2009-04-01

ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان ئىشلىتىپ كەلگەن يېزىقلىرى

ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ تۈركىي تىللار تۈركۈمىگە يەنە ئۆزبېك ، قازاق ، قىرغىز ، تاتار ، سالا ، نوغاي ، تۈرمەن ، تۈرك ، ئەزەربەيجان ، باشقىرت ، قارا قالپاق ، قۇمىق، تۇخار ، خاكاس ، چۇۋاش ، ياقۇت ، قارايىم ، .............................. قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىللىرى كىرىدۇ .
ئۇيغۇر تىلى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە تىلدۇر ، بۇ تىل ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىن بېرى تەرەققىي قىلىپ ، مۇكەممەللىشىپ ، بېيىپ كەلدى . جۈملىدىن دۇنيادىكى باي تىللارنىڭ قاتارىدا پەخىرلىك ئورۇنغا ئىگە بولدى . ئۇيغۇر تىلىنىڭ مىلادى 8 - ئەسىرلەردىن باشلاپ ھەممە تۈركىي قەبىلىلەر چۈشىنىدىغان ئورتاق ئەدىبى تىلغا ئايلانغانلىقى ۋە 14 - ئەسىرگىچە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى بارلىق تۈركىي تىلىدا سۆزلەشكۈچى خەلقلەرنىڭ ئومۇمىي ئەدىبى تىلى بولۇپ خىزمەت قىلغانلىقى ، 14 - ئەسىردىن باشلاپ ' چاغاتاي تىلى ' دېگەن نام بىلەن تاكى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر شەرقىي تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەدەبىي تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقى ھەممىگە ئايان پاكىتتۇر .

ئۇيغۇرلار تارىخىدا كۆپ قوللىنىدىغان ئۈچ خىل يېزىق --- تۈرك رونىك يېزىقى ( ئورخون - يېنسەي يېزىقى ) ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز :



1. تۈرك - رونىك يېزىقى (ياكى ئورخون - يېنسەي يېزىقى)
بۇ يېزىق تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ) مىلادى 7 - 9 - ئەسىرلەردە قوللانغان يېزىقىدۇر . ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرى ئاساسەن ئورخون - يېنسەي يادىكارلىقلىرىدا كۆرۈلىدۇ . بۇ يېزىق شەكىل جەھەتتىن نېمىسلار قوللانغان رونىك يېزىقىغا ئوخشاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن خەلقئارادىكى شەرقشۇناس ، ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار كۆپىنچە بۇ يېزىقنى ' تۈرك - رونىك يېزىقى ' دەپ ئاتىدى . يەنە بىر تەرەپتىن بۇ يېزىق بىلەن خاتىرىلەنگەن يازما يادىكارلىقلار ، 'مەڭگۈ تاش ' تېكىستلىرىنىڭ ھەممىسى موڭغۇلىيىنىڭ ئورخون دەرياسى بويىدىن ۋە سىبىرىيىدىكى يېنسەي دەرياسى ۋادىلىرىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇ ' ئورخون - يېنسەي يېزىقى 'دەپمۇ ئاتالدى .



2 . قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى
تارىخ 9 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىغا قەدەم قويغاندا ، مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر خەلقى ' ئورخون - يېنسەي يېزىقى' دىن ' قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ' غا كۆچۈپ ، ئۇنى خېلى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىشقا باشلىدى .
ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىغا كۆچكەنلىكى تارىخىي تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى ئىدى . بۇ يېزىق شۇ دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە بىرقەدەر ئۇيغۇنلاشقان يېزىق بولۇپ ، ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى ئىپادىلەپ بېرىشتە' تۈرك - رونىك يېزىقى' غا قارىغاندا تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغىنى ئۈچۈن ، شۇ چاغدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا قوللىنىپ قالماستىن ، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان باشقا خەلقلەر ۋە قەبىلىلەر ئارىسىدىمۇ خېلى بىر زامانغىچە كەڭ قوللىنىلغان ئىدى .



3 . ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى
10 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلغاندىن كېيىن ، ئىسلام دىنىنىڭ تەسىر كۈچى ئارقىلىق ئۇزاق ئۆتمەي ئەرەب يېزىقىنى قوبۇل قىلدى . بۇنىڭ بىلەن قەدىمى ئۇيغۇر يېزىقى تەدرىجىي ئەمەلدىن قېلىشقا يۈزلەندى . 10 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەرەب يېزىقى پۈتكۈل قاراخانىيلار تېررىتورىيىسىدە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىشقا باشلاپ ، 15 - ئەسىرلەرگە كەلگەندە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ رايونىدىكى ئۈستۈن ئورنىنى تەلتۆكۈس ئېگىلىپ ، تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلەتكەن بىردىن - بىر يېزىققا ئايلاندى .

No comments: