2009-02-20

ئوكيانۇس(Okyanus)-ئۇيغۇر تىلى قامۇسى


«ئوكيانۇس» نىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرى:
100 مىڭدىن دىن ئارتۇق سۆزلۈك ئىزاھاتى ۋە بىرقىسىم ئاۋاز-سۈرەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر تىل قامۇسى.
تىببي ئىزاھات قاتارلىق كۆپ قىرلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ھەرخىل ئىشەنچىلىك چوڭ لۇغەتلەر ئاساسىدا تەمىنلەنگەن ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە لۇغەت. جەمئي سۆزلۈك سانى 1 مىليۇن 500 مىڭدىن ئارتۇق.
پۈتۈنلەي يېشىل يۇمشاق دېتال بولۇپ، ھېچقاندا قوشۇمچە ياردەمچى دېتاللارغا تايانمىغان، قاچىلاش ھاجەتسىز، Windows 95 تىن يۇقىرى بارلىق 32 بىتلىق Windows سىستېمىسى شارائىتىدا بىۋاسىتە ئىجرا قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. كومپيۇتېرغا ھېچقانداق ئارتۇقچە يۈك ئېلىپ كەلمەيدۇ. سۈرئىتى تېز ۋە بىخەتەر.
ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى لۇغىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەلۇم سۆز ئارىلىشىپ كەلگەن جۈملىلەرنى كۆرسىتىش ئىقتىدارى بار، مەزمۇنى ئىنتايىن مول.
خەنزۇچە خەتنى ئىزدەشتە پىنيىن ياكى خەت قۇرۇلمىسى بۇيىچە ئىزدەش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن.
يەر-جاي ناملىرى ۋە باشقا بېكىتىشتىن ئۆتكەن ئىشەنچىلىك ماتېرياللار تەمىنلەنگەن.
بىر يۈرۈش ئومۇمىي ئۇيغۇر تىل تەتقىقات قۇرۇلۇشىنىڭ بىرقىسىمى بولۇپ، ئاساسى نىسبەتەن مۇكەممەل، يۇشۇرۇن كۈچى زور.
ھەقسىز ۋە ھەقلىق نۇسخىلىرى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، كەڭ دائىردە تارقىتىلغان ھەقسىز ئومۇملاشتۇرۇش نۇسخىسنى ھەرۋاقىت تولۇق ئىقتىدارلىق كەسپىي نۇسخسى قاتارىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

چۈشۈرۈش ئادىرىسى: http://okyanus.hezine.net/down/Okyanus_CD_070629.iso.rar

No comments: