2009-05-09

دائۇدېت-ئەڭ ئاخىرقى دەرس

ئاشۇ كۈنى ئەتىگەندە، مەكتەپكە ناھايىتى كېچىكىپ باردىم، كۆڭلۈمدە خەنمەير ئەپەندى تىللايدىغان بولدى، دەپ ناھايىتى قورقتۇم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بىزدىن پېئىلنىڭ تۈرلىنىشىنى سورايدىغانلىقىنى ئېيىتقانىدى، لېكىن مەن ھېچنىمە دەپ بېرەلمەيتتىم. شۇڭا مەكتەپكە بارماي، دالاغا چىقىپ ئويناپ كېلەيچۇ، دېگەن نىيەتكە كەلدىم.
ھاۋا شۇ قەدەر ئىللىق، شۇ قەدەر سۈزۈك ئىدى!
بۇلبۇللار ئورمان چېتىدە يېقىملىق، چاك- چاك سايرايتتى؛ تاختاي تىلىش زاۋۇتىنىڭ كەينىدىكى چىملىقتا پرۇسىيە ئەسكەرلىرى مەشىق قىلىۋاتاتتى. بۇ مەنزىرىلەر پېئىلنىڭ تۈرلىنىشىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە قارىغاندا خېلىلا قىزىقارلىق ئىدى؛ لېكىن مەن يەنىلا ئۆزۈمنى تۇتۇپ، شۇ ھامان مەكتەپكە قاراپ يۈگۈردۈم.
بازار مەھكىمىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئېلان تاختىسى ئالدىدا تۇرغانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۇرۇستىكى مەغلۇبىيەت، سېلىنغان ئالۋان- ھاشارلار، قوماندانلىق شىتابىنىڭ ھەر خىل بۇيرۇقلىرى قاتارلىق يامان خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇ يەردىن تارقىلاتتى. مەن توختىماي يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ ئىچىمدە: «يەنە نېمە ئىش بولغاندۇ» دەپ ئويلىدىم.
تۆمۈرچى خۇاشىتمۇ شاگىرتى بىلەن بىللە كىشىلەر ئارىسىغا قىستىلىپ كىرىپ ئېلاننى كۆرۈۋاتاتتى. ئۇ مېنىڭ مەيداندا يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ، ماڭا ۋارقىرىدى:
ــ ئۇنچىۋالا تېز يۈگۈرۈشۈڭنىڭ ھاجىتى يوق ئوغلۇم، سەن مەكتەپكە بەرىبىر ھامان ناھايىتى بالدۇر بارىسەن!
مەن، ئۇ ماڭا چاقچاق قىلىۋاتسا كېرەك، دەپ ئويلاپ، ھاسىرىغىنىمچە يۈگۈرۈپ خەنمەير ئەپەندىنىڭ كىچىككىنە ھويلىسىغا يېتىپ كەلدىم.

ئادەتتىكى كۈنلەردە، مەكتەپتە دەرس باشلاش ۋاقتىدا ھامان بىر پەس ۋاراڭ- چۇرۇڭ بولاتتى، بۇ كوچىغىمۇ ئاڭلىناتتى. پارتىنى ئاچقان ۋە ياپقان ئاۋازلار، ۋاراڭ- چۇرۇڭدىن قۇلقىنى ئېتىۋېلىپ كۆپچىلىكنىڭ ۋارقىراپ دەرس يادلاشلىرى... ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇئەللىمنىڭ قولىغا تۆمۈر پالاقنى ئېلىپ، پارتىغا تاقىلدىتىپ ئۇرۇپ: «تىنچ ئولتۇرۇڭلار، پەسرەك ئاۋازدا ئوقۇڭلار...» دەپ ۋارقىراشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
مەن ئاشۇ ۋاراڭ- چۇرۇڭدىن پايدىلىنىپ ئۆز جايىمغا غىپپىدە ئۆتۈۋالارمەن، دەپ خىيال قىلغاندىم؛ لېكىن ئاشۇ كۈنى ھەممە يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندىكىدەك جىمجىتلىققا چۆككەنىدى. مەن ئوچۇق دېرىزىدىن ساۋاقداشلارنىڭ ئۆز ئورنىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم؛ خەنمەير ئەپەندى بولسا ئۇياقتىن- بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى، قولتۇقىدا قىشىنى چۆچۈتىدىغان ھېلىقى تۆمۈر پالاق بار ئىدى. مەن نائىلاج ئىشىكنى ئېچىپ، ھەممەيلەننىڭ كۆزىچىلا جىمجىتلىققا چۆككەن سىنىپقا كىردىم. سىلەر شۇ چاغدا مېنىڭ يۈزۈمنىڭ قانچىلىك دۈپۈلدەپ كەتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىڭلار مۇمكىن!
لېكىن ھېچقانداق ئىش بولمىدى. خەنمەير ئەپەندى مېنى كۆرۈپ، ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن:
ــ تېز جايىڭغا ئولتۇر شاكىچىك فرانىس، سېنى كۈتمەيلا دەرسنى باشلاۋەردۇق.- دېدى.
مەن ئورۇندۇقنى ئاتلاپلا جايىمغا ئولتۇردۇم. يۈرىكىم بىرئاز جايىغا چۈشۈپ تىنچلانغاندىن كېيىنلا، مۇئەللىمىمىزنىڭ بۈگۈن ھېلىقى ناھايىتى چىرايلىق بايراملىق مايسىرەڭ كىيمىنى كىيىپ، بوينىغا گىرۋەك چىقىرىلغان گالىستۇك تاقاپ، بېشىغا چۆرىسى كەشتىلەنگەن كىچىككىنە قارا يىپەك شىلەپە كېيىۋالغانلىقىنى بايقىدىم. ئۇ بۇ كېيىملىرىنى مۇپەتتىش مەكتەپكە كېلىپ كۆزدىن كەچۈرگەن ياكى مۇكاپات تارقاتقان كۈنلەردىلا كېيەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن پۈتكۈل سىنىپنى ئادەتتە كۆرۈلمەيدىغان ئاجايىپ جىددىيلىك قاپلىغانىدى. مېنى ھەممدىن بەك ھەيران قالدۇرغىنى، ئارقا تەرەپتىكى ھامان بوش تۇرىدىغان بىر نەچچە قاتار ئورۇندۇقلاردا بازاردىكى بىر مۇنچە ئادەملەر ئولتۇراتتى، ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش سۈكۈتكە چۆككەنىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچ قىرلىق قالپىقىنى كىيىۋالغان خاۋسۇ بوۋاي، ئىلگىرىكى بازار باشلىقى، ئىلگىرىكى پوچتىكەش يەنە بەزى باشقا ئادەملەرمۇ بار ئىدى. ھەممەيلەننىڭ چىرايىدىن غەم- قايغۇ چىقىپ تۇراتتى. خاۋسۇ بولسا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ چەتلىرى يىرتىلىپ كەتكەن بىر ئوقۇش كىتابىنىمۇ ئالغاچ كەلگەنىدى. ئۇ كىتابنى ئېچىپ تىزىغا قويۇۋالغان، كىتابنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ چوڭ كۆزەينىكى توغرىسىغا ياتاتتى.
مەن بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ تۇرغىنىمدا خەنمەير ئەپەندى ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ، بايا ماڭا سۆزلىگەندىكىدەك، مۇلايىملىق ۋە جىددىيلىك بىلەن بىزگە سۆزلەشكە باشلىدى:
ــ بالىلىرىم، بۇ سىلەرگە ئۆتىۋاتقان ئاخىرقى دەرسىم. بېرلىندىن ئىلزاس ۋە لوتارنگىيدىكى مەكتەپلەردە نېمىس تىلىنى ئۆتۈشكىلا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا بۇيرۇق كەلدى. يېڭى ئوقۇتقۇچى ئەتىلا يېتىپ كېلىدۇ. بۈگۈن سىلەرگە ئاخىرقى بىر سائەتلىك فرانسۇز تىلى دەرسىنى ئۆتىمەن، سىلەرنىڭ كۆپرەك كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى. ئاھ، ھېلىقى ئەبلەخلەرنىڭ بازار مەھكىمىسىنىڭ ئېلان تاختىسىغا چاپلىغىنى مۇشۇ گەپ ئىكەن- دە!
مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر سائەتلىك فرانسۇز تىلى دەرسىم ئىكەن بۇ! مەن تېخى ماقالە يېزىشنىمۇ تۈزۈك ئۇقمايمەن! ئەمدى مېنىڭ فرانسۇز تىلىنى ئۆگىنىشىمگە ئىمكانىيەتمۇ يوق ئىكەن- دە! بۇنىڭغا بوپتىلا دېيىشكە بولامدۇ؟ مەن بۇرۇن ئوبدان ئۆگەنمەي، دەرستىن قېچىپ قۇشقاچ ئۇۋىلىرىنى ئىزدەپ يۈرگەن، سائار دەرياسىغا بېرىپ سۇ ئۈزگەنىدىم... مۇشۇلارنى ئەسلەپ، قاتتىق پۇشايمان قىلدىم! مەن تېخى ھېلىلا گرامماتىكا، تارىخ قاتارلىق دەرسلىكلىرىمنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشنى ئېغىر كۆرۈپ، بىزار بولغانىدىم. ئەمدىلىكتە، بۇلار خۇددى قەدىناس دوستلىرىمدەك بۇلاردىن ئايرىلغۇم كەلمەيۋاتىدۇ، خەنمەير ئەپەندىگىمۇ شۇنداق. ئۇ كېتىدىغان بولدى، ئۇنى يەنە قايتا كۆرەلمەيمەن! مۇشۇلارنى خىيال قىلىپ، ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن جازالىرىنى، پالاقتا يىگەن تاياقلىرىمنى ئۇنتۇدۇم.
بىچارە ــ بايقۇش!
ئۇ مۇشۇ ئاخىرقى دەرسنى خاتىرلەش ئۈچۈن بايراملىق چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپتىكەن! بازاردىكى بوۋايلارنىڭ نېمە ئۈچۈن سىنىپقا كېلىپ ئولتۇرغانلىقىنى مانا ئەمدى چۈشەندىم. بۇ ماڭا ئۇلارنىڭمۇ ئۆز ۋاقتىدا مەكتەپكە پات- پات كېلىپ تۇرمىغانلىقىغا ئۆكۈنگەنلىكىنى ئۇقتۇرغاندەك بولدى. ئۇلار گويا مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن مۇئەللىمىمىزنىڭ سەمىمىي- ساداقەتلىك بىلەن 40 نەچچە يىل ئىشلىگەن خىزمىتىگە تەشەككۈر ئېيتىۋاتقاندەك، قولدىن كېتىش ئالدىدا تۇرغان زېمىنىمىزغا بولغان ئىززەت- ئېھتىرامىنى بىلدۈرىۋاتقاندەك قىلاتتى.
مۇشۇلار خىيالىمدىن كېچىۋاتقاندا بىردىنلا مۇئەللىم مېنى چاقىرىپ قالدى. يادلاش نۆۋىتى ماڭا كەلگەنىدى. ئاھ خۇدا، ئەگەر قېيىنلىقتا داڭق چىقارغان پېئىلنىڭ تۈرلىنىشىنىڭ قوللىنىلىشىنى جاراڭلىق، ئېنىق ۋە قىلچە خاتاسىز ھالدا باشتىن- ئاخىر ئېيتىپ بېرەلەيدىغان بولسام، بۇنىڭ بەدىلىگە ھەر قانداق نەرسىنى قۇربان بېرەتتىم، لېكىن باشتىلا بىر نەچچە سۆزنى ئارلاشتۇرۇپ قويۇپ گاڭگىراپ قالدىم، مەن نائىلاج ئۇياقتىن- بۇياققا ئىرغاڭلاپ، كۆڭلۈم قاتتىق بىئارام بولۇپ، بېشىمنىمۇ كۆتۈرەلمىدىم. خەنمەير ئەپەندىنىڭ ماڭا سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم:
ــ مەن سېنىمۇ ئەيبلىمەيمەن، شاكىچىك فرانىس، ئۆزۈڭمىغۇ خېلىلا بىئارام بولۇۋاتىسەن، شۇمۇ كۇپايە. ھەممەيلەن ھەر كۈنى: « ۋاي بولدىلا، ۋاقىت بارغۇ، ئەتە ئۆگەنسەممۇ كەچ ئەمەس» دەپ ئويلىشىدۇ. ئەمدى نەتىجىمىزگە قاراپ باقايلىچۇ. ھەي، ئۆگىنىشنى دائىم ئەتىگە قالدۇرۇش ئىلزاسلىقلارنىڭ ئەڭ چوڭ بەختسىزلىكى. ئەمدى ھېلىقى ئەبلەخلەر بىزگە: « قانداق؟ سىلەر ئۆزۈڭلارنى تېخى فرانسۇز دەيسىلەر، ھەتتا ئۆزۈڭلارنىڭ تىل- يېزىقىنى ئۇقمايسىلەر! ...» دېسە، ھەقلىق. بىراق، بىچارە شاكىچىك فرانىس، بۇ سېنىڭلا سەۋەنلىكىڭ ئەمەس، بىز ھەممەيلەننىڭ ئۆزىمىزنى ئەيىبلەشكە تېگىشلىك نۇرغۇن جايلىرىمىز بار.
ــ سىلەرنىڭ ئاتا- ئاناڭلار ئۆگىنىشىڭلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئۇلار كۆپرەك پۇل تېپىش ئۈچۈن، سىلەرنى كىتابىڭلارنى تاشلاپ، ئېتىزغا، يىپ ئىگىرىش فابرىكىسىغا بېرىپ ئىشلەشكە ئەۋەتىدۇ. مەنچۇ، مېنىڭ ئۆزۈمنى ئەيىبلەشكە تېگىشلىك جايلىرىم يوقمۇ؟ مەن سىلەرنى پات- پاتلا دەرسىڭلارنى تاشلاپ گۈللىرىمنى سۇغىرىشقا سالمىدىممۇ؟ مەن بېلىق تۇتۇشقا چىققان چاغدا، سىلەرنى بىراقلا بىر كۈن قويۇۋەتمىدىممۇ؟...
ئارقىدىن، خەنمەير ئەپەندى ئۇ ئىش- بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ كېلىپ، فرانسۇز تىلى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: فرانسۇز تىلى ھەممىدىن چۈشىنىشلىك، ھەممىدىن توغرا، دۇنيا بويىچە ئەڭ چىرايلىق تىل؛ ئۇ يەنە مۇنۇلارنى ئېيىتتى: بىز ئۇنى قەلبىمىزدە ساقلىشىمىز، ئۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم، دۆلىتى مۇنقەرز بولۇپ، قۇل قىلىنغان خەلق ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى يادىدا چىڭ ساقلىسىلا، تۈرمە دەرۋازىلىرىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچقا ئىگە بولغاندەك بولىدۇ. ئۇ مۇشۇلارنى دەپ بولۇپ، كىتابىنى ئېچىپ گرامماتىكىنى ئۆتتى. ئاجايىپ ئىش، بۈگۈن ئۇنىڭ ئۆتكەن دەرسىنى تولۇق چۈشەندىم. ئۇنىڭ سۆزلىگەنلىرى ناھايىتى ئاسان، بەكمۇ ئاساندەك تۇيۇلدى. مەن ئۆزۈمنى دەرسنى ھېچقاچان مۇنچىلىك كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىمىغاندەك، ئۇمۇ ھېچقاچان مۇنچىلىك سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرمىگەندەك ھېس قىلدىم. بۇ بىچارە ئادەمنىڭ ئۆزى بىلىدىغان بەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئايرىلىشتىن ئىلگىرى بىزگە ئۆگىتىپ قويغۇسى، مېڭىمىزگە بىراقلا قۇيۇپ قويغۇسى كېلەتتى.
گىرامماتىكا دەرسى ئۆتۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، بىزگە خەت يېزىش مەشىقى دەرسىمۇ ئۆتۈلدى، شۇ كۈنى، خەنمەير ئەپەندى بىزگە يېڭى خۇش خەت ئۈلگىسى تارقىتىپ بەردى، ئۈلگىدە «فرانسىيە»، «ئىلزاس»، دېگەن چىرايلىق دۈگىلەك شەكىللىك خەتلار بار ئىدى. بۇ خەت ئۈلگىلىرى پاترىمىزنىڭ تۆمۈر دەستىسىگە ئېسىلغان بولۇپ، خۇددى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ كىچىك بايراقلىرى سىنىپتا لەپىلدەۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ھەممەيلەن شۇنچىلى دېققەت بىلەن بېرىلىپ خەت مەشىقى قىلاتتى، سىنىپ ئاجايىپ جىمجىتلىققا چۆككەن! قەلەمنىڭ قەغەز ئۈستىدە شىتىرلىغان ئاۋازىلا ئاڭلىناتتى. بەزىدە ئالتۇن قوڭغۇزلار ئۇچۇپ كىرسىمۇ، ئۇلارغا ھېچكىم پەرۋا قىلمايتتى، ئەڭ كىچىك بالىلارمۇ دېققىتىنى بۇزمايىتتى، ئۇلار تاياق سىزىقلارنىمۇ خۇددى بۇلار فرانسۇز خېتى ھېسابلىنىدىغاندەك ئىخلاس بىلەن زېھىن قويۇپ سىزاتتى. ئۆگزىدىكى كەپتەرلەر گۇ- گۇلاپ پەس ئاۋازدا سايرايتتى. «ئۇلار بۇ كەپتەرلەرنىمۇ نېمىس تىلىدا سايراشقا مەجبۇرلىماس!» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
مەن ھەر قېتىم بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىساملا، خەنمەير ئەپەندىنىڭ ھامان ئورۇندۇقتا قىمىر قىلماي ئولتۇرۇپ، بۇ كىچىككىنە سىنىپتىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە كۆزى قىيماي، ئۇلارنى ئېلىپ كەتكۈسى كېلىۋاتقاندەك تىكىلىپ قاراپ تۇرغانلىقىغا كۆزۈم چۈشەتتى. 40 يىلدىن بۇيان ئۇ ئىزچىل ھالا مەشەدە ياشىدى، دېرىزە سىرتىدا ئۇنىڭ كىچىككىنە ھويلىسى، كۆز ئالدىدا ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى؛ ئۇزۇن يىللار ئىشلىتىلگەن پارتا- ئورۇندۇقلار سۈركىلىپ پارقىراپ ۋە ئۇپراپ كەتكەن؛ ھويلىدىكى ياڭاق دەرىخى ئېگىز ئۆسكەن؛ ئۇ ئۆز قولى بىلەن تىككەن پىچەك گۈلى بۈگۈنكى كۈلدە دېرىزىنى ئايلىنىپ ئۆگزىگىچە ياماشقانىدى. بىچارە ئادەم مانا مۇشۇلارنىدا ئويلىغاندا، ئەمدى مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغاندا قانداقمۇ ئۇنىڭ كۆڭلى بۇزۇلمىسۇن؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتە ئۇياقتىن- بۇياققا مېڭىپ يۈك- تاقىلارنى يىغۇشتۇرىۋاتقانلىقى ئاڭلىنىپ تۇراتتى! ئۇلار ئەتە بۇ يەردىن مەڭگۈگە ئايرىلاتتى.
لېكىن، ئۇنىڭ بۈگۈنكى دەرسلەرنى ئاخىرىغىچە ئۆتۈپ بولۇشقا چىدايدىغان غەيرىتى بار ئىدى. خەت مەشىقى دەرسى تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە بىر سائەت تارىخ ئۆتتى. ئارقىدىن باشلانغۇچ سىنپلارغا «با، بې، بى، بو، بۇ» بوغۇملىرىنى قوشۇپ ئوقۇشنىمۇ ئۆگەتتى. سىنپنىڭ ئارقا قاتارىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان خاۋسۇ بوۋاي كۆزەينىكىنى تاقاپ، ئىككى قولىدۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش كىتابىنى تۇتۇپ، بۇ ھەرپلەرنى ئۇلارغا ئەگىشىپ قوشۇپ ئوقۇيتتى. ئۇ ھاياجانلانغانلىقتىن ئاۋازىمۇ تىترەپ چىقاتتى. ئۇنىڭ غەلىتە ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ھەم كۈلگىمىز كېلەتتى، ھەم كۆڭلىمىز يېرىم بولاتتى. ئاھ! بۇ ئاخىرقى دەرسنى مەن ھەقىقەتەن مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن!
بىردىندا چىركاۋنىڭ سائىتى 12 قېتىم سوقتى، ئىبادەت قىلىش ۋاقتىنىڭ قوڭغۇرىقىمۇ جاراڭلىدى. تاشقىرىدىن پىرۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كاناي ئاۋازىمۇ ئاڭلاندى ــ ئۇلار مەشىقتىن چۈشكەنىدى. خەنمەير ئەپەندى ئورنىدىن تۇردى، ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەنىدى، ئۇ ماڭا ھېچقاچان مۇنداق بەستلىك- گىگانت كۆرۈنمىگەنىدى.
ــ مېنىڭ دوستلىرىم،- دېدى ئۇ،- مەن... مەن... ،- لېكىن ئۇ دېمى سىقىلىپ سۆزلىيەلمەي قالدى.
ئۇ بۇرۇلۇپ قارا تاختىغا قاراپ، قولىغا بور ئېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن چوڭ- چوڭ قىلىپ:
ــ ياشىسۇن فرانسىيە! ــ دېگەن خەتلەرنى يازدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بېشىنى تامغا يۆلەپ، شۇ جايىدا تۇرۇپ قالدى، لام- جىم دېمەي، بىزگە قول ئىشارىسىلا قىلدى:
ــ دەرس تۈگىدى، سىلەر قايتىڭلار...

No comments: