2009-06-21

ئۇيغۇر ئوقيالىرىنىڭ تارىخى تەرەققىياتى


ئوقيانىڭ كەشىپ قىلىنىشى ئىنسانلارنى ياۋايىلىقتىن مەدىنىلىككە قەدەم قويغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.شۇنىڭ بىلەن دۇنيادا ئوخشىمىغان قەۋىملەرنىڭ،قەبىلىلەرنىڭ ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ ئوقيالىرى بارلىققا كەلدى.ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق ئەجدادى بولغان دىلارنىڭ ئوقيالىرى مەيدانغا كېلىپ،ھونلارنىڭ ئوقياسىغا ئاساس سالدى.شۇنىڭ بىلەن ھونلار كۈچۈيۈپ،ھون ئوقياسىنىڭ ئاساسلىق ئىككى تۈرلۈك شەكلى پۈتكۈل ئوقيا تەرەقىياتىنىڭ باشلانغۇچ مودىلى بولۇپ،مۇشۇ ئاساستا تەرەققى قىلىپ،يانىڭ ئوتۇردا ۋە باش تەرەپلىردە يان قاپلىغۇچلىرى بارلىققا كېلىپ،ئوتتۇردا كاۋاك قاپلىغۇچى،ئوتتۇردا ۋە باش تەرەپلىردە يان قاپلىغۇچلىرى مەيدانغا كېلىپ،باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئاۋازلىق ئوقياسى ئوقيا تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.كېيىنكى دەۋىرلەردە (كۈچەيتىلگەن ئوقيالار)مەيدانغا كېلىپ،مۇرەككەپ تەركىپلىك ئوقيالارنىڭ ھونلاردىن كېلىپ چىققانلىقىنى بارلىق ئىلىم ئەھلى بىردەك ئېتىراپ قىلدى.چۈنكى ھونلار مەركىزى ئاسىيانى بىرلىككە كەلتۈرۈپ،ئوقيانىڭ تارقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرىمۇ ھونلارنىڭ تەركىۋىدە بولۇپ،ئوقيا مەدىنىيىتىگە مۇھىم تۆھپە قوشقان ئىدى.كۆكەل مەدىنىيىتى،تاشتىق مەدىنىيىتى،ئوب مەدىنىيىتى،تاغلىق ئالتايدىكى بېريىل مەدىنىيىتى ،شەرقى بايقالدىكى بۇرخوتۇي مەدىنىيىتى،تارىم مەدىنىيىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى چوڭقۇر ئىزنالىرىنى قالدۇرۇپ،مىلادىدىن 2-ئەسىردىن 5-ئەسىرگىچە دىڭلىڭلار،قاڭقىللار،تېلىلەر،تۇرالار،ئوغۇزلار ئوقيا تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئوقيا تەرەقىياتىدىكى مۇھىم بىر باسقۇچنى شەكىللەندۈردى.شۇنىڭ بىلەن ئوقيا شەكىللىرىنىڭ كۆپ بولۇشى ۋە ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن ئوقيانىڭ مەركىزى ئاسىيا يايلاقلىرىنىڭ چەت رايۇنلىرىغىچە تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،موڭغۇل-بايقال مەركىزىدىن تۇۋا،بايقالغا،ئالتاي،تارىمغا،جۇڭغارغا،ئوب،يېنىسەي،شەرقى بايقالغا تارقىتىپ،ئوقيانىڭ ئومۇملىشىىشنى ئىلگىرى سۈردى.ئوقيا تېخنىكىسىنىڭ تەرەقىياتىنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ،ئوقيانىڭ باش تەرىپىدە بىرجۈپ قاپلىغۇچى،ئوتتۇردا قاپلىغۇچى،بەزى ئوقيالارنىڭ ئوتتۇردا يان ۋە كاۋاك قاپلىغۇچى بولۇپ،ئوقيا تېخنىكىسىنىڭ تەرەقىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان.بۇخىل ئوقيالار 7-ئەسىردىكى تۈرك دەۋىردە ۋە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋىردە ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىلگەن.ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى بولغان دىڭلىڭلار،قاڭقىللار،تېلىلەر،تۇرالار،ئوغۇزلار ئوقيانىڭ تېخنىكىلىق يىڭىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ،قەدىمكى تۈرك مەدىنىيىتى دائىرسىگە ئېلىپ كىردى.شۇنىڭ بىلەن مۇرەككەپ تەركىپلىك،ئىلغار ئوقيالار تۈركلەر ئارقىلىق مەركىزى ئاسىيادىكى كۆچمەنلەر دۇنياسىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىپ،ئومۇملاشتى.ئوقيانىڭ تېخنىكا جەھەتتە يىڭىلىنىشى،ئۆزگەرتىلىشى،كونا ئامىللارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ،يىڭىچە ئادىلاشقان نۇسخىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئوتتۇردا كاۋاك قاپلىغۇچى بولغان ئوقيالارنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى تىزلىتىپ،ئاتلىق قوشۇن تەرەقىياتىنى مۇكەمەلەشتۈرۈپ،ئاتلىق جەڭدە ئاتقۇچى قۇراللار بىلەن ئوقيالارنى تەڭ ئىشلىتىپ،ئوقياچى چەۋەندازلارنى بارلىققا كەلتۈردى.شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقياچى قوشۇنلىرى مەركىزى ئاسىيادا داڭ چىقاردى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ۋەزىر ۋۇزۇرالىرى ئۇتتۇرا تإزلەڭلىك بىلەن قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى قۇشۇننى ئإزئارا سېلىشتۇرۇپ «تإركلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقى،ئۇلارنىڭ ئات ئۇينىتىپ ،ئۇقيا ئىشلىتەلىگەنلىگىدە،...(تاڭ قۇشۇنلىرى)ئۇلار بىلەن تۇتۇشۇپ قالغاندا،ئاسانلىقچە يېڭەلمەيدۇ»،دەپ يەكۈنلىگەن چپن يەنكى تاڭ دەۋىردىكې تإرك، ئۇيغۇر ئاتلىق ئەسكەرلىرگە باھا بەرگەندە«تاڭ دەۋىردىكى ھەربى مۇئاپىقىيەتلەرنىڭ شان شۆھرىتى تارىخىنىڭ بېتىدىن ئۆچمەيدۇ.لېكىن ئۇلار ئىشلەتكەن قۇشۇننىڭ ئاساسې كإچى بەيئەت قىلغانلار بولدى.بەيئەت قىلغانلارنى مۇھىم دەپ سۆزلىگەندە،ئالدې بىلەن قەبىلىلەرنىڭ تەشكېللىنىشې ۋە ئات ئإستىدە ئۇقيا ئېتىش ماھارىتىنې كۆزدە تۇتىمىز. ئات مىنىش ماھارىتىنې ئەسلىدە ئۇيغۇرلار ئېجات قىلغانىدى.ئۇلارنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ ھەركەتتىكى تىزلىكې ۋە چۋاققانلىقې ،پىيادىلەردىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق.جوڭگۇنىڭ ئاتلىرې ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىدەك ياخشې ئەمەس. بۇ ھەقتە تارىختا تەپسىلى خاتىرە قالدۇرۇلغان....تاڭ دەۋىردىكې ھەربى مۇئاپىقىيەتلەر ئۇيغۇر زېمىنىدىن چىققان ئاتلار ۋە خەنزۇلار راايۇنىغا ئارلىشىپ قالغان ئۇيغۇر ئاتلىرى بىلەن زېچ مۇناسىۋەتلىك،بۇ ھەقتە ئارتۇق سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇقيادېن پايدىلىنىش،ئات ئإستىدە سادق ئإزإشتىن گەپ ئاچقاندا ، چۇقۇم ئۇيغۇرلارنى ئۇستاز تۇتۇش كىرەك» دەپ كۆرسەتكەنىدې.قاراخانىلار سۇلالىسى دەۋىردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى مەھمۇت قەشقىرى (تۈركى تىللار دىۋانى )ناملىق ئەسىردە ئوقيا توغۇرلۇق ئەتىراپلىق مەلۇمات بەرگەن.ئۇيغۇر سۆزىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ ئىسمى،ئۇنىڭ بەش شەھرى بار.بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەيىن تۈرك خاقانى بىلەن پۈتۈم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغان ئىكەن.
ماڭا مۇھەممەت چاقىر تونقا خان ئوغلى نىزامىدىن ئىسراپىل توغان تېكىن ئۆز ئاتىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بىرىپ،مۇنداق دېگەن ئىدى:زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلشقاندا ،تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تۆتمىڭ ئادەم ئەۋەتكەن.ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن.ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا ،كەينىگمۇ شۇنداق ئۇستىلىق ئاتىدىكەن.زۇلقەرنەيىن بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە (Inan huzhurand )بۇلار باشقىلارغا مۇھتاج بولماي ،ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن، بۇلارنىڭ قۇلىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ،قاچان خالىسا شۇ چاغدا ئېتىپ يىيەلەيدۇ››دەپتۇ.شۇندىن تارتىپ بۇ ئەل( huzhur ) دەپ ئاتىلىپتۇ.دەپ ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقياچىلىق ماھارىتىنىڭ ئىنتايىن ئۈستۈنلىكىنى بايان قىلغان.قاراخانىلار سۇلالىسىدىن كېيىن قارا قىتان خانلىقى ،يۈەن سۇلالىسى،چاغاتاي خانلىقى،موغۇل خانلىقى ،يەكەن سەئىدىيە خانلىقى ،چىڭ سۇلالىسى دەۋىردە ئوقيانىڭ ئىشلىتىلىشى ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەرەققى قىلغان.ئازاتلىقنىڭ ھارپىسىگىچە بەزى تاغلىق رايۇنلاردا،ئوۋ مەيدانلىرىدا ئوقيا داۋاملىق ئىشلىتىلگەن.

No comments: