
مەن ئالدى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۇلۇغ ئىسلاھاتچى ئىكەنلىكىنى بىۋاسىتە شەرھىلەشتىن ئاۋۋال بۇ شەرھىگە مۇناسىۋەتلىك ئىككى مەسىلە ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمەن.
1. ئىسلاھاتنىڭ مۇقەررەرلىكى
ئىسلاھات ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ بىرەر ئىجتىمائىي تۈزۈمىدىلا بولغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىنسانلار جەمئىيىتى ھازىرغىچە بېسىپ ئۆتكەن ئىجتىمائىي تۈزۈملەرنىڭ ھەممىسىدە بولۇپ ئۆتكەن تارىخىي كاتېگورىيە. بىر ئىجتىمائىي تۈزۈمنى دەسلەپكى باسقۇچتىن تەرەققىي قىلغان باسقۇچقا راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئەمەلىي پائالىيەت.
ئىسلاھات ھەرقانداق بىر ئىجتىمائىي تۈزۈمدە زورمۇزور ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەت بولماستىن، بەلكى مۇقەررەر يۈز بېرىدىغان قانۇنىيەتلىك پائالىيەت. چۈنكى، ھەر بىر ئىجتىمائىي تۈزۈم پەيدا بولغان دەسلەپكى باسقۇچتىن باشلاپ ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا بىرنەچچە باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدۇ.
ئىسلاھات تەبىئەت دۇنياسىدىكى تەبىئىي يۈز بېرىدىغان ئىستېخىيلىك ھەرىكەت بولماستىن، بەلكى ئىنسانلار تەرىپىدىن مەقسەتلىك ئېلىپ بېرىلىدىغان جەمئىيەت تەرەققىياتى پائالىيىتى. شۇڭا ئىسلاھات ھەر بىر ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئىچكى قىسمىدا مۇقەررەر كېلىپ چىققىنىدەك، ئىسلاھاتچىلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىمۇ مۇقەررەر قانۇنىيەت. چۈنكى ھەر بىر ئىجتىمائىي تۈزۈمدە يۈز بېرىدىغان ماس كېلىش بىلەن ماس كەلمەسلىك ھالىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدىغان ۋە بۇ زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىدىغان، ئۆز زامانداشلىرىدىن ئەقىللىقراق بولغان شەخس ياكى گۇرۇپپىنىڭ جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەنتىقە بىلەن مەيدانغا چىقىشى مۇقەررەر. شۇڭا قاراخانىيلار سۇلالىسىدە مۇنداق ئىسلاھاتچىنىڭ چىقىشىمۇ مۇقەررەر، ئەمەلىيەتتىمۇ قاراخانىيلار سۇلالىسىدە مۇنداق ئىلغار ئىسلاھاتچى مەيدانغا كەلدى. بۇ ئىسلاھاتچى −ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپتۇر.
ھەر بىر ئىجتىمائىي تۈزۈمدە كونا ئادەت
كۈچلىرى جاھىل بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئاسان ئەمەس. فېئودالىزم جەمئىيىتىدە تېخىمۇ تەس. چۈنكى فېئودالىزم جەمئىيىتىدە پادىشاھنىڭ ھاكىممۇتلەقلىقى يولغا قويۇلغان بولۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىلغار ئىسلاھات پادىشاھ ئەۋلادلىرى بىلەن فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىت كېلىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئىسلاھات نۇقتىئىنەزەرلىرىنى قەھرىمانە جاسارىتى بار، قايىل قىلىش كۈچى كۈچلۈك بولغان مەنتىقىچى ئالىملار ئوتتۇرىغا قويالايدۇ.
ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەنە شۇنداق قەھرىمانە جاسارەت بىلەن مەيدانغا چىقىپ، قايىل قىلىش كۈچى كۈچلۈك، مەنتىقىلەر خەزىنىسى بولغان «قۇتادغۇ- بىلىك» داستانىدا، نۇرغۇن ئىلغار ئىسلاھات نۇقتىئىنەزەرلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىرىنى قايىل قىلىپ «خاس ھاجىپ»لىق مەرتىۋىسىگە ئىگە بولغان. ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئاشۇ ئىلغار ئىسلاھات نۇقتىئىنەزەرلىرى خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، خەلق ئاۋلادتىن ئەۋلادقا، تاكى بۈگۈنگىچە ئۇنى ئۇلۇغلاپ كەلمەكتە. ھەتتا دۇنيادىكى ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ
ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇماقتا.
ئىلغار ئىسلاھاتچى يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىك» داستانىنىڭ ئون ئالتىنچى بابىدا مۇنداق خىتاب قىلىدۇ:
684. دېدى ئايتولدى: تۆھمەت ماڭا قىلىشۇر،
قۇسۇرۇم يوق، لېكىن بار دەپ ئىيتىشىدۇر.
685. قۇسۇرۇم شۇدۇركى، تۇراقسىز ئاتاپ،
يۈرەرلەر كىشىلەر ئارا يامانلاپ.
686. تۇراقسىز بولۇشۇم ماڭا ئەيىب ئەمەس،
تاللايمەن ئۆزۈمگە يېڭى نەرسە، بەس.
687. پۈتۈن كونا نەرسە يېقىمسىز بولۇر،
يېقىمسىز يۈكى، كۆر، كۆڭۈلسىز كېلۇر.
688. يېڭى نەرسە بولسا، كونا نە كېرەك،
سەرە نەرسە بولسا، يامان نە كېرەك.
689. پۈتۈن تەم ۋە لەززەت يېڭىدا بولۇر،
بۇ لەززەتنى ئىستەپ كىشى قىينىلۇر.
690. تۇراقسىز دەپ ئېيتار بۇ قىلىغىم ئۈچۈن،
ماڭا ئەيىب قويۇرلەر شۇ ئاتىم ئۈچۈن.
ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىسلاھاتچى يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ مىسرالاردا ئۆزىنىڭ يېڭىلىققا شەيدا ئىسلاھاتچى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىسلاھات يولىدىن قىلچە چېكىنمەي جەسۇرانە ماڭىدىغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن ئىسلاھاتقا قارشى جاھىل كۈچلەرگە ئىلغار ئىسلاھاتنىڭ ئادالەت ئوقىنى ئاتىدۇ. ئالىمنىڭ ئۇلۇغلىقىمۇ مانا شۇنىڭدا، چۈنكى ئۇلۇغ شەخسلەرنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئۇنىڭ قىلغان ئۇلۇغ ئىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. يۇقىرىقى نۇقتىئىنەزەرلەرگە ئاساسەن شۇنداق ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىشقا بولىدۇكى، ھەر بىر ئىجتىمائىي تۈزۈمدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىلغار ئىسلاھات نۇقتىئىنەزەرلىرى تەرەققىيات نۇقتىئىنەزەر- لىرىدۇر. ھەر بىر ئىجتىمائىي تۈزۈمدە ئەمەلگە ئاشقان تەرەققىيات ئىلغار ئىسلاھاتنىڭ مەھسۇلىدۇر.
ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىدېئولوگىيە، سىياسىىي، ئىقتىساد، دۆلەت، قانۇن، پەن- مەدەنىيەت، مائارىپ، تىل-ئەدەبىيات، ھەربىي ۋە باشقا جەھەتلەردە ئوتتۇرىغا قويغان ئىلغار نوقتىنەزەرلىرى جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مەنتىقىلەر بولغانلىقتىن، «قوتادغۇبىلىك» داستانىنى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئىسلاھات خاراكتېرىدىكى داستان دېيىشكە، ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچى دېيىشكە ھەقلىقمىز.
2. داستاننىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى
ھەر قانداق بىر ئەسەر، پىلان، لايىھىلەر مەلۇم تارىخىي سەۋەبلەر نەتىجىسىدە مەيدانغا چىقىدۇ، مەلۇم تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا يۈز بەرگەن زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېزىلىدۇ. ئۇنداق ئەسەر، پىلان، لايىھىلەرنى يازغان قەلەم ئىگىسى ئۆزى ھەل قىلماقچى بولغان زىددىيەتلەرنىڭ تارىخىي جەريانىنى، كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئوبيېكتنى بەلگىلەپ قەلەم تەۋرىتىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ ئوبيېكتى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ تەرەققىيات تارىخى جەريانىدا يۈز بەرگەن زىددىيەتلەردىن ئىبارەت. قاراخانىيلار سۇلالىسى تەرەققىي قىلىش-راۋاجلىنىش باسقۇچى، خەلق نامراتلىشىش- ئىگىلىك ۋەيرانچىلىققا ئۇچراش باسقۇچى، قايتا گۈللىنىش باسقۇچى، ۋەيران بولۇش – يوقىلىش باسقۇچىدىن ئىبارەت تۆت باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن. ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنى يېزىشتا، قاراخانىيلار سۇلالىسى تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ 2-باسقۇچىنى ئاساسىي ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ باسقۇچ مىلادىيە 978-يىلدىن 1075-يىلغىچە بولغان يۈز يىلدىن ئارتۇق جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە قاراخانىيلار سۇلالىسىدە ئىسلام دىنىدىكىلەر بىلەن بۇددىستلار ئوتتۇرىسىدا، قوشنا خانلىقلار ئوتتۇرىسىدا، شاھزادىلەر ئوتتۇرىسىدا 20 نەچچە قېتىم ئېغىر جەڭگى-جېدەل كۆرۈلگەن، ھەتتا بەزى ئۇرۇشلار نەچچە ئون يىلغا سوزۇلغان.
ئالىم «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنى قاراخانىيلار سۇلالىسى تەرەققىيات تارىخىنىڭ 2- باسقۇچىنىڭ ئاخىرىدا مىلادىيە 1069-يىلى يېزىشقا باشلاپ مىلادىيە 1070-يىلى يېزىپ بولغان ۋە شۇ يىلى شەرقىي قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ بولغۇسى خاقانى ئوبۇل ھەسەنگە تەقدىم قىلغان. خاقان ئوبۇل ھەسەن بۇ داستاننى كۆرۈپ گۆھەرگە ئىگە بولغاندەك خۇشال بولۇپ، ئالىمغا «خاس ھاجىپ» دېگەن مەرتىۋىنى بېرىپ، ۋەزىرلىككە بەلگىلەنگەن. ئوبۇل ھەسەن شەرقىي قاراخانىيلار خانلىقىغا خان بولغاندىن كېيىن، خانلىق ھەممە جەھەتتىن قايتا ئەسلىگە كەلگەن ۋە تەرەققىي قىلىپ مۇستەھكەملەنگەن. بىز مۇشۇ تارىخقا ۋە «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدىكى بايانلارغا ئاساسەن «قۇتادغۇبىلىك» داستانى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ 2- باسقۇچىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ مەھسۇلى، قايتا گۈللەنگەن 3- باسقۇچنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى بولغان دېيەلەيمىز. دېمەك، خاقان ئوبۇل ھەسەن ھارۇن داستانىدىكى نۇقتىئىنەزەرلەرنى قوبۇل قىلغان ۋە بۇ نۇقتىئىنەزەرلەر بويىچە ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بارغانلىقتىن، خانلىق قايتا گۈللەنگەن.
ئەمدى تۆۋەندە ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆز زامانىغا لايىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچى ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ئۈستىدە داستاندا بايان قىلىنغان بايانلىرىدىن بىر نەچچىنى مىسال قىلىمەن.
1. خەلقنى بېيىتىپ خانىدانلىقنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى ئىسلاھات بايانلىرى
بايلىق − ھاكىمىيەتنىڭ ماددىي ئاساسى، خەلق − ھاكىمىيەتنىڭ ئۇلى. يالغۇز دۆلەت بېيىپ خەلق بېيىمىسا بۇنداق دۆلەتنىڭ ئۇلى چىڭ بولمايدۇ. ئالدى بىلەن خەلق بېيىسا ياكى دۆلەت بىلەن خەلق بىللە بېيىسا، بۇنداق دۆلەت پولات ئىستېھكامغا ئايلىنىدۇ. ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ مىلادىيە 11- ئەسىردە بۇ ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئالىم «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ 72- بابىدا مۇنداق يازىدۇ:
5559. «بۇلاردىن كېلۇر سۇڭ ئاۋام – خەلق قارا،
قانۇن بىرلە ئۇلارغا سەن ئوبدان قارا.
5560. بۇلار ئۈچ گۇرۇھتۇر، پەرق ئەتسەڭ بولۇر
زۇلۇم قىلما، قىلساڭ پالاكەت كېلۇر.
5561. بۇ ئۈچنىڭ بىرىكىم، ئۇ بايلار ئېرۇر،
خەلقنىڭ كۈچلۈكى شۇلار، ئەي جەسۇر.
5562. كېلىدۇ ئۇلاردىن سۇڭ ئورتا كىشى،
بۇلار قىلالمايدۇ ئۇ بايلار ئىشى.
5563. كېلۇر ئۇندىن كېيىن خەلق يوقسۇللىرى،
كـۈزەتـكىن ئۇلارنى سەن ئـەڭ ئىلگىرى.
5564. يۈتكۈزمە بۇ بايلار يۈكىن ئورتىغا،
چۈشەر بۇلار بۇزۇلۇپ خاراب ھالىغا.
5565. پېقىرغا يۈتكۈزمە ئۇرتىلار يۈكىن،
ئۆلەر ئاچتىن، بۇ ھال قېرىپ يىلتىزدىن.
5566. كۆزەتسەڭ پېقىرنى ئۇ ئورتا بولۇر،
بىر ئاز تىنسا ئورتا، ئۇ بايلىق تاپۇر.
5567. پېقىر ئورتا بولسا، بولۇر ئورتا باي،
باي بولسا ئورتىلار، بۇ ئەل بېيىغاي.
5568. تۈزۈلۈپ بۇ ئەل، خەلقمۇ تاپقاي ھوزور،
ساڭا شۇ چاغدا كۆپ دۇئالار بولۇر.»
ئالىم بۇ مىسرالارنىڭ ئالدىنقى تۆت مىسراسىدا قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمدارلىرىغا جاسارەت بىلەن: خەلققە زۇلۇم قىلما، ئۇلارنى ئادالەتلىك قانۇن بىلەن باشقۇر، دەپ خىتاب قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى 6 مىسرادا ئالىم قاراخانىيلار خانلىقىدىكى پۇقرالارنى باي، ئورتا، يوقسۇلدىن ئىبارەت ئۈچ تەبىقىگە بۆلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى 4 مىسرادا ئورتىغا باينىڭ يۈكىنى ئارتما. ئەگەر مۇنداق قىلدۇرساڭ ئورتا تەبىقە ۋەيران بولۇپ، يوقسۇللار ئاچتىن ئۆلىدۇ، دەيدۇ. ئۇندىن كېيىنكى6 مىسرادا ئورتاق بېيىش سىياسىتىنى يۈرگۈز، شۇنداق قىلساڭلا قاراخانىيلار خانلىقى بېيىپ، خانلىق خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ مۇستەھكەملىنىدۇ، گۈللىنىدۇ دەيدۇ. بۇلاردىن شۇنى كۆرۈمىزكى، ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ گەرچە ئۆزى يۇقىرى تەبىقىدىكى ۋەزىر بولسىمۇ شۇ زاماننىڭ ئادالەتچىسى، خەلقپەرۋىرى بولغانلىقتىن خانلىقتا مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتقان زۇلۇم، ئېكسپىلاتاتسىيىنى ئادالەت مەيدانىدا، خەلق تەرىپىدە تۇرۇپ پاش قىلىدۇ ۋە ئۇنداق باراۋەرسىزلىكنى ئازايتىپ، خەلقنى ئورتاق بېيىشتىن ئىبارەت ئىسلاھات لايىھىسىنى ئاشكارا جاكارلايدۇ. بۇنداق فېئودالىزم جەمئىيىتىدە فېئوداللارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ھاكىم مۇتلەقلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خانلىقتا، پادىشاھنىڭ، فېئوداللارنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى تۇرۇپ، ئادالەت ئوقىنى ئېتىش ئاجايىپ باتۇرلۇق، تەڭداشسىز ئۇلۇغلۇق.
2. تەقسىمات تۈزۈمىنى ئىسلاھات قىلىش توغرىسىدىكى بايانى
تەقسىمات مەسىلىسى − ئىجتىمائىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنىڭ بىر ھالقىسى بولۇپ، تەقسىمات توغرا بولسا، ئىجتىمائىي تۈزۈمنى مۇستەھكەملەش، ئىشلەپچىقىرىش قىزغىنلىقىنى ئۆستۈرۈش، ئەمگەكچى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئەگەر تەقسىمات ئېغىر ئېكسپىلاتاتسىيىنى ئاساس قىلغان بولسا، خەلق ئۆزى ياراتقان بايلىقتىن بەھرىمەن بولالماي، گادايلىشىپ، ھايات ياشىشىغا ئىمكانىيەت قالمايدۇ – دە، ئاخىرى ئىجتىمائىي تۈزۈم ۋە ھاكىمىيەت گۇمران بولىدۇ.
تەقسىمات مەسىلىسى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەيدىغان ئامىللارنىڭ بىرى. ئىنسانىيەت تارىخىدا تا ھازىرغىچە بولۇپ ئۆتكەن ئىجتىمائىي تۈزۈملەردە ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتلارنىڭ كۆپى تەقسىمات تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشتىن باشلانغان.
ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئىقتىسادى تۈزۈلمىسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تەقسىمات تۈزۈمىدىكى ناھەقچىلىكنى بايقاپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلمىسا خەلقنى بېيىتىپ، خانلىقنى مۇستەھكەملىگىلى بولمايدىغا نلىقىنى تونۇپ، تەقسىمات تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئالىم تەقسىمات تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھىسىنى مۇنداق كۆرسىتىدۇ:
2960. «تەنۇ –جان پىدالاپ ئىشلەيدۇ خادەم،
تىلەپ بەگ سۈيىنچىن، قىلۇر قۇللۇق ھەم.
................................
2965. شۇ خىزمەت ئۈچۈن بەگ ھەققىن بەرگۈلۈك،
بولۇپ مېھرىبان ھەم ئوبدان كۆرگۈلۈك.
...................................
2974. ياراملىقلىغىچە ئېھسانلار كېرەك،
بېجىرگەن ئىشكە تەڭ ھەق بەرمەك كېرەك.»
بۇ مىسرالاردا ئالىم ئىنتايىن ئاقىلانىلىك بىلەن ئۇلۇغ ئىسلاھاتچى بولۇشقا مۇناسىپ ھالدا، بۇنىڭدىن 900 يىل بۇرۇنلا «بېجىرگەن ئىشقا تەڭ ھەق بەرمەك كېرەك» دەپ ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋردىن ھالقىغان ھالدا ئىلغار تەقسىمات تۈزۈمىنى يەنى فېئودالىزمنىڭ مۈلۈككە قاراپ تەقسىم قىلىش تۈزۈمىنى ئىشلىگەن ئىشىغا قاراپ ھەق بېرىشكە ئۆزگەرتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئالىمنىڭ ئىقتىساد ئىلمىدىمۇ تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ. بۇ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.
ئالىم يەنە داستاننىڭ 38- بابىدا مۇنداق يازىدۇ:
2986. «كىشى ئەمگىگىن بىلمىگۈچى كىشى،
دېيىلمەس كىشى، ئۇ يىلقا ئوخشىشى.»
ئالىم بۇ ئىككى مىسرادا تىلنى ھەقىقىي خەنجەر قىلىپ، قاراخانىيلار خانلىقىدىكى تەڭسىز تەقسىماتنى − ئېغىر ئېكسپىلا- تاتسىيىنى ۋە ئېكىسپىلاتاتسىيىچىلەرنى قاتتىق سۆكىدۇ، ھايۋانغا ئوخشىتىدۇ. ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ جاسارەت ۋە ئەقىل – پاراسەت بىلەن ئەمگەكچى خەلق تەرىپىدە تۇرۇپ ئەنە شۇنداق ئىلغار ئىسلاھات جەڭ مەيدانىغا چىققان.
3. دۆلەت مالىيىسىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى بايانلىرى
مالىيىنى باشقۇرۇشتا، مالىيە ئىشلىرى پىلانى تۈزۈش، ئىجرا قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىش، ھەر تۈرلۈك مەبلەغلەرنى ۋە پايدىنى ياخشى باشقۇرۇشى لازىم. ئالىم «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ مالىيىسى مەسىلىسىدە قايىل قىلىش بىلەن پاش قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ دۆلەت مالىيىسىنى بېيىتىش، باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئىسلاھات نۇقتىئىنەزەرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
3039. «ئىككى نەرسە دۆلەت تۇتۇش يولىدۇر،
بىرىدۇر ساپ ئالتۇن، بىرى تىغ ئېرۇر.
3042. ساپ ئالتۇن بىلەن بەگ سۇنسا قولىنى،
قىلىچسىز، سۆزىلە سورا ئېلىنى.»
بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «ئالتۇن» پۇل دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. فېئوداللىق تۈزۈمدىكى دۆلەتنىڭ مالىيىسىمۇ پۇل ۋە ماددىي ئەشيا بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. دېمەك، ئالىم بۇ يەردە دۆلەتنى مۇستەھكەم تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، مول مالىيە جۇغلانمىسى بولۇشى لازىم دەيدۇ. كېيىنكى مىسرادا مول مالىيە جۇغلانمىسىغا ئىگە بولساق، دۆلەتنى ھەربىي كۈچكە يۆلەنمەي، سۆز بىلەن – تىنچ – ئىتتىپاق بولغان ئاساستا ئەمىر – پەرمان، قائىدە – نىزام بىلەن باشقۇرالايسەن دەيدۇ. چۈنكى دۆلەتنىڭ مالىيە جۇغلانمىسى مول بولۇش ئۈچۈن خەلق باي بولۇشى، ئىگىلىك راۋاجلانغان بولۇشى شەرت.
ئالىم «قۇتادغۇبىلىك » داستانىنى يازغان دەۋر قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئىككىنچى دەۋرى بولۇپ، بۇ دەۋردە ئىگىلىك يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خېلىلا ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان دەۋر ئىدى. شۇڭا مالىيىنى بېيىتىش زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئالىم يەنە قانداق قىلغاندا دۆلەت مالىيىسىنى ياخشى باشقۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى دانالىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. ئالىم مۇنداق بايان قىلىدۇ:
4538. «كىرىمگە يارىشا چىقىم ئەيلىگىل،
چىقىم بولسا، دەرھال كىرىم يولىن قىل.»
ئالىم بۇ مىسرالاردا ئەينى ۋاقىتتا خانلىقنىڭ چىقىمىنىڭ كىرىمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، چىقىمنى تولدۇرىدىغان كىرىمنى كۆپەيتىش يولىنىڭ تېخى ھەل بولمىغانلىقىنى، بۇنى ھەل قىلىش زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئالىم يەنە:
2766. «خەزىنە ئىشىغا بېخىل ياخشىراق،
بېخىللىقلە مالنى كېرەك ساقلىماق.» دەيدۇ.
بۇ مىسرالاردا ئالىم خەزىنىنى − مالىيىنى ئىقتىسادچانلىق بىلەن باشقۇرۇشنى چۈشەندۈرۈش ۋاسىتىسى ئارقىلىق خانلىقنىڭ خەزىنە باشقۇرۇشىدا بۇزۇپ چېچىشنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئىجابىي جەھەتتىن پاش قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە مالىيىنى ئىقتىسادچانلىق بىلەن باشقۇرۇشنىڭ يوللىرىنى بايان قىلىدۇ.
2769. «ئويغاق خەزىنىچى ئىشنى بۇزماي قىلار،
ئۆزىن ئۆرتىمەس، مال ھېسابلىق تۇتار.»
..................................
2773. ئۇ بولسۇن يېزىش ھەم چىزىش ماھىرى،
ھېسابات تۇتۇشقا بولسۇن ھۈنىرى.
2774. بىتىكچى كۆزەتسۇن كىرىش ھەم چىقىش،
يېزىپ ھەم كۆزەتسۇن پۈتۈن تۈرلۈك ئىش.
2775. يىل، ئاي، كۈن يېزىلسا ۋاقىت ھەم ئېنىق،
بىلىنگەي رەقەم –سان ئايرىم ۋە ئوچۇق.
2776. ھېساب ساقلىغى چىن يازۇ بىرلە ئول،
ھېسابات يېزىلسا، كەڭ ئېچىلۇر يول» دەيدۇ.
ئالىم بۇ مىسرالاردا مالىيىنى ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن، بوغالتىرىيە تۈزۈمىنى ئورنىتىش لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەم بوغالتىرىيە تۈزۈمىنىڭ كونكرېت مەزمۇنلىرىنى شەرھلەپ بېرىدۇ.
ھازىرقى زامان بوغالتىرىيە تۈزۈمىدە ئىقتىسادىي مۇئامىلە پائالىيەتلىرىنى ھېسابقا ئېلىشتىمۇ باشلانغۇچ ھېساب ئاساسى بولغان پاكتۇر يېزىلىدۇ ھەم خاتىرىلىنىدۇ. ئاندىن پاكتۇرلار ئاي بىرلىك قىلىنىپ، كۈنلەر تەرتىپ قاتارى بويىچە خاتىرىلىنىپ يىل ئاخىرىدا ھېساب بوغۇلىدۇ. بۇ پاكتۇرلاردىكى مەزمۇن، سان، ھېساباتنىڭ ئاساسى بولسا ۋاقىت. بۇ ھېسابات ئاساسلىرىنىڭ ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ ئىسپاتىدۇر.
ئالىم يەنە يۇقىرىقى مىسرالارنىڭ بىر مىسراسىدا باشقۇرۇش بوغالتىرىيىسىنىڭ تەرىپىنى بايان قىلغان. مەسىلەن: «يېزىپ ھەم كۆزەتسۇن پۈتۈن تۈرلۈك ئىش» دەيدۇ. بۇ مىسرادىكى «يېزىپ»دېگەن سۆز ھېساب خاتىرىلەشكە قارىتىلغان، «كۆزەتسۇن پۈتۈن تۈرلۈك ئىش» دېگەن مەزمۇنلار مالىيە ئانالىزلىرى بىلەن ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى نازارەت قىلىشقا قارىتىلغان. دېمەك، باشقۇرۇش بوغالتىرىيىسىنىڭ تولۇق تەرىپىنى بايان قىلغان. ھازىرقى زامان باشقۇرۇش بوغالتىرىيىسىنىڭ مەزمۇنى، خەلق ئىگىلىكىدىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى سان بىلەن ھېسابقا خاتىرىلەش، ئانالىز قىلىش ۋە نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت.
يۇقىرىقى مىسرالارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مىسراسىدا بوغالتىرىيە تۈزۈمىنى ئورناتسا، ئىقتىسادىي ئىگىلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن كەڭ يول ئېچىلىدۇ، دەيدۇ. مەسىلەن: «ھېسابات يېزىلسا، كەڭ ئېچىلۇر يول». بۇ يەردىكى «يول»ئىقتىسادىي تەرەققىيات يولىغا قارىتىلغان ئۇقۇمدۇر. ئەمەلىيەتتىمۇ بوغالتىرىيە تۈزۈمى ياخشى يولغا قويۇلسا، ئىقتىسادىي مۇئامىلىدىكى پائالىيەتلەرنى ئەتراپلىق ئىگىللەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ياخشى يوللىرىنى تاپقىلى بولىدۇ.
مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 2007 - يىللىق 2 - سان
No comments:
Post a Comment