2009-06-07

مۇھەببەتمۇ شەرىت-شارائىتقا مۇھتاج


مەن ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ مىنى خاتا چۈشىنىپ قىلىشىنى خالىمايمەن،لىكىن بەزى چاغلاردا باشقىلارنىڭ مىنى خاتا چۈشىنىپ قىلىشىمۇ ياخشى ئىشكەن...

مەن دىلنۇر بىلەن ئىمتىھان ۋاقتىدا تونۇشۇپ قالغانتىم،ئىككىمىز بىر يەردە ئولتۇرغان ئىدۇق،كىيىن ئۇ ‹سىز ئابدۇخېلىل مۇ؟› دەپ سورىدى،لىكىن مەن يەنىلا ئۇنى تونۇمىغانتىم،بىردەم ئۆتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ مېنىڭ تولۇقسىزدىكى ساۋاقدىشىم ئىكەنلىكى ئىسىمگە كەلدى.

ئۇچىرىشىش مانا مۇشۇنداق باشلاندى،بىر كۈنى كەچتە دەرىستىن چۈشكەندىن كىيىن ،ئۇنىڭغا تىلفۇن بىرىپ ئۇنىڭ پاراڭلاشقۇم بارلىقىنى ئىيىتتىم،ئۇمۇ سەل ئىككىلەنگەن ھالدا قوشۇلدى،راستىنى ئىيىتسام بۇ ئۇچىرىشىش ماڭىمۇ غەلىتە بىلىنگەنىدى،چۈنكى قايتا تونۇشۇپ ئىككى كۈن بولار-بولمايلا ئۇنى پاراڭلىشايلى دەپ چاقىرىشىم ھەر قانداق قىز بالىنى ئىككىلەندۈرەتتى.شۇ قىتىم مەن دىلنۇر بىلەن ئالاھىزەل بىر سائەتتەك پاراڭلاشتىم،ناھايىتى كۆڭۈللۈك پاراڭلاشتۇق.
كىيىن مەن دىلنۇرنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ۋە ئۇنىڭغا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلدىم،لىكىن ئۇ ئىزچىل بۇ سىزنىڭ خاتا تۇيغۇڭىز دەپ تۇرۇۋالدى،مەن يەنە قايتا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلغاندا ئۇ ‹ئىككىمىزنىڭ مۇھەببەتلىشىشى مۇمكىن ئەمەس› دېدى،شۇنىڭدىن كىيىن مەن ئۇنىڭغا قايتا ‹مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن› دېگەن سۆزنى دېمىدىم.
ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن دائىم بىرگە يۈرۈشنى ئويلايتتىم،لىكىن ئۇنىڭ ۋاقتى دائىم ۋاقتى چىقمايتتى،بارغانسىرى ئۇنىڭغا دەيدىغان گەپ تاپالماس بولۇپ قالدىم،ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقتى قىس ئادەمگە يەنە سىزنىڭ ۋاقتىڭىز بارمۇ دەپ سوراشتىن خىجىل بولدۇم.
كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دىلنۇرنى سىغىنىشىم تىخىمۇ كۈچەيدى،لىكىن بىر قىز مىنى پەقەتلا ياخشى كۆرمىگەن شارائىت ئاستىدا، ئۇنىڭغا تىخىمۇ يىپىشۋالسام،ئۇنىڭغا كۈندە تىلفۇن ئۇرۇپ ئاۋارە قىلسام بولمايتتى،شۇڭا كۈنۈمىنى بىر سىكۇنىتمۇ بىكار ئۆتكۈزمەي ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتتۈم،بۇنداق تۇرمۇش چارچاش ئىچىدە ئۆتسىمۇ مەنىلىك ئۆتەتتى.
ئاخىرى مەن ئۇنىڭغا ‹مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن›دېگەن سۆزنى قىلغانلىقىمغا پۇشايمان قىلغانلىقىمنى ئىيىتتىم،ئۇ سەۋەبىنى سورىدى،مەن ئۇنىڭغا ‹مەن ئەگەر سىزنىڭ مىنى ياخشى كۆرىشىڭىزنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلگەن بولسام بۇ سۆزنى ھەرگىزمۇ ئىغىزىمدىن چىقارمايتتىم›دېدىم ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭغا ‹مەن سىزنى بۇدىن كىيىن ئىزدىمەيمەن،خۇددى بۇرۇنقىغا ئوخشاش › دېدىم،ئۇ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ مەندىن ئىنتايىن ئەپسۇسلاندى...
ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرىكىمدىكى گەپلەر ئەمەس،ئادەم ئۆزى چىن يۈرىكىدىن سۆيگەن ئادىمىگە قانداقمۇ ‹مەن سىزنى ئەمدى ئىزدىمەيمەن› دېسۇن؟
مەن دىلنۇرنىڭ مېنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىگە قىلچە خاپا بولمايمەن ھەمدە مېنى بىر قىزنىڭ ياخشى كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۆچ بولمايمەن.بىراق مەن كىشىلەرنىڭ ماڭا بىزارلىق نەزىرى بىلەن ماڭا قارىشىدىن ئەڭ قورقىمەن،بۇنداق چاغدا خۇددى ئۇ مىنى ھاقارەتلەۋاتقاندەك ھىس قىلىپ ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ كىتىمەن.شۇڭا مەن بەزى ئىشلاردىن ئۆزۈمنى تارتىشىپ كېرەك.
ئادەم ئۆزىنى ھەسسىلەپ قەدىرلىگەندىلا ۋە سۆيگەندىلا،باشقىلارمۇ ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەيدۇ.
مەن دىلنۇرنى ياخشى كۆرىمەن،لىكىن ھازىر بۇ ھالىتىم بىلەن ئۇنىڭغا يەنە ‹مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن›دېگۈم يوق.....

No comments: