ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىدا شەھەرلىشىش ناھايىتى بۇرۇن باشلانغان. بۇنداق مۇقىم ئولتۇراق تۇرمۇش ۋە دېھقانچىلىقنىڭ تەرەققىياتى، شەھەرلىشىش ۋە تاۋارلاشقان ئىشلەپچىقىرىش بازارنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. يىپەك يولى ۋە كارۋان قاتنىشى بازار تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن مۇھىم ئامىل بولۇپ قالغان.
بازارنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىياتى ئالدى بىلەن تاۋار ئالماشتۇرۇش ۋە سودا- تىجارەت پائالىيەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تاۋار ئالماشتۇرۇش ۋە سودا- تىجارەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەدەنىيىتىدە بىرقەدەر بالدۇر مەيدانغا كەلگەن بىر ساھە . ئۇيغۇرلاردىكى تاۋار قارىشىنىڭ يېتىلىشى ۋە تاۋار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكى ئاساسىدا باشلانغان. تارىخى خاتىرىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكىدە يېڭىچە يۈكسىلىش بارلىققا كېلىپ، مەخسۇس سودا- تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ئىجتىمائىي گۇرۇھ شەكىللەنگەن. بۇ تەرەققىيات خانلىقنىڭ ھۆكۈمران تەبىقىسى بىلەن يېڭىدىن شەكلەنگەن سودا- تىجارەتچىلەر تەبىقىسىنىڭ بايلىققا بولغان قارىشىدا زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان. ئۇلار شۇ دەۋرلەرگىچە چارۋا- مالنى بايلىق ھېسابلاپ كەلگەن بولسا، ئەمدىلىكتە ئالتۇن- كۈمۈش، ئۈنچە- مەرۋايىت، تاۋار- دۇردۇن قاتارلىقلارنى مۇھىم بايلىق ھېسابلايدىغان بولغان. بۇ يۈزلىنىش تەدرىجىي ئاۋام- خەلقىممۇ تەسىر كۆرسىتىپ، كىشىلەردە تاۋار قارىشىنىڭ يېتىلىشىگە زېمىن ھازىرلاپ بەرگەن. بۇنداق ئەھۋال پۈتكۈل خانلىق تەۋەسىدە سودا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ كۆلىمىنى، سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن.
تەڭرىتاغ ئەتراپى ۋە تارىم بوستانلىقلىرىدا يېزا ئىگىلىك بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، شۇنداقلا شەھەر- قەلئە بەرپا قىلىپ مۇقىم ئولتۇراق تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتقان خەلقلەردە، تاۋار ئالماشتۇرۇش ۋە سودا- تىجارەتنىڭ شەرت- شارائىتى خېلى بۇرۇنلا پىشىپ يېتىلگەن. قەدىمكى ‹‹يىپەك يولى›› ياكى ‹‹برونزا يولى›› دەپ ئاتالغان خەلقئارا سودا كارۋان يولى مۇشۇ جاينى مۇھىم تۈگۈن قىلغاچقا، ئۇيغۇر، سوغدى قاتارلىق مۇشۇ رايونلاردىكى قەدىمكى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ سودا- تىجارەتتىكى پەۋقۇلئاددە ماھارىتى ۋە ئىستېداتى بىلەن تونۇلغان.
تارىختىكى ‹‹يىپەك يولى›› سودىسى ئاساسەن كارۋان سودىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، سودىگەرلەر گەرچە ئۆزلىرىنىڭ ماللىرىنى جۇڭگونىڭ ئىچكى رايونلىرىدىن، ھىندىستاندىن، پىرىسسىيىدىن ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىدىن ئېلىپ كەلسىمۇ، مال ئالماشتۇرۇش ياكى سېتىش پائالىيىتى ھەرقايسى بوستانلىقلاردىكى شەھەر- بازارلاردا، دەڭ - سارايلاردا ئېلىپ بېرىلغان. سودا پائالىيىتىنىڭ ئورنى ۋە ۋاقتىمۇ بىر قەدەر مۇقىم بولغان. مۇنداق بىر قەدەر مۇقىم ئورۇنلارنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان سودا پائالىيىتى جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىدىكى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرگە تۈرتكە بولغان. جۈملىدىن بازارلارنىڭ فۇنكسىيىسى ۋە رولىنى كېڭەيتكەن. بىر– بىرىدىن يىراق ئايرىلىپ تۇرىدىغان بوستانلىقلاردىكى خەلقلەرگە نىسبەتەن ‹‹بازار›› ئۇلارنى بىر- بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان ، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك مۇناسىۋىتىنى تەمىن ئېتىدىغان مۇھىم بازىغا ئايلانغان. يەنى ئۇلار نوقۇل سودا قىلىش ئېھتىياجى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئالاقىلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۈملىدىن ئۆزئارا چۈشىنىش، مۇھەببەت- نىكاھ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش زۆرۈرىيىتى بىلەنمۇ ئەنە شۇنداق ‹‹بازار›› دەپ ئاتالغان جايلارغا توپلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن. بۇنىڭدىن، ئۇيغۇرلاردىكى بازار مەدەنىيىتىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىياتىدا، ئۇيغۇرلار ياشىغان ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك مۇھىت ۋە شەرت- شارائىتنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
يازما مەنبەلەر ۋە ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوتتۇرا ئەسىردە يەنى قاراخانىيلار دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ دېھقانچىلىق، قول سانائەت مەھسۇلاتلىرى سودىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك پۇلنى ۋاسىتە قىلىشتىن تاشقىرى، مەخسۇس ئالتۇن- كۈمۈش، ئۈنچە- مەرۋايىت قاتارلىق ئېرىق مال سودىسىمۇ راۋاجلانغان. ‹‹تاۋار›› دېگەن ئاتالغۇ مۇشۇ دەۋردە مەيدانغا كەلگەن. قاراخانىيلار دەۋرىدە تاۋار ئىگىلىكى، سودا- تىجارەت كەسپىنىڭ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى بىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› داستانى ۋە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ‹‹دىۋان لۇغەت تۈرك›› ناملىق ئەسىردىنمۇ ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز.
سودا- تىجارەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، مەخسۇس پۇل مۇئامىلە كەسپى، ۋاكالەت سودا كەسپى، مەخسۇس سودا سارايلىرى، ‹‹چار بازار››لار، ھەرقايسى كەسىپ ۋە تاۋارلار بويىچە دۆكا سودىگەرلەر تەبىقىسى شەكىللىنىپ تەرەققىي قىلدى. يەكەن، قەشقەر، كوچا قاتارلىق سودا مەركەزلىرىدە مەيدانغا كەلگەن گەزمال سارىيى، گىلەم سارىيى، تىللا سارىيى قاتارلىق كەسپىي سارايلار ۋە ئاياغ بازىرى، ئاشلىق بازىرى، پاختا بازىرى، مال بازىرى، ياغ بازىرى، دوپپا بازىرى... قاتارلىق ھەر خىل كەسپىي بازارلار ۋە كەڭ يېزىلاردىكى ھەپتىنىڭ ھەر كۈنى قاتارى بولىدىغان بازار سودىسىمۇ تەرەققىي قىلدى. جەنۇبى شىنجاڭدىكى نۇرغۇن يېزا- كەنتلەر نامىنىڭ ئۆزىدە بازار بولىدىغان كۈننىڭ نامى بىلەن ‹‹يەكشەنبە بازار››، ‹‹دۈشەنبە بازار››، ‹‹سەيشەنبە بازار››، ‹‹چارشەنبە بازار››، ‹‹پەيشەنبە بازار››، ››شەنبە بازار›› دەپ ئاتىلىشىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بازار مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئورنى ۋە تەسىرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ھازىرمۇ دېھقانلار ھەر بازار كۈنى چوڭى ئاشلىق، مال- جاندار، كىچىكى، سەي- كۆكتات، تارىشا گۈگۈت، بىر- ئىككى كاللەك يىلىم قاتارلىق نەرسىلەرگىچە ئېلىپ كېلىپ سېتىشنى ياكى ئۆزلىرى ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشنى ئادەت قىلىشقان. بۇنداق بازار كۈنى ‹‹توخۇ سۈتىدىن باشقىسى تېپىلىدۇ›› . بۇ كۈن كىشىلەرنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي پائالىيەت كۈنى، مەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش كۈنى، ئۇرۇق- تۇغقان، ئەل- ئاغىنىلەرنىڭ ۋە ياش يىگىت- قىزلارنىڭ ئۇچرىشىدىغان كۈنىگە ئايلىنىپ قالغان. شۇنداق چوڭراق بازار بولىدىغان جايلارغا شەھەردىن سودىگەرلەرمۇ چىقىپ سودا قىلىشقا ئادەتلەنگەن. مۇنداق قاتارى يېزا بازىرى جەنۇبىي شىنجاڭدا ناھايىتى ئومۇملاشقان بولۇپ، 50- يىللارغىچە داۋاملاشقان. بىر مەزگىل مەۋجۇدلۇقتىن قېلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
بازار-ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى. ئۇنىڭ رولىنى مۇنداق تۆت چوڭ نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: 1) بازار ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان. تاۋار ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرگەن. 2) بازار ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەش رولىنى ئوينىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ خىل ئىگىلىكنى بىر گەۋدە قىلغان ئىقتىسادىي بازىسىغا ئاساس سالغان، ماددىي مەدەنىيەت بىلەن مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ماس قەدەمدە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 3) بازار ئىچكى بىرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىغان. مىللىي ئورتاق تىلنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. قاتناش- تىرانسىپورتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رولىنى ئوينىغان. ئاددىيسى ئۆلچەم بىرلىكلىرىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 4) بازار مىللىي مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەدەبىيات- سەنئەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان. مەدداھلىق، دارۋازلىق، سېرك، چاقپەلەك، سارغايدى قاتارلىق مىللىي ئەلنەغمە- تىياتىرلىرى ۋە خەلق ئويۇنلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلمىسى ۋە پسىخىكىسىنى شەكىللەندۈرۈشتە بازاردىن ئىبارەت بۇ سورۇن ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان.
ئۇيغۇر بازارلىرى ئۆزلىرىنىڭ كۆلىمى، ۋاقتى، تاۋار خىلى، جايلاشقان ئورنى قاتارلىقلار بويىچە ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن. مەسىلەن، قەشقەردەك بىرقەدەر چوڭ ھەم قەدىمىي مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى ئالساق، بۇنداق شەھەرلەردە قول ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا -تىجارەت بىرقەدەر گۈللەنگەن بولغاچقا، كۆپ خىل تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئالماشتۇرۇش ئەنئەنىسى بارلىققا كەلگەن. بازارلىرىنىڭ تۈرىمۇ كۆپ، قۇرۇلمىسىمۇ بىرقەدەر مۇرەككەپ. ئادەتتە ياغاچ- تاش، ئوتۇن- سامان، ئات- ئۇلاغ قاتارلىق يىرىك ھەم تىرىك مەھسۇلاتلار بازىرى شەھەر ئەتراپىغىراق جايلاشقاندىن باشقا، قالغان بازارلار شەھەرنىڭ ھەرقايسى ئاۋات كوچا- رەستىلىرىگە تارقاق جايلاشقان. ئۇلار ئادەتتە بازار بولىدىغان مال تۈرى بويىچە چاپان بازىرى، خام بازىرى، ياغ بازىرى، ئۇلاغ بازىرى، ئات بازىرى، قوناق بازىرى، تۇماق بازىرى، دوپپا بازىرى، ئاياق بازىرى، قاسقان بازىرى، گىلەم بازىرى، ئەتلەس بازىرى، ئوتۇن بازىرى دېگەندەك نۇرغۇن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. بۇنداق بازارلارنىڭ بەزىلىرى ھازىر مەۋجۇدلۇقتىن قالغان بولسىمۇ، ئىلگىرى بازار بولغان كوچا- كويلارنىڭ نامى ھېلىھەم شۇنداق ئاتىلىپ كەلمەكتە. ئۇندىن باشقا، جايلاشقان ئورنى بويىچە ئوي بازار، چۇقۇ بازا، دۆڭ بازار، ھېيتگاھ بازىرى، ئوردا ئالدى بازىرى دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ. دېمەك، ئەينى ۋاقىتتا، بۇنداق قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ ئۆزىنى ئەنە شۇنداق ھەر خىل بازارلار ۋە بازارغا مۇناسىۋەتلىك ئۆي-ئىمارەت، قۇرۇلۇش- ئەسلىھە، بوتكا- دۇكان، غالتەك ۋە سايىۋەنلەر دۆۋىسىدىن تەركىپ تاپقان دېيىشكىمۇ بولىدۇ. كېيىنكى يىللاردا باشقۇرۇش ۋە قۇلايلىق بولۇش كۆزدە تۇتۇلۇپ، ھەرقايسى شەھەر، ناھىيە ۋە چوڭراق يېزىلاردىكى بازارلار بىر يەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئومۇملاشقان چوڭ بازارلار مەيدانغا كەلدى. مەسىلەن، قەشقەردىكى تۈمەن بويىغا جايلاشقان ‹‹يېڭى بازار››، خوتەندىكى ‹‹ئوي بازار››، ئۈرۈمچىدىكى ‹‹دۆڭ كۆۋرۈك بازىرى››، ‹‹خەلقئارا چوڭ بازار››غا ئوخشاش. بۇنداق ئومۇملاشقان بازارلارمۇ قۇرۇلما جەھەتتىن گەزمال بازىرى، ئاياق بازىرى، گىلەم بازىرى، چەرچىن ماللار بازىرى، يىمىش بازىرى دېگەندەك بۆلەكلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز تۈرى ۋە رېتى بويىچە جايلاشقان.
ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى بازارلىرىنىڭ مۇھىم تۈرلىرىدىن بىرى ‹‹چار بازار››دۇر.‹‹چار بازار››-- يېزا- قىشلاقلاردا ھەپتىنىڭ ھەرقايسى كۈنلىرى نۆۋەت بىلەن بولىدىغان، كۆلىمى شەھەر ۋە ناھىيە بازارلىرىدىن كىچىكرەك بولغان، سودىگەر ۋە ماللارمۇ كۆپىنچە شەھەر ۋە ناھىيە بازارلىرىدىن كېلىدىغان يەنى سەييارە تىجارەتچىلەرنى ئاساس قىلىدىغان بازارلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق بازارلاردا ئايلىنىپ يۈرۈپ تىجارەت قىلغۇچىلار ‹‹چار بازارچى›› دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئۇلاغ ياكى باشقا قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ياردىمىدە، ھەرقايسى بازارلاردا سەييارە تىجارەت قىلىدۇ. بۇنداق ‹‹چار بازار››لار ئادەتتە بازار بولىدىغان كۈننىڭ نامى بىلەن يەكشەنبە بازار، دۈشەنبە بازار، سەيشەنبە بازار، چارشەنبە بازار ، پەيشەنبە بازار، شەنبە بازار دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە بۇنداق بازار ناملىرى شۇ يۇرت ياكى يېزا- قىشلاقلارنىڭ يەر نامى سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىنىدىغان ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدۇ.
شەھەرلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدا بازارنىڭ رولى چوڭ. بولۇپمۇ، شەھەر- بازارلاردا بولىدىغان چاسا، سەينا، كارۋان ساراي ،دەڭ، ساماۋارخانا، مۇنچا، ھاممام، سەرراپخانا دېگەنگە ئوخشاش مۇلازىمەت خاراكتېرلىك بىر قاتار ئاممىۋى ئەسلىھەلەر ئەسلىدىنلا سودا- تىجارەت ۋە سەييارە سودىگەرلەر تەبىقىسىنىڭ، شۇنداقلا يېقىن- يىراقتىن كەلگەن بازار ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك ئېھتىياجىنى قامداش زۆرۈرىيىتى بىلەن بارلىققا كەلگەن. ئۇلارنىڭ فۇنكسىيىسى ۋە تەرەققىياتىمۇ بازار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
ئۇيغۇرلار كۆپ خىل ئىگىلىك شەكىللىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن مىللەت. ئۇلار كۆچمەن چارۋىچىلىقنى ئاساسلىق ئىگىلىك شەكلى قىلىشتىن قالغاندىن كېيىنمۇ، دېھقانچىلىققا بىرلەشتۈرۈپ باقمىچىلىق، بورداقچىلىق، باغۋەنچىلىك، مېۋە- چىۋىلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودا- تىجارەت بىلەن كەڭ شۇغۇللىنىپ كەلگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشىمىغان دەرىجىدە تاۋارلاشقان ئىشلەپچىقىرىش بولۇپ، بۇ خىل ئىگىلىك شەكىللىرىنىڭ تەرەققىياتى، جۈملىدىن كەسىپلىشىشى بازارنىڭ تەلىپى ۋە ئېھتىياجىدىن ئايرىلمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ناۋايلىق، ساماۋەرچىلىك، سامسىپەزلىك، مانتىپەزلىك، كاۋاپچىلىق قاتارلىقلاردىن تارتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تازىلىق، سالامەتلىك ۋە داۋالىنىشقا ئائىت ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلىرىدىن بولغان ساتىراشلىق، تېبابەتچىلىك، «سەكسەنخالتا» قاتارلىقلارغىچە بىۋاسىتە بازارغا يۈزلەنگەن كەسىپلەر بولۇپ، ئۇلار ئەنە شۇ بازارنى مۇھىم سەھنە ياكى ئاساسىي سورۇن قىلىپ راۋاجلانغان. بازار بولمىغان شارائىتتا بۇنداق كەسىپ تۈرلىرىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
بازار ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر پۈتۈن تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر تەرەپ. بازاردىن مۇستەسنا ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىش ئالاھىدىلىكىنى تولۇق شەرھلەپ بەرگىلى، ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تەرەققىياتىنى جۈملىدىن ئىقتىسادىي ھاياتىنى سۈرەتلەپ بەرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا بازار ۋە بازار ئېڭى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى، ئۇيغۇر خاراكتېرىنى چۈشىنىشنىڭ مۇھىم ئاچقۇچى.
ئۇيغۇرلار ئاللىبۇرۇن بازاردىن ئىبارەت بۇ مەدەنىيەت ھادىسىسىنىڭ زور ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي فۇنكسىيىسىنى ئىستىخىيىلىك ھالدا تونۇپ يەتكەن ۋە ئۇنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كەلگەن. بازار ئېڭىنى ‹‹ئاناڭ بازار، داداڭ بازار›› دېگەن بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلىغان. بۇ گەپنى ئوبدان تەھلىل قىلساق، ئۇنىڭدىن ھازىرقى ۋاقىتتىكى ئىقتىسادىي قانۇنىيەت، بازار مېخانىزمى، بازار ئارقىلىق تەڭشەش، قىسقىسى بازار ئىگىلىكى دېگەن ئۇقۇملارنىڭ مەنىسى چىقىپ تۇرىدۇ. ‹‹كاجنى بازار ئوڭشايدۇ›› دىن ئىقتىسادىي رىقابەتنىڭ كۈچى ۋە رولىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.
سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بازار ئېڭى ۋە بازار مەدەنىيىتىنى كەڭ جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. ‹‹بازار ئىگىلىكى ›› دېگەن ئەسلى ئۇيغۇرلارغا يېڭى نەرسە ئەمەس، پەقەت نەزەرىيەلەشمىگەن ياكى ھازىرقى زامان ئۇقۇمى ۋە فورمىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەن، خالاس. شۇڭا ئۇنى ھازىرقى زامان بازار ئېڭى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش، يېڭى ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇملار بويىچە قېلىپلاشتۇرۇش مىللىي ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، جۈملىدىن ئۇنى ھازىرقى زامان بازارلىرىغا يۈزلەندۈرۈشتە، ئىلغار مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
بازار ساياھەتچىلىكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ قەشقەر، تۇرپان، يەركەن، كوچا، خوتەن قاتارلىق قەدىمىي مەدەنىيەت مەركەزلىرىدە گۈللىنىشكە باشلىغان مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ- ئادەت ساياھەتچىلىكنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىۋاتقان شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە، چەت ئەللىك ۋە ئىچكىرى رايونلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە نىسبەتەن ئەڭ قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقىنى دەل ئۆزگىچە بازار مەنزىرىسىنى كۆرۈش ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇيۇملارنى سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت بولماقتا. مەسىلەن، قەشقەردىكى ‹‹يېڭى بازار›› (يەنى ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا سودا بازىرى)نى ئالساق، ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بۇ بازارغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى نەچچە ئون مىڭدىن ئاشىدۇ. مەخسۇس شۇنداق ساياھەتچىلەر ئۈچۈن مال ساتىدىغان تىجارەتچىلەر، شۇنداقلا مەخسۇس شۇلار ئۈچۈن سېتىلىدىغان ئېسىل بۇيۇملار مەزكۇر بازارنىڭ ئەڭ مەركىزىدىن، ئەڭ كۆرۈنەرلىك جايىدىن ئورۇن ئالغان. چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭدىكى ناھىيە بازارلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلارغا قىلغان ساياھىتىدىمۇ ئاساسلىق قىلىپ كۆرىدىغىنى يەنىلا ‹‹چاھار بازار››لاردىن ئىبارەت.
No comments:
Post a Comment