(1) ئويغۇرلاردا ۋاپات بولغۇچى ئىنتايىن ھۆرمەتكە ئىگە . شۇڭا ، ۋاپا ت بولغۇچى ئەر بولسا « مەرھۇم » ، ئايال بولسا « مەرھۇمە » دېگەندەك سۆزلەر ئىشلىتىلدۇ . ۋاپات بولغۇچىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇنىڭ تاۋۇتى قەبرىستانلىققا قەدەر كۆتۈرۈپ بېرىلىدۇ . ۋاپات بولغۇچىنىڭ بىۋاستە تۇغقانلىرى قارلىق تۇتىدۇ، ئەرلەر بېلىگە ئاق باغلايدۇ ، ئاياللار بېشىغا ئاق ياغلىق سالىدۇ . تاۋۇت ئۇزۇتىلغانغا قەدەر ئارلىقتا ئۆلۈم پەتىسىگە كەلگەن ئاياللارغىمۇ ئاق ياغلىق سېلىپ قۇيىدۇ. ۋاپات بولغۇچنىڭ« يەتتە نەزىرى» بېرىلمۈگىچە بىۋاستە ئەر تۇغقانلار بېلىدىكى ئاقنى يەشمەيدۇ ، ساقال بۇرتىنى ئالمايدۇ. بىۋاستە ئايال تۇغقانلار ۋاپات بولغۇچىنىڭ قىرقى بولمىغۇچە ( بەزىدە يىلىغىچە ) بېشىدىكى ئاقنى ئالمايدۇ ، قىزىل كىيم كىيمەيدۇ،« قىرقى نەزىرى» دە ياكى «يىل نەزىرى» دە ياشانغان بىرەر ئايال تەسەللى سۆزلەرنى قىلىپ ئاق سالغۇچىلارنىڭ بېشىدىكى ئاقنى ئېلىۋىتىپ ، باشقا ياغلىق سېلىپ قۇيىدۇ . بۇ « قارىسنى ئۇشتۇش » دەپ ئاتىلدۇ . ھازىدار ئائىلدە ، ئويۇن – كۈلكە ۋە باشقا تاماشا ئىشلىرى زادى بولمايدۇ ، ھەتتا قولۇم – قوشنىلارمۇ ئۆز ئۆيىدە ، كۆڭۈل ئاچىدىغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارمايدۇ. ۋاپات بولغۇچىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇرۇق – تۇغقانلار ئىچىدە تەييار بولۇپ قالغان توي كېچىكتۈرۈلىدۇ ، توينى قىلمىسا بولمايدىغان ئەھۋال بولسا ھازىدار ئائىلىنىڭ رازىلىقىنى ئالىدۇ .
(2) ۋاپات بولغۇچى ئۈچۈن بېرىلىدىغان « ئۈچ نەزىر » ،«يەتە نەزىر»، « قىرقى نەزىر » ،« يىل نەزىر » ، دېگەندەك نەزىرلەر قۇمبارلىقلاردا ئۇمۇملاشقان.
(3) مىيىت يۇيۇلۇپ كېپەنگە ئېلىنىپ بولغاندىن كېىين ۋاپات بولغۇچىنىڭ بالا – چاقىلىرى ، يېقىن ئۇرۇغ – تۇغقانلىرى ، مىيىت بىلەن ۋىدالىشىدۇ . ۋاپات بولغۇچى ئەر بولسا ئۇنىڭ ئايالى ، ئەگەر ئايال بولسا ، ئۇنىڭ ئېرى مىيىت بىلەن ۋىدالاشمايدۇ . سەۋەبى جان چىققاندىن كېيىن ئەر ئايالغا ، ئايال ئەرگە يات بۇلۇپ كېتىدۇ –دە ، بىر بىرىنى كۆرۈش«نامەھرەم»بولىدۇ، دەيدىغان قاراش ئۇيغۇرلاردا ناھايتى كۈچلۈك .
(4) ئېرى ئۆلگەن ئايال ياكى ئايالى ئۆلگەن ئەر ۋاپات بولغۇچىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ ، ئۆلگۈچىنىڭ يىلى بولمىغىچە ئەرگە تەگمەيدۇ ياكى ئۆيلەنمەيدۇ . ( ئايرىم ئەھۋاللار بۇنىڭدىن مۇستەسنا ) . ئەگەر بۇنىڭغا راىئيە قىلماي ئەرگە تەگسە ياكى خوتۇن ئالسا ، پەرزەنىتلىرى نارازى بولىدۇ ، جامائەت تەگەيدۇ.
(5) جىنازا نامازلىرى مەسچىتتە ئوقۇلىدۇ . ناماز چۈشۈرلۈپ بولغاندىن كېيىن ناماز چۈشۈرگۈچىگە ناماز ھەققى ، نامازغا قاتناشقان غېرىپ – غۇرۋالارغا « ئىسقات» بېرىلىدۇ . ئىسقات ئالغۇچىلار ۋاپات بولغۇچى ئۈچۈن خالىسانە ناماز ئوقۇپ قۇيدۇ ، ناماز چۈشۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن ، تاۋۇتنى كۆتۈرۈپ قەبرىستانلىققا قاراپ يول ئېلىنىدۇ . نامازغا قاتناشقۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىككى قەبرىستانلىققا بارىدۇ . جەسسەت گۆرگە قۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ، جامائەت ئۇدۇل ھازىدار ئائىلىسىگە پەتىگە كېلىپ ، قۇرئان-تىلاۋەت قىلىپ قايتىدۇ. ئەتىسى بامدات نامازدىن قايىتقان جامائەت يەنە پەتىگە كىرىپ ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىدۇ . جىنازىدىكى مىيىتنىڭ ئەر ياكى ئايال ئىكەنىلىكىنى تاۋۇتقا يېپىلغان يوپۇقتىن بىلگۈلى بولىدۇ. ئايالنىڭ تاۋۇتىغا گۈللۈك ئېسىل رەخىتلەردىن يوپۇق يېپىلىدۇ . ئەر بولسا ئاق ياكى قارا سىدام رەخىتتىن قىلىنغان يۇپۇق يېپىلىدۇ .
(6) قەبرە ئۈچۈن قۇرۇق يەر تاللىنىدۇ . ئۆتمۈشتەھەربىر ئائىلە جەمەتىنىڭ ئۆز ئالدىغا قەربرىستانلىقى بولاتتى . چەتتىن كېلىپ قالغانلار ۋاپات بولسا « مۇساپىرلار قەبرىستانلىقى » دەپ ئاتىلىدىغان ئومۇمىي قەبرىستانلىققا كۆمۈلەتتى . قەبرە ئىگىلىرى قەبرىنى يوقلىغىلى چىقسا قەبرىنىڭ توپىىسىنى يۆلەپ ئېگزلىتىپ قويىدۇھەم ئۇچار قۇشلار يېسۇن دەپ دان چېچىپ قويىدۇ. بەزىلەر ، قەبرىسىنىڭ توپسىنى ، شامال ئۇچۇرۇپ تۇرسا ياخشى ، دەپ قارسىا ، بەزىلەر بۇنىڭ ئەكسىنچە ، قەبرىنىڭ توپىسى ئۇچۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن گۈمبەز ياساپ قۇيىدۇ . قەبرىنىڭ باش تەرىپىگە قەبرە تېشى ئورنىتىپ ، ئۇنىڭغا ۋاپات بولغۇچنىڭ قىسقىچەتەرجىمھالى يېزىپ قۇيۇلىدۇ. بەزىلەر قەبرىنى تۈمۈر ياكى ياغاچ رىشاتكا ئىچىگە ئېلىپ قۇيلىدۇ. بەزىلەر قەبرە ئەتىراپىغا كۆچەت تىكىپ ، گۈل – گىياھ تېرىپ ئۆستۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ .
(7) بەزىلەر جەسسەتنى ئىلاج بار يول ئۈستىدىكى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىدۇ . ئۇلار ، يولدىن ئۆتكۈچىلەر قەبرىستاندىكىلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىپ قويىدۇ ، دىگەننى ئۈمۈت قىلىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن مۇندق قوشاق پەيدا بولغان ۋە ساقلانغان:
مەن ئۆلەرمەن ، مەن ئۆلەرمەن
يولدا قويماڭلار مېنى.
يولدا قويساڭلار قويۇڭلار،
چۆلدە قويماڭلار مېنى .
(8) ۋاپات بولغۇچى بېرىلگەن نەزىر تۈگىگەندىن كېيىن ئائىلە جەمەتى قەبرىستانغا بېرىپ قەبرىنى يوقلاش ، شۇنداقلا ھەر- بىر روزا ھېيىت، ۋە قۇربان ھېيىتلاردا نامازدىن كېيىن قەبرىستانغا بېرىپ قەبرىنى يوقلاش ئادىتى ھازىر مۇ داۋام قىلماقتا.
(9) ئۇيغۇرلاردا « ئاتا- ئانامىنىڭ ئايىغىدا ياتىمەن » دىگەن ئارزۇ كۈچلۈك بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ياققا يۇرۇتلاردا ۋاپات بولغۇچىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ، ئۇنىڭ جەسستى يۇرتىغا ئىلىپ بېرىپ دەپنە قىلىندىغان ئەھۋاللار ياكى جان ئۈزۈشتىن ئىلگىرى ئۆز يۇرتىغا ئەكىتىدىغان ئەھۋاللار ھازىرمۇ بار .
(10) بەزى ياشانغان ئادەملەر بالا – جاقىلىرىنى ئالدىرىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن ، ھايات ۋاقتىدىلا ئۆلۈملۈكنى ھازىرلاپ قۇيىدۇ ، يەرلىكىنى چاپتۇرۇپ تەييارلاپ قويدۇ .
(11) ئائىلە چوڭلىرىدن بىرى ( مەيلى ئاتا ياكى ئانا ) ئاغرىپ قېلىپ ساقايمىسا ، كېسەلنىڭ تەلىپى بويىچە شۇئائىلىدە تەييار بولۇپ قالغان توينى قىلىۋىتىدۇ . ئەگەر بۇنۇڭغا ئۈلگۈرمەي كېسەل ۋاپات بۇلۇپ كەتسە ، جەسسەتنى دەبنە قىلماي تۇرۇپ نىكاھنى ئوقۇتۇپ قۇيۇپ، ئاندىن جەسسەتنى ئۇزۇتىدۇ . بۇئاتا- ئانىنىڭ ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشقا قانچىلىك ئەھميەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
(12) ھازىدار ئائىلە ھازا بىلەن بۇلۇپ كېىتىپ ئۆز ئائىلىسدە تاماق يېيىش ئىمكانىيتى بولمايدۇ . ئۇرۇق – تۇغققان ، قۇلۇم – قوشنا ۋە ئەل – ئاغىينىلەر ئائىلىسى بىرەر ھەپتە ھەتتا بىرەر ئايغىچە تاماق ئەكىلىپ تۇرىدۇ . كەلگەن تاۋاققا ھازىدارلار ۋە باشقىلار ئېغىز تېگىدۇ .
(13) ئۇيغۇرلاردا ئىگە چاقىسىز يېتىم – يېسىرلار ، مۇساپىرلار ئۆلۈپ قالسا ، بۇنى«خالس ئۆلۈم» دەپ ، يۇرت مەھەللە بىرلىكتە نامىزىنى چۈشۈرۈپ بارلىق رەسمىيەتلىرىنى جامائەت خالىسانە ياردەم قىلىپ دەپنە قىلىدىغان ئادەت بار . بۇنداق خالىس ئۈلۈمنى ساۋاپلىق ئىش دەپ ھېسابلايدۇ .
No comments:
Post a Comment