2009-04-26

ئۇيغۇر تىلى مورفولوگىيىلىك ئانالىز سىسىتېمىسى

MeCab-uyghur بولسا، ئۇيغۇر تىلى مورفولوگىيىلىك ئانالىز سىستېمىنىڭ نامىدۇر. ئەسلى بۇ سىستېمىنىڭ ئاساسىي قىسىمنى ياپونىيە كىيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى
يېتەكچىلىكىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىن كۇدو ئەپەندىم تۈزگەن. پروگراممامنىڭ كودى ئۇچۇق. پروگرامما بىلەن لۇغەت ئايرىم – ئايرىم بىر بىرىگە تايانماسلىقتەك ئەۋزەللىككە ئىگە. شۇڭا خالىغان تىلىنىڭ ئالاھىدىلىككە ماسلاشتۇرۇپ تەڭشەش ئارقىلىق، شۇ تىلنىڭ لۇغىتىنى قوشۇشقا بولىدۇ. مەنمۇ ئۇيغۇرچىغا ئائىت يەرلىرىنى ئازراق توزۇپ، ئۇيغۇرچە لۇغەتنى قوشتۇم. شۇنداقلا كۈدو ئەپەندىمنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن MeCab-uyghur دېگەن نامدا ئېلان قىلدىم.

ئۇيغۇرچە لۇغىتىگە ئۇيغۇر تىلىدىكى تۈپ سۆزلەرنى ئاساس قىلىپ، بىر قىسىم ياسالما سۆزلەر كىرگۈزۈلدى. بۇ سىستېمىدا، ھازىر ئۇيغۇر تىلى ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشتا ئاساسىي ئېقىم سۈپىتىدە قوللىنىۋاتقان بوش ئورۇن بىرلىك قىلىنمىدى. يەنى ". ، ؟ ! " بەلگىسىنى بىرلىك قىلىپ، تېكىستنى سۆزگە ئايرىپ سۆز تۈركۈملىرى بەلگىسى قويۇپ بېرىدۇ. شۇڭا " ئاتا – ئانا "، " ئۇيغۇر ئېدىت"، " شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى " دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى بىر سۆز قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ.

ئەنئەنىۋى ئۇيغۈر تىلى تىلشۇناسلىقتا سۆزنىڭ ئايرىلىش چېگرىسى ھەققىدە تەتقىقاتلار ئاز بولغانلىقتىن ۋە ئۇچۇر ئىلمى ساھەسىدە سۆزنىڭ بىرلىكى ھەققىدە ئېنىق بىر بەلگىلىمە بولمىغاچقا، مەن سۆزلەرنى ئۆزۈمنىڭ ئىزدىنىشلىرى بۇيىچە بۆلۈپ تۇردۇم. كېيىنچە بىرەر بەلگىلىمە چىقسا شۇنى ئۆلچەم قىلساق بولىدۇ.
چۈشۈرۈش ئادىرىسى:چۈشۈرۈش
ئەسلى مەنبەسى:http://cogsci.l.chiba-u.ac.jp/~hariri/analiz.html

No comments: