ئىنسان ئۇچۇر سۇبىيىكتى ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئىجتىمائى ھايۋان . ئۇ ، ئۇزۇقلىنىش ۋە بىخەتەرلىك ئۇچۇرىغىلا ئەمەس ، يەنە ، زامان ، ماكان خاراكتىرلىك ، تامغىلىق ئۇچۇر ئىقتىدارىغا ئىگە .
كىتاپ يۈكسەك ئۇچۇر ۋە مۇقەددەس تامغىدىن ئىبارەت . ئىنسانىيەت يازما تارىخ ۋە كىتاپ سەھىپىلىرىگە بىلىش ۋە ئىپادىلەش جەۋھەرلىرىنى يېزىق ئارقىلىق قالدۇرۇشتىن ئىلگىرى ئۆز تۇرمۇشى ، ئالەم قاراشلىرى ۋە روھىيەت ئۆركەشلىرىنى قىيا تاشلارغا ، قورچاق ياكى تاش سۆڭەك ، برونزا بۇيۇملىرىغا ، كاھىش قاچىلارغا ، ھەرخىل قىياپەتلىك ياكى سىمۋوللۇق رەسىم ۋە تامغا-بەلگىلەر بىلەن چېكىشكەن . ماقال-تەمسىل ، ئەپسانە-رىۋايەت ، مەسەل-چۆچەك ، ناخشا-قوشاق شەكلىدە ئەقىل دەستۇرلىرى تۈزۈشكەن . مانا بۇلار كىتاپ شەكلىگە كىرمىگەن « كىتاب » تىن ئىبارەت .
ھازىرغىچە يېزىق شەكلىدىكى ئەڭ قەدىمكى كىتاب ئىككى دەريا-دەجلە ۋە فرات ئارىلىقىغا كۈچۈپ كەلگەن خەلىقلەرنىڭ مىلادىدىن ئۈچ مىڭ يىللار ئىلگىرىكى لايدىن بىنا ۋە قەسىرلەر ياسىغاندا لاي تاختىلارغا يېزىلغان « پايتەخت قۇرغۇچى گىلگامىش » داستانىدىن ئىبارەت .
بۇ تۇنجى ئۇچلۇق تاياقچە-قەلەم بىلەن لاي تاختىلارغا يېزىلغان « كىتاب » بابىل شاھى ھاممۇرابىنىڭ 282 ماددىلىق قانۇن دەستۇرى ھېسابلىنىدۇ .
قەغەزنىڭ ئىختىرا قىلىنىشىغىچە تېرە ۋە مەخسۇس تەييارلانغان تاختا-تارشىلار كىتاپچىلىقىنىڭ ئاساسى بولغان . قەغەزنىڭ ئىختىرا قىلىنىشى كىتابچىلىق تارىخىدا ئىنىقىلاپ خاراكتىرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى .
شۇنىڭدىن باشلاپ خانلىق سارايلاردا مەخسۇس مىرزاخانىلاردا قۇرۇلۇپ ئەسەرلەر قەلەم بىلەن كۈچۈرۈلىدىغان بولدى .
كىيىنچە ياغاچقا خەت ئويۇش ئارقىلىق كىتاپ-رىسالىلەرنىڭ نۇسخسىنىك كۈپەيتىش ، ئارقىدىنلا تاش مەتبەئە كەشىپ قىلىندى . مىخ مەتبەئە ھازىرقى زامان كىتابچىلىقىنى رەسمى نەشرىيات كىتاپچىلىقىغا ئايلاندۇردى . كىيىنچە مىخ مەتبەئەچىلىك قوغۇشۇن تاياقچىلىرىغا ئاساسلىنىدىغان بولدى . بۈگۈنكى كۈندە ئېلىكتىرونلۇق مەتبەئە تېخنىكىسى مەيدانغا كېلىپ كەڭ ئومۇملاشماقتا .
مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسنىڭ داۋاملىق راۋاجلىنىشى ۋە خۇددى كىنو ۋە تېلېۋىزوردەك جەمىئەت نەشرىياتچىلىقى بىلە ئائىلە نەشرىياتچىلىقى بىللە ساقلانغان يىڭى تۈزۈلمىنىڭ يېقىندىلا رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە . ئۇ ئىنساننىڭ ئۇلۇغ ئۇچۇر ئىقتىدارىنىڭ دولقۇنسىمان تەسىر دائىرىسىنى زامان ۋە ماكان جەھەتتە يىڭى پەللىگە كۆتۈرگۈسى .
ئۇلۇغ روھىيەت خەزىنىسى
كىتاپ كەڭ مەنىدە ئىنسانىيەتنىڭ بىلىش تارىخى ۋە ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇر بوشلۇقىنىڭ سەھىپىلەشكەن شەكلىدىن ئىبارەت . كىتاپ ئالدى بىلەن ئىنسان قەلبىدىكى كائىنات . ياخشى كۇتۇپخانا ھەقىقى مەنىسى بىلەن كائىناتنىڭ جاھاننامە ئەينىكى بۇلۇپ ، بۇ ئەينەكتە ئۆز سەرگۈزەشتىلىرىمىزدىن ھالقىغان دۇنياۋى ماھىيەتلەر جىلۋىلىنىدۇ . ئىنسان كىتاب ئارقىلىق پۈتكۈل تارىخنى قىياسى ھالەتتە باشتىن كەچۈرىدۇ . ئەنگىلىيىلىك مۇتەپەككۇر بىكون ئېيىتقاندەك « كىتاپ -قىممەت باھا يۈكنى ئەجداتتىن ئەۋلاتقا يەتكۈزىدىغان كېمە » .
كىتاپ بىزنى مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتنىڭ ئىزاھلىغۇچىسى ، ۋارىسى قىلىدۇ .
پۈتۈن ماددى روزىغارلار ، بىنالار ، بانىكىلار ،شەھەھر ۋە مەملىكەتلەر ، ھەتتا پۈتۈن سۈرۈك مىللەتلەرمۇ يوقىلىپ كىتىدۇ . پەقەت كىتاب يۇقالمايدۇ . بىز كىتاب شاراپىتىدىن قەدىمكى ئەپسانە -رىۋايەتلەرنى ، خانىدانلىقلار قىسسىلىرىنى ، پەلسەپە جەۋھەرلىرىنى ، ئەدەبىيات-سەنئەت دۇردانلىرىنى بىلەلەيمىز .
ئىنسان مۆجىزىلەر ئىچىدە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە مۆجىزە پەقەت كىتاپتۇر . كىتاپ ئىنسانىيەت تارىخنىڭ ئۆلمەس روھى . ئۇلۇغ تارىخى سىمالارنىڭ ھەقىقەت يالقۇنلىرىنى تىرىكلىك دەرگاھىغا مەڭگۈ يېلىنجىتىپ تۇرىدىغان مۇقەددەس ئوچاق . ئەگەر كىتاپ بولمىغان بولسا دۇنيانى مىڭلىغان قۇياشمۇ دۇنيانى جاھالەت ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇشى مۇمكىن بولمىغان بۇلاتتى !
مۇشۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا ، پۈتكۈل ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ۋە تارىخ بىرەر خەزىنىگە ئىگە . ئۇ بولسىمۇ ئۇلۇغ روھىيەت قەسىرىسى بولغان كىتابتىن ئىبارەت .
كىتاپ ھەربىر شەخىسنىڭ مەنىۋى فوندى ۋە ئۇنىڭ كامالەت گۇۋاھنامىسى . قەدىمكى رىم ناتىقى تىستىرون « كىتابسىز ئۆي-جانسىز تەن » دەپ توغرا ئېيىتقان . كىتابسىز شەخس مەيلى ئۇ باي مىراسخور ياكى ئالتۇن خەزىنە ئىگىسى بولسۇن ، ئۇ بەختسىز ۋە بەخىتسىزلىكىدىن خەۋەرسىز ناداندۇر . ئۇ 100 يىل ياشىسىمۇ مەدەنىيەت تارىخىدىن ساۋاتسىز ئۆمرى كۆتە بەندە ھېسابلىنىدۇ .
كىتاب ئۆز ئاشىقىغا چىنلىق ، ياخشىلىق ، گۈزەللىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر بەخش ئېتىدۇ . ناداننىڭ بىر ئەسىرلىك ئۆمرى بىلىمىلىك كىشىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك ئۆمرىدىن كۆپ قىسقا ھېسابلىنىدۇ .
كىتاب قەلبىنى پاكلايدۇ . ئۇنىڭ ئىنسانغا بېغىشلىغان نۇر نۇسرىتىنى ھەرقانداق زىننەت بۇيۇملىرىمۇ پەيدا قىلالمايدۇ .
ئۇ قەلبنى نۇرلاندۇرۇپ ، روھىيەتنى بېيىتىپ ، ئۆمۈرنى مەنىۋى بەخت ۋە يۈكسەك نەزەر بىلەن بېزەيدۇ . ئۇ ئىنساننىڭ يۈزى كۆزى ۋە سۆزىگە مۇقەددەسلىك ئاتا قىلىدۇ . كىتاب ئاشىنالىرى خۇددى ئالماستەك يارقىن بولسا، نادانلىق ئىجىللىرى بەئەينى گۆشۈرۈپ تۇرغان قاراتاشقا ئوخشايدۇ .
كىتاب-مىللەتنىڭ مەدەنىيەت دەرياسى ۋە مەنىۋى قىياپەت مەكتىپى . لابولبى توغرا ئېيتىدۇ :« تەرەققىياتنىڭ ئومۇمى كۆلىمى ھەربىر مىللەت ئاھالىسىنىڭ ئۇقۇۋاتقان كىتابلىرىنىڭ سانى بىلەن ئۆلچىنىدۇ » . نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى ، پۇل تېجەش ئەمەس ، بەلكى نادانلىقتىن قۇتۇلۇش ۋە بۇ يولدا كىتاب بىلەن ھەپىلىشىشىتۇر . تارىخ ئىسپاتلىدىكى ، مىللەتلەرنىڭ قەلب بايلىقى بىلەن قول ئىلكىدىكى بايلىق توغرا تاناسىپتۇر . « ئاۋال تائام ، ئاندىن كالام » دىگەن ئەقىدىگە چاپلىشىۋالغان مىللەت گادايلىققا ۋە ئۇنىڭ باش جىنايەتچىسى بولغان نادانلىققا چىڭ ئەقىدە باغلىغان مىللەتتۇر . نادانلىققا قارشى ئاتلىنىشقا جۈرئەت قىلغاندىلا ، بەخت يولى ئېچىلىدۇ . بۇ ئەپسانە ئەمەس ، پولاتتەك ھەقىقەتتۇر . پۇل تاپقاندا ئۆينى كۆزنى چاقنىتىدىغان گىلەم ۋە زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن بېزىگەن ئائىلە بىلەن ئۆيىنى كىتاب ئىشكاپلىرى بىلەن بېزىگەن ئائىلىنىڭ قىممتى پەرقلىقتۇر . تەرەققى قىلغان ئەللەردىكى ئائىلىلەر ئۆز قىرائەتخانىسىغا ئىگە بۇلۇپ ، ئۇلار روناق تاپقانسىرى كىتاب سېتىۋالىدۇ . ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنىتلىرى كىتاب مۇھىىتىدا ئۆسىدۇ ، ئۆرلەيدۇ . قالاق ئەللەردىكى ئائىلىلەر بۇنىڭ ئەكسىچە بۇلىدۇ . ئۆيىنى ئەينەك تام ، رەڭدار گىلەم ۋە ئىشرەت جاھازىلىرى بىلەن بېزىگەن ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسى خۇنۈك بۇلىدۇ . ئۇلار مەغرۇر ، تەنتەك ، پۇلپەز ، سۆلەتۋاز بۇلۇپ ، ئۆزلىرى ۋە پەرزەنىتلىرى تېزدىن چۈشكۈنلىشىدۇ . بۇ جەھەتتىكى مىساللار كۆز ئالدىمىزدا تولۇپ يېتىپتۇ !
كىتاب -لوقمان ھېكىم ، كىتاب -رۇستەم پالۋان ، كىتاب-بەخت قۇشى-ئەنقا ، بۇ ئاددى تەسۋىر ئەمەس بەلكى مەڭگۈلۈك ھەقىقەت !
كىتاب دېڭىزى ۋە غەۋۋاسلىق ماھارىتى
دەۋرىمىزدە كىتاب شۇقەدەر كۆپەيدىكى ، ئۇنى رەقەم بىلەن ئىپادىلەشمۇ مۈشكۈل بولدى . ئەمما ھېلىمۇ كىتاب يۈزىگە چىقمىغان بوشلۇقلار ناھايىتى نۇرغۇن . دەرۋەقە ، كىتابنى ئاچسىلا مەنپەئەت بېرىدۇ « ، ئەمما ، كىتاب دېڭىزىدا قانداق جاۋاھىرات يىغىدىغان غەۋۋاس بۇلۇش ، بۇ مۇھىم ماھارەت .
كىتابلارنى دېڭىز قىلىۋەتكەن نەرسە ، ئەسلى مەنبە، ئاساسى نەزەرىيە ، مۇتەپەككۇرانە مۇھاكىمە قىلغۇچى كىتاپلارنىڭ كۆپلۈكى بولماستىن ، بەلكى ، تارماقلاتما ، يەشمە ، ۋەقە ، بايان ، ئىچ پۇشۇقى ، قۇراشتۇرما كىتابلارنىڭ كىتاب بازىرىغا كەلكۈندەك كىرىپ كىلىشىدىن بولدى . بۇ ھال ھەربىر ئەقىل ئىگىسىدىن كىتاب پەرق ئېتىش ۋە كىتاب تاللاش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇلۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . ئېيتىش كېرەككى ، ھەقىقى دانىشمەنلەر كىتابنى ھەممىدىن كۆپ كۆرگۈچى كىشىلەر بۇلۇشى ناتايىن ، ھەقىقى ئالىملارمۇ ئەڭ نۇرغۇن كىتاپ يازغان كىشىلەر بۇلۇشىمۇ شەرت ئەمەس . بۇ بىزدە خۇددى سۇغا تاشلانغان نەرسىلەرنىڭ چۈكۈشى ياكى لەيلىشى ، ماكان ۋە زامان جەھەتتە بىردەك بولمايدىغانلىقىغا ئوخشاش بىر ھەقىقەتنى يەنى ، كىتابلار بىرقانچە سىزىق ۋە قاتلام ، تۈر ۋە قىممەتكە بۈلۈنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ .
كىتاب ئۇقۇغۇچى كىشى ئۈچۈن ئۇمۇمەن سىياسەت ۋە ۋەزىيەتكە دائىر كىتاب-ماتىرىياللاردىن تاشقىرى ، ئۈچ خىل كىتاب ئۇقۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ :
بىرىنچى ، ئاساسى بىلىم كىتابلىرى . بۇ خىل كىتابلار ئىككى خلغا بۆلۈنىدۇ . ئۇ ، چۇقۇم ئالىي مەلۇماتلىق سەۋىيىگە ئېرىشىش ئۈچۈن شەرت-بالداق بولغان كىتابلار بىلەن مەلۇم ساھە بۇيىچە ئىزدىنىش ، تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن لازىم بولغان كىتاب-ماتىرىياللاردىن ئىبارەت .
ئىككىنچىق ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى بېيىتقۇچى كىتابلار . بۇ خۇددى ئاۋىئاماتكىغا يانداش يۈرگەن پاراخوت-كېمىلەرگە ئوخشاش ئالاقىدار ئوبىيىكىتلاردىن بىلىم ۋە ئۇچۇر بېغىشلىغۇچى كىتابلار بۇلۇپ ، ئۇ ئاساسى بىلىم كىتابلىرىنىڭ تاشقى پوستىنى تەشكىل قىلىدۇ .
ئۈچىنچى ، بەدىئى لەززەت بېغىشلىغۇچى كىتابلار . بۇ خىل كىتابلارغا ئەدەبىيات سەنئەتكە دائىر ئەسەر ياكى ئويۇن-كۆرگەزمىلەر ، كىشىلىك تۇرمۇشقا ئائىت ئۆرنەك ، قوللانما ، مەسلىھەت بەرگۈچى كىتابلار كىرىدۇ .
مېنىڭچە ، كىتابلارنى تاللاپ كۈرۈش بىلەن ئۇدۇل كەلگىنىچە كۈرۈش ، قاتلام ، نۇقتا ، چەمبەر تۈزۈلمىسىگە ئايرىپ كۈرۈش بىلەن خالىغانچە كۈرۈشنىڭ كىتاب كۆرگۈچىگە بولغان تەسىرى ، بۇلۇپمۇ نەچچە ئون يىلدا مۇنتىزىم ئوقۇتۇپ ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلەپ چىقىشقا سېلىشتۇرغاندا ئۈنۈمى ئوخشاش بولمايدۇ .
كىتاب كۈرۈش ئېغىر زېنىي ئەمگەك . شۇنىڭدەك يەنە كۈڭۈللۈك ساياھەت . ھەرخىل كىتابلارغا بولغان كىتاپ كۈرۈش تەلىپى ۋە ئۇسۇلى بىردەك بولمايدۇ . بىر قۇر كۈرۈپ قۇيۇدىغان ، مەلۇم باپ ۋە سەھىپىلىرىنى تاللاپ كۈرىدىغان ، تەكرار كۈرىدىغان كىتاپلار بۇلىدۇ.
بەزى كىتابلارنىڭ پەقەت مۇندەرىجىلىرىنى ۋاراقلاپلا ، ئۇنىڭ ئاپتورىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى نەزەردە تۇتۇپ قويۇپ قۇيۇلىدۇ . ئومۇمەن تەپسىلى ۋە تەكرار كۈرۈلىدىغان كىتابلار ئۈچۈن مەخسۇس ۋاقىت ، قەلەم -خاتىرە ھازىرلىنىدۇ . ئۇنداق كىتابلارنىڭ بىرقانچىسىنى بىر يۈرۈش قىلىپ ، سىستىمىلىق كۆرگەن ياخشى . شەخسەن مەن بۇنداق كىتابلارنى رەڭدار قەلەم بىلەن خەت ، بەلگە ، سىزىق قۇيۇپ بويىۋېتىشنى ياخشى كۈرىمەن . ئۇنىڭدىن بىلىم ، ئىلھام ۋە كۆچمە تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولىمەن . بۇ خۇددى يالقۇندىن ئوت تۇتاشتۇرغاندەك بىر ئىش ...
بۇ خىل كىتابلاردا چۈشىنىشلىك بولمىغان ئاتالغۇ ، مۇھاكىمە ۋە تەدبىرلەرنىڭ ئۇچرىشى ناھايىتى ياخشى ئەھۋال . بۇ ، كىتاب كۆرگۈچىنىڭ ئۆزىدە يوق يىڭى بىلىمگە دۇچ كېلىشى بۇلۇپ ، بۇنداق ئەھۋاللاردا لۇغەت -قوللانمىلارنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ بىلىمنى ئۆزلەشتۈرىۋېلىش لازىم . سەن ھەمىشە ئاممىباپ ، گېزىت سەۋىيىسىدىكى چۈشىنىشلىك ماتىرىياللارنى ياخشى كۆرسەڭ ، مەڭگۈ ئۆز ئىزىڭغا سەكرەپ قېلىۋېرىسەن . مېنىڭچە ، تۈگمەنگە ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئىگە بۇلۇپ قالغان ياخشى ئەھۋال ئەمەس ، لۇغەت ئاختۇرۇشقا مەجبۇر بولغىنىڭدا ھۇرۇنلۇق بىلەن كايىماي يىڭى بىر بالداق كۈتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغاندەك روھلان !
مۇئەييەن مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بىر زىيالىي ئۈچۈن كىتاب ئۇقۇش ئالدىدا «ئېھتىمال مېنىڭ خاتا بۇلۇشى مۇمكىن» دىگەن قاراشتا بۇلۇشنىڭ پايدىسى ناھايىتى چوڭ بۇلىدۇ . ئەكسى ھالدا ئۇقۇغاندا بۇ كىتابتىن ھېچنەرسە يۇقماسلىقى ، ھەتتا بۇ-ئەرزىمەس ئەسسەر ئىكەن دىگەن قاراش تۇغۇلۇشى مۇمكىن .
كىتاب مەدەنىيىتى ۋە مىللەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتى
كىتاب ئۇقۇش مەقسەت ئەمەس ، ۋاستە . بارلىق تەلىم-تەربىيىنىڭ تۈپ مەقسىتىگە ئوخشاشلا كىتاب ئۇقۇشتىكى مەقسەتمۇ مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرۈشتىن ئىبارەت . تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۈتۈرۈلىشى مىلەلتنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنى تۈزەش ۋە يۈكسەلدۈرۈشنىڭ ئاساسلىق بىر ھالقىسى .
شۇنى ئېنىق ئېيتىش كېرەككى ، كىتاب ئوقۇشتىن مەقسەت نۇقۇل ئالىم بۇلۇش ئەمەس . مۇھىمى ھەقىقى ئادەم بۇلۇش بۇلۇپ ، بۇنى ئومۇمى خەلققە كۈتۈرۈپ ئېيتقاندا ، پۈتۈن مىللەتنىڭ بىلىملىك ، روھى دۇنياسى باي ، يىڭى ئەۋلاتلىرىنى يىتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت .
بۇ ، شەخسىنىڭ كىتاب ئۇقۇشى ، ئائىلىلەرنىڭ كىتاب زاپىسىغا ئىگە بۇلۇشى ، مەكتەپلەرنىڭ كىتاب تەربىيىسى ۋە نەشرىياتلار كىتاب چىقىرىشى قاتارلىق بىر قانچە تەرەپنىڭ ئورتاق مەقسەت ۋە غايىدە پائال ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ .
بىز « يىڭى يىپەك يولى » ئېچىلىش ئالامەتلىرى بىلەن تولغان دەۋىردە ياشاۋاتىمىز . ئۆسمۈرلەر ، ياشلار ، ياشانغانلار ، ئەرلەر ، ئاياللار كىتاب ئوقۇشى ، كىتاب ئۈستىدە پاراڭلىشىشى ، ھەممە ئائىلىلەردە كىتاب ئىشكاپلىرى ، كىتاب ئۆيلىرى بەرپا قىلىنىشى ، پەرزەنىتلەر ئۈچۈن ياخشى كىتاب مۇھىتى يارىتىلىشى ۋە بۇ خىل زۆرۈرىيەت ھېس قىلىنىشى لازىم . ئۆيگە كىتابنىڭ كىرىشى زىبۇ-زىننەت ۋە پەرداز بۇيۇملىرىنىڭ كىرىشىدىن ئاۋۋال ۋە ئەۋزەل ئورۇنغا قۇيۇلىدىكەن ، ئىجتىمائى ۋە ئائىلىۋى بەخت بىزگە تەبەسسۇم قىلىشقا باشلايدۇ . بىزدە نادان ھالەتتىكى باياشاتلىق بىلەن ئەمەس ئىپتىخارلىنىدىغان كەيپىيات تۇرغۇزۇلغىنى ياخشى .
بىلىش كېرەككى ، مەدەنىيەتسىز ئائىلىلەرگە چۈشكەن ئەنقا ( بەخت قۇشى ) نىڭ سايىسى بىردەملىكلا!
نەشرىياتچىلىق مىللەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنى ۋە كامالىتىنى يۇقىرى كۈتۈرۈشتە غايەت مۇھىم « مەنىۋى رىزىق» دەرگاھى ! گېزىت-ژۇرنال ، نەشرىيات تەھرىرلىرى مىللى مەدەنىيەت بىناكارلىقىنىڭ مۇقەددەس بۇرچ ئۆتەيدىغان ئىنژىنىرلىرى . ئۇلار خۇددى دىن قىسسىلىرىدە سۆزلەنگەن مالائىكىلەردەك يىراقنى كۆرەرلىككە ، تەخىرسىز ۋاقىت قارىشىغا ۋە مۇقەددەس پاكلىققا ، دانىشمەنلەردەك خەلققە ، ئەقىلگە ، بىلىمگە ، ھەقىقەتكە بولغان ئوتلۇق مۇھەببەتكە ، بىناكارلاردەك قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرىنى تاللاش ، ئورۇنلاشتۇرۇش ، نۇرلاندۇرۇش ئىقتىدارىغا ، گېئولوگلاردەك جاپا چېكىپ بايلىق ئىزدەپ تېپىش روھىغا ئىگە بۇلىدىكەن م خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى «رىزىق دەرگاھى» پىداكار ، تۆھپىكارلار سارىيىغا ئايلىنىدۇ .
نەشرىياتچلىق خەلق تارىخىدا مىڭ يىللار مەدھىيلىنىدىغان ياكى ھەسرەتلىنىدىغان ھالقىلىق ئورۇندا تۇرىدۇ . ئۇ ئادەتتىكى فېرما ياكى سودا شىركىتى ئەمەس . خەلقىمىز تارىخىدا خەتتاتلار بىرقانچە ئابىدە ۋە تۇرپان تېكسىتلىرىنى يېزىپ قالدۇرمىغان ، يۈزلىگەن دىۋنلارنى كۈچۈرۈپ قالدۇرمىغان بولسا بىز قايسى يۇلتۇزلار بىلەن مەدەنىيەت ئاسمىنىمىزنى يورۇتقان بۇلاتتۇق !؟
نەشىر-ئەفكار ئىستىراتىگىيىلىك بىناكارلىق . ئۇ ، ئۇل ، ئاساس ، نۇقتا، دائىرە ، ئىچكى-سىرتقى چەمبەرنى پەرقلىق ھەم ئەتراپلىق پىلانلاشنى تەلەپ قىلىدۇ . نەشىر-ئەفكار مىللى مەدەنىيەت تارىخى خاراكتىرلىك قان ئىشلەپچىقارغۇچى ئورگان .
خاتىمە
بازار ئىگىلىكىگە يۈزلىنىش مەدەنىيەت ، مائارىپ ، كىتاب ئۇقۇش ۋە ئىلىم-پەننىڭ ئەرزىمەسلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ . ئەھۋال دەل ئۇنىڭ ئەكسىچىدۇر . بىزنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتتە ، ئىقتىسادىي ۋە كىتابى بايلىقتا زامانىۋى سەۋىيىگە كۈتۈرۈلۈشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ . باھار ئۆزى شامال ئەمەس ، ئەمما باھار شامال بىلەن كىلىدۇ . يىڭى شەيئىلەر تولا ھاللاردا ئۆزىنىڭ دەبدەبىسى ۋە چاڭ-توزانلىرى تەرىپىدىن روشەن كۈرۈنمەيدۇ .
ھازىرقى بىز مەزگىللىك روھى ھودۇقۇشمۇ شۇنداق .
كىتاب ئىنسانىيەت ئۆز قولى بىلەن بىنا قىلغان ھەقىقى ۋە بىردىنبىر ئەلئېھرام . ئۇ ھەممىنى ، پۈتكۈل ماھىيەت ۋە ھادىسىلەرنى ئۆزىگە جۇغلىغان . كىتابقا تەڭ كىلىدىغان ئىنسانىيەت جۇغلىغان ئىككىنچى بىر خەزىنە مەۋجۇت ئەمەس ! بۇ نىڭدىن خەۋەرسىزلىك كىشلىك دۇنياسىدا تىڭىرقاپ يۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس .
1993-يىل 1-ئاي
ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى « ئابدۇشۈكۈر مۇھەتئىمىن »
No comments:
Post a Comment