ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر تارىخچىسى سىما چىيەن ئۆزىنىڭ "تارىخنامە" ناملىق كىتاۋىدا شەرق ئەدىبىيات تەرەققىيات تارىخىدىكى مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولغان "باتۇر تەڭرىقۇت (مودۇن چەنيۈ ) توغرىسىدىكى رىۋايەت " نى قىسىقىچە خاتىرلەپ قالدۇرغان .
تارىخنامە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ماتىرىياللاردىن مەلۇم بولىشىچە ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 3 - ئەسىرلەردە ھونلار قۇدرەتلىك بىر دۆلەت قۇرغان بولۇپ ، ئۇنىڭغا تۈمەن تەڭرىقۇت ئىسىملىك بىر كىشى پادىشا ئىكەن .تۈمەن تەڭرىقۇت ئۆزىنىڭ چوڭ خوتۇنىدىن بولغان ئوغلى باتۇرنى ئۆزىگە ۋەلى ئەھدى (تەخت مىراسخورى) قىلىپ تەيىنلەيدۇ . بىراق ئارىدىن ئانچە ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي تۈمەن تەڭرىقۇت بۇ قارارنى بىكار قىلىپ تاشلاپ ، كىچىك خوتۇنىدىن بولغان ئوغلىنى ۋەلى ئەھدىلىككە تەيىنلىمەكچى بولىدۇ ؛ بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن چوڭ ئوغلى باتۇرنى ھازىرقى گەنسۇ ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇلۇغ ياۋچىلار ئېلىگە بارىمتا قىلىدۇ . چۈنكى ، قەدىمقى زامانلاردا ئەھدىنامە تۈزۈشكەن ئىككى دۆلەت بىرلىككە كەلگەن شەرتلىرىنىڭ بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن ئۆز شاھزادىلىرىدىن بىرسىنى خوشنا دۆلەتكە بارىمتا ھېساۋىدا تاپشۇرۇپ بېرىشەتتى ، تۈمەن تەڭرىقۇت باتۇرنى ياۋچىلار ئېلىگە بارىمتا سۈپىتىدە يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن ، كىچىك خوتۇنىدىن بولغان ئوغلىنى ۋەلى ئەھدى قىلىپ بېكىتىدۇ . بۇ ئىش باتۇرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغايدۇ . سىما چىيەننىڭ "تارىخنامە" سىدە يېزىلغان بايانلارغا قارىغاندا ، ئۇ دەۋرلەردىكى بارىمتا قىلىنغان شاھزادىلەرنىڭ ھاياتى ھەمىشە دېگۈدەك خەۋپكە دۇچ كېلىپ تۇرىدىكەن . چۈنكى ، تولا چاغلاردا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى ئەھدىنامە بۇزۇلغان ھامان ، بۇ بالىلارنىڭ كاللىسى ئېلىنىدىكەن . بۇ ئەھۋاللارنى ئېنىق چۈشەنگەن باتۇر سەگەكلىك بىلەن ئەھۋالنى كۈزىتىپ ، پەيتنى تېپىپ قېچىپ كېتىشكە تەييارلىنىپ تۇرىدۇ . ئارىدىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتۈپ ، ھونلار بىلەن ئۇلۇغ ياۋچىلار ئوتتۇرسىدىكى ئەھدىنامە بۇزۇلۇپ ، ئۇرۇش ۋەھىمىسى قاپلايدۇ . بۇنى سەزگەن باتۇر ئۇلۇغ ياۋچىلار نىڭ خاقانى مىنىدىغان يۈگۈرۈك ئاتقا مىنىپ قېچىپ كېتىدۇ . ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئۇلۇغ ياۋچىلار ئادەم تەشكىللەپ قوغلىغان بولسىمۇ ، باتۇرغا يېتىشەلمەيدۇ . باتۇر ھازىرقى گەنسۇنىڭ جاڭيىي دېگەن يېرىدىن قېچىپ ،نىڭشىئادىكى تەڭرى قۇملىغىنى بېسىپ ئۆتۈپ شەرققە قاراپ يول سالىدۇ . ئاخىرى ھونلارنىڭ لۈۋبالىق دېگەن پايتەختىگە (ھازىرقى كۆكخوت ئەتراپىغا) سالامەت يېتىپ كېلىدۇ . ئۆز پەرزىنتى باتۇرنىڭ زېرەك ، قەھرىمان ،قەيسەرلىكىنى كۆرگەن تۈمەن تەڭرىقۇت ئۇنىڭغا قايىل بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ھون ئاتلىق لەشكەرلىرىنى تەربىيلەش ئىشىنى باتۇرغا تاپشۇرىدۇ . بۇ خىل ئەۋزەل شارائىتقا ئېرىشكەن باتۇر پۈتۈن زېھنىنى ئىشقا سېلىپ ، ئاۋازلىق ئوقيانى ئىجاد قىلىدۇ . ئۆزى تەربىيلەۋاتقان ھون لەشكەرلىرىنى : "مەن مۇشۇ ئاۋازلىق ئوقيانى نىمىگە قارىتىپ ئاتسام ، سىلەرمۇ شەرتسىز شۇ نەرسىنى نىشانلاپ ئېتىڭلار ! ئەگەر بۇنىڭغا خىلاپلاق قىلىدىكەنسىلەر ، ھەممىڭلارنىڭ كاللىسىنى ئالىمەن : دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ . مەلۇم بىر كۈنى باتۇر ئاۋازلىق ئوقياسىنى ئۆزى مىنىدىغان ئاتقا قارىتىپ ئاتىدۇ ، ھون ئاتلىق لەشكەرلىرىنىڭ بۇ ياخشى ئاتنى ئېتىشقا كۆزى قىيماي تەمتىرەپ تۇرۇپ قىلىشىدۇ . باتۇر تەڭرىقۇت دەرھال بۇيرۇقنى ئورۇنلاشقا سۇسلىق قىلغان ھون ئاتلىقلىرىنىڭ بېشىنى ئالىدۇ . ئۇ يەنە يېنىدىكىلەرنى قاتتىق ئەگاھلاندۇرۇپ : "بۇنىڭدىن كېيىن كېمدە - كىم مەن ئاۋازلىق ئوقيا بىلەن نىشانلاپ ئاتقان نەرسىنى دەرھال ئاتمايدىكەن ، ئۇلارنىڭ تەقدىرى ھازىر بېشى ئېلىنغانلارنىڭ تەقدىرىگە ئوخشاش بولىدۇ " دەيدۇ . ئارىدىن ئانچە ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي ، باتۇر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان خوتۇنىنى نىشانلاپ ئاۋازلىق ئوقيانى ئاتىدۇ ، بۇ قېتىممۇ ھون ئاتلىق لەشكەرلىرى باتۇرغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماي ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭلا ئوقيا ئېيىشقا جۈر ئەت قىلالمايدۇ ، نەتىجىدە ھەممىسىنىڭ بېشى كېسىلىدۇ . ئىككى قېتىملىق قانلىق ۋەقەدىن كېيىن ساۋاق ئالغان ھون ئاتلىق كەشكەرلىرى ئاخىرى باتۇرنىڭ بۇيرىقىغا شەرتسىز ئىتائەت قىلىدىغان ھالەتكە كېلىدۇ . كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھون پادىشاسى تۈمەن تەڭرىقۇت كىچىك خوتۇنىنى ، ئوغلىنى ۋە ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئوردا ئەمەلدارلىرىنى ئېلىپ ئوۋغا چىقىدۇ . باتۇر بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ، ئاتىسىنى ، ئۆگەي ئانىسىنى ، ئۆگەي ئىنىسىنى ۋە ئۆزىگە ياقمايدىغان ئوردا بەگلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ . بۇ قېتىم باتۇرنىڭ ئاۋازلىق ئوقياسى نىمىگە قارىتىلىپ ئېتىلغان بولسا ، ھون ئاتلىق لەشكەرلىرىمۇ چاقماق تېزكىگىدە شۇ نەرسىگە قارىتىپ ئوقلارنى ياغدۇرىدۇ . شىنداق قىلىپ باتۇر ئۆز مەقسىتىگە يېتىپ ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 210 -يىلى ھونلارنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرىدۇ ۋە ئۆز نامىنى باتۇر تەڭرىقۇت دەپ ئاتايدۇ . باتۇر تەڭرىقۇت توغرىسىدىكى رىۋايەتتە ھون ئاقسۆڭەكلىرى ئوتتۇرسىدىكى خاقانلىق تالىشىش ئۇرۇشنىڭ كەسكىنلىكى ، رەھىمسىزلىكى ، دەھشەتلىك تۈس ئالغانلىقى ۋە باتۇرنىڭ ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن دادىسى تۈمۈن تەڭرىقۇت قاتارلىق تۇققانلىرىنى ھالاك قىلغانلىقى ،،،، قاتارلىقلار ھېكايە قىلىنسىمۇ ، مۇھىمى ، ئۇنىڭدا يەنە باتۇرنىڭ پەم - پاراسەتلىكى ، باتۇرلىقى ۋە پولاتتەك ھەربىي تۈزۈم ئورنىتىشتىكى قاتتىق قوللىقى ،،، ئۆزىگە خاس بىر ئۇسۇل بىلەن ئېچىپ بېرىلگەن .
ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خاقانلىرى
840 - يىلى ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرى ئىچىكى نىزا ، تەبىئىي ئاپەت ۋە قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن غەرب ۋە جەنۇپقا قاراپ كۆچكەن . غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار پان تېكىننىڭ باشچىلىقىدا ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ خېشى كارىدورى ۋە غەربى يۇرتقا يېتىپ كەلگەن ھەمدە بۇ جايلاردىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ گەنجۇ (كەڭسۇ) ئۇيغۇر خانلىقى ، قاراخانىيلار (خاقانىيە) خانلىقى ، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ خانلىقنى قۇرۇپ چىققان . ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى خاقانلىرىنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە :
1 . پان تېكىن ----- ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ، خانلىقنىڭ مۇھىم يولباشچىلىرىدىن بولغان پان تېكىن 15 قەبىلىلىك ئۇيغۇر ئاھالىسىنى باشلاپ ئالتاي تېغىنىڭ غەربىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چۇ دەريا ۋادىلىرىغىچە بولغان جايلارغا كۆچكەن ھەمدە ئىلگىرى بۇ جايلاردا ياشىغان قارلۇقلارنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان .
2 . بۆگۇ تېكىن ----- بۆگۇ تېكىن بەزى ئۇيغۇرچە تەرجىمە ماتىرىياللىرىدا "بۇقا تېكىن" ، "بۇقۇ جۇن" ، "بارغۇت تېكىن" ، "بۇقا خان" دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان . ئۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىككىنچى خاقانى بولۇپ ، ئۇنىڭ تۇنجى خاقان پان تېكىن بىلەن بولغان ۋارىسلىق مۇناسىۋېتى يوق .
3 . ناگارۋىش ------ ناگارۋىش ئەينى دەۋردىكى كۈسەن خاقانى . ئۇنىڭ بۆگۇ تېكىن بىلەن بولغان مۇناسىۋېتى ئېنىق ئەمەس . ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە قوش خانلىق تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ ، قوچۇ ۋە بېشبالىق چوڭ خانلىقىنىڭ ، كۈسەن كىچىك خانلىقىنىڭ مەركىزى قىلىنغان .
4 . پراجنياتالوي ------ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى كۈسەن خاقانلىرىنىڭ بىرى . شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئىقتىسادى مۇناسىۋېتىگە بېغىشلانغان بەزى مەنبەلەردە پراجىنياتالوي تۆت قېتىم كۆزگە چېلىقىدۇ .
5 . بىلگە تېكىن ----- 12 - ئەسىرنىڭ 20 - 30 - يىللىرى ئىدىقۇت ئيغۇر خانلىقىنىڭ خاقانى بولغان .
6 . ئاسان تېمۇر ------ غەربىي لىياۋ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدىكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خاقانى .
7 . بارچۇق ئارت تېكىن ---- ئاسان تېمۇرنىڭ ئوغلى . ئۇ غەربىي لىياۋ ئۆلكىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدىن موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خاقانى بولغان .
8 . چۈشمەس (قۇسمايىن) ------ بارچۇق ئارت تېكىننىڭ چوڭ ئوغلى .
9 . سالۇن تېكىن ------ چۈشمەسنىڭ ئىككىنجى ئىنىسى . ئۇ ئوگداي خاننىڭ تۇل خوتۇنى تۈرگىنە خاتۇن نايىپ خانلىققا ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خاقانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .
10 . ئۇگرۇنچ تېكىن ----- بارچۇق ئارت تېكىننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ، سالون تېكىننىڭ ئىنىسى .
11 . مامۇراق تېكىن ------ "ئىدىقۇت قوچۇ تۆھپىسى مەڭگۈ تېشى" دا تىلغا ئېلىنىشىچە ، مامۇراق تېكىن بارچۇق ئارت تېكىننىڭ ئوغلى ئۇگرۇنچ تېكىننىڭ ئىنىسى بولۇپ ، ئۇگرۇنچ تېكىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن خاقانلىق تەختىگە ئولتۇرغان .
12 . قوچقار تېكىن ------ مامۇراق تېكىننىڭ ئوغلى . 1266 - يىلى قۇبلەي خاننىڭ تەيىنلىشى بىلەن ئىدىقۇت ئيغۇر خانلىقىنىڭ خاقانى بولغان ھەمدە قۇبلاي خانغا يېقىندىن ماسلىشىپ ، قۇبلايغى قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن ئوگداي ، چاغاتاي ئەۋلاتلىرى --- قايدۇ ۋە دۇۋاغا قارشى جەڭ قىلغان .
13 . نۇرىن تېكىن ------ قوچقار تېكىننىڭ چوڭ ئوغلى . ئۇ 1308 - 1318 - يىللىرى ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ خاقانى بولغان .
14 . تېمۇر بۇقا ------ نۇرىن تېكىننىڭ چوڭ ئوغلى . ئۇگداينىڭ نەۋرىسى مەلىكە باباچادىن تۇغۇلغان .
15 . سەڭگى تېكىن ----- نۇرىن تېكىننىڭ ئىككىنجى ئوغلى ، ئوگداي خاننىڭ نەۋرە قىزى مەلىكە باباچادىن تۇغۇلغان .
16 . تايپان (ئاسايىش تېكىن) ----- نۇرىن تېكىننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ، قۇبلاي خاننىڭ ئەۋرە قىزى مەلىكە ئۇراجىندىن تۇغۇلغان .
17 . يۇر تېمۇر ------ تايپاننىڭ ئوغلى . ئۇ تايپان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خاقانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .
18 . سىڭگا --------- يۇر تېمۇرنىڭ ئوغلى . "يېڭى يۇەن سۇلالىسى تارىخى . بارچۇق .ارت تېكىننىڭ تەرجىمىھالى " دا يۇر تېمۇرنىڭ تايپاننىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقى ، يۇر تېمۇر ئۆلگەندىن كېيىن ئورنىغا ساڭگانىڭ تەخت ۋارىسى بولغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان .
سەئىدخان
سۇلتان سەئىدخان تەخمىنەن مىلادى 1484 - يىللىرى دۇنياغا كەلگدى . سۇلتان سەئىدخان كىچىكىدىن باشلاپ شۇ دەۋردىكى نامدار ئالىم - ئەدىپلەرنىڭ تەربىيىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەسكىرىي مەشىق ۋە چامباشىچىلىق ماھارىتىگىمۇ يۈكسەك ھەۋەس قويۇپ ، بېرىلىپ ئۈگەنگەن ، نەتىجىدە ئۆز دەۋرىنىڭ مەشھۇر قىلىچۋازى ۋە مەرگىنى بولۇپ يېتىلگەن .سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق دەۋرلىرى بىر خىل ئەنسىز مۇھىت ئىچىدە ئۆتكەن . ياش سەئىدخانمۇ فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ تەخت تالىشىش ئۈچۈن قوزغىغان سۈيقەستلىك جەڭگى _ جىدەللىرى ئىچىدە ھايات كەچۈرگەن ، بۇ ھال ئۇنىڭغا ئىجابىي جەھەتتىن كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ، شۇڭا ئۇ مىلادى 1514 - يىلى 30 يېشىدا يەركەندە خانلىق تەختىگە ئولتۇرۇپ ، يەركەن خانلىقىنى قۇرغاندىن كېيىن جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئوبېكتىپ تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر قاتار ئىلغار قانۇن - تۈزۈملەرنى يولغا قويۇپ ، يەركەن خانلىغىنى سىياسىي ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇستەھكەملىگەن ۋە گۈللەندۈرگەن ، ئىلىم - مەرىپەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا بەلگىلىك ھەسسە قوشقان . سۇلتان سەئىدخان ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىلىم خۇمارى ، پەن مەدەنىيەتنى سۆيىدىغان ، ئەدەبىيات - سەنئەتنى سۆيىدىغان ياخشى كىشى ئىدى . خاتىرىلەرگە قارىغاندا ، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ شىئېرلارنى ياخشى يازىدىكەن . "سۇلتان سەئىدخان ھىممەتلىك . سېخى ، شىجائەتلىك ۋە خۇش تەبىئەت ، ئادىل مۇسۇلمان ، شائىر پادىشاھ ئىدى . پارىس ۋە تۈركى شىئېرلارنى ئىجاد قىلىپ ياراتتى " (<تارىخى رەشىدى> دىن ) .مەلۇمكى ، سەئىدخاننىڭ پارس تىلىنى پۇختا بىلگەنلىكىگە قارىغاندا ، ئۇنىڭ ئۆز زامانىسىدىكى بىلىملىك كىشىلەردىن بولغانلىقى ھەمدە كۆپلىگەن شىئېرلارنى مىراس قىلىپ قالدۇرۇپ كەتكەنلىكى ناھايىتىمۇ ئېنىق . ئەمما ئۇنىڭ " تارىخى رەشىدى" دە مەھمۇد جوراس تەرىپىدىن خاتىرلەنگەن ئىككى پارچە غەزىلىدىن باشقا ئەسەرلىرى تا ھازىرغا قەدەر تېپىلمىدى . شائىرنىڭ بۇ ئىككى غەزىلى مانا مۇنداق يېزىلغان :
قايسى گۈلشەننىڭ يۈزۈڭدەك بىر گۈلى رەناسى بار ؟قايسى گۈلنىڭ بىر مېنىڭدەك بۇلبۇلى شەيداسى بار ؟
ھۆر بىرلە جەننە تۇلمە ئۇانى كۆڭلۈم نەيلەسۇن ، يارنىڭ كويىدا يۈزمىڭ جەننە تۇلمە ئۇۋاسى بار .
لەئىلىدىن خەتنى بېرۇر ھەر دەم تىرىكلىككە نىشان ،خۇش نىشانەدۇركى ئىككى قاشىدىن توغراسى بار .
بىر چۈچۈك سۆز بىرلە ئۆلگەن جىسمىمە بەردىڭ ھايات ، ئەئلى جان بەخشىڭدە گويىكىم مەسىھ ئەنفاسى بار .يۈزى ئوزرە كاكول ۋە زۇلفىن پەرىشان كۆرگەلى ،ئى سەئىدى ئاشۇفتە كۆڭلۈمنىڭ ئەجەپ سەۋداسى بار .
قايسى گۈلشەننىڭ يۈزىڭدەك رەنا گۈلى بار ؟قايسى گۈلنىڭ ماڭا ئوخشاش شەيدا بۇلبۇلى بار ؟يارنىڭ كويىدا يۈزمىڭلاپ جەننەتۇلمەئۋا تۇرغان يەردە ،جەننەت ۋە ھۆرنى نېمە قىلاي .لەۋلىرى ئۆلۈكنى تىرىلدۈرۈشتىن بەلگە بېرىدۇ ،سىزىپ قويغاندەك ئىككى قېشى توغرىسىغا تۇرغان چىرايلىق نىشاندۇر .تاتلىق بىر سۆز بىلەن ئۆلۈك تېنىمگە جان بەردىڭ ،لەۋلىرىڭنىڭ جان بېغىشلىشىدا ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ نەپسى بار .يۈزىنى كوكۇلا چاچلىرى يېيىلىپ چۈشۈپ تۇرغان ھالدا كۆرۈش ئۈچغن ،ئەي سەئىدى ، پەرىشان كۆڭلۈم ئەجەپ بىر سەۋداغا قالدى .
شائىرنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان يۇقۇرقى بىرىنچى غەزىلىدە ئىپادىلەنگەن رېئال ھاياتنى قىزغىن سۆيۈشتەك ئاجايىپ قىزغىنلىق ۋە مۇھەببەتتىن ، يېقىملىق ھەم ئويناق شائىرانە ھېسسىياتتىن ئۇنىڭ بىر خىل ئىلغار قارىشى ، شېئىرىي تەپەككۈر ۋە بەدىئىي ماھارەت جەھەتتىكى نازۇك ، پاساھەتلىك ئۇسلۇبى روشەن بىلىنىدۇ .
تۇمارىس ھەققىدە رىۋايەت
ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە قەھرىمانلىقتىن ئىبارەت يۈكسەك غايىنى ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ۋەقەلەر ئاساسىدا جانلىق ۋە ئوبرازلىق يورۇتۇپ بەرگەن تۇمارىس (تومرىس) رىۋايىتى ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى قەدىمقى قەبىلە ۋە مىللەتلەر ھەم ئۇيغۇرلار ئەدىبىيار تارىخىدا تا بۇگۈنكى كۈنگىچە سالماق ئورۇن تۇتىدۇ . ئەپسۇسكى ، بۇ رىۋايەتنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ساقلاپ قېلىنمىغان . بىزگە يېتىپ كەلگىنى قەدىمقى يۇنان تارىخچىسى ھىرادۇت ئىرامىزدىن ئاۋالقى 5- ئەسىردە يازغان "تارىخ" سەرلەۋھىلىك كىتاۋىدا بايان قىلىنغان مەزمۇندىن ئىبارەت . ھىرادۇت بۇ كىتاۋىدا ئاساسلىقى قەدىمقى يۇنان بىلەن ئىران ئوتتۇرسىدىكى جەڭلەرنى يازغان بولسىمۇ ، ئەمما باسقۇنچىلىق ئۇرۇشلىرىغا قارشى قوزغالغان نارازىلىغىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان تۇمارىس ھەققىدىكى رىۋايەتنى ئاتايىن ئۆز ئەسىرى ئىچىگە سىغداپ ئەكىرگەن . ئەنە شۇ ھىرادۇتنىڭ ۋاستىسى بىلەن تۇمارىس ھەققىدىكى رىۋايەت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەر جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئىچىدە بۇگۈنكى كۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كەلمەكتە . بۇ رىۋايەتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق:مىلادىدىن بۇرۇنقى 6- ئەسىردە ئۆتكەن ئىران پادىشاسى كەيخۇسرو بىرنەچچە مەملىكەتنى بېسىۋېلىپ بۇلاپ - تالىغاندىن كېيىن ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى ماسساگىتلار (ئىسكىتلار) قەبىلىسىگە قارشى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغايدۇ . ئۇ دەۋرلەردە ماسساگىتلارغا تۇمارىس دېگەن ئەقىللىق ، باتۇر ئايال خاقان ئىكەن . ئۇ تاجاۋۇزچى كەيخۇسروغا قارشى ئۆز ئادەملىرىنى باشلاپ مەردانە ئۇرۇش قىلىدۇ . زالىم كەيخۇسرو ماسساگىتلار خاقانى تۇمارىسنىڭ ئېرى ئۆلۈپ كېتىپ ، تۇل قالغان ئايال ئىكەنلىكىنى بىلىپ ، تۇمارىسقا ئۆيلىنىش چارىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق ماسساگىتلار زېمىنىنى ئىگەللىۋېلىش غەرىزىدە بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۇمارىسنىڭ ئۆزىگە خوتۇن بولىشىنى تەلەپ قىلىپ ئەلچىلەرنى ماڭغۇزىدۇ . ھۇشيار تۇمارىس باسقۇنچى كەيخۇسرونىڭ يامان غەرىزىنى ئېنىق سېزىۋېلىپ ، ئەلچىلەرنىڭ تەلىۋىنى قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلىپ قايتۇرۋېتىدۇ . ئۆزىنىڭ بۇ خىل قۇۋلۇق - شۇملىقىنىڭ تۇمارىس تەرىپىدىن بىتچىت قىلىۋىتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان كەيخۇسرو ئاشكارا ھۇجۇم قىلىش يولىغا ئۆتۈپ ، ماسساگىتلارغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن دەريادىن ئۆتۈشكە تەييارلىنىدۇ . بۇ ئەھۋاللاردىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ تۇرغان تۇمارىس كەيخۇسروغا دەرھال ئەلچى ئەۋەتىپ ، دۈشمەندىن مەرتلىك بىلەن جەڭ قىلىشنى ، ھىيلە - مىكىر ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئەي تەكەببۇر پادىشا ..... بىز بىلىمىزكى ، سەن تىنچلىقنى خالىمايسەن ، شۇ سەۋەپتىن ئەگەر مەسلەھەتىمىزگە كۆنمەي ، ماسساگىتلار بىلەن توقۇنۇشۇشنى ئىستىسەڭ ، كۆۋرۈك ياسايمەن دەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمە . بىزگە ئېيتساڭ ، بىز ساڭا دەخلى يەتكۈزمەي دەريادىن ئۈچ كۈنلۈك يىراق يولغا كۆچۈپ كېتىمىز ، بىمالال دەريادىن ئۆتسەڭ ، ئۇنىڭدىن كېيىن يۈزمۇ - يۈز تۇرۇپ ئۇرۇش قىلىمىز . ئەگەر بىز بىلەن دەريانىڭ سەن تۇرغان قىرغىقىدا ئۇرۇشماقچى بولساڭ ، ئۇنىمۇ بىزگە ئېيت ! بۇنىڭغىمۇ بىز رازى بولىمىز ، ئەمما ، نامەرتلىك قىلما !...." بۇ كەسكىن ۋە قەتئىي تەلەپنى ئاڭلىغان كەيخۇسرو قاتتىق ئىزتىراپقا چۈشۈپ ، ئۆز سەردارلىرىنى يېغىپ كېڭىشىدۇ . ماسساگىتلارنىڭ مەردانە جەڭگە ئاتلىنىش ئىرادىسىنى ۋە ئۇلارغا تۇمارىستەك ماھىر ئايال قەھرىماننىڭ لەشكەر بېشى بولغانلىقىنى كۆرگەن كەيخۇسرو ھىيلە - نەيرەڭ بىلەن غەلىبە قازىنىش خام خىيالىدا بولىدۇ . ھىيلە - مىكىر بىلەن تۇمارىسنىڭ ئوغلى سپەرگىنىز باشچىلىقىدىكى بىر بۆلۈك ماسساگىتلارنى مەس قىلىپ ئەسىرگە ئېلىۋالىدۇ . دۈشمەننىڭ نامەرتلىك قىلىپ ھىيلە - مىكىر ئىشلەتكەنلىكى تۇمارىس باشچىلىقىدىكى پۈتكۈل ماسساگىتلارنى غەزەپلەندۈرىدۇ . تۇمارىس دەرھال كەيخۇسروغا ئەلچى ئەۋەتىپ : "ئەي قانخور كەيخۇسرو ، قىلغان ئىشىڭ بىلەن ماختانمايلا قوي ! سەن مېنىڭ ئوغلۇمنى يۈزمۇ - يۈز جەڭ قىلىپ يەڭگىنىڭ يوق ! ئۇنى مەككارلىق بىلەن ھاراق ئىچۈرۈپ (مەس قىلىپ) ئەسىر ئالدىڭ . ئەمدى مېنىڭ مەسلەھەتىمگە كىر . ئوغلۇمنى ماڭا تاپشۇرۇپ بېرىپ ، كەلگەن يېرىڭگە زىيان - زەخمەتسىز قايتىپ كەت ! ئەگەر سۆزۈمگە كىرمىسەڭ ماسساگىتلارنىڭ تەڭرىسى قۇياش نامى بىلەن قەسەميات قىلىمەنكى ، مەن سەندەك ئاچكۆز يۇھانى قان بىلەن سۇغىرىمەن ...." دېگەن سۆزلەرنى يەتكۈزىدۇ . كەيخۇسرو بۇ سۆزلەرنى قىلچە پىسەنتىگە ئالمايدۇ ، تۇمارىسنىڭ ئوغلى سپەرگىنىز ئاخىرى ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ . باسقۇنچى كەيخۇسروغا يۇقۇرقىدەك قەتئىي ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ تەسىر قىلمىغانلىقىنى كۆرگەن قەھرىمان ئايال تۇمارىس كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىپ ، كەيخۇسروغا قارشى جەڭگە ئاتلىنىدۇ . ئىرامىزدىن بۇرۇنقى 530 - يىلى ئامۇ دەرياسى بويلىرىدا بولغان دەھشەتلىك جەڭدە تۇمارىس باشچىلىقىدىكى قەھرىمان ماسساگىتلار ئىران قوشۇنلىرىنى تارمار قىلىپ ، باسقۇنچى كەيخۇسرونى ئۆلتۈرىدۇ . جەڭ ئاياقلاشقاندىن كېيىن ، تۇمارىس كەيخۇسرونىڭ بېشىنى قان بىلەن تولغان تۇلۇمغا سېلىۋېتىپ شۇنداق دەيدۇ: " ئەي نامەرت ! سېنى جەڭدە ھالاللىق بىلەن يېڭىپ چىققان مەندەك بىر ئايالنى مەككارلىق بىلەن ئوغلىدىن جۇدا قىلىپ ، پەرزەنت داغىدا كۆيدۈردۈڭ ، سەن ئۆمرىڭ بويى قانغا تويمىدىڭ . مەن ئۆز قەسىمىمگە ئەمەل قىلىپ سېنى (بېشىڭنى) قان بىلەن سۇغاردىم ، بىراۋنىڭ يۇرتىغا زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇپ كىرگەنلەرنىڭ جازاسى ئەنە شۇنداق بولىدۇ...." دېمەك، تۇمارىس رىۋايىتىنىڭ باش قەھرىمانى تۇمارىس باتۇر ، ۋەتەنپەرۋەر ، غالىپ قەھرىماننىڭ ئۆلمەس سىماسى بولۇپ ، ئۇ كىشىگە سۆيۈنۈش ۋە قىزغىن ھاياجان بەخش ئېتىدۇ . بىز ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئادالەت يولىدا بولغان يۈكسەك قەھرىمانلىقىنى ، پاك ۋىجدان ، ھەقىقى مەرتلىك ۋە ئالىيجاناپ خىسلەتلەرنى كۆرەلەيمىز . تۇمارىس تۇغۇلغان يۇرتىغا ، ئۆز خەلقىگە قىزغىن مۇھەببەت ۋە ئەقىدە تۇرغۇزۇپ ، باسقۇنچى كەيخۇسروغا ئوخشاش شەرمەندە تاجاۋۇزچىلارنى ئۈزىل - كېسىل تارمار قىلىدۇ . ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى نامايەن قىلىدۇ . رىۋايەتتە سپەرگىنىزنىڭ ئىچىملىككە بېرىلىپ ، ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلىقى ئەيىپلىنىدۇ . بىراق ، ئۇنىڭ ئار - نومۇسىنى ساقلاش ئۈچۈن دۈشمەن قولىدا ئەسىر بولۇشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرگەنلىكى ۋە ئۆز خاتالىقىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئۆزىنى ھالاك قىلغانلىقى سۆزلىنىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ نومۇسلۇق ، ۋىجدانلىق ، مەرت يىگىتلەرنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالىدۇ . رىۋايەتتە سۆزلەنگىنى كەيخۇسرو ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتىنى ھالاكەت گىرداۋىغا ئىتتىرىشنى كۆزلەيدىغان زالىم باسقۇنچى پادىشالارنىڭ ئوبرازىدۇر . رىۋايەتتە تۇمارىسنىڭ بۇ زالىم كەيخۇسرونىڭ كېسىلگەن بېشىنى قان بىلان تولغان تۇلۇمغا سېلىۋاتقانلىق كۆرۈنۈشى ئاجايىپ تەسىرلىك كۆرسىتىلگەن بولۇپ ، بۇ كىچىككىنە تەپسىلاتتىن ئادالەتنىڭ زۇلمەت ئۈستىدىم غەلىبە قىلغانلىقى ، ھەققانىيەتنىڭ زوراۋانلىقنى ئۈزىل - كېسىل تارمار كەلتۈرگەنلىگى روشەن ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ .
ئافراسىياپنىڭ قەبرىسى قەيەردە ؟ئابلىمىت ئىمىن
ئافراسىياپنىڭ نامى مەشھۇر ئەسەرلەر ۋە مەشھۇر تارىخنامىلەرگە پۈتۈلگەن . شۇنداقلا خەلق ئاغزىدا 2000 نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان ياشاپ كېلىۋاتقان مەشھۇر پادىشاھ شۇنداقلا نامى مەشھۇر ھەربىي سەركەردە . ھازىر "ئافراسىياپ تارىخىي شەخسمۇ ياكى ئەپسانىۋى شەخسمۇ؟ " دېگەن مەسىلە تېخى ئۈزلۈكسىز ھەل بولغىنى يوق . تالاش - تارتىش تېخى يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرۈلمىگەن شارائىتتا ، مۇنداق بىر مەشھۇر شەخسنىڭ قەبرىسىنى "پالانى يەردىكى پۇستانى قەبرە" دېيىشكە تېخى بالدۇر . ھازىرچە مەن تارىخچى موللا مۇسا سايرامى بەرگەن ئۇچۇرنى زامانداشلىرىمنىڭ سەمىگە سېلىپ قويۇشنى توغرا تاپتىم . بىزدىن ئىلگىرىكىلەر "تارىخىي ھەمىدى" دىن بۇ ئۇچۇرنى كۆرمىگەنمۇ ياكى كۆرگەنمۇ ، كۆرگەن بولسىمۇ بىغەم ۋە بىپەرۋالىغىمىز تۈپەيلى ئەھمىيەت بەرمىگەنمۇ ، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم . ئەلقىسسە يەنە بىر غارايىپ شۇدۇركى ، موغۇلىستان تەۋەلىكىدىكى ئالتە شەھەرنىڭ شەرق ۋە جەنۇب بۇرجىكىنىڭ ئارىلىقىدا لوپ دېگەن بىر چوڭ مەشھۇر زېمىن بار . <تارىخىي رەشىدى> نىڭ ئاپتورى مىرزا ھەيدەر كوراگانى بۇرۇنقى تارىخىي كىتابلاردىن نەقىل كەلتۈرۈپ يازغان كىتابىدا لوپ دېگەن جايدا 17 چوڭ شەھەر بولغانكىقىنى ۋە شەھەرلەرنىڭ ناملىرىنى ، تەكتى ئەھۋالىنى بىر - بىرلەپ بايان قىلغان ئىدى . ھەم ئادەملىرىنىڭ كۆپلىكى ، زىمىننىڭ ئاۋاتلىقىنى يازغان ئىدى . شەھىرى كىتىك ، شەھىرى تەركەن ، شەھىرى چەمەن ، شەھىرى لوپ دېگەن شەھەرلەر شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر . ئۇلارنىڭ ئىچىدە شەھىرى كىتىك بىلەن شەھىرى لوپ ھازىرمۇ مەشھۇر . قالغانلىرى بولسا قۇم غەزىپىنىڭ ئاستىدا قالغان ، بوران چىقسا بەزىلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ -دە ، يەنە كۆمۈلۈپ قالىدۇ. " ----- بۇ گەپنى بايان قىلغان بولساق ، "كۈنلەرنىڭ بىر كېچىسى غەزەپ ئىلاھى پەيدا بولۇپ ئاسماندىن خۇددى بالادەك قۇم ياغدۇرۇپتۇ . شەھەرلەر ئادەملىرى بىلەن قوشۇلۇپ قۇمنىڭ ئاستىدا قاپتۇ . ئافراسىياپنىڭ قەبرىسىمۇ مۇشۇ جايدا ئىكەن " --- دېگەن گەپلەرمۇ بار . ( موللا مۇسا سايرامى ،تارىخ ھەمىدى> 703- 704- بەتلەر ) يۇقۇرقى پاكىتتىن مەلۇم بولدىكى ، خاقان ئافراسىياپنىڭ قەبرىسى تەكلىماكاننىڭ قايسى يېرىدە ، لوپنۇر ناھىيىسى بىلەن لوپ ناھىيىسى ئارىلىقىدىكى چەكسىز قۇم بارخانلىرى ئىچىدە ، ئۆز زامانىسىدا قۇم ئاستىدا قالغان شەھىرى تەركەن ۋە شەھىرى چەمەنگە يېقىن بىر يەردە ۋە ياكى تېخى يېقىنقى زاماندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان شەھىرى كىتىك خارابىسىدە بولىشى مۈمكىن . ياكى تارىم دەرياسىنىڭ قىرغاقلىرىدىكى توغراقلىق ۋە قۇملۇقلار ئىچىدە قۇمغا كۆمۈلۈپ ياتقانلىقىدا شۈبھە يوق . ئافراسىياپ قەبرىسىنى ۋە قەبرە جايلاشقان زېمىن ھەققىدە بىزگە بۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇچۇر نەدە تۇرۇپتۇ ، تەكلىماكان قۇملۇقى ئەسلىدە بىر ئېكىنزار مۇنبەت زېمىن ئۆز زامانىسىدا يۈز بەرگەن "قۇم بالاسى" دا قۇمغا كۆمۈلۈپ كەتكەن . شەھەر ۋە قەلئەلەر ، ئېكىنزارلار ، ئادەملەر ھەققىدە ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان ئاجايىپ قورقۇنچلۇق ئەپسانىلەر تارىختىن ئاز - تولا خەۋىرى بار كىشىلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۈمكىن . يۇقۇرىدا نامى ئاتالغان شەھەر ، قەلئەلەر ۋە ئېكىنزارلارنى بەرپا قىلغان ئافراسىياپ ئەۋلادلىرى ۋە ئۇنىڭ قەۋملىرى ئاشۇ 'قۇم بالاسى" دىن كېيىن نەگە كەتكەن ؟ ئاشۇ "قۇم بالاسى" دا ھايات قالغانلىرى ئافراسىياپنىڭ قەبرىسى ۋە ۋەيران بولغان يۇرتلىرىدىن ئىلاجىسىز ئايرىلىپ ، سۇ ، ئوت قوغلۇشۇپ ياشاشقا لايىق ماكان ئىزدەپ ، قارا قۇرۇم تاغلىرى ، پامىر تاغلىرى ، تەڭرىتاغنىڭ باغرىغا كۆچۈپ كېلىپ قايتىدىن شەھەر ، قەلئە ۋە ئېكىنزارلارنى بىنا قىلىپ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان . بەزىلىرى ھەتتا يىراق - يىراق جايلارغا ھەتتا يەنسەي ۋادىسى ، ئورخۇن دەرياسى بويلىرىغا كۆچكەن . موللا مۇسا سايرامىنىڭ "ئافراسىياپ قەبرىسىمۇ مۇشۇ جايدا دېگەن گەپ بار" دېگىنىدىن قارىغاندا ، ئۇ ئافراسىياپ قەبرىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىگەن . بۇ ئۇچۇرنى ئۆز زامانىسىدا قولغا چۈشكەن بىرەر سالنامىدىن ۋە ياكى تارىخ - تەزكىرە كىتابلىرىدىن كۆرگەن بولىشى مۈمكىن ياكى مۇشۇ زېمىننىڭ تارىخىي ئاشۇ قۇم بالاسىنىڭ قاچان يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى تارىخىي خەۋىرى بار بىرەر دوستى ياكى ھەمسۆھبەتلىرىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغانلىقىدا شەك يوق ، پەقەت ئۆزى كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈنلا "دېگەن گەپلەر بار" دېگەن مۈجمەل جۈملىنى ئىشلەتكەن . ئەگەر ئافراسىياپ مۇشۇ زېمىندا ياشىمىغان كىشى بولسا ، ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ تەكلىماكان ئىچىدە بارلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇر تارقالمىغان بولاتتى . شۇنداق ئىكەن ئافراسىياپ قەبرىسىنىڭ تەكلىماكاندا بارلىقىدىن گۇمان قىلىشقا ئورۇن يوق ، ئەلۋەتتە . بۇ يەردە بىرنەچچە ئېغىز گەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ :1). ئەگەر موللا مۇسا سايرامى ئافراسىياپ قەبرىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولسىمۇ ، ئۇ بىر كامىل مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن راستىنلا بۇ قەبرىنىڭ ئافراسىياپنىڭ ئىكەنلىكىگە شەك كەلتۈرۈشى تۇرغانلا گەپ .
2). قەدىمكى زاماندىكى مۇسۇلمان بولمىغان بىر پادىشاھ قەبرىسىنى ھازىرقى مۇسۇلمانلىرىغا ئېنىق كۆرسۈتۈپ بېرىپ ، باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىدىن ئېھتىيات قىلغان بولىشى مۈمكىن .
3). بۇ بىر مۇھىم شەخسنىڭ قەبرىسىنىڭ نام - نىشانسىز يوقۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن ، شۇڭا دېمەسلىككە ۋىجدانى چىدىماي ، "دېگەن گەپ بار" دېگەن مۈجمەل جۈملىنى قالقان قىلىپ تۇرۇپ مۇشۇ زېمىننىڭ قەدىمكى تارىخىنى بايان قىلىش نۇقتىسىدىن يەنىلا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بۇ ئۇچۇرنى كىتابقا كىرگۈزۈپ قويغان . نېمىلا دېمەيلى ، ھازىرچە مەلۇم بولغان ئافراسىياپ قەبرىسىنىڭ قەيەردىلىكى توغرىسىدىكى بۇ ئۇچۇرنى بىزگە موللا مۇسا سايرامى يەتكۈزگەن .
تۆۋەندە مەھمۇد قەشقەرى بەرگەن مۇنۇ ئۇچۇرغا نەزەر سالايلى:
"تارىم --- تېكىنلەرگە (شاھزادىلەرگە) ئافراسىياپ ئەۋلادىدىن بولغان خېنىملارغا ، شۇنىڭدەك ئۇلۇغ -- ئۇششاق بالىلىرىغا خاس سۆز . خاقان ئەۋلادىدىن باشقىلار ھەر قانچە يۇقۇرى مەرتىۋىلىك بولسىمۇ ، بۇ سۆز ئۇلارغا ئىشلىتىلمەيدۇ ، خان ئەۋلادىدىن بولغان ئاغچا - خېنىملارغا ئۇنۋان ئورنىدا ئالتۇن تارىم دېگەن سۆز ئىشلىتىلىدۇ" --- يۇقۇرقى ئۇچۇردىن قارىغاندا ، ئەگەر ئافراسىياپ بىزنىڭ تارىم دەرياسى بويىدا تۇغۇلمىغان ۋە بۇ يەردە ياشىمىغان ، تارىم ۋادىسى ، تارىم دەرياسىنى بىلمىگەن بولسا ، ئانا دەريا تارىمنىڭ نامىنى ئەۋلادلىرىغا ئۇنۋان ئورنىدىكى ھۆرمەت نامى قىلىپ قوللىنارمىدى ؟ ھەرگىز قوللانمايتتى . تارىم دېگەن نام ئافراسىياپ ياشىغان يىللاردىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرىلا مەۋجۇت بولغان ھەم بۇ ئانا دەريا ۋە ئانا زېمىن "تارىم" نامى بىلەن ئاتالغان ، ئافراسىياپ . ئانا ماكانى ۋە ئانا دەرياسىنى ئۇلۇغلاش يۈزىسىدىن ئەۋلادلىرىشا "تارىم" دېگەن ئاتالغۇنى ئۇنۋان ئورنىدا قوللانغان . دېمەك ، ئافراسىياپنىڭ ھاياتى تارىم ۋادىسى ۋە دەرياسى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن ، ئەۋلادلىرىمۇ ھەم شۇنداق . شۇڭا ئۇ ئۆلگەندىمۇ مۇشۇ ئانا ماكاننى ئۆزىگە مەڭگۈلۈك ماكان قىلغان . يۇقۇرقى پاكىتلاردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ، ئافراسىياپ قەبرىسىنىڭ ھازىرقى تارىم ۋادىسى ، تەكلىماكان قۇملىقىدا ئىكەنلىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت . ئافراسىياپ ھەرگىز چەتئەل ئالىملىرى ئېيتقاندەك ئەپسانىۋى شەخس ئەمەس ، تارىخىي شەخستۇر . ھۆرمەتلىك كىتابىخان ، بۇ مېنىڭ قارىشىم . ئەگەر زامانداشلىرىم باشقىچە قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويالىسا بۇ توغرىدا بەس - مۇنازىرە قىلىپ باقساق بولىدۇ . بەلكىم ئافراسىياپ مۇشۇ كۈنلەردە ئۆز زامانىسىنىڭ ئاجايىپ - غارايىباتلىرىنى قۇچاقلاپ ، قەبرىدە تىپتىنچ ياتقاندۇ . مەن ئىشىنىمەنكى ، يول ئەگرى - توقاي ، سەپەر مۈشكۈل بولسىمۇ ،ئافراسىياپ قەبرىسىنى ئىزدەيدىغانلار بۈگۈن بولمىسا ئەتە چوقۇم يۈكسەك ئارزۇ - ئارمانلار بىلەن تەكلىماكان قۇملىقىغا قاراپ يولغا چىققۇسى .مەن بۇ ماقالەمنىڭ ئاخىرىغا يەنە "شاھنامە" دىكى رۇستەم قەبرىسىنىڭ نەدىلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى قوشۇپ قويۇشنى لايىق تاپتىم .
رۇستەمنىڭ قەبرىسى قەيەردە ؟ئابلىمىت ئىمىن
مەن ئىلگىرىكى يىللاردا "مۇنبەر" دە ئېلان قىلغان بىر ماقالەمدە "قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق تاشقورغان تاجىك ئاپتونۇم ناھىيىسىنىڭ تاغارما يېزىسى تەۋەسىدە (ئافراسىياپ تېغى) دېگەن بىر تاغ بار " دېگەن بىر ئۇچۇرنى بەرگەن ئىدىم . تاغارما يېزىسىدىكى ئافراسىياپ تېغىغا يانداش بولغان تەڭگىتاغ دېگەن يەنە بىر تاغ بار ، تەڭگىتاغنىڭ باغرىدا ، تەڭگىتاغ جىلغىسى دەيدىغان چوڭ بىر جىلغا بار . مۇشۇ چوڭ جىلغىنىڭ شىمالى چىقىش ئېغىزىدا ئېگىزلىگى 3، 4 مېتىرچە ، ئۇزۇنلۇقى 6، 7 مېتىر كېلىدىغان بىر تاش قەبرە بار ، قەبرىنىڭ ئۈستىدە يىل بويى بىرنەچچە تال ئالا - يېشىل تۇغ ئەلەم لەپىلدەپ تۇرىدۇ . يەرلىك كىشىلەر بۇ قەبرىنى "رۇستەم قەبرىسى" "رۇستىمى داستان قەبرىسى" "شاھنامە" دىكى "پالۋانى رۇستەم قەبرىسى مۇشۇ" دەپ ئېزىزلىشىدۇ ۋە ھەر يىلى نورۇز ئېيىدا يىراق - يىراقلاردىن كېلىپ تۇغ - ئەلەم قاداپ دۇئا قىلىپ ئۆزىگە كۈچ - قۇۋۋەت تەلەپ قىلىشىدۇ ۋە ساداقىتىنى بىلدۈرىشىدۇ . قەبرىدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە يەنە بىر بۇلاق بار . بۇ بۇلاقنى "رۇستەم بۇلىقى" دېيىشىدۇ . نورۇز ئېيىدا ۋە باشقا چاغلاردا قەرەلسىز كەلگەن كىشىلەر "شىپالىق سۇ" نى نۇرغۇن كېسەلگە داۋا بولىدۇ ، دەپ ئابى زەم - زەم ئورنىدا "رۇستەم بۇلىقى" نىڭ سۈيىنى كورا - قاپاقلارغا ، بوتۇلكا ، سۇلياۋ باكلارغا قاچىلاپ ئېلىپ كېتىشىدۇ . رىۋايەت قىلىنىشىچە ، " رۇستەم مۇشۇ يەردە ئافراسىياپ ئاتقان زەھەرلىك يا ئوقىدا ھالاك بولغانمىش " ، " رۇستەمگە مۇشۇ بۇلاقتىن سۇ ئىچىۋاتقاندا ئوق تەككەنمىش " ، مەن "رۇستەم بۇلىقى " ، "ئافراسىياپ تېغى " ،" رۇستەم قەبرىسىنى" نى 1980- يىلى 8 - ئايدا پامىر ئىگىزلىكىدىكى گەز چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىدا ئىشلەۋاتقان چېغىمدا تۇنجى قىتىم زىيارەت قىلغان . "شاھنامە" دىكى رۇستەم قەبرىسىنىڭ دىيارىمىزدا بولۇشى ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالىدۇ . بىز لوگىكىلىق تەپەككۈرىمىزگە تايىنىپ ىۇلاسە چىقارغان چېغىمىزدا مۇنداق يەكۈن چىقىدۇ . قەدىمكى زاماندا، يەنى ئافراسىياپ زامانىسىدا رۇستەم ئىران پادىشاسىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن پامىرنىڭ شەرقىدىكى يەنى تارىم ئويمانلىقىدىكى ئافراسىياپنىڭ پايتەختىگە تاجاۋۇز قىلىش ئۈچۈن پامىر تاغلىرىدىن ئۆتۈپ ھازىرقى تاشقورغان زېمىنىغا ئىچكىرىلەپ كىرگەن . ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان ئافراسىياپ تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئالدىنى ھازىرقى تەڭگىتاغدا توسۇپ زەربە بەرگەن ، رۇستەم شۇ يەردە ئافراسىياپ قولىدا ھالاك بولغان . مەغلۇپ بولغان تاجاۋۇزچىلار ئاتامان رۇستەمنىڭ جەسىتىنى تاشلاپ قاچقان ، ئافراسىياپ كەڭ قورساقلىق بىلەن بۇ رەقىبىنىڭ جەسىتىنى ئاشۇ تاغ باغرىغا دەپنە قىلىشقا ئەمىر قىلغان بولۇشى مۈمكىن . مەغلۇپ بولغان تاجاۋۇزچىنىڭ جەسىتى ، قەبرىسى ئۆزى تاجاۋۇز قىلغان ئەلدە قالىدۇ ، ئەلۋەتتە . "تۈركى تىللار دىۋانى" دا ئافراسىياپ ئۆلىمىگە ئېچىنغان ئۇنىڭ قەۋمى ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ ئوقۇغان مەرسىيەلىرىدىن قارىغاندا ئافراسىياپنىڭ دۈشمەن قولىدا ئەمەس ئۆز ئەجىلىدە ئۆلگەنلىكىنى قىياس قىلىش مۈمكىن . باشقىچە بولغاندا :تۈركى تىللار دىۋانى" دا بىشارەت بولغان بولاتتى .
No comments:
Post a Comment