2009-05-10

نېمە ئۈچۈن Blog يازدىم؟

بلوگ يىزىۋاتقىلى ئىككى ئۈچ ئاي بولۇپ قاپتۇ،يازغىنىم ئاساسلىقى ئۆزۈم ئامراق نەرسىلەر، ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان ناخشىلارنى،ئەسەرلەرنى،تارىخلارنى توپلىدىم،بىكار چاغلىرىمدا ئىچىپ تارىخىمنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىمەن،نىمىدىگەن كۆڭۈللۈك ھە!
ئۆزۈمنىڭ مەدەنيىتىنى ياتلارنىڭ مەدەنيىتىگە سىلىشتۇرىمەن،بۇ جەرياندا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھىس قىلىمەن،ئۆزىنى كۆرسىتىش،ئۆزىنى ئىپادىلەش بىلەن بەند بولۇپ كەتكەن ياتلارنىڭ مەدەنيىتىگە قاراپ،مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ «ئۆزىنى ئىپادىيەلمىگەن ئادەم قۇلدۇر»دېگەن سۆزلىرىنى ئەسلەپ قالىمەن...

ھازىرىقى ئاتالمىش ئىمتىھان مائارىپى ئادەمگە بىسىم چۈشۈرۈپ،تەپەككۇرىمدىن ئايرىغان مۇشۇ كۈنلەردە مەن ھەممىنى ئۇنتۇپ كەتتىم.
كۈندە بىر ئىككى سائەت ۋاقىت چىقىرىپ،توردىكى داڭلىق ئالىملارنىڭ تارىخ ۋە مەدەنيەت توغىرسىدىكى يازمىلىرىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىدىغان بولدۇم،ئوقۇغانسىرى بۇ دۇنيا ماڭا باشقىچە كۆرۈنىشكە باشلىدى،ئۆزۈمنى خۇددى قەدىمكى دەۋىرگە قايتىپ قالغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم...

Blog يىزىش ئۆزۈم ئۈچۈندۇر،ئاشۇ تارىخلارنى ئوقۇغاچ Blogدا رەتلەپ،ساقلاپ قويىمەن،ئادەم قايتا-قايتا ئوقۇغانسىرى تىخمۇ ئوقۇغۇسى كىلىدىكەن..

No comments: