قەشقەرنىڭ قەدىمى تارىخىغا قارايدىغان بولساق 1732.يىلى زوھىردىن ھىكىم بەگ تەرىپىدىن قەشقەر شەھرىگە سىپىل سوقتۇرغان، بۇ سىپىلدىن شەھەر ئىچىگە5 تەرەپتىن كىرىش ئۈچۈن، 5 دەرۋازا قويۇلغان. بۇ شۇ دەۋىردە ناھايىتى ھەيۋەتلىك سوقۇلغان بولۇپ سىرتتىن كەلگەن كىشىنى ئەيمەندۈرەتتى. سىپىلنىڭ ئومومى ئۇزۇنلىقى 7 كىلومىتىر بولۇپ قەشقەر شەھرىنىڭ تەخمىنەن 1500000 كۇۋادىرات مىتىر يەرنى ئىگەللەيدۇ. سىپىلنىڭ ئىگىزلىكى 30 مىتىر ،كەڭلىكى 20 مىتىر ، ئەڭ ئۈستى قىسمىنىڭ كەڭلىكى 15 مىتىر ئىدى ھەتتا ئۈستىدە ئات-ئۇلاغ ھارۋىلىرى بىمالال يۈرەلەيتتى.( ئاڭلاشلارغا قارىغاندا سىپىل سوقتۇرۇشقا كەتكەن توپا-تاشلىرىنى يەكەندىن ئادەملەر قاتار تىزىلىشىپ قولدىن قولغا سۇنۇشۇپ ئەپكەلگەن ئىكەن. ).
سىپىلدىن شەھەر ئىچىگە5 تەرەپتىن كىرىش ئۈچۈن، 5 دەرۋازا قويۇلغان بولۇپ بۇ 5 دەرۋازا تۆۋەندىكىچە:
1. ياۋاغ(يار باغ) دەرۋازىسى : بۇ دەرۋازا قەشقەر شەھرىنىڭ شىمالى قىسمىدا بولۇپ، يار ئۈستىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن يار باغ دەرۋازىسى دەپ ئاتىلاتتى . بۇ دەرۋازا ئارقىلىق ئەنجان رەستى بىلەن ھىيتگاھ جامەسىگە كىرىدۇ. ھىيتگاھ جامەسىگە ئەڭ يىقىن بولغان دەرۋازا ئىدى.
2. نوربىشى دەرۋازىسى(يىڭى ئاچقان دەرۋازا): بۇ دەرۋازا سەمەن يولىغا ئۇدۇل قىلىپ ، سىپىلنى سوقۇپ بولغاندىن كىيىن ئاچقانلىقى ئۈچۈن يىڭى ئىچىلغان دەرۋازا دەپ نام بەرگەن .
3.قۇم دەرۋازا: بۇ دەرۋازا ھازىرقى پوچتاخانا ئالدىدىكى ئۆستەڭبويى يولىغا توغرا كىلىدۇ.
4.قارقى دەرۋازا : بۇ دەرۋازا ھازىرقى ج خ ئىدارىسى بىلەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرسىغا توغرا كىلىدۇ .
5. تۆشۈك دەرۋازا: بۇ دەرۋازا قەشقەرگە سىپىل سوققاندا دەرۋازا قويمىغان ئىكەن، ھەزىرەت، بەشكىرەم تەرەپتىن كىرىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن تۈشۈك ئىچىپ ئاچقان ئىكەن ،شۇندىن بىرى بۇ دەرۋازا تۆشۈك دەرۋازا دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.
بۇ سىپىلنىڭ ئىچىدىكى يەرلەر شەھەرگە ،سىپىلنىڭ سىرتىدىكى يەرلەر بولسا يىزىلارغا تەۋە ئىدى. سىپىلنىڭ ئىچىدە 149 مەسچىت ۋە مەدرىس بولۇپ ھەتتا شەھەرنىڭ ئامانلىقنى ساقلايدىغان يامۇل مەھكىمىسىگە قەدەر بار ئىدى. يامۇل مەھكىمىسى ھازىرقى ۋىلايەتلىك ج خ باشقارمىسى شۇ. سىپىلنىڭ قەدىمى ئىزناسى ھازىرمۇ ۋىلايەتلىك ج خ باشقارمىسى ئىچىدە بار ( تامۇژنا ئىدارىسىنىڭ ئۇدىلىغا توغرا كىلىدۇ )
بۇ قەدىمى سىپىلنىڭ ئىچىدىكى شەھەر خەلقىنىڭ ئىچىملىك سۈيى يۇمۇلاق شەھەر كۆلىدىن تەمىنلىنەتتى.
شامالباغ تەرەپتىن شەھەرئىچىگە كىرىدىغان ئىككى تاشلىق سۈيى بولۇپ، شەھەرنىڭ چوڭ كىچىك كوچىلىرىدا ئورمان، دەل- دەرەخلىرى بار ئىدى. پاكىزلىك ئۈچۈن شەھەرنىڭ تازىلىقىغا بەك ئەھمىيەت بىرەتتى . ھىيتگاھ جامەسى ئىچىدە ئىككى كۆل بولۇپ، شەھەرنىڭ شىىمالىدىكى ئاھالىلارنىڭ سۈيىنى تەمىنلەيتى. شەھەرنىڭ غەرپ تەرەپتىكى ئاھالىلەر بولسا يۇمۇلاق شەھەر كۆلىدىن تەمىنلىنەتتى . شەھەرنىڭ جەنۇپ تەرىپىدىكى ئاھالىلار تۇرۇمتاي كۆل بىشى كۆلىدىن ، دوغابەگ كۆلبىشى كۆلىدىدىن تەمىنلىنەتتى، شەھەرنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئاھالىلار بولسا بۇلاق بىشىدىن ، يىقىن ئەتراپتىكىلەر يارباغ تۆمەن دەرياسى سۇلىرىدىن تەمىنلىنەتتى.
مانا بۇ سىپىل ئۇيغۇر قەدىمى مىمارچىلىقىنىڭ تىپىك نامايەندىسى ۋە تارىخنىڭ جانلىق شاھىدى ئىدى. بۇ سىپىل تا 1952.يىلغىچە ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى.
بۇ سىپىل شەھرى 1952.يىلدىن باشلاپ شەھەر بىلەن يىزىلارنىڭ پەرقىنى تۈگۈتىمىز دىگەن بانا-سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن سىپىللار چىقىلىپ، كۆللەر تىندۇرۇلۇپ ۋەيران قىلىندى.
خۇلاسە
سۇ چىقىدىغان بۇلاق بىشىدىكى مارجان بۇلاقلارنىڭ كۆزلىرى ئىتىلىپ قالدى. بۇ شەھەرگە نوربىشىدىن سۇلار كىرىپ ھىيتگاھ جامئەسىدكى كۆللەرگە سۇلار تولۇقلۇنۇپ تۇراتتى. شەھەر ئىچىدىكى ئىرىق-ئۆستەڭلەردە سۇلار شاقىراپ ئىقىپ تۇراتتى. سۇ بار يەردە يىشىللىق بولىدۇ مۇھىتى گۈزەل بولىدۇ، ھاۋا ساپ بولسا تەن ساق بولىدۇ. ساپ-ھاۋا تەنگە داۋا دىگەن مانا مۇشۇ.
بۇلاقنىڭ كۆزلىرى ئىتىلىپ قالدى
شەھەرنىڭ سۇلىرى تاقىلىپ قالدى
ئەركىن ھاۋا نەپەس ئالالماي
شەھەر خەلقى سىقىلىپ قالدى
No comments:
Post a Comment