2009-05-02

باشقىلارنى كەسكىن رەت قىلىمەن

ئەمەلىيەتتە ھەربىركۈننىڭ ئۆتۈشى مەن ئۈچۈن ماتەم..
گەرچە بۇ دۇنيا كۈچلۈك رىقابەتكە،نۇرغۇنلىغان ساختىپەزلىكلەرگە تولغان بولسىمۇ،مەن يەنىلا باشقىلارنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ گەپ قىلىمەن،چۈنكى كۆز قەلىب ئەينىكى،كۆز ھەربىر ئىنساننىڭ يۈرىكىگە تۇتاشقان،ئۇنىڭدىن نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ،ھەتتا بىر ئادەمنىڭ نىمىنى ئويلاۋاتقانلىقىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ.
ئادەمدە شۇنداق بىر ساپا بولۇشى كېرەك،يەنى ھودۇقمايدىغان،تەمكىن بولغان بىر خىل روھىي ھالەت،بۇنى يىتىلدۈرۈش ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن تەس.بۇنداق ساپانى يىتىلدۈرگەن ئادەملەر ئىنتايىن قورقماس كىلىدۇ،بىر نەرسىدىن ئەنسىرەپ كەتمەيدۇ.ۋاقتى كەلگەندە ئۆزى ياقتۇرمىغان ئىشقا قارشى تۇرالايدۇ،غەزەپ نەپرىتىنى ئىپادىيەلەيدۇ.
دۇنيادا مۇھەببەت بولمىسا نەپرەتمۇ بولمايدۇ. شۇڭا ۋاقتى كەلگەندە ئورۇنسىز تەكلىپلەرنى رەت قىلىش زۆرۈر،قارشى تەرەپنىڭ دىلى ئازار يىسىمۇ مەيلى،مىنىڭچە بۇ ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل..چۈنكى مۇشۇنداق بولغاندا ئۆزىڭىز ئازاپلانمايسىز،باشقىلارمۇ ئازاپنى تىزلا ئۇنتۇپ كىتىدۇ.

No comments: