ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخقا، گۈزەل ئەخلاققا، ئىلغار مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىختا شانلىق مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى قالدۇرغان ھەمدە مۇكەممەل ئائىلە مۇناسىۋىتى ۋە ياخشى خوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل ئىجتىمائىيىتىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئەگەر بىز تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى كۈزىتىدىغان بولساق، مىللىتىمىزنىڭ دۇنيادا بىرى - بىرىگە ئەڭ مېھرىبان، ئەڭ كۆيۈملۈك، ئەڭ ۋاپادار، ئەڭ ئىجىل-ئىناق مىللەت ئىكەنلىگىنى، قىرىنداشلىق، ئۇرۇق - تۇققانچىلىق، خوشنىدارچىلىقنىڭ بىزدە ھەقىقى قىممىتى ۋە مەنىسى بىلەن ئىپادىلەنگەنلىگىنى چوڭقۇر ھىس قىلالايمىز.
تۆۋەندە بىز بۇ ئىككى تېما ئۈستىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا توختىلىپ ئۆتىمىز.
«ئۇرۇق-تۇققانچىلىق»
ئائىلە دېگىنىمىز-نىكاھ مۇناسىۋىتىدىن شەكىللەنگەن ئورتاق گەۋدىنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ ئورتاق گەۋدە ئىچىدىكى ئەزالارنىڭ مۇناسىۋىتى قىرىنداشلىق مۇناسىۋەت ( ئۇرۇق – تۇققانچىلىق مۇناسىۋەت ) دېيىلىدۇ.
ئۇرۇق-تۇققان دېگەندە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان قېرىنداشلار، قانداشلىق مۇناسىۋىتى بىر قەدەر يىقىن بولغان تۇققانلار ۋە نىكاھلىنىش ئارقىلىق قۇدا-باجا بولغان كىشلەر تورىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئجتىمائى تارىخىدا قىرىنداشلىق مۇناسىۋەت ئائىلە مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئاساسى ئامىل بولغاچقا، ئائىلە مۇناسىۋىتى كۆپلىگەن مۇرەككەپ ھادىسىلەرنى كونتىرول قىلىپ تۇرىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئورنى ۋە دەرىجىسىدە كۆرۈلىدىغان روشەن پەرقلەردىن ئىبارەت.
خۇددى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش، ئۇيغۇرلارمۇ ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىل فېئوداللىق ھاكىمىيەت كونتىروللىقىدا ياشىغاچقا، ئۇلارنىڭ ئائىلىۋى ئادەتلىرىدە ئاتىلىق قانداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەسىرى قويۇق ئەكىس ئېتىلگەن، يەنى ئائىلە باشلىقلىقى ئەرگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى ۋە ھوقوقى چوڭ بولغان، قالغان ئائىلە ئەزالىرى ئەنە شۇ ئائىلە باشلىقىنىڭ ھۆكۈمىگە مۇتلەق بويسۇنۇش شەرت قىلىنغان. بۇ ھال ئائىلىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىش تەقسىماتى، ۋارىسلىق ھوقوقى، ئائىلىنىڭ جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقوقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەكىس ئەتكەن. مەسىلەن: ئۇيغۇرلاردا بىر ئائىلىىگە نىسبەتەن بارلىق ئىقتىسادى ئېلىم-بېرىم ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش، ئائىلىنىڭ پۈتۈن ئىقتىسادىي ئىشلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقوقى ئائىلە باشلىقى بولغان ئەرگە خاس بولۇپ، باشقا ئائىلە ئەزالىرى ئۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئەگەر ئائىلە باشلىقى دەپ ئىتراپ قىلىنغان ئەر ئۆلۈپ كەتكەن بولسا ياكى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن سىرىتقا چىقىپ كېتىپ، ئۇزاق مەزگىل قايتىپ كىلەلمىگەن بولسا، ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى جامائەتنىڭ كېپىللىكى ۋە گۇۋاھلىقى ئاستىدا شۇ ئائىلىنىڭ چوڭ ئوغلى (ئەگەر شۇ ئائىلىدە ئوغۇل بالا بولمىسا، ئائىلە باشلىقىنىڭ ئايالى) ۋاكالىتەن بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.
ئائىلە ئىقتىسادى مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلىش جەھەتتە ئۇيغۇرلار ئومۇمەن ئىسلام شەرىئىتىدە بەلگىلەنگەن مىراس ئايرىش بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلغان، يەنى ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدىكى ئەر بىر ئوق، ئايال يېرىم ئوق نىسبىتى بويىچە مىراس ئايرىلغان. شۇ ئۆينىڭ بىر قىسىم پارچە مۈلۈكلىرى، دېھقانچىلىق سايمانلىرى، قاچا-قۇچا، قازان-قۇمۇچ، ئۆي جابدۇقلىرى مىراسنىڭ سىرتىدا بولۇپ،ئۇ نەرسىلەر شۇ ئائىلىنىڭ چىرىغىنى يورۇتقان ئوغۇلدا قالدۇرۇلىدۇ. ناۋادا ئاتا-ئانا ھاياتلىقىدا بېقىۋالغان نەۋرە-چەۋرىلەر ۋە باشقىلار بولسا، ئۇلار مۇشۇ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە قېرىنداش بىر تۇققانلارغا ئوخشاش ئائىلە مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئوغۇل بالا چوڭ بولۇپ ئۆي ئوچاقلىق بولغاندىن كىيىن دەرھال ئۆي ئايرىمايدۇ. ئۆي ئايرىپ قويۇشقا توغراكەلگەندە، ئاتا ئانىسى ھايات بولسىلا ،ئۇنىڭ ئىقتىسادى كىرىمى- چىقىمى ۋە ھاياتلىق مەنبەسى چوڭ ئائىلگە باغلانغان بولىدۇ. ئاتا- ئانىسى ھايات تۇرۇپ مىراس تەلەپ قىلش جامائەتچىلىك ئىچىدە قاتتق ئەيىب ھىسابلىنىدۇ..بالىلار چوڭ بولۇپ ئۆي ئايرىغاندا كىچىىك ئوغۇل (كەنجى ئوغۇل) ئاتا ئانىسغا ھەمرا بولۇپ، شۇ ئائىلىنىڭ چىرىغىنى يورۇتىدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن كۆپلىگەن ئۇيغۇر چۆچەكلىرى ۋە داستانلىرىدا كەنجى ئوغۇلنى باتۇر ۋە دانىشمەن سۇپىتىدە ئۇلۇغلاش ئەنئەنىسى ئالغا سۈرۈلگەن.
ئۇيغۇر جەمىئىيىتى بۇرۇنراق فىئودالىزىمغا كۆچكەنلىكى ئۇچۇن، ئۇلارنىڭ ئائىلە قۇرۇلمىسىدا ئۇرۇقچىلىق ۋە قەبىلچىلىك ھاياتىنىڭ تەسىرلىرى كۆرۇنەرلىك ئەمەس، شۇ سەۋەبتىن ئەۋلاد- ئەجدادلارنىڭ نامىنى ۋە ئۇلا ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىشىنى پەرقلەندۈرىغان ئاتالغۇلارمۇ كۆرۇنەررلىك ئەمەس. يەنە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەر ۋە ئايال تەرەپ تۇغقانلىرىنىڭ نامى بەزى مىللەتلەردىكىدەك مەخسۇس ئاتالغۇ بىلەن ئەمەس، بەلكى «چوڭ»، «كىچىك» دېگەنگە ئوخشاش سۇپەتلەرنى قوشۇش ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈلگەن .
لېكىن ئاتا بوۋىلىرىمىز ناھايتى ئۇزاق ئۆتمۇشتىكى ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمىئىيىتىدىلا ئۇرۇق- جەمەتلىرىنى، بوي - بويانلىرىنى ئايرىم - ئايرىم ناملار بىلەن ئاتاپ پەرقلەندۇرگەن، قەدىمكى ۋەسقە ۋە ئابىدىلەردىكى ئۇرۇق تۇغقان ناملىرى ۋە خەلق ئارىسدا كەڭرەك ئىستىمال قىلىدىغان تۇغقانچىلق ناملىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلاردىكى «ئاتا جەمەت » (ئاتا بويان) «ئانا جەمەت» (ئانا بويان) نىڭ «يەتتە ئەجداد» ۋە «يەتتە ئەۋلاد » بويىچە تەرتىپلەنگەن خاس ناملىرىنى مۇنداق قىلپلاشتۇرۇش مۇمكىن .
1.ئاتا جەمەت (ئاتا بويان): 2. ئانا جەمەت (ئانا بويان)
ئەجداد ئەۋلاد ئەجداد ئەۋلاد
يەتتىنچى ئەجداد ئاتا – ئاغۇن يەتتىنچى ئەۋلاد – كۈكۈ نەۋرە يەتتنچى ئەجداد ئانا – ئۆگە موما يەتتىنچى ئەۋلاد – كۈكۈ نەۋرە
ئالتىنچى ئەجداد ئاتا – تاڭ بابا ئالتىنچى ئەۋلاد – پەينەۋرە ئالتىنچى ئەجداد ئانا – ئەجۈم موما ئالتىنچى ئەۋلاد- پەينەۋرە
بەشىنچى ئەجداد ئاتا – ئەجۈم بابا بەشىنچى ئەۋلاد –ئەۋرە بەشىنچى ئەجداد ئانا – بوي موما بەشىنچى ئەۋلاد – ئەۋرە
تۆتىنچى ئەجداد – بابا تۆتىچى ئەۋلاد- چەۋرە تۆتىنچى ئەجداد ئانا ـ ئۇلۇغ موما تۆتىچى ئەۋلاد – چەۋرە
ئۇچىنچى ئەجداد ئاتا – بوۋا ئۇچىنچى ئەۋلاد – نەۋرە ئۇچىنچى ئەجداد ئانا – موما ئۇچىنىچى ئەۋلاد – نەۋرە
ئىككىنچى ئەجداد ئاتا – دادا ئككىنچى ئەۋلاد – بالا ئىككىنچى ئەجداد - ئانا ئىككىنچى ئەۋلاد- بالا
بىرىنچى ئەجداد- مەن بىرىنچى ئەۋلاد – مەن بىرىنچى ئەجداد- مەن بىرىنچى ئەۋلاد – مەن
ئۇيغۇرلار ئۇرۇق - تۇغقانچىلىقنى قەدىرلەپ كەلگەن بولۇپ، ئۆز - ئارا بىر - بىرىنى ھۆرمەتلىشىدۇ. ھىيىت - ئايەملەردە ۋە بوش ۋاقىتلىرىدا يوقلىشىپ تۇغقانچىلىقنىڭ ھالقىسىنى چىڭىتىپ تۇرىدۇ. ياخشى تاماق ئەتكەن ۋاقىتلىرىدا بىر - بىرىنى ئۆيلىرىگە چاقىرىشىدۇ. بىرەرى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا تۇغقانلارنىڭ ئىچىدىكى سۆزى ئۆتكۈررەك، تۇغقانلار ئىچىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بىرەرسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەمدە بولۇشىدۇ.
«قوشنىدارچلىق»
ئۇيغۇرلار مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەندىن بىرى، ھازىرغىچە نۇرغۇن شانلىق تارىخى باسقۇچلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مەيلى جاھالەتلىك يىللاردا بولسۇن ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى. قوشنىدارچىلىق منا مۇشۇ ئەنئەنە تەربىيىسىنىڭ بىر قىسمى. شۇنداقلا، تۇرمۇشىمىزغا خېلى چوڭقۇر سېڭىپ كىرگەن ئۇيغۇرلار مەنۋىيىتىنىڭ سەمەرىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئەنئەنىنىڭ يېلتىزى بىر قەدەر چوڭقۇر بولغاچقا ئۇنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتكەنلىرىمۇ، ئەكىس تەسىر پەيدا قىلغانلىرىمۇ بولىدۇ. شۇڭا ئەنئەنىنىڭ ھەممىسىنى «ئەجدادلار ئۇدۇمى»، «كونىلىق»، «دەۋىرگە ماس كەلمەيدۇ» دەپ چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ. ئۇنى تەتقىق قىلىش، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ساقلاپ قىلىشقا تىگىشلىك بولغانلىرىنى ساقلاپ قىلىشىمىز، چىقىرىۋېتىشكە تېگىشلىك بولغانلىرىنى شاللاپ چىقىرىۋېتىشىمىز كېرەك.
ئۇيغۇرلاردا قوشنىدارچىلىق جەھەتتە ئوبدان ئەنئەنە ساقلانغان .
(1) قوشنىلار بىر- بىرى بىلەن ناھايتى ئىناق ئۆتۇشىدۇ، بىر- بىرىنىڭ خۇشاللىقى ۋە قايغۇ ھەسىرىتگە ئورتاقلىشىدۇ، خەيرلىك ئىشلاردا بىر-بىرىگە مەسلىھەت، پىكىر-تەكلىپ بىرىشىپ، خۇشاللىق نىسىۋىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىدۇ. بىر - بىرىنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدۇ، بولۇپمۇ توي - تۇكۈن، ئۆلۇم - يىتىم بولغاندا، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىللىرىدە بۇ ئالاھىدىلىك گەۋدىلىك كۆرۇنىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇلار قوشنىلىرىنىڭ ئىغىر- يىنىك ئىشلىرىغا ئوبدان ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تەرەققى قىلىش ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. شۇڭا بىزدە «يىراقتىكى تۇغقاندىن، يىقىندىكى قوشنا ياخشى» دېگەن ماقال كېلپ چىققان.
(2) قوشنىلار ئەتىگەن - ئاخشاملىرى «بارمۇ سەن، يوقمۇ سەن» دىيىشىپ، بىر- بىرىدىن ھال ئەھۋال سورىشىپ تۇرىدۇ . ئادەتتىكى كۇنلەردە كىرىش - چىقىش قىلىپ تۇرىدۇ. مەنىۋى جەھەتتىن بىر-بىرىدىكى مېھرى - مۇھەببەتنى كۈچەيتىپ، قوشنىدارچىلىق ھلقىسىنى چېڭىتىپ تۇرىدۇ. بۇ كىشلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قۇيۇقلاشتۇرىدۇ.
(3) قوشنىلار ئۆز ئارا كەم - كۈتە نەرسىلەرنى بىر - بىرىدىن ئۆتنە - يىرىم قىلىشىدۇ. مەيلى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بولسۇن، مەيلى پۇل-پىچەك بولسۇن ۋە ياكى تەكلىپ-تەدبىرلەر بولسۇن ئامال بولسىلا بىر-بىرىنى نائۈمىد قويمايدۇ. ئامال بولمىسا ناھايتى چىرايلىق ئۆزرە ئىيتىپ كەچۈرۈم سورايدۇ ياكى تەسەللى بېرىدۇ. بۇ ئارقىلىق كوللىكتىۋىزىملىق ئاڭ مۇستەھكەملىنىدۇ.
(4) قوشنىلار ئۆز ئارا بىر - بىرىگە تاماق سۇنىشىدۇ. قوشنىلاردىن بىرى ئوبدان تاماق قىلغان كۇنى شۇ تاماقتىن قوشنىسىغا كىرگۇزۈش ئۇزۇندىن بىرى داۋام قىلىپ كەلگەن ياخشى ئەنئەنىمىز. تاماق كىرگۇزۈلگەن قاچا قاچان قايتىشىدىن قەتئينەزەر، ھەرگىز قۇرۇق قايتمايدۇ. ھەتتا قوشنىسىنىڭ ھۆرمىتىنى دەپ ئاشۇرۇپ قايتۇرۇپ بېرىدۇ. مانا بۇ ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن قوشنىدارچىلىق ئنئەنىمىزدىكى ئېسىل ئادەت بولۇپ، بۇ ھەقتە « قۇتادغۇ بىلىك » دە ــ
4581 يىقىن قوشناڭ ساڭا بەرسە زىياپەت،
ۋە يا تەڭرىلىك دوست گەر قىلسا دەۋەت.
4582 ئۇلارغا بېرىپ سەن، سەن ئالغىن كۆڭۈل،
سۆيۈندۈر ئۇلارنى، سۆيۈن ئەر ئوغۇل.
4583 ئەگەر خاس زىياپەت ئاتاركەن ساڭا،
يەپ ئاشنى خۇشال قىل، بېرىپ سەن ئاڭا.
دېيىلگەن①.
(5) يىڭى قوشنىلار كۆچۇپ كەلسە كونا قوشنىلار ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ، ئۆيلىرىگە چاقىرىپ كۈتۈۋالىدۇ. شۇنىڭدەك قوشنىلاردىن بىرەرى كۆچۇپ كەتسە، قىپقالغان قوشنىلار چاي قىلپ ئۇزىتپ قويىدۇ، كۆچۇپ كەتكەن ۋە قىپقالغان قوشنىلار بىر ـ بىرىنى دائىم ئىزدىشىپ تۇرىدۇ.
(6) قوشنىلارنىڭ بىرەرىنىڭ ئۆيىدە ماتەم - مۇسبەت بولغان بولسا، باشقا قوشنىلار ئۆز ئۆيىدە كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرى، ھەتتا ۋاقتى بىكىتىلىپ بولۇنغان توي-مەرىكىلەرنىمۇ ئۆتكۈزمەيدۇ . ئەتتىگەن-ئاخشاملىرى ئۆيلىرىدە ياخشى تاماقلارنى ئىتىپ ئەكىرىپ تەسەللى ئىيتىدۇ. يېراق-يېقىنلارغا قاتراپ ئېغىرچىلىقلىرىنى كۆتۈرىدۇ. ۋاپات بولغان كىشىنىڭ مەلۇم نەرسىلىرىنى قوشنىلىرىغا يادىكار سۈپىتىدە بېرىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ.
(7) توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىدا پائالىيەت قىلغان جايلار كەڭرەك بولۇشى كېرەك بولغاچقا، قوشنىلار ئۆيلىرىنى، ئۆي سەرەمجانلىرىنى بىر-بىرىگە مېھمان ئۇزىتىشقا بېرىدۇ ھەمدە پائالىيەت تۈگىگىچە سورۇندىن ئايرىلماي، ئۇلارغا ياردەملىشىدۇ. پائالىيەت تۈگىگەندىن كېيىن ئۆي ئىگىسىنىڭ رەھمەت، ھەشقاللىسىنى ئېلىپ ئۆز ئىشلىرىغا تۇتۇش قىلىدۇ.
(8) قوشنىلارنىڭ بىرەرىنىڭ يىراق ياقا - يۇرۇتلاردىن يىقىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرى كەلسە، باشقا قوشنىلار قوشنىسىنىڭ ھەم كەلگەن مىھماننىڭ ئىززىتىنى قىلىپ ئۆز ئۆيلىرىگە چاقىرىۋالىدۇ .
(9) قوشنىلاردىن بىرەرى يىراق - يىقىن بىر ياققا كىتىپ قالغاندا، قوشنىلار ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن، بالا- ۋاقىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىپ قويىدۇ، ئۆز باللىرىنى ئۇلارغا ھەمراھ قىلغۇزۇپ، ئۆيىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىپ بېرىدۇ. بۇ قوشنىدارچىلىقتا كەم بولمايدىغان ياخشى خىسلەت بولۇپ، بىر ياققا كەتكەن قوشنىلارمۇ ئانچە ئەنسىرەپ كەتمەيدۇ. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن سوۋغا-سالاملار ئېلىپ قايتىپ، ئۆز رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ ئاۋارە قىلىپ قويغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ.
(10) قوشنىلار بىر - بىرىنىڭ كەينىدىن غەيۋەت - شىكايەت قىلمايدۇ، بۇنداق قىلشنى نۇمۇس دەپ بىلىدۇ. ئاياللىرى ئىجىل-ئىناق ئۆتكەننىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە ھېيىت-بايرام كۈنلىرى دوست-دۈشمەن ئالدىدا دەپ بىر جۈپ كىيىم كېيىشىدىغان، چاچ، زىننەت بويۇملىرىنى ئوخشاش ياسىتىشىدىغان ئىشلار بولىدۇ. بىراۋ ئۆز قوشنىلىرىنىڭ يامان گېپىنى قىلسا ياكى شۇنداق سورۇنغا داخىل بولۇپ قالسا دەرھال چۈشەنچە بېرىپ، ئالدىنى ئالىدۇ. تۈگەنجىنى يېشىپ، ئۆز قوشنىسىنىڭ ئىناۋەت-ئابرويىنى تالا-تۈزدىمۇ قوغدايدۇ.
(11) يېتىم ئوغۇل، تۇل خوتۇن قوشنىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزلىرى ئاتا-ئانا تەرەپتە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ياخشى سۈپەتلىرىنى قىلىپ ئۆيلەپ قويۇشىدۇ. ئۇلارنىڭ پەرزەنىتلىرىنىمۇ ئۆز پەرزەنىتلىرىدەك كۆرىدۇ. خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام: « مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرىدە ھەققى بار »② دېگەندەك ئۆزىنى ئۇلار ئالدىدا شۇ جەھەتتىكى قەرزىنى ئادا قىلدىم دەپ قارايدۇ.
(12) قوشنىلار پەرزەنىتلىرىنى خۇددى بىر ئائىلىنىڭ بالىلىرىدەك ئىناق ئۆتۇشكە دالالەت قىلىدۇ. باللىرى ئازارلىشىپ قالسا بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى جىدەل-ماجرالارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆز-ئارا يول قويۇشىدۇ. بىر-بىرىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ باللىرىنىڭ ختالىقى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايدۇ. ئۇلارنى ئەپلەشتۈرۈپ قويۇشىدۇ.
(13) قوشنىلار ئىناقلىققا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىر-بىرىنىڭ ئۆيلىرى ئالدىغا ياكى ماڭىدىغان يوللىرىغا لازا ئۇرۇقى چۈشۈپ كەتكەن سۇلارنى، كېر يۇيغان يۈندىلەرنى تۆكۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدۇ. ئەگەر ئۇقۇشماسلىق بولۇپ، ئالىمادىس شۇنداق ئەھۋاللارنى باشقىلار قەستەن ئىناقسىزلىق ئۇرۇقى سېلىش مەقسىدىدە قىلغان بولسا بۇ ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ:«مۇسۇلمانلارنى ئۈچ كۈنگىچە بىر-بىرىگە گەپ-سۆز قىلماي يۈرۈشى توغرا ئەمەس»③ دېگەن ھەدىسىگە ئاساسەن، بالدۇر كىرىپ ئارىدىكى نىزانى ئاۋۋال ھەل قىلىپ، ساۋاب تىپىش مەقسىدىدە ئاكتىپ بولۇپ، ئۆزرىخالىق سورىشىپ ئارىدىكى ئاداۋەتنى يۇيۇشىدۇ.
(14) بىر قىسىم قوشنىلار پاسىل تاملىرىنىڭ باغ-ۋاران قىسمىدىن ئىشىك ياكى يوچۇق قويۇپ، ئۆز-ئارا كىرىپ چىقىشتا سەي-كۆكتات، مىۋە-چىۋىلىرىدىن تەڭ بەھرىمان بولۇشتا بىر-بىرىگە قولايلىق يارىتىپ، قوشنىلىرىنىمۇ ئۆز ئەمگىگىنىڭ مىۋىسىدىن بەھرىمان قىلىشىدۇ. بىر قىسىم دېھقانچىلىق قۇراللىرىنى تەڭ ئىشلىتىدۇ. توخۇ-كەپتەرلىرىنىڭ قوشنىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ئۆگىنىپ قالغانلىرىنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلمايدۇ. ئۆي ئىگىلىرى شۇ توخۇ-كەپتەرنىڭ چۆجىسى ياكى باچكىسىنى توخۇ-كەپتەر ھېساۋىدا ئېلىپ چىقىپ بېرىدۇ. چاھارپايلارنى بىقىشتا بىر كۈن بىرسى، يەنە بىر كۈن بىرسى بىقىش ئارقىلىق ئەمگەك كۈچىنى تىجەپ، ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
مانا بۇ يۇقارقى گۈزەل ئەدەپ-ئەخلاقلار قوشنىدارچىلىقتىكى ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىز بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئەجدادلىرىمىز ئۆگىنىشكە، كېڭەيتىشكە خاس نەمۇنىلارنى خۇلاسىلىگەن.
«ئۇرۇق-تۇققانچىلىق ۋە خوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر»
گەرچە بىز يۇقاردا ئىيىتقاندەك مىللىتىمىزنىڭ ئۇرۇق-تۇققانچىلىق ۋە قوشنىدارچىلىق جھەتتە شۇنداق ياخشى ئەنئەنىلىرى تارىختىن بۇيان ئۆزىگە خاس مىللى ئالاھىدىلىك بولۇپ ساقلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، شۇنى ئىتراپ قىلماي بولمايدۇكى، 20-ئەسىردىكى تۈرلۈك ئۆزگىرىش، ماددى تەرەققىياتتىكى مسلىسىزلىك جەمئىيىتىمىز كىشلىرى ئوتتۇرىسىدىكى «تويۇنمىغان ئىقتىسادى مۇناسىۋەت» لىرى ئىچىدە، ئەنئەنىلىرىمىز باراقسانلاپ تۇرغان مىۋىلىك دەرەخ بولماستىن، بەلكى قۇرۇشقا يۈزلەنگەن تەكلىماكان توغراقلىرىغا ئوخشاپ قالدى. (مەن بۇئارقىلىق تۇرغۇنلۇقنى تەشەببۇس قىلماقچى ئەمەس)
ئەسلىدە ئەنئەنىلىرىمىز ھەرگىزمۇ تەرەققىياتقا پوتلىكاشاڭ ئەمەس. لىكىن گەپ ئۆز-ئۆزىمىزنى قەدىرلەش، ئۆز-ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش ۋە ۋرسىلىق قىلىش ئىڭىمىزنىڭ تۆۋەن بولۇشىدا؛ ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەي ھەممىسىنىلا يېڭىلىق دەپ قوبۇل قىلىشىمىزدا؛ مىللى مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىيات مەسىلىسىگە بولغان تونۇشىمىزنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدا؛
مەن ھازىرقى كۈنسىرى سۇسلىشىۋاتقان ئۇرۇق-تۇققانچىلىق ۋە قوشنىدارچىلىقناسىۋىتىنى تۆۋەندىكى سەۋەبلەرگە باغلاپ باقتىم.
1- ئېغىر ئىقتىسادى بىسىم- بۇ ئاساسلىقى ئۇرۇق-تۇققانچىلىقتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتا.
بازار ئىگىلىگى ئىلىپ كەلگەن ئىقتىساد كەلكۈنى ئەسلىدىنلا ئىقتىسادى ئاساسى ئاجىز بولغان خەلقىمىزنى تەمتىرىتىپ قويدى. ھەمدە نۇرغۇن تەرەپلەردە ھەقىقى كۈچىنى كۆرسىتىپ، ئۇرۇق-تۇققانچىلىق ۋە قوشنىدارچىلىق مناسىۋىتىمىزگە مۇئەييەن سەلبى تەسىرلەرنى ئىلىپ كەلدى.
بىرىنچىدىن، ئۇرۇق - تۇققانلار، قۇلۇم - قوشنىلار ئارا بىر-بىرىگە ئىقتىسادى ياردەم قىلىش، ئۆزىدىن ئېشىنغان ماددى بويۇملارنى ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى بىرىۋىتىش، ياردەم قىلىش ئىشلىرى ئۈزۈلۈپ قالدى. « موللامغا مەيسە ياخشى، ھەركىمگە بەرسە ياخشى » دېگەندەك بەرمەسلىك ۋە بىرەلمەسلىك سەۋەبىدىن ياتلاشقىلىۋاتقان، باردى - كەلدىسى سۇسلىشىۋاتقان ئۇرۇق - تۇققانلار ئەتراپىمىزدا ئۇچراپ تۇرىدۇ. بىر قىسىم قول ئىلىكىدە بار بولغان، ياكى ھوقوقى بار بولغان يېراق تۇققانلىرىنى ئىزدەيدىغان، كەمبەغەلرەك، ئاددى - ساددا يىقىن تۇققانلىرىنىمۇ ئىزدەشكە ۋاقتى چىقمايدىغان « مەنپەئەت تۇققانلىرى »، « سايە تۇققانلىرى » نىڭ كىلىپ چىقىشىمۇ ئىقتىساد بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئىككىنچىدىن، مال - دۇنيانىڭ مېھرى قىرىنداشلىق مېھرىدىن يۇقىرى تۇرىدىغان، پۇل - مال ئالدىدا ئار - نۇمۇسنى، مېھرى - ۋاپانى ئۇنتۇيدىغان، تېخى ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆزى يۇمۇلماي تۇرۇپ، مىراس داۋاسى قىلىدىغان، ئاتا - ئانىسىنى ۋەجنى ئۈلەشتۈرۈپ بىرىشكە قىستايدىغان، بىر تۇققان بىرى - بىرىگە تىغ كۆتۈرۈپ ئۆمۈرلۈك لەنەتكە قالىدىغان، ئەل - جامائەت ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن پاتىھەگە كىرسە داۋا سورايدىغان ئىشلارمۇ كۆزىمىزگە چىلىقىپ تۇرىۋاتىدۇ. بۇمىللىتىمىزنىڭ ئۇرۇق-تۇققان، قىرىنداشلىق مۇناسىۋىتىدىكى ئىسل ئادەتلرىگە نوقسان يەتكۈزۈۋاتىدۇ. مەسىلەن: يازغۇچى سەمەت دۇگايلىنىڭ « يەتتە تىللا » ناملىق ھېكايىسى، خوتەندە ئىشلەنگەن « سىرلىق ساندۇق » ناملىق تېلېۋىزىيە ھېكايە فىلىمى ھازىرقى جەمئىيەتتىكى پۇل - مالنى مېھرى - ۋاپادىن، قىرىنداشلىقتىنمۇ يۇقىرى كۆرىدىغان، ھەمدە كۈنسايىن بىخلىنىۋاتقان ناچار خاھىشلارنىڭ يارقىن نامايەندىسى بولالايدۇ.
2- جىددى تۇرمۇش، خىزمەت ھەلەكچىلىكى ئۇرۇق-تۇققانلار ۋە قوشنىلار ئوتتۇرىسىدىكى نورمال باردى-كەلدى ئالاقىسىنى ئازايتىپ قويدى. تىرىكچىلىك غىمى بىلەن دىمىنى ئالالمايۋاتقان قوۋم-قىرىنداشلار ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى يوقلاپ، ھال-مۇڭ ئىيىتىشالمىدى. قايانغىلا قارىساڭ ئالدىراش كىتىۋاتقان كىشلەر، ياكى چىرايىدىن ھارغىنلىق چىقىپ تۇرىدىغان، بىر ئۆمۈر ئىشلەپمۇ پىنسىيەگە چىقمايدىغان، ئىشى تۈگەپ ئۆتمەيدىغان دېھقان-چارۋىچىلار، باھالاش، تەكشۈرۈشنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي چارچاپ كەتكەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىر كۈنلۈك تىرىكچىلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،ئۆيىگە كىلىپلا ئالدىراشلىق ئىچىدە قورساقنىڭ غىمىگە چۈشۈپ كىتىدۇ. قورساقنى تويدۇرۇپلا ھاردۇق كۆتۈرۈپ باسىدۇ-دە، بىردەم بولسىمۇ دۇنيانىڭ ۋاراڭ-چۇڭىدىن ئۆزىنى چەتكە ئىلىپ، ئارامخۇدا ئولتۇرۇشنى خالايدۇ. بۇ خىل كەيپىياتمۇ قىزغىنلىققا تولغان ئۇرۇق-تۇققانچىلىق ۋە خوشنىدارچىلىققا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىندۇ.
3- تۇرالغۇ جايدىكى ئۆزگىرىش ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىمۇ ئۇرۇق-تۇققانچىلىق ۋە قوشنىدارچىلىقنى سۇسلاشتۇرۇۋاتقان ئاساسى ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالدى. قەدىمدىن ھازىرغىچە شەھەرلەر شۇ رايۇننىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەدەنىيەت تارقىتىش رولىنى ئۆتەپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ، لىكىن «ساقلاپ قىلىش رولى» نى يېزا-قىشلاقلىرىمىزنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ قويغان.
بىرىنچىدىن، نۆۋەتتىكى تۇرالغۇ جاينىڭ قىسلىقى ۋە شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى نەتىجىسىدە بىنا ئۆيلەر بەس-بەستە سېلىنىپ، ئەتتىگەن-ئاخشام سالاملاشمايدىغان، ئەمما بىر پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشىدىغان ئۇدۇل قوشنىلار ۋە ئاستى-ئۈستى قوشنىلار بارلىققا كەلدى. بۇلار ئاساسلىقى خىزمەتچىلەر، ياكى تىجارەتچىلەر بولۇپ، ئۆي بۇلار ئۈچۈن مېھمانساراي ياكى قونالغۇغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇلار ئەتراپتىكى ئاممىۋى مۇھىتتىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، تۆمۈر ئىشىك كىشلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىنسانى مۇھەببەت، دوستانە مۇناسىۋەتنى توسۇپ قويغان. ئادەتتە ئىچىدە ئادەم بار-يوقلۇقىنى بىلگىلى بولمايدىغان تۆمۈر ئىشىكنىڭ ئىچى بىر سىرلىق ماكانغا ئايلىنىپ،ئادەتتە تاماق سۇنۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ھىيىت پەتىلىرىمۇ قازا بولۇپ كىتىپ، ئەجدادلىرىمىزدىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ئەنئەنە مەۋجۇتلۇقى ئاجىزلىشىپ كەتتى.
ئىككىنچىدىن، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم يىتىم ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈش بىنار ئۆيلەرگە نىسبەتەن قولايسىز بولغاچقا، قوشنىلار ئارا بىر-بىرىنىڭ ئىشلىرىغا ياردەم بىرىش، ئۆي-سەرەمجانلىرىنى بىرىپ تۇرۇش ئىشلىرى بولمىغاچقا، قوشنىلار ھەمكارلىقى ئاجىزلاشتى. قوشنىلار بىر يەرگە بارسا ئۆيلىرىنى ئىشىكلىرىگە ئامانەت بىرىپ كەتمەكتە. قوشنىلارنىڭ يېراق-يىقىندىن مېھمانلىرى كەلسە بىر خىل ۋەھىمە ئىلكىدە چىقىمدىن، ئاۋارىچىلىقتىن قىچىپ رىستۇران، مەيخانىلاردا ئۇزاتماقتا. كونىلاردىكى « ئۆي تۇتتۇم مېھمان ئۈچۈن » دېگەن ھىكمەتلەر ئۇنتۇلماقتا.
ئۈچىنچىدىن، بۇرۇندىن تارتىپ كەڭرى، ئازادە، ئايۋانلىق، باغۇ-بوستانلىق ھويلىلاردا ئەركىن - ئازادە، پاكىزە تۇپراققا دەسسەپ ياشاپ ئۆتكەن كىشلەر بىنار ئۆيلەرگە كۆنەلمىدى. ئۇرۇق - تۇققانلار يوقلاپ كەلسە گىلەم سىلىنغان، ھەشەمەتلىك بىزەلگەن مېھمانخانىلارغا دەسسەشتىنمۇ ئەيمىنىپ، ئولتۇرسىمۇ خۇددى قوقاستا ئولتۇرغاندەك ئۆزىنى ئەركىن، ئازادە تۇتالمايدىغان، ھاجەتلىرى قىستىسا خاتىرجەم ھاجەت قىلالماي، ھەتتا داستىخانغا ئىلىپ كەلگەن نازۇ - نىمەتلەرنىمۇ خاتىرجەم يىيەلمەي بىنا ئۆيلەرگە بىرىشتىن ئۆزىچىلا قورۇنىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋايى مۇئەللەققە چىقىپ - چۈشۈشمۇ بىر ئاۋارىچىلىق بولۇپ، بۇمۇ تۇققانچىلىققا، ئۆز - ئارا باردى - كەلدىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان بىر تەرەپ بولۇپ قالدى.
تۆتىنچىدىن، تۈرلۈك توي - تۆكۈنلەر رىستۇرانلاردا ئۆتكۈزۈلگەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھىيىت - ئايەملەردىكى ئىزدىشىشلەرگىمۇ كۆز تەگكەنلىكتىن، ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئوخشاش بىنا، ئوخشاش ئىشىك، ئوخشاش قەۋەتلەردىن تاپالماي، پەرق ئىتەلمەي ئىشىك تۈۋىدىن نا ئۈمىد يانىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.
بەشىنچىدىن، يېزىلاردىكى قوشنىدارچىلىق مناسىۋەتلىرىدىمۇ بەلگىلىك ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئەمگەك دائىرىسى كېڭىيىپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇرەككەپلەشتى. دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى قوشنىلار ھەمكارلىقىنى ئەمەس، بەلكى ئۆلچەملىك زامانىۋى ئەمگەك قۇراللىرى ھەمكارلىقىنى ئاساس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن قوشنىدارچىلىقتىكى ھەمكارلىق، ئۆز - ئارا ياردەم بىرىش سۇسلاشتى.
4- ئائىلە نەسەبنامىسى تۇرغۇزۇش خەلقىمىز ئارىسىدا تېخى غۇلغۇلا قوزغىغۇدەك، دىققەتنى تارىتقۇدەك تېما بولۇپ شەكىللەنمىدى. نەسەبنامە تۇرغۇزۇلمىغاچقا تۇققانلىقىنى بىلىدىغان، ئەمما، قانداق تۇققان بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان، كىچىكلەر چوڭلاردىن قالغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ تۇققانلىرىنى بىلمەي ئىزدەشمەي، ئۇزۇن ۋاقىت مۇشۇنداق ئىزدەشمەسلىك سەۋەبىدىن يىقىن تۇققانلارمۇ ياتلىشىپ كىتىۋاتقان ئەھۋاللار بار. ئەتراپىمىزدىكى خىلى - خىلى ئۆزىنى مەن چاغلايدىغان زىيالىيلارمۇ ئۆزىنىڭ 5- ئەجدادىغىچە سانىيالمايدۇ. باللىرىغا سۆزلەپ بەرمەيدۇ. بۇمۇ تۇققانچىلىققا تەسىر يەتكۈزىۋاتقان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. تۇققانلارنى ئىزدەش، يوقلاش ھازىر ياشانغانلارنىڭ ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى. ياشلار خۇددى قىرىمايدىغاندەك، بىر ئۆمۈر تۇققانلارغا، باشقىلارغا ھاجىتى چۈشمەيدىغاندەك، جاھاندىن يەككە - يىگانە زاھىتتەك ئۆتۈش يولىنى تاللىۋالغاندەك كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى.
دېمەك، كۈنسىرى تېزلىشىۋاتقان تەرەققىيات سۈرئىتى، جىددى تۇرمۇش رىتىمى، ئېغىر ئىقتىسادى بىسىم ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى بىللە ئەگەشتۈرۈپ كەلگەن ئېھتىياج، زۈرۈرىيەت تۈپەيلىدىن ئەنئەنىلىرىمىز مۇئەييەن سەلبى تەسىرلەرگە ئۇچراۋاتىدۇ. لىكىن بۇ ھەرگىزمۇ «بۇرۇنقىدىن ئەسەر قالمىدى، ئەمدى بۇنداق ئىسىل ئەنئەنە كەلمەسكە كەتتى» دېگەنلىك ئەمەس. ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ۋاقىت چىقرالمىغان، كىشلەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتكە دەز كەتكەن «سوغۇق شەھەر» دىن باشقا يېزا-قىشلاقلادا، كەڭ ئويغۇر كۆلبىلىرىدە بۇ ئىسىل ئەنئەنىلىرىمىز تېخى ئۆز كۈچىدىن قالغىنى يوق.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بىنالىق مەھەللىلەردىمۇ، ئادەتتىكى شەھەر مەھەللىرىدىمۇ، يېزىلاردىمۇ ئوخشاشلا ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتى بولىدۇ. نۆۋەتتە ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كەڭ تەشۋىق قىلىنىۋاتىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، ئاۋۋال ئائىلىدىن، قوشنىلار ئارا مۇناسىۋەتتىن پايدىلانغاندا پۈتكۈل جەمئىيەت ئىناق جەمئىيەتكە ئايلىنىدۇ.
ئەنئەنىلىرىمىزنى يوقىلىش گىردابىغا بىرىپ قالدى دەپ تاشلىۋىتىش بىئەقىللىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىز ئەمەلى ھەركىتىمىز بىلەن ئۇنى قوغدىشىمىز، جارى قىلدۇرۇشىمىز، ئاتا-ئانىلار پەرزەنىتلەرگە، چوڭلار كىچىكلەرگە، پىشقەدەملەر ياشلارغا، ئۇستازلار شاگىرىتلارغا ئۆگىتىشى، ۋارىسلىق قېلىشى لازىم.
مەھمۇت قەشقەرى بوۋىمىز «دىۋان» دا مۇنداق دېگەن: ـــ
«كزكلك اليماس كفج لك كريماس»
«يېپىنچلىق ھۆل بولماس، ئېغىز دۇرۇقلۇق چاپچىيالماس» يەنى، يېپىنچىسى بار ئادەم يامغۇردا ھۆل بولمايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ساقىلىنىپ قالىدۇ؛ ئېغىزدۇرۇق سېلىنغان ئات چاپچىيالمايدۇ ۋە شاشلىق قىلالمايدۇ. بۇ ماقال ئىشلار ئۈچۈن تەييارلىق بولۇشقا ئۈندەپ ئېيتىلغان④.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئىيىتقاندا، نۆۋەتتىكى ئۆزگىرىشچان ئىجتىمائى مۇھىتتا يۇسۇنلىرىمىزنى مۇناسىپ ئورۇن ۋە ھۆرمەتكە ئىگە قىلىش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىزدۇر. ئەقلىمىزنى تازا، كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، مىللىتىمىزنىڭ ئىسىل ئەنئەنىلىرىنى، قىممەتلىك مىراسلىرىنى قوغدىشىمىز، مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىمىز بىلەن بىللە بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم.
ئىزاھلار:
①« قۇتادغۇ بىلىك » . مىللەتلەر نەشىرىياتى 1984- يىل 5- ئاي 1- نەشىرى
②③« سەھھۇل بۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى » . 1981- يىل 10- ئاي بېيجىڭ نەشىرى 2-باسمىسى
④« تۈركى تىللار دىۋانى » . شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1983 -يىل 6- ئاي 1- نەشىرى.
پايدىلانغان ماتىرىياللار:
1- ئۇيغۇر خەلق ئىغىز ئەدەبىياتى قامۇسى (12-توم) ــــــ شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، مىللەتلەر نەشىرىياتى 2005- يىل 9- ئاي 1- نەشىرى.
2- ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان ــــــ ئابدۇكىرىم راخمان، شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى نەشىرىياتى 1989-يىل 7- ئاي نەشىرى.
3- ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى ــــــــ ئابدۇرىھىم ھەبىبۇللا، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1993-يىل 1- ئاي نەشىرى.
No comments:
Post a Comment