2009-06-28

ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى <<قەشقەر>>نى تەخەللۇس قىلغان ئەدىبلەر

1.ئابدۇغاپپار بىننى ھۈسەيىن قەشقىرى: (1082--؟)<<تارىخي كاشىغەر>>،<<مىسكەنى ئۇستادىيان>>(ئۇستازلارنىڭ توپلانغان جايى)قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

2.ھۈسەيىن ئىبنى خەلەف كاشغەرى: (973_1093) مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئۇستازى،<<ھەمىدىيە >>مەدرىسىنىڭ مۇدەررىسى...

3.رابىيە كاشغەرى(؟_؟): مەلۇماتلاردا يېتىشكەن شائىرە دىگەن لېكىن ئىقادىيىتى،ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات يوق....

4.جامالىدىن قەشقىرى : ( 10-ئەسىر...) ئىجادىيىتى ھەققىدە مەلۇمات يوق، لېكىن ئۇنىڭ <<ساچىيە>>مەدرىسىدە مۇدەررىسلىك قىلغان...

5.رەشىد ئىبنى ئەل قەشقىرى: ( 10-ئەسىر...) ...

6.ئىمادىدىن قەشقىرى : ( 10-ئەسىر...) تىبابەت شۇناس ،ئەدىپ.<<شەرھى ئەلقانۇن>>، <<دائىرەتۇل مۇئارىپ تىببىيە>>،<<كىتابۇششاھىد>>،<<كىتابۇلھاۋى>>...ئىبىنسىنانىڭ<<ھىكمىتۇل ئەلا>>،فارابىنىڭ<<ئەقسائىل ئولۇم>>ئەسەرلىرىنى شەرق ئەللىرىگە تونۇشتۇرغان...

7.مەھمۇت قەشقىرى(1018_1134) <<تۈركى تىللار دىۋان>>ى،ۋە<<كىتابۇ جاۋاھىرىن نەھۋى لوغەتىت تۇرك>>(تۇركى تىللار گىرامماتىكىسىنىڭ جەۋھەرلىرى) بۇئەسەر بىزگە يىتىپ كىلەلمىگەن...

8.مۇھەممەت بىننى رەشىت بىننى ئەلى قەشقىرى( ( 11-ئەسىر...) ئىلمىي،تىببىي پائالىيەتلەردە بوغان ...ئەسەرلىرىدىن مەلۇمات يوق.

9.زەينىدىن كاغراقى قەشقىرى(14_15-ئەسىرلەر)مەلۇمات ئاز...

10.ئابدۇ ئەلى سىرمەنى كاشغەر(17-ئەسىر---؟)ئەدىپ، تەرجىمان...

11.سەئىدىن كاشغەرى(1377__1456):ھۇسەيىن بايقارا سالدۇرغان<<مەلىكات مەدرىسى>>دە مۇددەرىسلىك قىلغان.مۇنىيەتۇل مۇسەللى ۋە غىنىيەتۇل مۇفتىدا>>،<<تۆھفەتۇل مۇسەللى ۋە مۇنۇيەتۇل مۇسەللى>>،<<كەلىمەت خوجا باھايىدىن>>.<<رىسالەئى لەتائىف>>،<<ۋۇجۇتنامىە>>...قاتار لىق ئەسەرلىرى بار

12.مىرزا ھەيدەر قەشقىرى(15_16-ئەسىرلەر):تارىچى،ئەدىپ، دۆلەت ئەربابى .ئۇنىڭ <<تارىخى رەشىدى>> ناملىق ئەسىرىبار...

13.موللا مۇھەممەت تۆمۈر قەشقىرى(18-ئەسىردە ياشىغان) : <<كەلىلە ۋەدېمىنە>>نى پارىسچىدىن ۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.يەنە<< ئەخلاقۇل مۇھسىنىن>>نىمۇ تەرجىمە قىلغان...

14.مۇھممەد ئابدۇل ئېلى قەشقىرى18-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ياشىغان.ئەدىپ،تارىخشۇناس<<تەزكىرەئى ھەزرەت موللام قىسسىسى>>نى يازغان...

15.موللامىر سالىھ قەشقىرى: 18__19-ئەسىرلەردە ياشىغان.ئەدىپ،تارىخشۇناس.<<چىڭگىزنامە>>ناملىق ئەسىرى مەشھۇر...

16.مۇھەممەد سادىق قەشقىرى(1721__1849): ئاتاقلىق ئۇغۇر ئالىمى ۋە يازغۇچىسى .ئۇنىڭ 1777-يىلى يازغان<<تەزكىرەئىي ئەزىزان>>،<<تەزكىرەئىي ئەسھابۇ لكەھىف>>،<<ئادابۇسسالىھىن>>،(ياخشى كىشىلەرنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقلىرى)،<<رىسالەئىي كەسىپدار>>،1840-يىلى يېزىلغان<<زەبداتۇل مەسائىل>>قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.1846-يىلى ئەرەپ تارىخچىسىجۈۋەير تەبىرىنىڭ<<تارىخىي ئىسكەدەرىيەۋە تاجىنامەشاھى>> نامىدا ئىجادىيتەرجىمە قىلغان<<تارىخ تەبىرى>>ناملىق كىتابى بار...

17.موللا سەنجار ئىبنى ئىبراھىم قەشقىرى: 19-ئەسىردە ياشىغان...1849-يىلى رەتلەپ كۆچۈرگەن<<جامىئۇل ھېكايەت>>ناملىق چۆچەكلەر توپلىمىنىڭ قوليازمىسى ساقلىنىپ قالغان...

18.مۇترىبان كاش كاشغەرى: 19-ئەسىردە ئۇتتۇرا ئاسڭيادا ياشىغان قەشقەرلىك شائىر...

19.خىسلەت كاشغەرى: 19-ئەسىردە قەشقەردىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچكەن ئەدىپ ،ئۇنىڭ<<مەجمۇئاتۇششۇئارا>>ناملىق توپلامدىكى شېئىرلىرىنى بىلىمىز...

20.سۇلتان مالىك قەشقىرى: بۇكىشى توغرىسىدا ئەلشىر ناۋائىي <<مەجالىسىۇن نەفائىس>>(گۈزەللەر يىغىلىشى)دا :<<...زامانىنىڭ تەڭدىشى يوق كىشىسى ئىدى >>دەپ مەلۇمات بەرگەن...

21.ئىمامىدىن كاشغەرى: قاراخانىلار دەۋرىدە ياشىغان ئالىم،ئەدىپ بولۇپ ھاياتى پائالىيىتىدىن مەلۇمات يوق...

22.موللا توختى خەلپەت قەقىرى: 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان. ئۇنىڭ 1881-يىلى موللا مۇھەممەت ھۆسەيىن كۇچارى بىلەن بىرلىشىپ يازغان<<تەزكىرەئىي پىرياران>>ناملىق ئەسىرى بار...

23.ئىبنى مۇھەممەت كاشغەرى: چاغاتاي دەۋرىدە مىسىردا ئوقۇپ مىسىردىكى<<باي بارىسىيە>>مەدىرىسىدە مۇدەررىس بوغان.<<تاجۇلسائادەتۋەئەۋەنۇليادات>>ناملىق ئەسىرىدىن مەلۇمات نبار...

24.ھاجى ئابدۇلۋاقى كاشغەرى: 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ياشىغان ئەدىپ،تارىخچى.ئۇنىڭ 1865-يىلى<<سىدىقبەگ ھەققىدىكى رىۋايەتلەر>> ناملىق ئەسەر يازغانلىقى مەلۇم...

25.موللا مۇھەممەد شەمشىدىن كاشغەرى: 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ياشىغان ئەدىپ ،تارىخشۇناس.<<قىسسەئى جامالىدىن سەئىدى ۋاققاس>>(1905)ناملىق ئەسەرنى يازغانلىقى مەلۇم...

26.ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇۋارىس قەشقىرى(1854__1924): جامائەت ئەربابى،دىنى ئالىم،مائارىپچى،ۋەتەنپەرۋەر شائىر،پىداكار دىمۇكرات...ئاتۇش مەشھەت باغېرىقتا تۇغۇلغان بولۇپ،قەشقەردىكى <<خانلىق مەدرىس>>تە ئوقۇغان...كېيىن بۇخاراغا بېرىپ<<ئابدۇل مئەزىزخان مەدرىسى>>دە ئوقۇپ قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن.<<لاي پەشتاق مەدرىسى>>دە مۇدەررىس بولغان.دەرسلىكنى ئۆزى يېزىپ ،تۇزۇپ تارقاتقان...1918-يىلى مۇتەئەسسىپلەرنىڭ كۈچىدىن چىقىپ كېتىپ تاشكەنت،شەمەي،ئوفا ،قازان،ئورال،تۈركىيە...دىن مەككىگە بارغان.1920-يىلى قەشقەرەە كېلىپ خەلق ئاممىسىنى ئوغىتىش ئېلىپ بارغان...بايلارنى قوزغۇتۇپ 52نەپەر ياشنىگېرمانىيە،فىرانسىيە،تۈركىيە،مىسىر...قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئوقۇشقا چىقارغان.قەشقەردە <<مەتلەئىل ھىدايەت>>ناملىق مەكتەپ تەسىس قىلغان،شىۋىت مىسسىئونىر لىرىنىڭ ھەركىتىنى توسىغان.1924-يىلى8-ئاينىڭ 14-كۈنى(چاھارشەنبە) سۈيقەسەست بىلەن ئۆز ھوجرىسىدا قەتلى قىلىنغان...

ئەسەرلىرى:___<<ئەقائىد زۆرۈرىيەت>>(زۆرۈر ئەقىدىلەر)،<<ئىبادەت ئىسلامىيە>>(ئىسلام ئىبادىتى)،<<سەرف نەھۋى>>(مور فولوگىيەۋە سىنتاكسىس)،<<تەھسىل ھىساب>>(ھىساب ئىلمى)،<<ئىلمىي جۇغېراپىيە>>،<<ئەقائىد جەۋھەرىيە>>(نىگىزلىك ئەقىدىلەر)،<<بىدايەتۇسسىرۇف>>(مورفولوگىيىدىن دەسلەپكى ئاساس)،<<تەئىلمى سەبىيات>>(بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە)،<<نەسائىھۇل ئەتفال>>(ئۆسمۇرلەرگە نەسىھەت)،<<نەسھەتى ئامما>>...

ئەدەبىي ئەسەرلىرى___<<مۇفتاھۇل ئەدەپ>>(ئەدەبىياتنىڭ ئاچقۇچى)،<<جەۋاھىرۇل ھەقايىق>>(ھەقىقەتلەر جەۋھىرى)،<<كوللىيات مۇخەممەس>>،<<مىۋىلەر مۇنازىرىسى>>.

27.مىرسەئىد جېلىل قەشقىرى: 17-ئەسىردە قەشقەردە ئۆتكەن ئالىم، ئۆلىما...

28.مۇھەممەت ئابدۇلئەلى كاشغەرى: 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن تارىخ شۇناس ،ئەدىپ.ئۇنىڭ<<تەزكىرەئى مەۋلانا فاجىئە ئىيامزەينەل ئابىدىن ئاغراقى>>دىگەن ئەسىرى بار.

<<شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى>>2006-6-ساندىن قىسقارتىپ ئېلىندى

No comments: