ئاتاقلىق ئۇيغۇر ناخشىچىسى، كومپوزىتور , رۇسىيە سەھنىسىدىكى تونۇلغان چولپانلارنىڭ بىر ھېسابلانغان مۇرات ناسىروفنىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئىككى يىلدىن ئاشتى. ئەلۋەتتە، بۇ ئىككى يىل ھەممىلا ئادەم ئۈچۈن ئۇنچە تېز ئۆتكىنى يوق، بەلكى مۇراتنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ئانىسى، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، دوستلىرى شۇنىڭدەك مىڭلىغان مۇخلىسلىرى ئۈچۈن بۇ ئىككى يىل بەلكى 20 يىلغا تەڭ بولۇشى مۇمكىن !مۇرات ناسىروف جىسمانىي جەھەتتىن ئارىمىزدىن كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ جاراڭلىق، سۈزۈك ۋە يارقىن ئاۋازى قۇلۇقىمىز تۈۋىدە ئۈزلۈكسىز ياڭرىماقتا، قەشقەر راۋابىنى چىڭ تۇتۇپ، جىددىي قىياپەتتە قاراپ تۇرغان سىماسى كۆز ئالدىمىزدا پارلاپ، ئۇ خۇددى ھاياتتەك، يەنە شۇ رۇسىيە ۋە باشقا ئەللەر سەھنىلىرىدە "گۇلايىم" ناخشىسىنى ئورۇنداپ، ھەر ئىرق ۋە ھەر خىل تىللارغا تەۋە ئىخلاسمەنلەرنى ئورۇنلىرىدىن تۇرغۇزۇپ، ئۇيغۇر ئاھاڭى بىلەن مەسخۇش قىلىپ، ئۇسۇلغا سېلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بەرمەكتە.
مۇرات ناسىروفنىڭ ھايات ۋاقتىدا ھەر قاچان ۋە ھەر يەردە دائىم جاكارلاپ تۇرغان " مەن ئۇيغۇر پەرزەنتى !"، "ئۇيغۇر ناخشىچىسى!،" " دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۇيغۇر !" دېگەن خىتابلىرى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆز مىللىتىنى تېخىمۇ سۆيۈشكە، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەر قانداق بۇلۇڭ-پۇشقىغىدىكى ئۇيغۇرسىز ماكاندا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ئۆز مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا ۋە "ئۇيغۇر" دېگەن مۇقەددەس نامدىن پەخىرلىنىپ، قەددىنى تىك تۇتۇپ ياشاشقا ئۈندىمەكتە !مۇرات ناسىروف ئارىمىزدىن كەتتى ! لېكىن، ئۇنىڭ مەنىۋى بايلىقلىرى ، ئۆز كىملىكىنى ئۇنۇتماسلىق ۋە سۆيۈش روھى ئەبەدىيلىك مىراس بولۇپ قالدى. ئەنە شۇ روھ سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، ئۇيغۇر خەلقى ئىككى يىلدىن بېرى ئۇنى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئەسلەپ كەلدى، ئۇنى سېغىندى، ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدى، ياۋروپا تۈزلەڭلىكىدىن تارتىپ تارىم ئويمانلىقىغىچە بولغان بىپايان جۇغراپىيىلىك بوشلۇقتىكى ھەر مىللەت ئىنسانلىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇرات ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرى، سېغىنىشلىرى ۋە تىلەكلىرىنى رۇس، ئۇكرائىن، مولدوۋان، ئىنگىلىز، ئۇيغۇر، قازاق، تۈرك، تاتار، ئۆزبېك، قىرغىز، خەنزۇ ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك تىللاردىكى تور بەتلەر، گېزىت-جۇرناللار، رادىئو دولقۇنلىرى ھەم تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئارقىلىق ئىزچىل ئىپادىلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا .
مۇراتنىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا ئىككى يىل توشقان بۇ كۈنلەردە مۇراتنى ئەسلەش ۋە ئۇنى سېغىنىش پەقەت ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ھەم يېقىنلىرى بىلەنلا چەكلەنگىنى يوق دەپ كەسكىن ئېيتىشقا ھەقلىقمەن! . ئەلۋەتتە، ياۋروپا ئاسىيانىڭ بىر بۇرجىكىگە جايلاشقان ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مۇرات ناسىروفنىڭ نامىنى بىرەر ئورۇن ، كوچا ۋە ياكى مەكتەپكە قويۇپ، ئەبەدىيلەشتۈرۈش ئارزۇلىرى تېخىچە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئارزۇلىرى تولۇق ئەمەلگە ئاشمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار مەزكۇر ئىككى يىل جەريانىدا مۇراتقا بېغىشلىغان كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى قىلدى. بولۇپمۇ، ئۇلار ئۆزلىكىدىن مۇرات ناسىروف نامىدا مۇكاپات تەسىس قىلىپ، ئالمۇتادىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرىدا ياش ناخشىچى ۋە مۇزىكانتلار ئارىسىدىن تالانت ئىگىلىرىنى تاللاش ۋە تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلغان ناخشا-مۇزىكا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەنلەرگە مەزكۇر مۇكاپاتنى تارقىتىش، ئالمۇتا شەھىرىدىكى مۇراتنىڭ قەبرىسىگە مۇراتنىڭ مىس ھەيكىلىنى ئورنىتىش ھەمدە 100 مىڭ دوللار ئەتراپىدا پۇل توپلاپ، مۇراتقا بېغىشلىغان خەلقئارالىق خاراكتېردىكى كونسېرت ۋە باشقا پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشۇتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك ۋە كۆپ مەزمۇندىكى پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سۆيۈملۈك ۋە پەخىرلىك پەرزەنتلىرىگە ئىگە چىقالايدىغان ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلدى.
مۇرات ۋاپات بولغانلىقىغا ئىككى يىل توشقان بۇ كۈنلەردە رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى قايتىدىن مۇرات ناسىروف ھەققىدىكى ماقالە ۋە ئەسلىمىلەرنى كۆپلەپ ئېلان قىلدى. مۇرات ناسىروف يەنە بىر قېتىم مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى.
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى دۇنيانىڭ ئەڭ مەشھۇر چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى ھېسابلانغان موسكاۋادىكى داڭلىق ناخشا چولپانلىرى، سەنئەت ۋە مەدەنىيەت ئەربابلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، مۇراتنى چىن يۈرىكىدىن ئەسلەپ، ئۇنى خاتىرىلىدى ھەتتا ئۇيغۇرچە ناخشا ئورۇنداش ئارقىلىق مۇرات ناسىروف ۋە ئۇنىڭ ئۆز مىللىتىنى قەدىرلەش روھىغا ئاپىرىن ئوقۇدى.
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى، جۈملىدىن داڭلىق مەتبۇئاتلاردىن «يېڭى خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇرات ناسىروفنى خاتىرىلەش كېچىلىكى موسكۋا شەھىرىدىكى « موسكۋا خەلقئارا مۇزىكا ئۆيى» دەپ ئاتالغان ئورۇننىڭ تىياتىر زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتكە رۇسىيىنىڭ ئاتاقلىق سىياسىيونلىرىدىن بىرى، پارلامېنت ئەزاسى ، رۇسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سابىق رىياسەتچىسى شۇنىڭدەك مۇرات ناسىروفنىڭ يېقىن دوستى ، بۇرىيات مىللىتىدىن بولغان ئالېكساندرا بۇراتايېۋا رىياسەتچىلىك قىلغان.
رۇسىيىنىڭ «نېۋسمۇسىك.رۇ» تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۇر كېچىلىككە مۇرات ناسىروفنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى، كەسىپداشلىرى ھەمدە ئۇنىڭ بىر قىسىم مۇخلىسلىرى قاتناشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بۈگۈنكى رۇسىيە ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا كەڭ تونۇشلۇق چولپانلاردىن ئالىيونا ئاپىنا، مارىنا خلېبنوكوۋا، پاۋېل پاسكال، نىكولاي تۇرباچ شۇنىڭدەك موسكۋا ياشايدىغان دانىيىلىك ناخشىچى توماس نوۋاگرىن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە ئون چولپان بار ئىد، ئۇلار مۇرات ناسىروفنىڭ "سەن دېمەك مەن" ، " تامبوفقا باماقچى بولغان بالا" ، "مېنىڭ تارىخىم" قاتارلىق ئونلىغان ناخشىلىرىنى ئورۇندىدى، بۇلاردىن باشقا يەنە تونۇلغان گۇرۇپپىلاردىن "دوكتور ۋاتسون"، " ئا-ستۇدىيا" قاتارلىقلارنىڭ چولپانلىرىمۇ مۇراتقا بېغىشلىغان ۋە ياكى ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ئورۇنداپ، ناخشا كېچىلىكىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.
مەزكۇر خاتىرە كېچىلىكىدە باشتىن ئاخىرى مۇرات ناسىروفنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ئېكران ئارقىلىق تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، رىياسەتچى بۇراتايېۋا خانىم بىلەن پاسكال مۇرات ناسىروفنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ ئىجادىي ھاياتىغا يۇقىرى باھا بەردى .
ئەڭ ئەھمىيەتلىك نۇقتا شۇكى، مەزكۇر ناخشا كېچىلىكىدە مۇرات ناسىروفنىڭ ھايات ۋاقتىدا «قالدىم يالغۇز» ناملىق تۇنجى ۋە ئاخىرقى ئۇيغۇرچە ناخشا توپلىمىنى نەشىر قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باي سەنئىتىنى رۇسىيىلىكلەرگە بىلدۈرگەنلىكى ۋە ئۇنى ئۆز خەلقىغە ئەبەدىيلىك سوۋغا قىلغانلىقى تىلغا ئېلىندى. ئەلۋەتتە، مۇرات ئەينى ۋاقىتتا مەزكۇر توپلامنى تارقاتقاندا ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ۋە سەنئەت بازىرىدىكى ئەربابلار ھەيرانلىق ھېس قىلىشقان بولۇپ، رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە كۆپ ئىنكاسلار پەيدا بولغان .
ۇسىيىلىكلەرنى ھەيران قالدۇرغان نۇقتا مۇراتنىڭ مەزكۇر ئۇيغۇرچە ناخشا توپلىمىنى كۆپ ئىقتىساد سەرپ قىلىپ نەشىر قىلغان بىلەن موسكۋا سەنئەت بازىرىدا سودا قىممىتى يارىتالمايدىغانلىقىدەك قىيىنچىلىقنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، مەزكۇر قەدەمنى بېسىشى بولۇپ، رۇسلار پەقەت مۇرات ۋاپات بولغاندىن كېيىنلا بۇنىڭ ئەسلىدىن مۇراتنىڭ ماددىي مەنپەئەت ۋە پايدا كۆزلەش ئەمەس بەلكى، ئۆز خەلقىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش روھى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى.
موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇرات ناسىروفغا بېغىشلانغان مەزكۇر كېچىلىكتە ئەنە شۇ روھتىن تەسىرلەنگەن رۇس چولپانلىرىدىن ۋىكتورىيا موروزوۋا بىلەن ئۇنىڭ ئېرى يەنى ناخشىچى ئانتون ماكارسكىي بىرلىكتە مۇرات ناسىروفنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئېيتىپ مىراس قالدۇرغان ، ئەمما تېخى ھازىرغىچە تېخى ئېلان قىلىنمىغان " سېنى سۆيىمەن " ناملىق ناخشىسىنى ئۇيغۇر تىلىدا ئورۇندىغاندا ھەممە ھاياجان بىلەن چاۋاك چېلىشقان.
شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، مۇرات ھايات ۋاقتىدا سەھنىلەردە دائىم ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتىشنى ئادەت قىلغان بولۇپ، ئايالى ناتالىياغا بىر قىسىم ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ئۆگىتىپ، ئۇنى سەھنىدە ئۆزىگە جۈر بولۇشقا ئادەتلەندۈرگەن، ھەتتا ئۇ ئالمۇتا سەھنىسىدە ‘قالدىم يالغۇز" ناخشىسىنى ئېيتقاندىمۇ، ناتالىيا ئۇنىڭغا جۈر بولغان شۇنىڭدەك 2004 –يىلى 4-ئايدا مۇرات بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكىنىمدە ئۆزىنىڭ ئىجادىيەتلىرى ھەققىدە توختالغاندىمۇ، ئايالىنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. بۇ كونسېرتقا يەنە قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ناخشا چولپىنى دىلناز ئەخمەدىيېۋامۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ مۇرات ناسىروفنىڭ بىر قانچە ئۇيغۇرچە ناخشىلىرىنى ئېيتقان.
مۇرات ناسىروف دىلناز خانىم ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك ۋە ھۆرمەتلىك شەخس بولۇپ، دىلناز بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق تېلېفون سۆھبىتىمدە ئۇ ئۆزىنىڭ مۇراتنى ئەڭ يۈكسەك ئورۇندا كۆرىدىغانلىقى ۋە مۇراتنىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ ئۆزىنى موسكۋا سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىپ، قازاقىستاندىن ھالقىغان ۋە پۈتۈن رۇسىيە ھەم مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا تونۇلغان ناخشا چولپىنى قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكى ۋە بۇ يولدا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. دېمىسىمۇ، بۇ ئىككى چولپاننىڭ ھەمكارلىقى بىر مەزگىل داۋاملاشقان بولسىمۇ، بىراق ئۇزۇنغا بارمىدى. ئەمما، دىلناز مۇراتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىجادىيىتى " رومېيو-جۇلىتا" ناملىق ناخشىسىنى ئېيتىش شەرىپىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇ مەزكۇر ناخشىغا ئەڭ ياخشى كۆرۈنۈشلەرنى كىرىشتۈرۈپ، ئېكرانغا ئېلىپ چىقتى. ئەسلىدە مۇرات ھايات ۋاقتىدا بۇ گۈزەل ناخشىنى موسكۋادىكى داڭلىق تاتار چولپان ئالسۇنىڭ ئورۇندىشىنى ئارزۇ قىلغان ئىكەن، بىراق ئاخىرىدا ئۇيغۇر چولپىنى دىلنازغا ئېيتىش نېسىپ بولغان.
موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن كونسېرتنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن ئارتىستلار سەھنىگە چىقىپ ، ھەممە بىرلىكتە مۇرات ناسىروفنىڭ " سەن بۇ مەن" ناملىق ناخشىسىنى خور قىلىپ ئېيتىپ، ئۇنىڭغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتى ۋە مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلغان.
رۇسىيىنىڭ پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا داڭلىق ناخشا چولپىنى ئالىيونا ئاپىنا مۇراتقا يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن كونسېرتنىڭ خۇلاسىسىنى چىقىرىپ، «مۇرات بىز بىلەن بىرگە ! ئۇ ئۆزىنىڭ مانا بۇ ناخشىلىرى بىلەن ئەبەدىي بىرگە ياشايدۇ !» دەپ جاكارلىغان.
90-يىللارنىڭ ئاخىرىدا مۇرات داڭلىق گۈزەل چولپان ئالىيونا ئاپىنا بىلەن "ئايدىڭ كېچە" ناملىق ناخشىنى ئورۇنداپ، رۇسىيە سەھنىسىنى زىلزىلىگە سالغان بولۇپ، بۇ ئىككى چولپاننىڭ شەخسىي تۇرمۇشى ۋە مۇھەببىتى ھەققىدە ئۆسەك سۆزلەر تارقالغان ئىدى. ئالىيونا بىلە مۇرات بۇ سۆزلەرنى رەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ دوستلۇقىنىڭ ساپلىقى ۋە ئەبەدىيلىكىنى جاكارلىغان، ھەقىقەتەن ئالىيونا ئاپىنا مۇرات ۋاپات بولغاندا ئەڭ قايغۇرغان كىشى سۈپىتىدە، ئالمۇتىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئانىسى ۋە ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشكەن شۇنىڭدەك مۇراتقا بېغىشلانغان كونسېرتتا مۇرات ھەققىدىكى ناخشىلارنى ئورۇنداپ، كۆرەرمەنلەرنى تاراملاپ ياش تۆكۈشكە مەجبۇر قىلغان ئىدى.
مۇرات ناسىروف 2007-يىلى، 1-ئاينىڭ 19-كۈنى موسكۋادىكى ئۆز ئۆيىنىڭ بالكونىدىن چۈشۈپ كېتىپ , 38 يېشىدا ئىنتايىن سىرلىق تۈردە ۋاپات بولدى. بۇ خەۋەر پۈتۈن رۇسىيىنى زىلزىلىگە سالدى، سانسىزلىغان ئادەملەرنى يىغلاتتى، سانسىزلىغان ئادەملەر بۇ ئۆلۈم توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىشەنمىدى. مۇراتنىڭ ھەيران قالارلىق ۋە سىرلىق قازاسى رۇسىيىلىكلەرنىڭ كاللىسىدا ‘ئېچىلماس سىر" تۇيغۇسىنى پەيدا قىلغان بولسا، ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلار دەرھال ئۆز تارىخىدىكى نۇرغۇنلىغان سىرلىق پاجىئەلەرنى ئەسلەپ، ئېغىر خورسىنىشتى. ئەنە شۇ سىرنى پاش قىلىشقا ئادەتتىكى دېلو رازۋېتچىكلىرىلا ئەمەس بەلكى ، رۇسىيە ۋە باشقا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا تەۋە ئەللەرگە تونۇلغان ئالدىن پەرەز قىلىش ۋە قىياس قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە رەمباللىرىمۇ قاتنىشىپ، مۇراتنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى ھەققىدە ھەر خىل قىياسلارنى قىلىپ بېقىشتى. مەزكۇر ئالاھىدە ئىقتىدار ئىگىلىرى ھېسابلانغان رەمباللارنىڭ مۇراتنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، مۇرات ئولتۇرغان ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇپ سالغان رەملىرى ۋە ئېيتقان قىياسلىرى تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرى ئارقىلىق كۆرسىتىلدى. بىراق، مەيلى ئىقتىدارلىق رەمباللار بولسۇن ۋە ياكى دېلو راۋزېتچىكلىرى بولسۇن ئىككى يىلدىن بېرى ھېچكىممۇ مۇراتنىڭ ئۆز ئەجىلى بىلەن" تەسسادىپىي بەختسىز ھادىسىدە" قازا قىلدىمۇ ؟ ياكى "نامەلۇم ئادەملەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدىمۇ؟" دېگەن سوئالغا ئېنىق ۋە پاكىتلىق جاۋاب بېرەلمىدى، ساقچىلارنىڭ "مۇرات ناسىروف تەسسادىپىي بەختسىز ھادىسە بىلەن ئۆلدى" دېگەن يەكۈنى كىشىلەرنى تېخىمۇ قايىل قىلالمىدى.
خەيرىيەت ! مۇرات بۇ دۇنيا بىلەن ئۈمىد ۋە ئىشەنچىنى يوقاتمىغان ھالدا سىرلىق خوشلاشتى ! بۇ سىرنى ئاللاھ بىلىدۇ ۋە مۇرات ئۆزىلا بىلىدۇ! ئەگەردە بۇ ئۆلۈم ھەقىقەتەن سىرلىق دەپ قارالغاندا ، ئۇنى نامەلۇم كۆرۈنمەس "كۆلەڭگۇلەر" بىلىدۇ خالاس!
مەيلى قانداق بولۇشتىن قەتىئىينەزەر تالانتلىق ئادەملەر بىر مىللەتنىڭ بايلىقى! تالانت ئىگىلىرى بىر مىللەتتە ساناقسىز بولمايدۇ، ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆزى ئىچىدىن چىققان ھەقىقىي تالانت ئىگىلىرىنى ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە ئىززەت ھۆرمىتىنى تىكلەشتىكى روھى مەنبەسى قىلىدۇ، بىراق ، ئۆز مىللىتى ئۈچۈن تەر تۆكمىگەن ۋە ياكى ئۆزىنىڭ شۇ مىللەت پەرزەنتى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئالىي روھتىن سۆيۈنۈشنى ۋە باشقىلارغا سۆيدۈرۈشنى بىلمىگەن تالانتلىقلارنىڭ "بايلىق" بولالىشى ناتايىن!
مۇرات نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ سۆيگۈسىگە ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلىدى ؟ چۈنكى، ئۇ ئۆز مىللىتىدىن ئايرىلىپ ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنى ھەم مەدەنىيىتىدىن شۇنچە يىراقتا ياشاپمۇ ئۆز مىللىتىنى سۆيدى ۋە باشقىلارنى سۆيۈشنمۇ ھەم سۆيدۈرۇشنىمۇ بىلدى ! سەنئەتنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى ئارقىلىق ئاجىز بىر خەلقنى تونۇشتۇردى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ۋە ئارزۇلىرىنى نامايەن قىلدى. ئەلۋەتتە، شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتىمەنكى، ئۇنىڭ ئېيتقان ئۇيغۇرچە ناخشىلىرى ئۆز مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي سەنئەت پۇراقلىرى بىلەن تولغان ماكاندا ياشاپ، مەزكۇر مىللىي پۇراقلارغا كۆنگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىگىلا يېقىملىق بولۇپ تۇيۇلۇشى ناتايىن! كىچىكىدىن ئۆز تىلى ۋە ئۆز مەدەنىيەت ھەم سەنئەت مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن كۆپلىگەن ناخشىچىلار بار. مۇراتنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشىلىرىدا ئۇيغۇر پۇرىقى ياۋروپا پۇراقلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ دەل مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى خەلقلىرىنى ئۇسۇلغا سالالىغان تەرىپى، ئۇيغۇر پۇرىقى بولسا، ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرگەن ۋە رازى قىلغان تەرىپى بولۇپ، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭغا كىچىكىدىن قەشقەر ۋە ئىلى ناخشىلىرىنى ئېيتىپ، ئەشۇ پۇراقتىلا يېتىشكەن ناخشىچىغا قويغان تەلەپنى تېڭىشقا بولمايتتى، بۇ نۇقتىنى ئۇ ئۆزىمۇ ياخشى بىلەتتى ۋە ئۆزىنىڭ ھېچقاچان كۆرمىگەن تارىخى ۋەتىنىدىكى قېرىنداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ۋە ئۇلارنىڭ مىللىي پۇراقتىكى ناخشىلىرىنى ئاڭلاشنى ،ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغانلىقى ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ . مەن ئىلگىرى ئېلان قىلغان "مۇرات ناسىروف ۋە مەن" ماۋزۇلۇق ئەدەبىي خاتىرەمدە 1995-يىلى موسكۋادا ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان ۋە بىرگە لەغمەن يېگەن چاغلاردا قىلىشقان سۆھبەتلىرىمنى ئەسلەپ ئۆتكەن ئىدىم. ئەنە شۇ چاغدىكى سورۇندا مۇرات ئۈرۈمچىدىن كەلگەن مۇزىكانت دوستىمىز شاۋقۇننىڭ ۋايىغا يەتكۈزۈپ چالغان دۇتتارلىرى ۋە ئېيتقان خەلق ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ كۈچلۈك ھاياجانلانغان ئىدى.
2004-يىلى، 4-ئايدا مۇرات بىلەن يېزىشقان ئېلخەتلەر ھازىرمۇ خاتىرەمدە تۇرۇپتۇ، مەن ئۇنى ئامېرىكىغا كېلىشكە تەكلىپ قىلغان ئىدىم، ئۇ بۇ تەكلىپىمنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالغان ھەمدە ئەگەردە ئامېرىكىغا بارغاندا ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتىپ بەرسە ئاڭلىغىدەك ئۇيغۇرلار بارمۇ ؟ دەپ سورىغان شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ نيۇيورك قاتارلىق رۇسلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەرگە بىر قانچە قېتىم كېلىپ ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ئۇ يەردە رۇسچە ۋە ئىنگلىزچە ناخشىلارنى ئورۇندىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭغا بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى يۈزلىگەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن ئادەملەر، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۇنى كۈتىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ياقتۇرىدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگىنىمدە يەنە بىر قېتىم ھاياجانلانغان شۇنداقلا ئامېرىكىدىمۇ ئۇيغۇرلار ياشايدىغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ، نەگىلا بارايلى ئۆزىمىزنى ئۇنۇتمايلى، دېگەن مەزمۇندا سۆزلىگەن ئىدى.
2006-يىلى، مۇراتنىڭ ئالمۇتىدىكى دوستى، «يەركەت بۇلبۇللىرى» ئانسامبىلىنىڭ يېتەكچىسى ، كومپوزىتور پولات ھېزىموف قاتارلىقلار بۇ يەرگە كەلگەندە، مۇراتنىڭ ماڭا ئېيتقان سالىمىنى يەتكۈزگەن شۇنىڭدەك يەنە مېنىڭ مۇراتقا سۆزلىگەن ۋىدەئو كۆرۈنىشىمنى ئېلىپ كېتىپ، موسكۋادا ئۇنىڭغا قويۇپ بېرىپ، ئاڭلاتقاندا ئۇ كېيىن چوقۇم ئامېرىكىغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن. ھەقىقەتەن، 2007-يىلى، مۇرات ۋاپات بولۇشتىن بىر ئاي ئىلگىرى بۇ قېتىم چوقۇم ئائىلىسى بىلەن بىرگە ئامېرىكىغا كېلىش ۋە بۇ يەردە ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ئېيتىشنى قارار قىلغان ، ئەپسۇسكى، ئۇ مانا شۇنداق كۆپلىگەن پىلانلارنى تۈزۈپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا "مۇرات ناسىروف ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى" دېگەن خەۋەر پەيدا بولدى، رۇس گېزىتلىرىدىن مەرھۇمغا ئائىت ئېلان قىلىنغان ھەر قانداق بىر ئۇچۇر ۋە مەلۇماتنى قالدۇرماي ئوقۇدۇم، تەھلىللەر يۈرگۈزدىم، ئاكىسى، ئايالى ۋە دوستلىرى بىلەن سۆزلەشتىم، پەقەت بىرلا جاۋاب، «مۇرات ھەرگىز ئۆزىنى ئۆلتۈرمەيدۇ !» ھەقىقەتەن، شۇنداق چوڭ ئىجادىيەت ۋە خۇشال ئائىلىۋى ھايات پىلانلىرىنى تۈزگەن ئادەم ئەشۇ بەزى خەۋەرچىلەر يازغاندەك " ئىجادىيەت كرىزىسى تۈپەيلىدىن" بىراقلا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالامدۇ؟ ئىككى ئۇماق بالىسىنى كۆز ئالدىدا تاشلاپ شۇنداق قىلامدۇ؟
مۇرات ناسىروفنىڭ "مېنىڭ تارىخىم"، " كىمدۇ بىرى كەچۈرىدۇ"، قاتارلىق بەش پىلاستىنكىسى رۇسىيە زامانىۋى سەنئەت تارىخىدىن ئورۇن ئېلىش بىلەن بىرگە، ئۇ " تامبوفقا بارماقچى بولغان بالا" ناملىق ناخشىسى بىلەن كىشىلەرگە ئۇنتۇلماس تۇيغۇ ئاتا قىلدى. مۇراتنى رۇسىيىنىڭ تامبوف شەھىرىدىكى ئادەملەر تېخىمۇ ياخشى بىلدى. چۈنكى، ئۇنىڭ نامى بۇ شەھەر بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن تامبوۋ شەھىرىدىكى رۇسلار ۋە باشقىلار ئۆز شەھىرىنىڭ داڭقىنى چىقارغان بۇ ئۇيغۇر ئەزىمەتنى ئۆز پەرزەنتىدەك كۆرۈپ، ئۇنىڭغا خۇددى تارىختىكى رۇس قەھرىمانلىرى كەبى ھەيكەل ئورنىتىش ئۇمىدلىرىدە بولۇشقانلىقى ھەققىدىمۇ ئۇچۇرلار پەيدا بولغانلىقى مەلۇم.
مۇرات بۇ يىل 12-ئايدا 40 ياشقا كىرەتتى، ئۇ ھايات ۋاقتىدا، دادىسى، سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى، ئاقسۇ جەڭ مەيدانلىرىدا دۈشمەن بىلەن جان تىكىپ ئېلىشقان، ماناس دەرياسى بويىدا بىر قولىدا راۋاب كۆتۈرۈپ ، يەنە بىر قولىدا مىلتىقىنى چىڭ تۇتۇپ، دۈشمەننىڭ كۆزىگە قادىلىپ، تۆت يىل ئۆز ئازاد ھۆكۈمىتىنى قوغدىغان ئىسمائىل ناسىروف ئەپەندىدىن ئۆگىنىۋالغان قۇرئان سۈرىلىرىنى دائىم يادلاپ، قۇرئاننى شۇنچە ياخشى قىرائەت قىلىشنى ئۆگەنگەن ئىكەن. ئۇ ھەتتا ئايالى ناتالىياغا مەن 40 ياشقا كىرگەندىن كېيىن ھەقىقى مۇسۇلماندەك بەش ۋاق ناماز ئوقۇپ، تەرتىپ، قائىدە بىلەن يۈرىدىغان ئادەم بولىمەن، دېگەن . ئۇ ھەتتا دادىسىنىڭ يۇرتى قەشقەر، ئانىسىنىڭ يۇرتى غۇلجىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئارزۇسىنى كۆپ قېتىم ئېيتقان ئىكەن، مۇرات تارىخ خۇمارى بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت نەشىر قىلىنغان بارلىق كىتابلارنى سېتىۋېلىپ ، ئوقۇغان، ئۇيغۇرلار كىملەر؟ ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى ئورنى قانچىلىك؟ نېمە ئۈچۈن قازاق، قىرغىز ، ئۆزبېك قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىنداشلىرى ئېرىشەلىگەن پۇرسەتلەرگە شۇنچە ئۇزۇن ۋە مۇقەددەس تارىخى بار ئۇيغۇرلار يېتەلمىدى؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب ئىزدىگەندىن سىرت ئۆزى بىلەن ئالاقە قىلغان ۋە دوستلاشقان رۇسىيە ناخشا چولپانلىرى ۋە مەدەنىيەت ئەربابلىرغا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ، سەنئىتى ، مەدەنىيىتى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى ئاشۇرغان، ھەتتا مۇراتنىڭ ئانىسى خاتىرە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، مۇرات بىر مەزگىل پارلامېنت ئەزاسى بولۇش نىيىتىگە كېلىپ، رۇسىيە پارلامېنتىغا كىرىش نىيىتىگە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاتا-ئانىسى ۋە بەزى دوستلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن سەنئەت يولىنى داۋاملاشتۇرىۋەرگەن. شۇ سەۋەبتىن مۇراتنىڭ ئايالى ناتالىيا خانىمنىڭ " مەن ئۇيغۇر خەلقىنى مۇرات ئارقىلىق بىلدىم ۋە سۆيدۈم" دېگەنلىكى بىكار ئەمەس!
مۇراتنىڭ ۋاپاتىغا ئىككى يىل بولغان بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە يەنە شۇنداق ئويغا كەلدىمكى، مۇرات ئۇيغۇر روھىدىن تۇغۇلۇپ، ئۇيغۇر روھىغا قايتتى، ئۇيغۇر سەنئەت بۇلىقىدىن سۇ ئىچىپ، ئۇيغۇر سەنئەت ئېتىزىنى سۇغاردى، ئۇيغۇر مۇھىتىدىن ئايرىلىپ، باشقا مىللەت مۇھىتىدا ياشاپ، ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئۆتكۈزسىمۇ، ھەتتا باشقا مىللەت بىلەن ئائىلە قۇرۇپ، پەرزەنتلىك بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۇيغۇرلۇق روھى بوشاشمىدى، ئەكسىچە كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى ۋە ئاقىۋەتتە ئۆز خەلقىغە بولغان ھۆرمەت سوۋغىسى سۈپىتىدە "قالدىم يالغۇز" پلاستىنكىسىنى مىراس قىلىپ، ئۆزىنىڭ يالغۇز قالمىغانلىقىنى، 10 مىليون ئۇيغۇر خەلقى بىلەن مەڭگۈ بىرگە ياشايدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى. قىسقىسى مۇراتنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئەڭ چوڭ سوۋغىسى ئۇنىڭ سەنئەت مۇخلىسلىرىنى بويسۇندۇرغان يېقىملىق ناخشىلىرىلا ئەمەس بەلكى ، ئۇنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە، ئۆز يۇرتىدا تۇرۇپ، ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇپ كېتىۋاتقان ۋە قەدىرلىمەيۋاتقانلارغا قالدۇرغان «مەن ئۇيغۇر !» دېگەن خىتابى خالاس!
No comments:
Post a Comment