مەھمۇت كاشىغەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن ياسالغان ئىلكتىرۇنلۇق لۇغەت .ئىچىدە خىلى
نۇرغۇن سۆزلەر بار .
بەت يۈزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى:
1. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى دائىرە شەكىللىك خەرىتە.
2. كىرگۈزۈش بۆلىكى. بۇ ئورۇنغا ئىزدىمەكچى بولغان سۆز كىرگۈزىلىدۇ.
3. تېما سىتونى. بۇ ئورۇنغا مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ ئىسمى چىقىدۇ.
4. ئىزدەش كۇنۇپكىسى. بۇ كۇنۇپكىنى چەكسىڭىز، كىرگۈزۈش بولىكىگە كىرگۈزگەن، سۆزنىڭ مەزمۇنىنى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن ئىزدەيدۇ.
5. ئالدىنقى سۆزگە يۆتكەش كۇنۇپكىسى. بۇ كۇنۇپكىنى چەكسىڭىز نۆۋەتتىكى سۆزنىڭ ئالدىكى سۆزنى چىقىرىپ بېرىدۇ.
6. كېيىنكى سۆزگە يۆتكەش كۇنۇپكىسى. بۇ كۇنۇپكىنى چەكسىڭىز . نۆۋەتتىكى سۆزنىڭ كېيىنكى سۆزنىڭ مەنىسىنى چىقىرىپ بېرىدۇ.
7. ياردەم كۇنۇپكىسى. بۇ كۇنۇپكىنى چەكسىڭىز ، مەزكۇر يۇمشاق دېتالغا مۇناسىۋەتلىك ياردەم ئۇچۇرى چىقىدۇ.
8. مەھمۇد كاشغەرىنىڭ سىزما رەسىمى .(غازى ئەمەت سىزغان)
9. تۈركچە سۆز سىتونى
10. سۆزنىڭ ترانسكرىپسىيىسى.
11. سۆزنىڭ ترانسلېتىراتسىيىسى .
12. تۈركچە تەرجىمىسى.
13. تۈركچە نەشرىدىكى بەت ئورنى.
14. ئۇيغۇرچە سۆز سىتونى
15. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ترانسكرىپسىيىسى.
16. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
17. ئۇيغۇرچە نەشرىدىكى ئورنى.
18. خەنزۇچە سۆز سىتونى.
19. خەنزۇچە تەرجىمىسى..
20. خەنزۇچە نەشرىدىكى ئورنى.
21. ئېنگلىزچە سۆز سىتونى.
22. ئېنگلىزچە تەرجىمىسى.
23. ئېنگلىزچە نەشرىدىكى ئورنى.
24. تاللاش بۆلىكى رايونى. بۇ رايوندا تۆت خىل تاللاش بۆلىكى بولۇپ (ṭr (تۈركچە) ،Uy (ئۇيغۇرچە)،Zh (خەنزۇچە)، ēEn(ئېنگىلىزچە) ئاپتۇماتىك ھالدا مەلۇم بىر سۆزنىڭ تۆت خىل تەرجىمىسى كۆرىنىدىغان قىلىپ تەڭشەلگەن. ئەگەر سىز مەلۇم بىر بۈلەكنى تاللىمىسىڭىز . مەلۇم بىر سۆزنىڭ شۇخىل تىلدىكى تەرجىمىسى كۆرۈنمەيدۇ.
25. سۆزلەر ئىندىكىس رايونى. بۇ رايونغا بارلىق سۆزلەرنىڭ ئىندىكىس ھالەتتە كۆرىنىدۇ.
26. تاللاش بۆلىكى. ئەگەر سىز بۇ بۆلەكنى تاللىسىڭىز، كىرگۈزۈش بۆلىكىگە كىرگۈزگەن سۆزنى شۇ سۆزنىڭ مەنىسىگە ئاساسەن ئىزدەيدۇ.
مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى تەييارلىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر
مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى ياسىغان ئورۇن : شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۆپ خىل تىل-يېزىق ئۇچۇر تېخنىكىسى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى
مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى ياساشقا قاتناشقۇچىلار:
باش تۈزگۈچى: تۇرگۈن ئىبراھىم (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى ئىنىستىتوتى)
پروگراممىسىنى ئىشلىگۈچى: مەھمۇد مەمەت، ھەسەن ئۆمەر (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى ئىنىستىتوتى)
تېكىست كىرگۈزگۈچىلار:
تەشكىللىگۈچى ۋە تۈركچە قىسمىنى كىرگۈزگۈچى: ئابدۇرېھىم راخمان (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىولوگىيە ئىنىستىتوتى)
ئۇيغۇرچە قىسمىنى كىرگۈزگۈچى:مەھمۇد مەمەت
خەنزۇچە قىسمىنى كىرگۈزگۈچى: ئىمام مىجىت، ئەمەتجان
ئىنگلىزچە قىسمىنى كىرگۈزگۈچى: نىزامىدىن
مۇقاۋىسىنى ۋە بەت يۈزىنى لاھىيىلىگۈچى: ياسىنجان
چۈشۈرۈش ئادىرىسى:چۈشۈرۈش
مەنبەسى:http://www.orkhun.com/bbs/read.php?tid=1903
No comments:
Post a Comment