ھىندىستانلىق داڭلىق ئىسلاھاتچى،《زورلۇق كۈچسىز قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتى》نىڭ باشلامچىسى،ھىندىستان جۇمھۇريىتىنىڭ قۇرغۇچىسى گەندىنىڭ《مەن ھەقىقەتنى قانداق تونۇدۇم》دېگەن ئەسىرىنى ئۇقۇغاندىن كىيىن مەن نۇرغۇن تەسىراتلارنى ئالدىم،ئۇنىڭ ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ،نۇرغۇنلىغان ھاقارەتلەشلەرگە بويسۇنۇپ،ھىندىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ئوقۇپ،بۇ دەۋىردىكى قىيىنچىلىق كۆزۈمگە قىيىنچلىق ئەمەستەك بىلىندى.
ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى گەندىنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى بولدى،ئۇ ئەينى چاغدىكى ھىندىستان جەمئىيىتىنىڭ ھالاكىتىنى ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن بولغان دەپ قارىغان ۋە كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىنى ۋە تازلىق ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلىغان.
ئۇنىڭ بۇ تەرجىمھال خاراكتىرلىك ئەسىرى مىنىڭ ھەقىقەتنى تونۇشۇمغا كۆپ ياردەم بەردى...
بۇ كىتابنى ئوقۇپ ئۆزۈم ئۈستىدە كۆپ ئويلاندىم،ئويلاپ باقسام مەندە نۇرغۇنلىغان كەمچىلىكلەر بارئىكەن،ھورۇنلۇق مىنىڭ قان–قىنىمغا سىڭىپ كەتكەنتى،مەن جاپا تارىتماسلىق ئۈچۈن باشقا كىشىلەرگە نۇرغۇن يالغان سۆزلەرنى قىلدىم.
ئەمەلىيەتتە بۇ دۇنيادا نەدىمۇ بەدەل تۆلىمەي تۇرۇپ بىر نەرسىگە ئىرىشكىلى بولسۇن؟
ئۆزۈمنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇش ھاياتىمنى ئويلاپ ،جاپاكەش دادامغا نەقەدەر يۈز كىلەلمەيدىغانلىمنى ھىس قىلدىم،توغرا ئۆزۈمگىمۇ يۈز كىلەلمەيمەن،لىكىن مەن ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلىشىم كېرەك،بۈگۈن تۇنجى قىتىم ئالتە سائەت ئۆگىنىشنى قارار قىلدىم.
بۇرۇن قىلغان ئىشلىرىمغا چوڭقۇر پۇشايمان قىلدىم ھەمدە بەزى ئادەملەردىن ئوچۇق ئاشكارە كەچۈرۈم سوراشنى لايىق تاپتىم.
ئوقۇش پۈتتۈرۈشىمگە بىر يىل ۋاقىت قالدى،بۇرۇنقى ئۆتكۈزگەن خاتالىقىمدىن ئىبرەت ئىلىپ،خاتالىقىمنى تۈزىتىشكە تىرىشىمەن،
ئەڭ چوڭ كەمچىللىكىمنىڭ ئۆز–ئۆزۈمنى بەك ئەركىن قويۇۋەتكەنلىكى،ئۆز–ئۆزۈمنى چەكلىمىگەنلىكىنى ھىس قىلدىم،خۇدايىم بۇيرۇسا بۇندىن كىيىن نۇرغۇن ئىشلاردا ئۆزۈمنى چەكلەپ،ئالغا باسىمەن.
2009-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى

No comments:
Post a Comment