2009-02-23

ئۇيغۇرلاردا نەۋرۇز ئەنئەنىسى

ئۇيغۇر تۈركلىرىدە نەۋرۇز بايرىمى باشقا تۈرك قەۋملىرىگە ئوخشاش 21-مارت(21-نەۋرۇز) كۈنىدە قۇتلۇقلانماقتا. نەۋرۇز فارىسچە سۆز بولۇپ، ئۇيغۇرچىدا «يېڭى كۈن، باش باھار» مەنىسىدە كېلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا بۇ بايرام ئەسلىدە يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ، شەمسىيە كالېندارى بويىچە كونا يىل ئاخىرلىشىپ، يېڭى يىل كىرگەن كۈنىدە قۇتلۇقلىنىدۇ. نەۋرۇز، مىلادى كالېندارى بويىچە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تەڭلىشىدىغان مارت ئېيىنىڭ 21-كۈنىدىن 23- كۈنىگىچە بولىدۇ.

ئۇيغۇرلارغا ئائىت تارىخى مەنبەلەر ۋە بەزى ئەپسانىلەر، نەۋرۇزنىڭ ئۇيغۇرلاردا 9-ئەسىردىن بۇيان بىر مەرىكە بولۇپ قۇتلۇقلانغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن كۆك تەڭرىگە تېۋىنغان ئۇيغۇرلار ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا ئىسىم قويۇپ « ئاق قوزا» ئاتلىق يۇلتۇزغا ئىنسانلارغا بەخت بەرگۈچى ئىلاھ دەپ تېۋىنغان ۋە « ئاق قوزا» ئايىنىڭ تۇنجى كۈنىنى ( ھازىرقى مىلادىيە كالېندارى بويىچە 21- مارت) يېڭى كۈن(نەۋرۇز) دەپ قۇتلۇقلاشقان.

بۇ بايرام ئىسلامىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنمۇ داۋام قىلغان.11- ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك ئالىمى مەھمۇد قەشقىرى « تۈركى تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە نەۋرۇز ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: يېڭى كۈندىن كىيىنكى تۇنجى باھار ئېيىنى ئوغلاق ئېيى دەيدۇ، ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئاي ئۇلۇغ ئوغلاق ئېيى دىيىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئايدا ئوغلاقلار چوڭىيىدۇ. ئىنسانلار ۋە جانلىقلار نەۋرۇز بىلەن جانلىنىدۇ.نەۋرۇز جاھان بەخت سائادىتىنىڭ ئانىسى، بەرىكەت ۋە خوشاللىقنىڭ مەنبەسدۇر. بۇ سەۋەپتىن كىشىلەربىربىرىگە كۆڭۈللىرىنى ئىپادىلەپ سېخىلارچە خوشاللىقلىرىنى نامايەن قىلىىدۇ.(مەھمۇد قەشقىرى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»)

بۇ يەردە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ قەشقەر ئوپالدىكى «ھەزرىتى موللام» ئاتلىق مازىرغا بارغان يىللارغا قەدەر، قەشقەر ئەتراپىدىكى جايلاردىن نۇرغۇن زىيارەتچى كېلىپ نەۋرۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلىماقتا ئىدى. بۇ سەۋەپتىن بۇ يەر بۆگۈنكى كۈندە « نورۇز(نەۋرۇز) بۇلاق» نامى بىلەن تونۇلماقتا.

ئۇيغۇرلاردا قاچاندىن بېرى «نەۋرۇز» سۆزىنىڭ ، تۈركى تىللار دىۋانىدا خاتىرلەنگەن «يېڭى كۈن» سۆزىنىڭ ئورنىغا قوللىنىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بۇ سۆزنى تۇنجى قېتىم ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇچرىتىمىز.بۈيۈك شائىرىمىز ناۋايى چاھار دىۋان دىگەن ئەسىرىدە «نەۋرۇز» ناملىق مۇقام ۋە نەۋرۇزدا ئوقۇلغان شېئر ھەققىدە توختالغان.

ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ چۈشەندۈرىشىچە ئۇيغۇرلاردا نەۋرۇزنى قۇتلۇقلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەنئەنىلەر «توققۇز قىياپەت»ياكى «توققۇز ئوغۇل»ئەنئەنىسى ھالىتىدە كەلگەن. بۇ ئەنئەنىلەر قىسقىچە مۇنداقتۇر:

بىرىنجى ئەنئەنە: كونا يىلنىڭ ئاخىرلىشىش پائالىيىتى. ھەممە يەردە نەۋرۇز ناغرىسى چېلىنىپ، نەۋۇزنىڭ باشلانغانلىقى ئېلان قىلىنىدۇ. ئۆيمۇ –ئۆي ئارىلىنىپنىپ « نەۋرۇز ئەشرەپ، نەۋرۇز بەگ، نەۋرۇز سالام، نەۋرۇز كەل» قاتارلىق ئويۇنلار كۆرسىتىلىدۇ. ھەركىشى مەھەللىدىكى پائالىيەت ئۈچۈن ئىمكانىيىتى يەتكەن مىقداردا ئۇن، ياغ، شېكەر، قۇرۇق يېمىش، نان ۋە باشقا خىلمۇ-خىل يېمەكلىكلەرنى كەلتۈرىدۇ. ھەر مەھەللىنىڭ مەركىزىدە قازانلاردا بۇ كەلتۈرۈلگەن نەرسىلەردىن «كوجا» ئاتلىق يېمەكلىك پىشۇرىلىدۇ.ھەممەيلەن بۇ يېمەكنى يىگەندىن كىيىن ئىبادەتكە قاتنىشىدۇ ۋە كىيىن قول سىقىشىپ بىربىرىنى «يېشىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن» دىيىشىپ تەبرىكلىشىدۇ.ئىبادەت ئەسناسىدا بىرلىكتە يەپ – ئىچمەك، بىرلىكتە دۇئا قىلماق، ئۇلارنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ «نەۋرۇزغا چىقىش» مۇ دىيىلىدۇ.

ئىككىنجى ئەنئەنە: كىشىلەر پاكىزە، يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيىشىپ دىننىي ئىبادەت سورۇنلىرىغا بېرىشىدۇ، ئارىلىرىدىن كەتكەن چوڭلارنىڭ قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلىپ دۇئا ئوقۇيدۇ. بۇ « نەۋرۇز دۇئاسى» دىيىلىدۇ.

ئۈچۈنچى ئەنئەنە: كىشىلەر بىربىرلىرىنى يوقلىشىدۇ، ياردەمگە مۇھتاجلارغا ياردەم قىلىشىدۇ، كېسەللەر ۋە ئۆزرىلىكلەرنى يوقلايدۇ، يامان ئىش ھەركەتتە بولغانلارغا نەسىھەت قىلىىنىدۇ. بۇ « نەۋرۇز زىيارىتى» دىيىلىدۇ.

تۆتىنجى ئەنئەنە: ھەر بىر يەرنىڭ ئۆلچىمىدە ئوتتۇرا ياش، ياش، ياكى بالىلار قاتارلىق ھەر تۈرلۈك گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەكىللىرى بۇ كۈندە نېۋرۇز ئويۇنلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. بەزى مەنبەلەرگە قارىغاندا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى نەۋرۇز ئويۇنلىرىنىڭ سانى ئەللىكتىن كۆپ. خۇسۇسەن، جامبازلىق، ئوغلاق تارتىشىشقا ئوخشاش مەھەللىۋى تەنھەركەتلەر، ساما، مەشرەپكە ئوخشاش سەنئەت كۆرەكلىرى ناھايىتى كەڭ تارقالغان. بۇلارسىز نەۋرۇز بولماس.

بەشىنجى ئەنئەنە : ھەر يەردە ئات سەيلىسى، بەزمە سەيلىسى، تاغ سەيلىسى، يۇرت سەيلىسى، كۆك سەيلىسىگە ئوخشاش تۈرلۈك سەيلە-ساياھەت پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرىلىدۇ.)

Gئالتىنجى ئەنئەنە: نەۋرۇز يەنە بىر ھىكايە، بىر داستان ئېيتىشىش كۈنىدۇر.مەدداھلار داستان ۋە قىسسەلەرنى ئېيتىشىدۇ. ئەلنەغمىچىلەر « نەۋرۇزنامە» ئۇقۇيدۇ. مەشھۇرراق نەۋرۇزنامىلەردىن بىرى مۇنداقتۇر:

كەلدى نەۋرۇز يىل باشى، كەتتى كۆڭۈلنىڭ چىركىنى،
نەۋرۇز دىبان كېلۇرلەر خاتۇنلارنىڭ تۈركىنى.
گۈللەر قىسىپ قىز- ئوغۇل ئەگرى قويار بۆكىنى،
مەجلىس قىلىپ ئوينىشار، ئاچار كۆڭۈل مۈلكىنى،
قايغۇ مىھنەتلەر كېتىپ، يايرىشار كۈندۇر بۈگۈن.

نەۋرۇزدا ئۇيغۇرلار باھارنى ئويۇن ئويناپ جۇشقۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدۇ.

يەتتىنجى ئەنئەنە : نۇ كۈندە چوڭلار يوقلىنىدۇ،دەردى بارلارغا دەرمان تېپىلىدۇ، ئازارلىشىپ قالغان ئەر –خوتۇن، قۇلۇم – قوشنىلار ياراشتۇرىلىدۇ، ئۆيلىنىش يېشىغا يەتكەنلەر ئۈچۈن ھەر خىل تەشەببۇسلار قىلىنىدۇ.

سىەككىزىنچى ئەنئەنە : دېىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار قەدىمدىن بېرى نەۋرۇزنى ئىش بېشى بايرىمى، ھەر يىلنىڭ ئىشلىرىنىڭ پىلانلىنىدىغان كۈنى دەپ قەدىرلىنىدۇ. ئۇ كۈنى كىشىلەر توپلىشىپ دەريا-ئۆستەڭ، كۆل، كۆۋرۈك، كېچىك، بۇلاق ۋە باشقا يەرلەرنى بىرلىكتە تۈزەيدۇ.

توققۇزۇنچى ئەنئەنە: ئۇيغۇرلار نەۋرۇزدا پېقىرلارغا، يېتىملارغا، ياشانغانلارغا، قازاغا يولۇققانلارغا، تۇرمۇشتا قىسىلغانلارغا يېمەك، پۇل قاتارلىق ماددى ياردەملەر بىلەن مەنىۋى ياردەملەردىمۇبۇلىدۇ.

نەۇرۇز ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مىھىر-مۇھەببەتنىڭ نامايەن بولىدىغان بىر بايرام بولۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈنگە قەدەر يىتىپ كەلگەن.
مەنبەلەر:
ئابدۇكېرىم راخمان «ئۇيغۇر ئۆرپ ئادەتلىرى» 1996-يىل شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى. ئۈرۈمچى.
رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا «نەۋرۇز» 1995- يىل ئاتاتۈرك مەدىنىيەت مەركىزى ئەنقەرە.
شېرىپ خۇشتار. «نەۋرۇز ۋە رەڭلەر» 1996- يىل ئاتاتۈرك مەدىنىيەت مەركىزى ئەنقەرە.
ئەنۋەر مۇھەممەت: تۈركسوي ژورنىلى 2003- يىلى ماي

.



No comments: