2009-03-26

ئۇيغۇرلاردا كۆك رەڭ قارىشى

كۆك رەڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي دىنىي ئېتىقادى بىلەن باغلانغان ھالدا ياخشىلىق ۋە ئامەتنىڭ شۇنداقلا ئىلاھىي تۈسىنىڭ سىموۋللۇق بېشارىتى سۈپىتىدە گەۋدىلەنگەن.
كۆك سۆزىنىڭ بىر نەچچە تۈرلۈك مەنىسى بار: مەسىلەن، كۆك - تەڭرى، ئاسمان، كۆك رەڭ، ئەسلى (كۆكۈڭ قايسى)، كۆكلە (ياشا، ياشارماق)، كۆك (كۆكتات، ئوت - چۆپ) قاتارلىقلار. بىزنىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇۋاتقىنىمىز، كۆك سۆزىنىڭ ئىككى خىل مەنىسى بولۇپ، بىرى، تەڭرى، يەنى خۇدا مەنىسى؛ يەنە بىرى، رەڭ پەرقىدىكى كۆك مەنىسى. تېخىمۇ كونكرېت ئېيتقاندا، كۆك رەڭنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېڭىدا مۇقەددەس رەڭ چۈشەنچىسىگە كۆتۈرۈلۈشى، ئۇنىڭ خەلق ئېڭىدىكى تەسىرى
قاتارلىقلار.

قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىدىسىدە كۆك رەڭنىڭ بۈيۈكلۈك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئىلاھىي قۇدرەتنىڭ سۈپىتى ياكى ئىسمى ئورنىدا قوللىنىلىشىنىڭ مەلۇم ئىجتىمائىي ئاساسى بار. ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قەدەر ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولغان ئىشلەپچىقىرىش ئادەتلىرى ئۈچۈن چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغانىدى. چارۋىچىلىق ھايات ئاساسەن يېشىللىقنى مەركەز قىلغان. يايلاقنى ماكان قىلاتتى. يايلاق مەدەنىيىتىدە يېشىللىق ھاياتىنىڭ ئاساسى، دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭغا بولغان ئىخلاسمەنلىك كۈچەيگەنىدى. بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى «تىلى قوشىقى » نى مىسال كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدا ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ يېشىللىققا باغلانغان ھاياتلىق پائالىيىتى ناھايىتى ئوبرازلىق ھالىدا بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا «ئوغۇزنامە» داستانىدا كۆك رەڭگە ئائىت بايانلار خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ.
ئوغۇرخاننىڭ ئۆڭ - چىرايىنىڭ كۆك بولۇشى، ئۇنىڭ تەڭرىگە سېغىنىۋاتقاندا ئەتراپ قاراڭغۇلىشىپ، ئاسماندىن بىر كۆك نۇرنىڭ چۈشۈشى، ئۇنىڭ ئىچىدىن كۆزلىرى كۆك، گۈزەل بىر قىزنىڭ پەيدا بولۇشى كۆك تۈكلۈك، كۆك يايلىلىق ئەركەك بۆرىنىڭ ئوغۇزخانغا يول باشلىشى... قاتارلىق بايانلار قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا كۆك رەڭنىڭ ئېتىقاد ئاساسى بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىنىڭ روشەن دەلىلىدۇر.
شامانىزم ئېتىقادى دەۋرىدە تەبىئەت ئىلاھىچىلىقنى مەركەز قىلغان ئاسمان، قۇياش، ئاي، يۇلتۇز، شامال، يامغۇر، چاقماق قاتارلىق ھادىساتلارنىڭ يۈزبېرىشىدە كۆك سۆزى تەڭرىگە تەققاسلىنىپ بۈيۈكلۈك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن.
ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن كۆك (ئىلاھ) چۈشەنچىسىدىن ئالەمنى بىنا قىلغۇچى «ئاللاھ» ئۇقۇمى پەيدا بولۇپ، ئۇ، كۆك تەڭرى چۈشەنچىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىدى. لېكىن كۆكنىڭ خەلق ئېڭىدىكى سىمۋوللۇق مەنىسى (ئېستېتىك مەنىسى) ئۆزگەرمىدى، بەلكى ئادەت سۈپىتىدە خەلق ئارىسىدا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. مەسىلەن، قايغۇ - ھەسرەتكە دۇچار بولغاندا كۆككە قاراپ ئىلتىجا قىلىش، يېشىللىقنى قەدىرلەش، تەبىئەتنىڭ تۇنجى مېۋىسى (كۆكى) گە بولغان ھېرىسمەنلىك، بېدە كۆكىدە كۆك چۆچۈرىسى ئېتىپ، ئۇرۇق - تۇغقان ياكى قولۇم - قوشنىلارغا يېڭىلىق تۇتۇش ئۇدۇمى، كۆك مەشرىپى قاتارلىقلار شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

No comments: