2009-05-09

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان


سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى ئاتۇش شەھرى سۈنتاغ يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تۇز سىزىق ئارلىقى بىر يېرىم كىلومېتىر كىلدىغان مەشىھەد كەنتىگە جايلاشقان.
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان_ ئېلىمىزنىڭ تاڭ دەۋرىدە قاراخانىلار دۆلىتىنى قۇرغۇچى بىلگە كۆل قادىرخاننىڭ (ئۈچىنچى ئەۋلاد5-چوڭ خان) ، تۇنجى قېتىم ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ئۇيغۇر خانى . ئۇ مىلادى 932-يىللىرى خانلىق تەختىگە ئولتۇرغان.مىلادى 955-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ،ھازىرقى ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۈنتاغ يېزا مەشھەد كەنتىگە دەپنە قىلىنغان ۋە ئىسلام دىنى ئۆرپ-ئادىتى بويىچە قەبرىگاھ ياسالغان.

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قەبرىگاھى 10 ئەسىر مابەينىدە كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنغان ۋە ياسالغان. ھازىرقى قەبرىگاھ ياساپ ئەسلىگە كەلتۇرۇلگەندىن كېيىنكى قەبرىگاھ بولۇپ ئۇ ئەنگىليە بۇيۇك بىرتانىيە مۇزىيدا ساقلىنىۋاتقان ،1875-يىلى ئەنگلىيىلىك ئالىم تەرپىدىن تارتىلغان فۇتۇ سۈرىتى بىلەن سىزما رەسىمنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا ئاساسەن قايتا سېلىنغان . قۇرلۇش 1995-يىلى 7-ئاينىڭ8-كۈنى باشلىنىپ 1998-يىلى 11-ئايدا پۇتكەن .
قەبرىگاھ گۇمبەز تورۇسلۇق ۋە تۈز تورۇسلۇقتىن ئىبارەت ئىككى خىل بىناكارلىق شەكلى ئۆز ئارا بىرلەشتۇرۇلگەن.
قەبىگاھنىڭ بىرىنجى قەۋتىنىڭ ئىچى كەڭ ،ئېگىز ۋە يورۇق بولۇپ ،تورۇسى بىر چوڭ گۈمبەز ،8 كىچىك گۈمبەز ۋە بىر نەچچەتۇز تورۇستىن تەشكىل تاپقان . سۇتۇق بۇغراخانىڭ قەبرىسى قەبرىگاھنىڭ بىرىنجى قەۋىتىنىڭ ئەوتتۇرىسىغا جايلاشقان. بىرىنچى قەۋەتنىڭ 4 تېمىغا پەنجىرلىك چوڭ دەرىزە ئېچىلغان ، بۇ قەۋەتنىڭ غەرب تەرپىنىڭ ئىككى بۈلۇڭىغا چىقىدىغان پەلەمپەي قويۇلغان ، ئىككىنچى قەۋەتتە بولسا ئۆگزىگە چىقىدىغان ياغاچ شوتا ئورنىتىلغان . قەبرىگاھنىڭ ئۆگزىسىدە چوڭ گۈمبەز بار . قەبرىگاھنىڭ سىرتقى تېمىدا توققۇز دانە ئەگمە تەكچە ،ئەگمە تەكچە ئوتتۇرىسىدا ياغاچ پەنجىرلىك دەرىزە بولۇپ ،ئۇنىڭ ئىشكى شەرىق تەرەپكە قارتىپ ئېچىلغان .
قەبرىگاھنىڭ تۆت بۇرجىكىدە تۆت مۇنار ، ئاستىدا 1.08 مېتىر ئېگىزلىكتە سۇپىسى بولۇپ ،پۈتۈن قۇرۇلۇش چىرايلىق ۋە كۆركەم.
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قەبرىگاھى خىش-بىتون قۇرۇلمىلىق ،سىرتقى تام يۈزى ،چوڭ گۈمبەز سىرتى قاتارلىقلارغا قەدىمكى كاھىشلارغا ئوخشىتىپ ياسالغان كاھىشلار چاپلانغان.
سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخان دەپىن قىلىنغان ئورۇننىڭ ھازىرقى يۇرت نامى مەشھەد . مەشھەدنىڭ 1000يىلدىن بۇيانقى ئەسلى تولۇق نامى ئاتىلىشى << ماھى شەھىد >> - جەننەتكە سازاۋەر كىشىلەر، ئەڭ ئىسىل شېھىتلىك، ئىسلام يولىدا قۇربان بولغان خان ئەۋلاتلىرى شېھىتلىكى، غازات يولىدا پىدا بولغان شېھىتلىك دىگەن مەنالارنى بەرگەندىن باشقا ، سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخاننى ئىسلامغا مۇيەسسەر قىلغان ئەبۇناسىر سامانىي مەقبەرىسى ھۆرمىتىدە ۋە ئۇلۇق خاقانىمىزنى مەڭگۈلىك ئەسلەش يۈزىسىدىن بولسا كېرەك كىيىنكى ۋاقىتلاردا << سۇلتانەم مازىرى>>دەپمۇ ئاتالغان.

No comments: