قورال-ياراق ۋە ھەربىي تۈزۈلمە ئالاھىدىلىكلىرى ئاساسىدا ئۇيغۇر قۇشۇنىنىڭ جەڭ قىلىش تاكتىكىسىنى تەخمىنەن تەسەۋۋۇر قىلغىلى بۇلىدۇ.
ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارغا قېرىنداش بولغان تېلې قەبىلىلىرى ئۇيغۇر قاغانلىغى قۇرۇلۇشتىن خېلى بۇرۇنلا يىنىك قوراللانغان ئاتلىق ئوقياچىلار سۈپىتىدە مەۋجۇت ئىدى.بىرىنچى تۈرك قاغانلىقى دەۋرىگە ئائىت بىر مەنبەدە ئېيتىلىشىچە،تېلېلەر <<ئاچچىقى يامان ۋە رەھىمسىز>>بولغان،<<ئات ئۈستىدە ئوقيا ئېتىشقا ماھىر،ئىنتايىن ئاچ كۆز ۋە تەمەگەر،بۇلاڭچىلىق بىلەن جان باققان>>(ن.كىيونىر:جۇڭگۇ مەلۇماتلىرى).ئۇلار(ئۇيغۇرلار)چېچىلما سەپ تاكتىكىىنى ئەڭ كۆپ قوللانغان.<<جەڭلەردە سەپكە تىزىلمايدۇ،بېشى(باش ئەترەت)ئايرىلىپ چىقىپ قىستاپ كىلىدۇ.ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىدۇ،ئۇشتۇمتۇت چىكىنىدۇ،تۇراقلىق جەڭ قىلالمايدۇ.(ن.بىچورىن:مەلۇماتلار توپلىمى) چېچىلما سەپ تۈزلۈشىنىڭ خاراكتىرى ئەنە شۇنداق تەسۋىرلەنگەن.ئاساسىي كۈچلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە جەڭدە قولايلىق شارائىت يارتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ھەمىشە يۈرۈشكە ئاتلانغاندا ئالدىغا بىر تۇرشاۋۇل قىسىمنى چىقىراتتى. <<ھەرقېتىم ئۇرۇشنى باشلىغاندا ۋە ئاخىرلاشتۇرغاندا يات بۇغۇنلاردىن ئىككىسىنى قۇشۇننىڭ تۇرشاۋۇلى قىلىدۇ>>.(ن.كىيونىر:جۇڭگۇ مەلۇماتلىرى).بۇ يەردىكى يات دىگىنى ئېھتىمال قارام بولغان غەيرى تېلې قەبىلە ۋەكىللىرىنى كۆرسەتسە كېرەك.<<موغان شىنە ئۇسۇ يادىكارلىقى>>دىمۇ شۇنداق گەپلەر بار:<<ئاتام كۆلبىلگە قاغان...قۇشۇن بىلەن يۈردى،مىنى مىڭ بېشى قىلىپ ئالدىغا چىقاردى>>(گ.رامىسىتىد:سېلىنگا تېشى يېزىقىنىڭ تەرجىمىسى)مويۇنچۇر قاغان بىلەن تاي بىلگە تۇتۇق ئوتتۇرسىدىكى ئىچكى ئۇرۇش تەسۋىرىدە ئۇيغۇر قۇشۇنىنىڭ يەر تۈزلۈشىنى ھىساپقا ئېلىپ ئورۇنلاشقانلىقى سۆزلىنىدۇ:<<سېلىنگانىڭ غەربىي شىمالىدا،ئىلۇن غولىنىڭ جەنۇبىدا،سىپ باشىغىچە(توغرا ۋادىدىكى بۇلاققىچە)قۇشۇنلىرىمنى ئورۇنلاشتۇردۇم.كەرگۈ،ساقشى ۋە سىپ باشىدىن ئۇلار بىزگە قارشى ئاتلاندى...سېلىنگېلغىچە ئۆزىنىڭ ئەسكەرلىرىنى جايلاشتۇردى.بەشىنچى ئاينىڭ يىگىرمە توققۇزىنچى كۈنى مەن تۇتۇشتۇم.شۇ چاغدا مەن يەڭدىم.ئۇلارنى يېڭىپ،سېلىنگېلغىچە قىستاپ باردىم.ئۇلارنى قوغلىۋەتتىم.سېلىنگىلدىن ئۈتۈپ،ئۇلارنىڭ كەينىگە چۈشۈپ ماڭدىم>>.(گ.رامىسىتىد:سېلىنگا تېشى يېزىقىنىڭ تەرجىمىسى).بۇ جەڭدىكى مويۇنچۇرنىڭ غەلبىسى ئاقىلانە سەپ تۈزۈپ ۋە <<توغرا ۋادىدىن>> چىقىپ ھۇجۇم قىلىپ دۈشمەننىڭ چىكىنىش يولىنى ئۈزۈۋېتىش بىلەن قولغا كەلگەن.مويۇنچۇر قاچقۇنلارنى قوغلاپ.دەريانى كىسىپ ئۆتكەن.تاي بىلگە تۇتۇق بىلەن بولغان يەنە بىر جەڭدە مويۇنچۇر قۇشۇنى خانوي دەرياسىدىن كىچىپ ئۆتكەن.<<سەككىزىنچى ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنى خانوي(خانوي غول) دەرياسىدىن ئۈتۈپ،تۇزلۇق ئالتىر كۆلىنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ بىلەن تۇتۇشتۇم.شۇ يەردە ئۇلارنى يەڭدىم.ئاندىن ئۇلارنىڭ كەينىگە چۈشۈپ ئىلگىرلىدىم>>(گ.رامىسىتىد:سېلىنگا تېشى يېزىقىنىڭ تەرجىمىسى).تېكىسلەردىن قارىغاندا،مويۇنچۇر دەۋرىدىكى ئۇيغۇر قۇشۇنى ھەركەتچان بۇلۇپ،تىز سۈرئەتتە يىراق يۈرۈشلەرگە ئاتلىناتتى،تەبىئىئ توساقلاردىن ئۆتەتتى.مويۇنچۇر ئىقتىدارلىق قوماندان ئىدى.ئۇ جەڭ ئالدىدا قۇشۇنلارنى پەم بىلەن ئورۇنلاشتۇراتتى،مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە قەتئىي ۋە ئۈنۈملۈك ھەركەت قىلاتتى،دۈشمەن ئالدىغا يۈرەكلىك ھالدا ئاۋانگارت قىسىملارنى چىقىراتتى.<<دۈشمەننىڭ تىز ھەركەتلىنىدىغان ئەتىرەتلىرىنى>> تۇسۇش ئۈچۈن،قۇشۇمچە ئەتىرەتلەرنى چىقىراتتى.ئالايلۇق،ئۇ غەرىپكە يۈرۈش قىلىشتا ئوڭۇشلۇق ھەركەت قىلىپ ۋە ئەسكىرىي كۈچلىرىنى تەقسىملەپ،قارلۇق، چىك ۋە قىرغىز قۇشۇنلىرىنىڭ بىرلىشىشىگە يول قويماي،ئۇلارنى تارمار كەلتۈرگەن.نەتىنجىدە چىكلەر بويسۇندۇرۇلغان:<<چىك خەلقىگە تۇتۇق(بەگ،باشقۇرغۇچى)بەردىم>> (گ.رامىسىتىد:سېلىنگا تېشى يېزىقىنىڭ تەرجىمىسى).تايغان كۆلى يېنىدىكى جەڭدە ئاۋانگارت قىسىم دۈشمەننى ئالداش رولىنى ئوينىغان:<<...تايغان كۆلى يىنىدا جەڭچىلىرىمنى يىغدىم،(ئۇلارنى)ئالداش ئۈچۈن بىر توپنى ئەۋەتتىم.ئادەملەر كەلدى.ئۇلار قارا يوتالىقنى كىسىپ ئۈتۈپ،(دۈشمەنلەرنى) يېقىن كىلىشكە مەجبۇر قىلدى.مەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتىم...>>(گ.رامىسىتىد:سېلىنگا تېشى يېزىقىنىڭ تەرجىمىسى).مويۇنچۇر ئۆزىنىڭ تىنىمسىز دۆلىتىنىڭ مۇھىم ئىستىراتىگىيىلىك جايلىرىدا قەلئە قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرغا قويغان.

بۇ قەلئەلەر يېڭى قۇرۇلغان چاغدا ئۇنىڭ بارگاھى بولغان،ئۇ يەرلەردە چىگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ئورۇنلاشقان.بارگاھ-قەلئەلەر تەسسىس قىلىنغان رايۇنلاردا جەڭچىلەرنى << ئىلھاملاندۇرۇش >>مەخسىدىدە قاغاننىڭ ئىش-ئىزلىرىنى مەدھىيلەش مەزمۇنىدىكى تاش ئابىدىلەر تۇرغۇزۇلغان.قەلئەلەر سېستىمىسىنى بەرپا قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ مەركىزىي ئاسىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تالىشىش كۈرشىدىكى ھەربىي-سىياسىي ئىستىراتىگىيىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بۇلۇپ قالغان.(يۇ.خۇدياكوۋ:ئوردا بالىق ساپال بۇيۇملىرى).
مەركىزىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي سىبىريىدىكى كۆچمەن قەبىلىلەر بويسۇندۇرۇلغاندىن كېيىن تاشقى ۋەزىيەت ئۇيغۇرلار ئېلىپ بىرىۋاتقان ئۇرۇشلارنىڭ دائىرسىنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق شارائىت ياراتتى.ئۇيغۇر قۇشۇنلىرى تاڭ ئىمپىريىسىدىكى ئەن لۇشەن توپىلىڭىنى باستۇرۇش ۋە شەرقىي تۈركىستان (ئەسلى ئەسەردە شۇنداق ئېلىنغان) زىمىنلىرىنى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشلىرىغا قاتناشتى(ئا.مالياۋكىن:9-12-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى).
ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئىستىراتىگيە تاكتىكىلىردىكى ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۇراققىچە ساقلاپ قالدى.قۇتلۇق قاغاننىڭ تۆھپىلىرى تەسۋىرلەنگەن قارابالاساغۇن ئابىدىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تاكتىكىلىرى توغرىسىدا مەلۇماتلار بار.ئەنخۇخۇدىكى قارلۇقلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ بىرلەشمە كۈچلىرى بىلەن بولغان جەڭدە ئۇيغۇر قۇشۇنى يىراقنى كۆرەرلىك پىلان بىلەن دۈشمەننىڭ <<يان تەرىپىدىن چىقتى...(ئۇلارنىڭ)يېرىمى ئالداندى،يېرىمى قورشالدى>>(رادولۇف ئەسىرى).ئۇيغۇر قۇشۇنى يەنە باشقىچە تاكتىكىلىق ئۇسۇللارنى قوللانغان: قۇشۇنلار بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يوتكەلگەن،دۈشمەنگە قوغلاپ زەربە بىرىلگەن ۋە باشقىلار.ئابىدە ھەددىدىن تاشقىرى مەدھىيە تۈسىدە يېزىلغان بولغاچقا،قۇتلۇقنىڭ قوماندانلىق قابىليەتلىرى ھەققىدە ھۆكۈم قىلماق تەس،شۇنىداقتىمۇ ئۇ مۇناسىپ تالانىت ۋە ئىرادىگە ئىگە بولغان دەپ ئويلاشقا بۇلىدۇ.چۈنكى ئۇ قىرغىزلار،قارلۇقلار،تىبەتلىكلەرنى جاپالىق جەڭلەردە يەڭگەن.(ي.خۇدياكوۋ:باۋيىمۇ ياكى قۇتلۇقمۇ).
قاغانلىقتىكى يۇقىرى ھوقوقنىڭ ئادىز قەبىلىسىدىن بولغان قۇتلۇقنىڭ قولىغا ئۆتۈشى ئىچكى نىزالارنى ئۆتكۈرلەشتۈرۋەتتى،ئۇيغۇر قۇشۇنىنىڭ پۇتۇنلۈكنى بوشاشتۇردى ۋە ئاخىرقى ھىساپتا قاغانلىقنى قىرغىزلارنىڭ زەربىسى ئاستىدا ھالاكەتكە ئېلىپ باردى.ئۇيغۇرلار تاڭ ئىمپىريىسىنىڭ شىمالىي چىگىرلىرىغا قاچقاندىن كېيىن كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش قىلالمايدىغان بولدى ۋە پەقەت يەرلىك كۆچمەن قەبىلىلەر بىلەن ئۇششاق تۇقۇنۇشلارغىلا قاتناشتى،جۇڭگۇنىڭ چىگرا رايۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ تۇردى(ئا.مالياۋكىن:9-12-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى).ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تەركىبىدە بولغان تېلې قەبىلىلىرى بىلەن قىرغىزلارنىڭ ئۇرۇش مەيدانى 9-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا شەرقىي تۈركىستانغا (ئەسلى كىتاپتا شۇنداق)يۆتكەلدى(يۇ.خۇدياكوۋ:يىنسەي قىرغىزلىرىنىڭ قوراللىرى).
مەنبە:مەركىزىي ئاسىيا كۆچمەنلىرىنىڭ قورال-ياراغلىرى ۋە ئۇرۇش سەنئىتى
No comments:
Post a Comment