قەشقەر كوچىسى تايمىس دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى پالمىستەد بۆلىگىگە جايلاشقان
ئەگەردە سىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇيۇك برىتانىيىنىڭ لوندون شەھىرىگە كېلىپ زىيارەتتە بولغىنىڭىزدا، لوندون كوچا خەرىتىسىگە قاراپ «ك» ھەرپىدىن كوچا ئىسمىنى ئىزدىسىڭىز سىزگە ۋە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىياغا تونۇش بولغان بىر قەدىمىي شەھەرنىڭ ئىسمى قەشقەر كوچىسى كۈزىڭىزگە چېلىقىدۇ ۋە سىزنى ھەيرانلىققا چۆمدۈرىدۇ .
ۋەھالەنكى ئاسىيانىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالغان، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە غەربكە ناھايىتى ئاز تونۇلغان بۇ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى 11- ئەسىرلەردە ئۇيغۇر قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلەرنىڭ سىياسىي، مەدەنىي مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان. «قەشقەر» سوزىنىڭ ئۇيغۇر تۈركى تىلىدىكى مەنىسى «دەريا قېشى ياكى قاش» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، قەشقەر شەھىرى زەرەپشان دەرياسىنىڭ ئىككى قېشىغا جايلاشقان .
لوندوندىكى قەشقەر كوچىسى بولسا بۇيۇك برىتانىيىنىڭ پايتەختى لوندون شەھەرنىڭ شەرقىگە، تھامەس دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋوولۋىچ سانائەت رايونىنىڭ مەركىزى بولغان پلۇمستەاد بولىگىگە جايلاشقان. بۇ يەر بۇيۇك برىتانىيە پادىشاھلىقى تەرىپىدىن 1805 يىلى بۇيۇك برىتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان ھەربىي سانائىتى ئۇچۇ ئورۇن تەييارلاش مەقسىتىدە «پادىشاھلىق توپ-زەمبىرەك ھەربىي ئەشيا ئىسكىلاتى» قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن .
ھېيتكاھ جامئەسى قەشقەرنىڭ سىموۋلىغا ئايلانغان
بۇرۇن غەرب ئۇچۇن تامامەن ناتونۇش بولغان قەشقەر ھەققىدىكى خەۋەرلەر پەقەت 1860 ۋە 1870- يىللىرىدىلا بۇيۇك برىتانىيە مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلىشكە باشلايدۇ، بولۇپمۇ بۇيۇك برىتانىيە ۋە رۇسىيىدىن ئىبارەت ئىككى ئىمپېرال كۈچنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئوز تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ئۇچۇن رىقابەتكە چۈشكەن «كاتتا ئويۇن» ئۇرۇشىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ. قەشقەر ئىسمىنىڭ غەرب مەتبۇئاتلىرىدا تۇنجى تىلغا ئېلىنىشى ئاساسەن شۇ ئۆلكىدە يۈز بەرگەن يەرلىك ۋەقەلەرگە باغلانغان بولۇپ يەنى 1860 –يىللىرىدىكى چىڭ ئىمپېرىيىسىگە قارشى چوڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ باشلانغان ھەم قوقەند قوماندانى ياقۇپ بەگنىڭ قەشقەرىيەگە ھۆكۈمدار بولغان بىر ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. 1865 – يىلى ياقۇپ بەگ قوقەندتىن قەشقەرگە كېلىدۇ. 1867- يىلى قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالىدۇ .
بۇيۇك برىتانىيە 1866- يىلى ئەڭ دەسلىپىدە ھىندىستانلىق ئارمىيە ئەمەلدارى مىرزا شۇجانى مەخپى ھالدا قەشقەرگە ۋەزىيەتنى ئىگىلەشكە ئەۋەتىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولسا بۇ ناتونۇش بولغان رايوننىڭ ئىشەنچلىك خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىش ۋە قەشقەردىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزىتىپ بۇيۇك برىتانىيە ئىمپېرىيەسىگە مەلۇم قىلىش بولغان. 1868- يىلى تۇنجى قېتىم برىتانىيىلىك سودىگەر روبەرت شاۋ ھىندىستاندىن چاي ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ بىر سودا كارۋىنىنى باشلاپ قەشقەرگە كېلىدۇ. بۇنىڭدىن ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي يەنە بۇيۇك برىتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمەت ۋەكىلى جېورجى ھارۋارد لاداخ ئارقىلىق تاغلارنى كېسىپ ئۇتۇپ قەشقەرگە كېلىدۇ. ھەر ئىككى برىتانىيىلىك قەشقەردە ياقۇپ بەگ تەرىپىدىن بىر قانچە ئايلار كۈتۈۋېلىنىدۇ ۋە ئاخىرىدا ياقۇپ بەگ ئۆزىنىڭ بۇيۇك برىتانىيە ئىمپېرىيەسىگە بولغان دوستلۇق ئىستەكلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۇلارنى يولغا سالىدۇ. بۇ كىشىلەر ھىندىستانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن «ئىمپېرىيىنىڭ قەھرىمان ئوغلانلىرى» شەرپى بىلەن كاتتا مۇكاپاتلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر ھەققىدە برىتانىيە مەتبۇئاتىدا «ئەڭ ئاخىرقى بايقالغان خەتەرلىك ۋە سىرلىق بىر رايون» دەپ خەۋەرلەر بېرىشكە باشلايدۇ .
ئەينى ۋاقىتتا بۇيۇك برىتانىيە يەنە ياقۇپ بەگنىڭ رۇسىيە بىلەنمۇ سوزلىشۋاتقانلىغىدىن خەۋەردار بولۇپ، رۇسىيە 1871- يىلى ئىلى دەريا ۋادىلىرىنىڭ شىمالىنى ئوز ئىشغالىيىتىگە ئالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ياقۇپ بەگ ھاكىمىيىتىنى تىزدىن شەرق ۋە شىمالغا كېڭەيتىپ قۇمۇل ۋە بۈگۈنكى ئۈرۈمچىنى ئوز ھۆكۈمرانلىقىغا ئالىدۇ. 1873- يىلى بۇيۇك برىتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ھىندىستاندىكى باش ۋالىسى لورد مايو 350 ئادەمدىن تەركىپ تاپقان دوۇگلاس فورسيتھې رەھبەرلىكىدىكى بىر دىپلوماتىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قەشقەرگە ئەۋەتىدۇ. بۇ ۋەكىللەر ئاتلىق ئەسكەرلەر، تەرجىمانلار، ھۆكۈمەت ئىش بېجىرگۇچىللىرى، يولباشلىغۇچىلار ۋە مۇلازىمەتچى خادىملاردىن تەشكىل تاپقان ئىدى. بۇ قېتىمقى زور كۆلەملىك دىپلوماتىك زىيارەتتىن كېيىن بۇيۇك برىتانىيە ئىمپېرىيىسى ياقۇپ بەگ ھۆكۈمىتىنى رەسمىي يوسۇندا ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇلىنىپ، بۇيۇك برىتانىيە ھۆكۈمىتى چىڭ ۋە ياقۇپ بەگ ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن برىتانىيە ھىندىستانى، رۇسىيە ۋە چىڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا بىتەرەپ بولغان بىر مۇستەقىل دۆلەتنىڭ قورۇلۇش ئىمكانىيەتلىرى ھەققىدە سۈلھى باشلايدۇ.بۇيۇك برىتانىيە ئىمپېرىيىسى قەشقەرىيە ئەمىرى ياقۇپ بەگ ھۆكۈمىتىنى رەسمىي يوسۇندا ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ ،ئەمما بۇيۇك برىتانىيىنىڭ ياقۇپ بەگ ھاكىمىيىتىگە بولغان قىزىقىشى ئۇزاققا بارمايدۇ چۈنكى لوندون قەشقەر بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن باشلاپ سانت پېتېرسبۇرگنى قەشقەرىيەنى ئوتتۇرىدىكى بىر مۇستەقىل بىتەرەپ دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىشى ھەققىدە بىر قانچە قېتىملاپ دىپلوماتىك سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان بولىسىمۇ رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ تۈركىستاندىكى مەنپىئەتى سەۋەبىدىن رەت قىلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ۋاقىتتا چىڭ ھۆكۈمىتى ئىچكى ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن تەيپىڭ تيەنگو قوزغىلىڭىنى غەلىبىلىك باستۇرۇپ قەشقەرىيەنى قايتا ئىشغال قىلىش ئۇچۇن جىددىي ھەربىي يۇرۇش تەييارلىقى قىلىۋاتاتتى. مانا بۇ مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە «كاتتا ئويۇن» ئىشتىراكچىلىرى ئارىسىدا قەشقەرىيەنى ئېتراپ قىلىپ كەلگەن بۇيۇك برىتانىيە ئىمپېرىيىسى ئوز مەنپەئەتلىرىگە پايدىسىز بۇ ئۆزگىرىشلەردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىدۇ
چىڭ ھۆكۈمىتى 1876- يىلى زۇو زوڭتاڭنى 200،00 كىشلىك زور قوشۇن بىلەن بىلەن 40،000 كىشلىك ئەسكىرى بولغان ياقۇبەگنى يوقتۇپ، قەشقەرىيەنى ئىشغال قىلىشقا ئەۋەتىشى بىلەن تەڭلا بۇيۇك برىتانىيە ئىمپېرىيىسى ئەگەر چىڭ ھۆكۈمىتى بۇ رايوننى قايتىدىن ئوز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالسا رۇسىيىگە قارشى كۈچلۈك بىر قالقان بولالايدىغانلىقنى جەزىم قىلىدۇ ۋە ياقۇپ بەگنى قوللاشتىن تامامەن ۋاز كېچىپ ئەكسىچە قارشىسىغا سىياسەت قوللۇنۇپ زۇو زوڭتاڭغا قورال ۋە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ. روسىيە سودىگەرلىرىمۇ پۇرسەتنى غەنىمەت تۇتۇپ زۇو زوڭتاڭ ئەسكەرلىرىنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ .
گەرچە زۇو زوڭتاڭنىڭ قەشقەرىيەگە ئېلىپ بارغان ھەربىي ئىستىلاسى ئاستا ۋە ئىقتىسادى چىقىمى ناھايىتى كوپ بولسىمۇ ئەمما مۇۋاپىقىيەتلىك بولىدۇ. زۇو زوڭتاڭ ئۈرۈمچىنى 1876- يىلى 8- ئايدا ئىشغال قىلىدۇ ۋە زور كۆلەمدىكى قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارىدۇ. ياقۇپ بەگ 1877- يىلى 5-ئاينىڭ 28- كۇنى كورلىدا ۋاپات بولىدۇ ۋە شۇ يىلى 12- ئايدا قەشقەر چىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەسەررۈپ ئاستىغا ئېلىنىدۇ . زۇو زوڭتاڭ 1878- يىلى 1- ئايدا قەشقەرنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى قەدىمي شەھەرخوتەننى ھاكىمىيەت ئاستىغا ئېلىپ ھەربىي ئىستىلاسىنى تاماملايدۇ.
رۇسىيە ئىلى ۋادىسىنى 1881- يىلى چىڭ ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى 1884- يىلى قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇلۇپ «شنجاڭ»(يېڭى زېمىن، يېڭى چېگرا) دەپ نام بېرىدۇ ۋە رەسمىي شەكىلدە چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسى قىلىپ بېكىتىدۇ. يەنە شۇنىڭغا قارىماي بۇيۇك برىتانىيە ۋە رۇسىيە ئىمپېرىيىلىرى قەشقەرىيەدە ئوز تەسىر دائىرىسىنى كۆرسىتىشنى يىللارچە داۋام قىلدۇرىدۇ. كېيىنكى يىللاردا برىتانىيىلىك قېدىرىپ تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ قەشقەرىيەدە ئېلىپ بارغان ئىش ئىزلىرى تەسۋىرلىنىپ يېزىلغان ئاجايىباتلىرىدىن برىتانىيە خەلقى يىللارچە ھۇزۇر ئالىدۇ بىراق ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭدا ئۇچ ئىمپېرىيە ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئوتكەن ناھايىتى شەپقەتسىز، مۇرەككەپ سىياسىي «كاتتا ئويۇن» نىڭ شاھىدى بولغان قەشقەرىيەنى ياد ئېتىش ئۇچۇن مەڭگۈلۈك ئابىدە قىلىپ قويۇلغان لوندوندىكى قەشقەر كوچىسى شۇ تارىخنىڭ شاھىتى سۈپىتىدە بۈگۈنگىچە ئۈن-تىنسىز ساقلىنىپ كېلىدۇ.
No comments:
Post a Comment