2009-06-29

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن-تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە تەپەككۇر قىممىتى

تەپەككۇر تۈپەيلىدىن سىرىن ياپالماس ئالەم ،
پەرقلەنگەن تەپەككۇر سەۋەپلىك ھايۋان ، ئادەم .
ئەمما شۇ تەپەككۇرنىڭ سۈپەت ، قىممىتى ھەرخىل ،
قانداقمۇ بىرخىل بولسۇن جەددال ، سۇلايمان ، ھاتەم .

دەرۋەقە ئىنسان تەپەككۇر ئىقتىدارى تۈپەيلى ھايۋانات تۈركۈملىرىدىن پەرقلەنگەن . ئىنسان تەپەككۇر تۈپەيلى مەدەنىيەت تارىخى دەرياسىنى قازغان . ئالەم ئىنسان تۈپەيلى ئۆز-ئۆزىنى ئىزاھلاشقا مۇيەسسەر بولغان . يەنە شۇ ئالەم ئىنسان تۈپەيلى تەبىئى گۈزەللىكتىن باشقا ئىجادىي گۈزەللىك مۇمكىنلىكلىرىگە ئېرىشكەن .
ئەمما ، تەپەككۇر ھەممە كىشىدە بىردەك ئېچىلغان ، جارى قىلىنغان ، تۆھپىكارلىق ماقامىغا كۈتۈرۈلگەن ئەمەس ؛
تەپەككۇرنىڭ مىقدار ۋە سۈپەتلىرى ، مۇددىئا ۋە ئاقىۋەتلىرى ، شەكىل ۋە ئۇسۇللىرى ھەممە كىشىدە بىردەك ئەمەس ، كىشلىك دۇنياسى ھاڭقاي-دەلدۈشتىن ، ھاڭۋاقتى-خارامۇشتىن تاكى ئەقىلدان-زەكى ، دانا-مۇتەپەككۇرگىچە ؛ تەرسا-جاھىلدىن ، تەنتەك-ھاماقەتتىن تاكى ئارىف-فازىل ، تەقۋا-مۇرشىدغىچە ؛ ھىيلىگەر-مۇغەمبەردىن ، خەسىس ئاچكۆزدىن تاكى ھالال كۈڭۈل ،ھىممەتكار -ساھىبگىچە ؛ تۇترۇقسىز-پىكىردىن ، مەنتىق-ناتىققىچە ھەرخىل تەپەككۇر ئىگىلىرىنى كۆرۈپ كەلمەكتە . جانلىق ھايات قاينىمىدا كۈزىنى ئوتتەك پارقىرىتىپ تۇرىدىغان جازانىخور -جەزخورلار ، كۆزىنى مۈشۈكتەك يۇمۇۋالىدىغان مۇغەمبەر -كاززاپلار ،ھاكاۋۇرلۇق دىمىغىنى قىرىپ يۈرىدىغان كالتە پەملەر ، قۇللارچە خۇشامەت ۋە تىز پۈكمىكەشلىككە ھېرىسمەن روھى گادايلار ، پىداكار سېخي زاتلار ، تەۋەككۈل ياكى ئىنچىكە ھېساب بىلەن ئىش تۇتىدىغان كىشىلەر ، شەپقەتلىك غەمخورلار ، باشقىلارنىڭ ئازابىدىن ئىپتىخارلىنىدىغان نائەھلىلەر ،ھوقۇق تەمەخورلىرى ، بىكار تەلەپ ياسانچۇقلار ، لاپ بىلەن ئالدىغۇچى قىزىل كۆزلەر ، مۇشتۇم ياكى تىل ھاقارەت زوراۋانلىرى ، قاتىل ياكى جان ساتقۇچىلار ، قىسقىسى سان-ساناقسىز پىكىر ئىگىلىرىنى ئۇچرىتىمىز . « ئىنجىل » ، « قۇرئان » ، « مىڭ بىر كېچە » ، « كەلىلە ۋە دېمىنە » ،« بۇددىھا تەزكىرىسى » ،« يارالمىش ھېكايىلىرى » ، « تەڭرى كومىدىيىسى » ،« ئون كۈنلۈك سۆھبەت » ،« چاھار دەرۋىش » ۋە بالزاك ، شېكسىپىر ، تولىستوي ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلەنگەن ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ئاجايىپ-غارايىباتلارنى جانلىق تۇرمۇشتا مىڭ ھەسسە ئارتۇق يۇلۇقتۇرغاندىن كىيىن ، « تەڭرى قىيامەت قاينىمىدا بۇ شەخسىلەرنى قانداق سوراقلاپ تۈگىتەر ؟ » دەپ قالىسەن . مانا بۇلارنىڭ قايسىبىرى تەپەككۇردىن خالى سادىر بولغان ؟!
ئۆتمۈشتىكى دانالار مەدھىيىلىگەن تەپەككۇر قابىلىيىتىنىڭ سۆكىدىغان تەرەپلىرىنى ئويلىغاندىن كىيىن ، كونكىرىتلىق مۇقامىغا دەسسەپ تۇرۇپ ، قايتىۋاشتىن تەپەككۇرغا زەڭ سالغۇم كەلدى !
تەپەككۇر ئۇلۇغ ئىقتىدار ، ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئۇنىڭ قىممىتىدە .
روشەنكى ئوغرىمۇ توغرىمۇ ، زالىممۇ ئالىممۇ ،جاھىلمۇ ئادىلمۇ ، خارامۇشمۇ دانامۇ ، پاسىقمۇ ئارىفمۇ تەپەككۇر قىلىدۇ . تەپەككۇر كىشلىك مەدەنىيىتىنى ياراتقان ، ئۇنى يەنە راۋاجالندۇرۇشمۇ ئىانىۋەيران قىلىشىمۇ مۇمكىن .
ئېيتىش كېرەككى ، ھايۋانات ۋە تەبىئەت دۇنياسىغا نىسبەتەن ئىنسان تەپەككۇر ئىقتىدارى بىلەن پەرىقلەنگەن . ئىنسان تۈركۈمى ئىچىدىكى ھەركىم تەپەككۇر قىممىتى تۈپەيلى بىر-ببىرىدىن پەرقلنىدۇ .
ئىزگۈ ۋە قاباھەت ، يۈكسەكلىك ۋە پەسكەشلىك ، ھۈرلۈك ۋە قۇللۇق ، ئۆتكۈرلۈك ۋە گاللىق ، ھەتتا نۇرغۇن جەھەتلەردە غالىپلىق ۋە مەغلۇپلۇق ، پايدا ( تاپاۋەت ) ۋە زىيان تەپەككۇر قىممىتىگە باغلىق . ئەگەر مىسال قىلىش لازىم بولسا تەپەككۇر ئىقتىدارىنى تاش جىنسىگە ئوخشاتساق ، تەپەككۇر قىممىتىنى بۇ تاشلارنىڭ ئادەتتىكى شېغىل تاشتىن ياكى ئالماس-بىرلىيانىتقىچە بولغان كۆپ دەرىجىلىك قىممىتىگە ئوخشىتىش مۇمكىن . ۋاھالەنكى ، كىشلىك ئەقىل-پاراسىتىگە بۇ پەرقلىق قىممەتلەر جايلاشقان .
شەكلەن ئالغاندا بىز مەنتىقى تەپەككۇر ، ماتىماتىكىلىق تەپەككۇر ، ئوبرازلىق تەپەككۇر ، تەسەۋۋۇرچان تەپەككۇر ، ئەسلىمىچان تەپەككۇر ، تەتۈر تەپەككۇر ، قايتا تەپەككۇر ، تەنقىدىي تەپەككۇر ، قۇللۇق تەپەككۇرى ، ھىيلە تەپەككۇرى ( مەەسىلەن جۇڭگونىڭ مەشھۇر 36 تەدبىرى) ھەربى ( ئىستىراتىگىيىلىك ) تەپەككۇر ، ئالدىن كۈرۈش تەپەككۇرى ، مۇستەقىل تەپەككۇر ، نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ، سودا-تىجارەت تەپەككۇرى ، دىپلوماتىيە تەپەككۇرى ، دىئالىكتىك تەپەككۇر ، كمپىلىكىس تەپەككۇر ، دىنى تەپەككۇر ، سوپىستىك تەپەككۇر ، مۇزىكىلىك تەپەككۇر ، بالىلارچە تەپەككۇر ، سوپىستىكىلىق ( سەپسەتىۋازلىق ) تەپەككۇر قاتارلىقلارنى بىلىمىز . ئومۇمەن ئالغاندا بۇ خىل تەپەككۇر شەكىللىرىنىڭ كەڭلىك ۋە تىرەنلىكى ، دەللىك ۋە ماھىيەتلىكى ، ئىزگۈ ۋە ئىجابىيلىقى ھەرخىل .
ئىلىم-پەندىكى ھەرخىل ئېقىم ۋە ئىلمى گورۇھلار ، بەدىئى ئىجادىيەتتىكى ھەرخىل ئۇسلۇب ۋە ئېقىملار ، دىندىكى ھەرخىل سۈلۈك ۋە مەزھەپلەر ، سىياسى-ھەربى ، كەسپى ۋە تۇرمۇش جەھەتلىرىدىكى ھەرخىل تەشەببۇس تۈركۈملىرى تەپەككۇر ئوقىنى ئۇل قىلغان . تەپەككۇر تۈپەيلى سوقرات ، ئەيسا پەيغەمبەر ، مانى ، مەنسۇر ھەللاج ، برونى ، بائوئىر ، بابارەھىم مەشرەپ دارغا مىخلاندى ، ئوتتا ئۆرتەندى . تەپەككۇر تۈپەيلى گالىلىي ، نىيوتۇن ، ئېينىشتىيىن پەن تارىخىدىن ئورۇن ئالدى . تەپەككۇر تۈپەيلى ئېركىن قاغان ، بوسات قاغان ، تۈمەن قاغانلاردىن باشلانغان ۋە تەڭرى قاغان ، مويۇنچۇر قاغان دەۋرىدە گۈللەنگەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ( 745-840) ۋەزىر قارا قوۋ بىلەن سانغۇن كۈلۈگ باغا ئوتتۇرىسىدىكى ھەسەت تۈپەيلى قىرغىز خانى ئاجۇسقا يەم بولدى . بۇ ئىش قارلۇقلارنىڭ قاراقىتان خانى گورخاننى قاراخانىيلارغا (840-1123) سېلىشى ، ھىدايىتۇللا ئاپاق غوجىنىڭ يەركەن خانلىقى (1510-1678 ) ئۈستىگە جۇڭغار قوشۇنلىرىنى باشلاپ كېلىپ مۇنقەرىز قىلىشىدا قايتا تەكرارلاندى . ئەيتاۋۇر ، تەپەككۇرسىز كىشلىك دۇنياسىدا « قىل تەۋرىمەيدۇ » !

مەسىلە شۇقەدەر روشەنكى ، مىللەتنىڭ روھىنى ساغلاملاشتۇرۇش ، خەلقنى پاسىقلىقتىن ئارىفلىققا ،زالالەتتىن سائادەتكە يىتەكلەيدىغان تەلىم-تەربىيىنىڭ ئاساسى خىزمىتى ئەۋلادلارنىڭ تەپەككۇر قىياپىتىنى ، شۇ ئارقىلىق روھى مەلىكىسىنى يۈكسەلدۈرۈشتىن ئىبارەت . بىلىش كېرەككى ، بەخت-سائادەتنىڭ ئەنقا قۇشى - يۈكسەك تەپەككۇر چىنارىغا قونىدۇ !
ف.ئىنگىلىس -بىرەر مىللەت دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇنغا چىقىمەن دىسە ، نەزەرىيىۋى تەپەككۇردىن بىر مىنۇتمۇ خالىي بۇلالمايدۇ -دىگەنىدى . ئالدىنقى قاتاردائەمەس ھەتتا نۇسرەتلىك مىللەتلەر قاتارىدا ياشىماق ئۈچۈنمۇ يىتەرلىك ساغلام ، ئۆتكۈر ، مۇستەقىل تەپەككۇر قىممتىگە ۋە قىياپىتىگە ئىگە بۇلۇش لازىم . بۇنداق تەپەككۇرسىز ئەرىشكە چىققان بىلەن دىققەت نەزەرى زېمىندىكى كەشىدىن يىراقلىمايدۇ .
سەۋرى دەرىخىگە چىقىپ سەۋزە ئورىكى گە دومىلاپ كىتىدۇ . ئاتىلار توغرا ئېيىتقان :« قۇت يىلتىزى-قۇتلۇق ئۈگ» ! « ئۆكىن ، ئۆكىن ئۆكسۈزلۈكىڭگە » !!
مەختۇم ئەزەم ئەۋلاتلىرىدىن ئىلگىرى باشلانغان غەربتىن پىرى-مۇرشىد ، ئىمام-ئىشان ئىزدەش ھاۋاسى ۋە ئۆزىدىكى تەپەككۇر نامايەندىلىرىنى ئاسىي نامىدا ھالاك قىلىش تەلۋىلىكى بىلەن « باشسىز چەۋەنداز » بۇلۇپ قالغان ئۈشبۇ خەلق مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ئورنىغا بۇزۇلغان روھ ، قۇللاشقان ئىرادە ، تەلۋىلەشكەن تەپەككۇردىن باشقا يەنە نىمە قىلىشى مۇمكىن ؟! ئۇلار ئۇيەردە پالان تۆرەم ، بۇيەردە پۇستان غوجام ، كەينىدە مەھەللىۋى شەيىخ-ئىشان ، ئەپەندى-موللاملارنىڭ تار قەپىسىگە كىرىۋېلىپ ، خۇددى « ھاممام ئالدىدىكى ھور چىقىرىپ تۇرغان كۈلگە مىلىنىپ ياتقان بالىلار » دەك روھى ئەمىنلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدۇ . ئۇلارنى مەزھەپ ، يۇرت ئادەت رىشاتكىلرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ، بىر پۈتۈن زامانىۋى تەپەككۇرغا ئۇيۇشتۇردىغان كۈچنى ئۇلار ھېس قىلالارمۇ ؟... ئۇلار كۆزىنى ئاچقان ھامان ھېلىقى ئىشان-موللىلار ئۇلارنىڭ كۈزىگە كۈل چاچىدۇ . مەخسۇس كۆز ئېچىشنى پاراڭ تېمىسى قىلىپ تون كىيىپ ، سەللە ئورايدىغان روھىيەت سودىگەرلىرى بىلەن تەپەككۇر جەزىخورلىرىمۇ بىر ئېقىم سۈپىتىدە خېچىر مىنىپ يۈرۈشىدۇ . ئۇلار كامىران بۇلۇپ كەلگەن ، كۆز ئاچقانلار پەرىشان بۇلۇپ كەلگەن چىنلىقنى قايسىبىر قەلەم تىترىمەي يازالىغان ! مانا بۇ « ئۆز-ئۆزىگە ئاڭ » ۋە « ئۆز-ئۆزىگە تەپەككۇر » ى بولمىغان خەلقنىڭ مەنىۋىيەت ئاسمىنىدىكى قارا تۈتەك !

بىر قاراشتىلا سەللە-كۇلا ، كەپكە-شىلەپە قاتارلىق غەربتىن كەلگەن باش كىيىملىرىنى كىيىۋالغان خالايىققا يېنىشلاپ قاراڭچۇ : ئۇلارنىڭ بېشى « سۈرەت » كۈرۈنۈشتە ئۇلارنىڭ گەۋدىسى بىلەن بۇيۇن ئارقىلىق تۇتاشقان ، بىر زامانلاردا تەسۋى ئېسىلغان بۇ بويۇنلارغا گالىستۇك تاقالغان بولسىمۇ ، ئەمما ، ئۇلارنىڭ بىچارە ماھىيىتى كىشىنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىدۇ ، ئۇلارنىڭ مېڭىسىدە ئىمپورت قىلىنغان تەپەككۇر قۇشى چىكىلداپ تۇرۇپتۇ . بۇ تەپەككۇرلار بىر-بىرىدىن قانچە پەرقلىق ، ھەتتا بىر-بىرىگە مۇخالىپ بۇلۇشىغا قارىماي پىكىر تەختىنىڭ ئىككى چېتىدىن ئەمەس ، بەلكى دەل شۇ تەختىنىڭ ئۆزىدىن ئورۇن تۇتقان . قۇلچىلىق ، سېتىلىشقا ھازىر -نازىرلىق ، خۇشامەتكۇيلۇق ، «بىر بۇغدايغا سەمرىپ ، بىر بۇغدايغا ئورۇقلاش » ئۇنىڭ دائىمى ھاۋارايى ، ئۇلار تۇرمۇشنىڭ « ئازاپ دېڭىزى » دىن ئۈتۈش ئۈچۈن خۇددى نوھنىڭ كېمىسىنى چۇۋۇغاندەك چوڭ كۈلۈڭگۈ( ماھايانا ) ھارۋىسىنى پاچاقلاپ ھەربىرى كىچىك كۈلۈڭگۈ( ھىنايانا ) ھارۋىسى ياسىۋېلىشقا ئالدىرىشىدۇ .
ئۇلار تۇرمۇش كەلكۈنىدە نوھنىڭ ياكى ئۇنىڭ كېمىسىنىڭ قەدرىنى چۈشىنىشكە ئاجىز . بۇ پىتراقچىلىقىنىڭ ئۆزىمۇ بىر تەپەككۇر ھودۇقۇشىدىن ئىبارەت .
تەپەككۇر ئىقتىدارى ھەممىگە تەئەللۇق ، ئەمما تەپەككۇر قىممىتى ھەركاللىدا ھەرخىل . ئۆز-ئۆزىگە تەپەككۇر مۇجەسسىمى بولمىغان مىللەت ئۆز-ئۆزىگە ئىگە بولمىغان مىللەتتۇر .
بەخت-سائادەتنى دەسلەپ ئەلگە تىلە ،
بەخەت ئەمەس ئالتۇن بولسا يالغۇز تەڭلە .
تەپەككۇرسىز سائادەتتىن ئۈمىد كۈتمە ،
ئۆز-ئۆزىگە تەپەككۇرسىز ئىنسان-تەلۋە .


1993-يىل 11-ئاينىڭ 14-كۈنى

No comments: