2009-04-26

قاراخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى-قاراخانىلار خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى

ئۈچىنچى باب قاراخانىلار خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى
1— بۆلۈم قاراخانىلار خانلىقى مەيدانغا كەلگەن دەسلەپكى دەۋر
9 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ 13 – ئەسىرگە قەدەر بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ۋە بەزى تۈركى مىللەتلەرنىڭ قەدىمقى ماكانى بولغان شىنجاڭدا قاراخانىلار خانلىغى ۋە خوتەن خانلىغى، قوچۇ ئۇيغۇر خانلىغىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ فېئوداللىق خاندانلىق مەۋجۇت ئىدى. شىنجاڭنىڭ جەنۇبى كۇچادىن تاكى جەيھۇن (ئامۇ) دەرياسىغىچە بولغان پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا قەشقەر ۋە بالاساغۇننى پايتەخت قىلغان قاراخانىلار يەنى تۈرك ۋە ئىسلام خانلىغى ياشىغان ئىدى.
قاراخانىلار خاندانلىغىنىڭ مەيدانغا كېلىشى دۆلىتىمىز تارىخى ۋە ئۇيغۇرلار تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ غەربىي يۇرتنىڭ گۈللۈپ ياشنىشى، مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلىشى ھەمدە غەربىي يۇرتتىكى بىر مۇنچە قەدىمقى تۈركى قەۋملەرنىڭ قوشۇلۇپ ئۇيغۇرلىشىشى ئۈچۈن تارىختا چوڭ تۆھپە قوشتى ۋە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى.
«قارا» دىگەن ئىسىم قاراخانىلار خانلىغىنىڭ خانلىق ئۇنۋانلىرىدا قوللىنىلغان. جامال قارشى ئۇيغۇر تارىخچىسى ئەبۇل فۇتۇھ ئابدۇغاپپار ئىبنى ھۈسەيىن قەشقەرى (ۋاپاتى مىلادىنىڭ 1082 – يىلى) يازغان «قەشقەر تارىخى» ناملىق چوڭ ئەسەر (ئەپسۇسكى، بۇ ئەسەر بىزنىڭ زامانىمىزغا يېتىپ كېلەلمىگەن) دىن پايدىلىنىپ تۈزگەن «سۇراھ» (مىلادىنىڭ 1282 – يىلى تۈزۈلگەن) ناملىق لوغەتنىڭ ئەرەپچە «مولھقاتۇس سۇراھ» دىگەن ئىلاۋىسىدە: «قاراخانىلارنىڭ ئىسمى قارا نامى بىلەن ئاتىلىشتىن باشقا، خانلارمۇ ئۆزىگە ياغما ۋە قارلۇقلارنىڭ سىمۋول ئادىتى بويىچە دەسلەپتە <بۇقا> كېيىن <بۇغرا> دەپ لەقەم قويغان» دەپ كۆرسىتىلگەن.
قەشقەر خانلىغىنىڭ خانلىرى ئۆزلىرىنى قەدىمقى قاراخانىلاردىن بولغان مەشھۇر «قاراخان» (ئافراسىياپ)نىڭ ئەۋلادى دەپ قارىغانلىغى قەدىمقى مەنبەلەردە كۆرسىتىلگەن. ئىرانلىقلار بۇ خاقان ياكى «قاراخان» نى پارس تىلىدا ئافراسىياپ دەپ ئاتىغان. مەھمۇت قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا بۇ خاقاننى «ئالىپ ئەرتۇڭا» دىگەن. «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «شاھنامە» قاتارلىق ئەسەرلەردە بۇ قەھرىمان خاقان ھەققىدە نۇرغۇن مەلۇماتلار بېرىلگەن.
تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىراننىڭ سامانىلار دەۋرىدە ئىران بىلەن تۇرانلار ئوتتۇرىسىدا قاتتىق جەڭ بولغان. ئافراسىياپ (ئالىپ ئەرتۇڭا) تۇران مەملىكىتىنىڭ سەردارى سۈپىتىدە ئىران شاھلىرى بىلەن نۇرغۇن قېتىم جەڭ قىلىپ، شۇ جەڭلەرنىڭ بىرىدە ھالاك بولغان. شۇ زاماندىكى تۈرك قەبىلىلىرى ئارىسىدا ئۇنىڭ قەھرىمانلىغىغا ۋە ئۈلۈمىگە بېغىشلانغان مەدھىيە ۋە مەرسىيىلەر پۈتۈن بىر داستان بولۇپ پۈتۈلگەن ئىدى. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا بۇ داستاندىن پارچىلار بېرىلگەن:
ئالىپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ،
ئېسىز ئاژون قالدىمۇ.
ئۆزلەك ئوچىنى ئالدىمۇ،
ئەمدى يۈرەك يىرتىلۇر.
(خاقان ئافراسىياپ ئۆلدىمۇ؟ بىۋاپا دۇنيا ئۇنىڭدىن قۇتۇلدىمۇ؟ پەلەك ئۇنىڭدىن ئۆچىنى ئالدىمۇ؟ ئەمدى ئۇنىڭ ئۈچۈن زامانغا نەپرەتلىنىپ، يۈرەكلەر پارە – پارە بولماقتا.)①
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ئافراسىياپنى ئۇيغۇر خاقانلىرىنىڭ بوۋىسى دەپ رىۋايەت قىلغانلىغى ئۆز ئەۋلادىنى قەدىمقى بۈيۈك تۈرك خاقانىنىڭ نامى بىلەن ئاتىغانلىغىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئىسلام تارىخچىلىرىدىن ئىبنۇلئەسر (ۋاپاتى 1232 – يىلى) «تارىخى كامىل» ۋە «مۇجمىئۇتتاۋارىخ» (1126 – يىلى يېزىلغان) ناملىق ئەسىرىدە، بەيھىقى (ۋاپاتى 1077 – يىلى) نىڭ ئەسەرلىرىدە ۋە گەردىزىنىڭ «زەينۇلئاخبار» (1055 – يىلى يېزىلغان) قاتارلىق ئەسەرلىرىدە، شۇنىڭدەك نېمىس تارىخچىسى پرىتساكنىڭ يېقىنقى يىللاردا يازغان ئەسەرلىرىدە «قاراخان»لار توغرىسىدىكى مەنبەلەر بايان قىلىنغان. دىمەك، بۇنىڭ يېقىنقى ئىسىم بولماستىن، ئەڭ قەدىمقى ئىسىم ئىكەنلىگى ئېنىق.
قاراخانىلار خانلىغىنىڭ ئەۋلادى قايسى نەسەبكە مەنسۇپلىغى توغرىسىدا تارىخىي مەنبەلەردە قارىمۇ – قارشى سۆزلەر بار. بەزى تارىخلاردا قاراخانىلار خانلىغى قارلۇقلاردىن كېلىپ چىققان دىسە، بەزىلىرى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان دەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر چىگىللەردىن كېلىپ چىققان دەيدۇ. ئىشەنچلىك تارىخىي ماتېرىياللار ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا بايان قىلىنغان پاكىتلاردىن قارىغاندا، «ياغما» (تارىختا ئۇلار قارا ياغما دەپمۇ ئاتالغان)لار قاراخانىلار خانلىغىنى تەشكىل قىلىشتا يېتەكچى رول ئوينىغان. خانلارنىڭ چاپاۋۇل قىسمى، كۆپىنچە، ياغمىلاردىن بولغان.
ياغمىلار تۈركى قەۋملەرنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. تەخمىنەن 742 – يىلى تۈرك خانلىغى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى دەسلەپ ئۇيغۇر قارلۇق ئىتتىپاقىدىكى باسمىللارنىڭ قولىغا ئۆتتى. بىراق، باسمىللارنىڭ ھۆكۈمرانلىغى ئىنتايىن قىسقا بولدى، كېيىن ئۇيغۇرلار قولىغا ئۆتتى. ياغمىلار مۇشۇ توققۇز ئۇيغۇر (ئىچكى توققۇز ئۇيغۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئىچىدىكى بىر قەۋم بولۇپ، 766 – يىللىرى سۇياپ شەھرىنى ئىگەللەپ، بۇ شەھەرنى ئۆزلىرىگە پايتەخت قىلغان ئىدى. قارلۇقلار باشلىغىنى «يابغۇ»، «ئوڭ يابغۇ»، «سول يابغۇ» دەپ ئاتايتتى. ياغمىلار باشلىغىنى «بۇغرا»، «قاراخان» ئۇنۋانى بىلەن ئاتايتتى.
قاراخانىلار خانلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئۇلارنىڭ خانلىق نەسەبىنىڭ شەكىللىنىشىدە مەركىزىي ھۆكۈمەتتىكى ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە نۇرغۇن مۇلكى، ھەربى ئەمەلدارلار ۋە ھەربىي قوشۇنلار مۇھىم رول ئوينىغان. ئەمما خان جەمەتى قارلۇقلار بىلەن چىگىللەر ئارىسىدىن چىقمىدى. قاراخانىلار خانى تۈركى قەۋملىرى ئىچىدە جەڭگىۋارلىغى بىلەن مەشھۇر بولغان ياغمىلاردىن چىقتى.
قاراخانىلار خانلىغىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان ياغمالار ئوردا، شەھەرلەردە تۇراتتى. ئۇنىڭ فېئوداللىق ئىقتىسادى تۈزۈمى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان ئىدى. 9 –ئەسىردە، توققۇز ئوغۇز خەلقىنىڭ جەڭگىۋار ئالدىنقى قىسمى بۈلغان ياغمىلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ھالدا قاراخانىلار خانلىغى قۇرۇلدى.
قاراخانىلار خانلىغى ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئەڭ گۈللەنگەن ۋە قۇدرەت تاپقان فېئودال خانلىق ئىدى. بۇ خانلىق ئىلگىر – كېيىن بولۇپ 399 يىل ھۆكۈم سۈردى. قاراخانىلار مۇشۇ ئۇزاق مەزگىل ئىچىدە يۇقۇرى گۈللىنىش، تەدرىجى زەئىپلىشىشتەك باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتتى.
قاراخانىلار خانلىغىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا پارلاق يېڭى گۈللىنىش دەۋرىنى مەيدانغا كەلتۈردى. قاراخانىلارنىڭ يۈكسەك تەرەققى قىلغان دىخانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە قول سانائىتى ئاساسىدا نۇرغۇن مۇتەپەككۇرلەر، كەشپىياتچىلار، سىياسىيونلار، ھەربىي مۇتەخەسىسلەر، ئەدىپلەر، سەنئەتكارلار، تارىخشۇناسلار، تىلشۇناسلار، تىببى ئالىملار مەيدانغا كەلدى. ئۇلار كېيىنكى ئەۋلاتلارغا مول، قىممەتلىك جاھانشۇمۇل ئەسەرلەرنى قالدۇردى.
قاراخانىلارنىڭ كېڭەيگەندىن كېيىنكى تېرىتورىيىسى مەمۇرى جەھەتتىن 3 چوڭ قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، مەركىزىي قىسمى «خاقانىيە ئۆلكىسى» دەپ ئاتىلاتتى، خاقانىيە ئۆلكىسى قەشقەرنى مەرگەز قىلغان ھالدا كۇچا ۋە قوچۇ شەھرىدىن تارتىپ ئىسسىق كۆل بويىدىكى بالاساغۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، مىڭلاق، ئىلى ۋادىسىغا قەدەر بولغان شەرقىي رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى؛ يەنە بىر قىسمى غەربىي قىسىم بولۇپ، ئىسسىق كۆلنىڭ غەربىدىن كاسپى دېڭىزىغىچە بولغان كەڭ رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ قىسمى تالاس بىلەن سەمەرقەنتنى مەركەز قىلغان ئىدى؛ ئغچىنچى قىسمى شەرقىي جەنۇبىي قىسىم بولۇپ، يەركەندىن تارتىپ چەرچەنگىچە بولغان خوتەن رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ ئۈچ چوڭ قىسىمدىن باشقا يەنە ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقىي شىمالىدا قۇياس ۋىلايىتى، تاشكەنت بىلەن مەرغىلان ئارىلىقىدىكى ئىغراق ۋىلايىتى، ئامۇ دەريانىڭ شىمالىدا قوتال – سومان ۋىلايىتى بار ئىدى.
قاراخانىلار خانلىغىنىڭ تېرىتورىيىسىدە شەكىللەنگەن بۇ مەمۇرى بىرلىكلەر ئىچىدە غەربىي قىسىم بىلەن شەرقىي جەنۇبىي قىسىم «ئېلىك خانلىق» دەپ ئاتالغان ئىدى. بۇ ئەمەلىيەتتە ھەربى فېئودال سۇيۇرغاللىق تۈزۈمدىكى يەرلەر ئىدى.
قاراخانىلارنىڭ پايتەختى ئىككى بولۇپ، بالاساغۇن يازلىق پايتەخت ئىدى. قاراخانىلارنىڭ چوڭ خانى قەشقەردە تۇرغاچقان، قەشقەر «ئوردۇكەنت» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ خان تۇرىدىغان شەھەر، مەركەز دىگەنلىك بولاتتى.
قاراخانىلار خانلىغىنىڭ تۇنجى خانى كول بىلگە قادىرخان مىلادىنىڭ 819 – يىلى خانلىق تەختىگە چىقتى. ئۇ ئۆز تېرىتورىيىسىنى قەشقەردىن تاكى ماۋرا ئۇننەھرنىڭ شىمالىدىكى جايلارغا قەدەر كېڭەيتتى. كول بىلگە قادىرخان ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى بازىر خانلىققا ۋارىسلىق قىلىپ، بالاساغۇندا ئارىسلانخان ئۇنۋانى بىلەن خانلىق تەختىدە ئولتۇردى.
سامانىلار خانى ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەت ئىسلام دىنىنى سىرتقا كېڭەيتىش مەقسىدىدە، تىغ ئۇچىنى قاراخانىلارغا قارىتىپ، ئۇلارنى ئۆز بېقىندىسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن قورال كۈچىنى ئىشقا سالدى. بازىرخان (بەزى مەنبەلەردە بارلىقخان) ھىجىرىيىنىڭ 302 – يىلى، مىلادىنىڭ 914—915 – يىللىرى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئوغلى ساتۇق تېگىن تېخى كىچىك بولغانلىقتىن، تاغىسى قادىرخان ئوغۇلچاق نايىپ خان بولدى. قادىرخان ئوغۇلچاق سامانىلار خانى ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەت بىلەن زامانداش بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا كەسكىن كۆرەشلەر داۋام قىلغان ئىدى. ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەت 893 – يىلى تالاسنى قادىرخان ئوغۇلچاقنىڭ قولىدىن تارتىۋالغاندا، ئۇنىڭ خوتۇنى بىلەن 15 مىڭغا يېقىن ئەسكىرىنىمۇ ئەسىرگە ئالدى. شۇ يىلى كۈزدە قادىرخان ئوغۇلچاق خانلىق پايتەختىنى قەشقەرگە كۆچۈردى ۋە سامانىلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن جىددى تەييارلىق كۆردى. 904 – يىلى سامانىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا نىزا يۈز بەرگەندە، ئوغۇلچاق دەرھال ئەسكەر چىقىرىپ ئۆز زىمىنىنى كېڭەيتىۋالدى ھەمدە سامانىلاردىن نارازى بولۇپ، باشپانا ئىزلەپ كەلگەن ئەبۇ ناسىر سامانىنى قانات ئاستىغا ئېلىپ ئاتۇشتا تۇرغۇزدى.
2— بۆلۈم قاراخانىلارنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشى
بەزى تارىخىي كىتاپلاردا دىيىلىشىچە، ئەبۇ ناسىر سامانى ئاتۇشتا پانالىنىپ تۇرغان چاغلاردا، ساتۇق تېگىن ئوۋ ئوۋلاپ يۈرۈپ، ئۇنىڭ تۇرغان يېرىگە كېلىپ قالىدۇ. ئەبۇ ناسىر سامانى ئۆزىنى ساتۇق تېگىنگە مۇسۇلمان دەپ تۇنۇشتۇرىدۇ ۋە ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە – يوسۇنلىرىنى تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىدۇ. بۇ ساتۇق تېگىنگە قاتتىق تەسىرقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولىدۇ. تارىخىي مەنبەلەردە «ساتۇق تېگىن مۇسۇلمان بولغان ۋاقتىدا 20 ياشلاردا ئىدى» دىيىلسە، بەزى ماترىياللاردا «12 ياشتا مەخپى مۇسۇلمان بولغان» دىيىلىدۇ. ھەر ھالدا، قاراخانىلارنىڭ ھۆكۈمران قاتلىمىنىڭ 10 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىغى ئېنىق.
ئىبنۇلئەسىر(ئەسلى ئىسمى ئەزىزىدىن ئوبۇل ھۈسەيىن ئېلى ئىبنى مۇھەممەت بولۇپ، ھىجىرىيىنىڭ 630 – يىلى مىلادىنىڭ 1232 – يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ «تارىخىي كامىل» نامىلق ئەسىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئىسلام دىنىنى 1 – قېتىم ساتۇق تېگىن قوبۇل قىلدى. ئەبۇ ناسىر سامانى ساتۇق تېگىن بىلەن كۈرۈشكەندىن كېيىن، بىر تەرپتىن ئىسلام دىنىنىڭ تائەت – ئىبادەتلىرىنى ئۆزى ئىشلەپ ياخشى تەسىر بەرگەن، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭغا «لائىللاھە ئىللەللا مۇھەممەدەن رەسۇلىللا» (بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ
يوق، مۇھەممەت ئاللانىڭ ئەلچىسىدۇر» دىگەننى ئۆگىتىپ ۋە ئۇنى ئىمان ئېيتقۇزۇپ، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدۇرغان. «ھەزرىتى سولتان ساتۇق تەزكىرىسى» (ئاپتۇرى موللا ھاجى) ۋە «خوجا ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ تەزكىرىسى» قاتارلىق ئۇيغۇرچە قوليازما مەنبەلەردىكى رىۋايەتلەر بىلەن يۇقىرقى كىتاپتىكى بايانلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ. قاراخانىلاردىن ئىسلام دىنىنى دەسلەپ قوبۇل قىلغان ساتۇق (مۇسۇلمانچە ئىسمى ئابدۇكېرىم) بۇغراخاننىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىش تارىخى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە بىلمەيمىز. بۇ ھەقتىكى مەنبەلەرنىڭ ئەڭ قەدىمقىسى جامال قارشى «مولھقاتۇس سۇراھ» دىگەن ئەسىرىدە ئەبۇل فۇتۇھ ئابدۇغاپپارنىڭ «قەشقەر تارىخى» دىگەن ئەسىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ: «ساتۇق بۇغراخان ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ تەسىرى ئاستىدا 12 يېشىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان، 25 يېشىدا قاراخانىلار تەختىگە ئولتۇرغان. ساتۇق بۇغراخان ھىجىرىيىنىڭ 344 – يىلى، مىلادىنىڭ 955 – يىلى ۋاپات بولۇپ، قەشقەرنىڭ شىمالىدىكى ئاتۇشقا (مەشھەتكە) دەپنە قىلىنغان» دىگەن.
ساتۇق تېگىننىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىغى توغرىسىدىكى تارىخىي مەنبەلەرنى سېلىشتۇرۇپ، «سۇراھ» تا نەقىل كەلتۈرۈلگەن جامال قارشىنىڭ سۆزىنى توغرا دەپ قارىدىم.
ساتۇق تېگىن ئۆزى مەخپى ھالدا مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ يوليۇرۇغى بويىچە، ئەتراپتىكى خەلقلەرنى مەخپى ۋە ئاشكارا ھالدا يېنىغا تارتىپ، بىر نەچچە ئاي ئىچىدە مىڭلىغان كىشىلەرنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزدى ۋە ئۇلارنى ئاساسىي كۈچ قىلىپ، ساتۇق تېگىن باشچىلىغىدا ئىسلامنى تارقىتىدىغان مەخپى تەشكىلات قۇردى. 920 – يىللىرى، ساتۇق تېگىن ۋە ئەبۇ ناسىر سامانى ئۆز مۇخلىسلىرىنى باشلاپ قادىرخان ئوغۇلچاق بۇغراخاننىڭ ئوردىسىغا باستۇرۇپ كىردى ۋە ئوغۇلچاقنى ۋە ئۇنىڭ شاھزادە (تېگىن)لىرىنى، مەنسەپدارلىرىنى قولغا ئېلىپ، بەزىلىرىنى ئۆلتۈردى. بەزىلىرىنى ئىمان ئېيتقۇزۇپ ئىسلامغا بەيئەت قىلغۇزدى. مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن قەشقەر (ئوردۇ كەنت)نى پۈتۈنلەي ئىگەللىدى. ساتۇق تېگىننىڭ بېسىمى ۋە ئىسلامغا دالالەت قىلىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر مۇسۇلمان بولدى.
ساتۇق تېگىن كېيىن قەدىمقى ئەجدادلىرىغا ئوخشاش «ئارسلان بۇغرا قاراخان» ئۇنۋانىنى قوللىنىپ، ئۆزىنى «ساتۇق ئارسلان بۇغرا قاراخان» دەپ رەسمى ئېلان قىلدى ۋە قەشقەرنى رەسمى تۈردە ئىسلام دىنىنى كېڭەيتىشنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇردى. غەيرى دىندىكىلەرنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىش يولىدا پائال كۆرەش قىلىپ، ئىلگىر – كېيىن بولۇپ يەركەنت (يەكەن)، ئاقسۇنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزدى. 942—943 – يىللاردىكى غازاتتا بالاساغۇن، سۇياپ ۋە ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى قارلۇقلار ۋە ياغما، ئوغۇز قەۋملىرىنىمۇ ئىسلام دىنىغا كىرگۈزدى.
مىلادىنىڭ 940 – يىللىرى ساتۇق ئارسلان بۇغرا قاراخاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن 200 مىڭغا يېقىن تۈرك ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى. بۇ ۋاقىتتا شىمالدىكى ئوغراق، توخسى قەبىلىلىرى ئىسيان كۆتىرىپ، قاراخانىلارغا قارشى چىقتى. ساتۇق ئارسلان بۇغرا قاراخان، بىر تەرەپتىن، مۇسۇلمان قوشۇنلىرىنى ئەۋەتىپ شىمالدىكى تۈركى قەبىلىلەرنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن كۆرەش قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، خوتەن خەلقىنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن خوتەن خانلىغى بىلەن ئۇرۇش قىلدى. ئاخىرى خوتەن خانلىغىنى مەغلۇپ قىلىپ، خوتەن شەھرىنى ئىگەللىدى ۋە خوتەنلىك بۇددىستلارنىڭ بىر قىسمىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىسلام دىنىغا كىرگۈزدى. قاراخانىلار خوتەننى ئىسلام دىنغا كىرگۈزۈشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، كۇچانى ئىسلامىيەتكە كىرگۈزۈشنىمۇ چىڭ تۇتتى. قاراخانىلار قوشۇنى كۇچانى ئىشغال قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كۇچا ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان بولمىدى. بۇ جايدىكى ئادەملەرنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا بۇددا دىنىدا قالدى.
ساتۇق ئارسلان بۇغرا قاراخان مىلادىنىڭ 955 – يىلى سۇغۇندا ۋاپات بولدى②. «ساتۇق ئارسلان بۇغرا قاراخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن 37 مىڭ مۇسۇلمان يىغىلىپ كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ساتۇق ئارسلان بۇغرا قاراخاننى ئاتۇشتىكى مەشھەتتە دەپنە قىلدى. ساتۇق ئارسلان بۇغرا قاراخاننىڭ ئورنىغا ئوغلى بايتاش تېگىن (تۈركچە ئىسمى) يەنى مۇسا ئىبنى ئابدۇكېرىم (مۇسۇلمانچە ئىسمى) قاراخان بولدى.
مۇسا ئارسلان بۇغرا قاراخان تېگىنلەر ئىچىدىكى سىياسەتچىلەرىدن ئىدى. ئۇ قاراخانىلار تەختىگە چىققاندىن كېيىن، قاراخانىالارنىڭ مەركىزى بالاساغۇندا ۋە قەشقەردە ھاكىمىيەتنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپلا قالماستىن، بەلكى قاراخانىلارنىڭ يېڭى چېگرا رايونلىرىغا بولغان ھۆكۈمرانلىغىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. قاراخانىلار ئىچكى بىرلىكنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىر قاتار سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى قوللاندى.
971 – يىلى مۇسا (بايتاش) ئارسلان بۇغرا قاراخان خوتەنلىكلەر بىلەن غازات قىلدى. ئۇ خوتەندىكى ئىسياننى باستۇرۇپ، خوتەننىڭ ئاھالىسىدىن يەنە بىر قىسمىنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزدى. شۇندىن كېيىن، مۇسا ئارسلان بۇغرا قاراخان ئالىپ تېگىن باشچىلىقىدا مۇسۇلمان قوشۇنلىرىنى ئەۋەتىپ، ئالدى بىلەن كىنگىت (قارا شەھەر)نى ئىشغال قىلدى. ئاندىن ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى «مىڭلاق – ئىلى (ھازىرقى غۇلجا)»غا يۈرۈش قىلدى. قاراخانىلارنىڭ قوشۇنى ئىلىنى ئىشغال قىلىپ، بۇ جايدىكى بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىدى، بۇددىست ئۇيغۇرلارنى مىڭلاقتىن سۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇ يەرلەرگە مۇسۇلمان تۈركلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. دەل مۇشۇ مەزگىلدە قوچۇ ئۇيغۇرلىرى ئىلىغا ھۇجۇم قىلدى.
قاراخانىالارنىڭ مۇسۇلمان قوشۇنلىرى بىلەن قوچۇ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدكى جەڭ ئىنتايىن شىددەتلىك بولغان. بۇنى مۇشۇ شېئىرلاردىن بىلىش مۇمكىن:
كەلدى ماڭا تات،
ئېيتتىم ئەمدى يات.
قۇشقا بولۇپ ئەت،
سېنى تىلەر ئۇس، بورى.
(ماڭا بىر كاپىر ئۇيغۇر ھۇجۇم قىلىپ كەلدى، مەن ئۇنى ئۆلتۈردۈم؛ قۇش، بۆرىلەرگە يەم بولسۇن دەپ، ئۇنى پارچە – پارچە قىلىۋەتتىم.)③
تۇنە بىلەن باستىمىز،
تەگمە ياڭاق پۇستىمىز؛
كەسمەلەرىن كەستىمىز
مىڭلاق ئەرىنن پىچتىمىز.
(بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كېچىسى باستۇرۇپ باردۇق، تەرەپتىن مۈكۈپ كىرىپ، ھەتتا ئاتلىرىنىڭ كوكۇلىلىرىنى كەستۇق، مىڭلاق ئادەملىرىنى ئۆلتۈردۇق.)④
ئالىپ تېگىن قاتتىق جەڭلەردىن كېيىن قوچۇ ئۇيغۇرلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ قوچۇنى ئىشغال قىلدى. قوچۇ ئۇيغۇرلىرى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلماي، ئۆزلىرىنىڭ بۇددا دىنىدا قېلىپ، مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن قاراخانىلارغا تەۋە بولدى.
ئۇيغۇر تارىخىي مەنبەلىرىدە: قاراخانىلار ئىسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، قوچۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن بېشبالىقتا ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق شىددەتلىك جەڭدە ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ ئوغلى ئابدولفەتتاھ باتۇرلۇق بىلەن خىزمەت كۆرسىتىپ قازا قىلدى، دىيىلىدۇ. مۇسا ئارسلان بۇغرا قاراخان ئۇنىڭ قەھرىمانلىغىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئالپ تېگىن (قەھرىمان شاھزادە) ئۇنۋانىنى بەردى. ئالپ تېگىن ئۇرۇمچىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغدا دەپنە قىلىندى. ھازىرمۇ خەلقلەر بۇ مازارنى «ئەلپەتتا خوجام مازىرى » دەپ ئاتايدۇ.

— بۆلۈم قاراخانىلارنىڭ ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش يولىدىكى كۈرەشلىرى
قاراخانىلار 10 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۆز زىمىنىنى بىرلىككە كەلتۈردى. مۇشۇ دەۋردە قاراخانىلارنىڭ زىمىنى شەرقتە گەنسۇدىن تارتىپ، غەرپتە ئارال دېڭىزىغىچە، شىمالدا ئالتاي تاغلىرىدىن تارتىپ، جەنۇپتا قارا قۇرۇم، كوئىنلۇن تاغلىرىغىچە بولغان كەڭ تېرىتورىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. قاراخانىلار بۇ كەڭ زىمىننى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزى ئۆلكە بولغان خاقانىيىدىن باشقا شىمالىي ۋە غەربىي ئۆلكىلەرگە «ئېلىك خان» بەلگىلەپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قوللاندى. سەمەرقەنت غەربىي ئېلىك خانلىغىنىڭ مەركىزى ئىدى. قاراخانىلارنىڭ تېگىنلىرى ئېلىك خان بولاتتى. غەربىي ۋە شىمالىي ئېلىك خانلىغىنىڭ خانلىرى مەركىزى ھاكىمىيەتكە بوي سۇناتتى.
ھارۇن بۇغرا قاراخان 990 – يىلى ئەسكەر چىقىرىپ ئىسپىجاپ شەھىرىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ماۋرا ئۇننەھردىكى سەمەرقەنت ۋە بۇخاراغا ھۇجۇم قىلدى. ھارۇن بۇغرا قاراخان سەمەرقەنتنى بېسىۋالغاندىن كېيىن ئۇ يەردە ئۈچ يىل تۇردى. قەشقەرگە قايتىش سەپىرىدە كېسەل بولۇپ يول ئۈستىدە يەنى قوچقار بېشى دىگەن جايدا ھىجىرىيىنىڭ 375 – يىلى، مىلادىنىڭ 997 – يىلى ۋاپات بولدى.⑤ بۇ چاغدا ئامۇلغا قېچىپ بېرىۋالغان ئەمىر نۇھ غەزنە ھۆكۈمدارى سوبۇك تېگىن قاتارلىق يەرلىك ھۆكۈمدارلاردىن ياردەم تەلەپ قىلدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى، بىر تەرەپتىن، ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كەتكەچكە، يەنە بىر تەرەپتىن، قاراخانىلارنىڭ كۈچىدىن ئېھتىيات قىلغاچقا، بۇ ئۇرۇش سېپىگە كىرىپ قېلىشتىن باش تارتىپ، ياردەم بېرىشنى رەت قىلدى. ئەمىر نۇھ سىر دەريانىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا جايلاشقان سالچۇقىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغاندا، سالچۇقىلار ياردەمگە ئارسلان بەگ باشچىلىقىدا ئەسكەر ئەۋەتتى. ئەمىر نۇھ ئامۇ دەريادىن ئۆتۈپ، بۇخاراغا ھۇجۇم قىلدى. بۇ ۋاقىتتا بۇخارادا ئۇنىڭغا بىر قىسىم كۈچ ياردەم قىلدى. بۇ ئۇرۇشتا ئەمىر نۇھ ئېلىك خان ئېلى تېگىننى مەغلۇپ قىلىپ، بۇخارانى يېڭىۋاشتىن ئىگەللىۋالدى. ئېلىك خان ئېلى تېگىن بۇخارانى تارتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، بۇخاراغا قايتا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلاندى. ئەمىر نۇھ بۇخەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەمىر سوبۇك تېگىندىن ياردەم سورىدى. سوبۇك تېگىن نۇرغۇن ئەسكىرىي كۈچ بىلەن بۇخاراغا يېقىنلاشقاندا، ئەمىر نۇھ سوبۇك تېگىندىن گۇمانلىنىپ، ئېلىك خان ئېلى تېگىن بىلەن سۈلھى قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ۋەزىر ئابدۇللا مۇھەممەت ئىبنى ئەزىزنى ئەۋەتتى. سامانىلار بىلەن قاراخانىلار سۈلھى قىلىپ، بۇخارا ۋە سەمەرقەنت ئارىسىدىكى «كاتۋان چۆلى» نى چېگرا سىزىغى قىلىپ بەلگىلىدى، «كاتۋان چۆلى» نىڭ غەربىي قىسمى سامانىلارغا، شەرقىي قىسمى قاراخانىلارغا قارايدىغان بولدى. ھارۇن بۇغرا قاراخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى يۈسۈپ تېگىن يەنى يۈسۈپ قادىرخان قاراخان ئۇنۋانى بىلەن تەختتە ئولتۇردى.
مىلادىنىڭ 998 – يىلى، سامانىلار ئەمىرى نۇھ ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا مەنسۇر ئەمىر بولدى. شۇ يىلى غەزنە ھۆكۈمدارى سوبۇك تېگىن بەلختە ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسمايىل بىلەن مەھمۇت خانلىق تالىشىپ ئۆز ئارا جەڭگى – جىدەل قىلىشتى. ئېلىك خان ئېلى تېگىن نۇھ بىلەن تۈزگەن كېلىشىم بويىچە، مەنسۇر بىلەن داۋاملىق دوستانە ئۆتتى. كېيىن ئەمىر مەنسۇرنىڭ ھۆكۈمرانلىغىدىن نارازى بولغان ۋەزىر ئابدۇللا مۇھەممەت، ھەربىي قوماندان فايىق باشچىلىغىدىكى ئەمەلدارلار يۈسۈپ قادىرخان قاراخانغا ئەبۇ مەنسۇر ئىسپىجاپنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ۋەكىل ئەۋەتىپ، ئۆزلىرىنىڭ قاراخانىلارغا بوي سۇنىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈشتى. يۈسۈپ قادىرخان قاراخان بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، سەمەرقەنتتىكى ئېلىك خان ئېلى تېگىنگە بۇخاراغا ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇغىنى چۈشۈردى. ئېلى تېگىن بۇخاراغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا، ۋەزىر ئابدۇللا مۇھەممەت، ئەلچى ئەبۇ مەنسۇر ئىسپىجاپى ۋە قوماندان فايىق بۇخارادىن سەمەرقەنتكە قېچىپ كەلدى. ئېلىك خان ئېلى تېگىن بۇخاراغا كېتىۋېتىپ، ۋەزىر ئابدۇللا مۇھەممەت ۋە ئەبۇ مەنسۇر ئىسپىجاپى قاتارلىقلارنى ئۇلارنىڭ ئاسىلىغى ئۈچۈن قولغا ئالدى، فايىقنى تۇرشاۋۇل قىلىپ 300 ئەسكەر بىلەن بۇخاراغا ئەۋەتتى. ئەمىر مەنسۇر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بۇخارادىن قېچىپ كەتتى. فايىق بۇخاراغا كىرىۋېلىپلا ئېلىك خاندىن يۈز ئۆرۈپ، ئەمىر مەنسۇرگە ئەلچى ئەۋەتىپ، پادىشاھلىق نامى ئەمىر مەنسۇردە بولۇش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۆزىدە بولۇش شەرتىنى قويدى. ئەمىر مەنسۇر ماقۇل بولۇپ، بۇخاراغا قايتىپ كەلدى. ئېلىك خان ئېلى تېگىن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن سەمەرقەنتكە قايتتى.
ئەمىر مەنسۇر ۋە فايىقلار سوبۇك تېگىننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارىسىدىكى ماجرادىن پايدىلىنىپ، خۇراساننى تارتىۋالدى ۋە بەك تۇزۇن ئىسىملىك بىر قومانداننى خۇراسانغا ۋالى قىلپ تەيىنلىدى.
مەھمۇت (سوبۇك تېگىننىڭ چوڭ ئوغلى) دادىسىنىڭ تەختىگە ۋارسلىق قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنى سولتان دەپ ئېلان قىلدى ۋە بەك تۇزۇن بىلەن ئۇرۇش باشلىدى. ئەمىر مەنسۇر ۋە فايىقلار نۇرغۇن قوشۇن بىلەن بەك تۇزۇنغا ياردەم بىرىش ئۈچۈن خۇراسانغا يېتىپ كەلدى. فايىق ۋە بەك تۇزۇن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئەمىر مەنسۇرنى قاماققا ئالدى. ئۇنىڭ ئورنىغا مەنسۇرنىڭ ئىنىسى ئابدۇلمۇلۇك نوھنى تەختكە چىقاردى. ئەمىر ئابدۇلمۇلۇك سولتان مەھمۇت بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، فايىق، بەك تۇزۇنلار بىلەن بىللە بۇخاراغا قاچتى. سولتان مەھمۇت خۇراساننى ئىشغال قىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي فايىق ئۆلدى. مىلادىنىڭ 999 – يىلى ئېلىك خان ناسىر ئەسكەر چىقىرىپ، سامانىلار پەيتەختى بۇخارانى بېسىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن 125 يىل ھۆكۈم سۈرگەن سامانىلار خانلىغى ئاخىر قاراخانىلار تەرىپىدىن يوقىتىلدى.
غەزنە ھۆكۈمدارى سولتان مەھمۇت قاراخانىلار بىلەن ئەپ ئۆتۈش ئۈچۈن، دوستلۇق مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ياخشىلاش تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھىجىرىيىنىڭ 380 – يىلى، مىلادىنىڭ 1001—1002 – يىللىرى، يۈسۈپ قادىرخان قاراخان سولتان مەھمۇتنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن، غەزنەۋىلەرگە مەخسۇس ئەلچىلەر ئۆمىگى ئەۋەتتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سولتان مەھمۇت ئاتاقلىق ئالىم ئەبۇتىپ بىلەن ۋالى دەرىجىلىك يەنە بىر ئەمەلدارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىر ۋەكىللەر ئۆمىگىنى يۈسۈپ قادىر قاراخان ھوزۇرىغا ئەۋەتتى. سولتان مەھمۇتنىڭ ئەلچىلىرى يۈسۈپ قادىر قاراخانغا قاراخانىلار بىلەن قودا – باجىلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىش تەكلىۋىنى بەردى. يۈسۈپ قادىر قاراخان تەكلىپنى دەرھال قوبۇل قىلدى ۋە ماۋرا ئۇننەھر ئېلىك خانى ناسىرغا قىزى چىگىلنى سولتان مەھمۇتقا خوتۇنلۇققا بېرىشنى بۇيرۇدى. ناسىر ئېلىك خان يۈسۈپ قادىر قاراخاننىۇڭ يارلىغىنى دەرھال ئورۇنداپ، سولتان مەھمۇتقا ئۆز قىزىنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن قاراخانىلار بىلەن غەزنەۋىلەر ئوتتۇرىسىدا توققانلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىلدى.
1005 – يىلى ناسىر ئېلىك خاننىڭ ئامۇ دەريا بويىدىكى چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى بىلەن سولتان مەھمۇتنىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ئارىسىدا چېگرا توقۇنۇشى يۈز بەردى. بۇ ئادەتتىكى توقۇنۇشنىڭ ئاقىۋىتى ھەر ئىككى تەرەپنى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىردى. بۇ چاغدا سولتان مەھمۇت ھىندىستاندا ئۇرۇشتا ئىدى. ناسىر ئېلىك خان غەزنەۋىلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بىر تۈركۈم ئەسكەرنى ئىنىسى چاغرى تېگىننىڭ قومادانلىقىدا بەلخقە ئەۋەتتى. يەنە بىر قىسىم ئەسكەرنى سۇ بېشى تېگىننىڭ قومادانلىغىدا خۇراسانغا ماڭدۇردى. چاغرى تېگىن باشچىلىغىدىكى قوشۇنلار ئامۇ دەريانى كېسىپ ئۆتۈپ، بەلخنى ئىشغال قىلدى. سۇ بېشى تېگىن باشچىلىغىدىكى قوشۇنلار خۇراسان ۋىلايىتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگەللىدى. سولتان مەھمۇت بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال ھىندىستاندىن غەزنەگە يېتىپ كېلىپ، چاغرى تېگىننىڭ قوشۇنلىرى بىلەن قاتتىق ئېلىشتى، چاغرى تېگىن مەغلۇپ بولۇپ بەلختىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئارقىدىنلا سولتان مەھمۇت بارلىق ھەربىي كۈچىنى سۇ بېشى تېگىننىڭ قوشۇنلىرىغا سالدى. بىر مەزگىل قاتتىق جەڭ بولغاندىن كېيىن، سۇ بېشى تېگىن ماۋرا ئۇننەھرگە چېكىندى. ئۇرۇش ھىجىرىيىنىڭ 397 – يىلى، مىلادىنىڭ 1009 – يىلىغا قەدەر داۋام قىلدى.
مىلادىنىڭ 1009 – يىلى، يۈسۈپ قادىر قاراخان سولتان مەھمۇتقا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ھەربىي كۈچ بىلەن قەشقەردىن يۈرۈش قىلدى ۋە بالاساغۇندىكى شىمالىي ئېلىك خان توغان خانغا ئەسكەر توپلاپ سەمەرقەنتكە يۈرۈش قىلىشقا يارلىق چۈشۈردى. يۈسۈپ قادىر قاراخان 50 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ئامۇ دەريادىن ئۆتۈپ بەلخنى ئىگەللىدى. سولتان مەھمۇتمۇ ناھايىتى نۇرغۇن قوشۇن تەييارلاپ بەلخقە يېقىن كەتەر دىگەن سايدا چېدىر تىكتى. يۈسۈپ قادىر قاراخانمۇ ئۆزىنىڭ ئەسكەرلىرىنى كەتەرگە ئېلىپ بېرىپ، سولتان مەھمۇتنىڭ ئۇدۇلىدا چېدىر تىكىپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلدى. يۈسۈپ قادىر قاراخان ئوتتۇرىدا سەپ تۈزدى، ناسىر ئېلىك خان ئوڭ قانات، چاغرى تېگىن سول قانات بولۇپ سەپ تۈزۈشتى.
سولتان مەھمۇتمۇ ئىنىسى ناسىرنى ۋە جۇرجان ۋالىسى ئەبۇ نەسىر فىرىخۇننى ئوتتۇرىدا، ئالتۇن تاشنى ئوڭ قانات، ئارسلان جازىپنى سول قانات قىلىپ سەپ تۈزدى، سەپ ئالدىغا 500 ئۇرۇش پىلىنى تىزدى. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش تەييالىغى پۈتكەندىن كېيىن، ئۇرۇش رەسمى باشلاندى. دەسلەپكى جەڭدە مەھمۇتنىڭ پىللىرى يۈسۈپ قادىر قاراخاننىڭ قوشۇنلىرىغا خېلى زىيان يەتكۈزەلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ناسىر ئېلىك خاننىڭ 500 ئەسكەردىن تەشكىل قىلىنغان پىداكار قىسمى سولتان مەھمۇتنىڭ پىللىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئوتتۇرا قىسمىنى بۆسۈپ ئۆتتى. سولتان مەھمۇتنىڭ زاپاس قوشۇنى ناسىر ئېلىك خاننىڭ ئەسكەرلىرىگە قايتارما ھۇجۇم قىلىپ چېكىندۈردى. ئارقىدىنلا سولتان مەھمۇت پۈتۈن ئەسكىرىنى ئىشقا سېلىپ، يۈسۈپ قادىر قاراخاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى زور چىقىمغا ئۇچراتتى. يۈسۈپ قادىر قاراخان بەلخقە چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. شۇ يىلنىڭ ئاخىرى، يۈسۈپ قادىر قاراخان يەنە ئامۇ دەريادىن ئۆتۈپ چوڭ جەڭگە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، سولتان مەھمۇت يۈسۈپ قادىر قاراخانغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇرۇشنى توختىتىپ، سۈلھى قىلىش تەكلىۋىنى بەردى. يۈسۈپ قادىرخان سولتان مەھمۇتنىڭ تەكلىۋىنى قوبۇل قىلىپ، قوشۇنلىرىنى چېكىدۈردى.
قاراخانىلار بىلەن غەزنەۋىلەر ئوتتۇرىسىدا تېچلىق كېلىشىمى ئىمزالىنىش ئالدىدا، قاراخانىلارغا قاراشلىق خوتەن خەلقى قاراخانىلارغا قارشى ئىسيان كۆتەردى. ئىسيانچىلار قاراخانىلارنىڭ ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسلامىيەتتىن يۈز ئۆرىدى. يۈسۈپ قادىرخان سەمەرقەنتتىن نۇرغۇن ئەسكەر ۋە ئولىمالارنى باشلاپ قەشقەرگە قايتتى.
يۈسۈپ قادىر قاراخان 1010 – يىلى قەشقەردىن خوتەنگە يۈرۈش قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن خوتەندە ئىلگىرى مۇسۇلمان بولغان ئاھالىنى ئۆزىگە تارتىپ، ئۇلارنى قوراللاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە قورال كۈچى بىلەن دىنىي تەشۋىقاتنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ خوتەننى يەنە بوي سۇندۇردى. قاراخانىالارنىڭ خوتەنلىكلەرنى ئىسلامغا كىرگۈزۈش ئۇرۇشى ئىلگىر – ئاخىر بولۇپ 24 يىلغا سوزۇلدى. ئاخىر خوتەن شەھىرى بوي سۇندۇرۇلدى، خوتەن خەلقى ئىسلام دىنىغا تولۇق كىرگۈزۈلدى. خوتەن خانى چىگالۇخالخالنىڭ كاللىسى ئېلىندى، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش توختىدى.
قاراخانىلار خوتەن ئىسيانىنى تىنجىتقاندىن كېيىن، خوتەنگە ۋالى دەرىجىلىك خان ۋە ھەر دەرىجىلىك مەمۇرى ئەمەلدارلارنى قويدى. خوتەن ۋەزىيىتى مۇقىملاشقاندىن كېيىن، خوتەندىن دۇڭخۇاڭغا بارىدىغان يىپەك يولى يەنە راۋانلاشتى. خوتەننىڭ قاراخانى لاچىن نائىل ساۋۇن سۇڭ سۇلالىسى بىلەن ئىلگىرىدىن داۋاملىشىپ كەلگەن سودا مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. خوتەندىن دۇڭخۇاڭغا ۋە ئىچكىرىگە توشۇلىدىغان ماللارنىڭ ئىچىدە قاشتاش بويۇملىرى، ھەر خىل دورا – دەرمەك، يىپەك، يىپ توقۇلمىلار بار ئىدى. سودىگەرلەرنىڭ ئىچكىرىدىن خوتەنگە ئېلىپ كەلگەن ماللىرى ئىچىدە چاي، ھەر خىل جانان قاچىلار بار ئىدى. بۇ دەۋردە خوتەن زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغان، كۈچلەنگەن ئىدى. بۇنى مۇنداق بىر پاكىتتىن كۆرۈشكە بولىدۇ:
مىلادىنىڭ 1068 – يىلى، خوتەن خانى سۇڭ خانلىغىنىڭ شېنزۇڭ خانى جاۋشۇغا يازغان خېتىدە ئۆزىنى «شايى – ئەتلەسلىرى مول، بەختلىك، قۇدرەتلىك، بىلىملىك خوتەن قاراخانى» دەپ ئاتىغان.
غەرپ ئېلىك خانى ئېلى تېگىن يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئىچكى – تاشقى جەھەتتە قاراخانىلار ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش بىلەن بولۇپ كەتكەنلىگىدىن پايدىلىنىپ، سالچۇقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، تەپرىقىچىلىق بىلەن ئاشكارا شوغۇللاندى. يۈسۈپ قادىرخان ئېلى تېگىننىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى ئۆز ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، كىچىك ئوغلى مەھمۇت ياغان تېگىن بۇغراخاننى دەرھال ئاتلاندۇردى ۋە سولتان مەھمۇتقا خەت يېزىپ، ئوغلى مەھمۇت ياغان تېگىنگە ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى. سولتان مەھمۇت دەرھال مەھمۇت ياغان تېگىنگە ھەربىي كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭ ئېلى تېگىننىڭ تەپرىقىچىلىغىنى باستۇرۇشقا ماسلاشتى. ئېلى تېگىن قاتتىق زەربە يىگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تەپرىقىچىلىغىدىن قەتئى ۋاز كېچىپ، مەڭگۈ قاراخانىلار خاندانلىغىغا سادىق بولىدىغانلىغىنى بىلدۈردى. بۇ مەسىلە ھەل بولغاندىن كېيىن، سولتان مەھمۇت يۈسۈپ قادىرخاننى سەمەرقەنتكە تەكلىپ قىلدى. يۈسۈپ قادىرخان سولتان مەھمۇت بىلەن دوستلۇق كېلىشىم ئىمزالاش ئۈچۈن ۋەكىللەر ئۆمىگى بىلەن سەمەرقەنتكە يېتىپ باردى. قاراخانىلار بىلەن غەزنەۋىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىش ئەھېالىنى گەردىزى مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ: سولتان مەھمۇت يۈسۈپ قادىرخان قاراخاننى دەرھال ئۆزى تەييارلىغان ئوردا گاھقا تەكلىپ قىلدى. ھەر ئىككى ھۆكۈمدار بىر نەچچە سىۋارلار⑥ بىلەن كېلىپ، ئاتلىرىدىن چۈشۈپ سەمىمى، قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ھەر ئىككى ھۆكۈمدار بىر بىرىگە قىممەتلىك سوۋغىلارنى تەقدىم قىلىشتى. سولتان مەھمۇت يۈسۈپ قادىرخانغا بىر جەۋھەرنى تەقدىم قىلدى. يۈسۈپ قادىرخانمۇ ئۆزى ئېلىپ كەلگەن قىممەتلىك بىر جەۋھەرنى سولتان مەھمۇتقا تەقدىم قىلدى. ئۇلار سوۋغا تەقدىم قىلىشقاندىن كېيىن زىياپەت بېرىلدى. ئەتىسى رەسمى سۆھبەت باشلاندى. سۆھبەتتە يۈسۈپ قادىرخان بىلەن سولتان مەھمۇت ئوتتۇرىسىدا، زۆرۈر تېپىلغاندا، بىر بىرىگە ئەسكەر ياردەم قىلىش ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر، تۈركىستان ھەم خۇراساننىڭ ئامانلىغىغا كاپالەتلىك قىلىش، سالچۇقىلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ، ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆز قاراشقا كەلدى. دوستلۇقنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ، قۇدا – باجىلىق مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، سولتان مەھمۇتنىڭ قىزى زەينەپنى يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئوغلى مەھمۇت ياغان تېگىنگە ياتلىق قىلىش، يۈسۈپ قادىرخان ئۆزىنىڭ قىزىنى سولتان مەھمۇتنىڭ ئىككنىچى ئوغلى ئەمىر مۇھەممەتكە ياتلىق قىلىش توغرىسىدا پۈتۈشتى. يۈسۈپ قادىرخان ماۋرا ئۇننەھرنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، قاراخانىلار ھاكىمىيىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ماۋرا ئۇننەھرنى ئېلىك خان ئېلى تېگىننىڭ قولىدىن ئېلىپ ياغان تېگىنگە تۇتقۇزدى.
1030 – يىلى سولتان مەھمۇت ۋاپات بولدى. 1031 – يىلى سولتان مەھمۇتنىڭ چوڭ ئوغلى مەسئۇت غەزنەۋىلەر تەختىدە ئولتۇردى. سولتان مەسئۇت غەزنەۋىلەر بىلەن قاراخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن قەشقەرگە ۋەكىللەر ئۆمىگى ئەۋەتتى. بۇ ۋەكىللەر ئۆمىگى يۈسۈپ قادىرخاننىڭ قىزىنى سولتان مەسئۇتقا بېرىش، سۇلايمان بۇغرا تېگىن ئارسلانخاننىڭ قىزىنى مەسئۇتنىڭ ئوغلى مەۋدوتقا بېرىشنى تەلەپ قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز زىممىسىگە ئالغان ئىدى.
1032 – يىلى يۈسۈپ قادىرخان ۋاپات بولدى. غەزنەۋىلەر بىلەن قاراخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى قۇدا – باجىلىق مۇناسىۋەت ئۇرنىتىش بىر مەزگىل كېچىكتى، يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى سۇلايمان ئارسلان بۇغرا تېگىن قاراخان ئۇنۋانى بىلەن تەختتە ئولتۇردى. ئۇ 1032 – يىلىدىن 1056 – يىلىغىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى.
سولتان مەسئۇت يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرۈش ھەم قاراخانىلار تەختىدە ئولتۇرغان سۇلايمان ئارسلان بۇغرا قاراخاننى تەبرىكلەش ئۈچۈن قەشقەرگە مەخسۇس بىر ۋەكىللەر ئۆمىگىنى ئەۋەتتى. ۋەكىللەر ئۆمىگى سۇلايمان ئارسلان بۇغرا قاراخان بىلەن ئۇچرىشىپ، تەنتەنىلىك مۇراسىم ئىچىدە ئۆز ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاپ، 1034 – يىلى غەزنىگە قايتتى.

4- بۆلۈم قاراخانىلارنىڭ ھاكىمىيەت شەكلى


قاراخانىلارنىڭ ھاكىمىيەت شەكلىنى، ئۇلار قوللانغان تۈرلۈك ئەمەل ناملىرىنىڭ قەدىمقى ئاتىلىشىنى، قاراخانىلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى ئىسىملىرىنى ئوبدان تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. قاراخانىلارنىڭ مۇنتىزىم ھاكىمىيەت شەكىلى، سىياسى تۈزۈمى، قانۇن – ياساقلىرى بولغان ئىدى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىتىكى ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى داۋاملاشتۇردى ۋە ئۇنىڭغا ئىجادىي ۋارىسلىق قىلدى. قاراخانىلارنىڭ ھاكىمىيەت تەشكىلى قاراخان ۋە ئېلىك خاندىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سىستېما بويىچە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئىككى چوڭ سىستېمىنىڭ ئاستىدا يەنە ھەر دەرىجىلىك باشقۇرۇش ئاپاراتلىرى تەشكىل قىلىنغان ئىدى.
ئا. ھەر دەرىجىلىك مەنسەپلەر
1. قاراخانىلارنىڭ ئەڭ ئالى ھۆكۈمدارى «ئارسلان خان» دەپ ئاتىلاتتى. ئارسلان خاننىڭ قول ئاستىدىكى ھۆكۈمدار «بۇغراخان» دەپ ئاتىلاتتى.
قاراخانىلارنىڭ ھاكىمىيەت تەشكىلىي تۈزۈمىدە، بۇغراخان ئەڭ ئالى ھۆكۈمدار ئارسلان خانغا ئۆستۈرۈلەتتى. كېيىنچە، قاراخانىلارنىڭ خانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇلۇغ خان ئىكەنلىگىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن، «تاۋغاچ خان» دىگەن نامنىمۇ قوشۇپ ئاتايدىغان بولدى. مەھمۇت قەشقەرى «تاۋغاچ» سۆزىگە بەرگەن تەبىرىدە، بۇ سۆزنىڭ ھەر بىر بۈيۈك ۋە قەدىمىي نەرسىگە قارىتىپ ئېيتىلىدىغانلىغىنى، خانلارغىمۇ ئۇنۋان بولۇپ كېلىدىغانلىغىنى، «مەملىكىتى قەدىمىي ۋە چوڭ خان» دىگەن مەنىدە «تاۋغاچ خان» دىيىلىدىغانلىغىنى ئېيتقان.⑦
ئۆز زامانىسىدا پۈتكۈل «مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى» دەپ ئاتالغان ئابباسىلار قاراخانىلارنىڭ خانلىرىنى دىپلوماتىيە جەھەتتە «مەلىكول مەشرىق ۋە سىن» (شەرق ۋە چىن پادىشاھسى) دەپ ئېتىراپ قىلغان. ھىجىرىيىنىڭ 459 – يىلى، مىلادىنىڭ 1066—1067 – يىللىرىدىن باشلاپ، قاراخانىلار «مەلىكول مەشرىق ۋە سىن» دىگەن ئۇنۋان بىلەن تەڭگە پۇل چىقاردى.
2. قاراخانىلارنىڭ 2 – چوڭ سىستېمىسىغا (يەنى يۇقۇرقى ئىككى ئالى ھۆكۈمداردىن باشقا) ئېلىك خانلار⑧ كىرەتتى. ئۇلار ئارسلان ئېلىك خان، بۇغرا ئېلىك خان ئۇنۋانى بىلەن ھاكىيەت يۈرگۈزەتتى. بۇلارنىڭ دەرىجىسى بۇغراخاندىن بىر دەرىجە تۆۋەن بولۇپ، ئادەتتە ئارسلان ئېلىك خان بۇغراخانغا ئۆستۈرۈلۈپ، خىزمەتكە تەيىنلىنەتتى. قاراخانىلارنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بۇنداق ھۆكۈمدارلار جەزمەن خان جەمەتىدىن بەلگىلىنەتتى.
قاراخانىلار پايتەختىدىن يەنى ئوردۇ كەنتتىن يىراق بولغان چوڭ رايونلار ئېلىك خانلىق دىيىلەتتى. ئېلىك خانلىقلار ئەلچى ئەۋەتىش، ئەلچىلەرنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق چوڭ مەسىلىلەرنىمۇ ئۆزلىرى بىۋاستە باشقۇراتتى. ئېلىك خانلارنىڭ مۇشۇنداق مۇستەقىل ھالدا چوڭ مەسىلىلەرنى باشقۇرۇشىنى غەرپ ئالىملىرى، تارىخشۇناسلىرى خاتا ھالدا «ئېلىك خاقانىيە» دەپ دۆلەت نامى بىلەن ئىزاھلاشتى. ئۇلارنىڭ بۇنداق ئىزاھلىشى قاراخانىلارنىڭ ھاكىمىيەت تەشكىلىنى ئوبدان تەتقىق قىلمىغانلىقتىن بولغان، ئۇنداق ئاتاش توغرا ئەمەس.
شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ماۋرا ئۇننەھر رايونىدىكى غەربىي ئېلىك خان ۋە شىمالىي ئېلىك خانلارنىڭ چوڭ مەسىلىلەرنى بىر تەرپ قىلىشتا ئالدى بىلەن قاراخاننىڭ تەستىقى، يوليۇرۇغىنى ئېلىش ۋە ئىشتىن كېيىن قاراخانغا تەپسىلى دوكلات قىلىش، مەركىزىي ھۆكۈمەتكە مەلۇم مىقداردا باج – سېلىق تۆلەپ تۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار ئىدى. قاراخانىلاردىن بەلگىلەنگەن «ئېلىك خانلار» قاراخانىلارغا بىۋاستە قاراشلىق جايلاردىكى يەرلىك خان بولۇپ، خانلىق تامغىسى تۇتاتتى. ئۇلار ئۆز دائىرىسىدىكى چوڭ مەسىلىلەرنى مۇستەقىل ھالدا بىر تەرەپ قىلاتتى. ئۆزلىرىنىڭ خانلىق دائىرىسىدە مەخسۇس ئەسكەر تۇرغۇزۇش، مالىيە – ئىقتىساتنى باشقۇرۇش، ئۆز ئالدىغا ئالتۇن، كۈمۈش، مىس پۇللارنى چىقىرىش، ئۆزىنىڭ قانۇنى، ئىنتىزامىنى بەلگىلەش ھوقۇقىغا، جۇڭگو، ئىران، ھىندىستان قاتارلىق خوشنا ئەللەر بىلەن سودا، مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى ئورنىتىش، خوشنا ئەللەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا توغرا كەلگەندە، ئۇرۇشغ قىلىش ياكى سۈلھى قىلىش، ئۆزئارا ئەلچى ئەۋەتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى.
قاراخانىلار خانلىغىنىڭ سۇلايمان ئارسلان بۇغرا قاراخان دەۋرىدە تېرىتورىيىسى ئىلگىرىكىدىن كېڭىيىپ، شەرقتە كۇچاغىچە، غەرپتە بۇخارا ۋە خارەزىمغىچە، جەنۇپتا ئامۇ دەريانىڭ قىرغاقلىرىدىن غەزنىگىچە سوزۇلغان ئىدى.
قاراخانىلار پۈتۈن دۆلەتتە خاقانىيە⑨ دىن باشقا جايلارغا ئېلىك خان بەلگىلەپ باشقۇرۇش چارىسىنى يولغا قويدى. مەسىلەن، ماۋرا ئۇننەھردە ئېلىك خان ئېلى تېگىن قاراخانىلارغا ۋاكالىتەن ئىش بېجىردى؛ ياغان تېگىن مۇھەممەت (بۇغرا ئۇنۋانى بىلەن) تالاس (ھازىرقى ئەۋلىيا ئاتا)، ئىسپىجاپ (چىمكەنت يېنىدىكى ھازىرقى سايرام) قاتارلىق جايلارنى باشقۇردى. بۇ يەردە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئىسلام تارىخلىرىدا «ئېلىك خان» نى كۆپىنچە بىر پادىشاھنىڭ نامى سۈپىتىدە قوللىنىپ، ئۇ باشقۇرغان دۆلەت «ئېلىك خانلار دۆلىتى» دەپ ئاتالغان. قاراخانىلار خانلىغىنىڭ شىمالدا ۋە غەرپتە قويغان ئېلىك خانلىرى ۋالى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بولۇپ، ئۇلار قاراخانىلارغا ۋاكالىتەن ئىش بېجىرگۈچىلەر ئىدى. قاراخان ماۋرا ئۇننەھرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئۆلكىلەرنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ئېلى تېگىننى «ئېلىك خان» ئۇنۋانى بىلەن ئومۇمى ۋالى قىلىپ بەلگىلىدى.
1035 – يىلى، ماۋرا ئۇننەھردىكى ئېلىك خان ئېلى تېگىن ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئوغلى ناسىر ئىبنى ئېلى ماۋرا ئۇننەھرگە «ئېلىك خان» بولدى. ئۇ قاراخانىلار خانلىغىغا سادىق كىشى بولۇپ، قاراخانىالار ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈچلەر بىلەن قەتئى كۆرەش قلىدى. ماۋرا ئۇننەھردە يۈز بەرگەن سالچۇقىلارنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش يولىدىكى ھەركىتىگە خاتىمە بېرىپ، قاراخانىلار ھاكىمىيىتىگە كېلىدىغان خەۋپنى تۆگەتتى.
مىلادىنىڭ 1039 – يىلى، ناسىر ئېلىك خان ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئوغلى ئىبراھىم سۇلايمان ئارسلان بۇغرا قاراخاننىڭ يارلىغى بىلەن ئېلىك خان بولدى. ئىبراھىم ئېلىك خان ئۇنۋانى بىلەن خىزمەتكە تەيىنلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزىنى «ئىمادۇد دۆلەتى» (دۆلەتنىڭ تۈۋرۈگى) دەپ ئېلان قىلىپ، ئۆز ئورنىنى كۆتۈرمەكچى بولغاندا، قاراخانىالار تەرەپتىن ئىبراھىم ئېلىك خانغا «تامغاچ ئىبراھىم خان» (تامغا تۇتقۇچى ئىبراھىم خان) دىگەن ئۇنۋاننى بەردى.
تامغاچ ئىبراھىم خان مۇستەقىل (مۇخاتارىيەت خاراكتىردىكى) خان سۈپىتىدە ھوقۇق تۇتقان ئىدى. شۇڭا، 1041—1047 – يىللىرى بۇخارا، سەمەرقەنتلەردە تامغاچ ئىبراھىم خان نامىدا پۇل چىقىرىلدى، ماۋرا ئۇننەھردىكى فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى خاقانىيەدىكىگە ئوخشاش خېلى تەرەققى قىلدى. تامغاچ ئىبراھىم خان قاراخانىلار ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خوشنا ئەللەر بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇردى.
سۇلايمان ئارسلان بۇغرا قاراخان مىلادىنىڭ 1056 – يىلى ۋاپات بولدى.
مىلادىنىڭ 1061 – يىلى سالچۇقىلار سولتانى ئالپ ئارسلان خان تامغاچ ئىبراھىم خان بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ چېگرىسىغا ئەسكەر توپلىدى. تابغاچ ئىبراھىم خانمۇ ئاكتىپ مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن سەمەرقەنتتىن يۈرۈش قىلىپ، خارەزىم چېگرىسىغا ھەربىي كۈچ توپلىدى. ئالپ ئارسلان خان تامغاچ ئىبراھىم خاننىڭ زىمىنىگە تاجاۋۇز قىلدى. تامغاچ ئىبراھىم خان سالچۇقىلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەركىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ باغدات خەلىپىلىگىگە ئەلچى ئەۋەتتى. بۇ چاغدا، باغدات خەلىپىلىگى بىتەرەپ بولۇپ، بۇ ئىككى ئوتتۇرىدىكى ئۇرۇشقا قول سالمىغان بولسىمۇ، لېكىن تامغاچ ئىبراھىم خاننىڭ ئەلچىلىرىگە دوستانە مۇناسىۋەتتە بولۇپ، تامغاچ ئىبراھىم خانغا «ئىززەلمۆمىن» (مۆمىنلەرنىڭ ئەزىزى) دىگەن ئۇنۋاننى بېرىپ ئەلچىلەرنى قايتۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن خارەزىم چېگرىسىدا قاتىق ئۇرۇش باشلاندى. تامغاچ ئىبراھىم خان 1068 – يىلىدىكى ئۇرۇشتا ۋاپات بولدى، قاراخانىلارنىڭ قوشۇنلىرى چېكىندى. قاراخانىلار قوشۇنلىرىنى سەل تەرتىپكە سېلىۋالغاندىن كېيىن، سولتان ئالپ ئارسلان خان بىلەن يەنە قاتتىق جەڭ قىلدى. بۇ جەڭدە ھەر ئىككى تەرەپتىن نۇرغۇن ئادەم چىقىم بولدى. ئالپ ئارسلان خان قاراخانىلارنىڭ چېگرا مۇداپىئە قۇماندانى يۈسۈپ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئىسلام ھۆكۈمدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىدى. ئەمما، سالچۇقىلار قاراخانىالارغا قاراشلىق ماۋرا ئۇننەھرگە ىقارىتا پاراكەندىچىلىگىنى توختاتمىدى.
تامغاچ ئىبراھىم خاننىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ ئوغلى شەمسىۇلمۇلۇك ئولتۇردى. تامغاچ شەمسىۇلمۇلۇك خان ماۋرا ئۇننەھرنىڭ زىمىن پۈتۈنلۈگىنى قوغداش ئۈچۈن، سالچۇقىلار بىلەن بولغان كۆرەشنى داۋاملاشتۇردى، مۇشۇ جەرياندا تېرمىزنى ئىشغال قىلىپ، بەلخقە قەدەر قىستاپ كەلدى. بەلخ ھاكىمى ئاياز (سولتان ئالىپ ئارسلان خاننىڭ ئوغلى) شەھەرنى بوشىتىپ چېكىندى. ئۇ تىرمىزغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ئاخىر مەغلۇپ بولدى. شەمسىۇلمۇلۇك بۇخارانى غەربىي ئېلىك خانلىغىنىڭ پايتەختى قىلدى.
1080 – يىلى، شەمسىۇلمۇلۇك ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا قېرىندىشى خىزىر ئېلىك خان بولۇپ ئولتۇردى. ئىسلام تارىخى ۋە ياۋروپا تارىخلىرىدا بۇ ئېلىك خاننىڭ ھاكىمىيەت دەۋرى ۋە ئۇنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا ماتىرىيال كەمچىل. ئەمما 12 – ئەسىردە يېزىلغان «بۇخارا تارىخى» دىگەن كىتاپنىڭ مۇئەللىپى نىزام ئارۇدى: «خىزىرنىڭ خانلىق دەۋرىدە بىر قەدەر تىنچلىق ئورنىتىلدى. خانلىق دائىرىسىدە ئىقتىساد، مەدەنيەت تەرەققى قىلدى. مەدەنيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئەدەبىيات – سەنئەت راۋاجلىنىپ، ئەدىپلەر كۆپلەپ يېتىشتى. خان شائىرلارنى بارلىق ئىمكانىيەت بىلەن قوللاپ، ئۇلارنى يېزىشقا رىغبەتلەندۈردى. شائىرلارنىڭ شېئىر ئوقۇش مۇراسىلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتى. بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، ياخشى ماھارەت كۆرسەتكەن شائىرغا ھەر بىرسىدە 250 تىن دىنار قويۇلغان 4 پەتنۇس ئالتۇن تەقدىم قىلىنغان» دەپ يازغان.
خىزىر خاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى تامغاچ ئەخمەت خانلىققا ئولتۇردى. تامغاچ ئەخمەت زامانىسىدا خانلىقنىڭ غەربىدە شىئە ھەركىتى ئۇلغىيىپ، شىئەلەر بىلەن تامغاچ ئەخمەت ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەش كەسكىنلىشىپ كەتتى.
1089 – يىلى، سالچۇقىلار سولتانى مەلىكشاھ قاراخانىلارنىڭ غەربىي ئېلىك خانلىغىنىڭ پايتەختى بۇخاراغا ھۇجۇم قىلدى ۋە بۇ يەرنى بېسىۋالدى. ئۇلارنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى غەلىبىسى ئۇلارنىڭ نەپسىنى تېخىمۇ زورايتىۋەتتى. سالچۇقىلار داۋاملىق ئىلگىرىلەپ سەمەرقەنت، ئۆزكەنت قاتارلىق جايلارنى قورشىۋالدى. قاراخانىلار سالچۇقىلارغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى ۋە ئۇلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئوتتۇرىدا توختام تۈزۈلۈپ ئۇرۇش توختىدى. سالچۇقىلار ئۆزلىرى بېسىۋالغان قاراخانىلارنىڭ زىمىنى ئاران 5 يىل تۇتۇپ تۇرالىدى. مەلىكشاھ 1092 – يىلى ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن مەھمۇت بىلەن بەگيارۇق ئارىسىدا سولتانلىق تالىشىش ئۇرۇشى پارتلىدى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان تامغاچ ئەخمەت خان سالچۇقىلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، قولدىن كەتكەن يەرلىرىنى قايتۇرۇۋالدى. ھىجىرىيىنىڭ 488 – يىلى، مىلادىنىڭ 1095 – يىلى، تامغاچ ئەخمەت خان ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا خان ئائىلىسىدىن سۇلايمان تېگىن، مەھمۇت تېگىن، ھارۇن تېگىنلەر نۆۋەت بىلەن تەختتە ئولتۇردى. مەھمۇت تېگىن مىلادىنىڭ 1097 – يىلى ۋاپات بولدى. قالغان خانلارنىڭ خانلىق دەۋرى ۋە ئۇنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە تارىخىي مەنبەلەردە ئېنىق ماتىرىيال يوق.
ھەسەن ئارسلان بوغرا قاراخان مىلادىنىڭ 1103 – يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى تامغاچ ئەھمەت ئىبنى ھەسەن 1105 – يىلى قاراخان بولدى. بۇ دەۋردە قاراخانىالارنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيىتى تەرەققى قىلغان بولۇپ، خوشنا ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دوستانە سودا ئىشلىرىنى يولغا قويدى. بولۇپمۇ باغدات خەلىپىلىگى بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەت تېخىمۇ راۋاجلاندى. 1105 – ىيلى، قاراخانىلار مەھمۇت ئىبنى ئابدۇجەلىل قەشقەرى ناملىق بىر كىشىنى ۋەكىل سۈپىتىدە باغدات خەلىپىلىگى مۇستەزىزبىللاھ ھوزۇرىغا ئەۋەتىپ دوستانە مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۇچەيتتى.
ئىسلام تارىخى مەنبەلىرىدە: «قاراخانىلار خانى ئەھمەت ئىبنى ھەسەن مىلادىنىڭ 1128 – يىلى قەشقەردىن بىر كۈنلۈك يىراقتا قارا خىتايلارنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلدى. ئەھمەت قاراخان قارا خىتايلارنىڭ ھۇجۇمىغا شىددەتلىك زەربە بېرىپ، ئۇلارنى چېكىندۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن قارا خىتايلارنىڭ پاراكەندىچىلىگى توختىمىدى» دىيىلىدۇ. ئەھمەت قاراخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىبراھىم ئىبنى ئەھمەت بۇغرا قاراخان قەشقەردە خانلىق تەختتە ئولتۇردى.
1129 – يىلى، قارا خىتايلار قاراخانىلارغا ئومۇمى يۈزلۈك ھۇجۇم قىلدى. غەرپتە تامغاچ مەھمۇتخان سالچۇقىلارنىڭ سولتانى سەنجەرنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كىلىۋاتاتتى.
قاراخانىلارغا قاراشلىق سەمەرقەنتتە ۋەكىل سۈپىتىدە تۇرۇشلۇق خانلار غەربىي ئېلىك خان دىيىلەتتى. غەربىي ئېلىك خان تەۋەلىگىدىكى يەتتە سۇ قاتارلىق جايلاردا يەنە بۇغرا تېگىن، ئارسلان تېگىن ئۇنۋانىدىكى ئەمەلدارلار خىزمەتكە قويۇلاتتى.
3. 2 چوڭ سىستېما ئاستىدا يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن توغرۇل، ئىبناغ بەك، ساغۇن (كول ساغۇن)، ئېركە (كول ئېركىن)، ئوگە، چوغۇر دەپ ئاتىلىدىغان ئەمەلدارلارمۇ بولغان.
قاراخانىلاردا ئالى ھۆكۈمران گوروھىدىن باشقا، ئۇردا ۋەزىرلەر گوروھى بار ئىدى. بۇ گوروھ 3 كىشىدىن يەنى تۇكسۇن، يابغۇ، يوغۇرۇش – ھاجىپ نامىدىكى ۋەزىرلەردىن تەركىپ تاپاتتى. ۋەزىرلەر ئاستىدا ئوردا مەھكىمە مەسلىھەتچىلىرى، كاتىپ، تايىنغۇر، ئىلىمكە، سۇ بېشى ياكى مايىلباش (ئارمىيە قوماندانى) بار ئىدى.
4. بۇلاردىن تۆۋەن تۇرىدىغان ئەمەلدارلار تابغۇچى (مالىيە – غەزنە ئەمەلدارلىرى)، ئىدىشچى (چارۋىچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدارلار)، ئامبارچى، سېتىقچى (سودا – تىجارەتنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدار)، يالۋاچ (ئەلچى)، ئاشچى (ئوردا خىزمەتچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا مەسئۇل ئەمەلدار) دىگەن ناملار بىلەن ئاتىلاتتى.
قاراخانىلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، يەنە يېڭى مەنسەپ ناملىرى، مەسىلەن، شەيخۇل ئىسلام، ئۇنىڭ ئاستىدا مۇپتى (تەتقىق قىلىپ پەتىۋا چىقارغۇچى)، قازى (سوتچى) قاتارلىق مەنسەپلەر يېڭىدىن قوشۇلدى.
5. قاراخانىلارنىڭ خانلىغىغا بىۋاستە قاراشلىق يەرلىك خانلارمۇ بولۇپ، ئۇلار ئۆز دائىرىسىنى باشقۇراتتى. ئۇلار قاراخانىلارغا بوي سۇنغان بىلەن يەنىلا مۇستەقىل ھالدا ئىش بېجىرەتتى، يەرلىك ئورۇنلارغا بەگ، ئەمىرلەرنى، ئاساسىي قاتلامغا يېزا ئاقساقىلى، ياردەمچى ئاقساقال قوياتتى. ئۇلار يەرلىك ئورۇنلارغا خاس تۈزۈم، ئىنتىزاملارنى تۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى، ئۇنىڭغا قاراخانىلار ئارىلاشمايتتى. مەسىلەن، خوتەن خانى قىلىچخان ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قىلىچ ئۇنۋانىدىكى يەرلىك خان بولۇپ، خوتەننى ئۆزى باشقۇرغان.
يەرلىك خانلار ئۆز ئالدىغا ئەسكەر تۇتۇش، مالىيە – ئىقتىسادنى باشقۇرۇش، پۇل چىقىرىش، كەمچەن بېكىتىش، خوشنا ئەللەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ھوقۇقىغىمۇ ئىگە ئىدى. ئۇلارنىڭ چوڭ ئىشلاردا خاننى خەۋەردار قىلىش، خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش، مەلۇم مىقداردا باج – سېلىق تۆلەش، قاراخاننىڭ بۇيرۇغى بويىچە يەرلىكتىن ئەسكەر چىقىرىش مەجبۇرىيىتى بار ئىدى.
قاراخانىلار خاندانلىغى دەۋرىدە مەركەزدىن يىراق جايلاردىكى ئېلىك خان ۋە مۇستەقىل يەرلىك خانلار ئوتتۇرىسىدا چاپارمەنلەر يۈرۈپ تۇراتتى، قارغۇلار⑩ بار ئىدى. قارغۇلاردا تۇرغان قاراۋۇللار كېچىسى ئوت يېقىش، كۈندۈزى بايراق (بىر پارچە ھال رەڭ يىپەك رەختتىن قىلىنغان بايراق بولۇپ، جەڭ ۋاقتىدا قوللىنىلاتتى) لەپىلدىتىش بىلەن مەركەزگە ئالاقە يوللاش ئىشلىرىنى قىلاتتى. قارغۇ دەپ ئاتىلىدىغان پوتەيلەرنىڭ خارابىسى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھېلىمۇ ساقلانماقتا.
ب. پەخرى ئۇنۋانلار
قاراخانىلار دەۋرىدە تۈرك ئۇنۋانلىرى قوللىنىلغان، ئۇمۇ ئۆزگىرىپ تۇراتتى. قاراخانىلار خاندانلىغىدا تۆۋەندىكىدە ئۇنۋانلار بولغان:
1. قاراخانىلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن تونۇلغان ياكى چوڭ غەلىبىگە ئېرىشكەن خانلىرىغا «بۇغرا خان ياكى بۇغرا قاراخان»، ياكى «تونگاخان» دىگەن ئۇنۋانلار بېرىلەتتى،
2. قاراخانىلار مەركىزىنى كۈچەيتىشتە خىزمەت كۆرسەتكەن ياكى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سىياسى، ئىقتىسادىي، مەدىنى ئىشلاردا كۈچ قوشقان ۋە خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە «قادىرخان» (قابىلىيەتلىك، لايەقەتلىك، تەسىرلىك دىگەن مەنىدە) ئۇنۋانى بېرىلەتتى.
3. ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە «قىلىچ خان سوكمەن» (جەڭدە سەپنى بۇزغۇچى باتۇر) ئۇنۋانى ۋە «تونگا تېگىن»، «ئالپ تېگىن»، «ياغان تېگىن» ئۇنۋانلىرى بېرىلەتتى.
4. نەتىجە ياراتقان، تۆھپىسى بارلارغا «كول بېلىگخان» ئۇنۋانى بېرىلەتتى.
5. قاراخانىلار ۋەزىرلىرىدىن خىزمەت كۆرسەتكەن، تۆھپە ياراتقانلىرىغا «باش ھاجىپ» دىگەن ئۇنۋان بېرىلەتتى.
6. قاراخانىلار دەۋرىدە سۆز تۈزىگۈچى يەنى شائىرلار ۋە ئەمچىلەر يەنى تىۋىپلەرنىڭ تۆھپىسىگە قاراپ يۇقۇرى باھادا قەلەم ھەققى بېرىش، مۇكاپاتلاش تۈزۈملىرى بولغان (بىز بۇنى يۇقۇرىدا كۆرسىتىپ ئۆتتۇق).
قاراخانىلار دەۋرىدىكى ھاكىمىيەت تەشكىلىدە كۆرسىتىلگەن ھەر خىل ۋەزىپە ئۆتىگۈچى ئەمەلدارلارنىڭ خىزمىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە خىزمەتكە بەلگىلەشتىكى لاياقەت قاتارلىق مەسىلىلەردە بەلگىلىك شەرت ۋە ئۆلچەم بولغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» نامىلىق ئەسىرىدە بۇ مەسىلىنى مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:
«<سۇ بېشى>(ھەربى قوماندان) قانداق بولۇشى كېرەك؟
سۇ بېشى – دۈشمەننى كۆرۈپ چۇچۇپ كەتمەسلىگى، تىز پۈكمەيدىغان بولۇشى، بېشىدىن قەھرىمانلىق سەرگۈزەشتلىرىنى ئۆتكۈزگەن بولۇشى ۋە جەسۇر بولۇشى كېرەك. سۇ بېشى بولغان كىشى قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بولۇشى، دۈشمەننىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالىشى لازىم. سۇ بېشى ئۆزىگە پەقەت بىر ئات، كىيىم – كېچەك، قورال – ياراق قالدۇرۇشى لازىم. ئوغلۇم، قىزىم، خوتۇنۇم، دەپ، مال – مۆلۈك توپلىماسلىغى، سۈيۈم، بېغىم دەپ كۈمۈش توپلىماسلىغى كېرەك؛ قوماندان ئۆزى جەسۇر بولسۇنكى، ئەسكەرلەر ئۇنىڭدىن جاسارەت ئالسۇن، قوماندان جەسۇر بولسا، پۈتۈن ئارمىيە جەسۇر بولىدۇ. باش قوماندان ئۈچۈن مۇنداق تۆت پەزىلەت كېرەك: توغرا سۆزلۈك، جاسارەتلىك، مەرتلىك، ھىلە بىلمەك كېرەك».
«يالۋاچ (ئەلچى) بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭدا چوڭقۇر بىلىم بولۇشى كېرەك. ئىنسانلار ئارىسىدا كۆپ ماھارەت بىلەن ئۆزىنى كۆرسەتكەن بولۇشى، تۈرلۈك تىل – يېزىقلارنى بىلىشى، ھەر خل پەندىن خەۋەردار بولۇشى، ھەتتا ئىلمىي نۇجۇم، تىۋىپلىق ۋە شاخمات، چەۋگەن (ئات ئۈستىدە ئوينايدىغان توپ ئويۇنى) قاتارلىق ئويۇنلارنى بىلىشى، ئوقيا ئېتىش، قارىغا ئېلىشنى بىلىشى كېرەك».
س. قاراخانىلار دەۋرىدىكى ھەربىي قوشۇن
قاراخانىلارنىڭ مۇنتىزىم ھەربى قوشۇنى بولۇپ، قۇماندان «سۇ بېشى»، ئەسكەر «سۇ» دەپ ئاتىلاتتى. قاراخانىلار ھەربى مەجبۇرىيەت قانۇنىنى يولغا قويغان، ئۇلار ئۆزىگە قاراشلىق جايلاردىكى خەلقتىن قانۇن بويىچە ئەسكەر قوبۇل قىلاتتى.
قاراخانىلار دەۋرىدە ئەسكەرلەرنىڭ ئىسىملىگى، سانلىرى ۋە ئۇلارغا بېرىلىدىغان تەمىناتلارنى ئېنىق يېزىپ تۇرىدىغان دەپتەرنى «ئاي بېتىك» دەپ ئاتايتتى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، قاراخانىلار دەۋرىدىكى ئەسكەرلەر تاسادىپى يىغىلىپ قالغان كىشىلەر توپى بولماستىن، بەلكى ھەربى تەرتىپ بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇنتىزىم قوشۇن ئىدى.
ھەتتا قاراخانىلار دەۋرىدە، ھەربى قوشۇندا «ئىم»⑪ دەپ ئاتىلىدىغان مەخپى بەلگە (پارول) قوللىنىلاتتى. قاراخانىلارنىڭ ھەربى قوشۇنى تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە بۆلۈنەتتى:
1. ئاقىنچى قىسىم يەنى ھۇجۇمچى قىسىم.
2. تۇتقاق قىسىم يەنى كېچىسى دۈشمەن قاراۋۇلىنى تۇيۇقسىز تۇتۇپ كېلىدىغان ئاتلىق قىسىم.
3. ئەسكەرلەر ئىچىدە دۈشمەن ھۇجۇمىدىن ساقلىنىدىغان مەخسۇس قىسىم.
قاراخانىلار ھەربى قوشۇنىنىڭ مەخسۇس بايرىغى بولۇپ، تارىخىي مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، 9 دانە ھال رەڭ بايراق قوللىنىلغان. بۇ قاراخانىلارنىڭ قەدىمقى 9 تۇغلۇق قئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئىدى (قەدىمقى ئۇيغۇرلار 9 نى مۇقەددەس دەپ بىلەتتى. ھازىرمۇ 9 تازىم، 9 خون دىگەن سۆزلەر بار). يەرلىك خانلار بايراقنى 9 دىن ئاز قوللىناتتى. قاراخانىلارنىڭ ھەربى قوشۇنىدا سىگنال ئورنىدا سۇناي، ناغرا – دۇمباق ئىشلىتىلەتتى.



1. فېئوداللىق مۇناسىۋەتلەر
ئۇيغۇرلار تارىخىدا قاراخانىلار خانلىغىدەك بۈيۈك خاندانلىقنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىگى ئۇيغۇرلاردا فېئوداللىق ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى باسقۇچقا كۆتىرىلگەنلىگىدىن دېرەك بېرىدۇ: (1) ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن؛ (2) ماۋرا ئۇننەھر، ئىلى، تارىم، قەشقەر، خوتەن ۋادىلىرىدا ئىگىلىك داۋامىلىق تەرەققى قىلغان؛ (3) ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمران قاتلىمى خەلق قوزغىلاڭلىرىنىڭ قۇدرىتىدىن تەپ تارتىپ، سىياسى جەھەتتە بەك ھەددىدىن ئېشىپ كېتىشكە پېتىنالمغان؛ (4) قاراخانىلار ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلىگەن. مانا مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قاراخانىلار جەمىيىتى ئۇزاق مۇددەتكىچە ئەمىنلىك ئىچىدە تەرەققىي قىلدى.
قاراخانىلار ئىقتىسادىنىڭ گۈللەپ – ياشنىغانلىغى، ئاساسەن، دىخانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ روناق تاپقانلىغى ۋە سودا – سېتىقنىڭ گۈللەنگەنلىگىدە كۆرۈلىدۇ. ئۇيغۇر ھۆكۈمرانلىرى ئىجتىمائى بايلىقنى زور مىقداردا ئىستىمال قىلغانلىقتىن (مەسىلەن، ئۆزلىرىنىڭ ئەيش – ئىشرىتى ئۈچۈن سەرپ قىلغانلىغى، كەينى – كەينىدىن غازات ئۇرۇشلىرى ۋە زىمىن كېڭەيتىش ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغانلىغى)، دىخانلار ئېغىر ئېكىسپالاتاتسىيىگە ئۇچرىدى. يېزا ئىگىلىگى – فېئودالزىمىنىڭ ئاساسى. قاراخانىلار دەۋرى فېئوداللىق جەمىيەتنىڭ يۇقۇرى باسقۇچى ئىدى. مۇشۇ دەۋردە جەمىيەتنىڭ ئىقتىسادى تەرەققى قىلىپ، فېئوداللىق مۇناسىۋەتلەردە چوڭ ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى. 10 – ۋە 13 – ئەسىرلەردە يېزىلغان تارىخىي ۋە گېئوگرافىيىلىك ئەسەرلەردە قاراخانىلارنىڭ ئىگىلىگىگە ئائىت ماتىرىياللار ناھايىتى كەمچىل بولسىمۇ، ئەمما بىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» دىگەن ئەسىرىدىكى مەنبەلەردىن قاراخانىلار جەمىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا دائىر ئىنتايىن قىممەتلىك جاۋاپلارنى تاپالايمىز. ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ئەسىرىدە قاراخانىلار جەمىيىتىنىڭ ھاكىمىيەت تەشكىلى ۋە جەمىيەتتكى تەبىقىلەر، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، ئۆز دەۋرىدىكى ئەھۋاللار تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلارنىڭ ئىگىلىگىنى ئەتراپلىق، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ، قاراخانىلار تېرىتورىيىسىدە ياشىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خالقلەرنىڭ ئىجتىمائى ھاياتى، روھىي قىياپىتى، دۇنيا قاراشلىرى، ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنى يەكۈنلەپ، سېستىمىلىق بايان قىلغان. ئاپتۇر ئۆز ئەسىرىدە قاراخانىلار جەمىيىتىدىكى تەبىقە ۋە سىنىپلارنى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنى ئېچىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، جەمىيەت بايلىغىنى ياراتقۇچىلارغا ئۆز دەۋرىگە لايىق ئىلغار باھا بەردى. قاراخانىلار جەمىيىتىنىڭ ئاساسى بولغان دىخانلارنى چارۋىچىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ، ئۇلارنى شەھەر ھاياتىنىڭ ماددى بايلىغىنى ياراتقۇچىلار دەپ قارىدى. قاراخانىلار دەۋرىدىكى يەر تۈزۈمىدە بىر نەچچە خىل ئىگىلىكنىڭ بارلىغىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.
بىرىنچى خىلى، دىۋان يېرى (دۆلەت يېرى) بولۇپ، بۇ قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلىنغان يەرلەر ئىدى. بۇ يەرلەر ئاغدۇرۇلغان خانلارنىڭ يەرلىرى، خان جەمەتلىرى، ۋەزىر ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئىگەللىگەن يەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. 999 – يىلى، ناسىر ئېلىك ئارسلان خان سامانىلارنىڭ پايتەختى بۇخارانى ئىگەللەپ، سامانىلار خانلىغىغا خاتىمە بەردى. مۇشۇ ۋاقىتتا سامانىلار خانلىغىنىڭ يەرلىرى مۇسادىرە قىلىنىپ، قاراخانىلارنىڭ دىۋان يېرىگە ئايلاندۇرۇلغان.
ئىككىنچى خىلى، يەر ئىگىلىرى ۋە دىخانلار ھەدىيە قىلغان يەرلەر بولۇپ، كېيىن بۇ يەرلەر «ۋەخپە يەر» دەپ ئاتالدى. بۇ خىلدىكى يەرلەر ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمىدا، قەشقەردە ئىسلام دىنى ئومۇملاشقاندىن كېيىن مەيدانغا كەلدى. قاراخانىلار ھاكىمىيىتى دەۋرىدە، ئىسلام مەدرىسلىرىگە، مەسچىتلەرگە ھەدىيە قىلىنغان نۇرغۇنلىغان يەرلەر بولۇپ، بۇ يەرلەرنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى مەدرىس، مەسچىت، ئادەتتىكى دىنىي مەكتەپلەرنىڭ مۆتىۋەللىلىرىنىڭ قولىدا بولاتتى. بۇ يەرلەر ۋەخپە يەرلەر دەپ ئاتىلاتتى.
ئۈچىنچى خىلى، فېئوداللار، خانزادىلەرنىڭ مۈلكى يەرلىرى بولۇپ، فېئوداللار (پومىششىكلار) ئۆز نامىدىكى مۈلكى يەرلەرنى ئۆزى تېرىماستىن، دىخانلارغا ئىجارىگە بېرىش يولى بىلەن تېرىتقۇزاتتى.
تۆتىنچى خىلى، دىخانلارنىڭ ئۆزى تېرىقچىلىق قىلىدىغان يەرلەر بولۇپ، بۇ خىلدىكى يەرلەرنى دىخانلار ئۆزلىرى تېرىيتتى.
بەشىنچى خىلى، يېزا جامائەسىنىڭ يەرلىرى بولۇپ، بۇ خىل يەرلەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش شەكلى «ئىكتا» دەپ ئاتىلاتتى. نىزامۇلمۇلۇك «سىياسەتنامە» دىگەن ئەسىرىدە «ئىكتا» نى ۋاقتىنچە بېرىلىدىغان ئىنئام يەر سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن؛ دۆلەت غەزنىسىگە چۈشىدىغان دارامەتنىڭ بىر قىسمى مۇشۇ خىلدىكى «ئىكتا» دىن كېلىدىغانلىغىنى ئېيتقان. نىزامۇلمۇلۇك «سىياسەتنامە» نىڭ بىر بابىنى «ئىكتا» غا بېغىشلاپ، بۇ باپقا «ئىكتا» دەپ نام قويغان. «ئىكتا» پارىسچە سۆز بولۇپ، «ئىگىسى» دىگەن مەنىنى بېرىدۇ. «ئىكتا» نامىدىكى يەرنى تېرىغان دىخان بەج شەكلى بىلەن سېلىق تۆلەيتتى، يەنى «ئىكتا» يەرنى تېرىغان دىخاندىن مەھسۇلاتنىڭ بىر قىسمىنى سېلىق سۈپىتىدە تۆلىتىۋېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان.
8 –، 9 – ئەسرلەرگە ئائىت بىر قانچە پاكىتتىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ دەۋردە ھاكىملارغا، ھەربى باشلىقلارغا ۋە ئەمەلدارلار، خادىملارغا «ئىكتا» شەكلىدە ئىنئام يەر بېرىش يولغا قويۇلغان. كېيىن بۇ خىلدىكى «ئىكتا» يەرلەر ساراي ئەمەلدارلىرىنىڭ مۇئاشى ئۈچۈن ۋە ھەربى خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن ئىنئام سۈپىتىدە بېرىلىدىغان بولغان. بۇ خىل شەكىل سامانىلار دەۋرىدىن كېيىن قاراخانىلار دەۋرىدە ئومۇمى يۈزلۈك ساقلانغان. سەمەرقەنتتىكى ئېلىك خان ئېلى تېگىن ۋاقتىدىمۇ «ئىكتا» بېرىش شەكلى قوللىنىلغان. كېيىنكى دەۋرلەردە «ئىكتا» ۋاقتىنچە ئىنئامدىن مۇددەتسىز ئىنئامغا، مۇددەتسىز ئىنئامدىن مىراسقا ئايلانغان. شۇنداق قىلىپ، سامانىلار دۆلىتىدە فېئودال يەر مۈلۈكچىلىگىنىڭ كونا قالدۇقلىرى بىلەن يېڭى شەكلىمۇ پەيدا بولدى ۋە تېز راۋاجلاندى. بۇ فېئوداللىق يەر مۇلۇكچىلىگى قاراخانىلار دەۋرىدە ئاساسىي شەكىل بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ قاراخانىلار دەۋرىدە بىر قانچە كۆچمەن قەبىلىلەر يېزا – كەنتلەرگە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى ھاياتىدا تۇپ ئۆزگىرىش يۈز بەردى. بۇ ۋاقتتتا يەرلەرنى ئىجارىگە ئالغۇچىلار، دىخانلار كۆپچىلىكىنى تەشكىل قىلدى.
11 – ئەسىردىكى تارىخىي مەنبەلەردە يەرنى ئىجارىگە ئالغۇچىلار «ئىجارىكەش» نامى بىلەن ئاتالدى. بۇ ھەقتە نىزامۇلمۇلۇك ئۆزىنىڭ «سىياسەتنامە» دىگەن ئەسىرىدە قىممەتلىك مەلۇمات بەرگەن. ئۇ «سىياسەتنامە» دىگەن ئەسىرىنىڭ «ئىكتا» غا بېغىشلانغان بابىدا، شۇ دەۋردە ئىسىلزادىلەردىن بولغان بىر خوتۇن ھەققىدە ھىكايە قىلىپ مۇنداق دىگەن: «ئېرى ۋ ە باللىرىدىن ئايرىلغان بۇ خوتۇن ئۆز يېزىسىدا يالغۇز قالدى. ئۇ ئۆزىگە قاراشلىق يەرنى ئۆز كۈچى بىلەن تېرىيالمىغاچقا، ئۇنى ئىجارىكەشكە ئىجارىگە بەرگەن. ئېلىنغان ھوسۇلنى 3 كە بۆلگەن: بىر قىسمىنى دۆلەتكە، ئىككى قىسمىنى ئىجارىكەشكە بەرگەن، قالغان قىسمىنى ئۆزى تېرىشقا ئېلىپ قالغان» بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، شۇ دەۋردە يېرى ئاز دىخانلارلا ئەمەس، ھەتتا پۈتۈنلەي يەرسىز دىخانلارمۇ يەرنى ئىجارىگە ئېلىپ تېرىغان.
قاراخانىلار دەۋرىدە فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ئىقتىساتنى ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭ بىلەن شەھەر بىلەن يېزا ئوتتۇرىسىدا، دىخانچىلىق رايونلىرى بىلەن چارۋىچىلىق رايونلىرى ئوتتۇرىسىدا تاۋار ئالماشتۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، سودا تەرەققى قىلدى.
2. يېزا ئىگىلىگى
تارىم، قەشقەر ۋادىلىرىنىڭ ئىقلىمى تىپىك ئىچكى قۇرۇقلۇق ھاۋا كىلىماتىغا مەنسۇپ. يانۋار ئېيىدىكى ئوتتۇرىچە تېمپىراتورا تەخمىنەن 0 دىن تۆۋەن 10 گىرادۇس بولسا، ئىيۇل ئېيىدىكى ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرا تەخمىنەن 0 دىن يۇقۇرى 35 گىرادۇس بولىدۇ؛ يىللىق ھۆل – يېغىن مىقدارى تەخمىنەن 50 م م ئەتراپىدا بولىدۇ؛ قىش پەسلىدە ئوتتۇرىچە 20 س م قېلىنلىقتا قار ياغىدۇ، ئېرىش پەسلىدە تەخمىنەن 30 كۈن ئۆپچۇرىسىدە ئېرىپ بولالايدۇ. يامغۇر ئاساسەن باش كۈز پەسلىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ياز پەسلىدىكى ھۆل – يېغىن مىقدارى تەخمىنەن 10 م م ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ رايونلارنىڭ قىروسىز مەزگىلى تەخمىنەن 210 كۈن ئۆپچۆرىسىدە بولغانلىقتىن، كېۋەز، بۇغداي، قوناق قاتارلىق ئاساسىي زىرائەتلەرنى يېرىشقا ئەپلىك، بۇ جاينىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى تەخمىنەن 0 دىن يۇقۇرى 10 گىرادۇس ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. ھەر يىلى تەخمىنەن 10 – ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئۆپچۆرىسىدە دەسلەپكى قىرو چۈشىدۇ. يىل بۇيى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 25 كۈن ئۆپچۆرىسىدە 8 بالدىن يۇقۇرى غەربىي شىمال شامىلى ۋە غەربىي جەنۇب شامىلى چىقىدۇ. تىيانشان، كوئېنلون تاغ تىزمىلىرىدا يىل بۇيى ئېرىمەيدىغان قار – مۇزلار بۇ ۋادىلارنى تۈگىمەس – پۈتمەس سۇ مەنبەلىرى بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ. شۇڭا، قاراخانىلار مانا مۇشۇنداق ئەپلىك تەبىئىي شارائىتلارغا ئىگە بولغانلىقتىن، يېزا ئىگىلىكى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلدى.
قاراخانىلار دەۋرىدە ئېرىق – ئۆستەڭلەر ئارقىلىق سۇغىرىش يولغا قۇيۇلدى. ھەتتا سۇ چىقمايدىغان يەرلەر تاغلارنى تېشىپ سۇ ئۆتكۈزۈش، كارىز سۈيىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق سۇغىرىلغان. «تۈركى تىللار دىۋانى» دا دىخانچىلىقتا تۇپراقنى ياخشىلاش، يەر شورلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بۇغدايغا چۈشىدىغان «پىت» نىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئوخشاش تېخنىكا يېڭىلاش ئىشلىرى قىلىنغانلىغى كۆرسىتىلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى زەرەپشان، تاشكەنتلەردە دىخانچىلىق سۇغىرىش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان.
تارىم بوستانلىغىدا ۋە ماۋرا ئۇننەھرنىڭ ئاساسىي ۋىلايەتلىرىدە، بولۇپمۇ زەرەپشان، قەشقەر ۋادىسىدا دىخانلار بۇغداي، قوناق، ئارپا، زىغىر، شال، تېرىق، پۇرچاق قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىيتتى. بۇ جايلاردا ئومۇمى يۈزلۈك سۇ تۈگمەنلىرىمۇ مەيدانغا كەلدى. ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن كېۋەز، كەندىر، زىغىر، كۇنجۇت قاتارلىقلار تېرىلاتتى. كېۋەزنىڭ كۆپ تېرىلىشى ئارقىسىدا، چىگىتتىن ياغ چىقىرىلىدىغان جۇۋازلارمۇ راۋاجلاندى. زەرەپشان ۋادىسى، تارىم بوستانلىغى ۋە تۇرپان ۋادىسى چوڭ كىۋەزچىلىك رايونى ئىدى. ئارخىئولوگىيىلىك ماتېرياللارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، تارىم ئويمانلىغىدا ۋە زەرەپشان ۋادىسىدا مىلادىدىن ئىلگىرىلا كىۋەز تېرىلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا – بوۋىلىرى پاختىدىن ھەر خىل رەختلەرنى توقۇغان. تۇقۇمىچىلىق راۋاجلىنىپ پاختا، كەندىر، يىپەك ۋە يۇڭدىن ئارىلاشما رەخت «ماشروپ» نى توقۇغان، رەخت ئۈستىگە ھەر خىل چىرايلىق گۈللەرنى باسقان. بۇ پاكىتلار ھازىرقى شىنجاڭنىڭ ۋە ماۋرا ئۇننەھرنىڭ ئاساسىي ۋىلايەتلىرىدە پاختا توقۇمىچىلىق ھۆنەرۋەنچىلىگىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شەھەرلەر بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدا، بولۇپمۇ دىخانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يېزا – قىشلاقلار بىلەن كۆچمەنلەر ئارىسىدا تاۋار ئالماشتۇرۇش يولغا قۇيۇلۇپ، سودا تەرەققى قىلدى. كارۋان سودىسىنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن ھۆنەر – سەنئەتنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئاساس سېلىندى. 14 – ئەسىردە ئۆتكەن ئىتالىيىلىك مەشھۇر سەيياھ مارك پولۇ: «قەشقەر رايونىدا ۋە ئۇتتۇرا ئاسىيادىكى دىخانچىلىق رايونلىرىدا گۈزەل باغلار، ئۈزۈمزارلىقلار ۋە كەڭ تېرىلغۇ يەرلەر بولۇپ، بۇ يەرلەردە كىۋەز ئۆستىرىلەتتى» دەپ يازغان.
بۇ دەۋرلەردە غەربىي رايۇندا باغۋەنچىلىكمۇ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلىپ، خىلمۇ – خىل مىۋىلىك دەرەخلەر يېتىشتۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن ئۈرۈك، شاپتۇل، ئەنجۈر، ئانار، ئۈزۈم، ئالما، ئامۇت، ياڭاق، بىھى، نەشپۇت، جىنەستە، پىستە، بادام، تاۋۇز ۋە ھەر خىل شىرىن ئالمىلار، تۈرلۈك سورتتىكى قوغۇنلار داڭلىق ئىدى. ھەتتا لوپنۇرنىڭ جەنۇبىدىكى تۇپرىغى ئۆنۈمسىز بولغان جايلاردىمۇ ئۈزۈم كۆپلەپ ئۆستۈرۈلەتتى، ئۈزۈمدىن مۇسەللەس ئىشلەپچىقىرىلاتتى.
3. قول ھۈنەرۋەنچىلىك
قاراخانىلار دەۋرىدە تۆمۈر، مىس، ئالتۇن، قوغۇشۇن قاتارلىق مەدەن كانلىرىنى ئېچىش مەيدانغا كەلدى. كۇچا، قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن بازارلىرىدا ئالتۇن، مىستىن ئىشلەنگەن ھەر خىل زىننەت بويۇملىرى ۋە ئۆي جاھازلىرى سېتىلاتتى. بۇ جايلاردا توقۇمىچىلىق (باپكالىق) ئىنتايىن تەرەققى قىلغان بولۇپ، بۇ جايلار ئۆزلىرىنىڭ شايى – ئەتلەس، بەقىسەم، بوز – ماتا، چەكمەن، زەردىۋال، پالاز، خورجۇن، جايناماز، گىلەم، كىگىز قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن داڭ چىقارغان، مەرۋايىت، ئېسىل تاشلاردىن ياسالغان نەپىس ئەسۋاپلارنى ۋە باشقا قول ھۈنەر مەھسۇلاتلىرىنى چەتكە چىقارغان. ئاتاقلىق جۇغراپىيون مۇقدۇسى ئۆز ئەسىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى شەھەرلەردىن سىرتقا چىقىرىلىدىغان تاۋارلارنىڭ تىزىملىگىنى تىلغا ئالغان. ماۋرا ئۇننەھردىكى خارەزىم، بۇخارادىن چەتكە قوي تېرىسى، گەزلىمە، جايناماز، گىلەم، ئىگەر – جابدۇق قاتارلىق تاۋارلار چىقىرىلغان. تارىخىي مەنبەلەر ۋە ئارگىولوگىيىلىك ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، تارىم ئويمانلىغىدا يىپەكچىلىكنىڭ ئومۇملىشىش ۋاقتى مىلادىدىن 4 ئەسىر ئىلگىرىكى ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. خوتەن يىپەكچىلىگىنىڭ مەركىزى ئىدى.
خوتەننىڭ شايى، ئەتلەس، گىلەم، قاشتاش بويۇملىرى، قەشقەرنىڭ كۆن، خۇرۇملىرى، دورا – دەرمەك، ئەينەك بۇيۇملىرى، ئىران، رۇم، ھىندىستان، خارەزىم قاتارلىق جايلارغا ئېلىپ بېرىلغان.
سودا – سېتىقنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن غەرپ ۋە شەرقتىكى ئەللەرگە بارىدىغان «كارۋان بۇيۇك» (يىپەك يولى) دا سودا كارۋانلىرىنى كۈتىۋالىدىغان ساراي، ئۆتەڭلەر كۆپلەپ مەيدانغا كەلدى. سودىنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن پۇل مۇئامىلىسى راۋاجلاندى. قاراخانىلاردىن ساتۇق بۇغرا قاراخان، ھارۇن بۇغرا قاراخان، مۇسا بۇغرا قاراخان، يۈسۈپ قادىر قاراخان، سۇلايمان ئارسلان قاراخان، غەرپ خانلىرىدىن تامغاچ ئىبراھىم خان، شەمسىۇلمۇلۇك خان قاتارلىقلارنىڭ نامىدا ئالتۇن، كۆمۈش، مىس پۇللار چىقىرىلدى.
4. بىناكارلىق
قاراخانىلار دەۋرىدە قەدىمقى ئاساستىكى بىناكارلىق، ئۆي – ئىمارەتلەرنى لايىھەلەش ئىشلىرى ناھايىتى تەرققى قىلدى. قاراخانىلارنىڭ ئوردا كەنت، ساراي، مەسچىت، جامە، مەدرىسلىرى ئەڭ كۆركەم، ئىنتايىن ھەشەمەتلىك سېلىنغان. قەدىمقى ئۇيغۇر سەنئىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان نەققاش ئۆلگىلىرىنى شۇ دەۋردىكى بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئۆلگىسى دىيىش مۇمكىن. ئوردا كەنت (خان سارىيى)، مەدرىسە، مەسچىت – جامەلەرنىڭ قۇببىلىرى، گۈمبەزلىرى ۋە مۇنارلىرىغا ئالتۇندىن ھەل بېرىلەتتى، تاملىرى ھەر خىل رەڭدىكى كاھىشلاردىن سېلىناتتى.
تارىخىي مەنبەلەردىن قارىغاندا، قاراخانىلارنىڭ ئاتۇشتىكى تۇنجى ئوردىسى ۋە 10 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئىككىنچى قېتىمقى ئوردىسى يەنى قەشقەرنىڭ شەرقىدىكى «خان ئۆي» ناھايىتى گۈزەل ياسالغان. ساتۇق بۇغرا قاراخاننىڭ ئاتۇش مەشھەتتىكى مازىرى ناھايىتى ھەشەمەتلىك ياسالغان. سۇلايمان ئارسلان قاراخان دەۋرىدە «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئاپتۇرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەشقەردىكى مازىرى رەڭدار ۋە گۈللۈك خىشلاردىن نەقىشلىق قىلىپ ياسالغان. شۇ دەۋردە قەشقەردە قۇرۇلغان ساجىيە مەدرىسى ۋە ئۇنىڭ چوڭ تىپتىكى كۈتۈپخانىسىمۇ ناھايىتى چىرايلىق، كۆركەم قىلىپ ياسالغان. بۇلار بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلغانلىغىنى كۆرسىتىدۇ. شۇ دەۋردىكى بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئىزلىرىدىن ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەنلىرى ئاز ئەمەس.
«تارىخىي رەشىدى» نىڭ ئاپتۇرى مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر (كوراگانى) نىڭ بايان قىلىشىچە، قاراخانىلار دەۋرىدە بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ تەرەققى قىلغانلىغىنى كۆرسىتىدىغان بىر قانچە شەھەر يېڭىدىن قۇرۇلغان بولسىمۇ، كېيىنكى دەۋرلەردە ئۇنىڭ خارابىسىمۇ قالمىغان.
قاراخانىلار دەۋرىدە غەرپ خانى تامغاچ ئبراھىم خان سەمەرقەنتنىڭ كورجۇن مەھەللىسىدە چوڭ بىر ساراي بىنا قىلدۇرغان. بۇ ساراي ناھايىتى ھەشەمەتلىك، چىرايلىق بولغانلىقتىن، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا داڭقى چىققان. يۈسۈپ قاراخاننىڭ ئوغلى توغرول قاراخان 1072 – يىلى مەرغىلان، تەخىسكە قاتارلىق جايلاردا چىرايلىق سارايلارنى سالدۇرغان ۋە يول، كۆۋرۈك، چوڭ ئۆستەڭلەرنى ياساتقان.
1080 – يىلى شەمسىۇلمۇلۇك سەمەرقەنت بىلەن خەرجەڭ ئارىسىدىكى «ئاق كوتەل» دىگەن جايدا چوڭ ساراي بىنا قىلدۇرغان. خەرجەڭ قىشلىغى يېنىدا «قورغان مەلىكە» نامىدىكى ساراينى سالدۇرغان؛ بۇخارا شەمساباد سارىيىنى ۋە بۇخارا مەسچىدىنى يېڭىدىن سالدۇرغان، بۇ بىنالار ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ ئاجايىپ گۈزەللىگى بىلەن ھېلىمۇ ئادەملەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
قاراخانىلاردىن غەربىي ئېلىك خان خىزىر دەۋرىدە (1081 – يىلى ۋاپات بولغان) سەمەرقەنتتىكى «جۇپبار» دىگەن يەردە گۈزەل بىر ساراي سالدۇرغان. ئاتاقلىق تارىخچى نەرشەخى «بۇخارا تارىخى» دىگەن ئەسىرىدە بۇ ھەقتە: «بۇ ساراي بەكمۇ گۈزەل بولۇپ، ئۇ كامالەتكە يەتكەن ماھىر ئۇستىلار تەرىپىدىن سېلىنغانلىقتىن، 30 يىلدىن بويان قاراخانىلارنىڭ ئوردا سارىيى بولۇپ كەلمەكتە» دەپ بايان قىلغان. «كىتاپ موللازادە» دىگەن ئەسەردە، ساغىر بەگ ئارسلان خاننىڭ 1103 – يىلى بۇخارادا «بۇخارا سارىيى» ناملىق ساراي سالدۇرغانلىغى، شەمسابادتا 1119 – يىلى چوڭ تىپتىكى بىر مەسچىت بىنا قىلغانلىغى، 1121 – يىلى جامەنىڭ بۇلۇتقا تاقاشقان مۇنارىسىنىڭ ياسالغانلىغى بايان قىلىنغان. بۇ خىل خان سارايلىرى، مەسچىت، جامەلەر ئەينى دەۋردە يۇقۇرى تېخنىكا ئاساسىدا ماھىرلىق بىلەن ياسالغانلىقتىن ئۇزاق زامانلاردىن بېرى بۇزۇلماي كەلگەنلىگى قاراخانىلار دەۋرىدىكى بىناكارچىلىق تېخنىكىسىنىڭ يۇقۇرىلىغىنى، نەققەشچىلىق، سىرچىلىق سەنئىتىنىڭ تەرەققى قىلغانلىغىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىمارەتلەر قەدىمقى بىناكارلىقىنى تەتقىق قىلىشتا چوڭ ئىلمىي قىممەتكە ئىگىدۇر.
ئىزاھاتلار:
① «تۈركىي تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم، 59 – بەت.
② «تۈركى تىلار دىۋانى» دا سوغۇن بۇغراخانغا زەھەر بېرىلگەن جاينىڭ ئېتى، دىيىلگەن. ئەمما قايسى بۇغراخان ئىكەنلىگى ئېنىق ئېيتىلمىغان. شۇ چاغدا ساتۇق بۇغراخان ئاتۇشتىكى سوغۇن دىگەن جايدا بولغانلىغى ئۈچۈن، ئېھتىمال ساتۇق بۇغراخان بولسا كېرەك دەپ تەخمىن قىلىمىز. بۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
③ «تۈركى تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىنىڭ 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم، 51 – بەت.
④ يۇقۇرقى ئەسەر، 564—565 – بەتلەر.
⑤ چەتئەل تارىخىي مەنبەلىرىدە ھارۇن بۇغراخاننى مىلادىنىڭ 993 – يىلى ۋاپات بولغان دەپ كۆرسەتكەن بولسا، خەنزۇچە مەنبەلەردە 992 – يىلى ۋاپات بولغان دىيىلگەن. مەن ئۇيغۇر تارىخىي مەنبەلىرىدىكى 997 – يىلىنى توغرا دەپ قارايمەن.
⑥ سىۋار – ئەرەبچە «ئاتلىق ئەسكەر» دىگەن مەنىدە—ت.
⑦ «تۈركى تىللار دىۋانى» 1 – توم، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 592 – بەت.
⑧ ئېلىك – قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا ئەل ئىگىسى، يۇقۇرى خان دىگەن مەنىدە.
⑨ خاقانىيە – قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلغان مەركىزى قىسىم «خاقانىيە ئۆلكىسى» دەپ ئاتىلاتتى—ت.
⑩ قارغۇ – قاراۋۇل تۇرا، ئىگىز دۆڭلەرگە قۇرۇلغان تۇرا. دۈشمەن كۆرۈنگەن ھامان ھەممەيلەننىڭ جەڭگە تەييار بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوت يېقىلىدۇ.
ئىم – ھەربى قوشۇنلاردا باش قوماندان تەرىپىدىن بەلگىلەپ بېرىلگەن مەخپى بەلگە (پارول)، مۇنداق بەلگىلەر قۇش ۋە قوراللارنىڭ ئېتى ياكى باشقا سۆزلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئىككى تۈركۈم ئەسكەر ئۇچراشقاندا، بىر بىرىنى تونۇشقا ۋە ئۇقۇشماي ئۇرۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا خىزمەت قىلىدۇ. كېچىسى ئىككى كىشى ئۇچراشقاندا، بىرى يەنە بىرىدىن ئىم سورايدۇ، سورالغان كىشى ئىمنى بىلسە ئۆز كىشىسى ھىساپلىنىدۇ؛ بىلمىسە ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ. «تۈركى تىللار دىۋانى» 1 – توم، 54 – بەتكە قاراڭ.

No comments: