 - يىلى.
غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار: «ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ خىل تىل - يېزىق ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش ئەنئەنىسى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلىرى» ژۇرنىلى، 2008 - يىللىق 1 - سان.
«تۈركىي تىللار تەتقىقاتى» (2)، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1983 - يىلى.
ئابدۇللا تالىپ: «ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىن ئوچېركلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1986 - يىلى.
ۋېي لياڭتاۋ: «قاراخانىيلار تارىخىدىن بايان»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2000 - يىلى.

No comments: