2009-04-26

قاراخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى-قاراخانىلار دەۋرىدىكى مەدەنىيەت

تۆتىنچى باب قاراخانىلار دەۋرىدىكى مەدەنىيەت

1- بۆلۈم قاراخانىلار دەۋرىدىكى مەدەنىيەت توغرىسىدا ئومۇمىي مەلۇمات

قاراخانىلار خانلىغىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئومۇمى ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي قىسمىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا چوڭ تۆھپە قوشتى؛ شىنجاڭدىكى قەدىمقى تۈركى خەلقلەرنىڭ قوشۇلۇپ بىر گەۋدە بولۇشى ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىدى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا گۈللىنىش دەۋرىنى ياراتتى.

تارىم ۋادىسى 3 خىل مەدەنىيەتنىڭ (يونان، ھىندى، چىن مەدەنىيىتى) ۋە ئۈچ خىل دىن (بۇددا دىنى، خىرىستىيان دىنى، ئىسلام دىنى) نىڭ ئۇچراشقان ئورنى، قەدىمقى بۈيۈك كارۋان يولى – «يىپەك يولى» نىڭ تۈگۈنى ئىدى. 3 خىل مەدەنىيەت، 3 خىل دىننىڭ مەركىزى بولغان بۇ رايون تارىختا مەدەنىيەت رايونى بولۇپ كەلدى. شۇڭا بۇ رايوندا ياشىغان ئۇيغۇر، ياغما، قارلۇق قاتارلىق خەلقلەر ماددى، مەنىۋى مەدەنىيەتتە ئۆز دەۋرىدە يۇقۇرى سەۋىيىگە يېتىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا يېڭى بىر دەۋر ياراتتى.

تارىخىشۇناس مورگان: «دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى تارىم ۋادىسى ئاستىدا كۈمۈكلۈكتۇر. قاچانكى بۇ ئاچقۇچ تېپىلىدىكەن، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ سىرى بىزگە مەلۇم بولغۇسى»① دەپ ئالدىن – ئالا بىشارەت بەرگەن ئىدى. دىمەك، تارىم ۋادىسىدىكى قەدىمقى مەدەنىيەتنىڭ سىرى تەلتۈكۈس ئېچىلسا، غەربىي رايوننىڭ قەدىمقى ئەينى تارىخىي قىياپىتى رۇشەنلىشىش بىلەن بىللە، دۇنيا مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار مۇھىم تارىخىي پاكىتلارمۇ ئايدىڭلىشىدۇ. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئارخىولوگىيە ساھەسىدىكى مۇشەققەتلىك ئىزدىنىشكە باغلىق.

ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى يىپەك بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان دىيىش ئارتۇقچىلىق قىلمايدۇ. قەدىمقى يونان تارىخچىلىرى ھازىرقى شىنجاڭ توغرىلىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازدى. يونانلىق ھىرىدوتۇس ئۆزىنىڭ «تارىخ» ناملىق ئەسىرىدە قەدىمقى شىنجاڭنى «سېرىس ئېلى» دەپ تىلغا ئالغان. مىلادىدىن 4 ئەسىر ئىلگىرى ياشىغان يونانلىق ئالىم كىسياس ئۆز ئەسەرلىرىدە «سېرىس دۆلىتى» (يىپەك دۆلىتى) نى تىلغا ئالغان. بىر قەدەر مۇكەممەل ۋە تەپسىلىرەك ئەسەر يېزىپ قالدۇرغان، مىلادىنىڭ 2 – ئەسىرىدە ياشىغان يونانلىق جۇغراپىيون پىتولېمى (مىلادىنىڭ 150 – يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ «جۇغراپىيە» ناملىق 10 توملۇق ئەسىرىدە «سېرىس ئېلى» دىگەن ، مەخسۇس بىر باپ بولۇپ، ھازىرقى شىنجاڭدا ياشىغۇچى خەلقنى «سېرىس» لار دەپ ئاتىغان. «سېرىس» سۆزى گرېك تىلىدىكى «يىپەك» دىگەن سۆزنى كۆرسىتىدۇ. «غەربىي يۇرت توغرىسىدا خاتىرىلەر» دىگەن كىتاپتا: «خوتەندە ياۋا پىلە ئىنتايىن كۆپ، يىپەكتىن توقۇلغان شايى، ئەتلەس، چۇچۇنلەر ئىنتايىن پىششىق كېلىدۇ. پارقىراق ۋە ئېسىل بولىدۇ» دېيىلگەن. شىنجاڭنىڭ يەر ئاستىدىن قېزىپ ئېلىنغان ئارخىولوگىيىلىك قېزىلما ماتىرىياللاردا يىپەك بويۇملىرىغا ئائىت قېزىلمىلار چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە كىتاپ، شايى، ئەتلەس ۋە چۇچۇنلەر بار. بۇلار ناھايىتى زور ماھارەت بىلەن توقۇلغان، بۇياقلىرى ناھايىتى كۆركەم، گۈللىرى ئاجايىپ چىرايلىق.

بىز يىپەك مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا، «تۈركى تىللار دىۋانى» دا «چىغرى» يىپەك ئىگىرىدىغان چاق، «كامان» بوز ياكى گىلەم تۇقۇشتا ئارقاق بىلەن ئۇرۇچنى ئايرىيدىغان بىر خىل ئەسۋاپ؛ «چەكىن» يىپەك رەختكە زەر بېسىش؛ «تەختۇ» ئىگىرىلمىگەن مەشۇت؛ «كىمىشكە» قەشقەردىن چىقىدىغان گۈللۈك پالاز دىگەن سۆزلەر بار. تارىخىي پاكىتلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى، بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن 2000 يىل ئىلگىرىلا يىپەك رەخت توقۇش ھۈنىرىنى ئىجات قىلىپ، ھەر خىل يىپەك بويۇملارنى توقۇپ چىققان. ئۇلار يىپەك رەختلەرگە زەر بېسىش ئارقىلىق تەتىللا، كىمخاپ توقۇغان. بۇ ئېسىل رەختلەر شەرقتە ۋە غەربتە قەدىمدىن تارتىپ مەشھۇر بولۇپ كەلگەن.

قەدىمقى «كارۋان بۈيۈك» ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدىغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى. قەدىمقى كارۋان بۈيۈك تارىم ئويمانلىغىنىڭ ئىككى تەرىپىنى ۋە ئوتتۇرىسىنى كېسىپ ئۆتەتتى.

ئوتتۇرا يول كروراندىن ئۆتۈپ غەربىي جەنۇبىي كىنگىت (قاراشەھەر) ئوگدى (ھازىرقى بۈگۈرنىڭ شەرقى)، كۈسەن (كۇچا)، سۇللاغ (قەشقەر) ئارقىلىق پامىر ئىگىزلىگىدىن ئېشىپ، توپ – توغرا ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ بويلىرىغا يېتىپ باراتتى.

جەنۇبىي يول ياڭگۇەن (كۈن قۇۋۇق) دىن چىقىپ قۇمۇلدىن ئۆتۈپ تەكلىماكان قۇملۇغىنىڭ جەنۇبىنى بويلاپ پىشامشان (ھازىرقى چارقىلىق) نىڭ جەنۇبى، شىمالىي كوئېنلۇننىڭ شىمالى، كېرىيىنىڭ شەرقى، خوتەننىڭ جەنۇبى قاتارلىق جايلار ۋە يەركەنت قاتارلىق يەرلەردىن ئۆتۈپ ئاندىن «دۇنيانىڭ ئۆگزىسى» دەپ ئاتالغان پامىر ئىگىزلىگىدىن ھالقىپ ئامۇ دەريانىڭ ئوتتۇرا قىسمى ئارقىلىق غەربكە قاراپ ئىلگىرىلەپ ئارساكقا (ئىرانغا) باراتتى.

بۇنىڭدىن باشقا بىر يول بولۇپ، ئۇ تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئىتىگىنى بويلاپ ئىۋىرغول (قۇمۇلنىڭ غەربى) ئارقىلىق بارىكۆل، بىشبالىق (جۇڭغارىيە ئويمانلىغىنىڭ شەرقىي جەنۇبى) دىن ئۆتۈپ غەربكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئىلى دەرياسى، چۇ دەرياسى ئارقىلىق سۇياپ (سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى توقماقنىڭ يېنىدا) شەھرىگە بېرىپ، ئاندىن شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى كونىستانتېنېپۇل (ئىستامبۇل) غا باراتتى.

يىپەك سودىسى ئەزەلدىن ئاسىيانىڭ مۇھىم سودا پائالىيىتى بولۇپ، ئۇنىڭ خېرىدارى ئاساسەن ئىران، شەرقىي رىم ۋە يېقىن شەرق ئەللىرى ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سوغدىلار يىپەك سودىسىنىڭ ۋاستىچىلىك رولىنى ئوينايتتى. يىپەك يولىدىكى ھەر بىر ئاساسىي تۈگۈنلەردە سوغدىلارنىڭ تىجارەت ئورنى بار ئىدى. دېڭىز يولىدا بولسا ھىندى ئوكيان ئارقىلىق كېمە قاتنايتتى. شەرقىي رىمدا ئاساسەن يىپەك ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقتىن، ئىراندىن ئۆتۈپ، ھىندىستان بۇددىستلىرى بىلەن بىۋاستە سودا قىلماقچى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئىران توسقۇنلۇق قىلاتتى. بۇ ۋاقتىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سوغدى سودىگەرلىرى تۈرك تۈرك خانلىغىغا بېقىندى بولغانلىقتىن، يىپەك سودىسىنى كېڭەيتىشتە غەربىي تۈرك خانى ئىستەمىدىن ياردەم سورىدى. مىلادىنىڭ 560 – يىلى، تۈرك خانى ئىستەمى خاقان ئىران شاھى خىسراۋ I گە ئەلچى ئەۋەتىپ، يىپەك سودىسىنى يولغا قويۇشنى قاتتىق تەلەپ قىلدى. بىراق خىسراۋ I ئىستەمى خاقاننىڭ تەلىۋىنى رەت قىلدى. «ئۇ تۈركلەردىن ئۆتۈپ كەلگەن يىپەكلەرنى ئىشلەتمەيمىز» دەپ، يىپەك سودىگەرلىرىنىڭ ماللىرىنى خەلقى ئالەم ئالدىدا كۆيدۈرۈپ تاشلىدى، ھەتتا تۈرك ئەلچىلىرىنى قاماپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئىستەمى بىلەن خىسراۋ I نىڭ ئوتتۇرىسىدا يىپەك سودىسىنى قوغداش ئۇرۇشى پارتلىدى. كېيىن، ئىستەمى سوغدى سودىگەرلىرىنىڭ تەكلىۋى بويىچە، شەرقىي رىم بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىشنى يولغا قويۇش نىيىتىدە شەرقىي رىمغا مەخسۇس ئەلچىلەر ئۆمىگى بىلەن خەت ۋە يىپەك ئەۋەتتى. تۈرك خانلىغىنىڭ ئەلچىلىرى مىلادىنىڭ 567 – يىلى شەرقىي رىمغا يېتىپ بېرىپ، شەرقىي رىم پادىشاسى يۇستىنىئاننىڭ كۈتىۋېلىشىغا ئېرىشتى. شەرقىي رىم پادىشاسىمۇ تۈرك خانى ئىستەمىگە ئەلچى ئەۋەتىپ، ئىككى ئوتتۇرىدا دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورناتتى.

مۇشۇ دەۋردە، تۈركلەرنىڭ ھۈنەرۋەنچىلىگىمۇ تەرەققى قىلغان ئىدى. 669 – يىلى پادىشاھ يۇستىنىئان ۋاقتىدا تۈرك خانى ئىستەمىنىڭ قېشىغا ئەلچى بولۇپ كەلگەن زىمارك: «تۈرك يۇرتىدا ئالتۇندىن ياسالغان نەرسىلەرنىڭ سەنئىتى ۋە نازۇكلىغى رىم مەملىكىتىدىن قېلىشمايدىكەن. مەن ئىستەمى خاقاننىڭ بىر نەچچە ئوردىلىرىدىكى ئالتۇن ئەسۋاپلار ۋە ئۇلارنىڭ كۆپلىگىدىن ھەيران بولدۇم. مېنى ئىستەمى خاقان ھۇزۇرىدا مۇراسىم بىلەن قوبۇل قىلدى. مېنى قوبۇل قىلغان ئوردىنىڭ ھەممە يېرى يىپەك زىلچىلار، يىپەك پەردىلەر بىلەن زىننەتلەنگەن. ئىستەمى خاقان مۇشۇ زىننەتلىك ئوردىدا ئالتۇن تەختتە ئولتۇرۇپ مېنى قوبۇل قىلدى. بۇ ئوردىنىڭ زىننەتلىكلىگى، ھەشەمەتلىكلىگى رىم پادىشاھلىغىدىن كەم ئەمەس، بۇ ئورۇندا بىر قانچە ئالتۇن ئاپتۇۋىلارنى كۆردۈم. بۇ ئاپتۇۋىلار ناھايىتى چىرايلىق، سىپتا، نەقىشلىق قىلىپ ئىشلەنگن. ئوردىدىكى جاھازلار ئالتۇن، كۈمۈش، قىممەتلىك نەرسىلەردىن ئىشلەنگەن، مەن ئوردىدا ھايۋان سۈرەتلىرى ئورنىتىلغان جايلارنى تاماشا قىلدىم» دىگەن. دىمەك، تۈرك، خاندانلىغىنىڭ تەرەققىياتىغا رىم پادىشاھلىغىمۇ قىزىققان. شۇڭا ئۇلار بىلەن يىپەك يولىدىكى سودا داۋام قىلغان. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يىپەك يولى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي رىم ۋە ھىندىستانغا سودا كارۋانلىرى قاتناپ تۇرغانلىقتىن، غەربىي يۇرتنىڭ يىپەك مەھسۇلاتلىرى چەتكە چىقىرىلغان.

يىپەك يولى كېينكى دەۋرلەردە قاراخانىلار مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈردى. قاراخانىلار مەدەنىيىتى 3 خىل مەدەنىيەت، 3 خىل دىننىڭ ۋە يىپەك يولىنىڭ تەسىرى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلدى. قاراخانىلار دەۋرىدە شەرقتە كۇچاغىچە بولغان ئارىلىق بىلەن شىمالدا ئىلى ۋادىسىنى، غەربتە ئامۇ دەريانى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ زىمىنغا جايلاشقان قەشقەر، بالاساغۇن، بارسىغان، بارچۇق (مارالۋېشى)، تالاس (ھازىرقى جامبۇل)، فاراپ (ئوترار)، شاش (تاشكەنت)، سەمەرقەنت، بۇخارا قاتارلىق بىر قانچە چوڭ شەھەرلەر تېخىمۇ گۈللىنىپ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىگە ئايلاندى. قاراخانىلار ئىقتىسادىنىڭ تەرەققى قىلىشى قاراخانىلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈردى. تارىخىي ھۆججەتلەردىن قارىغاندا، بۇندىن 1000 يىل ئىلگىرى بىزنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىمىز يىپەك قولياغلىق تۇتقان، يىپەك كىيىملەرنىڭ پۇكلىشىپ قالغان يەرلىرىنى سىلىغداش ئۈچۈن دەزمال ئىشلەتكەن، قىز – ئاياللار قىممەت باھا تاشلار ئېلىنغان ئالتۇن ياكى كۈمۈش «بوغماق» (مىدالىيۇن) «باغىرداق» (لىپتىك) ئىشلەتكەن. مانا بۇلاردىن شۇ دەۋردىكى تۇرمۇش مەدەنىيىتىنىڭ قانچىلىك يۇقۇرى ئىكەنلىگىنى، ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىستىتىك (گۈزەللىك) قارىشىنىڭ قانچىلىك يۇقۇرى دەرىجىگە يەتكەنلىگىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى جارى قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھىس – تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەيدىغان خىلمۇ – خىل سەنئەت ئۇيۇنلىرىنى ئىجات قىلدى. قەدىمدىن تارتىپ داۋام قىلىپ كەلگەن ھەر خىل ئۇيۇنلار ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىغا قالدۇرغان قىممەتلىك مىراسىدۇر. قەدىمقى ئۇيۇنلاردىن ياش – ئۆسمۈرلەر ئىچىدە ئومۇملاشقان «ئوتۇش» ئويۇنى، «ئوردىكام» ئويۇنى، «چەۋگەن» ئويۇنى (ئاتلىق توپ ئويناش ئويۇنى)، «كولاپ» ئورەككە ياڭاق تاشلاش ئويۇنى قاتارلىقلارنى مىسال كەلتۈرۈش مۇمكىن. يەنە خەلقنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە ئاتلىنىپ تارىختىن بېرى داۋام قىلىپ كەلگەن ئەلنەغمە، مەشرەپلەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

نەزمە ئويۇنى يىگىت بىلەن قىزنىڭ باشلىرىدىن چاچقۇ رەخت ياكى (پۇل) چېچىلىدىغان كىچىك نەزمە بولۇپ، بۇ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا «ماندۇرى» دەپ ئاتىلاتتى.

«سۇرچۇك» كېچىلىك ئولتۇرۇش زىياپىتى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھازىرغا قەدەر مەشرەپ نامى بىلەن ساقلانماقتا. «ئوغۇزنامە» دە قەدىمقى زاماندىكى مۇنداق بىر توي مۇراسىمى تىلغا ئېلىنغان: بىر كۈنى ئوغۇزخان ئەل – جامائەتنى يىغىپ، ئۇلارغا «ئۇلۇغ توي» قىلىپ بەرگەن. بۇ مۇراسىم شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، تويدا ھەممە ئېسىل نازۇ – نىمەتلەر تەييارلانغان، كىشىلەر ھاراق – شاراپ ئىچىپ «ئۇلۇغ توي» نى قۇتلۇقلاشقان. ئۇيغۇرلار بۇ يەرگە يىغىلىپ مۇراسىم ئۆتكۈزگەندە، يىغىلغانلارنىڭ سانى نەچچە تۈمەنگە يېتەتتى، مال سۇيۇلاتتى، ئات بەيگىسى ئۆتكۈزۈلەتتى، كىشىلەر ئەتراپنى سەيلە قىلاتتى، ناخشا ئېيتاتتى، ئۇسۇل ئوينايتتى.

«تۈركى تىللار دىۋانى» دا بۇ ھەقتە نۇرغۇن مىساللار بار. مەسىلەن، بەزمە ھەققىدە ئېيتىلغان قوشاق – بېيىتلار:

ئوتتۇز (ئۈچ قېتىم ئۈچتىن) ئىچىپ قىقىرايلى،

يۇقۇرى قوپۇپ سەكرەيلى.

ئارسلاندەك ھوكۇرەيلى،

قايغۇ قاچتى سۈيۈنەيلى.

(ئۈچ قېتىمدىن ئىچەيلى، ئورنىمىزدىن تۇرايلى، ئارسلاندەك ھوكۇرەيلى، قايغۇنىڭ بىزدىن يىراق كەتكەنلىگىنى كۆرسىتەيلى.)②

ئىۋرىق بېشى غاز (بوينى) غا ئوخشاپ (تۇرماقتا)،

ساغەر تولۇپ كوزگە ئوخشاپ (تۇرماقتا)،

قۇيغۇنى چوڭقۇر كومۇۋېتىپ،

كېچە، كۈندۈز سۈيۈنەيلى.
(ئىۋرىقنىڭ بېشى خۇددى غاز بوينىدەك تىك تۇرماقتا، ساغەرلەر خۇددى كۆز چانىغىدەك مەيگە تولدى. قايغۇ – ھەسرەتنى چۆرىۋېتىپ، كېچە – كۈندۈز كۆڭۈل ئاچايلى.)③
«تۈركى تىللار دىۋانى» دىكى بۇ قوشاقلارنىڭ مەزمۇنىدىن قەدىمقى زاماندا ئەر – ئايال جەم بولۇپ ناخشا، ساز نەغمىلەر بىلەن خوشال – خورام ئۇسۇلغا چۈشۈپ كۆڭۈل ئاچىدىغان بۇنداق مۇراسىم شەكلىنىڭ شۇ چاغدىن تارتىپلا ئومۇملاشقانلىغىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
قاراخانىلار دەۋرىدە تارىم بوستانلىغىدىكى رايونلاردا، جەمىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمۇ تەرەققى قىلدى. شۇڭا بەزى يېقىنقى زامان ئالىملىرى مۇشۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە «قەشقەرىيە دەۋرى دەپ نام بېرىش كېرەك» دەپ ھىسابلىدى.
قاراخانىلار دەۋرىدە قەشقەر، بالاساغۇن ۋە سەمەرقەنتلەردە مەدەنيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر خىل تىپتىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك بىلىم يۇرتلىرى – مەدرىسلەر قۇرۇلدى. ساتۇق (ئابدۇكېرىم) ئارسلان بۇغرا قاراخان دەۋرىدە قەشقەردە «ساچىيە»④ («ساچ» قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا سېچىش، يېيىش، ئىلىم – پەننى كېڭەيتىش دىگەن مەنىدە) ئۆز دەۋرىدە يۇقۇرى ئوقۇش يۇرتى ھەمدە ھەر خىل پەنلەرنى ئۆگىنىشنىڭ ئۇچىغى ئىدى. ساچىيە مەدرىسىدە ئىسلام پەلسەپەسى، تارىخ، ئەدەبىيات، ئاسترونومىيە، مىدىتسىنا، روسۇمات جەڭ (ئۇرۇش ئىلمى) قاتارلىق تەبىى ۋە ئىجتىمائى پەنلەردىن دەرس بېرىلەتتى. شۇ دەۋردە كۆپلىگەن بىلىمگە ئىگە بولغان ئۆلىمالار، ئەدىپ – شائىرلار، تىلشۇناسلار، پەيلاسوپلار، تارىخشۇناسلار، يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرى، ئوتاچى (تىۋىپ) قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر مۇشۇ مەدرىستە يېتىشىپ چىققان. مەھمۇت قەشقەرى «تۈركى تىللار دىۋانى» دا ئۆزىنىڭ ئۇستازى سۈپىتىدە تىلغا ئالغان ھۈسەيىن ئىبنى خەلەفە قەشقەرىدەك ئالىملار، ئابدۇجاپپاردەك تارىخشۇناسلار، ئۇيغۇر ئەدەبى تىلىنىڭ ئەڭ يۈكسەك نەمۇنىسى بولغان «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئاپتۇرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇت قەشقەرى مۇشۇ مەدرىسىدە يېتىشىپ چىقتى.
قاراخانىلار دەۋرىدە بىر مۇنچە ئۇيغۇر ئالىملىرى تۈرك مەدەنىيىتى ھەققىدە نۇرغۇن كىتاپلارنى يازدى ۋە ھەر خىل تىلدىكى قىممەتلىك كىتاپلارنى تەرجىمە قىلدى. بىراق، بۇ ئەسەرلەردىن بىزنىڭ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەنلىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا، بىزگە تېخى نامەلۇم بولغان يەنە بىر مۇنچە ئەسەرلەرنىڭ بارلىغىغا شۆبھىلەنمەيمىز، ئەلۋەتتە. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە ئۆز دەۋرىدىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى يۈكسەك مەدەنىيەتنى نامايەن قىلىدىغان تەڭداشسىز قىممەتكە ئىگە ئەسەرلەرمۇ بار ئىدى.
بىز قاراخانىلار دەۋرىدە كامالەتكە يەتكەن ئالىملار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا تولۇق خەۋەردار بولمىساقمۇ، ئەمما قاراخانىلار دەۋرىدە قەشقەردە، بالاساغۇندا يېتىشىپ چىققان ئالىملارنىڭ ئىسىملىرى ۋە ئەسەرلىرىدىن زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەنلىرىنى تۆۋەندىكىچە تۇنۇشتۇرىمىز:
(1) ئۇيغۇر تارىخشۇناسى ئەبۇلفۇتۇھ ئادۇغاپپار ئىبنى ھۈسەيىن قەشقەرى (مىلادىنىڭ 1098 – يىلى ۋاپات بولغان). ئۇ «قەشقەر تارىخى» ناملىق چوڭ ئەسەر يازغان. ئۇنىڭ «قەشقەر تارىخى» دىن باشقا يەنە «مۇجەمە ئۇششۇرخ» (ئۇستازلارنىڭ توپلانغان يېرى) ناملىق ئەسىرىنىڭ بارلىغىنى شەمئانى ئۆز ئەسىرىدە بايان قىلىپ ئۆتكەن. ئەپسۇسكى بۇ ئىككى ئەسەر قولىمىزدا يوق.
(2) جامال قارشى (ئەسلى ئىسمى ئەبۇل فەزلى ئىبنى مۇھەممەت). ئۇنىڭ ئاتىسى بالاساغۇنلۇق بولۇپ، ئۆزى ئالمىلىقتا (ئىلىدا) توغۇلغان، ئىجادىي پائالىيىتىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن. جامال قارشى ھىجىرىيىنىڭ 681 – يىلى، مىلادىنىڭ 1282 – يىلى قەشقەردىكى ساچىيە مەدرىسىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا ئەل جەۋھىرى⑤ نىڭ «ئەسھاھ فېللۇغەت» ناملىق 4 جىلدلىق كىتاۋىنى «سۇراھ» (ھەقىقى، تولۇق) نامغا ئۆزگەرتىپ، ئەرەپچىدىن پارىسچىغا تەرجىمە قىلدى. 14 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەرەپچە ئىلاۋە بىلەن «مولھىقاتۇس سۇراھ» دىگەن مەشھۇر لوغەتنى يېزىپ چىقتى.
جامال قارشىنىڭ «سۇراھ» قا يازغان ئىلاۋىسى قاراخانىلار دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكەن ئاتاقلىق ئالىم، مەشھۇر شەخىسلەر، دىنىي ئالىم ۋە شەيخلەرنىڭ تارىخىنى ھەمدە شۇ دەۋردىكى مەنىۋى ھاياتىنى يۇرۇتۇپ بېرىشتە زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگە. بۇ ئىلاۋىنىڭ قوليازمىسى ئوتتۇرا ئاسىيادا م. س. ئاندىرىۋ تەرىپىدىن تېپىلىپ، ف. ب. نەلفىكىن تەرىپىدىن ئاسىيا مۇزېيىغا تاپشۇرۇلغان، ھازىر شۇ يەردە ساقلانماقتا.
(3) مەشھۇر ھىكىم ئىمادۇددىن قەشقەرى. ئۇ ئۇيغۇر تىلىدا «شەرھى ئەلقانۇن» (قانۇنلار شەرھىسى) ناملىق ئەسەر يازغان، بۇ ئەسەرنى يېزىشتا ئاتاقلىق پەيلاسوپ فارابىنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلانغان. شۇنداقلا ئىبنى سىنا (980—1037 – يىللار) نىڭ تىبابەتچىلىك ھەققىدىكى ئەسەرلىرىنى شەرققە تۇنۇشتۇرۇش ۋە ئىلمىي تەجرىبىلەر بىلەن بېيىتىش ئارقىلىق تىببى ئىلىمغا چوڭ تۆھپە قوشقان.
(4) مۇھەممەت ئىبنى ئەلكاتىپ سەمەرقەنتى. ئۇ 12 – ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا سەلتەنەتلىك ھاكىمىيەت تۈپىسىدە تۇرغان تامغاچ قىلىچخان مەسئۇد ئىبنى ئېلى (مىلادى 1095 – يىلى ۋاپات بولغان) غا بېغىشلاپ «ئەغرازۇ سىياسى فى ئىلمىي سىياسى» ناملىق ئەسەرنى يازغان. بۇ ئەسەر سالچۇقىلار سولتانى سەنجار (مىلادى 1157 – يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ ياشىغان دەۋرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىخىي ئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭدا شۇ دەۋردىكى ھۆكۈمدارلارنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئاتاقلىق تارىخىي شەخىسلەر نوقتىلىق بايان قىلىنغان. ئۇ ئەسەر ھىكايە شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ، سولتان سەنجار سالچۇقىغا ئائىت قىسمى ئوتتۇرا ئاسىيا قاراخانىلار تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئەڭ قىممەتلىك ماتىرىيال بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
(5) مەجىددىن مۇھەممەت ئىبنى ئەد ناينى. ئۇ قاراخانىلار ئەۋلادى تامغاچ ئىبراھىم ئىبنى ناسىرغا بېغىشلاپ «تۈركىستان تارىخى» بىلەن «چىن تارىخى» ناملىق ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ «تۈركىستان تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە تۈرك خەلقى بىلەن تۈركىستاننىڭ ئومۇمى ئەھۋالى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن. «چىن تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە چىن خانلىقلىرى ھەققىدە، بولۇپمۇ قارا خىتاي خانلىغى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
(6) ئوبۇل فەيزى مۇھەممەت ئىبنى ھۈسەيىن بەيھىقى (996—1039 – يىللار). ئۇ 30 تومدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان، بۇنىڭدىن سولتان مەسئۇد (مىلادى 1030 – يىلى) نىڭ ۋەقەلىرىگە ئائىت يېزىلغان 10 تومى زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن. بۇ ئەسەردە قاراخانىلارنىڭ تارىخىغا دائىر ئەڭ كۆپ ۋە توغرا مەلۇمات بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئىلمىي قىممەتكە ئىگە تارىخىي ئەسەر ھىساپلىنىدۇ.
(7) مۇھەممەت ئەلئەۋھى. ئۇ ھىجىرىيىنىڭ 625 – يىلى ھىندىستاندا «جامىئۇل ھىكايەت» ناملىق ئەسەر يازغان. ئاپتۇر خارەزىم ۋە بۇخارادا تۇرغانلىغى ئۈچۈن، بۇ ئەسەردە قاراخانىلاردىن تامغاچ ئىبراھىم خان ھەققىدىكى ئىشلارنى ھىكايە شەكلى بىلەن بايان قىلغان. بۇ ئەسەر 5 باب بولۇپ، ئەسەرنىڭ ئاخىرقى 5 – بابىدا جۇغراپىيىلىك مەلۇماتلارغا قوشۇپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۇنجى قېتىم تولۇق ئىلمىي مەلۇمات بەرگەن.
(8) ئەبۇ نەسر فارابى. فارابىنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ نەسر مۇھەممەت ئىبنى ئۇزلۇق ئىبنى تارخان. ئۇ فاراب شەھرىدىن بولغاچقا، فارابى دەپ ئاتالغان. ئۇ فاراب شەھرىدە تۈركى خەلقلەردىن بولغان مۇھەممەت ئىسىملىك ھەربى كىشىنىڭ ئائىلىسىدە توغۇلۇپ، 950 – يىلى دەمەشىقتە ۋاپات بولدى.
فاراب شەھرى بۇرۇن قەشقەر خانلىغىغا، كېيىن قاراخانىلار خانلىغى قۇرۇلغان چاغلاردا قاراخانىلار خانلىغىغا قارىدى. ئەبۇ نەسر فارابى دەسلەپ فاراب شەھرىدە ئوقۇدى، كېيىن بالاساغۇن، قەشقەرلەردە بىلىمىنى تولۇقلاپ، ئىسلام ئەللىرىگە ساياھەت قىلىپ، باغداد، ئىران، مىسىر، سۈرىيىگە بارغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجادىي پائالىيىتىنى شۇ جايلاردا ئۆتكۈزدى، كېيىن باغدادقا كەلدى. بۇ جايدا ئۇ ئەرەبچىنى پىششىقلىدى، مۇشۇ جەرياندا، پەلسەپە، تارىخ، ئاسترونومىيە، قانۇن، تىبابەتچىلىك ۋە مۇزىكا ئىلمىنى ئۆگەندى.
فارابى ئۆزىنىڭ كۆپ ساندىكى ئەسەرلىرىنى ئەرەبچە يازغان. شۇڭا فارابىغا باھا بېرىشتە ھەر خىل چۈشەنچىلەر مەيدانغا چىققان ئىدى. جۇرجى زەيدان فارابىنىڭ قەبرىسى شام (سۈرىيە) دا بولغانلىغى ئۈچۈن ئۇنى ئەرەب دەپ ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، مەملىكىتىمىزدە چىققان «سىخەي» (سۆزلەر قامۇسى) دىمۇ فارابىنى ئەرەب دەپ تونۇشتۇرغان. يېقىنقى زامان تارىخچىلىرى ئىچىدىمۇ فارابىنىڭ زور كۆپچىلىك ئەسەرلىرىنىڭ ئەرەبچە يېزىلغانلىغىغا قاراپ، ئۇنى ئەرەب دىگۈچىلەر ھازىرىغىچە مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە.
ھەممىگە ئايانكى، شۇ زاماندا ئەدەبى تىل غەربتە لاتىنچە بولسا، شەرقتە ئەرەبچە ۋە پارىسچە ئىدى، فارابىنىمۇ ئەرەبچە ياكى پارىسچە ئەسەر يازغانلىغىغا قاراپلا ئەرەب دىگىلى بولمايدۇ. فارابى ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ تۈرك ئىكەنلىگىنى كۆپ قېتىم قەيت قىلىپ ئۆتكەن. ئۇ پۈتۈن ھاياتىدا ئىلىم – پەن بىلەن شۇغۇللىنىپ، پەلسەپە، مەنتىقە، تىببى ئىلىم، تىلشۇناسلىق، مۇزىكىغا ئوخشاش ھەر خىل ساھەلەردە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولغانلىقتىن، ئۇ ئەرەب تىلىدا 100 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يازدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا نېمىسچە، فرانسۇزچە، ئىران تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىنلا، ئاۋۋال غەرب، كېيىنچە شەرقتە جاھانشۇمۇل ئەسەرلەر قاتارىدا تونۇلدى.
ئۇ پەلسەپە جەھەتتە «ئىھسائول ئولۇم» (بىلىملەر بايانى) ناملىق داڭلىق ئەسەرنى يېزىپ، ئىلىم دۇنياسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە سىنىپلارغا بۆلۈنۈشىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن ئەينى دەۋردە نۇرغۇن ئالىملار ۋە كىتاپخانىلارنى ئالاھىدە ئۆزىگە جەلپ قىلدى.
فارابىنىڭ يەنە «ۋەتتە ئىرىپ بىئەغىزايھا» (پارچە بۆلەكلەرنى تۇنۇشتۇرۇش) ناملىق مەشھۇر پەلسەپە ئەسىرى ئىسلام مەملىكەتلىرىدىن ئىراق، شام، مىسىردىكى پەيلاسوپلارنى ھەيران قالدۇردى. ئۇنىڭ ئارىستۇتىلنىڭ مەنتىقە ئەسەرلىرىنى ئوقۇش جەريانىدا يازغان لېكسىيە دەپتىرى 70 كە يەتكەنلىگىنى تارىخىي مەنبەلەر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
فارابى ھەمىدانىلەر ئەمرى سەيفۇل دەۋلە ھوزۇرىغا تۈركچە كىيىم بىلەن كەلگەنلىگى تارىخىي مەنبەلەردە ئېنىق. ئۇ شۆھرەتلىك ئالىم بولغاچقا، سەيفۇل دەۋلە ئۇنىڭ ئىلمىي پائالىيىتىگە شەرت – شارائىت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇنى ناھايىتى يۇقۇرى مۇئاش بىلەن تەمىنلىمەكچى بولغاندا، فارابى كۈندىلىك خىراجەتلىرى ئۈچۈنلا كېرەكلىك پۇللارنى ئېلىپ، باشقىنى ئالمىغان. ئەمىر سەيفۇل دەۋلە فارابىنى ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىپ، پۈتۈن ساياھەت سەپىرىدە فارابىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرگەن.
فارابى ئاتاقلىق سەنئەتكار، ئاتاقلىق كومپوزىتور ۋە ئۆز دەۋرىنىڭ شائىرى ئىدى. ئۇ مۇزىكىدا ھازىر تارىخىي قىممەتكە ئىگە بولغان «مۇزىكا ھەققىدە چوڭ كىتاب» ناملىق ئەسەرنى يېزىپ، مۇزىكا ساھەسىگە نەزىرىيە جەھەتتىن ئاساس سېلىش بىلەن مۇزىكا ئىلمىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. فارابىنىڭ بۇ ئەسىرى 12 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، مەزمۇن جەھەتتىن مۇزىكا تارىخى، مۇزىكىنىڭ ئەھمىيىتى، مۇزىكا نەزىرىيىسى، پىراكتىكىسى، ئەسۋابلىرى، مۇزىكىنى ئورۇنلاش چىۋەرلىگى، تۈزۈلۈشى (كومپوزىتسىيىسى) ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى شەرق بىلەن غەربكە كەڭ تارقالغان بولۇپ، نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.
فارابى مۇزىكىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلىپلا قالماستىن، ئۇ مۇزىكا ساھەسىدە ئۇيغۇر سازلىرىدىن قالۇن، تەمبۇر قاتارلىق بىر قانچە ئەسۋاپلىرىنى ئىجاد قىلغان. ئۇ مۇزىكا ئىلمىدە ئىنسانلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايدىغان ناھايىتى يۇقۇرى ماھارەت ۋە ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى. فارابى داڭلىق شائىر بولۇپ، تارىخىشۇناسلارنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۇ پەلسەپىۋى سۇئاللارنىڭ كۆپ قىسمىغا شېئر ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇرغان. ئۇنىڭ شېئىرىيەتتە يېڭىچە ئىزدىنىش ۋە يېڭىچە مۇلاھىزىلىرى ئالىملارنى دائىم ئالغا يېتەكلەيدىغان ئۇستازلىق رولىنى ئوينىغان. مانا مۇشۇ خىل ئۇقۇمنى فارابى بىر كۇپلىت شېئىر ئارقىلىق مۇنداق دەپ يەكۈنلىگەن:
يايرايدۇ گۈللەر كەبى ئەلەم سىرى،

يالت – يۇلت قىلار زۈمرەتتەك چاقنار نۇرى،

دانالار قىلسىمۇ گەرچە قانچە بىشارەت،

تاپمىدى ئاچقۇچنى ھېلىھەم بىرى.⑥

ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانىلار دەۋرىدىكى سىياسى، ئەدەبىيات، تىل، پەلسەپە، قانۇن، ئىلمىي نۇجۇم (ئاسترونومىيە)، ماتېماتىكا، جۇغراپىيە، تارىخ، دىخانچىلىق، ھەربى ئىلىم قاتارلىق ساھەلەردىكى تۈرلۈك كۆز قاراشلىرى شەرھىلەنگەن «قۇتادغۇ بىلىك» بىلەن «تۈركى تىللار دىۋانى» قاتارلىق ئىككى ئەسەرنى نوقتىلىق تۇنۇشتۇرىمىز.


2- بۆلۈم «قۇتادغۇ بىلىك» توغرىسىدا

«قۇتادغۇ بىلىك» قاراخانىلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ قەدىمقى دەۋرلىرىنى چۈشىنىشتە بىرىنچى قول ماتىرىيال بولۇپلا قالماستىن، بەلكى جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن مەدەنيىتىنى يارىتىشتا قوشقان شانلىق تۆھپىسىنى چۈشىنىشتىمۇ ئەڭ ئوبدان تارىخىي ھۆججەتتۇر.
«قۇتادغۇ بىلىك» قاراخانىلارنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائى ھاياتىنىڭ مەھسۇلى. قاراخانىلار دەۋرىدە دۆلەت تۈزۈلمىسىدە، جەمىيەتتىكى ھەر قايسى تەبىقىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە يېڭى مەسىلىلەر بارلىققا كەلدى. بولۇپمۇ جەمىيەتنىڭ ئۈستقۇرۇلمىسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئەخلاق، قائىدى، ئىنتىزام، قانۇن، پىرىنسىپلارنى، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى مۇناسىۋەتلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىش، قاراخانىلار جەمىيىتىنىڭ ئىچكى ھاياتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىزاھلاپ بېرىش شۇ دەۋرنىڭ جىددى تەلىۋى ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار جەمىيىتىنىڭ ئىجتىمائى، سىياسى، ئىقتىسادى، ئەخلاقىي ۋە تەربىيە قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئالاقىدار بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىنچىكە ئىجتىمائى تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئىگەللەپ چىققان مەسىلىلەرنى ئىلمىي قاراش بويىچە سېستىمىلاشتۇرۇپ چىقتى؛ ھۆكۈمرانلارنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇللىرى، دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك ۋەزىپىسى، ئۇلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاقىي پەزىلەت ۋە ئۇلارنىڭ شەرتلىرى قاتارلىق دۆلەتنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىغا دائىر مەسىلىلەرنى چوڭقۇر پەلسەپىۋى كۆز قاراش بىلەن يۇرۇتۇپ بەردى.
«قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ ئەھمىيەتلىك يېرى شۇ يەردىكى، ئاپتۇر بۇ ئەسەردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ شۇ دەۋردىكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى يۇرۇتۇپ بەرگەندىن تاشقىرى، قەدىمقى تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي مەنبەلىرىنى ئۆز ئەسىرىگە سىڭدۈرۈپ، شۇ دەۋرگە نىسبەتەن ئىلغار پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاپتۇر بۇ ئەسىرىدە يەنە قەدىمقى ئەسەرلەردىن قالغان تارىخىي مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ ۋە ئۇلارنى پەلسەپىۋى كۆز قاراشلار بىلەن بېيىتىپ، قەدىمقى دەۋرلەردىن تارتىپ داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بۈيۈك مەدەنىيەت بولمىغاندا، ھازىرقى يۈكسەك تەرەققى قىلغان مەدەنىيەتنىڭ بولغايدىغانلىغىنى تارىخىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ بەردى. شۇڭا «قۇتادغۇ بىلىك» قاراخانىلار دەۋرىنىڭ ئىجتىمائى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ قەدىمقى مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھاياتى

يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىك» تە ئۆز ئىسمىنى پەقەت بىرلا قېتىم (6627 – بەت) تە تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتى توغرىسىدا، «قۇتادغۇ بىلىك» نى كىتاپخانلارغا تۇنۇشتۇرۇش مەقسىدىدە قوشۇمچە قىلىنغان نەزمى ۋە نەسرى مۇقەددىمىلەردە بېرىلگەن مەلۇماتلاردىن باشقا، مەلۇمات بېرىدىغان ئېنىق بىر مەنبە يوق. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ئەسەردە مۇنداق دەيدۇ:

تەگۈردى ماڭا ئەلىگ ئەلگە ياشىم،

قۇغۇ قىلدى قۇزغۇن تۇسى تەگ باشىم.

ئوقۇر ئەمدى ئالتىمىش ماڭا كەل تەيۇ،

پۇسۇغ بولماسا باردىم ئەمدى نارۇ.

(ماڭا تەككۈزۈپ قولىن ئەلىك يېشىم،

قۇغۇ قىلدى قۇزغۇن تۇسىدەك بېشىم.

مېنى قىچقىرىپ ئاتمىش ئەمدى دەيدۇ كەل،

بارۇرمەن ئەگەردە يەتمىسە ئەجەل.)

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مۇشۇ بېيىتلىرىغا قاراپ، ئۇنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىۋاتقان چاغلاردا دەل ئەللىك ياشلارغا كىرىپ قالغانلىغىنى قىياس قىلىش مۇمكىن.

يىل ئاتمىش ئەردى تورت يۇز بىلە،

تۆكەل ئون سەككىز ئايدا ئايدىم بۇ سۆز.

دىگەن مىسرالارغا قارىغاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ كىتاپنى ھىجىرىيىنىڭ 462 – يىلى (مىلادى 1069 – يىللار) جەمى 18 ئايدا يېزىپ تۆگەتكەن. ئەمدى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىشقا باشلىغاندا، بېيىتتا ئۆزىنىڭ 50 ياشلاردا ئىكەنلىگىنى ئېيتقانلىغىغا قاراپ، ئۇنىڭ تەخمىنەن مىلادىنىڭ 1019—1020 – يىللىرى بالاساغۇندا توغۇلغانلىغىنى بىلەلەيمىز. ئاپتۇر بۇ ئەسەرنى بالاساغۇندا يېزىشقا باشلاپ قەشقەردە تاماملىغاندىن كېيىن، ئۇنى تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇ ئېلى ھەسەن ئىبنى سۇلايمانغا تەقدىم قىلغان.
تاۋغاچ سۇلايمان ئارسلان بۇغرا قاراخان ئاپتۇرنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىنىڭ كۈچلۈكلۈگىنى ماختاپ، كىتاپنىڭ قەدىر – قىممىتىگە يېتىپ، ئۇنىڭغا «خاس ھاجىپ»⑦ لىق ئۇنۋانى بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئاپتۇرنىڭ ئىسمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ دەپ ئاتالغان. مۇشۇ ئىلمىي ئۇنۋان بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار ھاكىمىيىتىگە تەسىر ئۆتكۈزىدىغان ئەربابقا ئايلاندى. قاراخانىلار مۇشۇ دەۋردە ئۆز سىياسىتىنى ياخشىلاش، قانۇن – تۈزۈملىرىنى ئىسلاھ قىلىش، مالىيە، ئىقتىسات ۋە پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سودا، قاتناش، دىخانچىلىق، چارۋىچىلىق، قول سانائەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مائارىپ، مەدەنيەتنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار دەۋرىنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق شائىرى، پەيلاسوپى، مۇتەپەككۇرى ئىدى. ئۇ بارلىق تۈركى تىل دىيالېكتلىرىنى ئېنىق بىلگەندىن تاشقىرى ئەرەپ، پارس تىللىرىنىمۇ ياخشى بىلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ يېتىلگەن ئىنسكلوپىدىگى دىيىشكە بولاتتى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قاچان ۋاپات بولغانلىغى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بولمىغانلىقتىن، تولۇق تەرجىمىھالىنى رەتلەپ چىقىش قىيىن. لېكىن ئاپتۇر ئۆز ئەسىرىنىڭ قوشۇمچە قىلىنغان قىسمىدا ئۆز ئەھۋالىنى سۆزلەپ كېلىپ، قېرىپ قالغانلىغىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن بايان قىلىدۇ:

تاتىغ ئەردى بارچە يىگىتلىك ئىشىم،

ئاغۇ قىلدى ئەمدى ماڭا يەر ئاشىم.

(يىگىتلىكتە تاتلىق ئىدى ھەر ئىشىم،

ئوغا قىلدى ماڭا يەر ئېشىم)

قايىڭ تەگ بودىم ئەردى ئوق تەگ كونى تۇز،

ياتەگ ئەگرى بولدى ئەگىلدىم تۇگىتتم.

(قېيىندەك بويۇم ئوقتەك ئىدى تۈز،

يايدەك ئەگرى بولدى، پۇكۇلدۇم ئېگىلىپ.)

بۇنىڭدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ خېلىلا ئۇزۇن يىل ياشىغانلىغىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن.

ئەسەرنىڭ نامى ۋە بىر قانچە نۇسخىلىرى

يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ نامى ھەققىدە بۇ ئەسەرنىڭ 351 – بېيىتىدە مۇنداق دەيدۇ:
كىتاپ ئاتى ئوردۇم قۇتادغۇ بىلىك،
قۇتاد سۇ ئوقىغىلىقا تۇتسۇ ئەلىگ.
(كىتاپقا «قۇتادغۇ بىلىگ» دەپ ئات قويدۇم، ئوقۇغان كىشىنى قۇتلۇق قىلسۇن، ئۇنىڭغا يول كۆرسەتسۇن.)
ئالىملار «قۇتادغۇ بىلىگ» ياكى «قۇتادغۇ بىلىك» دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ھەر خىل ئىزاھلاپ كەلدى. قەدىمقى تۈركچە «قۇت» سۆزى «قۇتلۇق»، «مۇبارەك»، «مۇقەددەس»، «بەخت» مەنىسىدە، «بىلىك» ياكى «بىلىگ» بىلىم دىمەكتۇر. دۇنيا ئالىملىرى ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا «قۇت» سۆزىنى «بەخت – سائادەت» مەنىسىدە چۈشىنىپ، «قۇتادغۇ بىلىك» دىگەن سۆزنى «بەخت – سائادەت بىلىمى» دىسە، بەزىلەر «بەختلىك قىلغۇچى بىلىم»، «پادىشاھلارغا لايىق بىلىم» دەپ ئىزاھلاشتى. رەشت رەھمىتى ئارات «قۇتادغۇ بىلىك» نى «ئادەمگە ھەر ئىككى دۇنيادا بەخت – سائادەتلىك (قۇتلۇق) بولۇش يولىنى كۆرسەتكۈچى بىلىم» دەپ چۈشەندۈرگەن ئىدى.
«قۇتادغۇ بىلىك» ئۈستىدىكى مۇلاھىزە ۋە چۈشەندۈرۈشلەرگە قاراپ شۇنى ئېيتىشقا بولىدۇكى، «قۇتادغۇ بىلىك» بەخت – سائادەتكە ئېرىشىش يولىنى كۆرسىتىش مەقسىدىدە يېزىلغان. ھەقىقى مەنىسى بىلەن ئېيتقىنىمىزدا، بۇ ئەسەرنى ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن دۆلەتنى ئەخلاق، قانۇن، ئىلىم، ئادالەت بىلەن ئىدارە قىلىش دەستۇرى، قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنىڭ پۇروگىراممىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
«قۇتادغۇ بىلىك» قەدىمقى ئۇيغۇر ئەدىبى تىلى بىلەن مەسنەۋى شەكلى ۋە ئارزۇ ۋەزنىدە يېزىلغان بولۇپ، جەمى 6645 بېيىت، 13 مىڭ 290 مىسرادىن تەركىپ تاپقان، 85 بابقا بۆلۈنگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان نۇسخىسى تېخىچە دۇنيادا تېپىلمىدى. قۇتادغۇ بىلىكنىڭ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن نۇسخىلىرى ئەسەر يېزىلغان ۋاقىتتىن بىر قانچە ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن كۈچۈرۈلگەن، بۇلار ۋېنا، قاھىرە، پەرغانە نۇسخىلىردىن ئىبارەت.
(ئا) ۋېنا نۇسخىسى. بۇ نۇسخا مىلادىنىڭ 439 – يىلى ئافغانىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ھىرات شەھىرىدە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغىدا كۆچۈرۈلگەن، 1474 – يىلى ئىستامبۇلغا كەلتۈرۈلگەن؛ 1796 – يىلى ئاۋسترىيىلىك ھامىر پورۇگىستاك ۋېناغا ئېلىپ بېرىپ، ۋېنا كۇتۇپخانىسىغا تاپشۇرغان، ھازىرغىچە شۇ يەردە ساقلانماقتا. 19 – ئەسىردە ۋېنگرىيىلىك شەرقشۇناس ئا. ۋامبىرى ۋە رۇس ئالىملىرىدىن ۋ. رادلوۋلار بۇ ئەسەرنى تۇنجى قېتىم تىرانسكرىپسىيىسى ۋە بىر قىسىم تەرجىمىسى بىلەن دۇنياغا ئېلان قىلغان.
(ب) قاھىرە نۇسخىسى. بۇ نۇسخا ئەرەپ يېزىغىدا كۆچۈرۈلگەن، جەمى 8500 بېيت، بۇ نۇسخىنى قاھىرە خدىۋلىك كۇتۇپخانىسىنىڭ نېمىس مۇدىرى دوكتۇر مۇرىتز 1896 – يىلى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلدى. كېيىنكى دەۋرلەردە تۈركىيە تىل جەمىيىتى بۇ نۇسخىنىڭ فاكسىمىل نۇسخىسىنى تۈركىيىگە ئېلىپ بېرىپ، 1943 – يىلى نەشىر قىلدى.
(ت) پەرغانە نۇسخىسى. بۇ نۇسخا 445 بەت، 6095 بېيت بولۇپ، ئەرەپ يېزىغىدا كۆچۈرۈلگەن، 1914 – يىلى زەكى ۋەلىدى توغان پەرغانىنىڭ نەمەنگان شەھىرىدىن تاپقان.
بۇ يەردە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش زۈرۈركى، «قۇتادغۇ بىلىك» دۇنياغا تۇنۇلغاندىن كېيىن، دۇنيا ئالىملىرى ئىچىدە «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغىدا يېزىلغانلىغى ھەققىدە ئوخشىمىغان پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇ دەۋرلەردە قەشقەر ۋە قەشقەر ئەتراپىنىڭ ئىسلام دۇناسى بىلەن بولغان زىچ باغلىنىشىغا، ئىسلام ئەدەبىياتىنىڭ خېلى بۇرۇنلا بۇ جايلاردا ئۆزىگە زىمىن ھازىرلىغانلىغىغا قاراپ، «قۇتادغۇ بىلىك» نى ئىسلامىيەت مەدەنىيىتى ئەسەرلىرىنىڭ بىرى دەپ قاراش تارىخىي رىياللىققا ئۇيغۇن ئەمەس. قاراخانىلار قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن بىللە ئەرەپ يېزىغىنىمۇ باراۋەر قوللانغان. مەھمۇت قەشقەرى قەدىمدىن تارتىپ قاراخانىلارنىڭ دۆلەت ئىشلىرىدا ئۇيغۇر يېزىغىنىڭ قوللىنىلغانلىغى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دىگەن ئىدى: «قاراخانىلار تىلى ئەڭ ساپ تىل، قەدىمقى زاماندىن تارتىپ مۇشۇ كەمگىچە قەشقەردىن تارتىپ چىنغىچە بولغان ھەممە تۈرك شەھەرلىرىدىكى بارلىق خاقانلار، سولتانلارنىڭ كىتاپ، خەت – چەكلىرى مۇشۇ يېزىق بىلەن يۈرگۈزۈلگەن». يەركەندىن 11 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىغا ۋە 12 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىغا ئائىت رەسمى ۋەسىقىلەر ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا ئائىت ھۆججەتلەر تېپىلدى. بۇ ھۆججەتلەردە ئۇيغۇر يېزىغىنىڭ، ئەرەپ يېزىغىنىڭمۇ قوللىنىلغانلىغىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. رەشىت رەھمىتى ئارات: «تارىخىي پاكىتلار «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئەبۇ ھەسەن ئىبنى سۇلايمان ئارسلان بۇغرا قاراخانغا تەقدىم قىلىنغان دەسلەپكى نۇسخىسىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن يېزىلغانلىغىنى ئىسپاتلىماقتا» دىگەن. بۇ ۋەسىقە – ھۆججەتلەردىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، شۇ دەۋردە ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن يېزىلغان ھۆججەتلەر بولغىنىدەك، ئەرەپ يېزىغى بىلەن يېزىلغان ئەرەپچە ھۆججەتلەرنىڭمۇ بارلىغى، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ بەزىلىرىدە گۇۋاچىلارنىڭ ئىمزالىرى ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن يېزىلغانلىغى دۆلەت ئىشلىرىدا يۈرگۈزۈلىدىغان يېزىقلار ئىچىدە يەنىلا ئۇيغۇر يېزىغى ئاساسىي ئورۇندا تۇرغانلىغىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمدى ئەرەپ يېزىغى قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكەنلىگىگە كەلسەك، بۇ ھەقتە قولىمىزدا ئېنىق مەلۇمات يوق.
تارىخىي مەنبەلەردە ئۇيغۇر يېزىغى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئالتۇن ئوردا ۋە ئىران تەۋەسىدىكى تۈرك خانلىقلىرىدا كېيىنكى چاغلارغا قەدەر قوللىنىلغانلىغى قەيت قىلىنىدۇ. دىمەك، پاكىتلار «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ بۇغرا خانغا تەقدىم قىلىنغان ئەسلى نۇسخىسىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن يېزىلغانلىغىنى ئېتراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلماقتا.
«قۇتادغۇ بىلىك» خەلقئارا جامەئەتچىلىككە تونۇلغاندىن كېيىن، باشقىلار تەرىپىدىن «قۇتادغۇ بىلىك» كە يېزىلغان بىر مۇقەددىمىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: چىن ۋە ماچىن ھېكىملىرىنىڭ ھەممىسى شۇنداق دەپ تونۇغانكى، تۈركتە چىن ئەللىرىدىن ئىبارەت بارلىق شەرق ئەللىرىدە بۇغرا خان تىلى (خاقانىيە تىلىنى دىمەكچى) ۋە تۈركى سۆزلەر بىلەن ھىچكىم مۇنداق بىر پايدىلىق كىتاپنى يازمىغان. بۇ كىتاپنىڭ پايدىلىق بىر كىتاپ ئىكەنلىگىنى ھەر قايسى ئەللەردىكى ھېكىملەر، ئالىملار نامايەن قىلىشتا ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىدى. چىنلىقلار «ئەدىبى مۈلۈك» (دۆلەتنىڭ ئەدەپ – قائىدىلىرى)؛ ماچىن پادىشاھلىغىنىڭ چوڭلىرى «ئەينە يول مەمالىك» (مەملىكەت ئەينىگى)؛ شەرق ئىلىنىڭ چوڭلىرى «زىنە تول ئەل ئومۇرا» ( ئەمىرلەر زىننىتى)؛ تورانلار «قۇتادغۇ بىلىك»، ئىرانلىقلار «شاھنامەئى تۈركى» دەپ ئاتىدى.
بۇنىڭدىن «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ دۇنيا ئەللىرىگە قانچىلىك چوڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىگىنى كۆرگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، «قۇتادغۇ بىلىك» ئۆزىنىڭ مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلۇغى، ماتىرىياللىرىنىڭ موللۇغى، ھەجىمىنىڭ چوڭلۇغى، ئالىمىنىڭ بىلىمىنىڭ كەڭلىگى قاتارلىق جەھەتلەردىن قارىغاندا، يالغۇزلا تارىخ كىتاۋى ئەمەس، يا رايون، شەھەرلەرنى تەسۋىرلەيدىغان جۇغراپىيىۋى كىتاپ ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ قەدىمقى ئىجتىمائى ھاياتىنى، روھىي قىياپىتىنى، دۇنيا قاراشلىرىنى، ئەخلاقىي – پەزىلەتلىرىنى، بولۇپمۇ قاراخانىلار دەۋرىدىكى دۆلەتنىڭ سىياسەت، قانۇن، ئەخلاق ھەققىدىكى چوڭقۇر پەلسەپىۋى قاراشلىرىنى ئوبرازلىق بەدىى شېئىر شەكلى بىلەن يۇرۇتۇپ بەرگۈچى يىگانە ئەسەردۇر.

«قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا
«قۇتادغۇ بىلىك» 82 بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق:
1 –، 2 –، 3 – باپلاردا تەڭرىگە، مۇھەممەت پەيغەمبەرگە ۋە ئۇنىڭ چارىيالىرىغا مەدھىيە ئوقۇلغان؛ 4 – باپتا بۇغرا خانغا مەدھىيە ئوقۇلغان؛ 5 – باپتا يەتتە سەييارە يۇلتۇز ۋە ئون ئىككى بۇرچ سۆزلىنىدۇ؛ 6 – باپتا ئادەمنىڭ ھۆرمىتى، چۈشەنچىلىرى بىلىمدىن پەيدا بولىدىغانلىغى سۆزلىنىدۇ؛ 7 – باپتا تىلنىڭ ئارتۇقچىلىغى، پايدا – زىيىنى سۆزلىنىدۇ؛ 8 – باپتا كىتاپ ئىگىسى ئۆزىنىڭ سۆزىنى سۆزلەيدۇ؛ 9 – باپتا ياخشىلىق قىلىش ھەققىدە تەربىيە – نەسىھەتلەر سۆزلىنىدۇ؛ 10 – باپتا ئىلىم ۋە پاراسەت، پەزىلەتنىڭ پايدىسى سۆزلىنىدۇ؛ 11 – باپتا كىتاپنىڭ ئىسمى ۋە ئاپتۇرنىڭ قېرىغانلىغى سۆزلىنىدۇ؛ 12 – باپتا قىلىق – ھەركەتنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ زىيىنى سۆزلىنىدۇ؛ 13 – باپتىن 79 – باپقىچە ئەسەردىكى 4 ئاساسىي پىرسۇناژ: كۈن تۇغدى (پادىشاھ)، ئاي تولدى (ۋەزىر)، ئۇگدۇرۇلمىش (ۋەزىر ئوغلى)، ئۇغۇرمىش (ۋەزىرنىڭ قېرىندىشى) قاتارلىق 4 پىرسۇناژنىڭ سۆھبىتى سۆزلىنىدۇ؛ 80 – باپتا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆتكەن ياشلىغىغا ئېچىنىپ قىلغان پۇشايمانلىرى سۆزلىنىدۇ؛ 81 – باپتا زاماننىڭ بۇزۇلغانلىغى ۋە دوستلارنىڭ ۋاپاسىزلىغى سۆزلىنىدۇ؛ 82 – باپتا ئالىم ئۆزىگە نەسىھەت قىلىپ، ئۆزرە تىلەيدۇ؛ ئۆز ئەسرىنىڭ توغرىلىق (ئادالەت)، سائادەت (بەخت)، ئەقىل، قانائەتتىن ئىبارەت تۆت ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغانلىغىنى بايان قىلىدۇ. ئالىم بۇلارنىڭ ھەر بىرىگە تۈركچە ئىسىم قويغان؛ توغرىلىققا «كۈن تۇغدى» ئىسمىنى بېرىپ، ئۇنى پادىشاھ ئورنىغا قويغان؛ سائادەتكە «ئاي تولدى» ئىسمىنى بېرىپ، ئۇنى ۋەزىر ئورنىغا قويغان؛ ئەقىلغا «ئۇگدۇرۇلمىش» ئىسمىنى بېرىپ، ئۇنى ۋەزىرنىڭ ئوغلى ئورنىغا قويغان؛ قانائەتكە «ئۇدغۇرمىش» ئىسمىنى بېرىپ، ئۇنى ۋەزىرنىڭ قېرىندىشى قىلىپ ئالغان. ئالىم دۆلەتنى تۈزەش ۋە دۆلەتنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىغا ئائىت سىياسەت، قانۇن، جەمىيەت، ئەخلاق، ئەقىل، قانائەت ھەققىدىكى پەلسەپىلىك كۆز قاراشلار ۋە تەشەببۇسلارنى تۆت شەخسنىڭ ئۆزئارا سوئال – جاۋاپ شەكلىدىكى سۆھبىتى ئارقىلىق ئوبرازلىق بايان قىلىپ، خەلق ھىمايە قىلىدىغان دۆلەتنىڭ قانداق بولۇش لازىملىغى، دۆلەتنى بىلىم، ئەقىل، پاراسەت ۋە ئادىل قانۇن بىلەن باشقۇرغاندا، ئۇنىڭ روناق تاپىدىغانلىغى، ھەممە ئىشتا بىلىم، ئەقىل، پاراسەت ۋە ئەخلاقنى يېتەكچى قىلىشنىڭ زورۇرلىگى، دۆلەت ئەرباپلىرىنىڭ ئەخلاق – پەزىلەتتە باشقىلارغا ئۆلگە بولۇشىنىڭ لازىملىغى، خەلقنىڭ دۆلەتكە ۋە دۆلەت ئەرباپلىرىغا قانداق مۇناسىۋەتتە بولۇشى، دۆلەت ئەرباپلىرىنىڭ خەلققە قانداق مۇئامىلىدە بولۇشىنىڭ لازىملىغى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئېنىق كۆرسەتكەن. مەسىلەن:

1459 – بېيىت: ئەسسىز ئوڭدى ئورما ئاي ئىلچى بوگۇ،

ئەسسىز بولسا بولماز ئاۋۇنۇغ يىگۇ.

(ئەي مەملىكەتنى ئىدارە قىلغۇچى ھاكىم! يامان تەرتىپ ئورناتما، يامان قانۇن بىلەن دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلغىلى بولمايدۇ.)

1411 – بېيت: ئاي ئەلىگ قاتىغلان ئۆزۈڭ ئەدگۇ بول،

بەگى ئەدگۇ بولسا، بۇدۇن ئەدگۇ ئول.

ئەي ھۆكۈمدار، ئۆزەڭ ياخشى بولۇشقا تىرىشقىن، بېگى ياخشى بولغان ئەلنىڭ خەلقىمۇ ياخشى بولىدۇ.)

1458 – بېيت: تورۇ ئەدگۇ ئۇر ئاي تورۇ بەرگۈچى،

تورۇ ئولدى ئىسسىز تورۇ ئۇرغۇچى.

(ئەي قانۇن تۈزگۈچى، ياخشى قانۇن تۈز، يامان قانۇن تۈزگەن ئادەم تىرىك تۇرۇپ ئۆلگەن بولىدۇ.)

1367 – بېيت: بەلا كۇچ يېرىندە سەن ئەدگۇ قىلىن،

بۇدۇنۇغ سەۋىندۇرگىل ئەلگىن، تىلىن.

(سەن خەلقنى بالا – قازادىن ساقلا، ياخشىلىق قىل، قولۇڭ، تىلىڭ بىلەن ئۇلارنى خوش قىل.)

2969 – بېيت: نەچە بەگ ئۇلۇغ بولسا ئەسلى بەدۇك،

تاپۇغچى بىلە بولدى ئاتى بەدۇك.

(بەگنىڭ ئەسلى قانچىلىك ئېسىل، ئۆزى قانچىلىك ئۇلۇغ بولسۇن، ئۇنىڭ نامى خىزمەتكارلىرى بىلەنلا مەشھۇردۇر.)

1435 – بېيت: ئۆزۇڭ مەڭگۇ بەگلىك تىلەسە تۇجى،

تورۇ قىل بۇرۇندىن كۆتۈرگىل كۇچى.

(ئەگەر داۋاملىق ۋە ئەبىدى بەگلىكنى خالىساڭ، ئادالەتتىن ئايرىلما، خەلق ئۈستىدىكى زۇلۇمنى ئېلىپ تاشلا.)
يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۆلەتنى تۈزەشتە دۆلەتنى ئىلىم – ئەقىل بىلەن باشقۇرۇش لازىملىغىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى ئۆگىنىش لازىملىغىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

6608 – بېيت: بىلىرمەن تەسەسەن بىلىگدىن يىراق،

بىلىگىسىزگە ساندىڭ بىلگىلى ئارا.

(«بىلىمەن» دىمە، سەن تېخى بىلىمدىن يىراق،

بىلىملىكلەر ئارىسىدا سەن بىلىمسىزلەردىن بىرى.)

6605 – بېيت: بىلىگ بىل ئۆزۇڭگە ئورۇن قىل تورە،

بىلىگ بىلسە ئۆزكە ئەدى بەرگ تۇرا.

(بىلىم ئال، ئورنۇڭ تۆردە بولىدۇ، بىلىم ئادەم ئۈچۈن مۇستەھكەم بىر قالقاندۇر.)
يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە ئاسترونومىيە بىلەن ماتېماتىكا قاتارلىق پەنلەرنى ئۆگىنىش ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «يۇلتۇزچىلارنىڭ دىلى ئاي، كۈنلەرنىڭ ھىساۋىنى بىلىدۇ. ئەي ئىنسان! مۇنداق ھىساپ بەك لازىمدۇر. بۇنى ئۆگەنمەكچى بولساڭ، گىئومېتىرىيە ئوقۇ، ئاندىن ساڭا ھىساپنىڭ ئىشىگى ئېچىلىدۇ. كۆپەيتىش، بۆلۈش ۋە ھەممە كەسىرلەرنى تولۇق ئۆگەنگىن ..... يەتتە قات ئاسماننىڭ سىرلىرىنى يەردە ياتقان غازاڭدەك پىششىق بىل، ئالگېبرا ئۆگەن.» يۈسۈپ خاس ھاجىپ «بۇ دۇنيا ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ، بەخت پەقەت جەننەتتىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ» دىگەن كۆز قاراشلارغا ئۆز پىكرىنى ئېيتىپ، «ئادەملەر ئارىسىغا بېرىش لازىم»، «قولغا كەلگەن ۋاقىتنى زادىلا بىكارغا ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ»، «ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادىن ئالىدىغان مەنپەئەتى ئەنە شۇ»، «جاپا بولماي، ھالاۋەت بولۇش مۇمكىن ئەمەس»، «ئادەملەر ئۈچۈن تاماق، كىيىم لازىم، بۇ ھاياتلىقنىڭ زورۇرىيىتى»، «قالغان ئۆمرۇڭنى ئەمدى بىكارغا ئۆتكۈزمە»، «سەۋر قىلساڭ، جاپا سەن ئۈچۈن نىمەتلىك بولىدۇ»، «ياخشىلىق تىلەشتىن ياخشىلىق قىلغان ئەۋزەل» دەپ، كىشىلەرنى قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىشقا، بەخت يارىتىشقا ئۈندەيدۇ ۋە كىشىلىك تۇرمۇشقا مۇھەببەت باغلاشقا چاقىرىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەينى دەۋردىكى جەمىيەت تەرەققىياتىدا دىخانلار، چارۋىچىلارنىڭ جەمىيەتنىڭ بايلىغىنى ياراتقۇچى ئىكەنلىگى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئۇلارسىز (دىخاننى دىمەكچى) ئىش پۈتمەس. ئۇلارغا كۈيۈمچان بول، ئۆزۈڭ ئۈچۈنلا ئىش قىلما» دەيدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ نوقتىنى شۇ دەۋردىلا تونۇپ يەتكەن.
ئاپتۇر تىجارەت توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «سودا – تىجارەت ئەھلى بىلەن ئارىلاش، ئۇلارغا ئوچۇق چىراي بىلەن ياخشى سۆز قىلغىن. سودىگەر تىجارەت قىلىپ غەرپ ۋە شەرقنى ئايلىنىپ، سېنىڭ ئارزۇ قىلغان نەرسەڭنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر ئۇ بولمىسا، شىمالىي ياۋروپا توقۇلمىلىرى قانداق كېلەتتى. سودىگەرلەر دۇنيانى ئايلانمىغان بولسا، ئۈنچە – مەرۋايىتلارنى كىم كۆرەتتى. شۇڭلاشقا سودىگەرلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىل.» تىۋىپلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇلارنى ئۆزۈڭگە يېقىن تۇت، ئەزىز كۆر، ھېكىملەر پۈتۈن كىسەللىكلەرنى داۋالايدۇ. داۋالاش ۋاستىسى بىلەن كېسەللىك ساقىيىدۇ. ھېكىملەر كېسەلنى كۆرۈپ ئىلاج قىلىدۇ.» ئالىملار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئالىملار خەلققە يول كۆرسىتىدۇ، بۇلاردىن ئازدۇر – كۆپتۇر بىلىم ئۆگەن. ئالىملارنىڭ بىلىمى خەلق ئۈچۈن.»
شائىرلار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «شائىرلار قىلىچتىن كەسكىن بولىدۇ. ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش كېرەك»، «ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى سىنچىلاپ كۆزەتسەڭ، ئۇلار دېڭىزغا چۆمگەن كىشىلەرگە ئوخشاش گۆھەر، ئۈنچە، ياقۇت چىقىرىدۇ».
يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۆلەت تەشكىلاتىدىكى خادىملار (تاپۇغۇچى) دا بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەتلەر توغرىسىدا سۆزلەپ: «بۇنداق خادىملار ئىناۋەتلىك كىشىلەردىن بولۇشى، سەمىمى بولۇشى، ئەخلاقلىق بولۇشى كېرەك. ئىتتىپاقسىزلىق تۇغدۇرىدىغان، يالغان سۆزلەيدىغان، ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىدىغان ئادەملەرنى ھەرگىز ئۆزەڭگە يېقىن يولاتما» دەپ يامان ئىستىللارنى قاتتىق سۆككەن.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ بەگ ئۈستىدە توختىلىپ: «بەگ دۆلەتنىڭ باش ۋەكىلى، بەگنىڭ قانداق بولۇشى دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. بەگ بەگلىك ئىشلىرىنى قىلىپ ئۆگىنىدۇ. بەگ تىز پۈكمەس ئالپ (قەھرىمان)، جەسۇر، قابىل بولۇشى كېرەك. بەگدە مۇشۇ خىسلەتلەر بولسا، ئاندىن خەلق ئىشىنى ياخشى ئىدارە قىلالايدۇ»، «ياخشى پادىچى ئۆز قويلىرىنى بۆرىدىن ئاسرايدۇ، ياخشى خىسلەتلىك بەگمۇ خەلقنى ئاپەتتىن ساقلىشى لازىم. خان باغۇ – بوستانلارنى سۇغارغۇچىغا، خەلق گۈلگە ئوخشايدۇ. گۈل سۇغا قېنىپ باراقسان ئېچىلسۇن» دەيدۇ. ئەمەلدار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «تاپۇغۇچى – ئەمەلدارلارنىڭ بېشىدۇر، ئاندىن قالسا سۇ بېشى (ھەربى قوماندان) دۈشمەننى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتمەسلىگى، تىز پۈتمەسلىگى، بېشىدىن قەھرىمانلىق سەرگۈزەشتلىرىنى ئۆتكۈزگەن بولۇشى، كۈچلۈك، قەتئى، شەخسىيەتسىز، دادىل، باتۇر، تەمكىن بولۇشى لازىم. ئۆزىگە پەقەت بىر ئات، كىيىم – كېچەك ۋە قورال – ياراق قالدۇرۇشى لازىمكى، ئوغلۇم، قىزىم، خوتۇنۇم دەپ مال توپلىماسلىغى، سۈيۈم، بېغىم دەپ ئالتۇن – كۆمۈش توپلىماسلىغى كېرەك.

كۆر، ئارسلان بولۇ بەرىسە ئىتقا باشى،

ئىت بارچە ئارسلان بولۇر ئۆز تۇسى.

قالى بولسا ئارسلانغا ئىت باشى،

ئول ئارسلان بولۇر بارچە ئىت ساقشى.»

(قاراڭلاركى، بىر ئارسلان، ئىتقا باش بولسا، ھەممە ئىتلار ئارسلاندەك بولۇپ كېتىدۇ. ئەگەر ئىت بىر ئارسلانغا باش بولسا، ھەممە ئارسلان ئىتقا ئايلىنىپ قالىدۇ.)
شائىر يەنە، قوشۇننى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا لايىق بايلىق ئاجرىتىش، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلنى بېيىتىش، جەڭدە ئەسىرگە چۈشكەنلەرگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولسا تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش لازىملىغىنى ئېيتىدۇ. دۆلەتنى باشقۇرۇشتا: «ئۈچ نەرسە يەنى ئوڭ قولىدا قىلىچ، سول قولىدا مۇكاپات بېرىلىدىغان نىمەت بولۇش، ئاغزىدا تاتلىق سۆز بولۇش كېرەك» دىگەن پىكىرنى ئالغا سۈرىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار جەمىيىتىدىكى ھەر قايسى سىنىپ ۋە ھەر قايسى تەبىقىلەر ھەققىدە بىر – بىرلەپ توختىلىدۇ. دۆلەت ئىدارىلىرىدىكى خادىملار ئۈستىدە يۈرگۈزگەن مۇھاكىمىسىنى يەكۈنلەپ مۇنداق دەيدۇ:

«ساڭا بەگلىك نىسىپ بولسا، بىلىمىڭ بىلەن ئىدارە قىل،

يابغۇ – تېگىن بولساڭ، قولۇڭدىن كەلگەنگە قەدەر ۋاپادار بول،

ئارمىيە قوماندانلىغىغا نىسىپ بولساڭ، دۈشمەننى بىل ، ھۇشيار تۇر،

ساڭا ۋەزىرلىك نىسىپ بولسا، ئادىل بول، ناھەق ھۆكۈم چىقارما،

ئۆگە⑧لىك ئورنىغا ئېرىشسەڭ، ھۆكۈمدار خاتالاشقان بولسا يول كۆرسەت،

ھاجىپ بولساڭ، پارە ئالما، قۇل، يىتىملەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلا،

ھۆكۈمدارلار كاتىۋى بولساڭ، سىر ساقلاشنى بىل.»

يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۈركى خەلقلەرنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائى ھاياتىنى، دۇنيا قاراشلىرىنى، ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنى چوڭقۇر پەلسەپىۋى مۇھاكىمىلىرى ئارقىلىق يۈكسەك دەرىجىگە كۆتىرىدۇ. بۇ قاراخانىلار جەمىيىتى ئىدىئولوگىيىسىنىڭ ۋە مەدىنى ھاياتىنىڭ يېڭى بىر دەۋرگە كىرگەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا قاراخانىلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنى نامايەن قىلغان بۇنداق بىر نادىر ئەسەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىپتىخارىدۇر!

2- بۆلۈم «تۈركىي تىللار دىۋانى» توغرىسىدا
11 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان دەۋر قاراخانىلار مەدەنيىتىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولۇپ، بۇ دەۋردە خاقانىيە تىلى (ئۇيغۇر تىلى) ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى. شۇڭا بىر مۇنچە كىشىلەر ئۇيغۇر تىلىدا بىر قانچىلىغان ئەسەرلەرنى يازغان. بۇ ئەسەرلەردىن زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەنلىرى ئىچىدە ھەر جەھەتتىن ئەڭ قىممەتلىك يەنە بىر ئەسەر «تۈركى تىللار دىۋانى» دۇر. مەھمۇت قەشقەرى بۇ ئەسەردە ئەرەپلەرنىڭ تۈركى تىلىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن، سۆز – ئىبارىلەرگە ئەرەپ تىلى بىلەن ئىزاھات بەرگەن. «تۈركى تىللار دىۋانى» (تۆۋەندە «دىۋان» دەپ ئالدۇق) دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى ئىنسكلوپىدىيىلىك لوغەت دەپ ھىساپلانغان «كاڭشى لوغىتى» دىنمۇ كۆپ ئىلگىرى تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ ئەسەر مەملىكىتىمىزدىكى قەدىمقى يادىكارلىقلار ئىچىدە بىباھا گۆھەرلەرنىڭ بىرسى ھىساپلىنىدۇ.
ئىلىم دۇنياسى «دىۋان» نى تىلشۇناسلىقتا تەڭداشسىز ئەسەر دەپ ھىساپلىماقتا. «دىۋان» مۇندىن 1000 يىل ئىلگىرى تۈزۈلگەن تۈكى تىللىرى قامۇسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىزنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ھازىرقى شىنجاڭ رايونىغا ئالاقىدار ئىنتايىن مۇھىم مارتىرىيال مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنى چوڭ ئىنسكلوپىدىيە دىيىشكە بولىدۇ.
«دىۋان» دا قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى ۋە باشقا تۈركى تىللارنىڭ ئاساسلىق قائىدىلىرى، گىرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى، ھەر بىر جاينىڭ دىئالېكتىكىلىق پەرقلىرى ۋە ئۇلارنى ئىپادىلەشتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ جانلىق ئۆرنەكلىرى بايان قىلىنغان. «دىۋان» دا كەلتۈرۈلگەن ئۆرنەكلەر، جۈملە، ماقال، تەمسىل، بېيىت، شېئىر، پارچە، داستانلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلار ئارقىلىق قەدىمقى دەۋردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى تىللىرىنىڭ تىل تۈزۈلۈشى، قەدىمقى تارىخى، ئەدەبىياتى ۋە پىكىر قىلىش ئۇسۇللىرى، قەبىلىلەرنىڭ ئىسمى ۋە جايلاشقان يەر ناملىرى، ئۇلارنىڭ بىر بىرىگە قوشۇلۇپ كېتىش جەريانلىرى، يىمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، ئۆي جابدۇقلىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق ئېتنوگراپىيىلىك قىممەتلىك مەنبەلەر قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىلار جەمىيىتىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئۈچۈن مۇھىم ماتىرىيالدۇر.

مەھمۇت قەشقەرى توغرىسىدا
«تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ ئاپتۇرى مەھمۇت قەشقەرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11 – ئەسىردە ئۆتكەن مۇتەپەككۇر ئالىمى.
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ھاياتى ھەققىدە قولىمىزدا ماتىرىيال كەم. ئەمما، «دىۋان» نىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا مەھمۇت قەشقەرى ئۆزىنىڭ تولۇق ئىسمىنى «مۇھەممەت ئوغلى ھۈسەيىن ئىبنى مەھمۇت قەشقەرى» دەيدۇ. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئۆز ئىسمى مەھمۇت، دادىسىنىڭ ئىسمى مۇھەممەت ئىكەنلىگىنى ئېنىق بىلەلەيمىز.
مەھمۇت قەشقەرىمەھمۇت قەشقەرى قەشقەرنىڭ ئەينى زاماندىكى يېزىلىرىدىن ئوپالنىڭ⑨ ئازىق كەنتىدە توغۇلغان، قەشقەردە ئىجادىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ قاچان توغۇلغانلىغى ۋە قانچىلىك ئۆمۈر كۆرگەنلىگى ھەققىدە «دىۋان» دا بايان قىلىنغان قاراخانىلار خانلىغىنىڭ خانلىق شەجەرىسىدىكى مەنبەلەرگە قاراپ شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئوغۇللىرىدىن بولغان مۇسا ئىبنى ئابدۇكېرىم، يەنە بىر ئوغلى سۇلايمان ئىبنى ئابدۇكېرىم، سۇلايماننىڭ ئوغلى ھارۇن (ئەلى ھەسەن) ئىبنى سۇلايمان ھىجىرىيىنىڭ 302 – يىلى، مىلادىنىڭ 992 – يىلى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ئوغلى يۈسۈپ قادىرخان بۇ مەزگىلدە، ھېچ بولمىغاندا، 20 ياشلاردا بولۇشى كېرەك. يۈسۈپ قادىرخان خېلى ئۇزۇن ئۆمۈر سۈرگەن بىر ئادەم بولۇپ، ھىجىرىيىنىڭ 423 – يىلى، مىلادىنىڭ 1032 – يىلى ۋاپات بولغان. ئۇنى 60 ياشلاردا ۋاپات بولغان دەپ ھىساپلىساق، ئۇ، ھېچ بولمىغاندا، مىلادىنىڭ 971—981 – يىللىرىدا توغۇلغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ ئۇزۇن داۋام قىلغان ئۇرۇشلاردىن كېيىن خوتەننى ئىشغال قىلغانلىغىنى بىلىمىز. ئۇ قەشقەردە «ناسىر دەۋلە قادىرخان» دىگەن ئۇنۋان بىلەن، ھېچ بولمىغاندا، ھىجىرىيىنىڭ 396 – يىلى، مىلادىنىڭ 1005—1006 – يىللىرىدىن باشلاپ ھۆكۈم سۈرگەن بولىدۇ. چوڭ ئوغلى سۇلايمان ئىبنى يۈسۈپ يەركەندىمۇ تەخمىنەن ھىجىرىيىنىڭ 407 – يىلى، مىلادىنىڭ 1016—1017 – يىللىرىدىن باشلاپ ھۆكۈم سۈرگەن بولىدۇ. ئىككىنچى ئوغلى مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپ بەك كىچىك ئەمەس ئىدى. يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، مەھمۇت ئىبنى يۈسۈپ ھىجىرىيىنىڭ 449 – يىلى، مىلادىنىڭ 1057—1058 – يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان. بۇ ۋاقىتتا مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپنى ھىجىرىيىنىڭ 327 – يىلى، مىلادىنىڭ 991—992 – يىللىرىدا توغۇلغان دەپ قىياس قىلساق، ھۈسەيىن ھىجىرىيىنىڭ 400 – يىلى، مىلادىنىڭ 1010—1011 – يىللىرىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ چىقىدۇ. بۇنداق بولغاندا، مەھمۇت ئىبنى ھۈسەيىن ئىبنى مەھمۇت قەشقەرىنىڭ توغۇلغان يىلى تەخمىنەن ھىجىرىيىنىڭ 442 – يىلى، مىلادىنىڭ 1028—1029 – يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن شۇ نەرسە ئايانكى، مەھمۇت قەشقەرى بۇ ئەسەرنى يازغان مەزگىلدە تەخمىنەن 40 ياكى 50 ياشلاردا بولغانلىغى ئېھتىمالغا بەك يېقىن. بۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
مەھمۇت قەشقەرى قاراخانىلارنىڭ مەركىزى بولغان قەشقەردىكى «ساچىيە» كۇتۇپخانىسىدا، سەمەرقەنت ۋە بالاساغۇنلاردا، كېيىنكى چاغلاردا باغداتتىكى مەشھۇر كۇتۇپخانىلاردا ئەرەپ، پارىس ۋە تۈركى تىللاردىكى ئىلمىي ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلغان ۋە چوڭقۇر بىلىم ئالغان.
مەھمۇت قەشقەرى «دىۋان» نى يېزىشتىن ئاۋال ئىلى ۋادىسىدىن تارتىپ تاكى ئامۇ دەريا، سىر دەريا ۋادىلىرىغىچە بولغان پۈتۈن ماۋرا ئۇننەھر ۋە ھازىرقى شىنجاڭ دائىرىسىدىكى ئوغۇز، تۈركمەن، ياغما، چىگىل، قارلۇق، قىپچاق، باسمىل، چومۇل، تۈركەش، ياباقۇ قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە تىل پەرقلىرى ئۈستىدە جاپالىق ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، دۇنياۋى قىممەتكە ئىگە بولغان بۇ ئەسەرنى مەيدانغا چىقاردى. ئاپتۇر بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مەن شۇ تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن، پىكىرنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن، ئەڭ زىرەكلىرىدىن، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن – ئاياق كېزىپ چىقتىم. تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىزلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە قاپىيىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلاردىن پايدىلاندىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ تىلى دىلىمغا ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتى. مەن ئۇلارنى پۇختا رەتلەپ، ئوبدان تەرتىپكە سېلىپ چىقتىم.»⑩
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈش مۇمكىنكى، مەھمۇت قەشقەرى «دىۋان» نى يېزىشتا ۋە تەتقىق قىلىشتا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەپ، ئۇنى ئۆزىگە خاس ئالاھىدە بىر خىل ئىلمىي ئۇسۇلدا تۈزۈپ، كېيىنكى ئەۋلاتلارغا «ئەبىدى يادىكار» قىلىپ قالدۇرغان. تارخخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا، مەھمۇت قەشقەرى «دىۋان» دىن باشقا يەنە «تۈركى تىللىرىنىڭ نەۋھىگە ئائىت جەۋھەرلەر» ناملىق مەشھۇر ئەسەرنىمۇ يازغانلىغى مەلۇم. ئەمما بۇ ئەسەر بىزنىڭ قولىمىزدا يوق.
«دىۋان» نىڭ يېزىلغان ۋاقتى
مەھمۇت قەشقەرى «دىۋان» نى يېزىش ئۈستىدە توختىلىپ «بۇ كىتاپنى ھىجىرىيە 464 – يىلى جۇمادىيەل ئەۋۋەلنىڭ باشلىرىدا يېزىشقا كىرىشىپ، 4 قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئوبدان تەھرىرلەپ چىققاندىن كېيىن، 466 – يىلى ھىجىرىيىدە تاماملىدىم» دەيدۇ. ئاپتۇرنىڭ مۇشۇ سۆزىدىن قارىغاندا، «دىۋان» نىڭ 1 – نۇسخىسى ھىجىرىيىنىڭ 464—466 – يىللىرى (مىلادى 1072—1074 – يىللار) دا يېزىلغان بولۇپ، ھىجىرىيىنىڭ 467 – يىلى (مىلادى 1075 – يىلى) دا قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ، پۇختا تەھرىرلىگەندىن كېيىن، باغداتتىكى ئابباسىلار خەلىپىلىگىنىڭ 27 – خەلىپىسى بولغان ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمرىللاغا تەقدىم قىلغان.

مەھمۇت قەشقەرىنىڭ باغداتقا بېرىشى توغرىسىدا
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ باغداتقا بېرىشىدىكى سەۋەپ توغرىسىدا تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا ھازىرغىچە ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت. پىرىتساك: «مەھمۇت قەشقەرىنىڭ باغداتقا نىمە سەۋەپ بىلەن كۆچۈپ كەلگەنلىگى پەقەت ئاشكارىلانمىغان، تۈرك ئەللىرىدە ئېلىپ بارغان نۇرغۇن ساياھەتلەرنىڭ سەۋەپلىرى سۆزلەنمىگەن. مەھمۇت قەشقەرىنىڭ باغداتقا بېرىشتىن ئىلگىرىكى ۋەقەلەر تولۇق ئېچىلمىغان» دەپ قارايدۇ.
سالچۇقىلار دەۋرىدە باغدات ئەرەپلەر بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئۆزئارا ئۇچرىشىدىغان ۋە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى بولغانلىغى ئۈچۈن، سىياسى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ۋە بىرەر مەرتىۋىگە ئېرىشىش ئارزۇسىدا بولغانلارنىڭ باغدات ۋە مىسىرغا كۆچۈپ بارغىنىدەك، ئىلىم – پەن بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئارزۇ قىلغانلارنىڭمۇ مەدەنىيەتنىڭ مەركىزىگە بېرىشى تەبىى ھال ئىدى. شۇ دەۋرلەردە باغداتتىن باشقا بۇخارا، قاھىرە ۋە شام قاتارلىق بىر مۇنچە شەھەرلەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار باغداتتەك ئەھمىيەتلىك ئەمەس ئىدى.
باغداتقا توپلانغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ ئەرەپ دۇنياسىغا نىسبەتەن مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەسىرى كۈچلۈك بولغانلىقتىن، پۈتۈن سىياسى، ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ قولىدا ئىدى.
مەھمۇت قەشقەرى باغداتقا بارغان ۋاقىت سالچۇقىلار سولتانى مەلىكشاھنىڭ تەختتىكى ۋاقتى بولۇپ، ئۇنىڭ خوتۇنى تۇركان خاتۇن قاراخانىلار خانى تاۋغاچ بۇغراخاننىڭ قىزى ئىدى. بۇ خاتۇن رەسمى سىياسى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ۋىلايەت دەرىجىلىك ئورۇنلارغا كۆپىنچە تۈركلەردىن ۋالى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى تەيىنلەيتتى. بۇنداق ئوبېكتىپ سەۋەپ تۈپەيلىدىن، تۈركى خەلقلەرگە تېخىمۇ يېقىنلىشىش ۋە ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش نىيىتىدە بولغانلارنىڭ ھەممىسى ۋە ئەرەپ تىلىدا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ زور كۆپچىلىگى ئۈچۈن، تەبىى ھالدا، ئۇيغۇر تىلى (خاقانىيە تىلى) نى ئۆگىنىش زورۇرىيىتى توغۇلدى.
تارىخىي مەنبەلەردىن قارىغاندا، قاراخانىلار دۆلىتىدە ھىجىرىيە 447—448 – يىللىرى (مىلادى 1056—1057 – يىللىرى) سىياسى ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. ئەڭ چوڭ خان (ئارسلان خان) سۇلايمان ئىبنى يۈسۈپ ئۆزىنىڭ ئىنىسى ھەم خانلىق شىرىگى بولغان مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپكە قارشى سىياسى ئۆزگىرىش قوزغاپ، دۆلەت ھوقۇقىنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان. ئىككى ئوتتۇرىدىكى جەڭدە ئارسلان خان سۇلايمان ئبنى يۈسۈپ مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشىدۇ. بۇغراخان مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپ ئۇنى زىندانغا تاشلاپ، دۆلەت ھوقۇقىنى قولغا ئالىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، يەنە ئىبنولئەسىر ئۆزىنىڭ «تارىخى كامىل» دىگەن ئەسىرىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ: «15 ئايدىن كېيىن، بۇغراخان مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپ چوڭ خاقان (ئارسلان خان) بولۇپ، دۆلەت ھوقۇقىنى چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن چاغرى تېگىنگە تۇتقۇزدى. ئۇنى دۆلەتنىڭ نامزات خانى دەپ ئېلان قىلدى، لېكىن، بۇغراخاننىڭ (ئارسلان مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپنىڭ) 2 – خوتۇنىدىن تۇغۇلغان كىچىك بىر ئوغلى بار ئىدى. بۇ خوتۇن ھۈسەيىن چاغرى تېگىننىڭ نامزات خانلىققا تەيىلەنگەنلىگىگە نارازى بولۇپ، بۇغراخان (سۇلايمان ئىبنى يۈسۈپ) غا قەست قىلدى، ئۇنى ۋە پۈتۈن بىر ئائىلىنىڭ بىر نەچچە ئەزاسىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ قېرىندىشى ئارسلان خان ئىبنى قادىرخان (سۇلايمان يۈسۈپ) نىمۇ بوغۇزلىۋەتتى. مەھمۇت ئىبنى ھۈسەيىن يەنى مەھمۇت قەشقەرى مۇشۇ قىرغىندىن ئامان قالغان بىر قانچە كىشىنىڭ بىرسى ئىدى. ئۇ بۇ ۋاقىتتا قېچىپ چىقىپ خوشنا تۈرك ئەللىرىگە بېرىپ، بۇ جايلاردا 10 نەچچە يىل يۈرۈپ ئاخىرى باغداتقا كېلىپ قالدى. مەھمۇت قەشقەرى بۇ ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا تۈرك دۇنياسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.»
قاراخانىلار دەۋرىدە تۈركى خەلقلەرگە ئورتاق بولغان قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى ئەنئەنىسىنى ساقلىغان ھالدا شەكىللەنگەن يېزىق تىلى ۋە ئەدىبى تىل بار ئىدى. مەھمۇت قەشقەرى «دىۋان» نى يېزىشتا ئۆز دەۋرىدىكى ئەدىبى تىلنى ئاساس قىلدى. ئۇ خاقنىيەنىڭ مەركىزىي ئۆلكىسى (قەشقەر رايونى) دىكى خەلقلەر سۆزلىشىدىغان ئورتاق تىلنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ فونېتىكا – گىرامماتىكا قائىدىلىرنى ئېنىق چۈشەندۈردى. قاراخانىلارنىڭ مەركىزىي ئۆلكىسىدە ياشىغىچى خەلقلەرنىڭ تىلىنى ئومۇمى تىلنىڭ ئاساسىي دەپ ھىساپلاپ، ئۇنىڭغا «خاقانىيە تىلى» دەپ نام بەردى. خاقانىيە تىلى ئەڭ ساپ ئۇيغۇر ئەدىبى تىلى بولۇپ، ئۇ قەدىمقى ئۇيغۇرچە 24 ھەرپتىن تۈزۈلگەن؛ بارلىق خاقانلار، سولتانلارنىڭ كىتاپ، خەت – چەكلىرى قەدىمقى زاماندىن شۇ كەمگىچە، قەشقەردىن تارتىپ چىن ۋە ھەممە تۈرك شەھەرلىرىگىچە مۇشۇ يېزىق بىلەن يۈرگۈزۈلگەن.
مەھمۇت قەشقەرى خاقانىيە تىلىنىڭ ئەرەپ تىلىدىن قېلىشمايدىغانلىغى ئۈستىدە توختالغاندا، تۈركى تىلىنىڭ ئەرەپ تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقانلىغىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

«دىۋان» نىڭ مەزمۇنى
«دىۋان» تىلشۇناسلىق كاتىگورىيىسىگە كىرىدىغان ئەسەر بولسىمۇ، لېكىن شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنىڭغا ھەممە ساھەدىن مەلۇمات بېرىلىپ، ناھايىتى كەڭ مەزمۇن بىلەن بېيىتىلغان.
(ئا) ئەدەبىيات
«دىۋان» بىزگە قاراخانىلار ئەدەبىياتى توغرىسىدىكى ياخشى مەلۇمات بېرىدىغان مەنبەلەردىن بېرىدۇر. ئۇنىڭغا قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر ۋە تۈركى خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشىنى، مەدىنى ھاياتىنى، كۆرەش پائالىيىتىنى، ئەقىل – پاراسىتىنى، ئىنچىكە ۋە ئەتراپلىق بايان قىلىدىغان 242 پارچە (1 – جىلدىدا 117 پارچە، 2 – جىلدىدا 48 پارچە، 3 – جىلدىدا 77 پارچە) ئەدىبى پارچە ۋە تۈركى خەلقلەرنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، قوشاق، تەمسىل، ھىكمەتلىك سۆزلەر كىرگۈزۈلگەن. «دىۋان» غا كىرگۈزۈلگەن شېئىر، قوشاق، ماقال – تەمسىللەر ئۆزىنىڭ يېقىملىقلىغى، گۈزەللىگى، رەڭدارلىغى ۋە مەزمۇنىنىڭ موللىغى بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ.
(1) ئوۋچىلىق ۋە ئەمگەك قوشاقلىرى
«دىۋان» دىكى ئوۋچىلىق ۋە ئەمگەك قوشاقلىرى تەبىئەتنى، جەمىيەتنى ئۆزگەرتكۈچى، ماددى ۋە مەنىۋى بايلىقنى ياراتقۇچى ئەمگەكچى خەلقنىڭ پائالىيىتى، روھىي قىياپىتى ۋە سەيلە – تاماشاسىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ:
يىگىتلەرىك ئىشلەتۇ،

يىغاچ يەمىش ئىرغاتۇ.

قۇلان كېيىك ئاۋلاتۇ،

بەزرەم قىلىپ ئاۋنالىم.

(يىگىتلەرنى ئىشقا سېلىپ، مىۋىلىك دەرەخلەرنى ئىرغاتتۇرۇپ، ياۋا ھايۋانلارنى ئوۋلىتىپ، بايرام قىلىپ كۆڭۈل ئاچايلى.)⑪
«دىۋان» دىكى بۇ خىل ئوۋچىلىق ۋە ئەمگەك قوشاقلىرىغا ئىپتىدائى جەمىيەتكە دائىر ماتىرىياللار سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ قوشاقلار ئەدىبى قىممىتى جەھەتتىنلار ئەمەس، بەلكى ئۇزاق زامانلاردىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى، ئىپتىدائى جەمىيەتنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە.
(2) جەڭ قوشاقلىرى
«دىۋان»دىكى جەڭ قوشاقلىرىدا قاراخانىلار تېرىتۇرىيىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، قاراخانىلار ھاكىمىتىنى مۇستەھكەملەش، كىچىك خانلىقلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىچكى بۆلۈنۈشكە خاتىمە بېرىشتىكى جەڭ – ئۇرۇشلار ۋە ئىسلام دىنىنى كېڭەيتىشتە ۋە ئومۇملاشتۇرۇشتا غەيرى دىندىكىلەر ئۈستىدىن قىلغان غازاتلار، خوشنا ئەللەرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئېلىپ بارغان جەڭ، ئۇرۇشلار ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

ئالپلار ئارىغ ئالقىشۇر،

كۈچ بىر قىلىپ ئارقاشۇر.

بىر بىر ئۇزە ئالقىشۇر،

ئەزگەرمەزىپ ئوق ئاتار.

(باتۇرلار بىر – بىرىنى ئۆلتۈرۈشتى، كۈچنى توپلاپ ئۆز كىشىلىرىنى قوللاشتى، مەدەت بېرىپ بىر – بىرىنى ئالقىشلاشتى، ئۆلۈمدىن قورقماي ئوق ئېتىشتى.)⑫

......................................

تەلىم باشلار يۇۋالدىمات،

ياغى ئاندىن ياۋالدىمات.

كۈچى ئانىڭ كەۋەلدىمەت،

قىلىچ قىنقا كۈچۈن سىغدى.

(باتۇرلارنىڭ باشلىرى تېنىدىن جۇدا قىلىندى، شۇڭا دۈشمەننىڭ ھەيۋىسى سۇنۇپ، كۈچى ئاجىزلاشتى. قىلىچلار يۈزىگە قاتقان قاننىڭ كۆپلىگىدىن قىنىغا تەستە سىغدى.)⑬
(3) مەرسىيە قوشاقلىرى
«دىۋان» دىكى مەرسىيە قوشاقلىرى قايغۇ، ئۆلۈم ھادىسلىرى يۈز بەرگەندە ئېيتىلىدىغان مەرسىيىلەر. «دىۋان» دا چوڭ سالماقنى تەشكىل قىلىدىغان ئىككى مەرسىيە بار: بۇنىڭ بىرى قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر قەھرىمانى ئالىپ ئەر تۇڭانىڭ ئۆلۈمىگە بېغىشلانغان مەرسىيە، يەنە بىرى نامى كۆرسىتىلمىگەن بولسىمۇ، ئۇرۇشتا ۋاپات بولغان تارىخىي شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ پەزىلەتلىرىنى ئەسلىتىدىغان مەرسىيىلەر. مەسىلەن:

ئالپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ،

ئېسىز ئاژۇن قالدىمۇ.

ئۆزلەك ئۇچىن ئالدىمۇ،

ئەمدى يۈرەك يىرتىلۇر.

(ئالىپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ؟

يامان دۇنيا قالدىمۇ؟

پەلەك ئۈچىنى ئالدىمۇ؟

ئەمدى يۈرەك تىتىلۇر.)⑭

...............................

ئۇلىشىپ ئەرەن بورلەيۇ،

يىرتىپ ياقا ئۇرلايۇ.

سىقىرىپ ئۇنى يۇرلايۇ،

سىغتاپ كۆزى ئۇرتۇلۇر.

(ئەرلەر بۆرىدەك ھۇلىشىپ،

ياقا يىرتىپ ۋاقىرىشىپ.

ئۈنىنىڭ بېرىچە چىقىراپ، پەريات چىكىپ،

ئۆكسۈپ كۆزنى ئۇرتىلەر.)⑮ (ئاپراسىياپنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن)

بۇ خىل مەرسىيىلەردە تىپىك تارىخىي شەخسلەرنىڭ خەلق يولىدا كۆرسەتكەن خىزمىتى ئەسلىنىپ، ئۇنىڭ جەڭدە ۋاپات بولغانلىغىغا چوڭقۇر قايغۇ – ھەسرەت ئىپادىلەنگەن.
(4) مۇھەببەت قوشاقلىرى
قاراخانىلاردىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە مەيدانغا كەلگەن مۇھەببەت قوشاقلىرى شۇ دەۋردىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ ساپ – سەمىمى ئەخلاقىنى، سۆيگۈ – ھىسىياتىنى، شۇ دەۋردىكى كىشىلىك ۋىجدان ۋاپادارلىغىنى تېما قىلغان. بۇ قوشاقلار «دىۋان» يېزىلىشتىن بۇرۇن خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان مۇھەببەت قوشاقلىرىدۇر. مەسىلەن:

باردى كۆزۈم يارۇقى،

ئالدى ئۆزۈم قونۇقى.

قاندا ئەرىنج قانىقى،

ئەمدى ئۇدىن ئۇزغۇرۇر.

(كۆزۈمنىڭ يۇرۇغى كەتتى،

جېنىمنى ئالدى.

ئۇ قەيەردە بولغاي،

ئەمدى ئۇيقۇدىن ئويغىنار.)⒃

كۆز نۇرۇم (سۆيگەن يارىم) كەتتى، ئۇ مىنىڭ روھىمنىمۇ ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتتى. ئەمدى ئۇ قەيەردىكىن؟ ئۇنىڭ پىراقىدىن كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ.

.............................


بولنار مەنى ئۇلاس كۆز،

قارا مەڭىز قىزىل يۈز.

ئاندىن تامار تۇگەل تۇز،

بولناپ يانا ئول قاچار.

(ئۇۋلار مېنى خۇمار كۆز

قارا خاللىق قىزىل يۈز.

تامار ئاندىن تۇگەل ئۇز،

ئوۋلاپ يەنە ئۇ قاچار.)⒄

قارا مەڭلىك قىز يۈزلىرىدىن گۈزەللىك تېمىپ تۇرىدىغان خۇمار كۆز مېنى ئەسىر قىلىدۇ، ئەسىر قىلىدۇ – دە، يەنە قېچىپ كېتىدۇ.
(5) پەندى – نەسىھەت قوشاقلىرى
«دىۋان» دا يېزىلغان پەندى – نەسىھەت قوشاقلىرى شۇ دەۋرنىڭ ئىجتىمائى ئەخلاق قارىشىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. بۇ قوشاقلاردا كىشىلەر ئەجداتلارنىڭ ئېسىل خىسلەتلەرگە ۋارىسلىق قىلىشقا، ئۇلارنى ئۆزلەشتۈرۈشكە، چوڭلارغا ھۆرمەت قىلىشقا، ئىلىم – پەن ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىنغان ۋە تەييارتاپلىق، يالغانچىلىقنىڭ ئىنسانغا زىيانلىق ئىكەنلىگىنى تەسۋىرلىگەن.

بىلگە ئەرىگ ئەزگۇ تۇتۇپ سۆزىن ئېشىت،

ئەرزەمنى ئۆگرەنىپەن ئىشقا سورا.

(بىلىملىك ئادەمنى ئىززەتلەپ، سۆزىنى ئىشت،

پەزىلىتىنى ئۆگىنىپ ئىشقا ئاشۇر.)⒅

(ب) تىبابەتچىلىك
«دىۋان» ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى تىببى ئىلمى، تىبابەت تارىخى ئۈستىدە بىزنى مول ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىش، تەبىئەت ۋە كىسەللىكلەر بىلەن كۈرەش قىلىش جەريانىدا، ھەر خىل داۋالاش تەدبىرلىرىنى ئىجات قىلغان ئىدى. «دىۋان» مۇشۇ تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، تۈركى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ماكانلاشقان رايونىنىڭ ئاب – ھاۋاسى، يەر – سۈيى، خەلقىنىڭ تۇرمۇشى، ئۆرپ – ئادەتلىرى، غىزالىنىشى، بۇ جايلاردا ئۆسكەن ھەر خىل ئۈسۈملۈكلەر، ئوت – چۆپ، مەدەن، دورا – دەرمەك بايلىقلىرى، شاراپ تەييارلاش ئۇسۇللىرى، كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ئىلمى توغرىسىدا ماتىرىيال بېرىدۇ.
شۇ دەۋردە خەلق ئىچىدە پەيدا بولغان كېسەللىكلەردىن قان بېسىمى كېسىلى، موخۇ كېسىلى، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلى، بەزگەك، ئاق كېسەل، ئىچ ئۆتكۈ، زۇكام، باش ئاغرىقى، چىش ئاغرىقى، چاپلاشقاق كېسىلى، قۇساق ئاغرىغى، قېرىندا سېرىق سۇ يىغىلىش كېسىلى، سېرىق چىچەك كېسىلى، ئۆسمۈرلەرنىڭ تىرنىغىغا ئاق داغ چۈشۈش كېسىلى، كېزىك كېسىلى، ئاياللارنىڭ يۈزىگە داغ چۈشۈش كېسىلى، تاز، قىچىشقاق كېسىلى قاتارلىق ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى داۋالىغانلىغى، قۇساق ئاغرىغىنى ئىگىر بىلەن داۋالىغانلىغى، «ئاكىت» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل دورىنى زەپەر بىلەن قوشۇپ ئاياللارنىڭ يۈزىدىكى داغنى داۋالىغانلىغى بىر بىرلەپ بايان قىلىنىدۇ. يەنە ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتىشتا ھەسەل، زەپەر، سىغۇن ئوت (مېھرىگىيا)، قوداي يېغى، ئىپار ۋە ھايۋان، ئۇچار – قانات ھەمدە ھەر خىل ئۈسۈملۈكلەردىن پايدىلىنىلغانلغى توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بېرىدۇ. بىز بۇنىڭدىن تۈركى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا ئۆزىگە خاس تىببى ئىلىمنىڭ بولغانلىغى، بۇ ئىلىمنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى داۋالاش تەجرىبىلىرىنى ئەپچىللىك بىلەن تاللاپ قوبۇل قىلىپ، ئۆز تىببى ئىلمىنى بېيىتقانلىغىنى كۆرىۋالالايمىز.
«دىۋان» دا يەنە ئۇيغۇر ۋە تۈركى خەلقلەرنىڭ كالىندارچىلىغىغا دائىر مەلۇماتلار بېرىلگەن. ئەڭ قەدىمقى زامانلاردىن تارتىپلا يىللارنى موچەل بىلەن ھىساپلاش ئۇسۇلىنىڭ تۈركى خەلقلەر ئارىسىدا ئومۇملاشقانلىغىدىكى تارىخىي پاكىتلارنى بىزگە يېىپ قالدۇرغان.
قاراخانىلار دەۋرىدە ئاسترونومىيە خېلىلا تەرەققى قىلىپ، ئاسماندىكى سەييارىلەرنىڭ ئورۇنلىشىشىنى تەتقىق قىلىش باشلانغان. شۇ چاغدىكى ئاسترونوملار ناھايىتى نۇرغۇن يۇلتۇزلارغا ئىسىم قويۇپ، بىزنى ئاسمان جىسىملىرى توغرىسىدا مەنبەلەر بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى. «دىۋان» دا بۇ ھەقتىمۇ ياخشى مەلۇمات بېرىلگەن.
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» قاراخانىلار خانلىغى دەۋرىدە بىزگە قالدۇرۇلغان مەدىنى مىراس بولۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋە بارلىق تۈركى خەلقلەرنىڭ ئۇزاق تارىخىي ئۆتمۈشىنى تىل ۋاستىسى بىلەن بايان قىلىپ بەرگەن ئۆچمەس تارىخىي ھۆججەتتۇر.

4 – بۆلۈم «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» توغرىسىدا
قاراخانىلار دەۋرىدە يېزىلغان «قۇتادغۇ بىلىك»، «تۈركى تىللار دىۋانى» دىن باشقا يەنە ئۆزىنىڭ چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرى بىلەن پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا مەشھۇر بولغان نادىر ئەسەر «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» («ھەقىقەت ئىشىگى») دىگەن ئەسەرنى مىسال قىلىش مۇمكىن.
«ئەتەبەتۇل ھەقايىق» نىڭ ئاپتۇرى ئەھمەت يۈكنەكى 12 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 13 – ئەسىرنىڭ باشلىرى ياشىغان ئۇيغۇر ئەدىپ. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىنىڭ يېزىلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس. ئەمما ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ۋە تىل خۇسۇسىيەتلىرىدىن قارىغاندا، بۇ ئەسەرنى قاراخانىلار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا يېزىلغان دەپ تەخمىن قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى ئاساسىدىكى ۋەز – نەسىھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ئەسەر جەمى 14 باپ، 484 مىسرا (كىتاپقا ئىلاۋە قىلىنغان 3 پارچە شېئىر بىلەن 512 مىسرا) دىن تەركىپ تاپقان. ئالدىنقى 5 بابى 11 بوغۇمدىن تۈزۈلگەن مەسنىۋى (ھەر بىر كوبلىتى ئىككى مىسرالىق شېئىر)، كېيىنكى 9 بابىنىڭ ھەر بىر مىسراسى 11 بوغۇمدىن تۈزۈلگەن. 1 –، 2 –، 3 – مىسرالىرى قاپىيىلىشىپ كېلىدىغان روبائى شەكلىدە يېزىلغان. كېيىن، دۇنيا ئالىملىرىدىن بىر قانچىلىرى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئىلاۋە قىلغان مىسرالىرىنى قوشقاندا، بۇ ئەسەر جەمى 512 مىسرادىن تەركىپ تاپقان داستان ئىكەنلىگىنى تېپىپ چىقتى.
«ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر تىلى ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلىش ھەمدە قەدىمقى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆگىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەمىر ئارسلان خوجا قاراخان تەرىپىدىن بۇ ئەسەرگە يېزىلغان ئىلاۋىدە، ئەسەرنىڭ قەشقەر تىلى (خاقانىيە تىلى) دا يېزىلغانلىغى ئېيتىلغان.
«ئەتەبەتۇل ھەقايىق» نىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى» غا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ ئەسەر چاغاتاي تىلى (چاغاتاي دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىلى) بىلەن يېزىلغان. بۇ ئەسەر ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە تۈركى تىللار ئىچىدە تۇتقان ئورنىنى تەتقىق قىلىشىمىز ئۈچۈن بىزنى قىممەتلىك ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
«ئەتەبەتۇل ھەقايىق» نىڭ بىزگە ھازىرچە مەلۇم بولغىنى 3 خىل قوليازما نۇسخىسى بولۇپ، بىرىنچىسى، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى (ئا نۇسخا). بۇ مىلادىنىڭ 1444 – يىلى زەينۇل ئابىدىن، سولتان بەخت، ھۈسەيىن قاتارلىقلار تەرىپىدىن سەمەرقەنتتە كۆچۈرۈلگەن، ھازىر ئىستامبۇلدىكى «ئايا سۇفىيا» موزېيىدا ساقلانماقتا. ئىككىنچىسى، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن ئەرەپ يېزىغىدا قۇرمۇ قۇر پاراللىل قىلىپ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى (ب نۇسخا) بولۇپ، بۇ نۇسخا مىلادىنىڭ 1480 – يىلى ئابدۇلراززاق قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئىستامبۇلدا كۆچۈرۈلگەن. بۇ نۇسخىسىمۇ ئىستامبۇلدىكى «ئايا سۇفىيا» موزېيىدا ساقلانماقتا. ئۈچىنچىسى، يالغۇز ئەرەپ يېزىغىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى (ت نۇسخا) بولۇپ، بۇ نۇسخىمۇ ئىستامبۇلدا كۆچۈرۈلگەن. بۇ نۇسخىنىڭ كۆچۈرۈلگەن ۋاقتى ۋە كۆچۈرۈلگەن كىشىنىڭ نامى ئېنىق ئەمەس. ھازىر بۇ نۇسخىمۇ ئىستامبۇلدىكى «توپقاپى ساراي» كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا.

ئىزاھاتلار:
① مورگاننىڭ «تۈرك تارىخىنىڭ ئانا خەتلىرى» دىگەن كىتاۋىنىڭ 1 – بېتى.
② «تۈركى تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم، 193 – بەت.
③ «تۈركى تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم، 136 – بەت.
④ قەشقەردە «ساچ مەدرىسى» دىگەن مەدرىسە بار. «سۇراھ» ناملىق كىتاپنىڭ ئاپتۇرى جامال قارشى ئۆز كىتاۋىدا، جەۋھىرى (مىلادىنىڭ 1002 – يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ «ئەسھاھ» ناملىق 4 توملۇق كىتاۋىنى قەشقەردىكى «ساچىيە» كۇتۇپخانىسىدىن ئالغانلىغىنى ئېيتىدۇ.
⑤ ئەل جەۋھىرى (تولۇق ئىسمى ئۇبۇ نەسىر ئىسمايىل جادال فارابى) بولۇپ، ھىجىرىيىنىڭ 393 – يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ قاراخانىلارنىڭ يەنە بىر مەركىزى بولغان بالاساغۇندا توغۇلغان. ئۇ شۇ جايدىكى ئىبراھىم فارابى قاتارلىق ئالىملاردىن ئۆگەنگەن، كېيىن مىسىر، ئىراققا كېلىپ ئەرەپ تىلىنى تەتقىق قىلىپ، كېيىنچە نىشاپۇردا تۇرۇپ قالغان. ئۇ پارىسچە، تۈركچە تىلدا يېزىلغان نۇرغۇن ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان. ئۇ «ۋانقۇلى» ناملىق ئەسەرنى تەرجىمە قىلىش بىلەن مەشھۇردۇر.
⑥ پروفېسسور ئاقجان ماشانۇر: «فارابى تۇغۇلغانلىغىنىڭ 1000 يىللىغى مۇناسىۋىتى بىلەن».
⑦ «خاس ھاجىپ» خاننىڭ ئەڭ يېقىن كىشىسى، خاس مەسلىھەتچى دىگەن مەنىدە. مەھمۇت قەشقەرى «تۈركى تىللار دىۋانى» دا بۇ سۆزنىڭ قەدىمقى تۈركچىسىى «تاپاگۇ» يەنى سەلتەنەت تايانچىسى، دۆلەت تۈۋرۈگى، ئەڭ ئىشەنچلىك كىشى دىگەن بولىدۇ دەپ ئىزاھلىغان.
⑧ ئوگە – تېگىندىن بىر دەرىجە تۆۋەن ئەمەلدار، مەسلىھەتچى.
⑨ «ئوپال. بىزنىڭ يۇرتنىڭ نامى.» «تۈركى تىلار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 99 – بەت.
⑩ « تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 2–، 3 – بەتلەر.
⑪ « تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 348 – بەت.
⑫ « تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 316 –، 317 – بەتلەر.
⑬ « تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 515 –، 516 – بەتلەر.
⑭ « تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 59 – بەت.
⑮ « تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 254 – بەت.
⒃ « تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 65 – بەت.
⒄ « تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 82 – بەت.
⒅ « تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 558 – بەت.

No comments: