2009-05-11

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر-ئىز

ئىز

ياش ئىدۇق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز ،
ئەمدى ئاتقا مىنەگۈدەك بوپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز.
ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز ،
ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز .
قالدى ئىز چۆللەر ئارا ،گاھى داۋانلاردا يەنە،
قالدى نى - نى ئارسلانلار دەشتى -چۆلدە قەبرىسىز .
قەبرىسىز قالدى دىمەڭ ،يۇلغۇن قىزارغان دالىدا ،
گۈل -چېچەككە پۈركىنۇر تاڭلا باھاردا قەبرىمىز .
قالدى ئىز قالدى مەنزىل ،قالدى ئۇزاقتا ھەممىسى،
چىقسا بوران ،كۆچسە قۇملار ھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز .
توختىماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق ،
تاپقۇسى ھىچ بولمىسا ،بۇ ئىزنى بىر كۈن نەۋرىمىز ،
يا ئەۋرىمىز.

No comments: